ئېلانغا ھۆ بولۇپ كەتتىم!!!

يوللىغۇچى : asman يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-19 02:22:00

ئېلانغا ھۆ بولۇپ كەتتىم!!! يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزا ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال [نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىمىزغا بىر نەزەر] تورداشلارغا مەلۇم، ئېلان بولمىسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ،ئېلان دېگەن ز...

    ئېلانغا ھۆ بولۇپ كەتتىم!!!

      يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزا ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال

         [نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئېلانچىلىقىمىزغا بىر نەزەر] تورداشلارغا مەلۇم، ئېلان بولمىسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ،ئېلان دېگەن زاۋۇت، كان-كارخانىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان،بازارغا يۇزلەندۈرىدىغان،كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەشۋىقات قۇرالى. گېزىت-ژۇرنال، رادىئو -تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرىغىمۇ ئەلۋەتتە پۇل لازىم، ئۇلارمۇ جېنىنى بېقىشى كېرەك، بىزلەرمۇ ئېلان بولمىسا ،بازارغا چىققان نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلاتلاردىن خەۋەرسىز قالىدىكەنمىز،بىراق،بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېلانچىلىقىمىز ھەقىقەتەن كىشىنى تولىمۇ ئويغا سالىدۇ،خۇددى ئىتوتچى ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېيىتقاندەك ، » تېلىۋىزورلاردا بۇرۇن كېنولارنىڭ ئارىسىغا ئېلان قىستۇرلۇپ قۇيۇلغان بولسا ،ھازىر ئېلاننىڭ ئارىسىغا كېنو قىستۇرلۇپ قويىلىۋاتىدۇ. «ئەلۋەتتە، بىزنىڭ مەزمۇنى مول ، نادىر ، كۆرگەن كىشىگە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلغۇچى سەرخىل ئېلانلىرىمىز ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە مەزمۇنى پۈچەك،چاكىنىا ،پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلغان يەنە بىرتۈركۈم ئېلانلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. بىر قىسىم ئېلانلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ، قايتا -قايتا ، تەكرار قۇيۇلىشى كىشىگە خۇددى » مىڭ بىر كېچە « ھېكايىلىرىنى ئەسلىتىدۇ، بىر قىسىم ئېلانلارنىڭ سۆز-ئىبارىلىرىچۇ تېخى، شۇنداق ئۇچۇق-ئاشكارا، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! ،تۈگىمەس دۇرا، دوختۇرخانىلارنىڭ ئېلانلىرى ساق ئادەملەرنىڭمۇ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ،كېسەل بولۇپ قالغاندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويماقتا ، »ھەسەلنىمۇ كۆپ يىسە ئەمەن تېتىيدۇ.« دىگەندەك،مۇشۇنداق ئېلانلارنىڭ كۆپلىكى ۋە قايتا-قايتا تەكرارلىقى كىشلەردە ئېلاندىن سەسكىنىدىغان ،تېلىۋىزوردىن زىرىكىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ قۇيۇۋاتىدۇ... بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېلانچىلىقىمىز توغرىسىدا ئېنتىرنىت تورىدا ،گېزىت-ژۇرنال، رادىئو-تېلىۋىزورلاردا نۇرغۇن ماقالىلار يېزىلىپ ،ئېلانچىلىقىمىزنىڭ ھازىرقى ئومۇمى ۋەزىيىتى كۆرسىتىپ ئۈتۈلدى . مېنىڭ يەنە بۇ تېمىدا قايتا توختىلىشىمنىڭ قىلچە زۆرۆرىيىتى يوق ئىدى،ئەمما يېقىندا يۈز بەرگەن بىر قانچە ۋەقە مېنى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ،بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشىمغا تۈرىتكە بولدى.گەرچە كۆز قاراشلىرىم يۈزەكى بولسىمۇ ،ئەپۇ قىلارسىلەر!!!... [1يېقىندا بىر ئىش بىلەن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ قالدىم .تۆت كوچىنىڭ دوقىسىدىكى xxxدورىخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىپ بارسام،بىرەيلەن قولۇمغا بىر تال قەغەزنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ماڭغاچ قاراپ باقسام ، xxx كاپسۇلىنىڭ چۈشەندۈرلىشى بولۇپ، بۇ كاپسۇلنىڭ »بۆرەكنى ياخشىلاپ، ........ نى كۈچەيتىدىغانلىقى « دەك ئالەمشۇمۇل خاسىيىتى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ »پاساھەتلىك «سۆز - ئىبارىلەر بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماختاپ چۈشەندۈرۈلگەنىدى. تېخى ئارقسىدا بىر قانچە ئەمەلىي مىسالمۇ قىستۇرۇقلۇق ئىدى. بۇنى ئوقىغان ھەرقانداق ئادەم » 90ياشلىق بۇۋاينىڭ 18 ياشلىق يىگىتكە ئايلىنىدىغان «لىقىغا شەك-شۈبھىسىز ئىشىنەتتى. قەغەزنىڭ ئارقىسىغا قارىسام،يەنە تېخى بىر قانچە » ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ « نومۇسسىز سۈرىتى بار ئكەن، بۇنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خىجىل بولدۇمكى، قەغەزنى يىرتىپ-يىرتىپ، ئەخلەت تۇڭىغا ئاتتىم... [2] بىر ھەپتىلىك خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئاتا-ئانامنى يوقلاپ بارالمىغانىدىم، شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئايالىم ۋە بالامنى ئېلىپ ،چوڭ ئۆيگە باردۇق. بىز بارغاندا نەق تاماقمۇ تەييار بولۇپ تۇرغانىكەن، سالام-سائەتتىن كىيىن داستىخان سېلىنىپ، تاماق تارتىلدى.ئۆيدە ئاتا-ئانام، ئايالىم، ئىنى-سىڭىللىرىم بولۇپ 10 نەچچە ئادەم بار ئىدى. تويۇقسىز كىچىكلەردىن بىرسى تېلىۋىزورنى ئېچىۋىدى،ئېلان باشلاندى؛ --»ئۈرۈمچى xxx دوختۇرخانىسى ئىلغار تېخنىكا ،ئېكىسپورت قىلىنغان دۇرىلارنى ئىشلىتىپ، ئاياللاردىكى ...ياللۇغى ، ... شەلۋەرەش قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ…« --»xxx دوختۇرخانىسى تەسادىپى ھامىلدار بولغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرىدۇ. ئۈنۈمى تىز، پەقەت ئاغرىق ھېس قىلمايسىز…«، مەن ئەمدىلا بىر قاچا لەڭمەننى قۇلۇمغا ئېلىپ، يىيىشكە تەمشەلگەنىدىم، ئېلاننى ئاڭلاپ ئوڭايسىزلىنىپ ،گېلىم غىققىدە بولۇپ قالدى. باشقىلار بۇنى ئاڭلىمىغان بولۇپ ،ئۇ يەر ،بۇ يەرنىڭ پارىڭىنى قىلىپ ئولتۇردى، ئايالىم پات-پات ماڭا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قوياتتى. ئىشقىلىپ، مەن ۋە ئۆيدىكىلەر تولىمۇ خىجىل بولدۇق. - » xxx تالقىنى...« -» xxx ئەرلەر كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئەرلەردىكى...» كىچىك ئىنىم بېرىپ ،تاققىدە تېلىۋىزورنى باشقا قانالغا يۆتكىۋەتتى. تاماقنى ئاغزىمغا يىدىممۇ ، بۇرنۇمغىمۇ ، ھېچ بىلمىدىم. ئىشقىلىپ،تەستە چايناپ ، بىر ئۇزۇندا يەپ بولدۇم. تاماقتىن كېيىن چاندۇرماي دۇئا قىلىشىپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ،ئايالىمنى ئېلىپ قايتىپ كەلدىم. ئەمما، نەچچە كۈنگىچە ھېلىقى خىجىلچىلىق ، ئوڭايسىز كەيپىيات پەقەت ئېسىمدىن چىقمىدى، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئېلانچىلىقىمىز ھەققىدە چۇڭقۇر خىياللارغا پاتتىم... xxx xxx xxx xxx xxx xxx xxx xxx xxx xxx xxx xxx خۇلاسە تامام، يۇقىرىدا دىيىلگەندەك ئېلان بولمىسا ھەقىقەتەن بولمايدۇ،بىراق، ئېلان ئاز بولسۇن، ساز بولسۇن! بىزنىڭ ئېلان ئىشلىگۈچى خادىملىرىمىز مۇ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا قوغلاشماي، بىر خىل رامكا ئىچىدىلا ئىشلىمەي ،ئېلاننى قىسقا،مەزمۇنلۇق،جەلپ قىلارلىق ،تەبىئىي قىلىپ ئىشلىشى،تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ۋە باشقا ئاخبارات ئۇرۇنلىرىمۇ بىر قىسىم ناچار ،پۈچەك ئېلانلارغا ئېلان سەھنىسىدىن قەتئىي ئورۇن بەرمەسلىكى كېرەك! بىز سۈپەتلىك ، نادىر ئېلانلار ئارقىلىق خەلقىمىزگە ئىستىتىك زوق، مەنىۋىي ھوزۇر ئاتا قىلىشىمىز كېرەككى ،ھەرگىزمۇ خەلقىمىزنى ئېلاندىن زېرىكتۈرۈپ قويماسلىقىمىز كېرەك! [ يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزا ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال ] 2009-يىل 5-ئاي.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق