ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز

يوللىغۇچى : sherf يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-09 15:29:00

ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى بەكرى كېچىلىك ئىسمىنىدىن چۈشۈپ ئادىتى بويىچە كونا ناخشىسىنى غىڭشىپ ئۆيىگە ماڭدى. ئۇنىڭ ئۆيى ئۇ ئىشلەيدىغان زاۋۇتقا خېلى يېقىن بولغاچقا ئ...

          ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز

    بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى

       بەكرى كېچىلىك ئىسمىنىدىن چۈشۈپ ئادىتى بويىچە كونا ناخشىسىنى غىڭشىپ ئۆيىگە ماڭدى. ئۇنىڭ ئۆيى ئۇ ئىشلەيدىغان زاۋۇتقا خېلى يېقىن بولغاچقا ئۇ ئادەتتە كېچىلىك ئىسمىنىدىن چۈشكەندە ئۆيىگە پىيادىلا قايتاتتى. يەنە كېلىپ ئۇ چوڭ يول بىلەن ماڭماي يېزىنىڭ قورشاۋسىز چوڭ بېغىنى كېسىپلا ماڭاتتى، بۇنداق بولغاندا خېلى يولنى قىسقارتقىلى بولاتتى. ئۇ بۈگۈنمۇ ئادىتى بويىچە ئىشتىن چۈشۈپ باغ ئارىلاپ ئۆيىگە ماڭدى. لېكىن يېزىنىڭ چوڭ بېغىغا كىرىپ ئۇزۇن ماڭمايلا بىر-بىرى بىلەن تىركىشىۋاتقان بىر نەچچە گەۋدىنى غۇۋا ئىلغا قىلدى. بەكرى مېڭىش-ماڭماسلىق ھەققىدە بىر ئاز ئىككىلەندىيۇ قانداقتۇر بىر كۈچ ئۇنى ئاستا-ئاستا ھېلىقى ناتونۇش گەۋدىلەرگە يېقىنلاشتۇردى. ئۇ ناتونۇش گەۋدىلەرگە ئون نەچچە قەدەمچە قالغاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئورۇق، زىلۋا گەۋدىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. قالغان ئىككەيلەن قىزنى ھەدەپ بويسۇندۇرماقچى بولغان بولۇپ قىز بار كۈچى بىلەن يۇلقۇناتتى، تىپىرلايتتى. شۇ تاپتا بەكرىنىڭ يۈرەكلىرى ئۆزىگە ئاڭلانغۇدەك كۈچلۈك سوقۇۋاتاتتى. ئۇ قولىنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس تىترەۋاتقانلىقىنى ھېىس قىلدى. ئۇ ناتونۇش گەۋدىلەرنىڭ قېشىغا باماقچى بولۇپ تەمشەلدىيۇ لېكىن خۇددى پۇتلىرىغا ئېغىر قۇم خالتىسى ئېسىپ قويغاندەك قەدەم ئالالمىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدىن« بارساممۇ ئىككەيلەنگە يالغۇز قانداق تەڭ تۇرىمەن؟ تەڭ تۇردۇم دېگەن تەقدىردىمۇ ئۇلار يامان ئىشنىڭ قۇيرۇقۇغا مېنى چېتىۋالسىچۇ؟ ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قوي. بۇنداق ئىشلارغا ئارلىشىپ ھېچكىم پايدا ئېلىپ باققان ئەمەس...» دېگەن ئويلار كەچتى.
        شۇ ئارىلىقتا ھېلىقى ئىككى ناتونۇش گەۋدە قىزنى كۆتۈرگۈنىچە كۆزدىن غايىپ بولدى. بەكرى ئاغزى ئىتىۋېلىنغان قىزنىڭ نالىلىك پەريادىنى ئاڭلىدىيۇ يەنىلا تۇرغان ئورنىدىن قوزغالمىدى. قاراڭغۇدا ناتونۇش گەۋدىلەر تېزلا غايىپ بولدى. مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار بەكرىگە گويا چۈشتەك، خىيالى تۇيغۇدەك بىلىندى. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرۈۋاتمىغانلىقىنى بىلەتتى. بەكرى ئەمدى يولىغا ماڭغاچ ئۆزىگە تەسەللى ئىزدىدى. «بەلكىم ئۇلار سوقۇشۇپ قالغان ئاشىق-مەشۇقلاردۇر، ياكى ئازارلىشىپ قالغان ئەر-خوتۇنلاردۇر. بولمىسا بۇ كېچىدە باغدا نېمە قىلىدۇ؟ بۇنداق ئىشنىڭ ئۈستىگە بارسام كۆڭۈلچەكنىڭ...ئوچۇق دېگەندەك ئىش بولمامدۇ؟ ئارىلاشمىغىنىممۇ ئوبدان بولدى...» بەكرى شۇلارنى ئويلاپ ئۆزىنى ئازراق يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ ئەمدى بۇ ئىشلارنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ قەدىمىنى تېزلەتتى. بەكرى باغدىن چىقىپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقدىشى تۇرسۇننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ تۇرسۇننىڭ ئۆيىنىڭ چىرىقىنىڭ ئۆچمىگەنلىكىنى كۆردى. ئىشىكى يولغىلا ئېچىلىدىغان بۇ كونا ئۆي ئىچىدىن چىققان ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە تېلىقىپ كۈلۈشلەر يولغىچە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بەكرى تۇرسۇننىڭ يەنە مەھەللىدىكى قۇلاق كەستىلەرنى يىغىپ كېچىچە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈردى. بەكرى تۇرسۇننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە نېمىشقىدۇر. قەدەملىرىنى توختاتتى. ئۇ تۇيۇقسىز تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ بىر نەچچە رومكا ئىچىپ بايىقى كىشىنى بىئارام قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئۇنتۇشنى ئويلىدى. ئۇ شۇ خىياللار بىلەن ئىككىلىنىپ تۇرغاندا ئۆينىڭ ئىشىكى غىچىرلاپ ئېچىلىپ قول چىراق كۆتۈرۈۋالغان تۇرسۇن چىقىپ كەلدى. ھاجەتكە چىققان تۇرسۇن ئىشىك ئالدىدىكى ناتونۇش گەۋدىنى كۆرۈپ بىر ئاز چۆچۈدى دە ئېسىنى يىغىپ قول چىراقنى بەكرىگە توغرىلىدى.
       _ۋاي، سەنمىدىڭ؟ نېمە يېرىم كېچىدە بۇ يەردە ئەرۋاھتەك تۇرۇپ كەتتىڭ؟ ئادەمنى قورقۇتۇپ.
        _شۇ، كەچلىك ئىسمىنىدىن چۈشۈپ ئۆيگە ماڭغان، ئۆيۈڭنىڭ چىرىقى ئۆچمەپتىكەن، شۇنىڭغا قاراپ...
       _ھە بولدى، كەچكىچە ئىش ئىشلا دەيدىكەنسەن. ئىش دېگەن ئۆلگەندە تۈگەيدۇ. بۇ كەمگىچە ئۆيدىكىلىرىڭمۇ يېتىپ ئۇخلاپ بولدى. بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ بىر نەچچە رومكا ئىچىپ يېتىپ قال، ئەتە كەتسەڭمۇ ئۆيۈڭنى بىرسى ئەكەتمەيدۇ. بەكرى ئىختىيارسىز تۇرسۇنغا ئەگىشىپ ئۆيگە كىردى. ئۇلار ئۆيگە كىرىشىگىلا بەكرى چاخچاق تېمىسى تاپالماي تۇرغان مەستلەرنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندى.
       _يامان جۇمۇ سەن تۇرسۇن، كىچىك تەرەتكە چىقىپلا قاراڭغۇدا زاۋۇتىمىزنىڭ داڭلىق ئىشچىسىنى باشلاپ كىرىپسەن، ئەگەر چوڭىغا چىققان بولساڭ يېزا باشلىقىنىلا باشلاپ كىرەتتڭكەن ھە!
       _ھوي بەكرى، چىرايىڭ نېماندا تاتىرىپ كەتتى؟ نۇردۇنكامنىڭ قىزى ئايشەمگۈلگە كۆيۈپ يۈرەتتىڭ. ئۆتكەندە سېنى چىشلىۋالغان نۇردۇنكامنىڭ ئىتىنى تۇتىمەن دەپ قۇرغان قىسماققا ئۆزەڭ دەسسىۋالمىغانسەن؟ قىقاس كۈلكىلەر ئۆينى بىر ئالدى. مەستلەر ئادىتى بويىچە يېڭى مېھمانغا ئارقا-ئارقىدىن ھاراق تۇتتى.
       _ ساكيامونىنىڭ بۇتىدەك قېتىپ تۇرغانغا بولمايدۇ ئاداش، مەيدىسىدە تۈكى بار ئەركەك ئىچىدىغان نەرسە بۇ. شەربىتى قېلىندا جانلىنىۋالساڭ نۇردۇنكامنىڭ ئىتىدىن ئەمەس ئۆزىدىنمۇ قورقماي ئايشەمگۈلى مۇشۇ سورۇنغىلا باشلاپ چىقالايسەن. ...
       ئارقا-ئارقىدىن ئىچىلگەن ھاراق بەكرىنىڭ تۇيغۇلۇرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ بېشىنى قايدۇرۇۋەتتى. ئۇ بايىقى ئىشلارنى ئەسلىمەسلىككە، مۇمكىن بولسا مەڭگۈلۈك ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى. كېيىن سورۇن قالايمىقانلىشىپ كىم ئىچىپ كىم ئىچمىدى، كىملەر ئۇخلاپ قالدى ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى.
         بەكرى ئويغانغاندا ئۆزىنى يەنە بىرەيلەننىڭ پۇتىغا بېشىنى قويۇپ ياتقان يەردە كۆردى. ئۆي ئىچى كىشىنىڭ كۆڭلى ئېلىشقۇدەك قالايمىقان بولۇپ، مەستلەر بىرىنىڭ كاسىسىغا بىرى بېشىنى قويۇپ قىسايغان يېرىدىلا قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. كۈننىڭ نەيزە بويى ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن بەكرى ئالدىراپلا كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ساھىپخانغا خوشمۇ دېمەي ئۆيىگە ماڭدى. ئۇنىڭ ئېسىدىن ئاخشام باغدا بولغان ۋەقە خىرە-شىرە ئۆتتىيۇ لېكىن ئۆزىنى ئاخشامقىغا قارىغاندا خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
       ئۇ ھويلىسىغا كىرىپ ئۆي ئىچىدىن چىقىۋاتقان قىقاس-چوقان ۋە يىغا-زارىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئۆيىگە كىردى. ئۆي ئىچىدىكى دەھشەتلىك مەنزىرىنى كۆرۈپ بەكرىنىڭ يۈرۈكى قارتلا قىلىپ قالدى. بەكرىنىڭ سىڭلىسىنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلغان بولۇپ قولىدىكى پىچاقنى گېلىغا تىرەپ ھېچكىمنى يېنىغا كەلتۈرمەيتتى. ئانىسى يېغلاپ يالۋۇراتتى.
        بەكرىنى كۆرگەن دادىسى چېچىلغان ھالدا توۋلىدى:
       - ئاخشام ئۆيگە كەلمەي نەگە باردىڭ؟ ھۇ قۇسۇققا دۈمچۈشكەن لالما! ئاخشام ئاپاڭنىڭ ئاشقازىنى ئاغرىپ قان ياندۇرۇپ بىئارام بولۇپ كەتتى. سىڭلىڭ توسقۇنىمىزغا قارىماي يېزا بازىرىدىكى دورىخانىغا دورا ئالغىلى كېتىۋاتقاندا باغدا لۈكچەكلەر تۇتۇۋېلىپ ئاياق ئاستى قىپتۇ. ئەمدى ئۆلۈۋالىمەن دەپ پىچاقنى گېلىغا تىرەپ ھېچكىمنى يېنىغا كەلتۈرمەيۋاتىدۇ...
         بەكرى دادىسىنىڭ ئاخىرقى گېپىنى ئاڭلىيالمىدى. ئۇ ئەمدى ئاخشامقى نالىلىك پەرياد قىلىغان قىزنىڭ ئۆز سىڭلىسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
       ئۇ ئەسەبىلەشكەن ھالدا بېشىنى چاڭگاللاپ تۇرۇپ توۋلىدى:
        _ مەن ئادەم ئەمەس! جېنىم سىڭلىم، ئۆلۈشكە تېگىشلىك ئادەم مەن. سېنى ئاياق ئاستى قىلىنغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزمىغان ئادەم مەن...
        _نېمە؟!...
        بەكرى يەنە سەۋدايىلارچە توۋلىدى« نېمىشقا بارمىدىم؟ ئۇ مېنىڭ سىڭلىم ئىدىغۇ؟ ئۇ مېنىڭ قېرىندىشىم ئىدىغۇ؟...» بەكرىنىڭ كەچۈرمشى تاساددىبىلىقمۇ؟ ياق، ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقانلار، ئېڭراۋاتقانلار، تىپىرلاۋاتقانلار،ياردەمگە تەشنالار ھەممىسى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز!
        مەنبە: بەرقى ئەدەبىيات مۇنبىرى

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 10:00:36]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق