«دۇنيا تارىخى تىزىسلىرى» كىتابىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە
كىتاپ « دۇنيا تارىخى تىزىسلىرى— جانلىقلار ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قىسقىچە تارىخى » ئەنگىلىيەلىك
X. G. Wélls
بۇ كىتاپنىڭ ئىككىنچى قىسمى 7 - بۆلىمى " قۇرۇقلۇق يۆلىنىشىدىكى ھەرقايسى موڭغۇل ئىمپىرىيەلىرى ۋە دېڭىز يۆلىنىشىدىكى ھەرقايسى يېڭى ئىمپىرىيەلەر" مەزمۇنىغا " ئۇيغۇرلار ھەققىدە" ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر شەرقشۇناس، تارىخ ئالىمى سىر دېنىسون. روسس ئەپەندى ئىزاھ يېزىپ بەرگەن
< Sir E. Denison Ross> ئەنگىلىيە لوندون ئۇنۋېرسىتى شەرقشۇناسلىق ئېنستىتۇتى
Sir E. Denison Ross ئەپەندى
تۆۋەندىكى مۇشۇ ئەپەندىنىڭ يۇقۇرىدىكى كىتاپقا يېزىپ بەرگەن ئىزاھى تەرجىمىسى :
"ئۇيغۇرلار" نامى مىلادى6-ئەسىردە جوڭگونىڭ تارىخنامىلىرىدا كورۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ ئەينى چاغدا قاڭقىل (ئىگىز ھارۋىلىقلار) دەپ ئاتالغان. موڭغۇلىيەنىڭ شىمالى ۋە ئەتراپىدىكى رايۇنلاردىكى تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق 2بولىگىدىن بىرى. ئۇلارنىڭ مۇستەقىل-زورايغان ۋاختى 750-850يىللىرى بولۇپ تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ.
ئۇيغۇرلار مەدىنىيەتتە ئىنتايىن يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن، يېقىنقى يىللاردىكى ئارخېلوگىيىلىك تەتقىقاتلار كورسىتىپ بەرگەن ناھايىتى كوپ ئۇيغۇر ئەدىبى ۋە سەنەت بايقالمىلاردىن، بىز خىرىستىيان < nistoriyan > دىنى، بۇددا دىنى، مانى دىنىنىڭ ئۇلار خانلىغىدا ئېتىقاتچىلىرى بارلىغىنى بىلدۇق. ئۇلار مانى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا دىنلارغا ئىنتايىن كەڭ-قۇرساقلىق پوزىتسىيەدە بولغان. شۇنىسىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئۇيغۇرلار شۇ چاغدىكى جوڭخۇئا ئىمپىرىيىسىنىڭ شىمالىي خوشنىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مەدىنىيەتلىكلىرى .ئۇلارنىڭ خانلىغى 840-يىلى شىمالى تەرەپتىكى تۈركى قەبىلە قىرغىزلار تەرىپىدىن يىمىرىلگەن بولسىمۇ، ئۇلار تارىختىن يوقاپ كەتكىنى يوق، 15 -16-ئەسىرلەرگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ خانلىقلىرى ياكى ھامىللىقتىكى كىچىك دولەتلىرىنىڭ كوتۈرۈلۈپ چىققانلىغىنى دائىم بايقايمىز. شۇنىڭ بىلەن تەڭ پۈتكۈل مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلار ھەرقايسى سلام دۆلەتلىرىنىڭ دولەت ئورگانلىرىدا ناھايىتى كوپلەپ ياللاپ ئىشلىتىلگەن، ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تۈركىستان دۆلەت ئورگانلىرىدىكى رولى، دېھلى-موغۇللار ھوكۈمرانلىغىدىكى ھىندىلارنىڭ ۋە ئەنگىلىيە ھوكۇمرانلىغىدىكى بېنگاللىقلارنىڭ رولىغاغا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
چىڭگىزخاننىڭ 13-ئەسىردىن باشلاپ باش كوتۈرىشىدىن تارتىپ ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ستىلاسى بىلەن ئاياغلاشقان بۇ مەزگىلدىكى شەرق تارىخى بىزگە ئوتتۇرا ئاسىيا ،ھىندىستان،ۋە پېرسىيەلەردە نۇرغۇن تۈرك خانلىقلىرىنىڭ گۈللەنگىنىنى ۋە ھالاكىتىنى ئەسكەرتىدۇ؛ ئەجەپلىنەرلىگى بىز شۇنىڭغا دىققەت كىلدۇقكى ، نۇرغۇن ئەھۋاللار ئاستىدا بۇ سۇلالىلەرنى قۇللۇقتىن چىققان ياكى سالاھىيىتى قۇل بولغان كىشىلەر قۇرۇپ چىققان. بىر پارچە تېخى ئېلان قىلىنمىغان 13-ئەسىرگە تەئەللۇق پارىسچە قوليازمىدا ئۇيغۇر-تۈركلىرىگە ئايىت توۋەندىكىدەك قىزىقارلىق ئابزاستلار بار:"
« ئادەتتىكى ساۋات بىلەن ئېيتقاندا، پۈتۈن ئىرقى-مىللەتلەر ۋە سىنىپلار، پەقەت ئوزلىرىنىڭ قوۋمى ئىچىدە ۋە ئوزلىرىنىڭ دولىتىدە ئەزىزلىنىدۇ ۋە ھورمەتكە ئىگە بولىدۇ. ئۇيغۇر-تۈركلەر بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار ئوز مىللىتى ئىچىدە نۇرغۇن باشقا قەبىلىلىرىگە ئوخشاش ئادەتتىكى بىر قەبىلە، ھەرگىز ئالاھىدە ھوقۇق ياكى ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولمىغان. لېكىن ئوزلىرىنىڭ دۆلىتىدىن ئايرىلىپ باشقا سلام ئەللىرىگە كېلىشى بىلەنلا (ئوز يۇرتلىرىدىن ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن قانچە يىراققا بارغانسېرى ئۇلار ئېرىشكەن ھورمەت ۋە باھا شۇنچە يۇقۇرى) ئۇلار ئەمىرلەرگە ۋە چوڭ مارشاللارغا ئايلىنىدۇ. ئادەم ئەلەيھۇ-ۋەسسەلەم دەۋرىدىن ھازىرغىچە ، تۈرك-ئۇيغۇر لاردىن باشقا پۇلغا سېتىۋېلىنغان قۇللاردىن پادىشا چىقىپ باققان مىللەتلەر يوق. ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە بىلىملىك بىر تۈرك (ئۇيغۇر) خانى ئەفراسىياب (ئالپ -ئەرتۇڭا) نىڭ ئۈزۇندىلىرىدە مۇنداق بىر ئەقلىيە سوز بار: تۈركلەر دېڭىز تېگىدىكى قۇلۈلە قېپى ئىچىدىكى بىر دانە مارجان، پەقەت ئۇ دېڭىزدىن ئايرىلىپ خان تاجىغا قوندۇرۇلغاندىلا ياكى كېلىنچەكنىڭ قۇلىغىغا تاقالغان ۋاقتىدىلا ئۇ گوھەرگە ئايلىنىدۇ.»
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر
بالىڭىزنى دۈشمەن قىلماي دېسىڭىز ئۇنىڭ دوستى دوستى بولۇڭ(جارۇللا يۈسۈپ)
2010-07-26