ئاتتىلانىڭ لېدىرلىق سىرلىرى ۋە ئاتتىلائىزم

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-10-25 17:09:59

/ئاتىللانىڭ لىدىرلىق سىرلىرى ۋە ئاتتىلائىزمئەركىن سىدىق2010-يىلى3-ئاينىڭ10-كۈنىمىنىڭ قىزىم ئامىرىكىدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا،ئۇنىڭغا بىر قېتىم لىدىرلىق ھەققىدە دەرس ئۆتۈلدى...



        

    /ئاتىللانىڭ لىدىرلىق سىرلىرى ۋە ئاتتىلائىزم

    ئەركىن سىدىق

    2010-يىلى3-ئاينىڭ10-كۈنى

    مىنىڭ قىزىم ئامىرىكىدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا،ئۇنىڭغا بىر قېتىم لىدىرلىق ھەققىدە دەرس ئۆتۈلدى.بۇ دەرىستە ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى 3كىشلىك كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ،گورۇپپىلار بويىچە تاپشۇرۇق بەردى.بۇ تاپشۇرۇقتا ھەربىر گورۇپپىدىكى 3ئوقۇغۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېركىنىڭ پېرىزدىنتى،مالىيە مىنىستىرى ۋە ئەمگەك مىنىستىرى دەپ پەرەز قىلىنىپ،بۇ 3كىشىنىڭ قانداق قىلغاندا ئامىركىنىڭ ئىقتىسادىنى ھازىرقىدىن ياخشىراق قىلغىلى بولدىغانلىقى توغىرسىدا بىر پىلان تۈزۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى،ھەمدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىېدىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى تىزىملىكىنى تارقىتىپ بېرىلگەن ئىدى.مەن قارىسام بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدە ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتىللا توغىرسىدىكى بىر كىتابنىڭ ئىسمىمۇ بار ئىكەن.مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھونلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى بىلگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بۇلۇپ،بىز شەھەرلىك كۈتۈپخانىدىن بۇ كىتابنى ئارىيەت ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن،ئۇنى ئۆزەم بىر قېتىم باشتىن-ئاخىر ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم.شۇ چاغدا ئاتىللانىڭ دۇنيادا ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر داھىيلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى،ئامېركىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۆتۈلدىغان باشقۇرۇش ئىلمىغا ئائىت دەرىسلەردە ئاتىللانىڭ لىدىرلىق سىرلىرى ۋە مۇۋەپىقىيەت سىرلىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختۇلدىغانلىقىنى بىلدىم.ئۇنىڭدىن كىيىن ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن«ئاتىللا»دىگەن كىنونى بىر قانچە قېتىم كۆرۈپ چىقتىم،ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆز تۇنۇشلۇرۇمغا ئىزچىل تۈردە ئاشۇ كىنونى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم.ئاتىللانىڭ رولىنى ئالغان كىنو ئارتىسى رەگ روگەرسنى شۇ نىڭدىن باشلاپ ناھايتى ياخشى كۆردىغان بۇلۇپ قېلىپ،ھەر قېتىم ئۇنى باشقا كىنولاردا كۆرسەم،ئايالىم ئامانگۈلگە«ئاۋۇ كىشى ئاتىللانىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس شۇ ئىكەن»دەپ قويىدىغان بولدۇم.

    بۇ قېتىم داھى ۋە لىدىرلىق ھەققىدە ئىزدىنىشىمنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە،مەن ئاتىللا ھەققىدىكى كىتابتىن بىرنى قايتا ئوقۇپ بېقىشنى قارار قىلدىم.ئامازون تور بېتىدىن «ھون ئاتىللا»دەپ ئىزدىسەم جەمئىي242نەتىجە چىقتى.شۇنىڭ بىلەن مەن1987-يىلى نەشىر قىلىنغان wess robertsنىڭ «ھون ئاتىللانىڭ لىدىرلىق سىرلىرى»دىگەن كىتابنى سېتىۋالدىم.بۇ كىتابنىڭ ئوقۇرمەنلىرى بۇ كىتاب ھەققىدە ناھايتى ياخشى ئىنكاسلارنى قايتۇرغان.مەسلەن،ئامېرىكىدىكى«ھەممىباپ ئاپتوموبىل»دىگەن داڭلىق شىركەتنىڭ مۇئاۋىن لىدېرى پائۇل زالەككى مۇنداق دىگەن:«مەن بۇ كىتابنى ئون نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىققان بۇلۇپ،ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا ئۇ مىنىڭ نەزەر دائىرەمنى يەنە بىر قېتىم كىڭەيتتى.مىنىڭچە بۇ ئىنتايىن كام ئۇچىرايدىغان بىر كىتاب بۇلۇپ،بىر چوڭ ئادەم توپىغا مەسئۇل بولغان ھەر قانداق بىر كىشى بى كىتابنى چۇقۇم ئوقۇپ چىقىشى كىرەك ئىكەن.».«ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى»نىڭ لىدېرى ۋە رەئىسى كراندالل مۇنداق دىگەن:«بۇ كىتاب لىدېرلىقنى مۇۋەپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى يېڭى چۈشەنچىلەر بىلەن لىق تولغان،ئۇ ئەقەللىي يوليۇرۇقلارنىڭ كارامەت ئىجادچانلىق بىلەن بايان قىلىنىشى بۇلۇپ،مەن ھەممە كىشىەرنىڭ ئۇنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن».1992-يىلى چوڭ بۇش ۋە كىلىنتون بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىنى تالاشقان روسس پېروت ئەپەندى ئامېرىكىدىكى«ھەممىباب ئاپتوموبىل»شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە،ئۇشبۇ كىتابنىڭ1985-يىلدىكى 1-نەشىرلىك نۇسخىسىنى ئۇچۇرتۇپ قېلىپ،ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بۇ كىتابتىن بىراقلا700 پارچىنى سېتىۋېلىپ،شىركەتنىڭ بارلىق چوڭ-كىچىك باشلىقلىرىغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە دوستلىرىغا بىردىن تەقدىم قىلغان ئىكەن.مەن يېقىندا كۆرگەن،ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بىر كىنودىمۇ،خۇسۇسىي رازۋېدچىك بۇلۇپ ئاساسلىق رول ئالغان ئادەمنىڭ بىر كۈتۈپخانىدا ئاتىللا ھەققىدە ئاشۇ كىتابنى ۋاراقلاۋاتقان بىر كۆرۈنۈشنى كۆردۈم.يەنى،بۇ كىتاب ئامېرىكا جەمئىيتىگە خېلى چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپتۇ.

    مەن ئۇشبۇ يازمامدا ،«ھون ئاتىللانىڭ لېدىرلىق سىرلىرى»دىگەن كىتابتىكى ئاتىللانىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ لېدىرلىق ئىدىيسى-ئاتتىلائىزىم توغىرسىدىكى مەزمۇنلارنى قىىقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.مەن بىر كىتابتىكى مەزمۇننى بىر قىسقا ماقالە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن،بۇ ماقالىدا كىتابتىكى ئەسلى مەزمۇنلارنى ئۆزەم مۇۋاپىق كۆرگەن دائىرە ئىچىدە قىسقارتتىم ۋە قايتىدىن رەتلىدىم.لىكىن ئۇ مەزمۇنلارنىڭ مەنىسىنى ئەينەن بايان قىلدىم.بۇلۇپمۇ بۇ ماقالىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان تارىخىي تەسۋىرلەر يۇقىرقى كىتابنىڭ ئاپتورنىڭ ئۆز كۆز-قارىشى بۇلۇپ،ئۇلار ھەرگىزمۇ مىنىڭ كۆز قارىشىم ئەمەس.يۇقىرىدا ئازراق تىلغا ئېلىنغىنىدەك،پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيتى ئاتىللانىڭ لىدېرلىق ئىدىيسىگە ئاجايىپ يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.لىكىن مىنىڭ پەرىزىمچە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا ئاتىللاغا ئائىت نەرسىلەردىن ئاساسەن خەۋەرسىز.شۇنداق بولغاچقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ،بۇلۇپمۇ ئۆزىنى بۇرۇنقى،ھازىقى ياكى كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر لېدىرلىرىدىن بىرى دەپ سانايدىغان ھەر بىر كىشىدىن ئۇشبۇ يازمىنى كام دىگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلاردىن بولسا،«ھون ئاتىللانىڭ لېدىرلىق سىرلىرى»دىگەن كىتابنى ئېنگىلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ كىتابنىڭ تىلى ناھايتى ئاددىي بۇلۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس،دەپ ئويلايمەن.ئەگەر بۇ ئىشنى قىلدىغانلار بولسا مەن ئۇ قېرىدىشىمىزغا بۇ كىتابنىڭ ئنگىلىزچىسىنى سېتىۋېلىپ ئەۋەتىپ بېرىشنى خالايمەن.

    1.ئاتتىلانىڭ قىسقىچە تەرجىمالى

     

    ھونلار كۈچۈپ يۈرۈيدىغان،كۆپ خىلدىكى تىللارنى ئىشىلتىدىغان،كۆپ خىلدىكى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىبارەتتۇر.روبەتىس نىڭ كىتابىدا دىيىلىشچە،ھونلار ئەسىلدە ئۇرالنىڭ ياۋورپا تەرىپىدىكى كىشلەردىن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۈرك ياكى ئاسىيالىق كىشىلەردىن پەيدا بولغانمۇ،دىگەن سوئالنىڭ جاۋابى ئېغزاكى تارىخلاردا ئاساسەن خاتىرلەنمىگەن،ياكى بولمىسا بۇ سوئالغا بەزىدە قالايمىقان جاۋاپ بېرىلگەن.لىكىن،مەن يېقىندا ھونلار ۋە ئاتتىلا توغرسىدا بىر قانچە تور بەتلىرىنى كۆرۈپ باقتىم.«ھونلار كالىندارى»دىگەن بىر تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە،باتۇر تەڭرىقۇت نىڭ بىرلىككە كەلتۈرشى بىلەن ھونلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىللىرى باجكال كۆلى بىلەن شەرقى-جەنۇبى موڭغۇلىيە ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىدا ياشىغان بۇلۇپ،ئۇلان باتۇرنىڭ قېشىدىكى لوڭچېڭنى پايتەخىت قىلغان.ھەمدە ھونلار مىلادىيىدىن كىيىنكى 395-يىلللىرى دانۇبە جىلغىسىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇغۇلغان.ئاتتىلانىڭ دادىسى مۇندزۇك پادىشاھ بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ ئائىلە تارىخىنى 32 ئەۋلادقىچە تاپقىلى بۇلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۆز ئادەم توپىنىڭ بىرلىكىنى ئەڭ ياخشى ساقلىغان بىر ئائىلە بۇلۇپ،موڭغۇللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.ئاتتىلا دەسلەپتە قويغا مىنىشنى ئۆگەنگەن بۇلۇپ،كىيىنچە ئات مىنىش ماھارىتىدىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى سەۋىيگە يەتكەن.ھەمدە ئوقيا،نەيزە،ئارغىماق،قېلىچ ۋە قامچا ئىشىلتىش جەھەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن.بۇلار ئاتتىلا دەۋرىدىكى ھونلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ماھارەتلىرى بۇلۇپ،بىر ئاقسۆڭەكلىك دەرىجىسىدىكى كىشى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ماھارەتلەر ئىدى.ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى،ۋە ئىقتىدارسىزلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك كەمسىتىش تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرگەن.ھەمدە ئۆز ماھارىتىنى ناھايتى خەتەرلىك ئوۋ-ئوۋلاش پائالىيەتلىرىدىكى باتۇرلۇقى بىلەن خەلق-ئاممىسى ئالدىدا نامايەن قىلغان.مەسلەن:ئۇ بۆرە ۋە ئېيىقلارنى توزاق قۇرۇپ تۇتىۋېلىپ،ئاندىن بىر قىسقا پىچاق بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ-قارنىنى ئېلىۋەتكەن.ئاتتىلا دادىسى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتكەن بولسىمۇ،بۇنداق مۇناسىۋەت پادىشاھ مۇندزۇك نىڭ ۋاپات بۇلىشى بىلەن ئاتتىلا ناھايتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئاياغلاشقان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان تاغىسى رۇگىلانىڭ قولىدا قالغان.

    رۇگىلا ئۆزىنىڭ ئادەم توپى ئۈچۈن ھولار ناھايتى ئاسانلا يىڭەلەيدىغان چەتئەللەرگە بېقىندا بولىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغان.ئاتتىلا بولسا بۇنداق سىياسەتلەرنى ئۇچۇق-ئاشكارە ئەيىبلىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئاتتىلانىڭ بالىلىق مەزگىلدىكى تەقدىرى ناھايتى تېزلا ئۆزگىرىشكە باشلىغان.ئاتتىلا 12ياشقا كىرگەندە،رۇگىلا ئۇنى رىم پادىشاھسى خونورىيۇس نىڭ ئوردىسىغا گۆرۆگە ئېلىنغۇچى قىلىپ ماڭدۇرغان.بۇنىڭ ئۈچۈن رىمىلىقلار ئەتراپلىق پىلانلاش ئارقىلىق رۇگىلاغا ئۆزىنىڭ ئېيتىيۇس ئىسىملىك بىر ياش ئادىمىنى گۆرۆگە بەرگەن.مۇشۇ ئارقىلىق رىم پادىشاھى بىر تەرەپتىن ئۆز ئوردىسىغا گۆرۆگە كەلگەن كىشلەرگە رىملىقلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى،ئەنئەنىسى ۋە ھەشەمەتلىك ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش،ئاندىن ئۇلارنى ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتۇرۇپ،شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى باشقا دۆلەتلەرگە كىڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان.يەنە بىر تەرەپتىن بولسا،باشقىلارنىڭ دۆلەتلىرىگە گۆرۆگە قويغان كىشى سۈپىتىدە ماڭدۇرغان كىشىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قاسۇسلۇق ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

    رىم ئاتتىلانىڭ كۆڭلىنى باشقىچە پروگرامملاشقا ئۇرۇنغاندا،ئاتتىلا ئۇنىڭغا قارشلىق كۆرسىتىپ،رىملىقلارنىڭ ھىچقانداق نەرسىلىرىنى قۇبۇل قىلمىغان.ھەمدە گۆرۆگە ئېلىنغان باشقا بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ھەرىكەتلەندۇرگەن.ئۇ ئككى قېتىم قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ،مۇۋەپىقىيەت قازىنالمىغان.قېچىپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەندىن كىيىن،ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رىم پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆگېنۋېلىشقا تېرىشقان.ئۇ رىمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى،ھەربىي ئىشلىرىنى،ۋە رىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەمچىلىكىنى تەتقىق قىلغان.ئۇلارنىڭ چەتئەل مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن دېپلوماتىك يىغىنلىرىنى يۇشۇرۇن ھالدا كۆزەتكەن.لىدېرلىقنى،تاشقى ئىشلار مۇراسىمىنى ۋە باشقا كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارۋە دېپلوماتلارغا مۇۋاپىق كىلدىغان ھەرخىل ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن.ھەمدە شۇ جەرياندا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستىراتىگىيسىنى تۈزۈپ چىققان.ئۇنىڭ پىلانلىرى ناھايتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە توغرا تۈزۈلگەن.

    ئاتتىلا رىمدىن دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇلغاندا،ئۇ يەردىكى ھونلار قەبىلىسىدە يەنىلا بىر مەركىزىي سىياسى ۋە ھەربىي باشقۇرۇش ئورگىنى بولمىغان،ئوخشىمىغان ھون قەبىلىلىرىنى ئوخشىمىغان قەبىلە باشلىقلىرى باشقۇردىغان بۇلۇپ،بۇ باشلىقلار بىرەر ھون پادىشاھىغا تەۋە بولمىغان.ئاتتىلا رىمنى يېڭىىش ئۈچۈن چۇقۇم ھەممە ھون قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن.شۇنىڭ بىلەن ھەممە ھون تېروتورىيىسىگە كۆپ قېتىم ئوۋ-ئوۋلاش سەپىرى قىلىپ،ھەممە قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم مۇناسىۋەت ئورناتقان.ھەمدە بۇ قەبىلە باشلىقلىرىغا تەسەرلىك مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق،ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرگەن.پۇختا تەييارلىق قىلىپ،توغرا پەيىتنى كۈتۈپ،ئىنىسى بىلەدا بىر قېتىملىق ئوۋچىلىق جەريانىدا ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىنلا،ئاتتىلا دۇنابە جىلغىسىدىكى ھون قەبىلىسىگە پادىشاھ بولغان.ھەمدە ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئادە يۇقىرى دەرىجىلىك داھىيلىق قابىلىيىتى بىلەن باشقا ھون تەبىقىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،بىر تەڭداشسىز ھون ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان.ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقتىدا،ھولار قۇشۇنىنىڭ ئەسكەر سانى700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئاتتىلا ناھايتى كەمتەر بۇلۇپ،ئۆزى ھونلار پادىشاھى بولسىمۇ ناھايتى ئاددى-ساددا ياشىغان.ھەمدە ئشلارنى ئىنتايىن ئادىللىق بىلەن سورىغان.لىكىن،ئۆزىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن قەبىلە باشلىقلىرىنى يىغىپ ئوپچە ئۆلتۈرۋەتكەن.ئۇ قىلچىمۇ ئالدىراقسانلىق قىلماي،ھونلارغا گېرمان بىلەن سىلاۋ مەملىكەتكىرىنى ئۆز كونتىروللىقى ئاستىغا كىرگۈزۈش،ۋە رىم كونستانتىنوپۇلنى ئىگەللەش،ئاندىن پۈتۈن ئاسىيا ۋە ئافىرىقىغا ھۇجۇم باشلاش قاتارلىق مىللىي نىشاننى ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن.ئاتىللانىڭ پىلانى ناھايتى چوڭ بۇلۇپ،بۇنى ئۇنىڭ بالىلىق چېغىدىكى ئارزۇلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن،ياشلىق دەۋرىدە كۆرگەن ئىشلىرى ئارقىلىق پۇختا تاۋلىغان.ئۇ ئۆز پىلاننى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان.ئۇ ھىچقانداق ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىملىغان،ھىچ قانداق ئىشتا تەۋرەنمىگەن،ۋە باشقىلارغا باش ئەگمىگەن.باشقىلارنىڭ تەكلىپلىرىگە ئەستىيادىل قۇلاق سالغان،ئەتراپىدىكى ئەتراپىدىكى ھەممە ئىشلارنى ئەسرايىدىل كۈزەتكەن،ھەممە بىر ئىشنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى يىتىپ كەلگىچە سەۋرى-تاقەتلىك بىلەن ساقلىغان.

    ئاتتىلانىڭ قۇشۇنى شۇنچە چوڭ ۋە كۈچلۈك بولسىمۇ،ئڭلار مەقسىتى بىردەك،تەشكىلى تۈزۈمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان،ھەمدە ھەممە ۋاقىت ناھايتى جاسارەتلىك بولغان.ھون قۇشۇنى يېڭى تېرىتورىيەلەرگە يۈرۈش قىلغاندا بەزىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ،كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھىچ قانداق قارشىلىققا ئۇچىرىمايلا غەلبە قازانغان.نۇرغۇن كەنتلەر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھون ئارمىيسىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئۆي-ماكاننى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن.

    خۇددى ئاتتىلا رىمدا رىم پادىشاھلىقىنىڭ ئىلغار نەرسىلىرى ھەمدە ئۇرۇش ۋە ئەسكەر تېخنىكىلىرىنى ئۆگەنگەنگە ئوخشاش،ئېيتىيۇسمۇ ھونلار يۇرتىدا ھونلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى،ئىش بىجىرىش ئۇسۇلى ۋە جەڭ قىلىش تېخنىكا ماھارەتلىرىنى ئۆگەنگەن.شۇنىڭ بىلەن رىمنىڭ ھەربىي قۇشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ،ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدىكى ھون قۇشۇننىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە بىر قېتىم قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغان.يەنى مىلادىيدىن كىيىنكى451-يىلى شالوندىكى بىر ئۇرۇشتا ئېيتىيۇس ئوقيا بىلەن ئاتلىق ئۇرۇش قىلىشقا ئادەتلەنگەن ھون قۇشۇنلىرىنى پىيادە ئۇرۇش قىلىشقا قىستاپ،162-300مىڭدەك ھون ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.بۇ ئاتتىلا ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق يېڭىلىش بۇلۇپ،ئۇ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن.ھەمدە ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيانى سوراش ئارزۇسى مۇشۇ قېتىم بىر ئاز ئاجىزلىغان.

    ئاتتىلا قۇشۇننى دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇپ كىلىپ،ئۆز قۇشۇننى قايتىدىن رەتكە سالغان.ئۆز قۇشۇننىڭ كىيىنىشى،ئۇرۇش تېخنىكىسى،ماھارىتى ۋە ئۇرۇش قوراللىرى قاتارلىق ھەممە جەھەتتە تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان.تەييارلىق پۈتكەندىن كىيىن،ھون قۇشۇنى ئاتتىلانىڭ بىۋاستە قوماندانلىقىدا رىمغا قاراپ قايتا يۈرۈش قىلىپ،ئىتالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ،رىمغا يېقىنلاشقان.رىم پادىشاھسى بۇ تەڭداشسىز قۇشۇننىڭ قۇدىرىتىدىن قورقۇپ،قاتتىق ۋەھىمە ئىچىگە پاتقان.ئۇلار دەسلەپتە ئاتتىلانى ئالتۇن بىلەن سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان،لىكىن رىمنى ئاسانلا قولغا چۈشۈرەلەيدىغان ئاتتىلانىڭ بۇ سودىغا كۆنمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن.رىم پادىشاھسى ۋالەنتىنىيان ئۆزىنىڭ سىڭلىسى خونورىيانى ئاتتىلاغا خوتۇن قىلىپ تەغدىم قىلىشنىمۇ ئويلىغان.لىكىن 300دىن خوتۇنى بار ئاتتىلانىڭ بۇ ئىشقىمۇ كۆنمەسلىگىدىن ئەنسىرىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا ئامال تاپالمىغاندىن كىيىن،رىم پاپىسى لىيونى ئاتتىلا بىلەن مەسلىھەتلىشىششكە ماڭدۇرغان.بۇ پاپا بىلەن ئاتتىلا ئوتتۇرسىدا نىمە گەپ-سۆزلەر بۇلۇنغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان سىر بۇلۇپ،ئۇلار كۆرۈشكەندىن كىيىن،ئاتتىلا رىمغا ھۇجۇم قىلماي،باشقا ئۇرۇشمۇ ئېلىپ بارماي،ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ دۇنيانى سوراش خىيالىدىنمۇ بارا-بارا ۋاز كىچىپ،ھەممە ئىشنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق قىلىشقا ئۆزگەرگەن.ئۇ ئۆزىنى ھونلارنىڭ پادىشاھسى دەپ قايتىدىن جاكارلاپ،ئۆزىگە قارشى چىققان قەبىلە باشلىقلىرىنى داۋاملىق تۈردە پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۋەتكەن.

    ئاتتىلاغا قارشى چىققان ئاشۇنداق قەبىلە باشلىقلىرىدىن بىرىنىڭ   ناھايتى گۈزەل كەلگەن بىر قىزى ئاتتىلانىڭ ئالدىغا كىلىپ،ئۇنىڭ   دادىسىنى ئۆلتۈرمەسلىكنى تىلىگەن.لىكىن،ئاتتىلا ئۇ باشلىقنى يەنىلا  ئۆلتۈرۋەتكەن.ئەمما ئاتتىلانىڭ كۆزى ئېلدىكو ئىسىملىك بۇ گۈزەل قىزغا    چۈشۈپ،ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالدىغان بولغان.ھونلار بۇ توينى بىر ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى،دەپ ئويلىغان.ئۇلار ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى،ئۈمۈدسىزلىكلىرىنى ۋە باشقا مەسلىلىرىنى ئۇنتۇپ،پۈتۈن دۇنيانى ئۆز قۇلىغا ئېلىش يۈرۈشىنى يېڭى ئىرادە بىلەن باشلايدۇ،دەپ ئويلىغان.داغ-دۇغلۇق ۋە خوشاللىق ئىچىدە يېرىم كېچىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن تويدىن كىيىن،بۇ يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇن ئۆز ھوزۇرىغا قايتقان.لىكىن ئەتىسى ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھىچ قانداق شەپە ئاڭلانمىغان.قايتا-قايتا چەككەن ئىشىككىمۇ ھىچكىم جاۋاپ بەرمىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۆز پادىشاھىدىن ئەنسىرىگەن قوغدىغۇچىلار ئاتتىلا ھۇزۇرىنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ ئېچىپ كىرگىنىدە،قانغا بويۇلۇپ يالىڭاچ ياتقان ئاتتىلانىڭ ئۆلىكىنى كۆرگەن.بەزىلەر ئىلدىكو ئاتتىلانى ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە ئۆلتۈرۋەتكەن،دىيىشىدۇ.لىكىن ئاتتىلانىڭ بەدىنىدە ھىچق قانداق زەخمىلەنگەن يەر يوق.بەزىلەر ئاتتىلانى ئۆزىنىڭ يېڭى زىمىنىگە ئېرىشەلمەي دادىسىدىن قاتتىق نارازى بۇلۇپ يۈرگەن6 ئوغلى ئۆلتۈرۋەتكەن،دىيىشىدۇ.يەنە بەزىلەر ئاتتىلانى توي جەريانىدا قاتتىق ھېرىپ كىتىپ،تەبىئىي سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەن،دىيىشىدۇ.شۇنداق قىلىپ،453-يىلى ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەن.

    ئاتتىلا ئۆز ئوغۇللىرىغا ئىشەنمەي،ئۇلارنى ئۆزىگە ئىزباسار قىلىپ تاللىمىغان.ھەمدە ئىز باسارنى ۋاقتى كەلگەندە ئاسانلا تاللىغىلى بۇلىدۇ،دەپ ئويلاپ،باشقا بىرەيلەننى ئىزباسارلىققا بىكىتىپمۇ قويمىغان.454-يىلى ئاتتىلانىڭ ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىنى تالىشىپ ئۆز-ئارا سوقۇشۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا،گېرمان قەبىلىلىرى قوزغىلاڭ قىلىپ،ھونلارنى گۇمران قىلغان.

    ھونلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن بولغان ۋىنگىرىيە خەلقى قاتارلىقلار ئاتتىلانى ھازىرمۇ ناھايتى پەخىرلىنىش ئىچىدە ئىسىدە ساقلايدۇ.گەرچە غەرىبلىكلەر ئاتتىلانى دىگەندەك بىلىپ كەتمىسىمۇ،ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇھىم كىشلەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ،ئۇ بىر ئەقىللىق مەدەنيەت تارقاتقۇچى بۇلۇش،ئىش قىلىشتا ئۇچۇق-ئاشكارە بۇلۇش،ۋە يېڭى ئوي-پىكىرىگە باي بۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلۇغ ئالىكزاندىر ۋە سىسار قاتارلىق كىشىلەردىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدۇ.ئۇنىڭ ئەسىرلەردىن بۇرۇنقى كىشىلىك خاراكتىرى،قىممەت قارىشى ۋە پىرىنسىپلىرى يىتەكلىگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇلۇپ،ئۇنىڭ لىدېرلىق سىرلىرى بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر قىممەتلىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى بۇلۇپ ماڭىدۇ. 

     

     

    ئاتتىلانىڭ لىدىرلىق سىرلىرى ۋە ئاتتىلائىزم

    ئەركىن سىدىق

    2010-يىلى3-ئاينىڭ10-كۈنى

    مىنىڭ قىزىم ئامىرىكىدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا،ئۇنىڭغا بىر قېتىم لىدىرلىق ھەققىدە دەرس ئۆتۈلدى.بۇ دەرىستە ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى 3كىشلىك كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ،گورۇپپىلار بويىچە تاپشۇرۇق بەردى.بۇ تاپشۇرۇقتا ھەربىر گورۇپپىدىكى 3ئوقۇغۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئامېركىنىڭ پېرىزدىنتى،مالىيە مىنىستىرى ۋە ئەمگەك مىنىستىرى دەپ پەرەز قىلىنىپ،بۇ 3كىشىنىڭ قانداق قىلغاندا ئامىركىنىڭ ئىقتىسادىنى ھازىرقىدىن ياخشىراق قىلغىلى بولدىغانلىقى توغىرسىدا بىر پىلان تۈزۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى،ھەمدە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىېدىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى تىزىملىكىنى تارقىتىپ بېرىلگەن ئىدى.مەن قارىسام بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدە ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا توغىرسىدىكى بىر كىتابنىڭ ئىسمىمۇ بار ئىكەن.مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھونلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى بىلگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بۇلۇپ،بىز شەھەرلىك كۈتۈپخانىدىن بۇ كىتابنى ئارىيەت ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن،ئۇنى ئۆزەم بىر قېتىم باشتىن-ئاخىر ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم.شۇ چاغدا ئاتتىلانىڭ دۇنيادا ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر داھىيلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى،ئامېركىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۆتۈلدىغان باشقۇرۇش ئىلمىغا ئائىت دەرىسلەردە ئاتتىلانىڭ لىدىرلىق سىرلىرى ۋە مۇۋەپىقىيەت سىرلىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختۇلدىغانلىقىنى بىلدىم.ئۇنىڭدىن كىيىن ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن«ئاتتىلا»دىگەن كىنونى بىر قانچە قېتىم كۆرۈپ چىقتىم،ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆز تۇنۇشلۇرۇمغا ئىزچىل تۈردە ئاشۇ كىنونى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم.ئاتتىلانىڭ رولىنى ئالغان كىنو ئارتىسى رەگ روگەرسنى شۇ نىڭدىن باشلاپ ناھايتى ياخشى كۆردىغان بۇلۇپ قېلىپ،ھەر قېتىم ئۇنى باشقا كىنولاردا كۆرسەم،ئايالىم ئامانگۈلگە«ئاۋۇ كىشى ئاتتىلانىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس شۇ ئىكەن»دەپ قويىدىغان بولدۇم.

    بۇ قېتىم داھى ۋە لىدىرلىق ھەققىدە ئىزدىنىشىمنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە،مەن ئاتتىلا ھەققىدىكى كىتابتىن بىرنى قايتا ئوقۇپ بېقىشنى قارار قىلدىم.ئامازون تور بېتىدىن «ھون ئاتتىلا»دەپ ئىزدىسەم جەمئىي242نەتىجە چىقتى.شۇنىڭ بىلەن مەن1987-يىلى نەشىر قىلىنغان wess robertsنىڭ «ھون ئاتتىلانىڭ لىدىرلىق سىرلىرى»دىگەن كىتابنى سېتىۋالدىم.بۇ كىتابنىڭ ئوقۇرمەنلىرى بۇ كىتاب ھەققىدە ناھايتى ياخشى ئىنكاسلارنى قايتۇرغان.مەسلەن،ئامېرىكىدىكى«ھەممىباپ ئاپتوموبىل»دىگەن داڭلىق شىركەتنىڭ مۇئاۋىن لىدېرى پائۇل زالەككى مۇنداق دىگەن:«مەن بۇ كىتابنى ئون نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىققان بۇلۇپ،ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا ئۇ مىنىڭ نەزەر دائىرەمنى يەنە بىر قېتىم كىڭەيتتى.مىنىڭچە بۇ ئىنتايىن كام ئۇچىرايدىغان بىر كىتاب بۇلۇپ،بىر چوڭ ئادەم توپىغا مەسئۇل بولغان ھەر قانداق بىر كىشى بى كىتابنى چۇقۇم ئوقۇپ چىقىشى كىرەك ئىكەن.».«ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى»نىڭ لىدېرى ۋە رەئىسى كراندالل مۇنداق دىگەن:«بۇ كىتاب لىدېرلىقنى مۇۋەپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى يېڭى چۈشەنچىلەر بىلەن لىق تولغان،ئۇ ئەقەللىي يوليۇرۇقلارنىڭ كارامەت ئىجادچانلىق بىلەن بايان قىلىنىشى بۇلۇپ،مەن ھەممە كىشىەرنىڭ ئۇنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن».1992-يىلى چوڭ بۇش ۋە كىلىنتون بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىنى تالاشقان روسس پېروت ئەپەندى ئامېرىكىدىكى«ھەممىباب ئاپتوموبىل»شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە،ئۇشبۇ كىتابنىڭ1985-يىلدىكى 1-نەشىرلىك نۇسخىسىنى ئۇچۇرتۇپ قېلىپ،ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بۇ كىتابتىن بىراقلا700 پارچىنى سېتىۋېلىپ،شىركەتنىڭ بارلىق چوڭ-كىچىك باشلىقلىرىغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە دوستلىرىغا بىردىن تەقدىم قىلغان ئىكەن.مەن يېقىندا كۆرگەن،ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بىر كىنودىمۇ،خۇسۇسىي رازۋېدچىك بۇلۇپ ئاساسلىق رول ئالغان ئادەمنىڭ بىر كۈتۈپخانىدا ئاتتىلا ھەققىدە ئاشۇ كىتابنى ۋاراقلاۋاتقان بىر كۆرۈنۈشنى كۆردۈم.يەنى،بۇ كىتاب ئامېرىكا جەمئىيتىگە خېلى چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپتۇ.

    مەن ئۇشبۇ يازمامدا ،«ھون ئاتتىلانىڭ لېدىرلىق سىرلىرى»دىگەن كىتابتىكى ئاتتىلانىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ لېدىرلىق ئىدىيسى-ئاتتىلائىزىم توغىرسىدىكى مەزمۇنلارنى قىىقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.مەن بىر كىتابتىكى مەزمۇننى بىر قىسقا ماقالە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن،بۇ ماقالىدا كىتابتىكى ئەسلى مەزمۇنلارنى ئۆزەم مۇۋاپىق كۆرگەن دائىرە ئىچىدە قىسقارتتىم ۋە قايتىدىن رەتلىدىم.لىكىن ئۇ مەزمۇنلارنىڭ مەنىسىنى ئەينەن بايان قىلدىم.بۇلۇپمۇ بۇ ماقالىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان تارىخىي تەسۋىرلەر يۇقىرقى كىتابنىڭ ئاپتورنىڭ ئۆز كۆز-قارىشى بۇلۇپ،ئۇلار ھەرگىزمۇ مىنىڭ كۆز قارىشىم ئەمەس.يۇقىرىدا ئازراق تىلغا ئېلىنغىنىدەك،پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيتى ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق ئىدىيسىگە ئاجايىپ يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن.لىكىن مىنىڭ پەرىزىمچە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا ئاتتىلاغا ئائىت نەرسىلەردىن ئاساسەن خەۋەرسىز.شۇنداق بولغاچقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ،بۇلۇپمۇ ئۆزىنى بۇرۇنقى،ھازىقى ياكى كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر لېدىرلىرىدىن بىرى دەپ سانايدىغان ھەر بىر كىشىدىن ئۇشبۇ يازمىنى كام دىگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلاردىن بولسا،«ھون ئاتتىلانىڭ لېدىرلىق سىرلىرى»دىگەن كىتابنى ئېنگىلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ كىتابنىڭ تىلى ناھايتى ئاددىي بۇلۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس،دەپ ئويلايمەن.ئەگەر بۇ ئىشنى قىلدىغانلار بولسا مەن ئۇ قېرىدىشىمىزغا بۇ كىتابنىڭ ئنگىلىزچىسىنى سېتىۋېلىپ ئەۋەتىپ بېرىشنى خالايمەن.

    1.ئاتتىلانىڭ قىسقىچە تەرجىمالى

     

    ھونلار كۈچۈپ يۈرۈيدىغان،كۆپ خىلدىكى تىللارنى ئىشىلتىدىغان،كۆپ خىلدىكى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىبارەتتۇر.روبەتىس نىڭ كىتابىدا دىيىلىشچە،ھونلار ئەسىلدە ئۇرالنىڭ ياۋورپا تەرىپىدىكى كىشلەردىن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۈرك ياكى ئاسىيالىق كىشىلەردىن پەيدا بولغانمۇ،دىگەن سوئالنىڭ جاۋابى ئېغزاكى تارىخلاردا ئاساسەن خاتىرلەنمىگەن،ياكى بولمىسا بۇ سوئالغا بەزىدە قالايمىقان جاۋاپ بېرىلگەن.لىكىن،مەن يېقىندا ھونلار ۋە ئاتتىلا توغرسىدا بىر قانچە تور بەتلىرىنى كۆرۈپ باقتىم.«ھونلار كالىندارى»دىگەن بىر تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە،باتۇر تەڭرىقۇت نىڭ بىرلىككە كەلتۈرشى بىلەن ھونلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىللىرى باجكال كۆلى بىلەن شەرقى-جەنۇبى موڭغۇلىيە ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىدا ياشىغان بۇلۇپ،ئۇلان باتۇرنىڭ قېشىدىكى لوڭچېڭنى پايتەخىت قىلغان.ھەمدە ھونلار مىلادىيىدىن كىيىنكى 395-يىلللىرى دانۇبە جىلغىسىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇغۇلغان.ئاتتىلانىڭ دادىسى مۇندزۇك پادىشاھ بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ ئائىلە تارىخىنى 32 ئەۋلادقىچە تاپقىلى بۇلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۆز ئادەم توپىنىڭ بىرلىكىنى ئەڭ ياخشى ساقلىغان بىر ئائىلە بۇلۇپ،موڭغۇللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.ئاتتىلا دەسلەپتە قويغا مىنىشنى ئۆگەنگەن بۇلۇپ،كىيىنچە ئات مىنىش ماھارىتىدىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى سەۋىيگە يەتكەن.ھەمدە ئوقيا،نەيزە،ئارغىماق،قېلىچ ۋە قامچا ئىشىلتىش جەھەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن.بۇلار ئاتتىلا دەۋرىدىكى ھونلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ماھارەتلىرى بۇلۇپ،بىر ئاقسۆڭەكلىك دەرىجىسىدىكى كىشى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ماھارەتلەر ئىدى.ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى،ۋە ئىقتىدارسىزلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك كەمسىتىش تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرگەن.ھەمدە ئۆز ماھارىتىنى ناھايتى خەتەرلىك ئوۋ-ئوۋلاش پائالىيەتلىرىدىكى باتۇرلۇقى بىلەن خەلق-ئاممىسى ئالدىدا نامايەن قىلغان.مەسلەن:ئۇ بۆرە ۋە ئېيىقلارنى توزاق قۇرۇپ تۇتىۋېلىپ،ئاندىن بىر قىسقا پىچاق بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ-قارنىنى ئېلىۋەتكەن.ئاتتىلا دادىسى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتكەن بولسىمۇ،بۇنداق مۇناسىۋەت پادىشاھ مۇندزۇك نىڭ ۋاپات بۇلىشى بىلەن ئاتتىلا ناھايتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئاياغلاشقان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان تاغىسى رۇگىلانىڭ قولىدا قالغان.

    رۇگىلا ئۆزىنىڭ ئادەم توپى ئۈچۈن ھولار ناھايتى ئاسانلا يىڭەلەيدىغان چەتئەللەرگە بېقىندا بولىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغان.ئاتتىلا بولسا بۇنداق سىياسەتلەرنى ئۇچۇق-ئاشكارە ئەيىبلىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئاتتىلانىڭ بالىلىق مەزگىلدىكى تەقدىرى ناھايتى تېزلا ئۆزگىرىشكە باشلىغان.ئاتتىلا 12ياشقا كىرگەندە،رۇگىلا ئۇنى رىم پادىشاھسى خونورىيۇس نىڭ ئوردىسىغا گۆرۆگە ئېلىنغۇچى قىلىپ ماڭدۇرغان.بۇنىڭ ئۈچۈن رىمىلىقلار ئەتراپلىق پىلانلاش ئارقىلىق رۇگىلاغا ئۆزىنىڭ ئېيتىيۇس ئىسىملىك بىر ياش ئادىمىنى گۆرۆگە بەرگەن.مۇشۇ ئارقىلىق رىم پادىشاھى بىر تەرەپتىن ئۆز ئوردىسىغا گۆرۆگە كەلگەن كىشلەرگە رىملىقلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى،ئەنئەنىسى ۋە ھەشەمەتلىك ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش،ئاندىن ئۇلارنى ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتۇرۇپ،شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى باشقا دۆلەتلەرگە كىڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان.يەنە بىر تەرەپتىن بولسا،باشقىلارنىڭ دۆلەتلىرىگە گۆرۆگە قويغان كىشى سۈپىتىدە ماڭدۇرغان كىشىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.

    رىم ئاتتىلانىڭ كۆڭلىنى باشقىچە پروگرامملاشقا ئۇرۇنغاندا،ئاتتىلا ئۇنىڭغا قارشلىق كۆرسىتىپ،رىملىقلارنىڭ ھىچقانداق نەرسىلىرىنى قۇبۇل قىلمىغان.ھەمدە گۆرۆگە ئېلىنغان باشقا بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگەن.ئۇ ئككى قېتىم قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ،مۇۋەپىقىيەت قازىنالمىغان.قېچىپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەندىن كىيىن،ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رىم پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆگېنۋېلىشقا تېرىشقان.ئۇ رىمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى،ھەربىي ئىشلىرىنى،ۋە رىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن كەمچىلىكىنى تەتقىق قىلغان.ئۇلارنىڭ چەتئەل مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن دېپلوماتىك يىغىنلىرىنى يۇشۇرۇن ھالدا كۆزەتكەن.لىدېرلىقنى،تاشقى ئىشلار مۇراسىمىنى ۋە باشقا كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارۋە دېپلوماتلارغا مۇۋاپىق كىلدىغان ھەرخىل ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن.ھەمدە شۇ جەرياندا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستىراتىگىيسىنى تۈزۈپ چىققان.ئۇنىڭ پىلانلىرى ناھايتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە توغرا تۈزۈلگەن.

    ئاتتىلا رىمدىن دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇلغاندا،ئۇ يەردىكى ھونلار قەبىلىسىدە يەنىلا بىر مەركىزىي سىياسى ۋە ھەربىي باشقۇرۇش ئورگىنى بولمىغان،ئوخشىمىغان ھون قەبىلىلىرىنى ئوخشىمىغان قەبىلە باشلىقلىرى باشقۇردىغان بۇلۇپ،بۇ باشلىقلار بىرەر ھون پادىشاھىغا تەۋە بولمىغان.ئاتتىلا رىمنى يېڭىىش ئۈچۈن چۇقۇم ھەممە ھون قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرمىسە بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن.شۇنىڭ بىلەن ھەممە ھون تېروتورىيىسىگە كۆپ قېتىم ئوۋ-ئوۋلاش سەپىرى قىلىپ،ھەممە قەبىلە باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم مۇناسىۋەت ئورناتقان.ھەمدە بۇ قەبىلە باشلىقلىرىغا تەسەرلىك مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق،ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرگەن.پۇختا تەييارلىق قىلىپ،توغرا پەيىتنى كۈتۈپ،ئىنىسى بىلەدا بىر قېتىملىق ئوۋچىلىق جەريانىدا ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىنلا،ئاتتىلا دۇنابە جىلغىسىدىكى ھون قەبىلىسىگە پادىشاھ بولغان.ھەمدە ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئادە يۇقىرى دەرىجىلىك داھىيلىق قابىلىيىتى بىلەن باشقا ھون تەبىقىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،بىر تەڭداشسىز ھون ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان.ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقتىدا،ھولار قۇشۇنىنىڭ ئەسكەر سانى700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ئاتتىلا ناھايتى كەمتەر بۇلۇپ،ئۆزى ھونلار پادىشاھى بولسىمۇ ناھايتى ئاددى-ساددا ياشىغان.ھەمدە ئشلارنى ئىنتايىن ئادىللىق بىلەن سورىغان.لىكىن،ئۆزىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن قەبىلە باشلىقلىرىنى يىغىپ ئوپچە ئۆلتۈرۋەتكەن.ئۇ قىلچىمۇ ئالدىراقسانلىق قىلماي،ھونلارغا گېرمان بىلەن سىلاۋ مەملىكەتكىرىنى ئۆز كونتىروللىقى ئاستىغا كىرگۈزۈش،ۋە رىم كونستانتىنوپۇلنى ئىگەللەش،ئاندىن پۈتۈن ئاسىيا ۋە ئافىرىقىغا ھۇجۇم باشلاش قاتارلىق مىللىي نىشاننى ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن.ئاتتىلانىڭ پىلانى ناھايتى چوڭ بۇلۇپ،بۇنى ئۇنىڭ بالىلىق چېغىدىكى ئارزۇلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن،ياشلىق دەۋرىدە كۆرگەن ئىشلىرى ئارقىلىق پۇختا تاۋلىغان.ئۇ ئۆز پىلاننى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان.ئۇ ھىچقانداق ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىملىغان،ھىچ قانداق ئىشتا تەۋرەنمىگەن،ۋە باشقىلارغا باش ئەگمىگەن.باشقىلارنىڭ تەكلىپلىرىگە ئەستىيادىل قۇلاق سالغان،ئەتراپىدىكى ئەتراپىدىكى ھەممە ئىشلارنى ئەستايىدىل كۈزەتكەن،ھەممە بىر ئىشنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى يىتىپ كەلگىچە سەۋرى-تاقەتلىك بىلەن ساقلىغان.

    ئاتتىلانىڭ قۇشۇنى شۇنچە چوڭ ۋە كۈچلۈك بولسىمۇ،ئۇلار مەقسىتى بىردەك،تەشكىلى تۈزۈمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان،ھەمدە ھەممە ۋاقىت ناھايتى جاسارەتلىك بولغان.ھون قۇشۇنى يېڭى تېرىتورىيەلەرگە يۈرۈش قىلغاندا بەزىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ،كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھىچ قانداق قارشىلىققا ئۇچىرىمايلا غەلبە قازانغان.نۇرغۇن كەنتلەر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھون ئارمىيسىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئۆي-ماكاننى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن.

    خۇددى ئاتتىلا رىمدا رىم پادىشاھلىقىنىڭ ئىلغار نەرسىلىرى ھەمدە ئۇرۇش ۋە ئەسكەر تېخنىكىلىرىنى ئۆگەنگەنگە ئوخشاش،ئېيتىيۇسمۇ ھونلار يۇرتىدا ھونلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى،ئىش بىجىرىش ئۇسۇلى ۋە جەڭ قىلىش تېخنىكا ماھارەتلىرىنى ئۆگەنگەن.شۇنىڭ بىلەن رىمنىڭ ھەربىي قۇشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ،ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدىكى ھون قۇشۇننىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە بىر قېتىم قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغان.يەنى مىلادىيدىن كىيىنكى451-يىلى شالوندىكى بىر ئۇرۇشتا ئېيتىيۇس ئوقيا بىلەن ئاتلىق ئۇرۇش قىلىشقا ئادەتلەنگەن ھون قۇشۇنلىرىنى پىيادە ئۇرۇش قىلىشقا قىستاپ،162-300مىڭدەك ھون ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.بۇ ئاتتىلا ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق يېڭىلىش بۇلۇپ،ئۇ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن.ھەمدە ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيانى سوراش ئارزۇسى مۇشۇ قېتىم بىر ئاز ئاجىزلىغان.

    ئاتتىلا قۇشۇننى دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇپ كىلىپ،ئۆز قۇشۇننى قايتىدىن رەتكە سالغان.ئۆز قۇشۇننىڭ كىيىنىشى،ئۇرۇش تېخنىكىسى،ماھارىتى ۋە ئۇرۇش قوراللىرى قاتارلىق ھەممە جەھەتتە تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان.تەييارلىق پۈتكەندىن كىيىن،ھون قۇشۇنى ئاتتىلانىڭ بىۋاستە قوماندانلىقىدا رىمغا قاراپ قايتا يۈرۈش قىلىپ،ئىتالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ،رىمغا يېقىنلاشقان.رىم پادىشاھسى بۇ تەڭداشسىز قۇشۇننىڭ قۇدىرىتىدىن قورقۇپ،قاتتىق ۋەھىمە ئىچىگە پاتقان.ئۇلار دەسلەپتە ئاتتىلانى ئالتۇن بىلەن سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان،لىكىن رىمنى ئاسانلا قولغا چۈشۈرەلەيدىغان ئاتتىلانىڭ بۇ سودىغا كۆنمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن.رىم پادىشاھسى ۋالەنتىنىيان ئۆزىنىڭ سىڭلىسى خونورىيانى ئاتتىلاغا خوتۇن قىلىپ تەغدىم قىلىشنىمۇ ئويلىغان.لىكىن 300دىن خوتۇنى بار ئاتتىلانىڭ بۇ ئىشقىمۇ كۆنمەسلىگىدىن ئەنسىرىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا ئامال تاپالمىغاندىن كىيىن،رىم پاپىسى لىيونى ئاتتىلا بىلەن مەسلىھەتلىشىششكە ماڭدۇرغان.بۇ پاپا بىلەن ئاتتىلا ئوتتۇرسىدا نىمە گەپ-سۆزلەر بۇلۇنغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان سىر بۇلۇپ،ئۇلار كۆرۈشكەندىن كىيىن،ئاتتىلا رىمغا ھۇجۇم قىلماي،باشقا ئۇرۇشمۇ ئېلىپ بارماي،ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن.شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ دۇنيانى سوراش خىيالىدىنمۇ بارا-بارا ۋاز كىچىپ،ھەممە ئىشنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق قىلىشقا ئۆزگەرگەن.ئۇ ئۆزىنى ھونلارنىڭ پادىشاھسى دەپ قايتىدىن جاكارلاپ،ئۆزىگە قارشى چىققان قەبىلە باشلىقلىرىنى داۋاملىق تۈردە پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۋەتكەن.

    ئاتتىلاغا قارشى چىققان ئاشۇنداق قەبىلە باشلىقلىرىدىن بىرىنىڭ   ناھايتى گۈزەل كەلگەن بىر قىزى ئاتتىلانىڭ ئالدىغا كىلىپ،ئۇنىڭ   دادىسىنى ئۆلتۈرمەسلىكنى تىلىگەن.لىكىن،ئاتتىلا ئۇ باشلىقنى يەنىلا  ئۆلتۈرۋەتكەن.ئەمما ئاتتىلانىڭ كۆزى ئېلدىكو ئىسىملىك بۇ گۈزەل قىزغا    چۈشۈپ،ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالدىغان بولغان.ھونلار بۇ توينى بىر ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى،دەپ ئويلىغان.ئۇلار ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى،ئۈمۈدسىزلىكلىرىنى ۋە باشقا مەسلىلىرىنى ئۇنتۇپ،پۈتۈن دۇنيانى ئۆز قۇلىغا ئېلىش يۈرۈشىنى يېڭى ئىرادە بىلەن باشلايدۇ،دەپ ئويلىغان.داغ-دۇغلۇق ۋە خوشاللىق ئىچىدە يېرىم كېچىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن تويدىن كىيىن،بۇ يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇن ئۆز ھوزۇرىغا قايتقان.لىكىن ئەتىسى ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھىچ قانداق شەپە ئاڭلانمىغان.قايتا-قايتا چەككەن ئىشىككىمۇ ھىچكىم جاۋاپ بەرمىگەن.شۇنىڭ بىلەن ئۆز پادىشاھىدىن ئەنسىرىگەن قوغدىغۇچىلار ئاتتىلا ھۇزۇرىنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ ئېچىپ كىرگىنىدە،قانغا بويۇلۇپ يالىڭاچ ياتقان ئاتتىلانىڭ ئۆلىكىنى كۆرگەن.بەزىلەر ئىلدىكو ئاتتىلانى ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە ئۆلتۈرۋەتكەن،دىيىشىدۇ.لىكىن ئاتتىلانىڭ بەدىنىدە ھىچق قانداق زەخمىلەنگەن يەر يوق.بەزىلەر ئاتتىلانى ئۆزىنىڭ يېڭى زىمىنىگە ئېرىشەلمەي دادىسىدىن قاتتىق نارازى بۇلۇپ يۈرگەن6 ئوغلى ئۆلتۈرۋەتكەن،دىيىشىدۇ.يەنە بەزىلەر ئاتتىلانى توي جەريانىدا قاتتىق ھېرىپ كىتىپ،تەبىئىي سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەن،دىيىشىدۇ.شۇنداق قىلىپ،453-يىلى ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەن.

    ئاتتىلا ئۆز ئوغۇللىرىغا ئىشەنمەي،ئۇلارنى ئۆزىگە ئىزباسار قىلىپ تاللىمىغان.ھەمدە ئىز باسارنى ۋاقتى كەلگەندە ئاسانلا تاللىغىلى بۇلىدۇ،دەپ ئويلاپ،باشقا بىرەيلەننى ئىزباسارلىققا بىكىتىپمۇ قويمىغان.454-يىلى ئاتتىلانىڭ ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىنى تالىشىپ ئۆز-ئارا سوقۇشۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا،گېرمان قەبىلىلىرى قوزغىلاڭ قىلىپ،ھونلارنى گۇمران قىلغان.

    ھونلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن بولغان ۋىنگىرىيە خەلقى قاتارلىقلار ئاتتىلانى ھازىرمۇ ناھايتى پەخىرلىنىش ئىچىدە ئىسىدە ساقلايدۇ.گەرچە غەرىبلىكلەر ئاتتىلانى دىگەندەك بىلىپ كەتمىسىمۇ،ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇھىم كىشلەرنىڭ بىرسى بۇلۇپ،ئۇ بىر ئەقىللىق مەدەنيەت تارقاتقۇچى بۇلۇش،ئىش قىلىشتا ئۇچۇق-ئاشكارە بۇلۇش،ۋە يېڭى ئوي-پىكىرىگە باي بۇلۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلۇغ ئالىكزاندىر ۋە سىسار قاتارلىق كىشىلەردىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدۇ.ئۇنىڭ ئەسىرلەردىن بۇرۇنقى كىشىلىك خاراكتىرى،قىممەت قارىشى ۋە پىرىنسىپلىرى يىتەكلىگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرقلەرنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇلۇپ،ئۇنىڭ لىدېرلىق سىرلىرى بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر قىممەتلىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى بۇلۇپ ماڭىدۇ. 

     

     

         

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.