سەگەك زىيالىلارغا يېڭى يىللىق ئوچۇق خەت(زۇلپىقار بارات ئۆزباش)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-08 00:06:46

سەگەك زىيالىلارغا يېڭى يىللىق ئوچۇق خەت (زۇلپىقار بارات ئۆزباش) لاۋە: ئەسلى مەن بۇ خەتنى ئۆزۈم ھۆرمەتلەيدىغان، قولىدىن ئىش چىقىدۇ دەپ قارىغان ئون قېرىندىشىمغا،ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئون سەگ...

    سەگەك زىيالىلارغا يېڭى يىللىق ئوچۇق خەت

    (زۇلپىقار بارات ئۆزباش)

    لاۋە: ئەسلى مەن بۇ خەتنى ئۆزۈم ھۆرمەتلەيدىغان، قولىدىن ئىش چىقىدۇ دەپ قارىغان ئون قېرىندىشىمغا،ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى ئون سەگەك زىيالىغا يېڭى يىللىق ئۈمىد ئورنىدا يازغانىدىم. ھازىر ئويلىشىپ، مەن تونۇش-تونۇماسلىقىمدىن قەتئىينەزەر، بۇ تېمىغا قىزىقىدىغان، ئەمەلىي ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان دوستلارلا بولسا تەڭ ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم ۋە مەتبۇئاتقا بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپنى رەت قىلىپ مۇنبەردە ئېلان قىلدىم. بۇ بىر تەسىرات يازمىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىنى قويمىدىم، نېمە ئويلىغان بولسام شۇنى تەبىئىي، ئۇدۇل ئىپادىلەشكە تىرىشتىم. ماقالىدە ئىسمىنى تىلغا ئالغان كىشىلەرگە مەن ئۆچ ئەمەس، ئەمما، ھازىر مەن كۈندىن-كۈنگە ئەڭ يېقىن كۆرىدىغان ئادەملەرنى ھەم ئۆزۈمنى پاكىتى بىلەن تەنقىد قىلىپ تۇرۇشنىڭ(قۇرۇق سۆكۈش، چۆكۈرۈش ئەمەس) زۆرۈرلۈكىنى كۈنسېرى ھېس قىلىۋاتىمەن.مەن بۇ خەتنىڭ روھىنى چۈشىنىپ ئوقۇغان چېچەن پىكىر ئىگىلىرىنىڭ ئاخىرقى قۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزىدىن «مەن ئۆزۈم قۇربىتىم يېتىدىغان دائىرىدە خەلقىم ئۈچۈن يەنە نېمە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىشىم مۇمكىن؟ مەن ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈش ئۇسۇلۇم ھەققىدە ئويلىنىشىم كېرەكمۇ –يوق؟»دەپ سوراپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇندىلا مېنىڭ بۇ قېتىملىق تەشەببۇس خېتىمدىن ھاردۇقۇم چىققان بولاتتى...

           ئەسلى مەن بۇ خەتتىكى گەپلەرنى يېرىم يىل بۇرۇن يازدا يازماقچى ئىدىم. لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنداق بولماي قالدى. بۇ خەتتە زىل، نازۇك تېمىلارغا تاقىشىدىغان ھېچقانداق گەپ يوق، پەقەتلا خىرسلىق بىر دەۋردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەن زىيالىيلىرىنىڭ تار ئىمكانىيەت ئىچىدە يەنە قانداق ئىلمىي ئەمگەكلەرنى قىلالايدىغانلىقى ۋە چوقۇم قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە سەمىمىي دەۋەت، پىكىر يولىنى ۋە ئىزدىنىش يولىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇنازىرىگە ،تەنقىدگە، ئىلمىي ئەمگەككە، تەخىرسىز ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىمىزنى بىر قېتىم دەڭسەپ كۆرۈش ھەققىدە چاقىرىق بار. مېنىڭچە، بۇ خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھېس قىلىۋاتقىنى يالغۇز مەنلا ئەمەس. مۇشۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان ھەر قانداق بىر ئىجتىمائىي پەن زىيالىيسى ھېچبولمىغاندا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۇيغۇرنىڭ سەگەك، پىكرى ئويغاق زىيالىيلار قاتلىمىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

           ئۇنداقتا بۇ خەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى نېمە؟

    1.بىزنىڭ ئىلاجسىز ئەھۋالدا قالغىنىمىز، چۈشكۈنلىشىۋاتقىنىمىز راست. ئەمما، بىزنىڭ ئىزچىل سەل قاراۋاتقان، تىرىشساق چەكلىك ئىمكانىيەت ئىچىدە قىلىپ كېتەلەيدىغان ئىشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس...
    2. بۇ خەتنى چۈشىنىپ ئوقۇغان ھەر بىر زىيالىيدا تەنقىدىي روھ، سەگەك مېڭە ۋە رېئاللىقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە كۆيۈۋاتقان يۈرەك، ئۆز چامىغا يارىشا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىق بار، ئەمما ھەمكارلىق روھى كەمچىل، ھەتتا ھەمكارلىققا ئۇرۇنۇپ كۆرىدىغان جۈرئەتمۇ يوق...

    3. بىزدە ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىش خاھىشى ئېغىر؛ باشقىلار دەۋاتقان 10 ئېغىز گەپنىڭ توققۇزىدا ھەقىقەت، بىرىدە پۇچەكلىك ياكى يەڭگىلتەكلىك ئەكس ئەتكەن بولسا، بىز ئۇنىڭ ئاشۇ بىر ئېغىز خاتا گېپى ئۈچۈن ئۇنىڭ گەپلىرىدىكى توغرا تەرەپلەرنى كۆرمەيمىز ياكى مۇشۇ >> بايقىشىمىز<< نى دەستەك قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئۇ زىيالىيدىن قالتىس ئىكەنلىكىمىزگە ئىچىمىزدە خۇش بولىمىز. نەزىرىمىزدە ئۇيغۇرنىڭ كارغا كېلىدىغان زىيالىيسىدىن ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىم يوق...

    4. بىزدە ئۇچۇرلارنى بىر-بىرىمىزدىن قىزغىنىدىغان، بېسىۋالىدىغان، ئالماشتۇرمايدىغان ئاجىزلىق مەۋجۇت...

    5. بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى تالانتلىق. ئەمما، بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمدىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى، تەتقىقاتىنىڭ مەقسىتىنى، ماقالە يېزىش قائىدىسىنى خاتا چۈشىنىۋالغىنىمىزنى ئېتىراپ قىلىشىمىز، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەمدە قەلەم تەۋرەتكەن چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىگە دىققەت قىلمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خىجىللىق ئىچىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك....

    6. جۇڭگوغا كەينىچىلەپ كىرگەن نەزەرىيە ۋە ئۇيغۇرلاردا تىللاش، مەنسىتمەسلىك ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان نەزەرىيە ھەر بىر ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىنىڭ جېنى ئىدى. لېكىن بىز ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسىنى بولسىمۇ تولۇق ئۆگەنمىدۇق. مۇشۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر زىيالىي ئۆزى قىزىققان، تەتقىق قىلىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسى ۋە دۇنيادا ئۇ ھەقتە نېمە يېڭى تەتقىقاتلار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇرۇنۇشىنى كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەك...

    7. مىللەتكە ئارتىلغان نۇرغۇنلىغان نۇقسان ۋە ئىللەتلەر ئاۋۋال ئۆزىمىزدە بار. بىز ئاۋۋال ئۆزىمىز ھەققىدە تەلتۆكۈس ئويلىنىشىمىز كېرەك. ...

     8.  ئابىستىراكىت تەپەككۇرىنىڭ، زىيادە كەڭرى قىزىقىشنىڭ زىيىنىنى جىق تارتتۇق...

     9. ئۇيغۇرلاردا پىكىر يېڭىلاش دولقۇنى قوزغاش پۇرسىتى كەلدى ھەم بۇ ۋەزىپە بىزنىڭ زىممىمىزدە...

     10 . ئابدۇرۇپ پولات، مەترېھىم سايىت، لېتىپ توختى بىر فاكۇلتېتتا تۇرۇپ بىر داستىخاندا ئولتۇرالمايدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكا، ئەسئەت سۇلايمان ئاكا، داۋۇتجان ئوبۇلقاسىم ئاكا بىر- بىرىگە ئۆچ ئەمەس ھەم ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئۆگىنىدىغان يېرى ئاز ئەمەس. ئۇلارنى بىر يەرگە ئەكىلەلمەيۋاتقان نەرسە نېمە؟<< بىزنىڭ تارىختىن قوبۇل قىلغان نەرسىمىز بىرلا ئۇ بولسىمۇ ھېچقانداق ساۋاق قوبۇل قىلماسلىق. >> بىز بۇ ھېكمەتنى قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرىشىمىز كېرەكمۇ-يوق؟

      11. نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ تالانتلىق زىيالىيلىرى ئۆزى ئارىلىشىۋاتقان پۇچەك ئادەملەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ-يۇ، پۇچەك ئادەملەر بۇ سۆيۈملۈك ئادەملىرىمىزگە تەسىر قىلىدۇ.. ..

    12 .بىز جەمئىيەتلەشكەن ئۈچ مەرەز ئەۋج ئالغان مۇھىتتا (جەمئىيەتلەشكەن رەڭۋازلىق، جەمئىيەتلەشكەن پۇچەكلىك، جەمئىيەتلەشكەن ئىجتىمائىي بىنورماللىق ) ياشاۋاتىمىز. بىز بۇ مۇھىتتا قانچىلىك چىرىدۇق؟ ۋە داۋاملىق چىرىماسلىق ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟

     بىز ۋەھىمە ئوبيېكتىنى مۇبالىغە قىلىۋەتتۇق. ھەقىقىي ئەندىشىنىڭ مەنبەسى، ھەقىقىي دۈشمەننىڭ مەنبەسى ئۆزىمىزدىن كېلىۋاتىدۇ.

           خەتتىكى 10 نۇقتىنىڭ ھەر بىرىدە نېمە دېمەكچى؟

    1 .بىز ئۈچۈن ھازىرقى دەۋردە مۇختەر مەخسۇت، ئابدۇراخمان ئەبەي، پولات ھېزىۋۇللالارنىڭ ،رىياسەتچى ئابلەت ئابدۇرېھىمنىڭ،بىر قەدەر ساپالىق نەشرىيات سودىگىرى ئەركىن ئىبراھىمنىڭ رولى بەك مۇھىم ئىدى. بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر زىيالىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يۇقىرىقى بەش كىشى بىلەن دىئالوگلىشىىشى، ئۇلارغا گەپ قىلىشى كېرەك. بۇ تامامەن قىلغىلى بولىدىغان ئىش. مېنىڭچە، يۇقىرىقى بەش كىشىنى جەمئىيەت ئاز-تولا چىرىتقان بولسىمۇ، مېنىڭچە ئۇلار پەقەت گەپ يېمەيدىغان ھاماقەتلەردىن ئەمەس. بىز تېلۋۇزۇردا << خۇداغا ئامانەت >> دېگەن گەپنى دېگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان رېئاللىق ئۈچۈن مۇختەر مەخسۇتقا(ئۇ نازىر ھەم بەك سەۋىيىلىك ئادەم ئىدىغۇ،نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ؟) <<دۇنياۋى يۈز مەشھۇر ئەسەر >> نىڭ پاخال ئەسەرلەر دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئاران 30% دائىرىدە كىتاب چىقىرىش ئىمكانىيىتى قالغان ئىجادىي ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئورنىنى ئەخلەت كىتاب ئىگىلەپ كەتمەسلىكى ۋە شۇنىڭدەك باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئابدۇراخمان ئەبەيگە، << تەڭرىتاغ>> ژۇرنىلىدا <<خۇدا ، مۇسۇلمان>> دېگەن گەپلەرنى دېگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان رېئاللىق ئۈچۈن پولات ھېۋزۇللاغا(2007-يىلى 12-ئايدا تەڭرىتاغ ژۇرنىلىغا ماقالە ئاپاردىم، ئىمىر ھەسەن ژۇرنالنىڭ بۇ تەلىپىنى دەپ بەرگەندە يىغلىغۇدەك بولۇپ چىققانىدىم)، << بەدەن ئىلىملىرى>> قاتارلىق ئۇيغۇرلارغا كېرىكى يوق كىتابلارغا مەبلەغ سېلىش ئالدىدا تۇرغان ئەقىللىق ئەركىن ئىبراھىمغا گەپ قىلىشىمىز، خەت يېزىشىمىز كېرەك (مەن يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغانلارنى زىيادە ھۆرمەتلىگىنىم، ئۇلاردىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكىنىم ئۈچۈن بۇ يەردە ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالدىم)، بۇ تامامەن قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئىدى. لېكىن بىز نېمە ئۈچۈن قىلمىدۇق؟ نېمە ئۈچۈن كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتمەيمىز؟ بۇ خەتنى ئوقۇغان ئەقىللىق زىيالىيلار ئارىسىدا يۇقىرىقى كىشىلەرگە نۇپۇزىدىن پايدىلىنىپ گەپ يېگۈزەلەيدىغانلار، قاملاشمىغان ئەسەرلەر بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى بۇلغاۋاتقان << يازغۇچىلار >> نى جايىدا، ئىلمىي تەنقىدلىيەلەيدىغانلار، ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقىدا جىددىي قەلەم ئېلىشقا، ئىزدىنىشقا تىگىشلىك، شۇنداقلا زىل، نازۇك تېما ھېسابلانمىغان ئەخلاق كرىزىسى، قىممەت قارىشى، پىكىر كرىزىسى ھەققىدە ئاجايىپ ياخشى نەرسىلەرنى يازالايدىغانلار بار. بىز نېمىشقا قىلغىلى بولىدىغان ئىشلاردىمۇ سۈكۈت قىلىمىز؟ ئۆزىمىز تەنقىد قىلىۋاتقان ئىللەت ئۆزىمىزدە ساقلىنىۋاتامدۇ قانداق؟ بىز مۇمكىن بولغاندا ماقالە يېزىپ ئېلان قىلىشىمىز، مۇمكىن بولمىغاندا خەت يېزىپ رولى چوڭ كىشىلەرگە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. مەن دېمەكچى ،بىر خىل ئىمكانىيەتنىڭ يولى ئىتىلسە، بىز يەنە بىر خىل ئىمكانىيەتنىڭ ئامالىنى قىلىشىمىز ۋە توساقلاردىن شۇڭغۇپ كىرەلىشىمىز كېرەك.
    2. ئىجتىمائىي پەن زىيالىيلىرى ھەمكارلىشالمايۋاتىمىز. بۇ بىزدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مۇنەۋۋەر پېداگوگ ئابدىۋەلى مۇقىيت << مەدەنىيەت بوستانى>> پروگراممىسىنىڭ زىيالىيلارنىڭ بۇرچىغا ئاتاپ ئىشلەنگەن سانىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك،<<مەن ئۇنىڭ بىر يېرىنى ياقتۇرمايمەن، ئۇ مېنىڭ بىر يېرىمنى ياقتۇرمايدۇ، ئىشقىلىپ بىر-بىرىمىزنى ياقتۇرمايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر يەرگە كېلەلمەيمىز.>> تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا بۇ بىزدىكى ئىلىمگە بولغان ھۆرمەتنىڭ مۈجمەل ئىكەنلىكى، ئىلمى ئەخلاقنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ھېلىمۇ پۇچەك ئادەملەرنىڭ جىقلىقىدىن ئىچىمىزنى تۆكىدىغان ئادەم تاپالماي قىينىلىمىز. ئەمدى بىر يەرگە كېلىپ بىلىدىغانلىرىمىز ھەققىدە دىئالوگلىشىشقا، قىلىۋاتقان تەتقىقاتىمىز ھەققىدە باشقىلاردىن پىكىر ئېلىشقا، ھەمكارلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايمىزمۇ؟ بۇ ئۇنچىلىك دەرىجىدە قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەستىغۇ؟ ئىجتىمائىي پەندە مۇتلەق توغرا پىكىر بولمايدۇ، پەقەتلا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ قىلىنغان پىكىر بولىدۇ. شۇڭا بۇ پىكىرلەر ھامان بىر تەرەپلىمىلىكتىن، يۈزەكىلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ خىل نۇقساننى ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى ئارقىلىق تۈزەتكىلى بولىدۇ. زىيالىيلارنىڭ، مىجەزى كېلىشىدىغان ئىلىمگەرلەرنىڭ سورۇنلىرى گەپ سېتىش، يەپ-ئىچىش ئورنىغا ئايلىنىپ قالسا، بۇ شۇ زىيالىينىڭ پۇچەكلىكى، قورسىقىنىڭ، روھىنىڭ تېخى تويۇنمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. << بىز ئىلىم چېيى>> ،  << ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش چېيى>> ، <<كىتاب ئۇقۇش تەسىراتى چېيى>> قاتارلىق يېڭىچە سورۇن تۈرلىرىنى پەيدا قىلىپ بىر خىل ئىلمىي كەيپىيات پەيدا قىلىشىمىز كېرەك. بۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس.
    3.  ئۆزىڭىزدىن ئوبدان سوراڭ : << ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە سىزدىن باشقا ياخشىراق پىكىر قىلىدىغان ئادەم يوقمۇ؟ >> مېنىڭچە، بۇ خەتنى ئوقۇغان ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىي ئۆز كۆڭلىدە شۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز پەقەت ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئىزدىنىۋاتقانلار، شۇڭا ھەر بىرىمىز ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ئىشنىڭ، ئۆزىمىز دەۋاتقان گەپنىڭ ئەھمىيىتىنى زىيادە يۇقىرى باھالايمىز، باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى بىر خىل سوغۇق نەزەر بىلەن كۆزىتىمىز. راستىنلا باشقا زىيالىيلاردا بىز ئۆگەنگۈدەك تەرەپلەر يوقمۇ؟ ئەگەر <<ھەئە>> دەپ جاۋاب بەرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى. ھەر بىرىمىزدە ،يۇقىرىقى سوئالغا <<ھەئە>> دەپ جاۋاب بېرىۋاتقان سىزدىمۇ كەمچىلىك بولىدۇ. پەقەتلا باشقىلارنىڭ پىكرىدىكى، ئىلمىي پوزىتسىيىدىكى ئارتۇقچىلىقنى ،ئىشقىلىپ ئۆگەنگۈدەك بىر يېرىنى ئاۋۋال كۆرەلىگەنلەر ۋە قوبۇل قىلالىغانلار قىممەتلىك زىيالىيلاردۇر. بىر زىيالىينى ئاخىرقى ھېسابتا كېرەكسىز قىلىۋېتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى دەل ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىش كېسىلىدۇر.
    4. تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى ،شۇ قاتاردا كىتابلارمۇ قىممەتلەپ كەتتى. بىز نېمە ئۈچۈن كىتابلارنى بىر-بىرىمىزدىن قىزغىنىمىز؟ بولسا بىز ئۆزىمىزدە بار كىتابلارنىڭ تىزىملىكىنى تىزىپ ئۆزىمىز يېقىن ئۆتكەن زىيالىيلارغا تاپشۇرۇپ ئىلمىي ئۇچۇر يەتكۈزۈشىمىز، ھەمكارلىشىپ كىتاب سېتىۋېلىش ،كىتابلاردىن تەڭ پايدىلىنىشنى سىناق قىلىپ بېقىشىمىز ۋە ئۆزىمىز ئىگىلىگەن ئىلمىي ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىمىز كېرەك. قاملاشمىغان يېرى، نۇرغۇن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىر-بىرىدىن كىتاب ئەمەس، ئۇچۇرلارنىمۇ قىزغىنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىلگىرىلەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ زىيالىيلاردىكى پاجىئە بولماي نېمە؟
          بىزنىڭ چەكلىك ئۆمرىمىز قالدى. بەلكىم بېسىپ ياتقان بەزى كىتابلىرىمىزنى ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىتىش پۇرسىتى بولماسلىقى مۇمكىن. بىز ئۇ كىتابلارنى گۆرىمىزگە ئەكىتەلمەيمىز. ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلار بولسا كىتابلىرىمىزنى ئارىيەت بېرەيلى، كىتاب ئارىيەت ئالغانلار لەۋزىمىزدە تۇرۇپ كىتابنى ۋاقتىدا قايتۇرايلى، باشقىلارنىڭ كىتابىنى بېقىۋالىدىغان قىلىقنى قىلمايلى. 
    5. ئۇيغۇر ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى بەك ئاجىز، خەلقئارا ئۆلچەمدىن يىراق. بىز ئىلمىي تەتقىقاتنى خاتا چۈشەنگەن. مەسىلەن، بىز كىتابخانىدىن <<مەدەنىيەت تەزكىرىسى>> دەپ ئېسىل كىتابتىن بىرنى سېتىۋالغان ۋە ئۇ كىتابلاردىكى نۇقتىئىنەزەرلەرنى ياقتۇرۇپ قالغان بولساق، ئۆزىمىزچە شۇ پىكىرلەرنى مۇشۇ تېمىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق قاراش دەپ بىلىمىز، ئۇنىڭ خەلقئارادا شۇ تېمىدا ھازىرغىچە بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن كىتابلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىتاب ئىكەنلىكى ۋە مەلۇم بىر خىل پىكىرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئويلاشمايمىز. بىز ئىلمىي تەتقىقاتتىكى سىتاتا قائىدىسى، ئىزاھات قائىدىسى، نەزەرىيە ئەسلەش قائىدىسىدىن خەۋەرسىز. ماقالىلىرىمىز ھېسسىي قاراش تىپىدىكى ماقالىلەر بولۇپ پاكىت ۋە ئىلمىي دەلىل كەمچىل. شۇ تېمىدا پەقەت ھازىرغىچە ئۆزىمىزلا قەلەم تەۋرىتىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا ئەسەر يازىمىز. بىزدىن بۇرۇنقىلارنىڭ ئوخشاش تېمىدىكى قاراشلىرىنى، خەلقئارادىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتمەيمىز. ئەمدى بىز- مۇشۇ دەۋر زىيالىيلىرى مۇشۇنداق كۈلكىلىك پوزىتسىيىگە جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. 
    6.  بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نەزىرىيىگە تۇتقان پوزىتسىيىمىزدىن خىجىل بولۇشىمىز كېرەك. ئاددىي ئاۋام ئارىسىدا نەزەرىيىنى تىللاش، مەنسىتمەسلىك، مازاق قىلىش، چۈشەنمەسلىك ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلاندى. بۇ خىل ناچار يۈزلىنىشنىڭ بىر مەسئۇلىيىتى زىيالىيلاردا. باشقىلارغۇ مەيلى، بۇ خەتنى ئوقۇۋاتقان سەگەك ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كېچىكتۈرمەسلىكى، يېرىم يىل ئەتراپىدا ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسىنى جىددىي ئۆگىنىشى كېرەك. ئېنگلىسنىڭ<< ھەر قانداق بىر مىللەت دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن دەيدىكەن، ھەر دەقىقە نەزەرىيىۋى تەپەككۇردىن ئايرىلماسلىقى كېرەك>> دېگەن سالمىقى ئېغىر گېپىنى بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەر بىر زىيالىي ئاڭلىغان، ئوقۇغان ياكى ماقالىلىرىدە سىتاتا ئالغان، ئەمدى گەپنى ئەمىلىيىتىمىزدە كۆرسىتىدىغان دەۋر كەلدى. ھەر قانداق بىر ماقالىدە شۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنىدىغان ئۇقۇملارغا دائىر نەزىرىيىلەر جايىدا تەدبىقلىنىشى كېرەك. راست، ئەمما قۇلاققا خۇشياقمايدىغان گەپتىن بىرنى قىلغاندا، بىز ئۆزىمىز شۇغۇللىنىۋاتقان پەننىڭ نەزەرىيىسىنى بىلمەيمىز.
    7 . بىز ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان نۇقسان، ئىللەتلەرنى ھېس قىلالايمىز ۋە پىكىر قىستىغاندا ئۆزىمىز بىلگەن نۇقتىلاردا قەلەم تەۋرىتىمىز. ئەمما، بىزدە ئۆزىمىز تەنقىدلەۋاتقان ئىللەتلەرنىڭ ئۆزىمىزدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان باتۇرلۇق بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلاردا ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئېغىرلىقى ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ ئۆزىمىز ۋاقىتقا رىئايە قىلمىساق، ھەددىدىن زىيادە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە زىياپەتنىڭ زىيىنىنى ھېس قىلىپ ۋە ئۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزىمىز ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ سەلبىي تەسىرى تۈپەيلى تەنقىدىي تەپەككۇردىن ئايرىلىپ قالساق ، ۋاقىتلىق خۇشاللىقلار ئۈچۈن سورۇنلاردىن نېرى كېلەلمىسەك، بۇ بىر قارا يۇمۇر. زىيالىيلىق نامى ئابىستىراكىت تەپەككۇردا، تەنقىدىي پىكىردە ئىپادىلىنىپ قالماستىن كونكرېت ھەركەتلىرىمىزدە ئىپادىلىنىشى كېرەك. ئومۇمەن، بۈگۈنكى دەۋر ھېچقانداق دەۋردىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر تۈركۈم ئىجتىمائىي پەن زىيالىيلىرى دەل ئۇيغۇرنىڭ رىئاللىقى ۋە بۈگۈنكى دەۋر تەقەززا قىلىۋاتىدۇ.فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر ژان مىچېل ئۆزىنىڭ << تەنقىدچى زىيالىيلارنى تەنقىد >> ناملىق ماقالىسىدە ئۆزى تەنقىد قىلىۋاتقان نۇقتىلارغا ئەمەل قىلمايدىغان زىيالىيلارنى << ساختا ئالىجانابلار >> دەپ ئاتاپ مۇنداق يازىدۇ: << بۇنداق زىيالىيلار تەنقىد ئۈچۈنلا تەنقىد قىلىدۇ، تەنقىدنى شۆھرەت ۋە ياشاش دەستىكىكىگە ئايلاندۇرۋالغان. ئۇلار تەنقىدسىز ياشىيالمايدۇ، ئەمما ئۆزى تەنقىد قىلىۋاتقان تېمىنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى تۇيمايدۇ.>> ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھايات ۋاقتىدا <<قەھرىمانلارنى دەۋر يارىتىدۇ >> دېگەنىدى. بۈگۈنكى دەۋر قەھرىمان بولالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ خىرىس پۇرسەتلىرىنى ۋاقتىدا تونۇپ ۋە ئۆز ئىدىيىسىگە ئەمەل قىلىپ ياشايدىغان زىيالىيلارغا، ئۆزىدە بار ئىللەتنى مىللەتكە ئارتىپ قويمايدىغان زىيالىيلارغا موھتاج.
    8.  بىز ئابىستىراكىت تەپەككۇرىنىڭ، زىيادە كەڭرى قىزىقىشنىڭ زىيىنىنى تونۇپ يىتىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان جەمئىيىتىدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ساماندەك، ئەيدىزنىڭ يامرىشى تىز، ئىشسىزلىق ئېغىر، قىممەت قارىشىمىز كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. لېكىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نىسبەتەن مەۋھۇم ياكى ئابىستىراكىت نۇقتىلاردا پىكىر يۈرگۈزىۋاتىدۇ ياكى قەلەم تەۋرىتىۋاتىدۇ. مېنىڭ بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئېگىز تاغ چوققىسىدىكى بۇتخانىدا ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇپ كۆزى يۇمۇلغان ھالەتتە يىراقلارغا يۈزلەنگەن راھىبلارغا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ. لېكىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بۇنداق راھىبسىمان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كېرەك ئەمەس. بىز ئەركىن سىدىقنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشىمىز، كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتۈشىمىز كېرەك. راستىنى دېگەندە، ئەركىن سىدىق ئاكا ئىجتىمائىي پەن تېمىسىدا قەلەم تەۋرىتىدىغانلارنى خىجىل قىلىپ قويدى. مەنمۇ ئەسلىدە << ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىمنى كېيىن ۋاقتى كەلگەندە بىراقلا كۆپچىلىككە سۇناي>> دەپمۇ ئويلىغان. ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئاددىي بولسىمۇ ئەمەلىي قىممىتى بار تېمىلاردا قەلەم تەۋرىتىپ تۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم.
            ئۇنىڭدىن باشقا ،ئابىستىراكىت تەپەككۇرىمىز كونكرېت تەتقىقات تېمىسىدا ئىزچىللىشىشى، بىر تېمىدا پىكىر قىلىۋېتىپ يەنە بىر تېمىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. زىيادە كەڭرى قىزىقىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىجتىمائىي پەندە ئۇنىڭغىمۇ، بۇنىڭغىمۇ قىزىقىش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلە. بۇ ھال ھېچقانداق كونكرېت ساھەگە پىششىق بولماسلىق، كەسىپتىكى چالىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى پەلسەپە، سىياسىي، جەمئىيەتسۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، ئەدەبىيات ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىدە زۆرۈر بىلىملەردىن خەۋەرداردەك ھېس قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە بۇ ساختا تۇيغۇ. ئۇ پەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىزدىنىشىمىزگە، قىزىقىش دائىرىمىزنىڭ ھەممە تۈرىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىزغا شارائىت يار بەرمەيدۇ، ئۆمرىمىزمۇ يەتمەيدۇ. بىز تەتقىقات دائىرىمىزنى تارايتىشىمىز ۋە كونكرېت تېمىلار ھەققىدە ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ ئىزدىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلاردا ئەخلاقشۇناس، پسىخولوگ، جەمئىيەتشۇناس يوق. ئۇيغۇرلاردىكى ئەخلاق كرىزىسى، قىممەت قارىشى كرىزىسى، پسىخىكىلىق كېسەللەر ھەققىدە ئىزدىنىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغان زىيالىيلار بولۇشى كېرەك.
     9. ئۇيغۇرلاردا پىكىر يېڭىلاش دولقۇنى قوزغاش پۇرسىتى كەلدى. ھازىر ئۇيغۇرنىڭ تولۇق كۇرستىن يۇقىرى مەلۇمات ئالغان بىر قەدەر سەۋىيىلىك كىشىلىرى ئارىسىدىمۇ چوڭقۇرراق پىكىر يۈرگۈزۈلگەن كىتابلارنى ئۇقۇماسلىق خاھىشى مەۋجۇت. بۇنىمۇ ئىجتىمائىي پەن زىيالىيلىرىنىڭ بىخۇدلۇقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ رېئاللىق قانداق كېلىپ چىققان بولسا، بىز يەنە شۇنداق ئۇسۇل بىلەن رېئاللىققا جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك. ئىلىم ھاۋاسى پەيدا قىلىپ ئىلىمنىڭ ئىناۋىتىنى، پىكىرنىڭ ھۆرمىتىنى ئۆزىمىز قىلىشىمىز كېرەك. مېنى مۇشۇنداق بىر خىل ئەھۋال ئېچىندۇرىدۇ: بىر باي داستىخان سېلىپ ئون زىيالىينى بىر يەرگە چاقىرىپ ئۆز گېپىنى ئاڭلاتقۇزۇپ ئولتۇرغۇزالايدۇ. لېكىن ئون زىيالىي بىر بايغا ئۆزىنىڭ گېپىنى يېگۈزەلمەيدۇ. بۇ بىزدىكى زىيالىيلارنىڭ ئۇيۇشۇلمايۋاتقانلىقىنىڭ، ماددىيلىقنى زىيادە چوڭ بىلىپ كىتىۋاتقانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى. بۇ نېمە ئۈچۈن؟
           بۇ خەتنى چۈشىنىپ ئۇقۇغانلار خىيالى شەخسى دەردىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنى ئويلايدىغان سەگەك زىيالىيلار. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ھەر بىرىمىزدە دېگۈدەك مەۋجۇت. مەن بۇ خەتنى يېزىشتىن بۇرۇن بەك ئىككىلەندىم. ساقال تاغىقى، ھاياجان، تەنتەك دەپ چۈشىنىلىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرىدىم. ئەمما، مەن ئەمەلىيەتچانلىقنى ئۆگەندىم، كونكرېت ھەرىكەتنىڭ ئورۇنسىز سۈكۈتتىن ، مۈجمەل زىيالىينىڭ جىم بۇلېۋىلىشىدىن ئەۋزەل تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندىم. شۇڭا، مېنىڭ خاتا چۈشىنىلىشىم مەن ئۈچۈن بەرىبىر. ئۆزەم ھۆرمەتلەيدىغان، ياقتۇرۇدىغان، قولىدىن ئىش چىقىدۇ دەپ قارىغان زىيالىيلارغا بۇ خەتنى يازغىنىم ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا، ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىشكە رايىمنىڭ بارلىقىدىندۇر؛ شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭمۇ تەنقىد قىلىنىشنى خالايدىغانلىقىمدىن. مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ << تەنقىدتىمۇ ئوتتەك مېھىر بار>> دېگەن گەپنى ئەسلەپ قالدىم.
           مەن سالامەتلىكىم يار بەرسە، جېنىم تىنىمدە ئامان بولسا، مۇشۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغان ھەربىر سەگەك پىكىر ئىگىسىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە بەش يىلدىن كىيىن ئىلمىي باھا يازغۇم ۋە شەخسى خەت يېزىپ شۇ كىشىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى ھەققىدە ئوپېراتسىيە ئېلىپ بارغۇم بار.
           بۇ بەش يىلدا ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتمىگەنلەر، ئىزىغا سەكرىگەنلەر شىددەتلىك تەنقىدگە دۇچ كېلىدۇ. مېنىڭ بۇ تەنقىدنى ئۆزەم دوست دەپ بىلگەن ئادەملەرگە يازغۇم بار. ئاخىرىدا مەن خېتىمنى يەنىلا زىيالىيلار ھەققىدە جىق ئىزدەنگەن فرانسىيە جەمئىيەتشۇناسى پىئىر بوردىئونىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەن ئاخىرلاشتۇراي << بىلىم ئىگىلىرى- ئىلىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشايلى !

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.