بىزگە قانداق دوستلار كېرەك(ئۆمەرجان سىدىق)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-31 09:37:36

بىزگە قانداق دوستلار كېرەكئۆمەرجان سىدىقدوستسىز ئۆتمەك ۋەتەندە،مىسلى موردا كېپەندە.سەئىدې شىرازىدوسىتلۇق كونا تىما، لېكىن تۇرمۇش رېتىمى جىددىي تېزلىشىۋاتقان، مېھرى - مۇھەببەت سۇسلىشىۋاتقان...



    بىزگە قانداق دوستلار كېرەك
    ئۆمەرجان سىدىق

     

     



    دوستسىز ئۆتمەك ۋەتەندە،
    مىسلى موردا كېپەندە.
    سەئىدې شىرازى


    دوسىتلۇق كونا تىما، لېكىن تۇرمۇش رېتىمى جىددىي تېزلىشىۋاتقان، مېھرى - مۇھەببەت سۇسلىشىۋاتقان، ئۇچۇر - ئالاقىسى مىسلىسىز كۈچەيگەن، رىقابەت ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن ھازىرقى دەۋرگە نىسبەتەن دوستلۇق يېڭى تېما. ھازىر گېزىت - ژۇرنال، رادىئو - تېلېۋىزورلاردا مىللەتنىڭ ھالىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تېمىلاردا بەس - مۇنازىرە، مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. لېكىن ھەم يېڭى، ھەم كونا بولغان دوستلۇق تېمىسى مۇھاكىمىمىزنىڭ سىرتىدا قېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئالاھىدە تارىخىي دەۋردە دوستلۇق زادى قانداق بولۇشى كېرەك، قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ قانداق دوستلۇق ھەقىقىي قىممىتىنى تاپقان بولىدۇ، بىزگە قانداق دوستلار كېرەك؟ بۇ مەسىلىلەرنى ھەر بىر كىشى ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ھازىر رېستۇران، ئارامگاھ، ئاشخانا، ئائىلىلەردە تۈگىمەس ئولتۇرۇشلار بولۇپ تۇرىدىغان، كۈنلەپ داۋاملىشىدىغان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بۇ خىل ھالەت بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى، خەلقىمىزنىڭ ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتىكى ئالاھىدە پائالىيىتى بولۇپ قالدى. قۇرداشلار، ساۋاقداشلار، خىزمەتداشلار، كەسىپداشلار، تونۇشلار، سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارنى ئاساس قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان بۇ سورۇنلاردا ئەڭ كۆپ تەكىتلىنىدىغان، ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان تېما دوستلۇق بولىدۇ. شاراب كەيپىدىن مەستخۇش بولغان، كەيپىياتى ئۆرلىگەن، قانلىرى قىزىغان سورۇنداشلار چەكسىز ھاياجان، مىسلىسىز قىزغىنلىق ئىچىدە بىر - بىرىگە دوستلۇق ۋەدىلىرىنى بېرىشىدۇ. دوستلىرى ئۈچۈن ئوتقا دېسە ئوتقا، سۇغا دېسە سۇغا كىرىدىغانلىقىنى، جان پىدا قىلىش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشىدۇ. بىر - بىرىنىڭ قوللىرىنى چىڭ قىسىشىپ تۇرۇپ، بىر - بىرىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ كۆڭۈل چۈشەندۈرۈشىدۇ، پۈتكۈل روھىي دۇنياسىنى، يۈرىكىنى ئالدىدىكى «دوستى»غا تاپشۇرۇشىدۇ. ياندا تۇرغان ئادەم بۇ خىل قىزغىنلىقتىن چەكسىز ھاياجانغا چۆمىدۇ، «ئۇلار ھەقىقىي قەدىناس دوستلاركەن» دەپ قايىل بولۇشىدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ راستىنلا ھەقىقىي دوستلۇقمۇ؟ ئۇلار راستىنلا چىن دوستلارمۇ؟ ئەمەلىيەتتە سورۇنلاردىكى دوستلۇق شۇ سورۇننىڭ ئۆزىدىلا، ھاراق رومكىسىنىڭ سايىسىدىلا قېپ قېلىۋاتىدۇ. سورۇنلاردا مۇشۇنداق كۆڭۈل بېرىشكەن دوستلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر - بىرىدىن كۆڭۈل سوراش، ھالىغا يېتىش، ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەمدە بولۇش، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەقەللىي تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. ھەتتا بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر - بىرىنى ئۇنتۇشۇپ كېتىدۇ. دېمەك، بىزنىڭ دوستلۇقىمىز رەڭۋاز ئولتۇرۇشلاردىكى دوستلۇق، ھاراق سورۇنلىرىدىكى دوستلۇق، ئويۇن - تاماششا جەريانىدىكى دوستلۇق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈككە، بۇلۇت ئاستىدىكى تۇمانغا ئوخشاش بىر شامال چىقسا سورۇلۇپ كېتىدىغان دوستلۇق بولۇپ ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە شائىر خۇسراۋ دېھلىۋىي ناھايىتى مەنىلىك قىلىپ: «يۈز دوست تېپىلار ئاش بولسا تەييار، ئىش جانغا يەتكەندە قايسى بىرسى بار؟»، «دوستلىرىڭ كۆپىيەر پاراۋانلىقتا، ئۇلارنى ساناپ باق ناتىۋانلىقتا» دەپ يازغان.



    ىلگىرىكى دەۋرلەردە كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان دوستلۇق ئابىدىلىرى تىكلەنگەن. دوستلۇق ھەققىدىكى ئاجايىپ تەسىرلىك ھېكايىلەر تارقالغان. ئاتلار كىشنەپ، قىلىچ - نەيزىلەر جاراڭلاپ تۇرغان جەڭ مەيدانلىرىدا دوستىغا چېپىلغان قىلىچنى گەۋدىسى بىلەن توساپ، دوستى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىدىغان، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئۆلۈم ئاغزىدىن دوستىنى قۇتقۇزۇۋالىدىغان، ئىس - تۈتەك قاپلىغان ئۇرۇش مەزگىللىرىدە دوستى ئۈچۈن مىلتىق ستۋولىغا كۆكرىكىنى تۇتۇپ بېرىدىغان، ھاياتى بەدىلىگە دوستىنى سۇيىقەست، تۆھمەتلەردىن ساقلاپ قالىدىغان پىداكارلىقلار تىللاردا داستان بولغان ئىدى. ئەلۋەتتە ھازىر دوستلۇقنى ئاشۇنداق ھايات - ماماتلىق ئىپادە بىلەن سىنايدىغان ئۇنداق ئۇرۇش، جەڭ مەيدانلىرى يوق. ھازىر دوستلۇق سورۇنلاردا، ھاراق ئىچىشلەردە، ئويۇن - تاماشىدا سىنىلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇرۇنقى سەمىمىي، ئالىيجاناب، پىداكار، شەخسىيەتسىز، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان دوستلۇقنىڭ ئورنىنى ئالدىراش تۇرمۇش رېتىمى مۇھىتىدىكى ئالدىراش دوستلۇق، تېلېفوندا، توردا، بىر ۋاق تاماق ئارىلىقىدا، سورۇنلاردا بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، ئەھۋال سورايدىغان دوستلۇق ئىگىلىدى. ھەتتا داغدۇغا، ھەشەم ئىچىدە ئارىلىشىۋاتقان بىر قىسىم دوستلارنىڭ دىلى باشقا، تىلى باشقا بولىدىغان، «ئاغزىدا كۈلكە چاقچاق، قوينىدا پالتا - پىچاق» ئوينايدىغان، ئالدىدا ماختاپ كەينىدە غەيۋەت قىلىدىغان، بىر - بىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئاغزىدا تەبرىكلەپ، ئىچىدە ھەسەت قىلىدىغان، مەغلۇبىيىتىگە ئاغزىدا تەسەللىي بېرىپ، ئىچىدە خۇشال بولىدىغان، دوست دەپ يۈرسىمۇ بىر - بىرىگە ئىشەنمەيدىغان، بىر - بىرىدىن سىر ساقلايدىغان، بىر - بىرىنىڭ ئالدىدا ياسالمىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ جەمئىيەتتە خېلى كۆپىيىپ قالدى. ئۇنداقتا ھازىرقى دەۋردە دوستلۇق قانداق بولۇشى كېرەك، بىزگە قانداق دوستلار كېرەك؟



    بىرىنچى، دوستلۇق ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز ئارا ئىشەنچ، چۈشىنىش ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك. دوستلۇقنىڭ بىرىنچى شەرتى - ئىشەنچ، ھەقىقىي دوست بولۇش ئۈچۈن ئادەم بىر - بىرىنى چۈشىنىشى، بىر - بىرىگە ئىشىنىشى كېرەك. «دوستۇم قالسۇن دېسەڭ مەڭگۈ دوست بولۇپ، سۆزلىگىن مىجەز، ئادىتىنى ئۇقۇپ»(ئەبۇمەجىد سەنايى) جەمئىيەتتىكى ھەرخىل ئىرىق، ھەر خىل كەسىپ، ھەر خىل مىجەزدىكى ئادەملەر ئىستىخىيلىك ھالدا ئۆز ئارا يېقىنلىشىپ، مەلۇم بىر دوستلۇق توپىنى شەكىللەندۈرۈدۇ. ئەلۋەتتە دۇنيادا ئۆز ئارا ئوپئوخشاش ئىككى تال يوپۇرماقنى تاپقىلى بولمىغىنىدەك، مىجەزى - خاراكتېرى ئوخشاش بولغان ئىككى ئادەمنىڭ بولۇشىمۇ مۈمكىن ئەمەس. بىر دوستلۇق توپىدىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى خاس قىسمەت كۆچۈرمىشى، قىممەت قارىشى، ئارتۇقچىلىقى - كەمچىللىكى، ئۆزگىچە خاراكتېر ئالاھىدىلىكى، خاتالىق - سەھۋەنلىكلىرىنىڭ بولۇشى تەبئىي. بىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقى يەنە بىر ئادەمگە كەمچىللىك بولۇپ كۆرۈنۈشى، بىر ئادەمنىڭ كەمچىللىكى يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئارتۇقچىلىق بولۇپ ئىپادىلىنىشىمۇ مۈمكىن. ھەقىقىي دوستلار بىر - بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن پەخىرلىنىشى بىلەن بىرگە، كەمچىللىك سەھۋەنلىكلىرىنىمۇ قوبۇل قىلالايدىغان، سىغدۇرالايدىغان، ئەپۇ قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئارتۇقچىلىقىدىن خۇشاللىنىپ، كەمچىلىكىنى قوبۇل قىلالمايدىغان، نارازى بولىدىغان، ئارقىدىن غەيۋەت قىلىدىغان ئەھۋال دوستلۇققا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈدۇ. چۈنكى «گۇمان باشلانغان جايدا دوستلۇق تۈگەيدۇ، كىمكى نۇقسانسىز دوست ئىزدەيدىكەن، دوستسىز قالىدۇ». شۇڭا، دوستىنىڭ كەمچىللىك، سەھۋەنلىكى بولسا، چوقۇم سەمىمىيلىك بىلەن، يۈز تۇرانە ئېيتىشى، دوستىنىڭ تۈزىتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. دوستلۇق قانچە چوڭقۇرلاشقانچە مۇناسىۋەت شۇنچە نازۇكلىشىپ، دوستىدىن ئاسان رەنجىپ قالىدىغان، كۆڭلى ئىنچىكە بولۇپ كېتىدىغان، «يېقىن دوستۇم تۇرۇپ، شۇنداق گەپ قىلامدۇ» دەپ ئاسان خاپا بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. دانالار «بىر - بىرىسىنىڭ ئۇششاق - چۈششەك كەمچىللىكىلىرىنى كەچۈرەلىگەن كىشىلەرلا ھەقىقىي دوستلۇق يىپلىرى بىلەن باغلىنالايدۇ» دەپ ئېيتقىنىدەك كىچىك سەھۋەن، يېتەرسىزلىكلەرنى، مىجەز - خاراكتېردىكى ئوخشىماسلىقلارنى كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىۋېتىش، چوڭراق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ھەرگىزمۇ كەينىدىن غەيۋەت قىلماي، ھەممەيلەن مەسلىھەتلىشىپ، سەمىمىيلىك بىلەن يۈز تۇرانە ئېيتىش كېرەك. بۇ دوستلۇقتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئامىل. بۇ ھەقتە سەئىدىي شېرازىي:
    «ياخشى دوست ئەيىبىڭنى مىسالى ئەينەك،
    يۈزمۇ - يۈز ئۆزۈڭگە ئوچۇق ئېيتىدۇ.
    يامىنى تارغاقتەك مىڭ تىلى بىلەن،
    چاچتىن - چاچقا ئىغۋا تىزىپ ئۆتىدۇ.» دەپ يازغان.


    ئىككىنچى، ئېغىر كۈنلەرگە دۇچار بولغاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان بولۇشى كېرەك.
    «دىل، ئەگەر ناۋادا غەمگە يولۇقساڭ،
    غەمخور دوستۇڭ بولسا، ئۇ غەم ئەمەستۇر.
    قارا كۈنۈڭ ئۈچۈن دوستلىرىڭ كېرەك،
    راھەت كۈندە دوستلار ھېچ كەم ئەمەستۇر.» (ئابدۇراخمان جامىي)
    گەرچە ھازىر دوستلار ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىدىغان ئۇرۇش مەزگىللىرى بولمىسىمۇ، يەنىلا ھەرقانداق ئادەم ھاياتىدا ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقىدۇ. ئېغىر كېسەل، كۈتۈلمىگەن ۋەقە، ئىقتىسادىي كىرىزىس، سىياسىي سۇيىقەست، كەسىپتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش، تۆھمەت، جىنايەتنىڭ قۇربانى بولۇپ قېلىش، ئائىلە، مۇھەببەت پاجئەسى، ئاتا - ئانا، يېقىن قېرىنداشلىرىدىن مەھرۇم بولۇش قاتارلىق پاجىئەلەر ئادەمنىڭ ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى ھەتتە شۇ ئادەمنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۈمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا ئادەم ياردەمگە، قۇتقۇزۇشقا، تەسەللىيگە، مېھرى - مۇھەببەتكە مۇھتاج بولىدۇ. مۇشۇنداق پەيتلەردە دوستلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەن دوستىغا ھەمدەم بولالايدىغان، ئۆزىنى شەخسىيەتسىز بېغىشلىيالايدىغان بولۇشى كېرەك. دوستلارنىڭ ياردىمى بىلەن تەقدىر ئاچىلىدا گاڭگىراپ قالغان كىشى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىشى مۈمكىن. بىراق، بىزنىڭ ھازىرقى دوستلىرىمىزنىڭ ئىچىدە پەقەت سورۇندىلا دوستلۇققا يارايدىغان، بېشىغا كۈن كەلگەندە ئەسقاتمايدىغان، ھەتتا قارىسىنى كۆرسەتمەي، بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغان دوستىدىن قاچىدىغان، «پادا باققاندا دوست ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق» دېگەن تەمسىلدىكىدەك دوستلار كۆپ.



    ئۈچىنچى، دوستلۇق سەمىمىي - ساداقەت، چوڭقۇر مېھرى - مۇھەببەت، شەخسىيەتسىز بېغىشلاش روھى ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك.«دوست ھىجرىدىن ئاشىق كۈتەر ئادالەت،يا ۋەسىل ئىشىكىدە تۇرار بىر ھالەت.دوستلۇقتىن باشقا بىر مەقسىتى بولسا،ئالەمدە بارمۇ ھېچ بۇنداق رەزالەت؟» (ئابدۇراخمان جامىي)


    سەئىدې شىرازى
    «ئېلىشقا بىرمۇ - بىر دوستۇڭ كۆڭلىنى،
    ساتساڭمۇ ئەرزىيدۇ ئاتاڭ بېغىنى»


    دەپ ئېيتقىنىدەك سەمىمىي ساداقەت - دوستلۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇددىئا ئارىلاشقان، تەمە گىرەلەشكەن، غەرەز يوشۇرۇنغان دوستلۇق ھەقىقىي دوستلۇق بولالمايدۇ. دوستىنىڭ قايغۇسى ئۈچۈن ھەقىقىي چىن يۈرىكىدىن قايغۇرالايدىغان، دوستىنىڭ بەختى ئۈچۈن چىن يۈرىكىدىن خۇشاللىنالايدىغان دوستلۇقنىلا ھەقىقىي دوستلۇق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ۋەھالەنكى، بىزدە بىرگە ئىشلەۋاتقان يېقىن ئىككى خىزمەتداشنىڭ بىرى مۇكاپاتلانسا، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلسە يەنە بىرى ھەسەت قىلىدىغان، كۆرەلمەيدىغان، ئىچى زەردابقا تولىدىغان، ئىككى دوستنىڭ بىرى كەسىپتە ئۇتۇق قازانسا، ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، داڭق چىقارسا، يەنە بىرى قايىل بولمايدىغان، چوڭ بىلمەيدىغان، ئىچى ئاچچىق بولىدىغان، سىرتىدا بىلدۈرمەي يۈرگەن بىلەن ھېچبولمىسا ئىچىدە غۇم ساقلايدىغان، تازا ئەركىن ئازادە بولالمايدىغان، تەن بەرگۈسى كەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆپ. ئەلۋەتتە ئىنسان تەبئىتى نۇقتىسىدىن بۇ خىل ھېسسىياتنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىراق، بۇنداق كەيپىيات روي بەرسە، بۇ دوستلارنىڭ ئارىسىدا يەنىلا مەلۇم ئارىلىق بارلىقىنى، دوستلۇق ھېسسىياتىنىڭ يەنىلا تازا چوڭقۇر، سەمىمىي ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، «ھەقىقىي دوستلۇق ھەسەتنى بىلمەيدۇ». دوستىنىڭ غەلىبىسىنى ھەقىقىي چىن قايىللىق بىلەن تەبرىكلىيەلەيدىغان، دوستىنىڭ نوپۇزىدىن ھەقىقىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن پەخىرلىنىلەيدىغان، دوستىنىڭ ئىشلىرىغا خۇددى ئاشۇ دوستىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش چىن ئىتىقاد بىلەن جان كۆيدۈرۈپ ھەمدەمدە بولالايدىغان دوستلارلا ھەقىقىي دوست ھېسابلىنىدۇ. دانىشمەنلەرمۇ بۇ ھەقتە: «دوستىڭىز مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنى يۈرەك ياشلىرى بىلەن تەبرىكلەيدۇ، دۈشمىنىڭىز شىرىن سۆز ۋە خۇشامەت كۈلكىسىدە» دەپ ئېيتقان.


    تۆتىنچى، دوستلۇق مەلۇم غايە، ئېتىقاد، نىشان ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك. «ئىككى دوست تۇرۇشسا ھەمدەم، يانمۇ - يان، تاغلارنىمۇ ئاسان قىلىدۇ تالقان» (ئوبۇلقاسىم پىردەۋسىي) ھېچقانداق نىشان ، پىلان بولمىغان دوستلۇق مەنىسىز، قۇرۇق دوستلۇق بولۇپ قالىدۇ، بۇنداق دوستلۇقنىڭ ئۇلى ئاجىز، ۋاقتى قىسقا بولۇپ قالىدۇ. دائىم ئولتۇرۇش، سورۇنلاردا، سەيلى - ساياھەت، باراۋەتلەردە بىرگە بولۇشنىڭ ئۆزىلا دوستلۇق ھېسابلانمايدۇ. بىر توپتىكى دوستلاردا چوقۇم مەلۇم نىشان بولۇشى، ئايلىق، يىللىق پىلانلار بولۇشى، بىر - بىرىنىڭ خىزمەت، كەسپىگە، ئائىلە، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق تەدبىرلەر، بىر - بىرىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان، بىر - بىرىگە يۇقىرىقى جەھەتلەردە ياردەم بېرىدىغان ئامال - چارىلەر ھەققىدە ئىزدىنىشى، بىر - بىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ئۈچۈن ئىلھام، مەدەت، ياردەم بېرىشى كېرەك.



    بەشىنچى، دوستلۇق چوقۇم ئىزدىنىش، مېھنەت داۋامىدا مۇستەھكەملىنىشى كېرەك. «بۇ بوستاندا دوستلار بولمىسا يۆلەك، نېسىپ بولماس مەقسەت گۈلىنى تەرمەك» (سەئىدىي شېرازىي). ھازىرقى دەۋر بىلىم، رىقابەت دەۋرى. ئۇچۇر، پەن - تېخنىكا دەۋرى. شۇڭا ھەر قانداق بىر توپتىكى دوستلاردا ئۆز ئارا رىقابەت، ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىگىرلەش روھى بولۇشى، بىر - بىرىنى يېتەكلەپ، ئىلھام بېرىپ، توختاۋسىز ھالدا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەيدىغان، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولىدا تىنىمسىز تىرىشىدىغان روھ بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق دوستلۇقلا ھەقىقىي چىن مەنىسىنى تاپقان، تىللاردا داستان بولىدىغان، جەمئىيەت تەرەققىياتىغىمۇ مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدىغان دوستلۇق بولىدۇ.



    ھازىر  ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن دوستلۇق بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىمىز بولۇپ قالدى. بىز ھەر قانداق قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلسەك ئەڭ ئالدى بىلەن دوستلاردىن ياردەم سورايمىز، ھەر قانداق ئىشنى دوستلار ئارقىلىق، دوستلىرىمىزنىڭ دوستلىرى ئارقىلىق بېجىرىمىز. ھەر قانداق يەردە توسالغۇغا ئۇچرىساق، دەرھال بىرەر دوست، مۇناسىۋەتچى ئىزدەيمىز. ھەر قانداق دىلخەستىلىك، دەردىمىزنى دوستلار ئارقىلىق ئورتاقلىشىمىز، دوستلاردىن تەسەللىي تاپىمىز. مەيلى زېمىنىمىزنىڭ قەيىرىگە بارايلى ئىزدەيدىغىنىمىز ساۋاقداش، كەسىپداش، قەلەمداش قاتارلىق ھەر خىل قالپاقلار كەيدۈرۈلگەن دوستلىرىمىز بولىدۇ. مەيلى قەيەرگىلا سەپەر قىلايلى بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىپ ئىسسىق بىر پىيالە چاي قۇيىدىغان، بىزگە ئىللىق مېھىر يەتكۈزىدىغانلار يەنە شۇ دوستلىرىمىز بولىدۇ. شۇ دوستلىرىمىز بولغاچقىلا بىز دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدا بويۇن قىسىپ، غېرىپسىنىپ قالمايمىز. مەيلى ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ ئىشلار بولسۇن، مەيلى دەرھال بېجىرىشكە تېگىشلىك كىچىك ئىشلار بولسۇن تۇنجى بولۇپ يادىمىزغا ئالىدىغىنىمىز ئىرماش - چىرماش ئۆمۈچۈك تورىدەك مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ئىچىدىكى بىرەر دوست بولىدۇ. چۈنكى، شۇ دوستلىرىمىزلا بىز بىلەن ئوخشاش تىلغا، ئوخشاش قىسمەتكە ئىگە. پەقەت شۇلارلا بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى، دەردىمىزنى چۈشىنىدۇ، پەقەت دوستلىرىمىزنىڭ ئالدىدىلا ئەركىن - ئازادە، ئوچۇق ئاشكارە بولالايمىز. بۇ خۇددى خۇسراۋ دېھلىۋىينىڭ «بۇ كەڭ ئالەم دوستۇ يارەن بىلەن خۇش، باغۇ - بوستان، گۈلى - رەيھان بىلەن خۇش»، «بىرسى سۇ، كۆكتاتتىن ئالار خۇش نەپەس، بىزگە دوست دىدارى نېسىپ بولسا، بەس» دەپ يازغىنىغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن ئېيتقاندا خەلقىمىزگە نىسبەتەن دوستلۇقتىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم ئۇقۇم خۇددى بىز بىمالال ئىش بېجىرەلەيدىغان بىر فۇنكسىيىلىك تارماققا ئوخشاپ قالغان. شۇڭا دوستلۇق خەلقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن، ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىدىكى مۇشۇنداق مۇھىم بىر ساھە ئۈستىدە ھەر بىر كىشى ئەتراپلىق، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئويلىنىشى زۆرۈر.



    دوستلۇق ئىنتايىن قىممەتلىك بايلىق، پەقەت ئىنسانلارغىلا خاس بولغان بىر ئۇلۇغ ھېسسىيات، ياخشى دوست - تۈگىمەس خەزىنە. دانىشمەنلەر «دۇنيادا دوستلۇقتىن ئەۋزەلرەك ۋە يېقىملىقراق ھېچ نەرسە يوق؛ ئۆمۈر دەپتىرىدىن دوستلۇقنى ئۆچۈرۈۋېتىش - دۇنيانى قۇياش نۇرىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن باراۋەر»، «دانالىقتىن كېيىن ئادەملەرگە بېرىلگەن ئەڭ كاتتا ئىنئام دوستلۇقتۇر» دەپ ئېيتقان. دوستلۇق بىر ئادەمنىڭ ھاياتىغا، بىر توپ ئادەمنىڭ تەقدىرىگە، بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا، بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھالىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. دوستلۇق پىشاڭى ئارقىلىق نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. دۇنيادا نۇرغۇن ئۆزگىرىش، يېڭىلىقلار يۈز بېرىدۇ. تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ دوستلۇقىنىڭ ئەينى دەۋردىكى جەمئىيەت ئىدولوگىيىسىگە، ئەدەبىىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ھەققىدىكى مىساللار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، يىتۈك تىل ئۇستىسى، بۈيۈك شائىرئەلشىر نەۋائىي(مىلادىيە 1441 - 1051 يىللار) ئۆز ھاياتىدا سەييىد ھەسەن ئەردەشىر، مۇھەممەت پالۋان، ھۈسەيىن بايقارالار بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان. »سەييىدد ھەسەن بىلەن ئەلشىرنىڭ دۇنيا قاراشلىرى، شىئېرىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسەن بىردەك بولۇپ چىقتى. گەرچە ئۇلارنىڭ يېشىدا مەلۇم پەرق بولسىمۇ، لېكىن مۇشائىرەلىرى ئوخشاش ئىدى. بۇ ئىككى سىرداشنىڭ كۆڭۈللىرىنىڭ بىر - بىرىگە ئىنتىلىشى تەبئىي ئىدى. چىن دوستلۇق، بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئۇستاز ۋە شاگىرتلىق مۇناسىۋەت ئۇلارنى چەمبەرچاس باغلىغانىدى. ئۇلار پات - پات ئۇچرىشىپ ئۆز ئارا سۆھبەتلىشىپ تۇرىدىغان بولدى. بۇ سۆھبەتلەردە ئۇلار شىئېر، ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۇنىڭ تەبىئەتتىكى بارچە مەۋجۇداتلارنىڭ ئەڭ ئالىيسى ئىكەنلىكى، شائىرلار ۋە شىئېر ئەھلىنىڭ بۇرچى قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆزلىشەتتى. ئىككى ئۇلۇغ زاد ئوتتۇرىسىدىكى بۇ دوستلۇق سەييىد ھەسەن ئەردەشىر ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى 33 يىل داۋام قىلدى«. بۇ خىل دوستلۇق نەۋائىينىڭ ئىجادىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن، «ھالەتى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر» ناملىق ئەسىرىنى ھەسەن ئەردەشىرگە، «ھىلالىيە»ناملىق ئەسىرىنى ھۈسەيىن بايقاراغا بېغىشلاپ يازغان. 9641 - يىلى ھۈسەيىن بايقارا خۇراساننىڭ سۇلتانلىق تەختىگە چىقىپ، ناۋائىينى مۆھۈردارلىق، ئەمىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن، بۇنىڭ بىلەن شائىرغا تېخىمۇ ياخشى ئىجادىيەت مۇھىتى يارىتىلغان. «1051 - يىلى 3 - يانۋار كۈنى بۈيۈك شائىر، شۆھرەتلىك ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر ئەلشىر نەۋائىي دۇنيادىن مەڭگۈلۈك كەتتى، ھۈسەيىن بايقارا ناۋائىينىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ئۆزى باش بولدى ۋە ئۈچ كېچە - كۈندۈزگىچە ناۋائىيىنىڭ ئۆيىدە ھازا تۇتۇپ ئولتۇردى.» شەرقنىڭ بۈيۈك دانىشمىنى، شائىر، مۇتەپەككۇر جالالىدىن رۇمى (مىلادىيە 7021 – 3721) مىلادىيە 4421 - يىلى كونىيادا شەمشىدىن تەبرىزى بىلەن ئۇچرىشىپ، دوستلاشقاندىن كېيىن شائىرنىڭ ئىدىيىسىدە زور بۇرۇلۇش بولغان.«ئىككى ئىنسان ئۇچرىشىپ، بىرى ئىككىنچىسىدە ئۆزىنى كۆرۈپ، بىر - بىرىنى چۈشىنىپ، بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈشسە - بۇ ھەمىشەم ئالامەت ھادىسە، ئېھتىمالكى دۇنيادىكى ئەڭ ئاجايىپ مۆجىزىلەردىن بىرى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىدىغان كۈنى پەقەت شۇلارنىڭلا شەخسىي قىسمىتىدە ئۇلۇغ كۈن بولۇپلا قالىدۇ. بۇنىڭدىن يەتتە يۈز يىلدىن كۆپرەك بۇرۇن كونىيا شەھىرىدە ئۇچراشقان ئىككەيلەن بىرى ئىككىنچىسىدە يالغۇز ئۆزىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە بىر بۈيۈك ھادىسىنى - ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىنساننى كەشىپ قىلدى. ئەنە شۇ ئۇچرىشىش بولمىغان بولسا، شىمالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ - جەنۇبتا ئەرەبىستانغىچە، شەرقتە ھىندۇنېزىيىدىن تارتىپ - غەربتە تاكى شىمالىي ئافرىقىغىچە بولغان مەيداندا ياشىغۇچى ئادەملەر ئۆزلىرىنى باشقىچە ھېس قىلىپ، باشقىچە تەپەككۇر قىلىشاتتى. ئۇ كۈن «مەدەنىيەتلىك» ئاتىلىدىغان ئىنساننىڭ ئىككىنچى تەبئىتى ئۈچۈن سوقرات ۋە ئەپلاتون، گىيۇتې ۋە شېللىرنىڭ ئۇچرىشىش كۈنلىرىدەك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى. جالالىدىن رۇمى بىلەن شەمشىدىن تەبرىزى ئۇچراشقان جاي ئىنسانلارنىڭ قۇتلۇق خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالدى، بۇ جاينى ئادەملەر <ئىككى دېڭىزنىڭ قوشۇلۇشى>دەپ ئاتاشتى، بۇ ۋەقە 4421 - يىلى 62 - نويابىردا يۈز بەرگەن ئىدى». مىلادىيە 0091 - يىللارنىڭ بېشىدا ئىدىقۇت ۋادىسىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر تارىخىي شەخسلەردىن مەخسۇت مۇھىتى، تاھىربەگ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قاتارلىقلار چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان، ئەينى دەۋردىكى جاھالەت، نادانلىق، خۇراپاتلىق قاپلىغان دەۋر، مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىپ، ئۆز ئارا زىچ ھەمكارلىشىپ، نۇرغۇن قۇربانلار بەدىلىگە ئىدىقۇت ۋادىسىدا يېڭىچە پەننىي مەكتەپلەرنى ئاچقان، ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىنى تەسىس قىلغان. ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، خەلقنى نادانلىق، خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلۇشقا چاقىرىق قىلغان. بۇخىل دوستلۇقنىڭ تەسىرى بىلەن ئىدىقۇت ۋادىسىدا مەرىپەت يالقۇنى يالقۇنجاپ، يېڭىچە ئىدىيىدىكى ياشلار بارلىققا كېلىشكە، تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان سادالار كۈچىيىشكە، يېڭىچە كەيپىيات ئۇلغىيىشقا باشلىغان. دېمەك، يۇقىرىقى دوستلۇقلار ئاددىي ئىككى ئادەمنىڭ دوستلۇقىدىن ھالقىپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ تەقدىرىگە، ئىدولوگىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇلۇغ دوستلۇققا ئايلانغان.



    مەن دوستلۇق ھەققىدە گەپ بولغاندا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئۆزۈمدىن چىقىپ سۆزلەپ بېقىشنى لايىق تاپتىم. بۇ ھازىرقى بىر قىسىم ياش دوستلارغا ئۆرنەك بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. بىز 1992 - يىلى 9 - ئايدا تۇرپاندا ئالىي مەكتەپنى يېڭىلا پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چۈشكەن ئۈچ ياش ئۆز ئارا قول بېرىشىپ، دوستلۇق توپىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدۇق. كېيىن قايتا - قايتا شاللاش، تاللاش، قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق سىناش، مۇزاكىرە قىلىپ، ئۆزگىچە شەكىللەردە «ئىمتىھان ئېلىش» ئارقىلىق ئاخىرى 9 ئاغىنە بىر توپ بولۇپ ئۇيۇشتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە نۇرغۇن دوستلىرىمىز بۇ توپقا كىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، چىرايلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلدۇق. چۈنكى، «9» بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خاسىيەتلىك سان، قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزمۇ «9 ئوغۇز»، «9 قەبىلە» بولۇپ ئۇيۇشقان ئىكەن. بۇ سان بىزگە چوقۇم بەخت، قۇت، ئېزگۈلۈك ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئويلىدۇق. يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم بەك جىق بولۇپ كېتىپ، ئۇيۇشقان توپ كېلەڭسىزلىشىپ كەتسە، پىكىر بىردەكلىكى جەھەتتە ئىختىلاپ كۆرۈلۈشىدىن ئەنسىرىدۇق. دەرۋەقە، مۇخبىر، ئادۋوكات، دوختۇر، ساقچى، دۆلەت مەمۇرى، يېزا كادىرىدىن ئىبارەت 9 ئاغىنىدىن تەركىپ تاپقان بۇ توپ ساغلام تەرەققىي قىلىپ، جەمئىيەتكە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكۈدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ھازىر بۇ 9 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى ئالتىسى سىياسىي جەھەتتە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئورنىغا ئىگە بولدى. كەسپىي جەھەتتە ئۈچەيلەن تۇرپان ۋىلايىتى، تۇرپان شەھىرى بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر ياش»، بىرەيلەن«ئىختىساسلىق خادىم» بولۇپ باھالاندى. ئۈچەيلەننىڭ بىر پارچىدىن يەتتە پارچىغىچە كىتابى نەشر قىلىندى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولدى، ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە بىر قانچە قېتىم مۇكاپاتلاندى. بىرەيلەن مەملىكەت بويىچە ئىلغار شەخس، ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى. ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالتەيلەن خۇسۇسىي ماشىنا سېتىۋالدى، ئۈچەيلەن ئىدارە ئاجرىتىپ بەرگەن مەخسۇس ماشىنىدا ئولتۇرىدىغان ھالەتكە يەتتى. ھەممەيلەن بىر قانچە يەردىن ئۆي - زېمىن سېتىۋالدى. مۇھىمى بىز كۆپلىگەن مەدەنىيەت - سەنئەت، خەيرى - ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، جەمئىيەتكە زور تەسىر كۆرسەتتۇق. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات - تەشۋىقات تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككەيلەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى، بىرەيلەننىڭ ناخشا كېچىلىكىنى، بىرەيلەننىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۈچ قېتىم نورۇز بەزمىسىنى، مەشرەپ سەنئەت كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدۇق. قەرەللىك ھالدا ئىئانە يىغىپ، قىيىنچىلىقتا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا، نامراتلارغا، مائارىپقا ياردەم بەردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپان تەۋەسىدە ۋە ئۈرۈمچى، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇن ئەدەبىيات - سەنئەت، مەدەنىيەت، مۇھاكىمە، دوستلار يىغىلىشى، يېڭى يىل، ساياھەت، ياشانغانلارنى يوقلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللىدۇق ياكى تەشكىللەشكە قاتناشتۇق، باش رول ئوينىدۇق. ئەلۋەتتە بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزگە نۇرغۇن جەريان كەتتى. بىز 1992- يىلىدىن باشلاپ مۇھەببەتنىڭ رىيازىتى ۋە ھالاۋىتىنى تەڭ تېتىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ مەرىكىلىرىگە باش، قولداش بولۇپ بىر - بىرلەپ توي قىلدۇق. دۇنياغا كۆز ئاچقان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ خەتنە توي ۋە بۆشۈك تويلىرىنى بىر - بىرىمىزگە باش، قولداش بولۇپ چىرايلىق ئۆتكۈزدۇق. يەنە پەدەر ئاتىلىرىمىزدىن، غەمگۈزار ئانىلىرىمىزدىن بىر - بىرلەپ ئايرىلغىنىمىزدا، مۇسىبەت كەلگەن دوستىمىزغا ئوخشاش ماتەم تۇتۇپ، بېلىمىزغا ئاق باغلاپ، تاۋۇتنىڭ بىر بېشىنى كۆتۈردۇق. ئېغىر، كېسەل، ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچار بولغان دوستلىرىمىزغا دەرھال شەپقەت قولىمىزنى سۇنۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشتا دەرقەمدە تۇردۇق. بۇنداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىزدە توپىمىزدا مۇنتىزىم تەرتىپ، بەلگىمە، نىشان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. توپتا بىر توپ بېشى (سانغۇن)، بىر مۇئاۋىن توپ بېشى، بىر كاسسىر بولۇش، ھەر قانداق ئىشنى كېڭىشىپ، دېموكراتتىك بىر تەرەپ قىلىش، سانغۇننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا سۆزسىز بويسۇنۇش، ئۆلۈم - يېتىم، توي - تۆكۈن قاتارلىق چوڭ ئىشلاردا دەرھال نەق مەيدانغا ھازىر بولۇش، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ھەر خىل پائالىيەت مەرىكىلەردە ئاكىتىپ بولۇش، ئىزچىل تۈردە ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىر - بىرىمىزگە پىكىر - تەكلىپ بولسا چوقۇم يۈز تۇرانە ئولتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىق تەرتىپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. بىز ئون نەچچە يىلدىن بېرى بىر ئۇدۇمنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدۇق:



    ھەر يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى يەنى 31 - دېكابىر كۈنى مەيلى دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولايلى چوقۇم قايتىپ كېلىپ، 9 ئاغىنە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە بىر يەرگە جەم بولۇپ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىمىز. بۇ مۇراسىمنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە يېرى ھەر بىرىمىز (ئەر - ئايال ئايرىم - ئايرىم ھالدا) نۆۋىتىمىز كەلگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ بىر يىللىق ئىشلىرىدىن تەپسىلىي خۇلاسە چىقىرىمىز، نەتىجە - ئۇتۇقلىرىمىزنى، كەمچىللىك - نۇقسانلىرىمىزنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويىمىز. بۇ خۇلاسىنى «1. جەمئىيەتكە، خەلققە قانچىلىك ئىش قىلىپ بېرەلىدىڭ؟ 2. ئاتا - ئاناڭ، قېرىنداش، تۇغقانلىرىڭغا قانچىلىك ۋاپادارلىق يەتكۈزدۈڭ؟ 3. ئائىلەڭگە قانچىلىك مۇھەببەت ئاتا قىلدىڭ؟» قاتارلىق 3 ئۆلچەم بويىچە ئەلگەككە سالىمىز. ھەممەيلەن سۆزلەپ بولغاندا سانغۇن (توپ بېشى) ھەر بىر ئادەم ئۈستىدە ئايرىم - ئايرىم توختىلىپ، مەيلى ئۇتۇق، مەيلى سەۋەنلىك تەرەپتىن كەم قالغان تەرەپلىرىنى تولۇقلاپ، خۇلاسە چىقىرىدۇ. بۇ توپتىكى ھەر بىر دوست ئۈچۈن ئىنتايىن قاتتىق سىناق، ئېغىر ئىمتىھان بولۇپ، يىل ئاخىرىدا دوستلىرىمىزغا ياخشى جاۋاب بېرىش، يەرگە قاراپ قالماسلىق، سانغۇننىڭ تەنقىدىگە قالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ، بىر يىل تىرىشىپ ئىشلەيمىز. دېمەك، بۇ 9 قېرىنداش ئىدىيە، كەسىپ، روھىي كەيپىيات، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى جەھەتتە بىر - بىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىپ، بىر - بىرىمىزدىن ئىپتىخارلىنىپ ۋە ئىلھام ئېلىپ، ئۆزلۈكسىز ئالغا باستۇق. ئالغا باسقانچە يوللىرىمىز ئېچىلىپ، بىر - بىرىمىزگە ياردەم بېرىدىغان شارائىتىمىز كۆپەيدى. ئەلۋەتتە بىر توپتا شەخسىيەتسىز خىزمەت قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتچان، تەشكىلاتچان، قابىل، ئۇنىۋېرسال يېتىشكەن، باشقىلارغا يامان بولۇشتىن قورقمايدىغان، دوستلىرى ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغان، ئادىل، باراۋەر مەيداندا تۇرىدىغان، كۆپ قىسىم ۋاقتى، زېھنى ھەتتا ئىقتىسادىنى دوستلىرىغا سەرپ قىلىشتىن ئايانمايدىغان بىر توپ بېشى بولۇشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق ئامىل بولۇپ، شۇ توپتىكى دوستلارنىڭ قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، كىشىلىك پەزىلەت جەھەتتە قانداق ساپانى ھازىرلىشى، قانداق روھىي كەيپىياتتا بولۇشى قاتارلىقلارغا سانغۇن ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر بىز 9 قېرىنداش بىر - بىرىمىزدىن شۇ قەدەر ئىپتىخارلىنىمىز، «ھەر قانداق ئىشقا يولۇقسام 9 قېرىندىشىم بارغۇ» دەپ ھەر دائىم كۆڭلىمىز پۈتۈن، روھىمىز كۆتۈرەڭگۈ تۇرىدۇ، بۇ خىل دوستلۇقنى ھاياتىمىزدىكى ھەر قانداق نەرسىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىمىز، ئەڭ زور بايلىقىمىز دەپ بىلىمىز.



    ئۇنداقتا ھازىرقى تىنچلىق دەۋرىدە بىز دوستلىرىمىزنى قانداق سىنايمىز؟ قانداق تەلەپ قويىمىز؟ دوستلاردىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كېتىش، قۇربان بېرىشنى، ئۆزىنى بېغىشلاشنى تەلەپ قىلىش، دوستلارنىڭ كۈچىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلەش، دوستلارغا تەلەپنى بەك قاتتىق قويۇشمۇ دوستلۇقنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ، دوستلار ئارىسىدا ئىشەنچسىزلىك، ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. بىز ئالدى بىلەن ھازىرقى دەۋردىكى كىشىلەر ھاياتىدا بىر قەدەر زور ئىش ھېسابلىنىدىغان ئۆلۈم - يېتىم، نەزىر - چىراغ، توي - تۆكۈن، مەرىكىلىرىمىزدە قېرىنداش دوستلار ئۆز ۋاقتىدا نەق مەيدانغا ھازىر بولۇپ، باشتىن - ئاخىر بىجاندىل خىزمەت قىلىمىز. ئارىمىزدىكى بىرەرىمىز ئەھمىيەتلىك بىرەر پائالىيەتنى تەشكىللىمەكچى بولساق، بۇ ئىشنىڭ كۈن تەرتىپ، جەريانلىرىنى مۇزاكىرىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ھەممە ئاغىنىلەر ئۆز كۈچىمىزنى، مۇناسىۋەت يوللىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ، شۇ ئاغىنىمىز ئۈچۈن ھەمدەمدە بولىمىز، بىجاندىل خىزمەت قىلىمىز. غەيرىي رەسمىي سورۇنلاردا بىرەر دوستىمىز ئۈستىدە باشقىلار تەرىپىدىن غەيۋەت - شىكايەتلەر بولۇنۇپ قالسا، شۇ كىشىگە دەرھال رەدىيە بېرىمىز، دوستىمىزنىڭ ياخشى تەرىپىنى چۈشەندۈرۈمىز. ئۆزىمىزنىڭ بىر - بىرىمىزگە پىكرى چىقىپ قالسا، بەزى ۋاقىتلاردا كۆڭلى قېلىشلار بولۇپ قالسا، بۇنداق كەيپىياتلارنىڭ باشقا سورۇنلاردا ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قەتئىي ساقلىنىمىز. دەرھال جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھېسسىيات توقۇنۇشلىرىنى دەرھال ھەل قىلىمىز، كۆڭۈلدىكى تۈگۈنلەرنى شۇ ھامان يېشىۋېتىمىز، مۈمكىن بار بىر - بىرىمىزگە كەڭ قۇرساق، ئەپۇچان بولىمىز. ئارىمىزدىكى بىرەرىمىز بىرەر پىشكەللىككە، كېلىشمەسلىككە ئۇچرىسا، قالغان سەككىزەيلەن دەرھال ئىتتىپاقلىشىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىمىز، ھەر ۋاقىت دوستىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭمۇ دۈشمىنىمىز، دوستى بىزنىڭمۇ دوستىمىز بولىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەمگە مۇھتاج بولسا دەرھال ياردەم قىلىمىز. بىر - بىرىمىزگە ھەر دائىم روھىي ئىلھام، مەنىۋى مەدەت، پسىخىك تەسەللىي بېرىپ تۇرىمىز. ھەر خىل سەيلى - ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش، خەيرى - ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، كۈنلىرىمىزنى قىزغىن، خۇشال - خورام ئۆتكۈزىمىز. مۇشۇنداق جەريانلار داۋامىدا چۈشىنىشىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، دوستلۇقىمىز تېخىمۇ چىڭىيدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ ئەھمىيەتلىك ھەم ئەمەلىي، مەنىلىك ھەم ھەقىقىي، ئاددىي - ساددا ھەم چوڭقۇر دوستلۇق تەجرىبىمىزدىن ئىبارەت. قىسقىسى ھازىرقى دەۋردە بىزگە ئۆز ئارا ساداقەتمەن، ۋىجدانلىق، ئىشەنچلىك، سەمىمىي، تىلى بىلەن دىلى بىر، بىر - بىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغان، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، قوغدايدىغان، ماختاشتىن كېرىلىپ، تەنقىدتىن يېرىلىپ كەتمەيدىغان، غەرەزسىز، تەمەسىز مۇئامىلە قىلىدىغان، خۇشاللىق، قايغۇدا بىرگە بولالايدىغان، بېشىمىزغا كۈن كەلگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان دوستلار كېرەك.



    ئاخىرىدا  مەن ماقالەمنى خوسراۋ دېھلىۋېينىڭ تۆۋەندىكى بېيتى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
    بۇ دۇنيادا ئۆمرۈڭ بەش كۈنگە ئاۋات،
    ياخشىسى بول دائىم دوستلار بىلەن شاد.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.