ئانا تىل كىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-04 11:32:25

ئانا تىل كىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟مەن مەزكۇر ماقالەمنىڭ 1-بۆلۈمىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك،ئانا تىل ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.لىكىن،خۇددى2-بۆلۈمىدە بايان قىلغىنىمدەك ئانا تىل ھەممە كىشىلەر ئۈ...

    ئانا تىل كىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟

     

    مەن مەزكۇر ماقالەمنىڭ 1-بۆلۈمىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتكىنىمدەك،ئانا تىل ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.لىكىن،خۇددى2-بۆلۈمىدە بايان قىلغىنىمدەك ئانا تىل ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس.ئۇنداقتا ئۇ كىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟ئانا تىل ئالدى بىلەن ئاشۇ تىلنى ئىشىلىتىدىغان يەرلىك مىللەت خەلقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم.ئۇنىڭدىن قالسا،ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ئادالەتپەرۋەرلىكى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلغان،بارلىق ئىنسانلارنى ياراتقۇچى بەرگەن ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنى ئىستەيدىغان  ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم .ئەڭ ئاخىرىدا،يەر شارىنىڭ تىل ۋە بىئولوگىيە جەھەتتىكى كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى ئىستەيدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خەلقلەر ئۈچۈن مۇھىم.لىكىن،ئانا تىل يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىۋېتىش ياكى باشقا بىر مىللەتكە ئۆزگەرتىۋېتىش يولىدا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاكىمىيەتلەر ۋە كىشىلەر ئۈچۈن ئازراقمۇ مۇھىم ئەمەس.ئەگەر ھازىرقى دۇنيانى ئوبدان كۆزىتىپ باقىدىغان بولساق شۇنى چۈشىنىپ يېتىمىزكى،خۇددى باشقا مۇھىم ئىشلاردىكى ئەھۋالغا ئوخشاشلا،يەرلىك مىللەت خەلقلىرى ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  ھاكىمىيەتلەر ۋە كىشىلەر ئۈچۈن ئازراقمۇ مۇھىم ئەمەس.ئەگەر ھازىرقى دۇنيانى ئوبدان كۈزىتىپ باقىدىغان بولساق شۇنى چۈشىنىپ يېتىمىزكى،خۇددى باشقا مۇھىم ئىشلاردىكى ئەھۋالغا ئوخشاشلا،يەرلىك مىللەت خەلقلىرى ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇھاكىمىلەرگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.يەرلىك مىللەت خەلقلىرىنىڭ سۆزلىرى تەمسىل قىلىنغان ئەھۋالدىمۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگەھۆرمەت قىلىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئەمەس،مەسخىرە قىلىش تەرىقىسىدە شۇنداق قىلىنىۋاتىدۇ.يەرلىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بىر ئىسمى بار ئانا تىلىنىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدە ئۆزلىرى قارار بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي،بۇنداق قارارلار يات مىللەتتىن كېلىپ چىققان تەتقىققاتچىلار،بيۇروكراتلار ياكى سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن

    ئېلىنىۋاتىدۇ.كۆپىنچە ۋاقىتتا،بۇنداق مۇھاكىمە ۋە قارارلار يەرلىك مىللەتنىڭ ئانا تىلىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىش ياكى ئۇنى ئاكتىپلىق بىلەن يوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشىلىتىلىۋاتىدۇ.

    مىنىڭ بىلىشىمچە،ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىستىقبال ئۈستىدىكى قارارلارمۇ ھەرگىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇيغۇر بىلىم ئەھلىلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بولماستىن،بىر قىسىم تىلشۇناسلىق ئىلمىدىن ئاساسەن خەۋىرى يوق سىياسەتچىلەر ياكى ئەمەلدارلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان.ئېنگىلىزچە«لىڭۇئىكىسىم»دېگەن بىر سۆز بۇلۇپ،بۇ سۆز ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە لۇغىتىدە يوق بۇلۇپ،تۆۋەندە مەن ئۇنى ئۇيغۇرچە«لىڭگۋىسىزىم»دەپ ئالىمەن،ئۇنىڭ بىر ئېنگىلىزچە لۇغەتتىكى مەنىسى مۇنداق ئىكەن،لىڭگۋىسىزىم ئادەمنىڭ ئىرقى،يېشى ۋە جىنسى جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە كۆز-قاراشنىڭ بىر شەكلى بۇلۇپ،كەڭرى دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئۇ بىرىنچى مىللەت كىشىلىرىنىڭ2-مىللەتنىڭ ئانا تىلىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ2-مىللەتنىڭ ئېرىشكەن بايلىقى،مائارىپ سەۋىيىسى،ئىجتىمائىي ئورنى ۋە خاراكتىرلىك ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.كاڭاس خانىمنىڭ كىتابىدا دىيىلىشىچە،تۈرمىگە تاشلاش،قىيىن-قىستاققا ئېلىش قاتارلىق رەھىمسىز ئاشكارا ۋە ھەممىگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ۋاستىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا،لىڭگىۋىسىزىم ئارقىلىق بىر تىلنىڭ ئىشلتىشنى تۇسۇش جەريانى ناھايىتى مۇرەككەپ ئىشلارنى ئۆزئىچىگەئالىدۇ.

    بىرىنچىدىن،لىڭگىۋىسىزىم يەرلىك مىللەت ۋە ئازسانلىق مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يول قويمايدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆزئانا تىلىغا ئۆزمەۋجۇتلىقىنىڭ،ئۆز نوپۇسىنى كۆپەيتىپ تۇرۇشنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى ئىستەيدىغان خەلق سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى تەرىقىسىدە مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويمايدۇ.لىڭگىۋىسىزىم بۇنداق مەقسەتكە قۇرۇلما ئارقىلىق،شۇنداقلا يەرلىك خەلقنىڭ ئېڭىنى مۇستەملىكە قىلىپ،ھۆكۈمران ئورۇندىكى تىلدىن ئىبارەت بىرلا تىلنى ئىشىلتىش ئىدىئولوگىيىسىگە ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق يېتىدۇ.كاڭاس خانىمنىڭ مەزكۇر كىتابىدا فىزىكىلىق مۇستەملىكە بىلەن كۆڭۈل مۇستەملىكىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىل مۇستەملىكە ئوقۇمى ئىشىلىتىلگەن بۇلۇپ،مىنىڭچە بۇ يەردىكى كۆڭۈل مۇستەملىكىسى بېسىۋېلىنغانلارنىڭ كۆڭلىگە بېسىۋالغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى قاچىلاپ،شۇئارقىلىق بېسىۋېلىنغانلارنىڭ كۆڭلىنى پروگراممىلاش جەريانى دەپ چۈشەنسە بولىدۇ.

    ئىككىنچىدىن،ئەگەر بىر ئېتنىك ئادەم توپىنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمايدىكەن،ئۇلار بىر«خەلق»ئەمەس،پەقەت بىر گۇرۇپپا ئادەم ياكى بىر گۇرۇپپا نوپۇستىنلا ئىبارەت.ئۇلار ئايرىم بىر دۆلەت بۇلىشنىڭ شەرتىگە،يەنى ئۆز ئانا تىلى بۇلىشى كېرەكلىكى شەرتىگە چۈشمەيدىكەن،دەپ قارىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقوقى ئىنكار قىلىندۇ.

    ئۈچىنچىدىن،ئېتنىك گورۇپپىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىشىلىتىلگەن ھەرخىل قالپاق ۋە باھالارنىڭ تەسىرى بىلەن جەمئىيەتتە كۆزگە كۆرۈنمەس ۋە ئىناۋەتكە ئىگە ئەمەس بولۇپ قالىدۇ.

    تۆتىنچىدىن،ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەت ئۆز تىلى ئارقىلىق كىلىشتۈرۈپ،ئۆز ئىدىيىلىرى بىلەن يەرلىك مىللەت خەلقىنىڭ كۆڭلىنى مۇستەملىكە قىلىپ،شۇ ئارقىلىق يەرلىك مىللەت خەلقىنى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلار،شۇنداقلا ھوقۇق ۋە ماددىي بايلىقلارنىڭ تەڭسىز قىسىم قىلىنىشى بىر نورمال ئىش ۋە بىر ئادىل ئىش دېگەنگە ئىشىنىدىغان قىلىدۇ.

    قىسقىسى فىزىكىلىق مۇستەملىكە،جىسمانىي زوراۋانلىق ۋە بىئولوگىيىلىك پەرقلەر ئاساسىدىكى مىللەتچىلىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھازىر دۇنيادىكى باي-كەمبەغەل پەرقىنى چوڭايتىدىغان،كەمبەغەللەرنى مەڭگۈ مال-مۈلۈكلۈك بولالمايدىغان قىلىدىغان،ھەمدە جەۋھەر گۇرۇپپىلارغا تەۋە كىشىلەرنىڭ يەرشارىنىڭ بارغانسېرى تېز سۈرئەتتە ۋەيران بۇلىشى جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى يۇشۇرىدىغان تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە تېخىمۇ قەبىھ ۋاستىلەر ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.