بويتاق ئەرمۇ ئۆلۈپ قالمايدۇ

يوللىغۇچى : alipbay يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-23 00:55:30

بويتاقلىقنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق خوشلۇقى باربويتاقلىقنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خوشلۇقى بار.سەن ئۆز خىياللىرىڭ ۋە ھەرىكىتىڭنىڭ سەۋەب-نەتىجىسىگە ئۆزۈڭ يالغۇز ئىگە بولىسەن،ئىشنى كىملەرگىدۇر ئارتمايسەن،ئ...

    بويتاقلىقنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق خوشلۇقى بار

     

     

    بويتاقلىقنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خوشلۇقى بار.سەن ئۆز خىياللىرىڭ ۋە ھەرىكىتىڭنىڭ سەۋەب-نەتىجىسىگە ئۆزۈڭ يالغۇز ئىگە بولىسەن،ئىشنى كىملەرگىدۇر ئارتمايسەن،ئېغىرىڭنىمۇ،يېغىرىڭنىمۇ يالغۇز كۆتۈرۈپ ،ھايات سوۋغا قىلغان خۇۋلۇق-خوشلۇقتىنمۇ مۇستەقىل بەھرىلىنىسەن.نەگە بېرىپ نەدە تۇرغىنىڭنى ھېچكىم سۈرۈشتۈرمەيدۇ.ئالدىنقى قېتىملىق نىكاھ مەغلۇبىيىتى پەيدا قىلغان جاراھەتتىن كېيىنكى بۇ خىل ئەركىن تۇرمۇش كۆپىنچە ئەرلەرنى بولۇشىچە ياشاشقا مايىل قىلىۋېتىدۇ.ئەمما بويتاقلىق مەزگىلىدىمۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلار يوق ئەمەس.بەلكى تۇرمۇشقا يەككە-يېگانە ھالدا يالغۇز يۈزلىنىشنى تاللىغىنىڭ.

     

    1.ئەركىنلىكتىن كەڭتاشا بەھرىلەن.سەن دوزاخ-زەنجىر،باغلاق ھېسابلىغان رايىڭنى خوشۇڭنى قايتۇرغان ئائىلە،تۇرمۇش ساڭا يالغۇز بەھرىلىنىشكە قالغان ئىكەن .ئۇنىڭدىن خالىغىنىڭچە بەھىرلىنىۋال،بارغۇڭ كەلگەن يەرگە بېرىۋال.ئۆيگە بېكىنىپ ئولتۇرۇپ تۇرمۇش پاجىئەلىرىنى ئويلاۋەرمە.جاراھەتنى كوچىلاۋېرىش دەرت-كۈلپەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشتىن باشقىنى قىلالمايدۇ.

     

    2.بۇرۇنقى تۇرمۇشۇڭ ۋە خوتۇنۇڭنى ئۇنتۇپ كەت.ئاجرىشىپ بولۇپمۇ يەنە بۇرۇنقى تۇرمۇشنى ھە دېسىلا ئەسلىۋېلىش ۋە بۇرۇنقى خوتۇنى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى يادىغا ئىلىپ يۈرۈش كېيىنكى تۇرمۇش ۋە ئىستىقبالنىڭ دۈشمىنى.ئايالىڭ ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن سەن ھامان ئاجراشتىڭ.مەن ئاجرىشىشتىن بۇرۇن ئىنتايىن قاتتىق ئويلىنىش ئاجراشقاندىن كىيىن بۇرۇنقى تۇرمۇش يالدامىللىرىندىن تەبىئىي قول ئۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىنمەن.تۈكۈرگەن تۈكۈرۈككىمۇ يەنە قاراپ ئولتۇرغۇلۇقمۇ؟


    3. بۇرۇنقى تۇرمۇشنى ئەسلىتىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئامالنىڭ بارىچە كۆزۈڭدىن نىرى قىل.

     

    4.ئاجرىشىپ بولۇپلا ھاراق شارابقا ياكى تايىنى يوق كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۆزۈڭنى بۇلغىۋالما ۋە يامان يولغا كىرىپ كەتمە.بىر ئەقىدە-ئېتىقادى چىڭ تۇرمۇش قارىشى ساغلام ئەر ھاياتىدىكى ھەر بىر مەغلۇبىيەتتىن ئۆزىگە خاس تەجرىبە-خۇلاسە چىقىرالايدۇ ھەمدە ئۇنى كېيىنكى قەدەملىرى ئۈچۈن پەلەمپەي قىلىشنى بىلىدۇ.نىكاھ پاجىئەيىڭنىڭ تۈپ يىلتىزىنى تاپ ۋە ئۆزۈڭدىن بارلىق ئىللەتلەرنى تازىلا.

     

    5.چۈپەيلىك قىلىپ بۇرۇنقى خوتۇنۇڭنىڭ كەينىگە كىرىۋالما ھەمدە ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا قايتىدىن ئارىلاشما.ئۇ مەيلى قايسى يولدا قانداق ماڭسۇن كارىڭ بولمىسۇن، ئۆز ئىلىكىڭدە تۈزىيەلمىگەن ئىتائىتىڭگە ئالالمىغان خوتۇننى ئاجرىشىپ بولۇپ يېتىلەپ ماڭالامتىڭ؟

     

    6.بويتاقلىقتىن پايدىلىنىپ ئۆز غايەڭ ئۈچۈن بار كۈچۈڭ بىلەن تىرىش.مانا بۇ سېنىڭ كۈلپەتنى ئۇنتۇپ ھاياتىڭغا يېڭىدىن يېڭى مەنە،خۇشاللىق قېتىپ تۇرمۇشۇڭنى قايتىدىن كۈلدۈرىدىغان ھېقىقى ياخشى تاللاش.
     

     

    مەنبەسى: نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ئەرلەرگە 101 تەكلىپ دېگەن كىتابى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.