يايلاق مەدەنىيىتى ۋە ئىنسانىيەت تارىخى(مىڭ چىبى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-08 06:57:15

يايلاق مەدەنىيىتى ۋە ئىنسانىيەت تارىخىمىڭ چىبى (موڭغۇل)قاھار ئەھەد تەرجىمىسىئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالتە خىل تىپىتارىخ — رەڭگارەڭ ئىچكى تىندۇرمىغا ئىنتايىن باي بولغان، يەنە كېلىپ ھەجىم ۋە...

    يايلاق مەدەنىيىتى ۋە ئىنسانىيەت تارىخى
    مىڭ چىبى (موڭغۇل)
    قاھار ئەھەد تەرجىمىسى


    ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالتە خىل تىپى

    تارىخ — رەڭگارەڭ ئىچكى تىندۇرمىغا ئىنتايىن باي بولغان، يەنە كېلىپ ھەجىم ۋە سىغىمنى ئۈزلۈكسىز زورايتىۋاتقان غايەت زور ئۆزەكتىن ئىبارەت. ئادەملەر ئوخشىمىغان نۇقتا ۋە ئوخشىمىغان بۇلۇڭدىن تارىخنىڭ باش-ئايىغىغا سىڭىپ كەتكەن قىزىل سىزىقلارنى تاپالايدۇ. بۇ خىل قىزىل سىزىقلار بەجايىكى ئادەم بەدىنىدىكى پەللىلەردەك توم، ئىنچىكىلىرى بولۇپ، ئۇزۇنىسىغا كەتكەن بوغۇن بىلەن توغرىسىغا كەتكەن بوغۇنلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. كىشىلەر ئوخشاش بولمىغان قىزىل سىزىقلارغا ئاساسەن تارىخىي تەرەققىياتنىڭ سەۋەب-نەتىجە زەنجىرلىرىنى ئىزدىشىدۇ. قىزىل سىزىقنىڭ ئىنچىكە-توملۇقى ئوخشاش بولمىسا، سەۋەب-نەتىجە زەنجىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتقا بولغان تەسىر قىلغۇچى كۈچ بىلەن ئەكس تەسىر قىلغۇچى كۈچنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. تارىخنى بىلىش بىلەن تەبىئەتنى بىلىش بىردەكلىككە ئىگە. تەبىئەتنى بىلىش ئۈچۈن يوللار بويىچە، ئۇرۇنۇش نۇقتىلىرى بويىچە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ، پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە موللۇقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. تارىخقا نىسبەتەنمۇ ئەنە شۇنداق پوزىتسىيىدە بولۇش كېرەك. بىر خىل سەۋەب-نەتىجە زەنجىرىنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋېلىپ، شۇنىڭغىمۇ ئېسىلىۋېلىش ھەمدە ئۇنى تارىخنىڭ باش-ئاخىرىدىكى سەۋەب دەپ كېسىپلا ھۆكۈم قىلىۋېتىش تارىخنىڭ موللۇقى بىلەن ئۆزئارا زىت كېلىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇلغان بۇ خىل ئۇسۇل تارىخقا نىسبەتەن تۇيۇق يولدىن ئىبارەت. تەبىئەتنى بىلىشنىڭ ئاخىرقى قۇتۇپى بولمايدۇ. تارىخنى بىلىشنىڭمۇ ئاخىرقى قۇتۇپى بولمايدۇ. تارىخ ئەسلا تۇرغۇن ھالەتتىكى ئۆتمۈش ئەمەس. ئۇ ھازىرنى، كەلگۈسىنى توختاۋسىز رەۋىشتە ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆز تەۋەلىكىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تارىخنى ئادەملەر يارىتىدۇ. ئادەم بولسا ئەبەدىلئەبەد يەشكىلى بولمايدىغان نامەلۇم ساندىن ئىبارەت. تارىخ بىر سىردۇركى، سىز پەقەت بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالايسىزيۇ، ئۇنىڭغا تەلتۆكۈس ئىگە بولالمايسىز. ئويلاپ كۆرەيلى، ئىنسانىيەت مايمۇنسىمان ئادەمدىن ھەقىقىي ئادەم سىياقىغا كىرگۈچە ئۈچ مىليون يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈردى. تانزانىيىدىن بايقالغان 13 پارچە دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئادەملەرنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭەكلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ يىل دەۋرى ئۈچ مىليون 700 مىڭ يىلدىن ئۈچ مىليون 950 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئادەملەرنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكى دەپ بېكىتىلدى. مۇشۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىللاردىكى ئادەملەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تامامەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتۇر. شۇڭا ھەر خىل بۇلۇڭلاردىن چىقىش قىلىپ تارىخنى بىلىش ئىنتايىن زۆرۈر بولۇپ، يايلاق مەدەنىيەتشۇناسلىقىنى چىقىش قىلىپ تارىخىي تەرەققىياتنىڭ قىزىل سىزىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىمۇ بىر خىل مۇھىم ئۇسۇل دەپ قاراشقا بولىدۇ.
    مەدەنىيەت توغرىسىدا نۇرغۇن تەبىر بار. بۇ تەبىرلەرنىڭ توغرىلىقى زادى قانچىلىك؟ بۇنىڭغا ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ھادىسىگە نېمە ئۈچۈن موھتاج بولىدىغانلىقىنى چىقىش قىلغان ھالدا باھا بېرىش كېرەك. ئادەم ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەن، ئۇ ئۆزىنى، تاشقى دۇنيانى ئۆزگەرتىشى كېرەك. ئۆزىنى ئۆزگەرتىش — ئۆزىنىڭ ماھىيەتلىك كۈچ-قۇدرىتىنى تولۇقلاپ تەبىئەتتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈندۇر؛ تاشقى دۇنيانى ئۆزگەرتىش — ئۆز ھاجەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. مەيلى ئۆزىنى ئۆزگەرتىش بولسۇن ياكى تاشقى دۇنيانى ئۆزگەرتىش بولسۇن، بۇنىڭدا قوللىنىلغان ۋاسىتە — ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي كۈچىگە تايىنىپ ياراتقان مەدەنىيەتتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۆزگەرتىش ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەتنىڭ روياپقا چىقىشىدىن ئىبارەت. بىر بۆلۈم ئىنسانىيەت تارىخى مەدەنىيەتتىن پايدىلىنىپ ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ دۇنيانى يارىتىش تارىخىدۇر. ئىجتىمائىيەتنىڭ ئۆزى بىر خىل مەدەنىيەت مۇھىتى بولۇپ، ئادەم بۇ خىل مەدەنىيەت مۇھىتىدا ياشىغىنىدا ھەم بۇ خىل مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ھەم بۇ خىل مۇھىتقا يېڭى مەزمۇن قوشىدۇ. ناۋادا ئەڭ زور چەكتە يېڭىلىق ياراتماستىن، بەلكى قول قوشتۇرۇپ كۈتۈشتىن ئىبارەت پاسسىپلىق بىلەن بۇ خىل مۇھىتنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغاندا مەدەنىي مۇھىت سۇسلىشىدۇ. ئىجتىمائىيەتنىڭ مەدەنىيەت تەركىبى سۇسلاشقان ھامان، ئادەمنىڭ ئەقلىي، جىسمانىي قۇۋۋىتى ئۇرغۇيالماي، ئادەم ئوبيېكتىپ تەبىئەت ئالدىدا قابىلىيەتسىز، كۈچسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئادەمنىڭ تەبىئىي ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىمۇ ئاجىزلىشىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىي كۈچىمۇ ئەھمىيەتسىز ئۇرۇنۇشلاردا خورايدۇ.
    ھەربىر جەمئىيەت ئۆز ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مەدەنىيەت ئىچكى تىندۇرمىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. جەمئىيەتنىڭ ئىچكى  تىندۇرمىلىرىغا نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىدىن ئىبارەت. بىراق قەدىمدىن ھازىرغىچە مۇنداق بىرنەچچە خىل ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىلىرىنى ئايرىپ چىقىشقا بولىدۇ. بۇلار: ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى، ئىپتىدائىي تېرىپ-يىغىش ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى، تېرىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى، سودا-سېتىق ئەندىزىسى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىدىن ئىبارەت. بۇ بىرنەچچە خىل ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىگە مۇناسىپ ھالدا، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ مۇساپىسىدە ئالتە خىل مەدەنىيەت تىپى مەيدانغا كەلگەن. بۇلار: ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق مەدەنىيىتى، ئىپتىدائىي تېرىپ-يىغىش مەدەنىيىتى، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى (ياكى يايلاق مەدەنىيىتىمۇ دېيىلىدۇ)،  تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى، سودا-سېتىق مەدەنىيىتى، سانائەت مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت. بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە نىسبەتەن ئېيتىلغان. ھەممە رايون، ھەممە مىللەت بۇ ئالتە خىل مەدەنىيەتنى باشتىن كەچۈرمەيدۇ. لېكىن بۈگۈنكى دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تەرەققىيات سەتھىسىدە غايەت زور پەرقلەر روياپقا چىقتى. ئومۇمەن مەدەنىيەتنىڭ بۇ ئالتە خىل تىپىنى تەلتۆكۈس باشتىن كەچۈرگەن مىللەتلەر بىلىش جەھەتتە بىرقەدەر تاكامۇللۇققا ئېرىشتى. ناھايىتى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە بولدى؛ ۋەھالەنكى، مەدەنىيەتنىڭ بۇ ئالتە خىل تىپىغا تويۇنمىغان مىللەتلەردە تەبىئىي كەمتۈكلۈكلەر ئۆزىنى ئاشكارىلىدى.
    كەڭ مەنىدىكى مەدەنىيەت ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى پۈتكۈل نەتىجىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ئومۇمىي رولى ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. ماددىي ئىشلەپچىقىرىش كىشىلەرنىڭ ماددىي موھتاجلىقلىرىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ئوبيېكتىپ ئۈنۈمى ئىپتىدائىي تەبىئەتنىڭ قالاقلىقىنى ئۆزگەرتتى. بۇ خىل ئۆزگەرتىشلەرنىڭ جۇغلانمىلىرى بۈگۈنكى يەر شارىدىكى ئاۋات، باياشات بولغان سۈنئىي تەبىئەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى؛ مەنىۋى جەھەتتىكى تەربىيىلەر ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ئىشلەپچىقىرىشلار ئادەمنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ ئۈنۈمى ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىنى ئۆزگەرتىپ، ئادەمنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىكى قەھەتچىلىكلەرنى تۈگىتىدۇ. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئادەملەرنىڭ كۈللى مەۋجۇداتنىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ، تەڭرىنىڭ ئورنىنى بېسىشى دەل مۇشۇنداق ئۆزگەرتىش جۇغلانمىلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەدەنىيەتنى ئۇقۇم جەھەتتە ماددىيەت ۋە مەنىۋىيەتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئېنىق ئايرىغىلى بولىدۇ. لېكىن رېئال تۇرمۇشىمىزدا بۇ ئىككىسى چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىگە ئۆزئارا بېقىنىدۇ، بىر-بىرىگە ئۆزئارا تۈرتكە بولىدۇ، بىر-بىرىنى ئۆزئارا بېيىتىدۇ، بىر-بىرىنى ئۆزئارا يۈكسەلدۈرىدۇ. بۇ ئىككى تۈرنىڭ مەركىزى ئادەم بولۇپ، ئادەم ئۇلارنىڭ سۈپەت ۋە سانىنى بىر ياقلىق قىلىدۇ. بۇ، ئادەم پەقەت ئۇلارنى ئىدارە قىلىدۇ، ئەسلا ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئادەم ۋە مەدەنىيەت بىر-بىرىنى يارىتىدۇ. ئادەم مەدەنىيەتنى يارىتىدۇ. مەدەنىيەتمۇ ئادەمنى يارىتىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ئادەمنى يارىتىشى ئىككى تەرەپتىن مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمنىڭ ياۋايىلىقىنى بايقۇت قىلىدۇ. بۇ ئىككىسى قوشۇلۇپ ئادەمنىڭ مەدەنىيلىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھەرقانداق مەدەنىيەت شەكلىنىڭ ئادەمنىڭ ئاساسىي كۈچ سەرپ قىلىش نۇقتىسىنى يارىتىشى ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت شەكىللىرى كۈچ سەرپ قىلىش نۇقتىلىرىنىڭ يۆنىلىشىدە ئىختىلاپ كۆرۈلىدۇ، بەزىدە بۇ ئىختىلاپ ناھايىتى زور بولىدۇ.
    ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت شەكىللىرى ئوخشاش بولمىغان ياشاش ئۇسۇلى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. ھەربىر خىل مەدەنىيەتنىڭ ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان زامان كەڭلىكى بولىدۇ. بۇ كەڭلىك نەچچە يۈز يىل، ھەتتا نەچچە مىڭ يىلغا سوزۇلىدۇ. بۇ كەڭلىكتە خانىدان-سۇلالىلەر ئالمىشىدۇ. سىياسىي ھوقۇق ئالمىشىشتەك چوڭ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. پەقەت ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىلىرىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ياشاش شەكلىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مەدەنىيەت شەكلىنىڭ مېرىدىئان تورلىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئادەملەرنىڭ پسىخىك مەزمۇنلىرىدىمۇ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتى بىر قېلىپتا قايتا-قايتا تەكرارلىنىپ، بىر تۇراقلىق ساننى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئادەملەردە پسىخىك جۇغلانمىلارنى قالدۇرۇپ، كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنى شەكىللەندۈرمەي قالمايدۇ. بۇ خىل يوشۇرۇن ئاڭ — كىشىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيانى بىلىشتىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچى ۋە تاشقى دۇنيا ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەندىزىسىدىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇنداق ئەندىزە مەۋجۇت بولۇش سەۋەبلىك، قىممەتكە، ئەخلاققا ۋە گۈزەللىككە باھا بېرىشتە بىر خىل قاراتمىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  بۇ خىل قاراتمىلىق بىر مىللەت بىلەن يەنە بىر مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيادىكى بارلىق مەدەنىيەت پەرقلىرى مانا مۇشۇنداق شەكىللەنگەن بولىدۇ. بىر خىل مەدەنىيەت مۇھىتىدىن يەنە بىر خىل مەدەنىيەت مۇھىتىغا تۇيۇقسىز كىرگەندە، ئادەم ئۆزىنى بىئەپ سېزىپ قورۇنىدۇ. ھەتتا يېتىرقايدۇ تاكى بېقىندۇرۇلمىغىچە، ياكى ئاسمىلياتسىيە قىلىنمىغىچە بۇ خىل تۇيغۇ يوقالمايدۇ. بۇنىڭغا دەل كونا پسىخىك ئەندىزىلەر كاشىلا تۇغدۇرۇۋاتقان بولىدۇ. بۇ خىل ئەندىزىنىڭ تەسىرىدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بولۇپ، بۇ جەريان ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ.
    تارىخنىڭ كەسمە يۈزىدىن قارىغاندا، ئادەملەردىكى پسىخىك ئەندىزە بىر قاتلامنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان بولۇپ، بۇ ئادەملەرنىڭ ئەقلىي قابىلىيەت قۇۋۋىتىدە چوڭقۇر قۇدۇقتىن بىرنى ئارتۇق قازغان بىلەن باراۋەر، ئادەملەرنىڭ ھاياتىدىمۇ يېڭىچە ھالەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئادەملەر باشتىن كەچۈرگەن مەدەنىيەت مۇھىتلىرى كۆپ بولغانسېرى ئەقلىي قۇۋۋەت قۇدۇقلىرىمۇ كۆپىيىدۇ. ئادەملەر ھاياتىنىڭ ئەسلى قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ زور بولىدۇ. بىرنەچچە خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا ئۆتۈشۈشى ئاز بولىدىكەن، ئادەم زېھنىگە قارىتىلغان ئېچىشمۇ ئازايغان بولىدۇ. ناۋادا بىر مىللەت ئۇزۇنغا سوزۇلغان زامان كەڭلىكىدە، بىر-ئىككى خىل مەدەنىيەت شەكلىگە تۇراقلاشقان بولسا، يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمىسە ھەمدە غەيرىي مەدەنىيەتنىڭ سىڭىپ كىرىشىمۇ بولمىسا، ھازىرقى مودا گەپ بويىچە ئېيتقاندا، ئېنتروپىيىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ناۋادا يەنە كېلىپ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى بېكىنمە بولىدىكەن، بۇ مىللەتتە چېكىنىش، خارابلىشىش يۈز بېرىشى، ئاخىرىغا بېرىپ يەر شارىدىن يوقىلىشى مۇمكىن. ھازىرغىچە مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمىغان تەقدىردىمۇ، ئەقلىي قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىدە بالاغەت كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. تەقدىرىدە يەنە تېخى غەيرىيلىك كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئافرىقا، ئوكانىيە، ئاتلانتىك ئوكياندىكى بەزى يەرلىك مىللەتلەردەك ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىندىئان قەبىلىلىرىگە ئوخشاش قالاق مىللەتلەردىلا ئەمەس، تارىخىدا پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان قەدىمىي مىللەتلەردىنمۇ بۇ خىل كەمتۈكلۈكنى تاپقىلى بولىدىكەن. سانائەت مەدەنىيىتى تېخى يەر شارىدا روياپقا چىقمىغاندا، بۇ قەدىمىي مىللەتلەر ئۆزىنى سېلىشتۇرغۇدەك ئىلغار مەدەنىيەت سېلىشتۇرمىلىرى بولمىغاچقا، ئۇلار يەنىلا ئەجدادلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرىنى دەستەك قىلىپ ئەتراپىدىكى باشقا مىللەتلەرنى نەزىرىگە ئىلمايتتى؛ سانائەت مەدەنىيىتى دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن، قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ چوڭقۇر پسىخىك قاتلاملىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەر مانا مەن دەپ نامايان بولۇپ، ناھايىتى قالاقلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى. شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مەدەنىيەتنىڭ ئالتە خىل تىپىنىڭ ئىنسانىيەت مەنىۋىيىتىنى يارىتىشتا ئوينىغان رولىنى تەتقىق قىلىشنىڭ بۈگۈنكى كۈنلۈكتىكى ئىنسانىيەت يېتەلىگەن بىلىش سەۋىيىسى بىلەن مەدەنىيلىك سەۋىيىسى ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا بۇ ئىككى جەھەتتە ساقلانغان پەرقنى تونۇپ يېتىشكە نىسبەتەن ئالاھىدە پايدىسى بولىدۇ. بولۇپمۇ يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تەرەققىيات تارىخىغا نىسبەتەن ئوينىغان رولى مۆلچەرلىگۈسىز بولىدۇ. شۇڭا، تەتقىقاتنىڭ فوكۇس نۇقتىسىنى يايلاق مەدەنىيىتىگە قويۇش ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش بۇ تېمىنىڭ چىقىش نۇقتىسىدۇر.
    يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ئالتە خىل مەدەنىيەت شەكلى — ئىنسانىيەت تارىخى باشتىن ئۆتكۈزگەن پۈتكۈل مەدەنىيەت شەكلىدۇر. غەربتە، بۇ ئالتە خىل مەدەنىيەت شەكلى ئاساسەن دېگۈدەك بىر تەرەققىيات پەلەمپىيىنى شەكىللەندۈرگەن؛ شەرقتە بولسا، پەقەت ئالتە خىلنىڭ ئىككى خىلىنى: ئىپتىدائىي مەدەنىيەت بىلەن تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى باشتىن كەچۈرگەن. تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ قالغان بولۇپ، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدىلا توختاپ قالغان. ياپونىيىدىن سىرت، باشقا شەرق دۆلەتلىرى پەقەت يېقىنقى يېرىم ئەسىرگە كەلگەندىلا، ئاندىن غەربنىڭ توپ-زەمبىرەكلىرىنىڭ زەربىسى، تاۋارلىرىنىڭ بېسىپ كىرىشى ۋە ھەر خىل مەدەنىيەت ئېقىملىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، سودا مەدەنىيىتى ۋە سانائەت مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شەرق مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس تەرەققىيات قىزىل سىزىقى بولىدۇ. شەرق مەدەنىيىتى بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمايدىغان جايلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئىككى خىل قىزىل سىزىقنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
    مەيلى غەرب مەدەنىيىتى بولسۇن ياكى شەرق مەدەنىيىتى بولسۇن ھەر ئىككىلىسى ئىپتىدائىي مەدەنىيەتنى مەنبە قىلغان بولىدۇ. ئىجتىمائىي پەنلەر، بولۇپمۇ ئىنسانىيەت ئىلمى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان مۇتەخەسسىسلەردە ئىپتىدائىي مەدەنىيەتنى كۆزگە ئىلماسلىقتەك ئەجەللىك ئاجىزلىق بولۇپ، ئۇلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتنى قالاق، ياۋايىلىققا تولغان دەپ بىلگەچكە، مەدەنىيەتنى پەقەت تارىخقا پۈتۈلۈشكە باشلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان، تارىخقا پۈتۈلۈشتىن بۇرۇنقى مەدەنىيەتنى بولسا يۈزە، يېتەرسىز، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇلار مەدەنىيەتنى پەقەت ساپال، كومزەك، تۈزۈم، قائىدە-قانۇن، ھۆججەت-ماتېرىياللاردىن ئىبارەت شەكىللىك قاتلام دەپ چۈشىنىۋالغاچقا، ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرىگە بولغان تەتقىقاتقا سەل قارىغان. ئادەم ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى مەدەنىيەتنى يارىتىشى بىلەن سۇبيېكتىپ دۇنيادىكى مەدەنىيەتنى يارىتىشى ماس قەدەملىك بولىدۇ. ئىپتىدائىي ئادەملەر تاش قورال، پرونزا بۇيۇملار، ساپال بۇيۇملارنى ياساش جەھەتتە شۇنچە پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقانىكەن، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدىمۇ چوقۇم مول مەدەنىيەت تەركىبلىرى بولغان بولىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشكە بولىدۇ، مايمۇنسىمان ئادەمدىن پۈتۈنسۈرۈك ئادەمگە ئۆزگەرگىچە بولغان نەچچە مىليون يىل مابەينىدە، ئادەم ئەڭ ئالىي مەخلۇققا ئايلىنىپ، كۈللى مەۋجۇداتنىڭ قۇلى ئەمەس، بەلكى خوجىسىغا ئايلاندى. ئەجەبا بۇ ئاددىي جەريانمۇ؟ ئادەملەرنىڭ خوجايىنلىق ئورنى تارىختىن بۇرۇن ئادەملەر قورال-جابدۇقلاردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارالايدىغان، قورال-ياراغلاردىن پايدىلىنىپ ئوۋچىلىق قىلالايدىغان دەۋردىلا بېكىتىلىپ بولغانىدى. ئىپتىدائىي ئادەملەر ئىنسانىيەتنى بۇ شۆھرەتلىك ئورۇنغا ئىگە قىلىشتا ھەقىقەتەنمۇ زور تۆھپە ياراتقان. ئىپتىدائىي ئادەملەر بۇنداق ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنىكەن، ياۋايى، قالاق دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئۇلارنى سۈپەتلىسەك بولامدۇ؟ ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى نەچچە مىليون يىل مابەينىدە تاۋلانغان ئاكتىپ ۋە ئىنېرتسىيىلىك مەنىۋى ئامىلدىن شەكىللەنگەن.
    مۇشۇنداق مەنىۋى ئامىللار ئادەمنىڭ سۇبيېكتىپ كۈچ-قۇدرىتىنى كۈنسايىن زورايتىپ تۇرغاچقا، ئادەمنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ھايات-ماماتلىق كۈرەشلىرىگە تىيەك بولغاچقا، ئادەملەر قايتا-قايتا قۇربانلار بېرىۋاتقاندىمۇ چۈشكۈنلەشمەي، ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي، بەل قويۇۋەتمەي، مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبلىرىنى سوغۇققانلىق بىلەن ئانالىز قىلىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۆزلىرى تاللىۋالغان نىشاننى بويلاپ داۋاملىق ئىزدىنەلەيدۇ. ئىپتىدائىي ئادەملەردىكى مەنىۋىيەت ئامىللىرىنى تەكىتلەش، قانداقتۇر ئىدېئالىستىك ئويدۇرما ئەمەس. پەقەت يېڭى تاش قورال دەۋرىگە ئائىت تېپىلمىلارغا قاراپ باقساقلا، ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئىجادىيەت تالانتىغا ھەيران بولماي تۇرالمايمىز. كۆزنى چاقنىتىدىغان بۇيۇملاردىن ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ نۇرغا تولغان ئىچكى دۇنياسى نامايان بولۇپ تۇرمامدۇ؟ بۇ دۇنياغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرمىغاندا، يەنە قانداقسىگە تارىخنىڭ باشلانمىسى توغرۇلۇق ئېغىز ئاچقىلىق بولىدۇ؟ ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ پسىخىكىسىدىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرىنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەتتىن قانداقلارچە ئايرىلىپ كۈللى مەۋجۇداتنىڭ ئىگىسى بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ. بەزىلەر «پسىخىك قاتلامدىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرى شەكىلسىز بولىدۇ، ئىپتىدائىي ئادەملەردىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرى يىراق تارىخ ئاللىبۇرۇن ئىز-دېرەكسىز كۆمۈپ تاشلىغان بولىدۇ، ئەمدىلىكتە بۇ مەسىلىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈش ئاساسى يوق ئىش بولۇپ قالمامدۇ» دېيىشى مۇمكىن. ئىپتىدائىي ئادەملەر يىراق تارىختا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن تارىختا ئىز-نىشان، سىرتىق قالغان بولىدۇ. بۇ ئىز-نىشان، بۇ سىرتىق دەل چارۋىچى مىللەتلەردۇر. چارۋىچى مىللەتلەر ھايۋانلارنى كۆندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي تۇرمۇش مۇھىتىنى ئىپتىدائىي ئادەملەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش يوق. تەبىئەتتىن كېلىدىغان تەھدىت ئاجىزلاشقىنى يوق. قەبىلىلەر ئارا بولىدىغان ئۇرۇشلار ناگان-ناگاندا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار يەنىلا ئىپتىدائىي ئادەملەردەك ھايات-ماماتىغا ھەر خىل زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغان كۈچلەر بىلەن ھارماي-تالماي تىركىشىشى كېرەك. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئۇلار ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئاكتىپ مەنىۋى ئامىللىرىغا پۈتۈنلەي ۋارىسلىق قىلغان بولىدۇ. نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە ئۇلار ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەرش لەشكەرلىرىدەك، شامالدەك پەيدا بولۇپ، چاقماقتەك كۆزدىن يۈتۈپ، كەلگەنلا ھۇجۇمنى چېكىندۈرۈپ، جەڭ مەندانىغا كىرسىلا ئۇتۇق قازىنىپ كەلدى. دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن. بولۇپمۇ ئارىئان چارۋىچى مىللەتلىرى، جۈملىدىن كېيىنكى گېرمان مىللەتلىرى ياۋروپادىكى يەرلىك تېرىقچىلىق مىللەتلىرىگە قارىتا خۇددى ئورما ئورۇغاندەك قىرغىنچىلىق  ئېلىپ باردى. 20-ئەسىردىن ئىلگىرى ئات ئۈستى مىللەتلىرى، ئەمەلىيەتتە ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ خوجىسى ئىدى. بۇ ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ئاشۇ ئۇزۇن يىللاردىكى كۈللى مەۋجۇداتقا بولغان خوجايىنلىقىنى قولغا كەلتۈرگىنىگە ئوخشاش قالتىس ئۇتۇق ئىدى. ئۇلار نېمىسىگە تايىنىپ شۇقەدەر دەۋر سۈرەلىگەن؟ بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق گەپ ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ پسىخىك قاتلىمىدىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرىنىڭ مېغىزىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقىدا. بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقتۇر. ئۇ چارۋىچى مىللەتلەر تەرىپىدىن ۋارىسلىق قىلىنىپ تارىخقا تۈرتكە بولىدىغان غايەت زور كۈچ-قۇدرەتكە ئايلانغان. يايلاق مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ، تارىخنىڭ بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە بولغىلى بولمايدۇ.
    شەرق، غەرب مەدەنىيەت پەرقلىرىنىڭ مەنبەسى يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغان-ئوينىمىغانلىقىغا باغلىق بولىدۇ. شەرقتە دېھقانلارنىڭ نوپۇسى كۆپرەك بولغاچقا، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى ئەتراپلىق، تاكامۇللاشقان بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش (ئۆزلەشتۈرۈش) كۈچ-قۇدرىتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. چارۋىچى مىللەتلەر ھەربىي ئىشلاردا غەلىبىلەرگە ئېرىشەلىگەن. ھەتتا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ ئىمپېرىيىلەرنى قۇرالىغان. لېكىن مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇلار ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇبىيەتچىلەردۇر. ھەرقانچە كۈچلۈك، زور بولغان چارۋىچى مىللەتلەرمۇ شەرقنىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىيەت تورىغا كىرگەندىن كېيىن، ناۋادا شۇ ھامان چېكىنىپ كەتمەيدىكەن، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىلىدۇ. چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىلىشى — چارۋىچى مىللەتلەرگە ئىپتىدائىي ئادەملەردىن مىراس قالغان، نەچچە يۈز يىل ۋاقىت ئىچىدە تاۋلىنىپ يېتىلگەن، تەبىئەت بىلەن تىركىشىشكە كاپالەت بېرەلەيدىغان پسىخىك قاتلاملىرىدىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرىنى يوققا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىنى تېرىقچىلىق مىللەتلىرىنىڭ پسىخىك قاتلىمىدىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرى ئىگىلەيدۇ. ۋەھالەنكى ياۋروپادا تېرىقچىلىق قىلىدىغان ئاھالە شالاڭ، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى ئەسلىدىنلا ئاجىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەمىشە چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ تۇرغاچقا، جۇڭگوغا ئوخشاش ھەر تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېرىقچىلىق مەدەنىيەت سىستېمىسىنى ئاخىرقى ھېسابتا شەكىللەندۈرەلمىگەن. شۇ سەۋەبتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جەھەتتىكى كۈچ-قۇدرىتى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى تەلتۆكۈس بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىغان. ئىپتىدائىي ئادەملەردىن ۋارىسلىق قىلىنغان قىممەتلىك مەنىۋى مىراسلار ساقلىنىپ قالغان. بۇ ياۋروپا تارىخىنى ئىجادچانلىقتىكى ئاكتىپلىقتىن ئايرىمىغان.
    تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى تۇرغۇن ھالەتتىكى مەدەنىيەتتۇر. نىسبىي مۇقىم ھالەتتىكى تۇرغۇن جەمئىيەت ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ. لېكىن تۇرغۇن ھالەتتىكى مەدەنىيەت ياراتمىشلىرى ئېغىر جۇغلانمىلارنى شەكىللەندۈرۈپ، تارىختا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ، غايەت زور ئادەت كۈچىنى شەكىللەندۈرگەندە، ناۋادا بۇ خىل ئادەت كۈچىنى تۈگىتىدىغان بىر غەيرىي مەدەنىيەت بولمايدىكەن، تۇرغۇن ھالەتتىكى ئەۋزەللىك پاسسىپلىققا ئورۇن بېرىدۇ. چارۋىچلىق مەدەنىيىتى ھەرىكەتچان ھالەتتىكى مەدەنىيەت بولۇپ، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تۇرغۇن ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. غەرب بۇنداق تەسىرگە ئۈزلۈكسىز ئۇچراپ تۇرغاچقا، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تۇرغۇن ھالىتى كامالىغا يېتەلمىگەن. ئوتتۇرا ئەسىردىكى خرىستىئان دىنى تۈرلۈك ئامال-چارىلەر بىلەن تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تۇرغۇن ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇپ، يايلاق مەدەنىيىتىگە قارىتا غايەت زور چەكلىمە پەيدا قىلغانىدى. لېكىن يەنىلا چارۋىچى مىللەتلەر ئېلىپ كەلگەن ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ پسىخىك قاتلىمىدىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرى مەۋجۇت بولغاچقا، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ تۇرغۇنلۇقى ئىزچىل تۈردە خىرىسقا دۇچ كېلىپ، ھەممىگە قادىر بولۇشتەك ھاكىم مۇتلەق ئورۇنغا ئىگە بولالمىغانىدى. ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىشىدىن پارتلاپ چىققان ھەرىكەتچانلىققا بولغان مايىللىق شەرق، غەرب مەدەنىيەتلىرىنى ھەر جەھەتتىن ئۇچراشتۇرۇپ، شەرقنىڭ ئاجايىپ كامالەتكە يەتكەن غەيرىي ماھىيەتلىك مەدەنىيەتلىرىدىن زور مەنىۋى ئوزۇق ئالدى. ۋەھالەنكى غەربنىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى (خرىستىئان دىنى مەدەنىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) خەلققە نىسبەتەن ئاجايىپ مۇپەسسەل بولغان چوقۇندۇرغۇچىلىق ئوبرازىنى شەكىللەندۈرەلمىدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا باش قويۇپ چوقۇنۇپ كەتمىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن گۇمانىي، ھەتتاكى كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قارىدى. بۇ يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ پائالىيىتىنى تېخىمۇ ئازادە مۇھىتقا ئېرىشتۈرۈپ، ئاخىرقى ھېسابتا يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا نامايان قىلىدىغان ئەدەبىيات-سەنئەت قايتا گۈللىنىش ھەرىكىتىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.
    يايلاق مەدەنىيىتى ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ پسىخىك قاتلىمىدىكى مەدەنىيەت تەركىبىگە ۋارىسلىق قىلغاچقا، ئۇنىڭ قىممەتلىك يېرى شۇ يەردىكى، ئۇ ئادەمگە بىر خىل تەبىئىي تالانت، بىر خىل خىسلەت ۋە مۇرەككەپ مەنىۋى ئامىلنى ئاتا قىلدى. يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىدە بىرقانداق چوڭقۇرلۇق، مۇرەككەپلىك يوق. لېكىن ئۇنىڭ ئادەمگە ئاتا قىلىدىغان ئاشۇ خىل مەنىۋى ئامىللار ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ياشلىقنىڭ ئەبەدىيلىككە ئىگە تەبىئىيلىكىگە ئىگە قىلىپ، ئىجادىيەت جاسارىتى ۋە ئاكتىپلىقىدىن مەڭگۈ مۇستەسنا قىلمايدۇ. يايلاق مەدەنىيىتى ھەرىكەتچان مەدەنىيەت بولغاچقا، ئۇ چوقۇم يېڭى مەدەنىيەت شەكلىگە ئۆتۈشۈشى كېرەك. تارىختىكى بىر مۇھىم ۋەقە يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ سودا مەدەنىيىتىگە ئالمىشىشىدىن ئىبارەت. ھالبۇكى سودا مەدەنىيىتى قەدىمكى مەدەنىيەت شەكلىدىن زامانىۋى مەدەنىيەت شەكلىگە ئۆتۈشتىكى مۇھىم باسقۇچ. ئەسلىدە شەرقتىن ئارقىدا قالغان غەرب تارىخىنىڭ چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا كېتىشى، ۋەھالەنكى شەرقنىڭ دەسلەپكى سەۋىيىدىكى مەدەنىيەتكە كىرىشىپ قېلىپ، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ قورغاندىن چىقالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى — شەرقتە كۈچلۈك يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئىبارەت. شەرقتە تويۇنغان يايلاق مەدەنىيىتى بولمىغان، شۇڭا سودا مەدەنىيىتىگە ئۆتەلمىگەن. شۇ سەۋەبتىن زامانىۋى جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلغاندا، شەرق ئارقىدا قالغان.
    يايلاق مەدەنىيىتىدىن سودا مەدەنىيىتىگە ھالقىشنىڭ ئاخىرقى تامامى ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىشتىن كېيىن بولغان. لېكىن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ سودىگەرگە ئايلىنىشى، چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ يايلاقتىن بىپايان دېڭىزغا يۈزلىنىشى بولسا ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا باشلانغان. ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە بۇ خىل ھالقىش تۈركۈم-تۈركۈم، كۆكلەم-كۆكلەم بىلەن بولغان. دەرۋەقە، ياۋروپا جۇغراپىيىلىك جەھەتتىكى ئەۋزەللىككە ئىگە. ئۇلار دېڭىز قاتنىشىغا مۇناسىپ كېلىدىغان ھەم ھەر تەرەپكە تۇتاشقان ئوتتۇرا يەر دېڭىزىغا يانداش ئىدى. مۇشۇ دېڭىز ياۋروپادىكى چارۋىچى مىللەتلەرنى دېڭىزچى مىللەت قىلىپ يېتىشتۈرگەچكە، غايەت زور كۆلەمدىكى دېڭىز ئۈستى سودىسى بارلىققا كەلگەن. دېڭىز ئۈستى سودىسى بولمىغان بولسا گۈللەنگەن دۇنياۋى سودا بولمىغان بولاتتى. ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سودا مەدەنىيىتىمۇ شەكىللەنمىگەن بولاتتى. جۇڭگولۇق سودىگەر ياكى يېزا-كەنتلەردىن كەلگەن يەر ئىگىلىرى، دېھقانلار ياكى شەھەرلەردىن كەلگەن شەھەر ئاھالىلىرى بولسۇن، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ قان-قېنىغا سىڭىشىپ كەتكەچكە، ئۇلار پەقەت تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ رامكىسى ئىچىدىلا پائالىيەت ئېلىپ بارالايتتى. ئاساسى ئاجىز بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك بېقىندىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىدى. شۇڭا، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرەلمەيتتى. جۇڭگونىڭ ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى ۋە ئاندا-ساندا دېڭىز ئۈستى سودىسى بولغان بولسىمۇ، لېكىن يېزا ئىگىلىكىگە تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك كۆلۈمنى شەكىللەندۈرەلمىگەن بولۇپ، سودا مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە نىسبەتەن تەبىئىي ھالدا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتەلمەيدۇ.
    سودا مەدەنىيىتى ئىنسانىيەت تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋى سانائەت جەمئىيىتىگە كىرىشىگە تولۇق ھازىرلىقلارنى كۆرگەن بولىدۇ. ئۇ قەدىمىي جەمئىيەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا زامانىۋى جەمئىيەتكە كېرەكلىك بولغان ھەر خىل كۆزقاراشلارنى ھازىرلىغان، زامانىۋى جەمئىيەتنى ياراتقۇچى تۈرلۈك ئىجتىمائىي شەخسلەرنى يېتىشتۈرگەن، زامانىۋى جەمئىيەت پايدىلىنىدىغان ۋە قوللىنىدىغان تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە ئۇلارنى جۇغلىغان، زامانىۋى جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان تەشكىلات، توپ-كوللېكتىپ ئاپپاراتلارنى قۇرغان، زامانىۋى ئادەملەرنىڭ تەپەككۇر شەكلى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ھەرىكەت ئەندىزىسىنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان، قەدىمىي جەمئىيەتتىن پەرقلىنىدىغان قىممەت قارىشى، گۈزەللىك قارىشى، ئەخلاق قارىشىنى قەدەممۇ قەدەم شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. بۇ بىر قاتار ھازىرلىقلار بولماي تۇرۇپ، ئىنسانىيەت يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىدىن سانائەت جەمئىيىتىگە ھالقىيالمايدۇ. ھالبۇكى، سانائەت مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى يەنىلا يايلاق مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلىدۇ. سانائەت مەدەنىيىتىنى يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجى دېسەكمۇ ئارتۇقچە كەتمەيدۇ. شۇڭا، سودا مەدەنىيىتى بىلەن ھازىرقى زامان سانائەت مەدەنىيىتىنى يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋاپىق راۋاجى، يايلاق مەدەنىيىتى ھازىرقى زامان سانائەت مەدەنىيىتى بىلەن ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ  پسىخىك قاتلىمىدىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، بۇ خىل مەدەنىيەت تەركىبلىرىنىڭ خېلى يۇقىرى قاتلام بويىچە تولۇقلاش، بېيىتىش، تويۇندۇرۇش، تۈزىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ نۇرلۇق تەرەپلىرىنى نامايان قىلدى دەيمىز. تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ پسىخىك قاتلىمىدىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرىنى كۆزەتكەندە، ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ پسىخىك قاتلىمىدىكى مەدەنىيەت تەركىبلىرى ياۋايىلىق دەۋرىدىكى ئادەملەرنىڭ ياۋۇزلۇقى، ئىجتىمائىيەتنىڭ تۇرغۇنلىقىغا نىسبەتەن ئەڭ خىرىس قىلىش كۈچىگە ئىگە نەرسە دەپ قارالغاچقا، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ يادروسى ئادەملەرنى بۇ خىل مەدەنىيەت تەركىبلىرىنىڭ تەسىرىدىن قاچۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئېتىكا-ئەخلاقى بۇ خىل مەدەنىيەت تەركىبلىرىنى ئەڭ قەتئىي تەقىپ ئاستىغا ئالىدۇ ۋە ئۇنى باسىدۇ. تېرىقچىلىق جەمئىيىتىدىكى دىنمۇ مۇشۇ نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئادەمگە قارىتىلغان بۇ خىل كۆندۈرۈشى تاماملانغان ھامان، ئادەم مۇلايىم، ياۋاش-يۇمشاق، پسىخىك تەبىئەتلىك بولۇپ قالىدۇ. يالقاۋلىق مەنىۋىيىتى ئادەم تەبىئىيىتىدە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. ئادەم جۇشقۇنلۇقىنى يوقىتىپ، ئىجادچانلىق، تەۋەككۈلچىلىك ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ دېھقان جەمئىيىتىدىكى تەرەققىياتىغا چېكىت ئۇرۇلغان بولىدۇ.
    ئات ئۈستى مىللەتلىرى تەسەۋۋۇرغا ئاجايىپ باي كېلىدۇ. رومانتىكىلىق تەسەۋۋۇر يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىدۇر. ئۇلارنىڭ مۇزىكىلىرى، ئۇسۇللىرى، ئەپسانە-رىۋايەتلىرى، قەھرىمانلىق ئېپوسلىرى، مەدداھلىقلىرى مۇشۇ خىل  ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. تەسەۋۋۇرنىڭ بايرىقى ھامانە ئالدى تەرەپنى، كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلار ئەجدادلىرىنىڭ ئەجىر-تۆھپىلىرى ۋە ياخشى ناملىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىسىمۇ، ئەجدادلىرىنىڭ چەكلىك تەجرىبىلىرى تەرىپىدىن چۈشىلىپ قالمايدۇ. چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئەبەدىيلىك قوغلىشىدىغىنى باي-باياشات زېمىننى ئىزدەشتىن ئىبارەت. يەھۋا مۇساغا يەھۇدىيلارنى باشلاپ مىسىردىن چىقىپ كېتىشنى تاپىلىغاندا، دەل ئۇلارنىڭ باي-باياشات زېمىنغا  بېرىشىنى كۆزلىگەنىدى. يەھۇدىيلارلا باي-باياشات زېمىننى ئىزدەپ قالماستىن، بۇ بارلىق چارۋىچى مىللەتلەر تەلپۈنىدىغان ساماۋى دۆلەتتۇر. موڭغۇللارنىڭ ئېپوسى «جاڭغېر»دىمۇ باي-باياشات زېمىنغا بولغان تەلپۈنۈشنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى قىلغان. بۇ چارۋىچى مىللەتلەرگە ئىپتىدائىي ئادەملەردىن قالغان گۈزەل ئارزۇدۇر. ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى ناھايىتى ناچار بولغاچقا، ئۇلار كۆڭۈلدىكىدەك بىر جاينىڭ بولۇشىنى كېچە-كۈندۈز ئۈمىد قىلاتتى. شۇڭا، ئۇلار پايانسىز زېمىندا توختىماي يۈرەتتى، تىنىم تاپمايتتى! ئۇخلىسا-قوپسا مۇشۇنداق گۈزەل بىر زېمىننى تېپىۋېلىش خىيالىدىن ۋاز كەچمەيتتى. چارۋىچى مىللەتلەرمۇ ئۈمىدىنى مۇشۇنىڭغا باغلىغانىدى. ئۇلارمۇ توختىماي يۈرەتتى، ئىزدەيتتى! ئەپلاتون تەشەببۇسىدىكى غايىۋى دۆلەتتىن تارتىپ، كېيىنكى ئوتوپىيە، قۇياش دۆلىتىگىچە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى باي-باياشات  زېمىننىڭ ئەقلىيلىك جەھەتتىن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىدۇر. ھالبۇكى شەرقنىڭ يېزا ئىگىلىك جەمئىيىتىدە پەقەت قارشى قىرغاقتىكى دۇنياغا بولغان قىزىقىش بولىدۇ. كەلگۈسى گۈزەل دۇنياغا بولغان تەلپۈنۈش يوق دېيەرلىك بولىدۇ. جۇڭگونىڭ كۇڭزىچىلار ئېقىمىدىكىلەرنىڭ دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمۇ بولغان. «ئەدەپنامە»دە: «ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاقىلانە چارە، ئەدلى-ئادالەت يۈرگۈزۈشتۇر» دېيىلگەن بولۇپ، «ئادالەت» بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىدۇر. «ياشانغانلارنى بېقىش، ياراملىقلارنى ئورنىغا قويۇش، گۆدەكلەرنى تەربىيىلەش، غېرىب-غۇرۋالارنىڭ، مېيىپ-ناكالارنىڭ بېشىنى سىلاش» بۇ غايىۋى دۇنيانىڭ كونكرېت لايىھىسى پەقەت ئىجتىمائىي پاراۋانلىق لاۋازىمىتىدىن ئىبارەت. ھالبۇكى ئۇنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولسا شەخسىيەتچىلىكتىن مۇستەسنا خالىسلىقتىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇنىڭ تەبىئىي ھالدا ئادەملەرگە نىسبەتەن جەلپ قىلىش كۈچى بولمايدۇ. ئۇ جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئانچە كۆپ ئادەملەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتالمىغانىدى. ئۇنى ئۆزىنىڭ غايىسى قىلىپ شۇنىڭ ئۈچۈن تىرماشقانلارمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى. چۈنكى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ھەمىشە ئۆتمۈشكە سېغىنىش، ئۇرۇق-پۇشتىلىرىنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن ئۆزىگە كۆڭۈل خۇشلۇقى ئىزدەش بولغاچقا، كۇڭزى «پۈتكەن تەلىماتلارنىلا يەتكۈزدۈمكى، يېڭى تەلىمات ياراتمىدىم» دېگەنىدى. ئۇنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ھەزرىتى ياۋ، شۈن، ۋېن، ۋۇ، جوۋلارنىڭ مەردۇ-مەردانىلىقى ئىدى. ئاددىي ئاۋام پۇقرامۇ ئەجدادلىرىنىڭ نامۇ-شەرىپىنى ھەرىكەت مىزانى قىلىشىدۇ. يايلاق مەدەنىيىتى كەلگۈسىگە تەلپۈنىدۇ. كەلگۈسىگە تەلپۈنۈش ئادەمنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئۈندەپ، ئۇلارنى كەلگۈسىدىكى غايىۋى نىشانىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى دىققەت-نەزىرىنى ھەمىشە ئۆتمۈشكە قارىتىدۇ. بارلىق گۈزەل نەرسىلەر ئاللىبۇرۇن تارىختا ئۆزىنىڭ گۈزەل سىماسىنى كۆرسىتىپ بولغان بولىدۇ. بۈگۈنكى ئادەملەرنىڭ بۈيۈك ۋەزىپىسى ئۆتمۈشكە تېۋىنىشتىن ئىبارەت. بۇ يەردە ئىپادە تېپىۋاتقىنى پەقەت ئىككى خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى، شۇنداقلا كىشىلىك ھاياتتىكى ئىككى خىل مەيدانلا ئەمەس. بۇ تەبىئىي ھالدا شەرق، غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى يايلاق مەدەنىيىتى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان مۇقەررەر نەتىجە ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتتىن ئىبارەت بولىدۇ. سودا مەدەنىيىتى بىلەن سانائەت مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى بۇنىڭ ئەمەلىي پاكىتىدۇر؛ چۈنكى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى ئۆتمۈشنى سېغىنىش بىلەن بولۇپ، يېڭىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كەلگۈسىنى يارىتىشقا نىسبەتەن رىغبىتى بولمىغاچقا، پەقەت ئالغا باسماي بىر ئىزىدا توختاپ قالىدۇ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆزى بوغىدۇ.

    يايلاق مەدەنىيىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ مۇناسىۋىتى

    1. يايلاق مىللەتلىرى بىلەن غەربىي ئاسىيادىكى مىللەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى

    ئىشەنچلىك تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېفرات ۋە دەجلە دەريا ۋادىلىرىدا ئەڭ بۇرۇن مەدەنىيەت ياراتقانلار سۇمېرلار ئىكەن. سۇمېرلارنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىگە ئائىت ئىشەنچلىك مەلۇمات يوق. لېكىن چارۋىچى مىللەتلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ھالبۇكى، سۇمېرلارنىڭ كېيىنكى تارىخى ئېنىق. ئۇلار ئىككى دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى پارس قولتۇقىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، شۇ جايدىكى تېرىقچىلىق قىلىدىغان يەرلىكلەر بىلەن سىڭىشىپ تەدرىجىي ھالدا تېرىقچىلىق مىللەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۇلار ناھايىتى يۇقىرى مەدەنىيەت ياراتقان بولۇپ، خىش-كاھىشلار بىلەن ئىمارەتلەرنى ياساپ، ئوستراكونلارغا پۈتۈكلەرنى پۈتۈشكەن. كېيىن ئاككادلار دېيىلىپ كېلىنىۋاتقان چارۋىچى قەبىلىلەر ئۇلارنىڭ غەربىدىكى چەت چېگرا ياقىلىرىدا پەيدا بولغان. بۇ قەبىلىلەر بىلەن سۇمېرلار نەچچە يۈز يىل ئەنە شۇنداق بىردە ئۇرۇشۇپ، بىردە سودا قىلىشىپ ئۆتكەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2750-يىلى، سارگوننىڭ رەھبەرلىكىدە ئاككادلار سېمىتلار دېيىلىدىغان چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ سۇمېرلارنى بويسۇندۇرغان. بۇ بويسۇندۇرۇش پەقەت ھەربىي جەھەتتىكى بويسۇندۇرۇش ئىدى. چۈنكى سۇمېرلارنىڭ مەدەنىيىتى ئاككادلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغاچقا، ئاككادلار ئەكسىچە سۇمېرلارنىڭ مەدەنىيىتى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان، يەنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىلگەن. بۇ رايوندا بۇ خىل قوشۇلۇش بىر قېتىم ئەمەس، بەلكى كۆپ  قېتىم يۈز بەرگەن. ئاككادلار بۇ يەردە خانىدانلىق قۇرغاندىن كېيىن، چارۋىچىلىق قىلىدىغان يامۇرلار يەنە باستۇرۇپ كىرگەن. چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن تېرىقچىلىق مىللەتلىرى يەنە بىر قېتىم قوشۇلۇپ سىڭىشكەن. بۇ خىل سىڭىشكەندىن كېيىنكى مىللەتتە مۇقەررەر ھالدا ھاياتىي كۈچ كۆرۈلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ خاممۇرابى قۇرغان كېيىنكى بابىللون دۆلىتىدۇر. بۇ خانىدانلىق خارابلىشىشقا يۈزلەنگەندە، يەنە بىر چارۋىچى مىللەت، يەنى كاسسىتلار دەجلە دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى تاغلاردىن چۈشۈپ، خاممۇرابىنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن 155 يىل ئۇرۇشقان. ئۇلار ئاخىرقى ھېسابتا بابىللونغا باستۇرۇپ كىرگەن. بۇنىڭ بىلەن يەنە كۈچلۈك كاسسىت دۆلىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن. كاسسىتلار ھەربىي جەھەتتىن بويسۇندۇرغۇچى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارمۇ تارىخىي قانۇنىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1593 — 1595-يىللىرى، ئۇلارنىڭ كاسسىت خانى ئاگۇم Ⅱ (بۇرنا بۇرىئاش) ئۆزىنى «جاھاندىكى خوجىلارنىڭ خوجىسى» دەپ جاكارلىغان. لېكىن 500 يىللىق سىڭىشىش ئارقىلىق، مەدەنىيەت جەھەتتە يەنىلا بابىللون تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ھەتتا تىل جەھەتتىمۇ بابىللون تىلىغا ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان چارۋىچى مىللەت — ئاسسۇرىيلار كەلگەن. ئۇلار ئاتقا كۆنۈپ  بولۇپ، جەڭ ئاتلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىغا ئىگە بولغان. بۇ يېڭى قوراللار ئەينى چاغلاردا تاقابىل تۇرۇش قىيىن بولغان قوراللار ئىدى. ئۇلار تاغنى تالقان قىلىدىغان سۈر-ھەيۋە بىلەن كاسسىتلارنىڭ دۆلىتىنى ئەرەختەم-پەرەختەم قىلىۋەتكەن. ئەسكىرىي كۈچ جەھەتتە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئاسسۇرىيلار ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى تېرىقچىلىق قىلىدىغان خەلقلەرنى يەنە بىر قېتىم چوڭ جەھەتتىن قوشۇلدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سېمىتلارغا مەنسۇپ بولغان يەنە بىر چارۋىچى مىللەت ئارامىلار دەمەشىقنى بېسىۋىلىپ شۇ جايدىكى يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن ئۆزئارا سىڭىشكەن. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى سۈرىيىلىكلەر شەكىللەنگەن. ئارىدىن 150 يىل ئۆتكەندىن كېيىن سېمىتلارغا تەۋە يەنە بىر چارۋىچى قوۋم چالدېيالار بىلەن ئارىئان تىلىدا سۆزلىشىدىغان چارۋىچى قوۋم مىدىئانىتلار (مېدىيلارمۇ دېيىلىدۇ — تەرجىماندىن) ئاسسۇرىيلار ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. بۇ قېتىمقىسىنى دەرۋەقە ھەقىقىي ئاسۇرىيلار بىلەن سىڭىشتى دېگىلى بولمايتتى. چۈنى ئاشۇ دەۋرگە كەلگەندە، دەسلىپىدىكى سۇمېرلار بىلەن ئېلاملارمۇ تامامەن ئاسسىمىلياتسىيىلىشىپ بولغانىدى. ھەتتا تىلىمۇ ساقلىنىپ قالمىغانىدى. ئاسسۇرىيلارمۇ بۇنداق قىسمەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئۇمۇ چالدېيالار ۋە سۈرىيىلىكلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەن. ھىنتنلار دېيىلىدىغان يەنە بىر چارۋىچى قوۋممۇ چارۋىچى قوۋملارغا خاس ماھىيەتنى يوقىتىپ قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا چارۋىچى مىللەتلەردىن سىكىدىلار، سالماتلار، سىتىيىلىكلەر بۇ جايلاردا ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولغان بولسىمۇ كېيىن ھەممىسى غايىب بولغان. ئۇلار نەگە غايىب بولغان بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇلار ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن. غەربىي ئاسىيادىكى چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن تېرىقچىلىق مىللەتلىرىنىڭ سىڭىشىشىنى تىلغا ئالغاندا، يەھۇدىيلارنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. بۇ مىللەتتە كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى بولغانلىقى  سەۋەبلىك، ئۇزاق يىللار مابەينىدە چارۋىچى مىللەتلەرگە خاس ياشاش ئۇسۇلىنى ساقلاپ كەلمەكتە. «ئىنجىل»دا چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى مۇپەسسەل خاتىرىلەنگەن. ئۇلار مىسىردىن كانائانغا قايتقاندىمۇ، يەنىلا چارۋىچىلىق تۇرمۇشى كەچۈرگەن. ئۇلار يەرلىك تېرىقچىلىق مىللەتلىرى بىلەن تەدرىجىي ئارىلىشىپ، تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، سائول، داۋىد ۋە سولومون خانىقلىرىنى قۇرغان. بۇ مەزگىلدە، يەھۇدىيلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇئالار، كانائانلار ۋە پىلسىتىنلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە چارۋىچى مىللەتلەرمۇ، تېرىقچىلىق مىللەتلىرىمۇ بار ئىدى. ئەلۋەتتە بۇلار ئاشۇ تەكرار-تەكرار سىڭىشىشلەرنىڭ بىر قېتىملىقىدىن ئىبارەت. مىلادىدىن بۇرۇنقى 586-يىلى، نېبۇچادنېززا (بابىللون پادىشاھى) ئۇلارنى تالان-تاراج قىلىپ بابىللونغا ئېلىپ بارغان. 50 يىللىق تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى مۇھىتىدا ياشىغاندىن كېيىن، كەتكەن چاغدا چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ بەدەۋىيلىكىنى ئېلىپ كەتكەن بولسا، قايتىپ كېلىشىدە تېرىقچىلىق مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كەلگەن. شۇڭا، ھازىرقى يەھۇدىيلارنى شالغۇت (مەدەنىيەتلىك) مىللەتمۇ دەيمىز. لېكىن ئۇلار يايلاق مىللەتلىرىگە خاس سۈپەتنى كۆپرەك ساقلاپ قالالىغانىدى.
    مىلادى 7-ئەسىرگە كەلگەندە، غەربىي ئاسىيادىكى بىپايان زېمىندا تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى ھۆكۈمرانلىقتىن ئىبارەت ئەۋزەل ئورۇنغا ئۆتكەن. لېكىن ئەرەب يېرىم ئارىلى ئاۋۋالقىدەك چارۋىچىلارنىڭ جەننىتى ئىدى. مىسىرلىق ئالىم ئەھمەد ئەمىن مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەرەب يېرىم ئارىلىدا گەرچە يەمەندەك بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان رايونلار بولسىمۇ، لېكىن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى پۈتۈن ئارالنى قاپلىغانىدى. ياشلىقىدا پادا باققان، قورامىغا يەتكەندە تىجارەت قىلغان مۇھەممەد بەدەۋىلەردىن بولۇپ، كېيىن ئۇ دىننى ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىنمۇ بەزىلەر ئۇنى يەنىلا >بەكلا بەدەۋىي مىجەز< ئىدى دېيىشىدۇ». ئىسلامىيەتنىڭ زور قوشۇنلىرى ئىراق، سۈرىيىلەرگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، غەربىي ئاسىيادىكى تېرىقچىلىق مىللەتلىرى بىلەن چارۋىچى مىللەتلەر يەنە بىر قېتىم چوڭ جەھەتتىن قوشۇلغان. بۇ قېتىمقى چوڭ قوشۇلۇشتىن كېيىن، كۈچلۈك ئەرەب ئىمپېرىيىسى ۋۇجۇدقا كەلگەن. 13-ئەسىردە ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەردىن موڭغۇللار شەرقتە باش كۆتۈرگەن. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكۇ باغداتنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئىلىكخان خانلىقىنى قۇرغان. بۇ خانلىق يۈز يىل دەۋران سۈرۈپ، يەنە ئىككى مىللەتنىڭ قوشۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. 1388-يىلى، ئىلىك خانلىقىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرگەن ئوگدايخاننىڭ ئەۋلادلىرىدىن تۆمۈرلەڭ قۇرغان مۇغۇل ئىمپېرىيىسىنى يوقاتقان. بۇ تەبىئىي يوسۇندا موڭغۇللار بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق قوشۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىۋاتقان پەيتتە، تۈركلەرنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتقانىدى. چىڭگىزخاننىڭ زور قوشۇنلىرى قىستاپ كېلىۋاتقاندا، ئوسمان تۈركلىرى قوي-پادىلىرىنى يايلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇملۇق ۋە تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ ئۆي-ماكان ئىزدەپ يۈرگەنىدى. كېيىن ئۇلار كىچىك ئاسىيادىكى ئېدىرلاردا ماكانلاشقان. بۇ يەر سالجۇق تۈركلىرىنىڭ ماكانى بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا بىرلىشەلەيتتى. كېيىن ئۇلار غەربىي ئاسىيانى بويسۇندۇرۇپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى قۇردى. بۇ ئاسىيا مىللەتلىرى بىلەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق قوشۇلۇشى ئىدى. غەربىي ئاسىيانىڭ تارىخىغا نەزەر سالغاندا، نەچچە مىڭ يىللار مابەينىدە، چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن تېرىقچىلىق مىللەتلىرىنىڭ قوشۇلۇشى توختاپ قالمىغان. بۈگۈنكى غەربىي ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ پسىخىكىسىدىكى ئۇرۇشخۇمارلىق دەل چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ پسىخىكىسىنى كۆپرەك ساقلاپ قالغانلىقتىن بولغان.

    2. يايلاق مىللەتلىرى بىلەن ياۋروپادىكى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى

    بۈگۈنكى ياۋروپادىكى بولغارىيە، ۋېنگىرىيە، فىنلاندىيە، روسىيىلەردە ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا كىرىدىغان چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن شالغۇتلاردىن، باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باشقا چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە شالغۇتلار بولۇپ، بۇ دەل ئارىئانلاردۇر. بۇ مىللەت تارىختىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى شۇنچە كۆپ يەرلىك مىللەتلەرنى بويسۇندۇرغانىدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ تارىختىكى بىر سىردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئەينى چاغدا ئات مىنىشنى بىلمەيتتى. ئۇلار ئاساسلىقى كالىنى كۆندۈرگەن بولۇپ، كالا ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ناھايىتى ئاستا سۈرئەتتە ھەرىكەت ئېلىپ باراتتى. ئۇلار ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى موڭغۇللار بىلەن ئۇچرىشىپ قوشۇلغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئات مىنىشنى بىلگەن. ئۇلار گرېتسىيىگە كىرگەندە سۈر-ھەيۋە بىلەن ئات مىنىپ كىرگەن. ئەلۋەتتە بۇ كېيىنكى ئىش.
    ياۋروپاغا ئەسلىدە مىسىرلىقلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىبېرىيىلىكلەر تارقالغان. ياۋروپاغا ئەڭ بۇرۇن كىرگىنى ئارىئانلاردىن كېلتلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بوي-بەستى ئېگىز، ئۆڭى ئاق پىشماق، ھەرىكىتى چەبدەس، مەدەنىيەت جەھەتتىن يۇقىرىراق بولغاچقا، ئىبېرىيىلىكلەرنى ناھايىتى ئاسانلا بويسۇندۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋالغان. ئۇلار قەدەممۇ قەدەم ئاتلانتىك ئوكيان تەرەپكە قىستاپ كىرگەچكە، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنمىغان يەرلىك مىللەتلەر ناھايىتى ئاز ئىدى. پەقەت يېقىنقى زاماندىكى پورتوگاللارنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا ئىبېرىيىلىكەرنىڭ قان سىستېمىسىغا كىرىدۇ. كېلتلار ھازىرقى فرانسىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرىدىن بولۇپ قالغان. ئارىئانلار چارۋىچى مىللەتلەرگە خاس بولغان يۆتكىلىشچانلىققا ئىگە بولغاچقا، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك زېمىنمۇ ئۇلارنىڭ قەدىمىنى توسۇپ قالالمىغان. ئۇلار ئۈزلۈكسىز يۆتكىلىپ تۇرغان. ئۇ چاغلاردا دۆلەتلەرنىڭ چېگرىسى بولمىغاچقا، چارۋىچى قوۋمنىڭ يولىنى توسۇپ قويمايتتى. شىمالىي ياۋروپادىكى كېلتلارنىڭ بىرقىسمى غەربكە قاراپ كېڭەيگەن. يەنە بىر قىسمى ئىتالىيە بىلەن گرېتسىيىگە كىرىپ، ئۇ يەردىن يەنە دېڭىز ئارقىلىق سكاندىنوۋىيە يېرىم ئارىلىغا ئۆتۈپ نورۋىگىيە، شۋېتسىيە، دانىيە، ئىسلاندىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرىدىن بولۇپ قالغان. كارپاتىيان تېغى بىلەن قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا، ئارىئانلار بىلەن يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ نەتىجىسىدە يەنە رۇس، پولەك، چېخ، سېربلار شەكىللەنگەن. قەدىمىي گرېتسىيىنىڭ ئېگېي رايونى مىسىر مەدەنىيىتى بىلەن ئىككى دەريا مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن كېلتلار بىلەن مېتسېنېئانلارنى ۋەكىل قىلغان ئېگېي مەدەنىيىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن. مىلادى 500-يىللىرى ئەتراپىدا ئارىئانلار گرېتسىيە يېرىم ئارىلىغا كىرىپ، ئېگېي مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلغان. ئۇلار يەرلىك مىللەتلەر بىلەن قوشۇلۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى مەدەنىيەت ياراتقان.
    قەدىمكى رىمدىكى ئەھۋالمۇ شۇنداق بولغان. دەسلىپىدە ئىتالىيىدە ئىبېرىيىلىكلەر ياشىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000-يىلىغا كەلگەندە، جەنۇبقا كۆچكەن ئارىئانلار ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇلار يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن نىكاھلانغان. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ناھايىتى ئاسانلا يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن. راتۋۇمدا بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇلار لاتىنلار دەپ ئاتىلاتتى، ئۇلار تەيبەي دەريا ۋادىسىدىكى تاغ-ئېدىرلارنىڭ تۆپىلىكلىرىدە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا ياشىغان. كېيىن ئۇلار ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 900-يىلىغا كەلگەندە، ئىتراسكانلار دېيىلىدىغان بىر قەبىلە دېڭىزدىن ئىتالىيىگە چىققان. ئۇلارنى دېڭىز قاراقچىلىرى دېگۈچىلەرمۇ بار. ئۇلار قالدۇرغان رەسىملەردىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ بوي-بەستى ھەقىقەتەنمۇ قاۋۇل، زەبەردەست ئىدى. بىرمۇنچە تارىخچىلار ئۇلارنى كىچىك ئاسىيادىن كەلگەن چارۋىچى مىللەتلەر دەپ قارايدۇ. ئۇلار تەيبەي دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، ئارىئانلارنىڭ قولىدىن تەيبەي دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم جايلارنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم قوشۇلۇش كېلىپ چىققان. ئىتراسكانلار شەرقنىڭ مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كەلگەن، شۇنىڭغا قوشۇپ ئۇلار سودا-سېتىق پائالىيەتلىرىنىمۇ ئېلىپ كەلگەن. تەيبەي دەريا ۋادىسىدىكى بازار بولىدىغان بىر ساھىلدا كېيىن رىم بارلىققا كەلگەن.
    ياۋروپادىكى چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن تېرىقچى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى ئۈستىدە توختالغاندا، يەنە ھونلارنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. شەرق مىللەتلىرىنىڭ غەربكە كىرىشى ناھايىتى بۇرۇن ئىشقا ئاشقان. لېكىن تارىخىي پاكىت كەلتۈرگىلى بولىدىغىنى ھونلاردۇر. ھونلار ئەسلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى بىر تۈركۈم ئىدى، ئەڭ بۇرۇن جۇڭگونىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال قىسمىدا ياشىغان. شاڭ-جۇ دەۋرىدىكىلەر ئۇلارنى رۇڭدى، گۇيفاڭ، خۇنيى، چۇەنرۇڭ، چۇەنيى دەپ ئاتىغان. يېغىلىق دەۋرىدە غۇرلار ياكى ھونلار دەپ ئاتىغان. غەربىي جۇدىن شەرقىي جۇغىچە بولغان نەچچە يۈز يىل مابەينىدە، ھونلار ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. جۇيۇۋاڭنى چۇەنرۇڭلار ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.  كېيىن يەنە جۇشۇەنۋاڭنى شەرققە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. چىن سۇلالىسىغا كەلگەندە، چىن شىخۇاڭ كۈچلۈك ھەربىي قوشۇن تەشكىللىگەن ھەم سەدىدىچىن سېپىلىنى ياساتقۇزغان. ئەنە شۇ چاغدىلا ھونلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالالىغان. غەربىي خەننىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا، باتۇر تەڭرىقۇت پۇياڭغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغايدۇ، خەن خانى گاۋزۇ زور قوشۇن بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، بەيدېڭ دېگەن جايدا قاپسىلىپ قالىدۇ. بۇ ئادەم ئاجايىپ قابىلىيەتلىك بولۇپ، خەنۋۇدى دەۋرىگە كەلگەندە غەربىي دىيارغا ئادەم ئەۋەتىپ ياخشى ئاتلارنى سېتىۋېلىپ، كۈچلۈك ئاتلىق قوشۇن قۇرىدۇ. بۇ ھال ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن ئۆزگىرىش ياساپ خەن قوشۇنىنى مۇداپىئەدە تۇرىدىغان ئورۇندىن تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتكۈزىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يۈز يىلدا ھون قوشۇنلىرى قايتا-قايتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ چېكىنىدۇ. خېلى سالماقتىكىلىرى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە ئولتۇراقلىشىپ تېرىقچىلىق قىلىدىغان خەنزۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدۇ. قالغان بىر قىسىملىرى ئۇلۇغ ھەربىي يۈرۈشنى باشلايدۇ. مىلادىيە 1-ئەسىرگە كەلگەندە، ئۇلار ياۋروپانىڭ شەرقىي قىسىملىرىنى بېسىپ بولغانىدى ھەمدە ئارىئانلارغا مەنسۈپ چارۋىچى قەبىلىلەردىن نودۆلار بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ۋېلىسنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ھونلار كېيىنكى دەۋرلەردىكى غەرب تارىخچىلىرىنىڭ تەسۋىرلىگىنىدەك ئۇ قەدەر ياۋۇز، ۋەھشىي ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ئۇلار جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن ھىندى مەدەنىيىتىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار ئەسىرلەرنى قىرىپ تاشلىماستىن، بەلكى لەشكىرىي قىسىمغا قوشۇۋالىدىكەن. ھەتتا ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تويلىشىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار دون دەريا ۋادىلىرىدىكى چارۋىچى مىللەتلەرنى ئۆزلىرىگە قوشۇۋالغان. ئۇلاردا سىياسىي جەھەتتە باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرالايدىغان مىللەتلەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك تۇغما ئىقتىدار  ھازىرلانغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. مىلادىيە 4-ئەسىرگە كەلگەندە، ھونلار تېخىمۇ زورىيىپ شەرق تەرەپتىكى ئالانلارنى بويسۇندۇرغان. شەرقىي گوتلارمۇ ئۇلارغا بويسۇنغان. كېيىن ھونلاردىن سىياسىي، ھەربىي جەھەتتىن ناھايىتى ياراملىق ئۇلۇغ داھى  ئاتتىلا يېتىشىپ چىققان. ئۇ ھون ۋە ئارىئانلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ياۋرو-ئاسىيانى ئۆز ئىلكىگە ئالغان چوڭ ئىمپېرىيىنى قۇرغان. شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ئۇدا ئون نەچچە يىل ھونلارنىڭ تاپان ئاستىدا بولغان. ئاتتىلا ھەتتا شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورىسىنىڭ نەۋرە قىزىغا ئۆيلەنگەن. مەشھۇر ئاتتىلا بىلەن ئۇنىڭ ئاتلىق قوشۇنى شۇ قەدەر قورقۇنچلۇق تۈسكە ئىگە بولغانكى، ئارىئانلار، رىملىقلار ئۇنى «تەڭرى قامچىسى» دەپ ئاتاشقان. ھەتتا رىم ئىمپېرىيىسىمۇ ئالۋان-ياساق تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بىر قېتىم ئۇ گرېتسىيىگە نورمىدىن سىرت ئولپان تەلەپ قىلىپ ئارشاڭ قوۋۇقى ۋە سالاتقىچە باستۇرۇپ كىرگەن پېتى ئۇدۇل كونستانتانتىنپول قورغىنىغىچە يېتىپ بارغان. 451-يىلى ئاتتىلا غەربىي رىمغا ھۇجۇم قوزغىغان. ئۇنىڭ قوشۇنىدا 500 مىڭ ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ھونگرىيىدىن يولغا چىقىپ، رېين دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گورغا باستۇرۇپ كىرىدۇ. لېكىن ماخشاروننىڭ ئەتراپىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. كېيىنكى يىلى ئۇ يەنە رىم قەلئەسىنى بويسۇندۇرىدۇ. 453-يىلى ئاتتىلا بىر ئارىئان قىز بىلەن توي قىلىدۇ. توي ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا بەختكە قارشى ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھونلار تارىخ سەھنىسىدىن غايىب بولىدۇ. شەرقتىن كەلگەن چارۋىچى مىللەتنىڭ قېنى ياۋروپالىقلارنىڭ تومۇرلىرىغا سىڭىشىپ كېتىدۇ.
    ياۋروپا قىتئەسىدە مىلادى 300-يىلىدىن مىلادى 800-يىلىغىچە چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن تېرىقچى مىللەتلەر تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قوشۇلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئارىئانلار ئاساسىي رول ئوينايدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە، ئۇلار سكاندىنوۋىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، جۇدلان يېرىم ئارىلى، بالتىق دېڭىزى ۋە شىمالىي دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىغا تارقالغان بولۇپ، ئاساسەن چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق بىلەن مەشغۇل بولاتتى، ئارىئان تىلى، سلاۋىيان تىلى، كىلت تىللىرىدا سۆزلىشەتتى. ئۇلارنى گرېتسىيىلىكلەر بىلەن رىملىقلار ئومۇملاشتۇرۇپ ياۋايى مىللەت دەپ ئاتايتتى. بۇ جۇڭگونىڭ ئات ئۈستى مىللەتلىرىنى يىلار، دىلار دەپ ئاتىغىنىغا ئوخشىشىپ كېتەتتى. مىلادى 1-ئەسىردىن 4-ئەسىرگىچە ئۇلار كىچىك تۈركۈملەرگە بۆلۈنۈپ، رېين دەرياسىدىن ئۆتۈپ، رىم زېمىنىغا سىڭىپ كىرىدۇ. 5-ئەسىرگە كەلگەندە، پۈتكۈل قەبىلىلەر بويىچە رېين دەرياسىدىن ئۆتىدۇ. فرانكلار گور، ياڭگېللارغا كىرىدۇ. ساكسونلار شىمالىي دېڭىزدىن ئۆتۈپ برېتانىيىگە بارىدۇ. بۇرگۇندىلار گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا كىرىدۇ. ئاۋستىرىيە بىلەن ھونگرىيە تۈزلەڭلىكلىرىدە ۋانداللار ياشايتتى. ۋانداللاردىن قالسا سۇۋېلەر، لانگېبادلار ۋە لومباردلار ياشايتتى. بۈگۈنكى رۇمىنىيە دائىرىسىدە بۇرۇن غەربىي گوتلار ياشايتتى. قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىسمىدا شەرقىي گوتلار ياشايتتى. مىلادى 300-يىلىدىن مىلادى 800-يىلىغىچە بولغان مەزگىل، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا دەل مۇشۇ چارۋىچى مىللەتلەردە زور كۆلەمدە كۆچۈش، زور داۋالغۇش بولۇۋاتقان دەۋر بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن تېرىقچى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك قوشۇلۇشى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قوشۇلۇش 500 يىل داۋاملىشىدۇ. مانا شۇ سەۋەبلەردىن بۈگۈنكى فرانسۇزلار، ئەنگلىيىلىكلەر، نېمىسلار، ئىتالىيانلار ۋۇجۇدقا كېلىدۇ... ياۋروپادىكى تېرىقچى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى تاكى 12-ئەسىرگىچە داۋاملىشىدۇ. ياۋروپالىقلارنى باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا يايلاق مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىنى كۆپرەك ساقلاپ قالالىغان دېسەك، ئاشۇرۇۋەتكەن بولارمىزمۇ؟ بىرمۇنچە ياۋروپالىق ئالىملار ئارىئانلار ۋەكىللىك قىلغان يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ياۋروپالىقلارغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماستىن، بەلكى ئىرقچىلىق مەۋقەسىدە تۇرۇپ ئارىئان ئىرقىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ياۋروپالىقلارنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىنى كەمسىندۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئارىئان مىللەتلىرىنىڭ ياۋروپالىقلارغا ئېلىپ كەلگەنلىرى يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھەرلىرى ئىدى. گېتلىرنىڭ ئارىئانلارنى ساپ قانلىق (مىللەت) دەپ كۆككە كۆتۈرۈشىدىكى مەقسەت، دۆلىتىدىكى خەلقتە تار مىللەتچىلىك بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى ئويغىتىش ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدىكى تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ۋاسىتە دەل ئىرقنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقلەردە باشقا مىللەتلەرنى كەمسىندۈرىدىغان، پەس كۆرىدىغان، ئۇلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

    3. يايلاق مىللەتلىرى بىلەن ھىندىلارنىڭ مۇناسىۋىتى

    جۇغراپىيىلىك ئورۇندىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا بېكىنمە گەۋدە ھېسابلىنىدۇ. پەقەت غەربىي شىمال قىسمىلا تاشقى دۇنيا بىلەن تۇتىشىدۇ. ۋەھالەنكى، قەدىمكى دەۋردە غەربىي شىمالدا بىمالال ئات چاپتۇرۇپ يۈرگەنلەر چارۋىچى مىللەتلەر ئىدى. شۇڭا چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن ئالاقىدە بولماي مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھىندىستاننىڭ ئەڭ قەدىمكى يەرلىك ئاھالىسى بوي-بەستى دىقماق، بۇرنى نېگىرلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قارا تەنلىكلەر بولۇپ، دراۋىدىئانلار دەپ ئاتىلاتتى. ئارخېئولوگلارنىڭ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان دەۋردە، ھىندى دەرياسى بىلەن گانگې دەريا ۋادىلىرىدا ناھايىتى يۇقىرى مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شىمالىي ھىندىستاننى بويسۇندۇرغان ئارىئانلار ھىندىقۇش تاغلىرى ۋە پامىر ئارقىلىق پەنجاپ ۋە گانگې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى ئويمانلىققا جايلاشقان مۇنبەت تۈزلەڭلىككە بېسىپ كىرىدۇ. ئۇلار يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن تەدرىجىي سىڭىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۈستۈن تۇتۇپ، بويسۇندۇرۇلغانلارنى پەس كۆرەتتى. «رىگاۋىدا»دا خاتىرىلىنىشىچە، بويسۇندۇرۇلغان يەرلىك قەبىلىلەر «مەرج»، «داشيا» دەپ ئاتالغان. مەنىسى «ياۋايىلار» ۋە «رەقىبلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇلار ھىندىستانغا يايلاق مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئارىئانلار كالىنى كۆندۈرگەن مىللەت ئىدى، كېيىن ھىندىلارمۇ كالىغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. قەدىمكى ھىندى تىلىدا قەبىلىلەرنىڭ داھىيلىرى «جۇبود» دەپ ئاتىلاتتى. سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، سېرىق ماي ۋە گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئاساسىي ئوزۇقلىق قىلاتتى. بۇ يېمەكلىكلەر تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھىندىلارنىڭ يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىپ كەلمەكتە. ھاراق ئىستېمال قىلىش يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆڭۈل خۇشلۇقىدىن ئىبارەت. بۇ ئادەت ھىندىستانغا ئېلىپ كېلىندى. يەرلىك خەلقلەرمۇ سۇمو ھارىقىنى ئىچىشنى ئۆگەندى. تەبىئىي يوسۇندا ئارىئانلارمۇ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلدى. تېرىقچىلىقنى ئۆگىنىپ، ئولتۇراقلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى. لېكىن ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇ زېمىندا چارۋىچى قوۋم بىلەن تېرىقچى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىدا غەلىتىلىك كۆرۈلۈپ، تائىپە تۈزۈمى بارلىققا كەلدى. ئۇلار كىشىلەرنى تۆت ۋارنا (تائىپە)گە، يەنى بىرىنچى تائىپە براخمان (كاھىنلار) تەبىقىسى؛ ئىككىنچى تائىپە ھەربىي ئاقسۆڭەكلەر (كىساتىرىيە) تەبىقىسى؛ ئۈچىنچى تائىپە تېرىقچىلار، كاسىپلار ۋە ئۇششاق تىجارەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان ئاددىي پۇقرالار (ۋايسىيا) تەبىقىسى؛ تۆتىنچى تائىپە سودرا تەبىقىسى بولۇپ، بۇ تەبىقە قۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نامراتلار قاتارلىق تەبىقىلەرگە بۆلدى. ئالدىنقى ئۈچ قەبىلە «ئارىئان نەسلىدىن بولغانلار» دەپ قارىلىپ، بويسۇندۇرغۇچىلار ھېسابلانغان؛ ئاخىرىدىكى قەبىلە بويسۇندۇرۇلغانلار دەپ قارالغان. بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقەتەن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇ ھىندىستاننىڭ يەر كلىماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا. دۇبويا دەيدىغان بىرەيلەن ھىندىستاندا نەچچە ئون يىل ياشىغان بولۇپ، ئۇ شۇنداق خۇلاسىگە كەلگەن، ئۇ بۇ يەرنىڭ كىلىماتى ئادەم بەدىنىنى قۇۋۋىتىدىن كەتكۈزۈۋېتىدىكەن، ئادەملەرنىڭ ساغلاملىق قۇرۇلمىسىمۇ خېلىلا زەئىپ ئىكەن. ئادەملەرلا شۇنداق بولۇپ قالماي، ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىمۇ پىل ۋە يولۋاستىن باشقىلىرىدا زەئىپلىك ئىپادىلىرى بولغان. چارۋىچى مىللەتلەر ناھايىتى بەقۇۋۋەت كېلىدۇ. ئۇلار كۈچ-قۇدرەتكە چوقۇنىدۇ. ئاجىزلارنى كەمسىندۈرىدۇ. كۈچتۈڭگۈرلارنى ھۆرمەت قىلىدۇ. تائىپە تۈزۈمى بەلكىم قاۋۇل كەلگەن ئارىئانلارنىڭ ئاجىز، زەئىپ كەلگەن يەرلىك قەبىلىلەرنى كەمسىندۈرىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ياۋروپادىكى چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن تېرىقچى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى ئەكس تەرەپتىكى دەلىل-ئىسپات قىلىشقا بولىدۇ. ئارىئانلار دۇچ كەلگىنى تېرىقچى مىللەتلەر سىڭىشىپ بولغان كېلتىكلار ئىدى. ئۇلار چارۋىچى قوۋملارغا خاس قاۋۇل بوي-بەستىنى يوقاتمىغانىدى، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككى مىللەتنىڭ قوشۇلۇشى باراۋەر ئاساستىكى قوشۇلۇش ئىدى. ھالبۇكى، ھىندىستاندىكى قوشۇلۇش تەڭسىز قوشۇلۇش ئىدى.
    ئارىئانلار ھىندىستانغا كىرگەندىن كېيىن، دەرۋەقە ھىندىلارنىڭ بوي-بەستىنىڭ قاۋۇللىشىشىغا سەۋەبكار بولغانىدى.

    (موڭغۇل يازغۇچىسى ۋە تارىخچىسى مېڭ چىبى ئەپەندىنىڭ «يايلاق مەدەنىيىتى ۋە ئىنسانىيەت تارىخى» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى).
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.