تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(4)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-19 07:38:12

تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(4)44.1 زىيالىيلاردىكى تىپىك مەسىلىلەردوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتاۋىنى ئوقۇغاندىن كىيىن مەزكۇر كىتابتا ئىپادىلەنگەن قىسمەن...



    تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى(4)

    4
    4.1 زىيالىيلاردىكى تىپىك مەسىلىلەر

     

    دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتاۋىنى ئوقۇغاندىن كىيىن مەزكۇر كىتابتا ئىپادىلەنگەن قىسمەن تەپەككۇر بىرتەرەپلىمىلىكى مېنى ئويغا سېلىپ قويدى. بۇخىل قاراشلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۆپىنچە زىيالىيلاردا ساقلىنىۋاتقان ناھايىتى تىپىك ھادىسىلەر. مەن كىتابتا ئېيتىلغان كىچىككىنە ۋەقە ئارقىلىق ئاپتورنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قىسقىچە بىلىشكە مۇيەسسەر بولالىدىم. ئاپتور دانىيىدە تۇرۇش جەريانىدا بىر تۈرۈكمەن كىشى بىلەن تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇچۇرۇشۇپ قىلىپ قىزغىن پاراڭلىشىدۇ. بۇ ئۇچرۇشۇش ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىملىق تەسىر بېرىدۇ. ئۇ يەنە بىر ۋاراڭ – چۇرۇڭغا تولغان قايناق ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى بايقايدۇ ھەم ئۇ يەردە ئۆزىنى ئىنتايىن ئازادە ھېس قىلىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بۇ ئىشنى ئاچىسىغا سۆزلەپ «يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىرىمىز، ھىچبولمىغاندا ئورتاق بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە تەۋە كىشىلەر بۇ يەردە ئادەمنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنىدىكەن» دەيدۇ. ئەمما ئاچىسى ئۇنىڭ بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىغا رەدىيە بېرىپ «ياۋرۇپاغا دەسلەپ كەلگەن ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەرقانداق ئۇيغۇردا شۇنداق بىر ھىسىيات بولىدۇ. مەندىمۇ بولغان، ھەتتا بۇ يەردىكى كۆچمەن ئەرەبلەر، تۈرۈكلەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار كۆزۈمگە دانىيىلىكلەردىن ئىسسىقاراق كۆرۈندى...لېكىن، مۇشۇ مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن كۆزقاراش ۋە ھىسىياتىڭدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولىدۇ. سەن دىگەن بىر ئوغۇل بالا، ھىسىيات جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىقاراق ۋە تەمكىن بولۇشۇڭ كېرەك. بىز ھازىر رىئال دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ۋەتەندە كۈنۈپ قالغان بۇرۇنقى ئوي-خىياللىرىمىز ئەمدى بۇ يەرگە ماسلاشمايدۇ... مەن سېنىڭ ئەمدى خەلقئارا مۇھىتتا تەرەققى قىلىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن» دەيدۇ. ئاپتورنىڭ قېرىنداش مىللەت كىشىسىنى يېقىن كۆرىشى توغرا. شۇنىسى ئۇ ئۆزىنى مىللىي ھىسىياتى بىلەن دەڭسىمەسلىكى، تېخىمۇ مەدەنىيەتلىك كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۋاتقانلىقىدىن ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇشى، يېڭى مۇھىتقا كۈنىشى، ماسلىشىشى، ھەرگىز بىر ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىلەن ئۆزىگە تەسەللى، ئارام بەخش ئىزلىمەسلىكى لازىم. ئۇ ئۇچراتقان بازارمۇ شۇنداق. ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئەرەپ ئەللىرىدىن كەلگەن تۈرلۈك كۆچمەنلەر دانىيەنىڭ مەلۇم شەھىرىگە توپلىشىپ بۇ بازارنى ئېچىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەۋجوت بولۇشى ياۋرۇپاچە ئادەتكە خاس بۇ شەھەرگە، جۈملىدىن شىمالىي ياۋرۇپا ئەللىرىگە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ھاياتى كۈچ بەخش ئېتەلىشى ناتايىن، ئۇ پەقەت شۇ خىلدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ خالاپ بارىدىغان، سېغىنىشىنى باسىدىغان، دەرت تۆكىدىغان، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان جايى، خالاس. ئۇنىڭ يوقاپ كىتىشىمۇ بۇ شەھەر ئۈچۈن چوڭ جەمئىيەت مەسىلىسىمۇ ھىساپلانمايدۇ، ئاپتور بۇنى زىيادە تەسۋىرلىگەن. شۇنداقلا رايونىمىزدا ھازىر مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئوخشاش شەكىلدىكى بازارغا نۆۋەتتىكى زىيالىيلاردا ساقلىنىۋاتقان تىپىك قاراش بۇيىچە «ئىجابىي» باھا بەرگەن. شۇنىڭ بىللە يەنە چۈشەنچە بېرىپ «بىر خەلق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتتىكى كىملىكى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەۋجوتلۇقىنىڭ تۈپ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ»  دىگەن كۆز قاراشنى يورۇتۇپ بەرمەكچى بولىدۇ. بۇ سۆز باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرى سۆزلەنگەندە قىلىنماستىن بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇندا بېرىلىدۇ. كۆرۋىلىش تەس ئەمەسكى، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ھەم مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ مۇشۇخىل ياشاش ئۇسولىغا بېرىلگەن باھادىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرگىز بارغانسېرى ئوخشىشىپ كىتۋاتقان ياۋروپا مىللەتلىرىگە بېرىلگەن ئەمەس. بۇ پىكىر مەدەنىيەتتىكى ھۆكۈمران مىللەتلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى ۋە ياشاش شەكلىدىكى پەرقىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلىشىپ كىتۋاتقانلىقى بىلەن زىت. ئاپتور يات ئەلدە يىتىملىك ھىسىياتنىڭ تەرەپدارى بولۇپ قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنىمىزدە تارىختىكى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ياشاش شەكلى بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان بىرەسمىي ئىپتىدائىي ھالەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ قالغان. مۇشۇ ۋەقەلىكتىن «بىزنىڭ پۇرچىقىمىز پەقەت قېرىنداش مىللەت كىشىلىرى بىلەن پىشىدۇ. ئۇلار بىلەن بىز تەقدىرداش، قۇرغاق رايوندا ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق كىشىلىرى بىز بىلەن ئوخشاش ياشاس ئۇسۇلىغا ئىگە. مەدەنىيەت پەقەت شۇلار بىلەنلا بولىدۇ» دىگەن يەكۈن چىقىدۇ. دىمەك، ئاپتور غەرىپنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈنسىز ئەيىبلەپ ئۆتۈپ، ھازىرقى ياشاش ھالىتىمىزگە مەدىھىيە ئوقۇغان. بۇنداق ئويلاش بىر ئۇيغۇر، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۈچۈن بەلكىم توغرىدۇ. ئەمما كىتابخانلارنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىمكى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق كىشىلىرى ھەم جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلار تارىختا ناھايىتى سەلتەنەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك ياشىغان بولساقمۇ بۇ دەۋرلەر ئاللىقاچان كەتتى. بۈگۈنكى كۈندىكى ياشاش ئۇسولىنىڭ تۈپتىن ئۆزگۈرۈشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالىي ئۆزلۈك قارىشى(ئۆزىدىن ھالقىشى) شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ھەرقانداق بىر مىللەت تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆزىدىكى ماسلىشالمىغان ئەنئەنە ۋە ئۆرۈپ ئادەتلەردىن قاتتىق قوللۇق بىلەن ۋاز كېچىشى كېرەك. دۇنياغا دانالىق بىلەن نەزىرىمىزنى سالغىنىمىزدا ياشاش شەكلىدە قانچە كونىلىقنى ساقلىغان بىر تائىپە بولىدىكەن ئۇنىڭ تەرەققىياتى تەتۈر تاناسىپ ھالدا چېكىنگەنلىكىنى بايقىماي قالمايمىز. ئەسئەت سۇلايماننىڭ بايانلىرى خەلقئارانىڭ نۆۋەتتىكى قانونىيەتلەرگە قارىشى ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا دوكتور كىتابنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ئىشلار توغرۇلۇق قايتا ئېنىقلىما بەرمەيدۇ. نىچۈن دۇنيانى ئاۋام پۇقرادىن ياخشى چۈشۈنىدىغان بىر ئادەمدە مۇشۇنداق ئىدىيە ھۆكۈمران؟ بۇ كۆپ قىسىم زىيالىيلىرىمىزدا ئورتاق بولۋاتقان ھېسسىياتقا ئىغىشنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

     

    يوقۇرىدا قەيت قىلىنغان ئۇنىڭ ئاچىسى ھاۋاخاننىڭ قارىشى ئىنتايىن ئىلغار قاراش بولۇپ، تىپىك يېڭىچە پىكىر ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئىزدىنىشى قىسمەن دائىرىلىك بولسا، ئاچىسىنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئىزدىنىشى دۇنياۋىيلىققا ئىگە ئورتاق پەن. بۇ ناھايىتى روشەن بىر سېلىشتۇرما. بۇ نۇقتا ئۆزىمىزدە زادى يازغۇچى - تارىخچىلار مۇھىممۇ ياكى دۇنياۋى ئورتاقلىققا ئىگە ئىلىم ئىگىلىرى مۇھىممۇ دېگەن تېمىدا ئويلىنىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخى، ئىتىنىك مەنبەسى، ئۆرۈپ -ئادىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش بەسىي توغرا ئىش بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ قەدىرلىشىمىز بۇنىڭلىق بىلەن چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ. بىز يەنە دۇنياۋى ئورتاقلىققا ئىگە پەنلەرگە بولغان ھوشيارلىقىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. پۈتۈن دۇنيادىكى تەرەققىيات رىتىمى تېز، جىددىي، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىكىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەسئەت سۇلايمان تەسۋىرلىگەندەك قېرىنداشلىق، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى كەمچىل بولۇشى تەبىئىي. ئەمما ئۇلار بۇ تۇرمۇشقا ئۇزۇندىن كۆنگەن بولۇپ غەيرىي تۇيۇلمايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىدا يىتىلدۈرگەن ھەم تەبىئىي خالاپ تاللىغان ئادىتى بولۇپ، بۇ خىل ئىختىيارىي «مەجبورلىنىش» ئاخىرىدا ئادەتكە ئايلانغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ئادەتلەرگە ئورتاق رىئايە قىلغاندىلا ئۇلار مەدەنىيەت ھۆكۈمرانىلىق ئورنىدا تەۋرەنمەي تۇرالايدۇ. بۇنى بىز تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغدۇرالايمىزمۇ؟ ئاپتور يەنە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلىدۇ: «يەر شارىلىشىنىڭ شىددەتلىك دولقۇنى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر چىگرىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ مىللىي ۋە مەھەللىۋىي پەرقلەرنى ئېزىپ ئۇن قىلماقتا. بىز ئەنە شۇ سان – ساناقسىز خۇرۇچلارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تەييارلانغان، ئاللىقاچان ئۆز تەمىنى يوقاتقان يەر شارى بولكىسىنى يىمەكتىمىز». بۇ جۈملىدىن نۆۋەتتىكى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا بېرىلگەن باھانىڭ ئىجابىي ئەمەسلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە دىيىلۋاتقان «تەمسىز» بولكا دۇنيادا پەقەت بىرلا خىل، بەرىبىر بىزنىڭ يىمەكلىكىمىز. ئۇنى ئىنسانلار ئۆز ئىختىيارىي بۇيىچە تاللىغان، ئاز يىگەنلەر جانسىز، ئورۇق بولىدۇ، تەمسىز بىلىپ يىمىگەنلەر ئاچ قالىدۇ، خالاس. ھەممە مىللەت ئۆز ئالاھىدىلىكىنى، ئۆرۈپ - ئادىتىنى ساقلاپ قىلىشى بىلەن بىللە يەنە تەرەققىيات ئىلىپ كېلىۋاتقان بىسىم، خىرىس ۋە مەجبورلاشلارغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى، تەدبىر بەلگىلىشى زۆرۈر. ماسلىشىش ياكى ماسلاشماسلىق مەسىلىسىدە بىزنىڭ دېگىنىمىز ھېساب ئەمەس. بۇ خىل ئېقىم بەئەينى جاھان سوقۇشىدا ئۇرۇش ئوتى ئۇرۇش قىلىشنى خالىماي مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىمۇ يۆگەپ- سوقۇپ ئۇرۇش قاينىمىغا باشلاپ كىرىگىنىدەك ئىش بولۇپ، باشقا كەلگەندە ھېچكىم قېچىپمۇ كىتەلمەيدۇ.

     

    تارىخىي خاتىرىلەر شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، ئىلگىرى فىيودالىق ۋە بىكىنمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا نەزەر سالمىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى، مىسالەن ياپونىيە، كورىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشىكىنى كۈچەيگەنلەر سودا مۇناسىۋىتى بىلەن ئاچتى، ياخشىلىقچە قىلالمىغاندىن كىيىن توپ - زەمبىرەكلىرىنى ئىشقا سېلىپ مەجبورى ئېچىۋەتتى. بۇ خىل مەجبورلاش ئاخىرىدا فىيوداللىق ۋە بىكىنمىچىلىكنى يوقتۇشقا، ئۆرۈپ- ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى ھەم دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. دېمەك، دۆلەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى سىياسەت – پەرمانلىرى ھەم دۇنيا ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىر ئېقىمدا مېڭىش بىردىنبىر تاللاش يولىدۇر. ئەمدى قانداق قىلىپ ھازىرقى ئېسىل ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قىلىپ زامانىۋىلىققا كۈنەلمەيدىغانلىرىدىن كېچىش، زىيادە ۋاقىت، كۈچ ۋە زېھنى قۇۋۋەتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى قىسقارتىۋىتىش توغرىسىدا ئىزدىنىشكە موھتاج بولۋاتىمىز. ئىلىم – پەنگە، پاكتقا ھۆرمەت قىلغۇچىلار بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى تەمكىنلىك بىلەن ئويلىنىشىمىز كېرەك.

     


    4.2 ئاممىنىڭ ئىلىم – پەن قارىشى ۋە تەپەككۇرى

     


    كىشىلەر تېخنىكا ئارقىلىق زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە بىخەتەر ياشاش ئۇسوللىرىنى بىلىۋالدى. كىشى نورمال ھايات كەچۈرۋاتقان ئەھۋالدا ئەجەل ۋەھىمىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆپ ئويلاپ كىتەلمىسە كېرەك. ئەمما ئۆزى ياكى ئەڭ مۇھىم كىشىسى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان چاغدىلا بۇنىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنداق ۋەھىمە ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئارزو – ئارمىنىنى بىراقلا بىتچىت قىلىپ تاشلايدۇ. يۇقىرى سەۋىيىلىك داۋالاش تېخنىكىسى ئادەمنىڭ كېسىلىگە شىپا تېپىشقا ئۇرۇنىدۇ ھەم بىر قىسىملىرىنى ساقايتىدۇ. دېمەك، تېخنىكا قانچە يۇقىرى بولسا كىشىلەرگە شۇنچە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن، ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىشى ھەم ئالىملىرىمىزنىڭ تەتقىقاتى تېخىچە بىخ ھالەتتە تۇرۋاتىدۇ. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى، «بىلىم–كۈچ»كە ئوخشاش ئىلىم – پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ژۇرناللىرى يىتىمسىرىماقتا. بۇ ژۇرناللارنىڭ تىرىشچانلىقىدا دۇنياغا كەلتۈرۈلگەن بىر قىسىم نەتىجىلەر ئېتىبارسىز قالماقتا. مىسالەن، قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسى»نىڭ ئارىمىزدا كۈچلۈك ئىجتىمائى ھەم ئىقتىسادى قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكى ئادەمنى تولىمۇ ئەپسوسلاندۇرىدۇ. ئەمما 90- يىللاردا مەلۇم بىر تىل تەتقىقاتچىسىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلەشتە ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قىلىشى سەۋەبلىك مەكتەپ - مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىئانە توپلاش پائالىيىتى بۇ ئىككى خىل ئىشقا، توغرىسىنى ئېيتىقاندا ئىلىم ساھەسىدىكى دۇنياۋى بايقاش ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن قىسمەن دائىرىلىك تىل تەتقىقاتىغا بولغان روشەن پوزىتسىيىمىزنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا. ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ئالدىدىكىسى پۈتكۈل دۇنيا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا. ئۇنداقتا قانداق ئامىل تارىختىن بۇيان باھادىر ئوغلانلىرى، كەشپىياتچىلىرى كۆپ يېتىشىپ چىققان بىر مىللەتنى شاللاپ تاشلاپ، جاھان مىللەتلىرىنىڭ كەينىگە تىزىپ قويۇشقا، ھەتتا ئۇنتۇلدۇرۇشقا مەجبورلىدى؟ بىز تارىخىي قەلەمدارلىرىمىزنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلمىدۇقمۇ ياكى ئۇلارنىڭ قاراشلىرى زامانغا زىت بولۇپ قالدى؟ ياكى ئۇلار كۆرسىتىپ بەرگەن ئاتالمىش «ئىلىم – مەرىپەت يولى» نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ تۇتقان يولى بىلەن ئوخشىمامدۇ؟ ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ساھەلىرىدىكى تەلىماتلار دۇنيا ئىلىم– پېنى ساھسىدە جىڭغا توختىمىدۇ ياكى بىز بەك كۆپتۈرۋەتتۇقمۇ؟ ئۇلارغا زىيادە يوقۇرى باھا قويۇشتىن ئىلگىرى جاھانغا نەزەر سېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇقمۇ، بىلىشىمىزدىكى بىلىم- مەرىپەت يولى زادى دۇنيانىڭ يولۈنىشى بىلەن ئوخشامدۇ – يوق؟ بۇ مەسىلىلەرگە سوغاققانلىق بىلەن تەكشۈرۈپ چىقىپ جاۋاب بىرىشىمىز، ئۆزىمىزگە بەش قولدەك ئايان كۈچى ئاجىز دەسمايىمىزنى ھە دېگەندىلا سۆرەپ چىقىپ پەش قىلماسلىقىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ ئىلىم – پەنگە ۋە تېخنىكىغا تۇتقان پۇزىتسىيىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

     

    بىزگە مەلۇملۇق تارىخىمىزدىن شۇنى كۆرۋىلىش تەس ئەمەسكى، «ئەدىب، شائىر» ئەتىۋارلىنىپ، تېخنىك - ئىختىراچى كەمچىل بولغان. بۇنداق زور تەڭسىزلىك ھە دېگەندىلا بىرەر ئەمىلىي ئىش قىلىشتىن جەررە – ساما تارتىشنى، قىسقىسى خىيالى-ھىسسىي مەدەنىيەتنى ئەۋزەل بىلمەك ھالىتىگە باشلىغان. بۇ بىزدىكى مىڭ يىلدىن بۇيان بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان تېخنىكا ھەم ئىلىم – پەننى تەرك ئېتىش پىسخىكىسىدىن ئىبارەت.

     

    ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە جىنسىي ئەركىنلەشتۈرۈش، بۇزۇقچىلىق، ئاشنىدارچىلىق يامرىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كۆپ قىسىم ئەقىللىق كىشىلەر ئىنسانىي پەزىلەت - خىسلەت بىلەن ياشاپ،  ھەر ئىشنى پۇختا،  ئۆز لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئەخلاق، ئۆرۈپ- ئادەت، كىشىلىك قەدىر - قىممەت جەھەتتە يەنىلا دۇنيانىڭ ئۈلگۈسى بولۇپ كىلۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئەخلاقىنى بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا يوق قىلىۋەتسەك، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئىنتايىن سېرىقلاشقان، جىمىي بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئۇچۇقى دەپ قارىۋالساق خاتالاشقان بولىمىز، ئەلۋەتتە. ئەقىللىق كىشىلەر ئۆز جىسمىدىكى ھەر بىر پائالىيىتىگە ئاڭلىق ئىگە بولۇپ كىلۋاتماقتا. بۇلارغا كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىمىزمۇ ھەرگىز خەقنىڭ يامان تەرىپى بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ ناچار ئادىتىنى ئەمەس، ئىلىم پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان خىسلىتىنى ئۆگۈنىمىز. ئۇلار ئۆز ئورنىنىڭ يوقۇرلۇقى، تېخنىكىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئىنسانلارغا ۋاكالىتەن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ئالەمنى تەكشۈرۈش، داۋالاش، قاتناش قوراللىرى قاتارلىقلارنىڭ زامانىۋىلىشىشى پۈتكۈل ئىنسانلارغا بەخت ئېلىپ كىلەلەيدۇ. خەۋەرلەردىن ئايان بولۇشىچە ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردا نەچچە مىليارد دوللار خەجلەپ ھاۋايدىكى مەلۇم ئورۇنغا بىر دانە ئالەمنى كۆزىتىش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرشارىغا ھەرۋاقت ۋەيران قىلىش خاكتىرىدە سوقۇلۇپ كېتىش تەھدىتى شەكىلەندۈرۋاتقان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، مىتئورىت تاش قاتارلىقلارنى كۆزىتىش ۋە ئالدىن خەۋەر بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان. بۇ ئەلۋەتتە پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ھەم يادرولۇق مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، شۇنداقلا يەر شارىنىڭ تارىخىدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھەم يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قارالغان ئىنسانىيەتنى يوقىتىش خاراكتېرىدىكى ۋەقە. ئىنسانىيەتنىڭ يوقۇلىشىنى تېزلىتىدىغان بۇ ۋەقەلەر گەرچە رىۋايەت ياكى فانتازىيىگە ئوخشاپ قالسىمۇ ئەمما ئۇنى يۈز بەرمەيدۇ، دەپ ھېچكىم ئېيتالمايدۇ. مۇشۇنداق خىزمەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن پۇل بولغاندىن سىرت يەنە يۇقىرى تېخنىكا ھەم تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئىنتايىن زۆرۈر بولىدۇ. بىز ھەدىسىلا «بۇزۇقچىلىقنىڭ ئوچۇقى» دەپ بىلىدىغان ئامېرىكا گەرچە دۇنيا زومىگىرى بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ يەنىلا نۇرغۇن ئىجابىي تەرەپلىرى بار. ھەرقانچە كۆپ پۇلنى تىزىپ قويغان بىلەن پۇل بۇنداق ۋەزىپىنى ھەرگىزمۇ تاماملىيالمايدۇ. ئالەمدىن چۈشىدىغان مىتئورىت ئامېرىكا زىمىنىغىلا سوقۇلمايدۇ-دە. ئۇنداقتا بىز يەنە بۇ ئىشلارغا قانداق باھا بېرىمىز؟

     


    ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگو سەييارىمىزدىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپۈتى بىلەن ئوخشاشلا مۇشۇنداق ئىشلار ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىشى، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ۋەتەننىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغاندىن باشقا يەنە ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشنى نىشان قىلغان. ياشاۋاتقان سەييارىمىز تۇيۇقسىز تاشقى ئالەمنىڭ بىرەر ھوجومىغا ئۇچراپ قالسا دۆلىتىمىزمۇ ئالەم تېخنىكىسىنى ئىگەنلىگەن دۆلەتلەر قاتارىدا ئائىلىمىزنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالايدۇ. دېمەك، تەرەققىياتى تىز بولۋاتقان ئەللەر ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن زۆرور بولغاندا ئىنسانىيەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدۇ.

     


    شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن ئورتاق ئىزدىنىۋاتقان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالىم، ئىقتىسادشۇناس، مۇنەۋۋەر كارخانىچى ۋە توغرا تەدبىر بەلگۈلىگۈچى كىشىلەرنى  ھەممىدىن يۇقىرى قويۇپ ھۆرمەتلىشىمىز لازىم. بىز ئىلىم-پەن ئالىملىرىنى قانداق قەدىرلەش توغرىسىدا ھەقىقىي ۋىجدانىمىز ئالدىدا جاۋابكار. بىر قىسىم ساھە بىز بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولسا، كۆپ قىسىم ساھە پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر ياكى ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

     


    بىزگە مۇلۇملۇقكى، بىز ئۈچۈن مەرىپەتنىڭ مېۋىسى دەپ بىلىدىغان بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا يۈرەك تارىمىز تىترەپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ شۇ ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن ئەدەبىي تەسەۋۋۇر، ھېسسىيات، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسى. بىزگە ناتونۇش ئىلىم-پەن ئالىملىرى بولسا دىلىمىزنى مايىل قىلىش چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا  قالغان. چۈنكى ئۇلار ھىسىياتقا ئەمەس، پاكتقا تايىنىپ يەكۈن چىقىرىدۇ. ئالىملار تىنىمسىز ئەمگىكى، تەتقىقاتى ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزنى قۇلايلىقلاشتۇرۇش، دۇنيانى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بۇ بىردەمچىلىك ھاياجانغا ئوخشىمايدۇ. باشقىلار بىر ئالىمنى ھۆرمەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مىللىتىنىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىدۇ، بىر ئالىمنى قەدىرلەيدىكەن، ئۇنىڭ مىللىتىنىمۇ ئوخشاشلا قەدىرلەيدۇ. كۆك كۆز، سېرىق چاچلىق كىشىلەر ئىلىم - پەننىڭ مۇھىملىقىنى توغۇلۇپلا بىلگەن ئەمەس. ئۇلار ئۇزۇن تارىخىي جەريانىدا، تېخنىكىدىن ئىبارەت بۇ قورالدىن ھەم ياخشى ئىش ھەم يامان ئىش ئۈچۈن پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىشكەن. كىشىلەر ئايروپىلان،  پاراخوت دۇنياغا كەلگەندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى قورال قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. مىلتىق دورىسى كەشىپ قىلىنغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ ئاسانلىقىنى بىلدى. مۇشۇنداق دەۋرىي قىلىش جەريانىدا كىشىلەر تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ زومىگەرلىك، كىڭەيمىچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە يەنە زور ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى، خەلققە تېخىمۇ قۇلايلىق ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. بۇ بىلىش ئىنساننىڭ قانائەتلەنمەسلىك تەبىئىتى بىلەن بىرلىشىپ ئىلىم - پەن تەرەققىياتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركىن تەپەككۇرنىڭ توغرا يول كۆرسەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. تەپەككۇر سالمىقىنىڭ يىلسېرى چوڭقۇرلاشقانلىقى نىمىنى تاللاش كېرەكلىكىنى كىشىلەرگە ئېيتىپ بەرمەكتە.

     


    ئىنسانىيەتنىڭ ئىزدىنىشى ھەرگىزمۇ بىكار كەتمەيدۇ. گەرچە ئۇنىڭ جەريانى بىر قىسىم قۇربان بېرىشنى بەدەل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ياراتقان ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى مۆلچەرلىگۈسىز. ئەپسۇس، بىزدىكى تەپەككۇر نامراتلىقى، «پەيلاسوپ»لارنىڭ كېكەچلىكى، «سىغدۇرماسلىقى» سەۋەبلىك داۋاملىق ئەنئەنىۋى نەرسىلەرنى پۈۋلەپ، زور روھىي، ھېسسىي بەدەل بەرسەكمۇ ئىلىم ساھەسى ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بەرمىدۇق. نەتىجىدە ئىلىم - پەن تەپەككۇر ئۇقۇمى بىزدىن ناھايىتىمۇ يىراقتا قالدى. بىز گاڭگىرىغانلىقىمىزدىن پەقەت ئەدەبىي ئەسەرلەر ساھەسى، تارىخ، ئامىباپ كىتاب مۇئەللىپى، «ژۇرنال پەيلاسوپى»، شائىر، مەغلوبىيەتچى «مۇتەپپەككۇر»، سازچى قاتارلىقلارنى چوڭ بىلسەك بىلدۇقكى، ئىلىم - پەن ساھەسىنى كۆزگە ئېلىپمۇ قويمىدۇق، خوددى بۇ ئىشلار بىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىزدەك. يېڭىچە ئىلىم-پەن مەدەنىيىتى، ئىجادى تەپەككۇر سەنئىتى، زامانىۋى جاھاندارچىلىق-تىرىكچىلىك سەنئىتى بىز بىلىدىغان ساھەنىڭ سىرتىدا قالدى. نەتىجىدە دۇنيا قارىشىمىزدىكى تارازا تەڭپۇڭلۇقى ئېغىر بۇزۇلۇپ بىر تەرەپكە قىيىپ كەتتى، ئەمدى قىيىۋەرسە بۇ تارازىنىڭ يەلكىسى سۇنىدۇ. ئەسلىدە،  بىز ئىلىم – پەننىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى، تەرەققىيات باسقۇچى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەم دۇنيا ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىنىڭ يۈزلۈنۈشى قاتارلىقلارمۇ ئوخشاشلا خەۋەردار بولۇشقا، قاتنىشىدىغان مەسىلىلەر ئىدى. مەرىپەتپەرۋەر شائىر(پەقەت شائىرلارلا مەرىپەتپەرۋەر بولامدۇ؟!)، ئەل سۆيگەن سەنئەتچى، داڭلىق يازغۇچى، ئاتاقلىق تىلشۇناس، تارىخچى قاتارلىق ئاتالغۇلار ھەرقانداق سۆزدىنمۇ يېقىملىق، تونۇش ئىبارىلەرگە ئايلىنىپ كەتتى. پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزگىلا تەسىر كۆرسەتكەن ساھەلەر بىزنىڭ بىلىشىمىز بولۇپ قالدى. نەتىجىدە مىللەتنىڭ ئىلىم قەدىرلەش، ساپ ئېتىقاد ۋە خۇراپاتلىق چۈشەنچىسى، نومۇس–خارلىق قارىشى، شەرەپ–خورلۇق تۇيغۇسى قاتارلىقلار بىلىپ-بىلمەي تۇيۇق يولغا باشلاندى. قارىماققا بىز بۇ ساھەلەردا «ئالەمشۇمۇل» نەتىجىلەرنى ياراتقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ ناھايىتى زور كۈپۈكچىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرۋاتىمىز. بىز پۈۋلەش، پەپىلەش، سىيلاش - تەسەللى، كۈپتۈرۈش بەدىلىگە مانا مۇشۇنداق زور كۈپۈكچىنى يېتىلدۈرۈپ چىقتۇق. دېمەك، بۇ كۈپۈكچە ھامان بىر كۈنلەردە قاتتىق شامالدا يېرىلىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇ چوڭلىغانسىرى ئۇچرايدىغان شامال بىسىمىمۇ شۇنچە زور بولىدۇ.

     


    مەن يازغۇچىلارنىڭ، سەنئەتچىلەرنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ مۇسىبەت نامىزىغا قاتناشتى، بىز مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئالىم دەپ تۇنىيمىز. ئەمما بىر ھەقىقىي ئىلىم-پەن ئالىمىنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ناھايىتى كەم ئاڭلىدىم. مانا بۇلار مىللى روھمۇ؟ ئۆزلۈكلىكنى ساقلاشمۇ؟ بىر قىسىم سۆزلىگۈچىلەر ئۆزلۈكنى ساقلاش كېرەك دەپ جار سالىدۇ. بۇ ھازىرقى ئەنئەنىۋى ھالەتتە تۇرۇش كېرەك دىگەنلىكمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكلۈك قارىشى بۇيىچە ئېيتقاندا تارىختىكى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ بىر مىللەتكە ئايلانغان قەبىلىلەر، چاغاتاي خانلىقىنىڭ مۇسۇلمانلىشىشى قاتارلىقلار تارىخىي خاتالىقمۇ؟ ئۇلار ھەر ئىككىسىنى توغرا دەپ قارامدۇ؟ بۇ زىددىيەتلىك ئەمەسمۇ؟ شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، مەڭگۈ ئۆزلۈكلۈك مەۋجۈت ئەمەس. ئاجىزلارنىڭ يوقۇلۇپ كۈچلۈكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇش قانۇنىيىتى تېخى توختاپ قالغىنى يوق، ئۇ تارىختا قانداق داۋام ئەتكەن بولسا بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق داۋام ئەتمەكتە ھەم مەۋجۇت بولماقتا، رىتىمى، سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلىمەكتە.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.