ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنىدا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولدى؟

يوللىغۇچى : aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2010-06-04 02:15:41

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنىدا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولدى؟ زۇلھايات ئۆتكۈر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا زېمىنىمىزدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش،كۈزىتىش ۋە ...

        ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئورنىدا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولدى؟
    زۇلھايات ئۆتكۈر

     

       ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا زېمىنىمىزدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش،كۈزىتىش ۋە تەتقىقاتتا بولغان ئەجنەبىلەرنىڭ قالدۇرغان ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا مۇناسىۋەتلىك خېلى كۆپ يازمىلار بار.مەن شۇ ئۆزۈم كۆرگەن يازمىلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەجنەبىلەرنىڭ خاتىرىسىدىكى دۇنيا قاراش، كىشىلىك ئەقىدە، ئاياللىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن ھازىرقى كۈندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ،دىنىي ئېتىقادى ۋە ئاياللىق پەزىلەتلىرى ئوتتۇرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سېلىشتۇرۇپ چىقىشقا تىرىشتىم.

       بۇ يازمىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ، ئۇيغۇر ئاياللىرى دىنىي ئېتىقادى ناھايىتى كۈچلۈك، شەرمىي –ھايالىق، ئېرى ۋە بالا-چاقىسى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغان، ئىشچان دەپ تەرىپلىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۇلار دىننىڭ چەكلىمىسى ۋە ئۆرپ-ئادەت تۈپەيلىدىن بېكىنمە، مۇستەقىل كۆز قارىشىنى ئىپادىلىيەلمەيدىغان،نىكاھ ئەركىنلىكىدىن مۇستەسنا، نادان،خۇراپىي، ئابرويپەرەس خاراكتېرگە ئىگە دەپ تەسۋىرلەنگەن.

       توغرا، كۆپلىگەن مۇسۇلمانلاردا، ئىسلام دىنى پەقەت بىر دىنلا بولۇپ قالماي، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ئېتنىك گۇرۇپتىكى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ –ئادەتلىرىنىڭ تەۋەلىكىنىڭمۇ سىمۋولى بولۇپ قالغان.ئۇيغۇرلاردىمۇ ئۇ دەۋەرلەردە ئىسلام دىنى شۇنداق ئىجتىمائىي، مەدەنىي ، سىياسىي ۋە ئىقتسادىي سەھنىلەردە زور رول ئويناپ كەلگەن.لېكىن بەزى ئۆرپ –ئادەتلەر ئىسلام دىنىنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىغان بولۇپ، تەدرىجى ھالدا ئادەت خاراكتېرگە ئايلانغان.مەسىلەن بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى قىزلارنى خەتمە قىلىش ھادىسىسى قۇرئان كەرىمدە چۈشۈرۈلمىگەن، پەقەت ئافرىقىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بولۇپ شەكىللىنىپ قالغان.ئەمەلىيەتتە بۇ ھادىسە ئاياللارنىڭ جىنسىي سېزىمىنى بوغۇپ ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئەرلەردىن تۆۋەنلىتىپ ، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە كۆپ دىشۋارچىلىقلارغا دۇچار قىلغان.

       قەشقەر ۋە يەركەنتلەردە ئۇزۇن يىل تۇرغان شىۋېتسىيىلىك مىسسىيونېر   L.E.Högberg  نىڭ قالدۇرغان ماتېرياللىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق توي مەرىكىسىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازىدۇ:'ئەر مېھمانلارغا پولوغا گۆش بېسىپ تارتىلدى، ئىچكىرىكى ئۆيدە ئولتۇرغان ئايال مېھمانلارغا بولسا نەچچە پارچە سۆڭەكلا بېسىلغانىدى"¹

       'بۇ موزدۇزنىڭ يەتتىنچى قېتىم توي قىلىشى بولۇپ، بىر ئايال بىلەن ئالتىنچى قېتىم نىكاھ ئوقۇشى ئىدى.'

       Nils Ambolt  نىڭ «كارۋان »ناملىق كىتابىنىڭ ئاياللارنىڭ 'ھېس-تۇيغۇسى ۋە ئىسلام دىنى 'دېگەن بابىدا مۇنداق بايان قىلىنغان:'بۇ يەردە ئەرلەرنىڭ ئاز دېگەندە ئىككىدىن ئايالى بارىدى.بۇ خوتۇنلار ئوخشىمىغان مورىدىن ئىس چىقىرىشىپ ئۆتسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۆزارا چىقىشىپ ئۆتۈشەتتى.لېكىن مەن ئاياللىق سەزگۈمگە تايىنىپ ، ئۆزۈم كۆرۈشكەن ئاق ساقالنىڭ يېڭىدىن ئەمرىگە ئالماقچى بولغان  كىچىك خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىدىن مەيۈسلۈكنى كۆرگەندەك بولدۇم، مەن ئۇنىڭغا پىچىرلاپ  ئاق ساقالنىڭ كېرىيىدىكى خوتۇنىنىڭ 60 ياشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمدا ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ ، باشقىدىن جانلىنىپ كەتتى'

      يەنە شۇ ئاپتورنىڭ«قەشقەر»ناملىق كىتابىدا مۇنۇ قۇرلار بايان قىلىنغان:قەشقەرلىك قىز چوكانلار كىشىلەر بىلەن كۆزى ئۇچرۇشۇپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى،بۇ شەرقلىق ئاياللارنىڭ ئورتاقلىقى ئىدى.2

     «شەرقىي تۈركىستاندىكى 25 يىل »دېگەن كىتابتا،  ئاتا –ئانىلار قىزلار 8 ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا ئۇلارغا ئەر ئىزدەشكە باشلايدۇ.14-16 ياشلىق قىزلار ئولتۇرۇپ قالغان 'قىزلار بولۇپ سانىلىدۇ.لېكىن بايلارنىڭ قىزلىرى جۈپتىنى ئۆزلىرى تاللاش ئەركىنلىكى بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ئوي پىكرىمۇ قانداق قىلىپ ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتا بولۇپ،بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئابرويپەرەس، يالغانچى،ئىشەنچسىز، سۈيىقەست پىلانلايدىغان خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەن.چۈنكى ئۇلار ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالسىلا يۆلەنچۈكسىز قالاتتى.3

       يۇقىرىقى مىساللاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئائىلىدىكى، جەمئىيەتتىكى  ئورنى ناھايىتى تۆۋەن ، كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام  دىنىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرىغانلىقىدىن بولغان دەپ يەكۈن چىقىرىلغان.

      ئەمەلىيەتتە قۇرئانى كەرىمدە ئاياللارنىڭ ئورنى ئەرلەر بىلەن باراۋەر قىلىپ كۆرسىتىلگەن ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئوخشىمىغان كۆزقاراش ۋە ئېقىمدىكىلەر ئۇنى تۈرلۈك ئۇسۇللاردا شەرھىلەپ كەلگەن. غەرب دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى تېخى يېقىنقى  200 يىلدىن بېرى تىكلەنگەن بولسا، ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى بۇندىن 1400يىل بۇرۇنلا قانۇنىي ھوقۇق –مەنپەئەتلىرى كۆرسىتىلىپ، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى،ئۆز جۈپتىنى تاللاش ئەركىنلىكى، نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىن بالىلارغا ھامىي بولۇش ھوقۇقلىرى ئىجرا بوپ كەلگەن. ھەدىستە بىر بايان بار:دادىسى تەرىپىدىن مەجبۇرى بىرسىگە ياتلىق قىلىنماقچى بولغان بىر قىز پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ دەرت تۆكۈپتۇ.'دادام مېنى ئۇنىڭ بايلىقىنى دەپلا ، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ، مەن بۇنى ئەسلا خالىمايمەن پەيغەمبىرىم 'دەپتۇ.پەيغەمبەر بۇنى ئاڭلاپ'سېنىڭ ئەركىنلىكىڭ بار، ئۆزۈڭنى بۇ ئىشقا مەجبۇرلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆزۈڭ خالىغىنىڭنى قىلغىن 'دەپ جاۋاپ بېرىپتىكەن.

       دەرۋەقە ئىسلام جەمىيىتى 'شۇرا' ،'ماسلاخا' ۋە 'ئىجتىھاد'تىن ئىبارەت مەركىزىي سېستىما ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، ئاياللار ئەرلەر بىلەن بىردەك'ئىجتىھاد'قا قاتنىشىدۇ.بۇ پىرىنسىپ نەتىجىسىدە كۆپلىگەن رايونلار ئۆز ئالدىغا شەكىللەندۈرگەن ئۆرپ-ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

       ئىجتىمائىي تۈزۈم ئوخشىمىغان ئىندىۋىدلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتى يەنە ئوخشىمىغان كاتىگورىيە، ئېتنىك ئالاھىدىلىك ۋە سىنىپقا باغلىق ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.مەسىلەن ، يۇقىرىقى مىساللاردىكىدەك ، قۇللۇق ۋە فېئوداللىق تۈزۈم مەزگىللىرىدە ئاياللار تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسى نەتىجىسىدە ئەرلەرگە بېقىنىدىغان ، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان 'زاۋۇت'قا ئايلانغان.ماركسىزم ۋە كوممۇنىزم ئىدىيىسىدىمۇ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بارلىق ئىجتىمائي مۇناسىۋەتلەرنى بەلگىلەيدۇ، پەقەت ئىقتىسادىي ئامىللارلا  ئىنسانلارنىڭ ئورنى، تەپەككۇرى ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارايدۇ.

         بىر ئەسىردىن كېيىن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىدا خېلى كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئىسلام فېمىنزمچىلىرى باش كۆتۈردى. ماراكەشلىك فاتىما مېرنېسسى قۇرئاننىڭ پەقەت خاتا تەدبىق قىلىنىۋاتقانلىنى ، كېيىنكى خەلىپىلەرنىڭ ئاياللارنى كەمسىتىدىغان، تۆۋەن كۆرىدىغان ئېقىملارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

       ئىنفورماتسىيە تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىدىمۇ باشقىچە چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بىلىم ئېلىش، خىزمەت بازىرىغا يۈزلۈنۈش،تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈش،ئۆمۈر كۆرۈش يېشى قاتارلىقلاردا خېلى كاپالەتلەر بېرىلدى. ئۇيغۇر ئاياللىرى باشلىرىدىكى ھىجاپنى چۆرۈپ تاشلاپ ئىسلاھات دەۋرىگە لايىقلىشىش ئۈچۈن دىنىي ئەقىدە، مەدەنىيەت ۋە ئەخلاق-پەزىلەتلەرنىمۇ بىرگە چۆرۈپ تاشلاش كېرەكمۇ  قانداق دېگەن خىرىسلارغا دۇچ كەلدى ۋە تۈرلۈك كرېزىسلارغا يولۇقتى.

       ئامېرىكىلىق پەيلاسوپ Susan Mollir Okin(1946-2004) نىڭ نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى لىبىرالىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىيەتلىرىگە بوي سۇنغان ھالدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك .ئاياللار ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلەرگە ئىگە بولۇپلا قالماي بەلكى يەنە ئىجتىمائىي رولىنىمۇ جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

       ھىجاپ ئارتىش دىنىي بېسىمغا ئۇچرىغانلىق، كالتەك يوپكا كىيگەنلىك مودېرنىزم دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئىران فىلىملىرىدە ھىجاپ ئەرلەرنىڭ ھەۋىسىنى توسۇش ئۈچۈن دەپ قارالسا ، ھىندى فىلىملىرىدە ھىجاپ ئەرلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغاش ئۈچۈن دەپ قارىلىدۇ.غەرپ ئەللىرىدە ھىجاپ مەدەنىيەتنىڭ قالدۇقى دەپ قارالغان بولسا، ھۈمەينى ئۇنى مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەكلىكى دەپ قارايدۇ.

       يېقىندا ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزىنى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقانلىقى توغرىسىدىكى يازمىنى كۆرۈپ قالدىم.Carla Rice نىڭ 'ئاياللار بەدىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى'دېگەن ماقالىسىدە ئاياللارنىڭ بەدىنى ئىجتىمائىي كونتورللۇق ۋە پۇل بىرلىكى رولىنى ئويناش بىلەن بىرلىكتە يەنە زوراۋانلىق ۋە ئاۋارىچىلىقلارنىڭمۇ مەنبەسى دەپ كۆرسىتىلگەن.4 يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئاياللار ئىقتسادىي ئورنى تىكلەنمىگەن دەۋرلەردە ئەرلەرگە بېقىنىپ ئۆتۈپ كەلگەن،توي قىلىش _ئىقتىسادىي تولۇقلىما بولۇپ ھېساپلىنىپ كەلگەن. لېكىن ئۇ ئۇيغۇر قىزى قارىماققا ئىقتىسادىي ئورنىمۇ باردەك قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نىكاھ ئەركىنلىكىدە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.نىكاھ قانۇنىدىمۇ ئۆزگىرىش كىرگۈزۈلۈپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ كۆپ تەرەپلەردە ئېتىۋارغا ئىگە قىلىندى.ئەجىبا بۇ قىزنىڭ پۇللۇق كىشىگە تېگىش پىلانى ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىمۇ؟ ياۋروپا ئەللىرىدە پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلغان بىر ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمى ئاز دېگەندىمۇ بۇ قىزنىڭ تەلىپىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ،ياۋروپا ئەرلىرىنىڭ ئىچىدە تايلاند قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئۆزدىن 10-20 ياش كىچىك ئاياللارنى 'ئىمپورت 'مال قىلىپ خوتۇنلۇققا ئالىدىغان ئىشلار كۆپ .بۇ پۇل بىلەن بەدەن ئوتتۇرىسىدىكى بىر سودا .ئۇ ئۇيغۇر قىزى يەنە ئۆزىنىڭ مىللەت ئايرىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئاپتۇ. بىر مەدەنىيەتنىڭ ،بىر تىلنىڭ ياكى بىر دىننىڭ تەقدىرى   شۇ توپ ئىچىدىكى ھەر بىر ئىندىۋىدقا مۇناسىۋەتلىك ئىشتۇر.

     Kymlicka Will نىڭ  ئىندىئان ئاياللىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ يازغان «لىبېرالىزم، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت»ناملىق كىتابىدا ئىندىئان ئاياللىرىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن قىلغان كۈرەشلىرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇقىدىن باشقا ئۇرۇقتىكىلەر بىلەن ياكى باشقا مىللەتلەر بىلەن توي قىلغان ئىندىئان ئاياللىرى ئۆز ئورنىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.ئاياللار پەقەت ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىقلا ئىجتىمائىي ئورنىنى تىكلىيەلەيدۇ.

      ئۇيغۇر ئاياللىرى پەقەت ئۆز كىملىكىنى تونۇپ ۋە تونۇتقاندىلا شۇنداقلا مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىملىك مېخانىزمى يەرشارىلىشىش باسقۇچىدا مودېرنىزم ئامىللىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆز كەملىكىنى تونۇغاندىلا ۋە تونۇتقاندىلا يەنىلا ئۇ خىل كرېزىسلار ئىچىدە ئۆز ئىندىۋىدىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر زۇلھايات ئۆتكۈر