بىز نېمىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-06 10:46:40

بىز نېمىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق بىز تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ھەر تەرەپكە قاتراپ تۇرىمىز، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى شەيئىي لەر ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقتا، بۈگۈنكى ئاقتاملىق ئەتىكى ...

     

    بىز نېمىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق

     

     

          بىز تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ھەر تەرەپكە قاتراپ تۇرىمىز، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى شەيئىي لەر ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماقتا، بۈگۈنكى ئاقتاملىق ئەتىكى سودا سارىيى ياكى كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبىغا ۋە ياكى شىركەت - كارخانىلارغا ئايلانماقتا. ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى  ئېھتىياجىمىز كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بارماقتا. بىزدىكى كۆز - قاراش ۋە ئىدىيەمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرمەكتە. بىز مەيلى ھېس قىلايلى ياكى ھېس قىلمايلى، بۇنداق ئۆزگىرىش ئاللىبۇرۇن بىزنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالدى. بۇنداق ئىچكى جىددىي ئۆزگىرىش 2000 - يىللاردىن تارتىپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە، ھازىرغىچە بۇ تېما ھەممە يەردە ئاشكارا ياكى مەۋھۇم ھالدا توختىماي سۆزلىنىپ كەلدى، بىزنىڭ بۇيەردە سۆزلىشىمىزگە ئەرزىيدىغىنى، مۇشۇ بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر داۋامىدا بىزنىڭ نېمىنى يوقىتىپ قويغىنىمىز بولسا كېرەك.
           ئۇنداقتا بىز زادى نېمىنى يوقىتىپ قويدۇق؟ بۇ مەسىلىگە بېرىدىغان جاۋاب ھەرخىل بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئادەمنىڭ ياشىغان جۇغراپىيلىك ئورنى، تەۋە مەدەنىيەت قاتلىمى، ئىجتىمائىي توپ قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىق تۈپەيلىدىن، بۇ سوئالغا بېرىلىدىغان جاۋابتا پەرق كۆرۈلۈشى تۇرغانلا گەپ. بىز گەپنى بەك يىراققا قاراتماي، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قاراتساق، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئۆزىمىزگە ناتونۇش ئەمەسلىكىنى، قانداق نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويغانلىقىمىزنى بايقىيالايمىز. بۇلارنى يىغىنچاقلاپ كەلسەك:


           1. ئۆز ئىلكىمىزدىكى ۋاقىتنى يوقىتىپ قويدۇق.


         ۋاقىت توغرۇلۇق ھازىرغىچە ئاز گەپ بولمىدى، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈزۈلمەيدۇ.(چۈنكى ئادەملا تۇغۇلىدىكەن، ئۇنىڭغا تەڭرى تەرىپىدىن ۋاقىت ئاتا قىلىنىدۇ.) بىز تۈرلۈك يوقىلاڭ ئىشلارنى دەپ، مەسىلەن: ئۇ ئولتۇرۇش، بۇ ئولتۇرۇش، ئۇ بايرام، بۇ بايرام، ئۇ شۇجى بۇ كوجى ... دەپ ئۈزۈلمەس بىر قاتار ئىشلار بىلەن ئۆزىمىزگىلا تەۋە بولغان، ھېچكىم ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدىغان، كونترول قىلىش ھوقۇقى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزگىلا تەۋە بولغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىزنى سامان نەرقى قىلىۋەتتۇق. بىر يىلدا قانچىلىك بايرام بولسا بولىدۇ، قانچىلىك ئولتۇرۇش بولسا بولىدۇ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى ئويلاپ باقساق بولىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ بولۇپمۇ 100 گە بارمايلا ئەزرائىلغا جان تەسلىم قىلىۋاتقان ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ۋاقىت تولىمۇ چەكلىك. ئەقىل كۆزىمىز بىلەن كۆزەتسەك، كاللىمىزنى ھەقىقىي ئىشقا سالساق، ئۆزىمىزنىڭ پەقەت بىر ئىشىكتىن كىرىپ يەنە بىر ئىشىككە قاراپ ماڭغۇچى كارۋان ئىكەنلىكىمىزنى بايقايمىز. بۇ نېمە دېگەن قىسقا ۋاقىت، ھە!  ئەمما، بىز ئۈزلۈكسىز تىرىكچىلىك قىلىش داۋامىدا نېمىنىڭ ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىدۇق، ئۇ ئىلكىمىزدە، ئالقىنىمىزدا تۇرسا، بىز ئۇنى كۆرمىدۇق، ئەكسىچە بىز ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا يوق، ئۇنى ئەخلەت دۆۋىسىگە تاشلىدۇق. ئاقىۋەتتە، ئۆزىمىز بىر ئەخلەت دۆۋىسىگە خوجايىن بولۇپ قالدۇق. 

           2. قەلبىمىزدىكى ساپ ھېسسىياتىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق.

         تېگى - تەكتىدىن قۇملۇق مەدەنىيتىگە تەۋە مىللەتلەرنىڭ يېڭى نەرسىگە بولغان قىزغىنلىقى ناھايىتى تېز بولىدۇ. بۇخىل كەيپىيات ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن بىزدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. يېڭىنى قوبۇل قىلىپ، كونىنى تاشلاش بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ - ئادەت كاتىگورىيىسىگە قەدەم قويغاندا ئۆزىنىڭ تېخى بالا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما بىزدە بۇ خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بوۋاي - مومايلارنىڭ رولىنى ئالدى. بىزنىڭ ئىدىئولوگىيىمىزنى ناھايىتى تېز ئۆزگەرتىپ، ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئەجدادلىرىمىزدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان پىسخىكا شەكلىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئەلۋەتتە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەممە نەرسىدە ئۆزگىرىش بولۇشى كېرەك. ئەمما مىللىي پىسىخكىدىكى تۇرغۇنلۇق ھەرگىزمۇ ھاۋارايىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ تۈپ ئۆزگىرىش ياسىشىغا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ. بىز بۇخىل ھېسسىيات قورالى بىلەن نۇرغۇن نەرسىدىن ھاياجانلىنىپ يۈردۇق. نۇرغۇن نەرسىگە قىززىقتۇق، ئاخىردا ئۆزىمىزنىڭ ئىچكىي ئېنىرگىيىمىز خورىدى. بىزدە ئاتا - بالا، دوست - بۇرادەر، ئۇرۇق - تۇققان ئارىسىدىكى ئىلگىرى ھېچنىمىنى ۋاسىتە قىلمايدىغان ساپ، پاك ھېسسىيات ئەمدىلىكتە تەق - تۇرۇق، مال - دۇنيا، ئورۇن - نوپۇز ... قاتارلىقلارنى ئۆزىگە ئالاھىدە بەلگە قىلىپ، بىزنىڭ قەلب بېغىمىزدىكى گۈل - چىمەنلەرنى چەيلىدى. ئويلاپ باقساق، ھازىر نۇرغۇنلار ئۆزلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە ئۇلار ئېتىقادتىن، ساپ مۇھەببەتتىن، غۇرۇر - ۋىجدانىدىن ئايرىلىپ قالدى. 


            3.ئۆز - ئارا ئىشەنچنى يوقىتىپ قويدۇق.

         بۇرۇنلاردا، بىر - بىرسىدىن ئۆتنە - يېرىم قىلىدىغان ئىشلار بولسا ئۇنچە مۇرەككەپ بولمىسا كېرەك . مانا ، ھازىرچۇ ؟ دادا بالىدىن پۇل سوراشتىمۇ «ھۆججەت ياز» دېسە، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئادەملىكىمىزدىن نېمە نىشان قىلدى؟ قول - ئىلكىمىزدە بارىمىز سەل كەمبەغەللىرىمىزگە ياردەم قىلىمىساق، بىر ئىشتا خەقتىن قۇسۇر ئىزدەپلا يۈرسەك، ھەممە ئىشتا ئۆزىمىزگە تەمەننا قويۇپ، مەمەددانلىق قىلساق، بىزدە قانداقمۇ يۈكسىلىش بولىدۇ؟ دوست – بۇرادەر، كەسىپداشلار ئارا سەممىي بولۇشقا تېگىشلىك مۇئامىلىلەردىمۇ، كىشىلەر ئۆز مەنپىئەتىگە چوغ تارتىپ، ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدىغان بولۇپ كەتسە، قانداقمۇ ئۆز – ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزغىلى بولسۇن؟
             مانا مۇشۇنداق، بىزنىڭ گۇمانخۇرلىقىمىز تەختكە چىققاندا قەلبىمىزنىڭ ئەسلى خاقانى بولمىش ئىشەنچنى پەگاغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . كۈندە دېگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان كىشىلەر بىر - بىرىگە ئوغرىدەك گۇمان بىلەن قارىسا، ئىناقلىقتىن ئېغىز ئاچقىلى بولامدۇ ؟ كۈچ بىرلەشمىسە قانداقمۇ چوڭ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولىدۇ؟
        ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلغاندا، بىز بۇ جەريانلاردا يوقاتقان نەرسىلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ بۇ ئۈچ تۈرلۈك مەسىلە بىلەن يىغىنچاقلاپ تۈگىتەلمەيمىز. ئۇ ناھايىتى نۇرغۇن. ئۇ بىۋاستە ھالدا بىزنىڭ مەدەنىي، سىياسىي، ئىقتسادىي تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە. ئەمدىكى گەپ، قانداق قىلىپ بىز يوقىتىپ قويغان نەرسىلىرىمىزنى تېپىۋىلىش. بىز جەزمەن ئۇلارنى تېپىۋىلىشىمىز كېرەك. بىر پۈتۈن جەمئىيەت جاھالەتكە يۈز تۇتسا، ئۇنداق جەمئىيەتتىن پەقەت گۇمرانلىقىنى، يەنە كېلىپ ناھايىتى ئېچىنىشلىق پاجىئەگە تولغان ھالاكەتنى كۈتۈشى مۇمكىن. بىز ئۆزىمىزگە قايتىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭگۈشتەرلىرىمىزنى تېپىۋىلىشىمىز كېرەك. بولمىسا، بىزنى قاپلاپ تۇرىدىغىنى كەڭ جاھاننىڭ قاراڭغۇلۇقى بولىدۇ، بىزنىڭ نەپەسلىنىۋاتقىنىمىز ئوكسىگېن بولماستىن، بەلكى كاربون تۆت ئوكسىدى بولىدۇ.

       

     

    ئۇيغۇرتېكىن بلوگىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.