«مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2013-12-05 13:16:42

لوپ ناھيىسىنىڭ سامپۇل يېزا بىزلىي كەنتى مەملىكەت بويىچە مىليونىرلار ئەڭ كۆپ كەنت ئىكەن!


    «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە بىرەسمى غەيۋەت
     مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز

    (ئەدەبىي خاتىرە)

     

    1

     


    «لوپ ناھيىسىنىڭ سامپۇل يېزا بىزلىي كەنتى مەملىكەت بويىچە مىليونىرلار ئەڭ كۆپ كەنت ئىكەن!»
    ئالىي مائارىپ تەربىيەسىنىڭ خېلى تۆرىدە ئۇقۇۋاتقان يۇرتداش يازغۇچى، دىلكەش بۇرادىرىمدىن بىرسى بىر يىل ئاۋالقى مۇشۇ پەسىلنىڭ يېرىم كىچىسىدە ماڭا ئاتايەن تىلىفۇن قىلىپ، تور تاراتقۇلىرىدىن ھېلىلا بۇ خەۋەرنى كۆرگىنىنى، بۇ كاتتا خەۋەر ھەققىدە مەن بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغىنىنى ئېيتتى. راست- ياكى ئەمەسلىكىگە تازا ھۆكۈم قىلالمىساممۇ، ھاياجانغا لىققىدە چىلاشقان بۇ جۈملىنى ئىلگىرىمۇ خېلى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ شۇ كېچىسىلا تورنى ئېچىپ، شۇ ھەقتىكى ئۇچۇر- بىلدۈرگۈلەرنى تەپسىلى بىر نۆرى كۆرۈپ چىقتىم. مىجەزىم شۇ ئىدى: ئارتۇقچە ھاياجاندىن كۆرە پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئەلا بىلەتتىم. بۇ كېچىدىمۇ شۇنداق بولدى. ئىلگىرى مۇشۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ۋاقىتلىرىمدىكىدەكلا ئارتۇقچە خۇشال بولۇشتىنمۇ، بىھۇدە ھەيرانلىقتىنمۇ خالى ھالدا ئۆز  تەپەككۈرخانامغا ئىخلاسلىق چۈمكىنىپ، سامپۇل ۋە ئۇنىڭ بىزلىي كەنتىسى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزدۈم.
    سامپۇل مىنىڭ كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا يۇرتۇم. ئۇ، ئۆزىنىڭ شەجەرىلىك تارىخىدا ئەدەبىيات كىلاسسىكلىرى، تىبابەت ئەللامىلىرى، يۇرت قوغدىغان جانكۈيەر سانغۇن- پەھلىۋانلىرى بىلەنلا ئەمەس، ھېلىھەم ئۆز قوينىدا قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ شۇنچە كۆپ ئىزنالىرىنى باغاشلاپ ياتقان دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق نوقتسى بارلىقى بىلەنمۇ نام تەۋسىپى مەشھۇر بىر يۇرت. خانبالىق مۇزىيدىمۇ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئېكىسكۇرسىيە قىممىتى بار چوڭ مۇزىيلارنىڭ كۆپىنچىسىدىمۇ «سامپۇلدىن قېزىۋېلىنغان» دىگەن نام پەتتىسى قۇيۇلغان خېلى كۆپ جەسەت، تۇلۇق جابدۇقلۇق پۈتۈنسۈرۈك ئات، تاج، مۆھۈر، ئوقيا ۋە پۈتۈك ئىزنالارنى ئۇچرۇتۇش تامامەن مۈمكىن. ئۈزەم شۇ يۇرتنىڭ ئۇنچە يىراققا ئېتىلالمىغان بىر تال چالمىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتۇم سامپۇلنى تولىمۇ ياخشى كۆرۈمەن. گال قەلىمىم سەتھىسىدىكى ھەر بىر ئەسىرىمدە شۇ يۇرتقا ئائىت بىرەر سۆز، بىرەر ئۇچۇر بىرىشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. پىرسۇناژلىرىمنىڭ تولىسىغا شۇ يۇرتتا ئۆزەم كۆرگەن، دىدار- مۇلاقەتتە بولغان، شۇ ئەسەردىكى پىرسۇناژنىڭ ئىندىۋۇدىئاللىقىغا سىڭىشەلەيدىغان بىرەرىنىڭ ئىسمىنى تاللاپ ئالىمەن. تەسۋىرىمدىكى پىرسۇناژلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ روھى تىندۇرمىسىنىمۇ شۇ «بىرەرى»نى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ يازىمەن. سېخى دەريا يۇرۇڭقاشنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بويىدىن جاي ئالغان، مۇشۇ كۈنلەردە «مىليونىر»لىقتىن تاجۇ نام كەيگەن بىزلىي كەنتىسىمۇ مېنىڭ تۇغۇلغان مەھەللەمگە ئۇنچە يىراق بولمىغىنى ۋە ئۇ تاجۇنامنىڭ ھەقدارلىرى بولمىش كاتتا باي- پۇل ئىگىللىرى بىلەن ھەر كۈنى دىگۈدەك دىدار ئەسرارلىشىپ، ھەر ھېيتتا دىگۈدەك قىزغىن پەتىلىشپ تۇرغۇنۇم ۋە ئۇلارنىڭ مىليونىرلىق تارىخىغا يانداشما كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە ھەمشېرىك بولۇپ كەلگىنىم ئۈچۈن يۇرتۇم ھەققىدىكى بايامقى ياخشى خەۋەرنى ئۇقۇپ- ئاڭلىغانلىرىمدا ئەلۋەتتە خۇشھال بولۇشۇم كېرەكتۇ. ئەمما، نىمىشقىدۇر ئۇ كىچە ئۇنداق قىلالمىدىم. ئۇيقۇ باتنىغان، يېرىم يۇمۇلغان كۆز ئوڭۇمغا بايامقى خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنغان، مەن تۇنۇيدىغان نۇرغۇن «مىليونىر»لار بىر- بىرىنى ئىتتىرىپ دىگۈدەك نامايەن بولۇشتى. بىر- بىرىدىن جۇشقۇن، بىر- بىرىدىن ئالدىراش، پۇل- بىساتتا بىرى يەنە بىرىدىن ئۆتۈپ كېتىشنىلا نىشان قىلغان بۇ سىمالار گويا مېنىڭ جىمجىت خانەمدە يىگانە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈۋاتقىنىمنى بىلىۋاتقاندەك ئامالىنىڭ بارىچە خۇشپېئىل، يېقىشلىق سىياقتا كۆز ئوڭۇمدا زاھىر بولدى. تۇرۇپلا شۇلار ھەققىدە بەدىئىي ۋە ئىژتىمائىي قىممىتى بار بىرەر پارچە يازما پۈتۈشنى خىياللاپ قالدىم. ئۈزەمنى شۇ كەنت ۋە شۇ مىليونىرلار ھەققىدە يازما پۈتۈشكە تۇلۇق ھۇقۇقلۇقتەك بىر تۇيغۇ  ۋۇجۇدۇمنى لەرزىلەپ ئۆتتى. شۇندىن كېيىنكى خېلى بىر كەملەرگىچىمۇ شۇ ھالدىن يىراق بۇلالمىدىم.
    مەن بىلىدىغان «بىزلىي» سىياسى بىرلىك ئۈچۈنلا ئۈچ كىچىك مەمۇرى كەنتكە بۆلۈنگەن بىر جاي ئىدى. خوتەن شەھرىگە 11كىلومىتىر، لوپ ناھيە مەركىزىگە 18 كىلومىتىر، سامپۇل يېزا بازىرىغا 10 كىلومىتىر كېلىدىغان، يۇرۇڭقاش دەرياسىنى بويلىتىپ ياسالغان خۇتەن- بۇيا تاشيولىنىڭ شەرىق تەرىپىگە سوزۇلۇپ جايلاشقان، بىر تەرىپى دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان «سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقى»غا تۇتىشىدىغان، 807 ئائىلىگە، 3170 نۇپۇسقا ئىگە بىزلىيلىقلارنى «مەملىكەت بويىچە مىليونىرلار سانى ئەڭ كۆپ» دىگەن نامدا ئاتاشقا گەرچە سۇس گۇمان بىلەن قارىساممۇ، رىئاللىق ھەقراست دەپ تۇراتتىكى، مۇشۇ يىللاردا بىزلىيلىقلار ھەقىقەتەن بېيىپ- تىقىلىپ كەتكەن، ھەتتا بىر قىسىملىرى رىسىق- روزىغارىنىڭ كۆپلىكىدىن پۇلنىڭ قىممىتىنى پەقەت سان – مىقدار مەنىسىدىلا چۈشۈنۈدىغان ھالغا يەتكەن ئىدى. بىزلىينىڭ شېغىل يوللىرىدا خانتاجى، ئاۋدى، كادىلاك، لىنكولىن، مىرسىدىس ... قاتارلىق ئېسىللىقى دۇنياغا مەشھۇر ماشىنىلاردىن 246سى كۈنبويى ئۇچقاندەك چېپىشىپ، كۆرگەن كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇراتتى. بۇ يوللاردا سانتانا، پاسسات تىپىدىكى ئادەتتىكى ماشىنىلارنى ئۇچرۇتۇش تەس، دۆلىتىمىز ئىچكى بازارلىرىدا ياسالغان كىچىك ئاپتوموبىللارنى ئۇچرۇتۇش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. قۇرامىغا يەتكەن 911 كىشىدىن ھۆكۈمەت تەرەپ ئېنىق سىتاتىكىسىدا 18 نەپەر كىشىنىڭ مىليون، نەچچە مىليون، نەچچە ئون مىليون ھەتتا بىرەريۇز مىليونلۇق بىساتى بار ئىدى. بىزلىيدا ھەتتا دۇبەي بايلىرىغا ئوخشاش بىر ھويلىغا ئېسىل ئىمپورت ماشىنىلاردىن بەش- ئالتىسىمۇ توختىتىپ قۇيۇلغان دىھقان ئۆيلىرىنى ئۇچراتقىلى تامامەن بولاتتى. مەشغۇل بولۇۋاتقان تىجارىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە خەۋىپ- خەتەر ئەندىشىسى بىزلىيلىقلارنىڭ  نەق پۇل ئۇچۇرى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئۆزگىلەردىن سىر  تۇتقۇزىشىنى قەيت قىلغان بولغاچقا مىليون مۈلۈكلۇكلەر سانى بايامقىدىن خېلىلا ئارتۇق بولۇشى، «مىليونىر»لىق ئۆلچىمىگە توشمىغان مۇتلەق كۆپ ئاھالىنىڭمۇ مىليون دىگەن شۇ سانغا يېقىن ۋە ئۇنىڭدىنمۇ  ئارتۇق مال- مۈلۈك ۋە پۇل- پۈچەككە ئىگە ئىكەنلىكى ئەقىلغا مۇۋاپىق ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن «مەملىكەت بويىچە...» دىگەن ئۇ بۇخۇناقنىڭ ئارىسىغا بىزلىي بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن سامپۇلنىڭ قارا يانتاق، قاراقىر، شامالباغ كەنتلىرىمۇ قۇشۇلۇپ كەتكەندۇ. چۈنكى بۇ كەنتلىك كىشىلەرمۇ ئۆزلىرىنى «بىزلىيلىق» دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ كېتىشكەن. (خەۋەردە «بىزلىي» دەپ ئېلىنغىنى ئۈچۈن مەن بۇ يازمىدا باشقا كەنتلەرنىڭ سىتاتىكىسىنى كەلتۈرمىدىم) بىزلىيلىق مال ئىگىلىرىنىڭ جاي- جايلاردا ئايۋان- سارايلىرى، شەھەر- شەھەرلەردە بىنا- بىنا ئۆيلىرى، تاغلاردا پادا- پادا مال چارۋىلىرى، تۈزلەڭلەردە ئاچقان مىڭ مولاپ بوز يەر، ئەھيا قىلغان پايانسىز مىۋىلىك باغلىرى بار ئىدى. قازناق- قازناقلاردا  ھەر رەڭ، ھەر شەكىلدىكى پۇللۇق قاشتاشلىرى، پەم بىلەن ياسىتىۋالغان ئىشكاپ– ئۇيۇقچىلارغا ئۆزىدىن باشقا بىراۋ ئاسانلىقچە تاپالماس قىلىپ ئۇرۇنلاشتۇرغان بىخەتەر ئىشكاپلىرىدا رەت- رەت باغلىمى بىلەن تىزىپ قويغان مۇنەك- مۇنەك پۇلى بار ئىدى. كۆپلىرىنىڭ شۇ روزىغارىغا چۇشلۇق قىلغان خەيرىلىك ئىشلىرى، ئېھسانلىق ئىئانىلىرى ھەم بار ئىدى. ماڭا ھەم سىر ئەمەس ئىدىكى، شۇ مىليونىرلار ئارىسىدا يەنە ئاسماندىن پوشكال ياغقاندەك بۇنداق تۇيقسىزلا بېيىپ كېتىشنىڭ غەپلەت- بىھۇشلۇقىدا خۇدىنى يۇقۇتۇپ، ئىشرەتنىڭ، كەيىپ- ساپانىڭ بەندىنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق تۈرىنى چالا قويغىسى كەلمەيۋاتقانلىرىمۇ، قوش خوتۇنلۇق بولۇشنىڭ غەۋلە- جودالىردا بېشىنى ئالالمايۋاتقانلىرىمۇ، ھېلىھەم تۇتقان ئاشنا- تۇقاللىرىنىڭ  سانىنىڭ كۆپلىكىدىن ماختىنىپ مەيدە مۇشتلاپ يۈرۈۋاتقانلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. بېيىش، ھاللىق سەۋىيىگە پۇت قۇيۇش، «مىليونىرلق» بۆكىنى كىيىش يولىدا بىھۇدە تۆكۈلگەن قان، ئۇرۇنسىز يوق بولغان جانلارمۇ كەم ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇنچە كۆپ دەپئى دۇنياسىنىڭ كېلىش مەنبىيىنى بىرلا جۈملىگە ئىخچاملاپ كېسىپ ئېيتىشقا بولاتتتىكى، بۇ ۋەج، بۇ روزىغارلار ئىككى جاھاننىڭ ھەق ئىگىسىنىڭ ئۇلارغا كۆرسەتكەن ھىممىتى بولمىش خۇتەن قاشتېشى ۋە بىزلىيلىقلارنىڭ خۇتەن قاشتېشىغا سىڭدۈرگەن ئەجرى مېھنىتىدىن كەلگەن ئىدى. ۋۇجۇدۇمنى لەرزىلەۋاتقان پىكىر تۇغۇندىلىرى مىنى توختىماي ئۈندەيتتىكى، يۇقارقى ھادىسىلەرنى ۋە ئۇ ھادىسىلەر ئۆز پىنھانىغا ئالغان ئەسلى ماھىيەتلەرنى چۇقۇم يېزىش كېرەك ئىدى. يازماي بولمايتتى. ياخشىلارغا ھەمدۇ، يۈز بېرىۋاتقان ناشايانلىقلارغا قارغىش ياغدۇرۇپ ئولتۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىشنىڭ زۈرۈرىيىتى ھەقىقەتەن بار ئىدى.
    ۋۇجۇدۇم، دىلخانەم شۇ پىكىرلەرنىڭ غىدىقلىشىدا ئارامسىز قىچىقلىنىپ، تەپەككۈرخانەمدە بىر سۇئال توختىماي جاۋاپ ئىزدىدى: سامپۇلنىڭ قولغا چىش كولىغۇچنى ئېلىپ زېھىن بىلەن ئۇچ تىرەپ ئىزدىمىسە خەرىتىدىن تاپماق بەسى مۈشكۈل بىزلىي كەنتىسى راستىنلا جۇڭگو بويىچە مىليونىرلار سانى ئەڭ كۆپ كەنتمىدۇ...؟
     بۇ يەردىكى گەپ «بىزلىي كەنىتنىڭ ھەممە ئادىمى مىليونىر» دىگەن مەنىدە چۈشۈنۈۋېلىنمىسىلا بايامقى خەۋەر ئەقىلغا مۇۋاپىقتەك قىلاتتى. شۇڭا مۇشۇ تۇتقۇلۇق تىمىنى چۆرىدەپ قاشتېشى تىجارىتى ئاساسىدا بېيىغان ئۇيغۇر بايلىرى، ئۇيغۇر پۇلدارلىرى، ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى توغرىسىدا، ئۇلارنىڭ ياخشى- يامان ئىش- ئىزلىرى ھەققىدە چىنلىقى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى بولغان ئەسەرلەرنى يېزىپ، نەمۇنە بايلارنى مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاش مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە، پۇل تاپقان لېكىن ئەقىل تاپمىغان بىر قىسىم بايلىرىمىزنىڭ ناشايانلىقلىرى ھەققىدە قول چىنەپ تۇرۇپ « ئاشكارا غەيۋەت» قىلىپ، ئۇلارنى مەتبۇئاتنىڭ ھېيىقتۇرۇش كۈچى ئارقىلىق توغرا يولغا يىتەكلەش بۇرچىمىزنى ئادا قىلماق زۈرۈر ئىدى.
    مۇشۇنداق ئىرادىلەنگەن كۈنلەردە مەن يەنە ئويلاپ قالدىم: بەدىئى ئەدەبىياتنىڭ چاقىرىق كۈچى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىغا، ئۇيغۇر پۇل ئىگىلىرىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ تاماششا جەلىپكارلىقلىرىدىن ۋاختى ئېشىنالمايۋاتقان ئۇ بايۋەتچىلەر يازما ئەدەبىياتتىن قايسى دەرىجىدە زوق ۋە ئىلھام ئېلىپ، ئۆزى ۋە ئۆزلىرى تەۋە قەۋىم- توپ ھەققىدە قانچىلىك ئويلۇنۇشلاردا بولىدۇ؟!
    جاۋاپنى يەنە ئۆزۈم بەردىم: يازمىلىرىمىز  ئۇلارغا مەيلى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىشىدىن، مەيلى ئۇلارنى قانچىلىك ئويلۇنۇشلارغا سۆرەپ كىرىشىدىن قەتئىنەزەر مېنىڭ ۋە كەسىپداشلىرىمنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنى شۇ: بىز پەقەت ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي زوقلاندۇرۇش كۈچىدىن قۇرال شەكلىدە پايدىلىنىپ ئۆزىمىز توغرا ۋە ئىلغار دەپ قارىغان دىلرايىمىز، كۆزقاراش- تەشەببۇسىمىزنى يازما شەكىلدە ئىپادە قىلالايمىز. ئۇلارغا مەدەت- ئىلھام بىرەلەيمىز. ئاز بولسىمۇ ئۆز نىسىۋىسىدىن رازىمەنلىك بىلەن ۋاز كېچىپ، يوقسۇل- بىقۇۋۇللارغا باشپاناھ بولۇۋاتقان، ھەق- ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلەرگە ئىنئام قىلىۋاتقان، ئاجىز- ناتىۋانلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، ئۇرۇنسىز ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىغا ئالقان تەڭلەۋاتقان، دەردىگە داۋا ئىزدەپ، كۈلپەت- رەنجىگە شىپايى ھەمدەم بولۇۋاتقان شۇ ھىممەت ئىگىللىرىگە مەدىھيە كۈيى غىڭشىيالايمىز. مىليونىرلىقنىڭ كاتتا بۆلەنچىگىدە خىرامان چۈش كۆرۈۋاتقان، ئىشرەت كوچىسىدا ئۆزىنىمۇ، ئۆز قەۋمىنىڭ رىئالىنىمۇ ئۇنتۇپ ئويۇن- تاماششاغا مەستۇ- مۇستەغرەق بولۇۋاتقان ئۇ باي قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بىرەر ئۈندەش، بىرەر چكىت، بىرەر پەش بەلگىسى بولسىمۇ تاشلىيالايمىز.
    دىمەك، پانىيدىكى ھەر بىر ياشىغۇچىنىڭ ئۆزىگە ياراش مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، مەن پەقەت ئۆز بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىمنى قۇلۇمدىن كېلىدىغان ئەڭ يۇقۇرى چەكتە ئادا قىلالىسام ئۇ مېنىڭ بۇ ئالەمدە ياشاپ ئۆتكۈنۈمدىن دېرەك ۋە  بەلگە- ئىزنا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ياراتقۇچىنىڭ ماڭا بىمەخسەت نىسىپ ئەتمىگەن بەدىئى دىتىنى زايا قىلىۋەتمەسلىك زۈرۈرىيىتىدىن بولسىمۇ ئۇ بۇرچۇمنى ئادا قىلىشىم كېرەك.

    ئەمەلىيەتتە بايامقى خەۋەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان «مىليونىرلاركەنتى»  ھەققىدە شۇ تىلىفۇن خەۋىرى كەلگەن ئاي كۈنلەردىن ئىلگىرىراق خۇتەن قاشتېشى تىمىسىدا بىر ئەسەر تاماملىغان ئىدىم.  ئۇ قەدىرلىك ئەمگىكىمگە تۇتۇش قىلىشىمغا بىر چاغلاردىكى «گۇڭگا شېئىرلار»نىڭ قۇربېشى، دوستۇم غالىپ راخماننىڭ خۇتەن قاشتاشچىلىغى ھەققىدە بىرەر رومان يېزىلىشىنىڭ زۈرۈرلىگى، قاشتېشى سۈزۈش، كولاش، سېتىش جەريانىغا تۇلۇق قاتناشقان مېنىڭ بۇ تىمىدا ئەسەر يېزىشقا ياخشى نامزات ئىكەنلىگىمنى پۇرۇتۇشى ۋە چۇقۇم ياخشى يېزىپ چىقالايدىغانلىمغا بولغان ئىشەنچىسى تۈرتكە بولغان ئىدى. ئۇنىڭدىن ئاۋالراق پانىيىدىكى مېمانلىقى 30 يېشىغىمۇ توشمايلا ئاخىرلاشقان رەھمەتلىك ئىنىم، يازغۇچى  ئېزىز سەيپۇللا ئۆزىنىڭ قاشتېشى تىمىسىدا چوڭراق بىرەر ئەسەر يېزىپ چىقىش ئويىنىڭ بارلىغىنى، مۈمكىنچىلىك ئوڭ كۆزىدە باققىنىدا ئۇ ئەسىرىنى ئۆز مەبلىغى ئارقىلىق ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئەرەپ، ئېنگىلىس تىللىرىدا (رەھمەتلىكنىڭ بۇ تىللاردا بەلگىللىك ئاساسى بار ئىدى) قۇر بويىچە كىرىشتۈرۈپ نەشىر قىلدۇرۇش ئىرادىسى بارلىغىنى پۇراتقان ئىدى. قازايى قەدەر ھەم ئىنىم ھەم دىلكەش بۇرادىرىم بولمىش ئۇ مىھرىباننىڭ ياخشى تىلىگىنى ئارمان بىلەن چىشلەنگەن لەۋلىرىگە ئىلىنشتۈرگەن پېتى بىرگە ئېلىپ كېتىپ قالدى. شۇ گۈلگۈننىڭ ئارمانىنى چىچەك ئاچقۇزۇش  ۋە دوستۇم غالىپ راخماننىڭ تەۋسىيىسىگە يۈز كېلىش يۈزىسىدىن بىر يىل ۋاقىت خەژلەپ خۇتەن قاشتېشى تىمىسىدا بىر پارچە ئەسەر يېزىپ تاماملىدىم. ئۇ يازمامدا يۇقاردا قەيت قىلىنغان «مىليونىرلار كەنتى» ۋە ئۇ كەنتتىكى بىر قىسىم پۇل ئىگىللىرىنىڭ ئىسمى، ھايات كەچمىشلىرىنى ئەينەن يېزىپ، مەندەك بىر كالتە پەم يازغۇچىنى باغرىدا ئەللەيلەپ ئۆستۈرگەن يۇرتۇم سامپۇلغا، ماڭا ھىممەت كۆزى بىلەنلا قارايدىغان، مەن ئىزگۈ ئىزلىرىدىن سۈيۈنۈپ، ناشايانلىقلىرىدىن سەسكىنىپ يۈرگەن بىزلىيلىق شۇ مىليونىرلارغا تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇشنى نىيەت قىلغان ئىدىم. ئەپسۇس، يازمام تامام بولۇپ نەشىرياتتىن خۇشخەۋەر كەلگەن بولسىمۇ يازمامنىڭ ئاخىرقى چىكىتىنى قويغىنىمدىن ھازىرغىچە ھېچبىر قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم. چۈنكى مەن ئۇ يازمامدا شۇ «مىليونىرلار كەنتى» ھەققىدە راۋۇرۇس بىر قېتىم بىرەسمىي «غەيۋەت» قىلىپ، تۈنۈگۈنكى كۆكنامراتنىڭ بۈگۈنكى ئىشرەتكە تۇيۇنغان كۈنلىرىنى يېزىش ئارقىلىق پۇل تاپقان، ئابروي- ئىناۋەت تاپقان خۇتەن قاشتاشچىلىرى ۋە ئۇيغۇر باي- بەگچەكلىرىنى ئەجرى بىلەن ئەھيا قىلغان ئۇ روزىغارىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ قىلىشقا ئۈندىمەكچى ئىدىم. يازمامدا ھادىسىدىن كۆرە ماھىيەتنى، ھېكايىچىلىقتىن كۆرە ئىدىيىنى يۇرۇتۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بىلەن قارىغان ئىدىم. نەزىرىمدىكى ئەزىز يۇرت سامپۇل، سامپۇلنىڭ بىزلىي كەنتى ۋە بىزلىي كەنتىگە يانداشتۇرۇلغان خۇتەن قاشتاشچىلىقىدا يېزىلىشقا، قەلەمگە ئېلىشقا ئەرزۈگۈدەك دېتال ۋە كۆرۈنمە- ھادىسىلەر، ئۇ ھادىسىلەر ئۆز قوينىغا يۇشۇرغان ماھىيەتلەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىدى. شۇ ھېكايەت ۋە شۇ ماھىيەتلەرنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان تىرىشچانلىغىم قانداقراق ئۈنۈم بەردى، باھايى يازمام باسمىدىن چىققىنىدا كىتاپخانلارغا تالىق بولسىمۇ، ئەپسۇسكى،  »مىليونىرلار كەنتى» ۋە ئۇ كەنتنىڭ خۇجايىن ئىگىلىرىنى ئاساسى پىرسۇناژ قىلىپ، خۇتەن قاشتېشى ۋە قاشتاش خاسىيىتىدىن بېيىغان مىليونىرلار ھەققىدە تۈگەللەنگەن ئۇ يازمام مېنى ھاردۇقتىن چىقىرالمىدى. گويا يازماقچى، كىتاپخانلارغا بىلدۈرمەكچى بولغان، شۇ مىليونىر يۇرتداشلىرىمنىڭ سەمىگە سالماقچى بولغان ھەممە گەپلىرىم تۇلۇقى بىلەن قەلىمىم قۇرسىقىدا قېلىپ قالغاندەك، خۇتەن قاشتېشى ۋە بىزلىيلىق ئاشۇ مىليونىرلار ھەققىدە ھېچبىر گەپنى يازمىغاندەك، يازالمىغاندەك، دىيەلمىگەندەك ناخۇش تۇيغۇ مىنى ئارامسىزلاتتى. نەتىجىدە «مەملىكەت بويىچە مىليونىرلار سانى ئەڭ كۆپ» بىزلىي كەنتىنى ئۆزىگە ئىلھام مەنبىيى، خۇتەن قاشتاشچىلىقى ۋە قاشتېشى تىجارىتى بىلەن بېيىغان پۇل ئىگىللىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاساسى گەۋدە  قىلغان، چىنلىقى بەدىئىيلىكىدىن قۇۋەتلىكراق بولغان بۇ يازمىنى پۈتۈپ، كىتاپخانلار ۋە ئۇيغۇر پۇل ئىگىلىرىنى ئۆزۈم بىلەن تەڭ بەزى زۈرۈر ئويلۇنۇشقا باشلاپ كىرمەككە تۇتۇندۇم.

     

    2


    ئادەم ئاتا بىلەن  بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ قارا قۇرۇم  تېغى ئۈستىدە ئۇچراشقاندىكى بىر تېمىم پارچىسىدىن ئاپىردە بولغان رىۋايەتكە باغلىنىدىغان، ئۆز يىرىدە تارىخى يازما مەنبە نوقتىسىدىن تولىمۇ بەختسىز بولۇپ قالغان « خۇتەن قاشتېشى» ھەققىدىكى مەن بىلىدىغان قەدىمىيراق يازما مەنبە نەقىلچىلەرنىڭ ماركوپونىڭ «ساياھەتنامە»سىدىن كەلتۈرۈلگەن سىتاتاسى بولسا كېرەك. مەشھۇر سەيياھ ماركوپولو ئۆزىنىڭ ئۇ سەپەر خاتىرىسىدە «ئۇدۇن دەريا ئېقىنىدىن ئالاھىدە بىر خىل قارا، يېشىل رەڭلىك قاشتېشى چىقىدۇ. سودىگەرلەر بۇ قاشتاشلارنى كۇچا ۋە تۇرپانغا ئېلىپ بېرىپ پۇل قىلىدۇ» دەپ يازغان. خۇتەن قاشتېشى ھەققىدىكى يازما مەنبەلەردىن يەنە فادىر ئالۋارىز سىمىدونىڭ جۇڭگو ھەققىدىكى «ساياھەتنامە»سىنى، جون باۋرو تۈزگەن «رەسىم ۋە ھۆسىن خەتلەر لوغىتى»نى مىسال قىلىش مۈمكىن. ئالدىنقىسىدا «خۇتەندىن قاشتېشى چىقىدۇ. تۇتۇق ئاقلىرىنىڭ سۈپىتى نىسبەتەن ناچار. يېشىل قاشتېشىنىڭ سۈپىتى بەك ياخشى. باھاسى ناھايىتى قىممەت. ئۇنىڭدىن ئەمەلدارلارنىڭ باش بىزەكلىرى ياسىلىدۇ» دىگەن بايانلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. كېيىنكىسىدە «خۇتەندىن چىقىدىغان قاشتېشى يېشىل ۋە قارا رەڭلىك قاشتاشلارغا قارىغاندا سۈپەت جەھەتتىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى ھېقىقتىنمۇ يۇقۇرى بولۇپ، پەقەت كاربونىت بىلەنلا كەسكىلى بولىدۇ»دەپ يېزىلغان. ماركو پولو قاتارلىقلارنىڭ ئۇ بايانلىرى بىلەن ھازىرقى خۇتەن قاشتېشىچىلىقى ئوتۇرسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق باردەك قىلىدۇ. بۇ يەردىكى پەرق بازارلىق قاشتاشلارنىڭ رەڭگىدىلا ئەمەس سېتىلىش يوللىرى، پۇلغا ئايلاندۇرۇش دائىرىسىدە رۇشەن كۆرۈلىدۇ. ھازىرقى دەۋىر ئۇچۇر- ئالاقىسى ۋە قاتناش راۋانلىقى يەر شارىنى نىسبىي كىچىكلىتىپ، زۈرۈرىيەتچى ئۈچۈن تولىمۇ تار بىر دائىرىگە ئوخشۇتۇپ قويدى. بۇ ھال خۇتەن قاشتاشچىلىقىغىمۇ كۆپلىگەن تىجارەت يولىنى يارىتىپلا قالماي، بازار ئېھتىياجىنى مەلۇم دەرىجىدە خەلقئارالشتۇردى. بازارلىق قاشتېشىنىڭ رەڭ، شەكلىدىن كۈزەتكەندىمۇ ھازىرقى دۆلەت ئىچى ۋە يېڭىدىن گۈللىنىشكە باشلىغان خەلقئارا بازاردا ئاۋۇ سەيياھلار ئېيتقان قارا رەڭلىك قاشتاشنىڭ باھاسى بەكلا تۈۋەن. ئاق، قىزىل، قوي مېيى رەڭدىكىسىنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدۇ.  ماركوپولو ماختاپ تۇرۇپ ئېيتقان يېشىل رەڭلىك قاشتېشىنىڭ ھازىرمۇ ھەرھالدا بازىرى ۋە ئۆزىگە ياراش خېرىدارى بولسىمۇ، يەنىلا ئاقلىرىنىڭ، سارغۇچ رەڭدىن ئۈستىۋاش كەيگەنلىرىنىڭ ئالدىدا خۇدۈك بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ يۈننەن تاغلىرىدىن قېزىلىدىغان يېشىل رەڭلىك بىر خىل تاش خۇتەن يېشىل قاشتېشى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن بولۇپ، يۇننەن يېشىل تېشى گەرچە قاشتېشى بولمىسىمۇ، بايلىق مەنبىيىنىيڭ موللىقى بىلەن خۇتەن يېشىل قاشتېشىدىن مەھسۇلات سالمىقىدا زور ئۈستۈن تۇرىدۇ. يۈننەن يېشىل تېشى ھازىرقى ئىچكى بازاردا توننا- توننىلاپ تاراشلاپ كېسىپ يۆتكىلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى كاززاپ مال ياسىغۇچىلار يۈننەن يېشىل تېشىدىن ياسالغان ئويما ماللىرىغا "خۇتەن يېشىل قاشتېشى"دىن ياسالدى، دەپ نام كارتوچكىسى ئېسىۋېلىشقا باشلىدى. ئېسىۋېلىنغان كارتۇچكىلاردا يەنە ئاللىكىملەرنىڭ تۇجاڭزا- مۆھۈرلىرى بېسىلغان «لاياقەتلىك گۇۋاھنەمەسى»مۇ ئالاھىدە ساڭگىلىتىپ قۇيۇلغان بولۇپ، نۆرىتىدە شۇ خىل تەييار مەھسۇلات سودىسىغا يۇلۇققانلارنى ئېھتىياتتا كەم بولماسلىقنى ئەسكەرتىمەن.
    ئەنگىلىيىنىڭ بۇنىڭدىن ئىككىيۈز يىللارچە بۇرۇن ئېلىمىزگە باشئەلچى قىلىپ ئىۋەتىلگەن ماركېتىنىڭ خاتىرسىدىمۇ چىيەنلۇڭ خاننىڭ ئەنگىلىيە پادىشاھى جورجى 3كە سوۋغا قىلغان سوۋغات تىزىملىكى ھەققىدە توختالغان. ئۇ  يازغان «ئالىلىيلىرىغا جۇڭگو خانىنىڭ سوۋغا قىلغان بىرىنچى دەرىجىلىك سوۋغىتى قاشتېشى تىلەك بىزەك. ئۇ، تىنىچلىق ۋە بەخت- سائادەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. جۇڭگولۇقلار تىلەك بىزەكنى ئىنايىن ياخشى كۆرىدۇ» دىگەن بايانلىرى ۋە شۇ تىلەك بىزەك بۇيۇمنىڭ چوڭلۇقى ھەققىدىكى ئىزاھاتىدىن خۇتەن قاشتېشى ھەققىدە يەنىمۇ ئىچكىرىلىگەن مەلۇماتلارغا ئىرىشىش مۈمكىن. باشقا مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە خۇتەن قاشتېشىدىن ياسالغان ئۇ تىلەك بىزەك 1882- يىلى جامىس چرىستى تۈزگەن باھاسى تالاشتۇرۇپ سېتىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ رەسىملەر مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن ۋە باھاسى ناھايىتى يۇقىرى قۇيۇلغان. چارروسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى پىرژىۋالىسكىنىڭ  1885- يىللىرى خۇتەن دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ئېقىن مەنبىيى بولغان خۇتەن تاغلىرىنى تەكشۈرۈش  ھاسىلاتلىرىدىن قالدۇرغان خاتىرلىرىدە خۇتەن قاشتېشىنىڭ ھازىرىغا خېلىلا يېقىن كېلىدىغان نۇرغۇن گەپلەرنى دىگەن. ئۇنىڭدا خۇتەن دەرياسى ۋادىسىكى تاغلىق رايۇنلار مول قاشتېشى ماكانى ۋە خۇتەن قاشتېشىنىڭ يىراق- يېقىنغا داڭلىق ئىكەنلىگى، يىراق شەرىقتىكى كىشىلەرنىڭ قاشتېشىدىن ياسالغان مەبۇت بۇيۇملارنى بالا- قازادىن ساقلايدۇ، دەپ تونۇيدىغانلىغى، بولۇپمۇ ئىچكىرى جايلاردىكى خەنزۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە تولىمۇ يىراق بولغان خۇتەن دىگەن جايدىن چىقىدىغان قاشتېشىدا ياسالغان بۇيۇملارنى ئەڭ قىممەتلىك تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلايدىغانلىغى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى يازغان. پىرژىۋالىسكى  تاغ رايۇنىغا كىرىش ئالدىدا بىر پارچە قاشتېشى سودسىنى ئۇچراتقان بولۇپ، ئۇ ئۆز يازمىسىدا شۇ قاشتېشىنىڭ باھايىنىڭ جۇڭگو پۇلىدا 100 يامبۇغا توختالغىنىنى، ئۇنى ئۆز ئېلىنىڭ رۇبلىسى ھىساۋىغا سۇندۇرغاندا 10مىڭ كۈمۈش رۇبلىغا دەل كېلىدىغىنىنى يېزىپ، خۇتەن قاشتېشىنىڭ ھەقىقەتەن قىممەت بۇيۇم ئىكەنلىگىگە بولغان ھەيرانلىغى ۋە سۈيۈنۈنىشىنى ئىپادىلىگەن.
    خۇتەن قاشتېشى توغرىسىدىكى تارىخى مەنبەلەر ھەققىدە يەنە يۈەن سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى بۇيەننىڭ چاغاتاي ئېلىگە كېلىپ، خۇتەندە 90 توننىدىن ئارتۇق كېلىدىغان چوڭ بىر پارچە قاشتاشنى كۆرگىنى، چىيەنلۇڭ خاننىڭ خۇتەندىن ئەكەلدۈرگەن غايەت زور قاشتېشىدىن نۇرغۇن ئۇستا ۋە كۆپ كۈمۈش سەرىپ قىلىپ ياساتقان «دايۈنىڭ سۇنى تىزگىنلىشى» ناملىق ھەيكەلنى ئويدۇرغىنى، چىيەنلۇڭ دەۋرىدە خۇتەن ئېلىدە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق داۋام قىلغان «قاشتېشى سەيسىسى»، سەئىدىيە خانىدانى ئابدۇرىشىتخاننىڭ ئۆز ئوغلى- خۇتەن سۇلتانى ئۇرەيىسخان ھوزۇرىدا ئەقىلنى لال قىلغۇدەك چىرايلىق ۋە غايەت زوربىر پارچە قاشتېشىنى كۆرگىنى قاتارلىق نۇرغۇن مىساللارنى ساناپ ئۈتۈش تامامەن مۈمكىن ئىدى. ئەمما، مەزكۇر ئەسەردىكى يېزىش نوقتىمىز ئۇ تىمىلاردىن يانداپ ئۆتۈشنى تەقەززا قىلغىنى ئۈچۈن بۇ يەردە ئارتۇقچە گەپتىن ئۆزۈمنى تارتتىم. قانداقلا بولمىسۇن، خۇتەن قاشتېشى ئالماس، بىرىليانت، ياقۇت، كەھرىۋا، زۇمرەت، مەرۋايىت، پىروزە، لەئەل، خىرۇستال، سەدەپ... قاتارلىق جاۋاھىراتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارختىن ھازىرغىچە يۇقۇردا ئىسمى قەيت قىلىنغان ئاسقۇ، بىزەك بۇيۇم ماتىرياللىرىنىڭ شاھىنشاھى بولۇپ كەلگىنى ئېنىق. شۇنىسى ھەم ئېنىقكى، بۈگۈنكى زامان ئېلىمىز ۋە شەرىقى جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىدىكى پۇلغا يارايدىغان جاۋارىراتلار ئىچىدە خۇتەن قاشتېشى بىلەن بەس تالىشالايدىغان يەنە بىر  بىباھا گۆھەر يوق! جاھان ئەھلىگە تۇنۇشلۇق بولغان  ۋە خەلقئارا پۇل بازىرىنىڭ قىممەت ئايلىنىشىنى ۋاستە قىلغان ئالتۇنمۇ باھا جەھەتتە خۇتەن قاشتېشى ئالدىدا خۇدۈكسىرەپ قېلىۋاتىدۇ. شۇل سەۋەپ ھازىرقى كۈندە «خۇتەن قاشتېشىنىڭ باھاسى يوق» دىگەن ئاتالغۇ روياپقا چىقتى. بۇ يەردىكى «باھاسى يوق»لۇق قاشتېشىغا باھا قويغىلى بولمايدىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بازار نەرقى نوقتىسىدىن  خۇتەن قاشتېشىنىڭ يەنە بىر تەڭدىشىنىڭ يوقلىقىغا قارىتىلغان.
    دىمەك،  كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدۇكى، دۇنيادا «گۆھەر» دىگەن رىۋايەتسىمان ئۇ نەرسە يوق. ئەگەر بار دىيىلسە قاشتاش شۇ! قاشتاش بولغىنىدىمۇ سېخى دەريا يۇرۇڭقاشنىڭ قاشتېشى دەل ئۆزى شۇ!
    بۇ بىر جۈملە سۆز نىمىشقا بۇنچە زوق بىلەن كېسىپ ئيتىلىدۇ؟ «قاشتېشى» بىلەن «خۇتەن قاشتېشى «نىڭ بىر ئۇقۇم ئەمەسلىگىنى ئۇقۇرمەنلەرگە ئايانلىتىپ بولغىنىمىزدىن كېيىنكى جاۋاپ ناھايىتى ئاددى بولۇپ، قاشتېشى  دۇنيادىكى 10 نەچچە دۆلەت ۋە 110غا يېقىن رايۇندىن چىقىدۇ. تىرىتورىيىسى خېلىلا كەڭ ھىساپلىنىدىغان ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭمۇ 70چە جايىدىن قاشتېشى چىقىدىغانلىقى مەلۇم. ئەمما، ئۇ دۆلەت ۋە رايۇنلاردىن چىقىدىغان قاشتېشى يۇرۇڭقاشتىن چىقىدىغان قاشتاشلاردەك ياغلاش، پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئەپلىك ئەمەس. قاراقۇرۇمدىن پارچىلىنىپ، قاش- قىرغاققا ئۇرۇلۇپ، تاشتىن- تاشقا سەكرەپ شوخ ئېقىۋاتقان يۇرۇڭقاشنىڭ ئەركەك سۈيىگە چىلىشىپ، ئەسىر- ئىرالاپ دەريا قىنىدا كۆمۈلۈپ ياتقان يۇرۇڭقاشنىڭ قاشتېشى ئۆزىنىڭ سۈزۈكلىگى، رەڭ تۈرىنىڭ كۆپلىگى، پارقىراق- جەلپكارلىغى، ھەرقانداق ئىنچىكە سىزىق- نەقىشلەرنىمۇ بىجىرىم ئويۇپ چىقىرىشقا بولىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا قاشتاش تۈرلىرىگە شاھىنشاھ بولغان. شۇڭا ئۇنىڭدا ئەلمىساقتىن تارتىپ تاجىدارلارنىڭ مۆھۈر- تامغىلىرى، چوقۇنغۇچىلارنىڭ مەبۇت، قۇت بەلگىلىرى ياسىلىپ كەلگەن. كاتتا ئىنئام، سوغات ۋە خاتىرە بۇيۇملىرى قاتارىدا ئەل ئارىسىدا ئەتىۋارلىنىپ تارقىلىپ، تەۋەرۈك بۇيۇم سۈپىتىدە ساقلانغان. تۈرلۈك بىلەيزۈك، قۇلاق، بۇيۇن ئاسمىلىرى، تۇمار-مارجانلار ياسىلىپ گۈزەللىك ئۈچۈن بىزەك، تۈرلۈك- تۈمەن كۆرۈنمەس بالايى- خەتەرلەردىن ساقلىنىش مەنىسىدىكى تىلەك بۇيۇملىرىدىن بولۇپ كەلگەن.
    بىزلىيلىقلار جاھاندا يەنە بىر تەڭدىشى ھەقىقەتەن يوق بولغان دەل مۇشۇ خۇتەن قاشتېشىغا تايىنىپ چارەك ئەسىر ئاۋالقى قاقسەنەم نامراتلىق بۆكىنى بۈگۈنكى كۈندە مىليونىرلىق تاجۇنامىغا ئالماشتۇردى. ئېيتماققا، يازماققا شۇنچىلىك ئاددى بولغىنى بىلەن بۇ تاجۇنامنى كەيمەك ئۈچۈن تارتقان رىيازەت- مۇشاقىتى، رەنجۇ- كۈلپىتى، تۆلىگەن بەدەللىرى ئاز بولمىدى. ئۇلار ئۈچۈن دەريايى يۇرۇڭقاش ۋە شۇ دەريادىن چىقىدىغان قاشتاش ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە بەرگەن تەڭداشسىز نېئمىتى ئىدىكى، شۇ نىئمەت بولمىغىنىدا ئۇلارلا ئەمەس، مۇئەللىپمۇ بىزلىيلىقلارنىڭ بۈگۈنىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالماس ئىدى.
    بىزلىيلىقلار خېلى قەدىمدىن باشلاپلا قاشتېشى سۈزۈش، كولاش، سېتىش بىلەنلا ئەمەس، قاشتېشى ئويمىچىلىقى بىلەنمۇ مەشغۇل بولغان. بۇ ھۆكمىمىزگە دەلىل  سۈپىتىدە ھازىرقى باش بىزلىي كەنتىسى بىلەن قارايانتاق كەنتىسىنىڭ پاسىلىغا جايلاشقان نوقىتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنيەت يادىكارلىق ئىزناسى- «قازمىلىق» قاشتېشى ئويمىچىلىق ئورنى خارابىسىنى كۆرسىتىش مۈمكىن. قاچانلاردىدۇر سەل- كەلكۈننىڭ لاي- لاتقىسىغا غەرق بولغان شۇ ئىزنادىن مەلۇمكى، بىزلىينىڭ ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك يىلتىز خەلقى نەچچە زامان ئاۋاللا قاشتېشىدىن چىراقپاي، شامدان، ھاۋانچا، تۇرۇز تېشى ياسىغان. بەلكىم، ئۇلاردىنمۇ سەنئەتلىكراق ئويمىلارنى ئىشلىگەنلىكىنى كۆڭلىمىز تۇيۇپ تۇرسىمۇ بۇ يەردە پاكىتسىز سۆزلەشكە تىلىمىز كۆيىدۇ. چۈنكى، «قازمىلىق» خارابە ئىزى تېخى تۇلۇق، سېستىمىلىق قېزىش «شەرىپى»گە ئېرىشمىدى. يىل دەۋرىمۇ مۇتخەسىسلەر تەرىپىدىن مۇكەممەل شەرھىلىنىپ بېكىتىلمىدى. شۇ ھالدىمۇ بايامقى تېپىندىلاردىن بىز ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدە خېلىلا روناق تاپقان قاشتېشى ئويمىچىلىق زاۋۇتى ئىكەنلىگىگە شەك كەلتۈرەلمەيمىز. كەمىنە بۇنىڭدىن 10 يىللار ئاۋال شۇ خارابىلىك ئىزىغا ئۇنچە يىراق بولمىغان جايدىن قاشتېشى كولاۋېتىپ ئۇچراتقان قۇپال ياغاچ گۈرجەك، ياغاچ قۇپارغۇ (پىشاڭ)، زەمبىل پارچىسى قاتارلىقلارمۇ ئۇ قارىشىمىزغا زەررىچە دەلىل بولالايدۇ.
    سەھىپىمىزنىڭ ئۆزىگە قايتىپ، بىزلىيلىقلارنىڭ ھازىرقى «مىليونىر»لىق بۆكىنى كىيىش قەدەم- ئىزلىرىغا زەن قۇيىدىغان بولساق، ئازاتلىقتىن كېيىنكى خېلى يىللارغىچە قاشتېشى سودىسى ھۆكۈمەت ھەركىتىگە ئايلىنىپ، سۈزۈلگەن، تىرىۋېلىنغان قاشتاشلار ئىلچىنىڭ توزغاق كوچىسىغا جايلاشقان 2- يىنىك سانائەت ئىدارسىغا قارام قاشتېشى ئويمىچىلىق كارخانىسىغا سېتىپ بېرىلىدىغان يىللاردىمۇ بىزلىيلىقلار ئۆز ئۆيى ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان يۇرۇڭقاشتىن ھەرۋاقىت قاشتاش سۈزۈپ، تېرىپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى كۈنلەردە توزغاق كوچىسىدا پۇلغا ئايلاندۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە بولغانلىقى مەلۇم. گەرچە ئۇ ۋاقىتلاردىكى قاشتاشقا قۇيۇلىدىغان باھانىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئېغىزغا ئالغۇچىلىكى بولمىسىمۇ، پىريومچىلارنىڭ قاشتېشىنىڭ سورت- سۈپىتىگە قۇيىدىغان ئۈستۈننەزەر ئۆلچىمىنى دەۋېلىشنىڭ زۈرۈرىيىتى بار، ئەلۋەتتە.
    قاشتېشى قىزغىنلىقى ۋە قاشتېشى بازىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 يىللىرىنىڭ ئوتۇرلىرىدىن باشلاپ كۆلەملەشتى ۋە تىز سۈرئەتتە ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز سودا پۇرسىتىنى ياراتتى. 90- يىللارغا ئولاشقىنىدا بولسا ئۇ خىل قىزغىنلىق تېخىمۇ كۈۋەجىدى. بازارمۇ زور دەرىجىدە ئېچىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە، ھەتتا خەلقئاراغا ئۇلاشتى. يېڭى ئەسىر كىرگىنىدىن كېيىن بولسا بۇ قىزغىنلىق بىر خىل ئەسەبىيلىككە، بىر خىل بەھەيۋەت دولقۇنغا ئۇرۇن بۇشاتتى. ئەسلىدىنلا تىرىشچان ۋە ئەقىل تىپىغا تەۋە بىزلىقلار بۇ كۈۋەجەش، بۇ ئولۇشۇش ۋە بۇ ئەسەبىيلىككە جان- جەھلى بىلەن ئاۋاز قۇشۇپلا قالماي قاشتېشى دولقۇنى، قاشتېشى ئەسەبىيلىكىنىڭ جەڭگىۋار باشچىلىرىدىن بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ بىزلىي ياشلىرىدىن ئالىمجان، ئۆمەرجان، ئابدۇرىشىت، ئوخشاش ئىسىملىك ئىككى رۇزىمۇھەممەت قاتارلىقلار بۇ باشچىلارنىڭ سەركىلىرى قاتارىدا تىزلا كۆزگە كۆرۈندى. بۇ باش، بۇ سەركىلەرنىڭ باشلامچىلىقىدا بىزلىيغا جايلاشقان چوڭ ئازما بېشى جاھان بويىچە ئەڭ كاتتا قاشتېشى بازىرىغا ئايلاندى. شۇ بازار ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ سۈيۈملۈك قوشنىلىرىغا تەسەۋۋۇرىدىكىدىن نەچچە باراۋەر يۇقۇرى رىسىق ئېيتتى. نەتىجىدە بىزلىي يىراق- يېقىندىن كېلىپ قاشتېشى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ، غايىپ خەزىنىدىن رىسىق تەمەسىدە كەلگۈچىلەرنىڭ، زىيارەتچى- سەيلىچىلەرنىڭ تەۋەككۈل جايىغا ئايلاندى. ئەمدى چوڭلار  كۆزى چۈشكەن سۈزۈكرەك بىرەر تاشنى "قاشتېشىمىكىن...؟" دەپ قولىغا ئېلىپ، يۈزىگە سۈرتۈپ يۈرەكلىرى بىر نۆرى بالقيدىغان، ئايىقى چىققان ھەربىر خۇتەن بالىسى قولى سىيپاشقان ھەر بىر تاش، ھەر بىر ئۇرۇقچە- ئۈكچىلەرنىمۇ "كاشتېشى!" دەپ تىرىۋېلىپ، يۈگۈرگەن پېتى ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتىدىغان ھال ھەر بىر خۇتەن ئائىلىسىگە ئومۇملاشتى.
    قاشتېشىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى قىزغىنلىقى خۇتەندىن ھالقىپ كەتتى. داڭىق- تەۋسىپى جاھانغا پۇر بولدى. خۇتەنگە مۇخبىرلار كەلدى. تىلىۋىزىيىنىڭ ئايخېنىم رىياسەتچىلىرى، قايسىبىر تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ كۆزئەينەكلىك، پاينەكباش تەتقىقاتچىرىمۇ كەلدى. مىس ساقال، ئۇنچىراي چەتئەللىكلەرمۇ كەلدى. كەلگەنلەرنىڭ ئېغىزى قاشتېشىدەك ئۇماقلىشىپ، يازمىلىرى قاشتېشىدەك نۇرانىلاشتى. سۈلكەت- يېقىشلىقى قاشتېشىدەك سىلىقلىشىپ، قىلغان قېلىقلىرى قاشتېشىدەك بەدىئىلەشتى. رەسىم ئاپاراتلىرىنىڭ پوكۇس نوقتىسى قاشتېشىغا، تىلىكامىرانىڭ سۈرلۈك ئېغىزلىرى قاشتېشىغا، ھارماس قەلەملەرنىڭ قەترە تامغۇر ئۇچلىرى قاشتېشىغا توغرىلاندى. قاشتېشىغا توغرىلانغانىكەن، ئەلۋەتتە بىزلىيلىق قاشتشچىغىمۇ توغرىلاندى.
    -قاشتېشى سۈزۈشنى قانداق ئۈگۈنۈپ، قاچان باشلىغانتىڭىز؟ سىز نەچچىنچى ئەۋلات قاشتاش ۋارىسى؟ سىز قاشتېشى تىجارىتىدىن قانچىلىك پۇل تاپتىڭىز؟ بېيىش تەجرىبىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ - دەپ سورىدى مۇخبىر، بىزلىقلاردىن.
    -بىز سىزنىڭ يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن قاشتېشى سۈزگەن كۆرۈنىشىڭىزنى سۈرەتكە ئالايلى، تىلىۋىزوردا چىقىسىز، قاشتېشىنى قاچان سۈزۈپ بىرىسىز؟ سىز قۇلىڭىزدىن چىقارغان قاشتاشلارنى كىمنىڭ، نىمىلەرگە ئىشىلىتىدىغىنىنى بىلەمسىز؟- دىدى، تېلىكامىراچى، بىزلىقلارغا.
    - قاشتېشىنىڭ تەركىۋىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىىلەمسىز؟ ئۇنىڭ باشقا تاش تۈرلىرىدىن تۈپكى پەرقى نەدە ؟ ئەڭ ياخشى سۈپەتلىك قاشتېشىنىڭ سۈپىتى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟- دىدى تەتقىقاتچى.
    - قاشتېشىدىن كىيىنكى بالا- ئەۋلاتلىرىڭلارغا بىر پارچىنىمۇ قالدۇرماي، ھەممىنى كولاپ تىرىۋالايلى، دەپسىلەردە؟- دىگنىچە باش چايقىدى، مىس ساقال، ئۇنچىرايلار چەتئەللىكلەر بىزلىيلىقلارغا قاراپ. 
    بۇ ۋاقىتتا بىزلىيلىق قاشتاشچىلار مەڭدىدى. بىزلىيلىقلار ھودۇقتى. كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىشتى. چۈنكى، ئۇلار تىگى مەنىدىكى دىھقان ئىدى. دىھقان ئۇ خىل قىينىقى بار سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلمەيتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانچىنچى ئەۋلات قاشتاشچى ئىكەنلىگىنى بىلمەيتتى. دادىسىدىنمۇ، چوڭ دادىسىدىنمۇ سوراپ كۆرمىگەن ئىدى. دەريادىن قاشتېشى سۈزۈپ بىرەي، دىسە بۇ يىللاردا دەريا سۈيىدە چايقىلىپ ئېقىۋاتقان قاشتېشى ئاللىقاچان تۈگۈگەن ئىدى. باش ئېقىندىن-قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن، تىكىلىك داۋىنىنىڭ يۇقۇرىسىدىن قاشتېشىنىڭ قاچان پارچىلىنىپ چېقىلىدىغىنى، قاچانلاردا ئۆزىنىڭ تىرىش، سۈزۈش ئىمكانىنىڭ يار بىرىش دائىرىسىگە ئېقىپ كېلىدىغىنى بىزلىيلىقلار ئۈچۈن سىر ئىدى. لېكىن، بىزلىيلىق، خۇتەنلىك «تاشچىلار»نىڭ ھەرقاندىغى  قاشتېشىنى تۇنۇيتتى. كۈندۈزىلا ئەمەس، كېچىسى سىلاپمۇ ياخشى- يامىنىغا ھۆكۈم قىلالايتتى. قاشتېشىنىڭ جاھان- ئىقلىمدىكى ھەرقانداق نەرسىدىن قىممەت ئىكەنلىگىنى، ھەتتا ئالتۇن، كۈمشلەردىن نەچچە باراۋەر قىممەت باھادا ساتقىلى بولىدىغىنىنى بىلەتتى. بىزلىيلىق قاشتاشچىلار ئۆزى سۆيگەن، مىھىر- ئامىراقلىغىنى يەتكۈچە بەرگەن،  ئۆزىنى تۇلۇق بېغىشلىغان قاشتېشىنىڭ دەريا قىنىدا بارغانچە ئازلاۋاتقىنىنى ھەم بىلەتتى. بۇ ھالدىكى بىزلىيلىقلارنىڭ نەزىرىدە قاشتېشى كولاش ئىشىنى كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئەمەس ئەتىگە قالدۇرۇشقىمۇ بولمايتتى. شۇڭا ئەمدى دەريانىڭ ئۇلىنى تۈرتكۈ، قازغۇ، كولىغۇ قاتارلىق ماشىنا ئۈسكىنىلەر بىلەن كولاش ئۇسۇلى ئىجات قىلىندى. بۇ ئۇسۇلنىمۇ ئەڭ دەسلەپ يەنە شۇ بىزلىيلىق سەركىلەر ئويلاپ تاپتى. نەتىجىدە 2002-يىللاردىن باشلاپ «كات»، «ۋولۋو»، «لىگۇڭ»، «كوماتسو»، «دايوۋ» قاتارلىق يۇقۇرى ئات كۈچىگە ئىگە قازغۇ، كولىغۇلار يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ توڭغۇزلۇق دىگەن بۆلىكىدىن جىيىنىڭ تاۋغاز تەۋلىكىگىچە بولغان سوزۇنچاق رايۇنىدا كېچە- كۈندۈز  گۈركىرەپ، تۇپا- بۇخۇناق پۇرقۇپ، ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىنىڭ بىز ئۈچۈن كىنولاردىلا كۆرۈش مۈمكىنچىلىكى بولغان تەسۋىرىنى خۇتەن تەۋەلىكىدە قايتا نامايەن قىلدى. دەريا قىنى كىچە- كۈندۈز تىلغاندى. قاش- توسمىلار نەچچە رەت كولىنىپ قايتا ئىشلەندى. كۆپ ئۆتمەي دەريا قېنىدا سالغان مەبلەغنى قايتۇرۇپ كەلگۈدەك قاشتېشى قالمىغىنى پەرەزلىنىپ، تۈرتكۈ، قازغۇ، كولىغۇلار قوشۇنى قاشقا- ئەسىر- ئىرالار ئاۋالقى كونا ئېقىن ئىزلىرىغا يۈرۈش قىلدى. نەتىجىدە يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىكى كىچىك- كىچىك تۈزلەڭ- ئېدىرلاردىن باشقا لوپ بوستانلىقىنىڭ چاھارباغ، بۇيا يېزىلىرىغا يانداش ئۈزۈك- ئۈزۈك قۇرشاۋىدىكى «سۇغاققۇم « چۆللۈكى قاشتېشى كولاشنىڭ ئاساسى مەنبىيى بولۇپ قالدى. دەل شۇنىڭغا ئۈلگۈرۈپ، ئاۋال دەريا باشقۇرغۇچى، ئارقىدىن يەر- زىمىن بايلىق باشقۇرغۇچى، ئارقىدىنراق مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئۆزىنىڭ فوتنكىتسىيىلىك رولىنى تۇيۇقسىز يادىغا ئېلىشقاندەك ئۆلچىگۈچ- ئايرىغۇچلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە سوغۇققۇم چۆللىكىگە يۇپۇرۇلۇپ كىرىشتى.كىرگەنلەر ئارىسىدا يەنە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رىۋىزىيە ئورۇنلىرىنىڭ، قاتناش، سۇ، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، ئوتلاقچىلىق... قاتارلىق سۇغاققۇم چۆلى ياكى يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ كونا ئېقىن ئىزى بىلەن  ئانچىكى چېتىشلىقى بارلىكى ئۇرۇنلارنىڭ ھەممىسى پەيدا بولدى. ئەگەر ئۆز ئۇرۇنلىرى، ئۆز مەجبۇرىيىتىنىڭ سۇغاققۇمدىن قاشتېشى كولاش بىلەن چېتىشلىقى سۇس بولسا قۇيۇقلاشتۇرۇشقا، يوق بولسا بار قىلىشقا ئۇرۇندى. چۈنكى بۇ كۈنلەردە سۇغاققۇمدىن نەپ چىقىدىغانلىقى ھەر قۇلاقنى پاڭ قىلىپ، ھەر كۆڭۈلنى لەرزىلەپ بولغان ئىدى. نەپ بار يەردە كىم يوق؟!  شۇ بىرلا سەۋەپ تۈپەيلى سۇغاققۇمغا «ۋەزىپە» بىلەن كىرگۈچىلەرنىڭ چېھرىدىن مۇدھىش ياغدى. كۆزلىرىدە قاشتېشىدىن نىسىۋە ئىزدىگۈچى ئاۋام توپىغا مىھرىبانلىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. قاشتېشى كولىغۇچىلار بۇ ھالدىن گاڭگىراشتى. نەۋاختىن بېرىقى «ئۆزى خان، ئۆزى بەگ» بولۇپ، ئۆز رايى، ئۆز ئۆلچىشى، ئۆز تاللىشى، ئۆز خاھىشى بويىچە يەر- پاسىل ئايرىشىپ، قاشتېشى كولايدىغان ئاسايىش كۈنلىرىنىڭ قاياققا ئۇچۇپ كەتكىنىنى بىلەلمەي قېلىشتى. ئۇلارنىڭ ئاڭلىغىنى ئۆزلىرى  رەت قىلالمايدىغان «ئېكىلوگىيىلىك بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»، «سۇ- تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى چەكلەش» دىگەن چىرايلىق باھانىلەر بولدى. لېكىن، باھانە بىلەن قاشتاش قازغۇچىلار كۆرگەن ئەمەلىيەت ئوتۇرسىدىكى رۇشەن پەرق قاشتېشى كولاشتىن تۇرۇپلا مەھرۇم قالغۇچىلارنى ئويلاندۇرۇپ قويدى.
    ئەگەر نەلەرگىدۇر «ئېقىپ كىتىۋاتقان»، «ئاسمان تامان پۇرقۇراپ ئۆرلەۋاتقان»، «كۆك قەھرىدىن يامغۇردەك تۆكۈلۈۋاتقان « تۇپراققا كۆڭۈل بۆلۈش راست بولۇپ، ئاتمۇسپۇرانىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېكىلوگىيىلىك مۇھىت ۋە كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەقىقەتەن شۇئار- تەگبىرلەردە ئېيتىلغاندەك ھەقىقى بولىدىغان بولسا، بارلىق قازغۇ، تۈرتكۈ، كولىغۇلار ئومۇمىيۈزلۈك توسۇلغان، ھەر بىر قاشتېشى كولىغۇچىنىڭ چۆل يىرىنى تۈرتەكلەپ تۇپا سورۇۋاتقان قىلمىشى راۋۇرۇس چەكلەنگەن بولۇر ئىدى. ئەمما ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى. چەكلىگۈچى، توسىغۇچى، بۇزۇلۇشنىڭ، ئېقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى تارماق ياكى ئورگاننىڭ «رۇخسەت- ئىجازىتى» بىلەن بولۇنۇۋاتقان بۇزغۇنچىلىق سۇغۇققۇمدا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن كۈچلۈك ۋە دەبدەبە بىلەن باشلاندى. ئۇ تارماق ۋە ئۇ ئۇرۇنلارنىڭ قانداق كىشىلەرگە «يېشىل چىراق» يېقىپ، قانداق تەلەيلىكلەرگە كولاش ئۈچۈن يەر بۆلۈپ «قېزىش ئىجازەتنامىسى» بىجىرىپ  بېرىدىغىنى ئانچە ئۆتمەيلا ئەقىل ئىگىلىرىگە ئايان بولدى: شۇ ئۇرۇن، شۇ تارماق مەسئۇلىدىن تارتىپ، شۇ ئۇرۇندا خىزمەت قىلىدىغان ئادەتتىكى خىزمەتچىگىچە ئەتە- ئاخشاملاردا يارىشىقىنى قىلىپ «يوقلىغان»، يانچۇق- ھەميانلىرىنى توشقۇزۇپ قويغان، ئىگىسىز بانكا ئامانەت كارتىلىرىنى يۇچۇق- يىرتىقلىرىغا قىستۇرۇپ قۇيالىغانلارنىڭ قازغۇ- تۈرتكىلىرى، كولىغۇ- ئۈسكۈنىلىرى  ئەتىسىلا گۈرۈلدەپ ئوت ئالغىنىچە «چۆلنى بوستان ئەيلەش»كە تۇتۇندى. قارىغاندا بۇنداقلارنىڭ كىچەيۇ- كۈندۈز تۇزۇتقان توپىسى ھاۋانى بۇلغۇمايدىغاندەك، ئاتمۇسپۇرانى ساپلاشتۇرىدىغاندەك، خۇتەندە يىلسېرى ئاۋۇپ بېرىۋاتقان قۇم- بۇران ئاپىتىنى دەپئى قىلىش رولىنى ئوينايدىغاندەك قىلاتتى. ھېچبولمىغاندا شۇلارغا بىجىرىپ بىرىلگەن نەچچە تامغىلىق رەسمىيەت- ئىجازەتنامىلارنىڭ شۇنداق خاسىيىتى باردەك ياكى بىجىرىلگەن ئاشۇ ئىجازەتنامىلەر ۋە قىزىل سۇرۇخقا بارماق چۆكۈرۈپ بېسىلغان ئاشۇ قوش- قوش تامغىلىق مەسئۇلىيەتنامىلەر خۇتەننڭ پۈتكۈل ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە ئەڭ ئاجىز ئېكىلوگىيىسىنى شۇنداق ئۇسۇلدا  قوغدايدىغاندەك قىلاتتى. بۇنى بەك ئۇچۇق كىنايە بولۇپ كەتتى دەپ قارىساق، چوڭ- كىچىك خۇتەن ئەھلىگە ئېنىق بولغان بىر ئىش باركى، ئۇ خىل باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى يۇقۇرىغا شۇنداق مەلۇماتلارنى يوللىغىلى، ئۆز خىزمىتىنى چۆل- جەزىرىلەرگە ياياق كىرىشتىنمۇ يانماي ساداقەتمەنلىك بىلەن بىجاندىل ئىشلىگەنلىكىگە گۇۋاھ- ئىسپات قىلغىلى بولاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى: «سوغاققۇمدا قاشتېشى كولاش چەكلىنىپتۇ» دىگەن بۇخۇناق ھەممە يەرنى بىر ئالدىيۇ، قېزىش، تۈرتۈش، كولاش ئۈسكىنىلىرىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك گۈركىرىكى  بىر كىچە- كۈندۈزمۇ ئۆچۈپ باقمىدى. شۇنىڭ باراۋىتىدە باشتا قىسقا مەزگىل گاس- گاراڭلىقتا قاشتېشى قېزىشتىن توختاپ قالغان بىزلىيلىق قاشتاشچىلار پۈتۈن سەپ بۇيىچە ئاتاكىغا ئۆتتى. «چەكلەش» قانچىكى كۈچەيگەنسىرى سۇغاققۇمدا قاشتېشى قېزىش شۇنچە ئەۋىج ئالدى. ئىجازەتنامىنىڭ نەرقى- ناۋاسى بارغانچە ئۆسۈپ باردى. نەتىجىدە چەكلەش بىلەن ئىجازەت قىلىش، توختىتىپ قۇيۇش بىلەن يول قۇيۇش گويا دېسنى كارتۇنلىرىدىكى «مۈشۈك بىلەن چاشقان ئۇيۇنى»دەك شۇنچىلىك رېتىملىق، شۇنچىلىك چىرايلىق، شۇنچىلىك ئۈنۈملۈك رەۋىشتە توختىماي داۋام قىلدى. 
    شۇنداق قىلىپ خۇتەندە مىلادى 2004- يىللىرىدىن تارتىپ رەسمىي باشلانغان «ئېكىلوگىيىنى قوغداش»نى قالقان قىلغان قاشتېشى قېزىشنى چەكلەش سىياسىسى ھېچقاچاچان ۋە ھېچبىر ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. ئەگەر ئۇ سىياسەتنى «بىرەر نەتىجىگە ئېرىشتى» دىيىلسە، دەل خۇتەندە ھازىر كۆچمە مەنىدە قوللىنىلىۋاتقان «بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالدىن بېيىشى» ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپە قوشتى دىگىلى بولىدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان «بىر قىسىم كىشىلەر» ئاشۇ ئىجازەتنامىلەرگە بېسىلغان تامغا- مۆھۈرلەرنى تۇتۇش، سىلاش، بېسىش، پۈۋلەپ قۇرۇتۇش ئىمتىيازىغا ئىگە كىشىلەرنى ۋە شۇلارنىڭ ئەتراپىدا چاپان چۆرۈگۈچلۈك قىلىشىپ يۈرگەن «يەلپۈگۈچ» «روچىۋىنلار»نى ۋە شۇلارغا كۆرسەتمە- يوليۇرۇق بىرىش ئىمتىيازىغا  ئىگە كىشىلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە!
    بۇ گەپلىرىمىز كىملەرنىڭدۇر قۇشۇمىسىنى پۈرۈشتۈرۈپ، يەنە كىملەرنىڭدۇر ئوغىسىنى قاينىتار. لېكىن ۋىجدانغا تالىق بولغان ئىچكى  ئوتنىڭ تۈرتەكلىشى بىلەن يېزىلىۋاتقان بۇ ئەسەرگە نىسبىتەن ئالغاندا مۇئەللىپ تېخى ئۆزى دەۋاتقانلىرىنى «سۇغاققۇمدا قاشتېشى قېزىشنى چەكلەش ۋە يول قۇيۇش» ئۇيۇنى داۋامىدا كۆرگەن، ئاڭلىغان، بىلگەن، سۈرۈشتۈرگەن، خاتىرە قالدۇرغان نۇرغۇن  ناشايانلىقلار ئالدىدا ھېچقانچە گەپ دەپ قارايدۇ. ھەتتا بىرەرى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئەگىتمە ھادىسىلەرنى يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئۆزىگە ئېلىۋېلىپ، كەمىنىنىڭ بۇ قۇرلارنى يېزىش مۇددىئاسى ۋە خاھىشىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولىدىكەن ئاپتۇر ئۇنى «قورققان ئاۋال مۇشت كۆتۈرۈپتۇ» مەنىسىدە چۈشۈنۈش بىلەن بىرگە مەسخىرىلىك كۈلۈپ قۇيۇدۇ. شۇنىڭ  بىلەن تەڭ يۇشۇرغىلى بولمايدىغان رىئال پاكىتلار ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىپ قۇيۇشتىن باشقا سۇغاققۇمدا قاشتېشى كولاش نەتىجىسىدە قاراپ تۇرۇپ يوق قىلىۋېتىلگەن- لوپ ناھيىسىنىڭ چاھارباغ يېزا تەۋەلىكىگە جايلاشقان نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق نوقتسى - «سۇغاققۇم بۇددا خارابىسى»نىڭ پۈتۈن- پۈتۈن بۇت ۋە ساڭراملىرىنىڭ سۈرۈشتۈرمىسىنى قىلىدۇ. چۈنكى، قايتا  ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۈمكىن بولمايدىغان، ئئەينى دەۋىر مەدەنىيىتىنىڭ رۇشەن ئىز- بەلگىسى بولمىش ئۇ ساڭرام ۋە ئۇ بۇتلارنىڭ ئېنىقى مۇشۇ يەتتە يىل ئىچىدە سۇغاققۇمدا قاشتېشى كولاش جەريانىدا ئۈزىل- كېسىل پەرسۇدە بولغىنى، ئاخىرى بېرىپ تۇلۇق يوق بولغىنى شەكسىز ئېنىق ! ئۇنىڭسىزمۇ مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان مىنۇتلاردىمۇ ئۆپكەم ئىخيارسىز ئۆرلەپ لەۋلىرىم سۇئال بەلگىسىدەك پۈرۈلۈپ توختىماي مىتىلدايدۇكى: قېنى سىلەرنىڭ جىيا، بۇيا، چاھارباغ پاسىللىرىدىكى قوغدىغان يەر- زىمىنىڭلار؟ «قېزىشقا  ئىجازەت قىلغان زىمىننى چەكلىك ۋاقىت  ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈمىز» دىگىنىڭلار قېنى؟ «ئەسلىگە كەلتەرۈش ھەققى» دەپ يىغقان شۇنچە كۆپ زاكالەت پۇللار قېنى؟ ئوڭغۇل- دوڭغۇل قىلىپ تىلغانغان، ئۆرە- تۈپە قىلىۋېتىلگەن، تاش- شېغىللىرى نەچچە مىتىرلاپ، ئوننەچچە مىتىرلاپ ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتلىگەن پايانسىز تۇپراققا سىلەر نىمە دەيسىلەر؟ ئۇزاققا سۇزۇلغان شۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈتۈپ ئاجىز تىپىرلىغىنىچە نابۇت بولغان نەچچە مىڭ، نەچچە ئونمىڭ مولاپ يېپىنچا ئۆسۈملۈك ئورنىدا پەيدا بولۇپ كۈنبويى كۆزنى ئاچۇرمايۋتقان، كۆھىقاپقا ئايلانغان قۇملۇققا نىمە دەپ جاۋاپ قىلىسىلەر؟ سىلەر شۇ زىمىنغا يۈز كىلەلەمسىلەر؟
     سىلەرنىڭ جاۋاپ بەرمىكىڭلار نارىسىدىلەرگە ئاسان بولغىنى بىلەن ھەقىقەتكە ھەقىقەتەن تەس!
    تىمىدىن بىرئازغىنە چەتنەپ كەتكىنىمىزنى تەن ئېلىپ ئەسلى گىپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، بىزلىيلىق قاشتاشچىلار سوغۇققۇمدىكى بۇ قاشتېشى كولاش جېڭىگە ئىلچى، قارىقاش، جىيا، يۇرۇڭقاش، بۇيا، چاھارباغ، سامپۇل، ھاڭگىيا، لوپ جەڭگىۋارلىرىدەك قويغان- تۇتقىنىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئەسەبىلىك بىلەن كىرىشمىگەن بولسىمۇ ھەرگىزمۇ چەتتە قالمىدى. بۇ پەسىلدە ئۇلار سېخى دەريا يۇرۇڭقاشنىڭ ئۆزلىرىگە قاشتېشىدىن تۇنجى رىسىق ئېيتقان قاراياناتاق، مىلىكئاۋات بۆلىكىدىن تىرىشىپ كولايدىغان يەر ئىگىلەش بىلەن بىرگە سۇغۇققۇمدىن قېزىلىۋاتقان قاشتېشىنىڭ سودىسىنى قىلىشقا كۈچىدى. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ ئەقىلغا تالىق ئىش بولۇپ، ھەممە ئادەم قېزىش بىلەنلا بولۇپ كەتكەن شۇ ئاي- يىللاردا، بىزلىيلىق ئەقىلدارلار قاشتېشى سودىسىغا- ئۇنى كولىغۇچىلار، قازغۇچىلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ  ئۈرۈمچى ۋە ئىچكىرى بازارلارغا يۆتكەپ سېتىشقا بەكرەك كۈچىدى. نەتىجىدە رىسىق يەنە شۇلار تەرەپكە لۆمشۈپ ئاقتى. ئاخىرى بېرىپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاشتېشى بازىرىدىكى يىلتىزلىق ئورنىنى بارغانچە مۇستەھكەملىدى.

     

    3


    بىزلىيلىق مىليونىرلار پۇلنى قانداق تاپتى؟
     ئا. تەۋەككۈلچىلىك
     بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچالىغاندا بىزلىيلىقلار تەۋەككۈلچىلىككە تايىنىپ بېيىدى. بىزلىيلىق قاشتاشچىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ، ئۇلار سۈرە ئىمراندا كەلتۈرۈلگەن «بىر ئىشقا بەل باغلىساڭلار ئاللاھقا تەۋەكۈل قىلىڭلار، ئاللا تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ» دىگەن مۇقەددەس ۋەھىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ ۋە ھەرۋاقىت ئەمەل قىلىدۇ. يۇقارقى بۆلەكتە ئىزاھلاپ ئۆتۈلگەن «قاشتېشىنىڭ باھاسىنىڭ يوق»لىقىدىن ئىبارەت تۈپ ئالاھىدىلىكمۇ قاشتېشى سودىسدا تەۋەككۈلچىلىك قىلىش روھىنىڭ، تەلەي سىناش خاھىشىنىڭ، باھا تۇيغۇسى، دىت- مۆلچەرنىڭ خېلىلا مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇلار مەيلى ئۆزى سۈزۈپ، ئۆزى قازغان قاشتېشى بولسۇن ياكى باشقىلاردىن سېتىۋالماقچى بولغان قاشتېشى بولسۇن ھەر بىر پارچە قاشتېشىنىڭ شەكلى، سۈپىتى، رەڭگى، قىياسىدىكى خېرىدارى ۋە شۇ خېرىدارنىڭ ياساش مۈمكىنچىلىكى بولغان بۇيۇمى قاتارلىقلارنى تەخمىن ھالدا بولسىمۇ ئەستايىدىل مۆلچەرلەپ، ئۇ بىر پارچە قاشتاشنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بازار نەرقىنى بىرقەدەر مۇكەممەل دىتلاپ باھالايدۇ. دەل مۇشۇ يەردە بىر سىر يۇشۇرۇنغان بولۇدىكى، بىزلىيلىق قاشتاشچى سېتىۋالماقچى بولغان قاشتېشىغا باھا قويغىنىدا ئۆزىنىڭ قىياسىدىكى سېتىلىش باھاسىىڭ يېرىم باھسىنىمۇ قارشى تەرەپكە سېتىۋېلىش باھاسى سۈپىتىدە ئېيتمايدۇ. كۆپ ھاللاردا كۆڭلىدىكى سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ دەل يېرىمىنى باشلىنىش نوقتىسى قىلىپ تۇرۇپ سودىنى باشلايدۇ. بۇ خىل پىشقان روھى كۈچ ۋە يىتىشكەن تەۋەككۈلچىلىك روھى ئۇلارغا باشقا سودىلاردا خېلى بىر ۋاقىتلاردا يىتىش مۈمكىنلىكى بولغان «تېز بېيىش» پۇرسىتىنى ئاتا قىلغان. تەۋەكۈلچىلىەر ئۈچۈن تەۋەككۈلچىلىك پۇرسىتى ھەرزامان ئۇچراپ تۇرىدۇ.
    بىزلىيلىق مىليونىرلارنىڭ تەۋەككۈلچىلىكىگە ئائىت كۆپلىگەن ھىكايەت ۋە مىساللارنى كەلتۈرۈش تامامان  مۈمكىن ئىدى. ئەمما، سەھىپە ئېھتىياجى سەۋەپلىك بۇ يەردە پەقەت ئۈرۈمچىدە ماكانلىشىپ قالغان سامپۇللۇق بىر نەپەر دىلكىشىمىزنىڭ ھىكايەتلىرىدىن ئىككىلا ئۆرنەك ئېلىشنى لايىق تاپتۇق.
    دىلكىشىم مۇنداق ھىكەيەت قىلىدۇ:
    2006- يىلى كۈز ئاخشاملىرىنىڭ بىرىدە كۈزۈم ئەمدىلا ئۇيقۇغا ئىلىنىشكەن مەزگىل ئىدى. قولفۇنۇم يېقىملىق سايرىدى. قارىسام بىزلىيلىق قاشتاشچىلاردىن بىرى ئىكەن. قىزغىن ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن بىلدىمكى، ئۇ يۇرتدىشىم شۇ تاپ ئۈرۈمچى دىيوۋپۇ ئايرىپورتىدا ئىكەن. ئىچكىرىنىڭ مەلۇم شەھرىدىن ھازىرلا قايتىپ كەپتۇ. ماڭا بىرىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر ئامانىتى بار ئىكەن. شۇنى ماڭا تۇتقۇزۇۋېلىپلا ئاخىرقى ئايرۇپىلان بىلەن يەنە بايام كەلگەن شەھەرگە قايتماقچى ئىكەن.
    يۇرتلۇقۇم ئامانەتنىڭ نىمە ۋە كىمگە تەۋە ئىكەنلىگىنىمۇ ئېيتمىدى. بۇ شەھەردە پەقەت مىنى كۆڭلى تارتقىنىنى، ئالدىغا قانچكى تىز يىتىپ چىقسام مەندىن شۇنچىلىك مىننەتددار بولىدىغىنىنى دىدى. ئادەتتە بەك قۇيۇق ئەسرارلاردا بولمىساقمۇ، كۆرۈشكىنىمىزدىكى قىزغىنلىقىمىز ھەقىقەتەن يۇقۇرى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىگە ھەر ئىككىمىز مۇساپىر. كونىلاردا «مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلمان بولماپتۇ» دىگەن گەپ بار. لىككىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم. يېرىم سائەتكە قالمايلا ئايرىدىرومغا ئۈندۈم. يۇرتلۇقۇم قولىدا ئىككى ئېغىر چاماداننى سۆرەشتۈرۈۋاپتۇ. ئايروخانقىزدىن ئىككىسى بىلەن يەنە بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى ئوخشاش رەڭلىك، ئوخشاش چوڭلۇقتىكى چاماداندىن ئىككىنى يىتىلىگىنىچە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپتۇ. ئوزايىدىن قارىغاندا يۇرتلۇقۇمنىڭ ئىززەت- ئېكرامى خېلىلا ۋايىنى تاپقان بولسا كېرەك، مەستخۇشلىقىدىن ئادەتتىمۇ قىسقىراق بوينى تېخىمى قىسقىراپ، بۇيىمۇ پاكارلاپ قاپتۇ. كۆزلىرىدە خۇدۈككىمۇ، ھاياجانغىمۇ، شاتلىققىمۇ، قورقۇنۇچ- ئەندىشىگىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان مۇرەككەپ بىر نۇر بالقىپتۇ. تۇنۇشۇم مىنى كۆرۈپ بۆلەكچە ھاياجانلاندى. چامادانلارنى ماڭا تۇتقۇزدى. بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆيۈمگە ئېلىپ كېتىشىمنى، ئەتە ئەتتىگەنكى بىرىنچى قېتىملىق ئايرۇپىلاننىڭ كېلىشىگە ئۈلگۈرۈپ ئايرۇپورتقا يەنە چىقىپ بولۇشۇمنى ئۆتۈندى.  ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىم كىملىكىمنى نۇسخلىۋالدى. تۇنۇشۇمدىن سالاھىيتىمنى تەپسىلى سۇراشتۇردى. ئاخىرى ئىشەنچ ئېتىشكىنىدىلا ئاندىن چامادانلار مىنىڭ قۇلۇمغا ئۆتتى. شۇ چاغدىمۇ تېخى مەن چامادانلارنىڭ ئىچىدە نىمە بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ۋەزنىدىن ۋە يۇرتلۇقۇمنىڭ مەشغۇل تىجارىتىدىن چامادانلاردىكىنى قاشتېشى دەپ پەرەزلىدىم. ئەمما ئەقلىم لال ئىدىكى، بارچە خۇتەنلىك تاشچىلار قاشتاشلارنى ئىچكىرى بازارغا يۆتكىسە مۇنۇ تۇنۇشۇم ئىچكىرىدىن تۆت چامادان سۆرەپ چىققان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئامانەتنىڭ نىمە ئىكەنلىنى سۇراشتۇردۇم.
    - پۇل،- دىدى يۇرتلۇقۇم چامادانلارنى ماشىنىغا جايلاشتۇرۇۋېتىپ ئىرەنسىز بىر ھالدا،- ماۋۇلار بۇنچە كۆپ نەق پۇلنى يۆتكىگىلى بولمايدۇ، دەپ خېلى ئاۋارە قىلدى. ئاخىرى بۇ ئىشنىڭمۇ رەسمىيىتىنى ئۆتۈدۇق. مەن يەنە قايتىپ، قالغان پۇللۇرۇمنى ئېلىپ چىقىۋالاي. مالال كۆرمەي بۇ پۇللارنى ئۈيىڭىزگە جايلاشتۇرۇپ قۇيۇپ، ئەتە ئەتتىگەن يەنە بىر قېتىم ئايرىپورتقا ئالدىمغا چىققان بولسىڭىز.
    ئەقلىمىنىڭ لاللىقى ھەسسىلەندى. ئۈستىبېشىمنى تىترەك باستى. نىمىشقىدۇر ئەتراپقا ئەنسىز باقتىم. كىچىچە پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم. گويا ئۈيۈمدە چوڭ تۆت چامادان نەق پۇلنىڭ بارلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىپ كەتكەندەك، نۇرغۇن يامان نىيەتلىك كىشىلەر شۇ تاپ ئۆيۈمگە قانداق باستۇرۇپ كىرىشنى، مىنى قانداق شۈكلەپ قۇيۇپ، چامادانلارنى قانداق ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى مەسلىھەت قىلىشىۋاتقاندەك مەشئۇم بىر خىيال تۈن بويى مىنى قارا تەرگە چىلاشتۇرۇپلا چىقتى.
    يۇرتلۇقۇمىز ئەتىسى دىگەن ۋاقىتقا قايتىپ كەلدى. قارىسام يەنە ئىككى چامادان سۆرۈۋاپتۇ. يېنىدا ھەمراھ بولۇپ چىققان ئايروخانقىز ئۈچ بوپتۇ. ئۈچىلىسىنىڭ قولىدا چوڭ- كىچىكلىكى يۇرتلۇقۇم سۆرەشتۈرۈۋالغىنى بىلەن ئوپمۇ- ئوخشاش چامادانلار تۇرۇپتۇ.
     _بۇنچىۋىلا پۇلنى نىمىشقا بانكىغا جايلاشتۇرۇپ، كارتىنىلا كۈتۈرۈپ چىقمىدىڭىز؟ نىمە دىگەن خەتەرلىك!- دىدىم، ماشىنىغا جايلىشا- جايلاشمايلا.
     _ مىنىمۇ مۇشۇنداق خەتەرگە ئامراق دەمسىز؟ سەۋەبى بار،- دىدى تۇنۇشۇم.
    تۇنۇشۇم بۇنىڭ سەۋەپ- ۋەجىنى ئۆيىمىزگە كلىپ بولۇپ ئاندىن بايان قىلدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئېلىپ كەلگەن بۇ نىسىۋىسى چوڭ تىپتىكى  ئۈچ قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىكنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. بىرى، سامپۇلدا ئىككى قوشنا ساي- دۇمبەلدىن قاشتېشى قازماق نىيىتىدە شېرىكلىشىپ يېرىم قەرز ھىساۋىغا بىر تال تۇرتكۇ ۋە بىر دانە قازغۇ سېتىۋاپتۇ. سېتىۋېلىپ بولۇپ قارىسا، گەدىنىدىكى نىسىي مال پۇلى بەك كۆپ ئىكەن. يۇرۇڭقاشنىڭ قىنىدا قازغۇدەك ياخشى جاي قالمايۋاتقان شۇ كۈنلەردە قازغۇ، تۈرتكۇلەرنىڭ كەم پۇلىنى قاچان تۆلەپ بولۇشقا كۆزى يەتمەي ئۇلارنى غەم بېسىپتۇ. ماۋۇ يۇرتلۇقۇم بۇنى ئاڭلاپ قول سوزغىنىچە ئارىغا قىستۇرۇلۇپ، تەڭ شېرىك بوپتۇ. ھېچكىم كۆزقىرىنى سالمىغان ساي يىرىگە تەۋەككۈل قىلىپ ئىككى ھەپتە بولمايلا مۆجىزە يۈز بېرىپتۇ: بەئەينى تولغان ئايغىلا  ئوخشايدىغان تولىمۇ جەلىپكار مېغىزرەڭلىك بىر پارچە قاشتېشى كۆز ئالدىدا جۇلالاپتۇ. قاشتېشىنىڭ داڭق- تەۋسىپى پۇر بولۇپ، نە- نەلەردىن خېرىدار يىغىلىپ، سودا ھەقدادىغا يەتكۈزۈلۈپ، نەق پۇل سانىىۋاتقىنىدا ماۋۇ تۇنۇشۇمىزنىڭ تۇرۇپلا بۇ بىر پارچە قاشتېشىنى ئۆزىنىڭ  سېتىۋالغۇسى كىلىپ قاپتۇ. باشقىلارنىڭ ھايلاشلىرىغىمۇ پىسەنت قىلماي زور بىر تەۋەككۈلچىلىككە يول قۇيۇپ، بۇ قاشتېشىنى ئوڭچىلاپتۇ. نۇرغۇن رەنجى- كۈلپەتلەر ۋە دوق- مالامەتلەردىن كېيىن تۇنۇشۇم بۇ قاشتېشىنى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر شەھەرگە ئەكىرىپتۇ. توۋا، تەۋەككۈلچىلىك يۇرتتدىشىمىزغا ياندىشىپلا ماڭغانمۇ تاڭ، باشقىلارنىڭ دەۋىتى بىلەن ئۇچراشقان چوڭ خېرىدار ئۇ قاشتېشىغا باھا قويمايلا چاخچاق ئاھاڭدا «پالانى جايدىكى بىزەلمىگەن ئۆيۈمدە بار نەق پۇلنىڭ، ياق، ھوجرا ئۆيدىكى نەق پۇلنىڭ يېرىمىغا ساتامسەن؟» دەپتۇ. «ساتىمەن» دەپتۇ، تۇنۇشۇممۇ چاخچاق ئاھاڭدا. چۈنكى تۇنۇشۇم پالانى جاينىمۇ، ئۇ يەردە خۇجايىننىڭ ئۆيى بارلىقىنىمۇ، ئۇ ئۆيدە قانچىلىك نەق پۇلنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. بۇ گەپلەرنى پەقەت بىر قېتىملىق چاخچاق دەپلا چۈشۈنىدىكەن. ئەمما، خېرىدارنىڭ زورى بىلەن چاخچاق چىڭىغا چىقىپتۇ. قوللار قېقىلىپ، ئالقانلار گىرەلىشىپتۇ. خېرىدار سودا پۈتكەن شۇ جايدا قاپتۇ. كاتتا خېرىدارنىڭ قول ئاستىدىكىلەر يۇرتتىشىمىزنى بىر مەنزىرىلىك قوروغا باشلاپ، كۈنگەي تەرەپتىكى بىنانىڭ 18- قەۋىتىگە باشلاپ چىقىپتۇ. تۇنۇشۇم بىلەن بىرگە كېلىپ ئىشىكنى ئاچقۇچىلار تۇنۇشۇمنى باشقا ياققا قاراتماي، ئۇدۇللا ھوجرا ئۆيگە باشلاپ كىرىپتۇ ۋە ئۇ ئۆيدە دۈۋىلەنگەن دەستە- دەستە نەقپۇلنى پۇتى بىلەن تەخمىنلا تەڭ ئىككىگە ئايرىپ، خالىغان بىر بۆلىكىنى ئېلىپ كېتىشنى بۇيرپتۇ. تۇنۇشۇمنىڭ كۆزلىرى كېرىلىپتۇ. يۈرەك رېتىمى بۇزۇلۇپتۇ. شۇندىمۇ ئۆزىنى چوڭ سۈپەت تۇتۇۋېلىپ دەپتۇ:
     _ بانكىغا ئاپىرىپ ئامەنەت قۇيۇپ بېرڭلار، مەن ئامانەت كارتىسىنى ئېلىپ كېتىمەن.
     _ئالساڭ ئەنە پۇل، ئالمىساڭ بۇ سودىنى قىلمىغان بولايلى. باشلىق شۇنداق دىگەن. باشلىقىمىزنىڭ ئەزەلدىن بانكا بىلەن خوشى يوق، سودىنىڭ ھەممىسىنى نەق پۇل بىلەن قىلىدۇ. خالىساڭ قاشتېشىڭنىڭ پۇلنى مۇشۇ يەردىلا ئالىسەن، شۇنىڭ بىلەن سەن بىزنى كۆرمىگەن بولىسەن. خالىمىساڭ يۇلۇڭغا ماڭ.
    تۇنۇشۇمنىڭ يۈرىكى يېڭىياچە جىغىلداپتۇ. بىزلىيلىق تۇنۇشۇم يەنە بىر قېتىم تەۋەككۈل قىلماقچى بوپتۇ: ئۆزى شەرتكە كۈنۈپلا قالماي پۇلى بىلەن باشقا- باشقا ماشىنىدا ماڭدىغان، پۇلنى ئايرۇپورتقا ئاۋۇلار ئاپىرىپ بېرىدىغان، ئۇنىڭ ھەققىنى تۇنۇشۇم ئاشۇرۇپ بېرىدىغانغا كېلىشىپتۇ.
    دىلكىشىم ھىكايىتىنى شۇنداق ئاخىرلشاتۇردى: ئۆيۈمگە دۈۋىلەنگىنى ئۈچ قېتىملىق شۇ تەۋەككۈلچىلىكنىڭ مەسھۇلى ئىكەن. ئەتىسى بانكىدىكىلەر مەخسۇس ماشىنا بىلەن ئۆيىمىزگە كەلدى. يېرىم كۈنگە يېقىن پۇل سانىشىپ، ئىززەت- ئىكرام بىلەن چەك يېزىپ بىرىپ، پۇلنى ساندۇقلاردا ئېلىپ كېتىشتى. ئايال- ئۇششاقلىرىم تۆت نەپەر بانكا خادىمىنىڭ ئۆيىمىزدە يېرىم كۈن پۇل سانىغان ئاشۇ ۋاقىتنى پات- پات ھەۋەس بىلەن تىلغا ئېلىپ قۇيىشىدۇ.
    تەۋەككۈلچىلىككە تەۋە ھېكايەتتىن ئاددى بولسىمۇ مۇئەللىپنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىدىن بىر ۋارىيانت كەلتۈرۈش مۈمكىن: 2004- يىلى مەن يېقىن كىشىلىرىمدىن ئەخمەتجان ھاجىم ۋە مۆرۈۋەتلىك ئىنىم ئابلەت ھاجىملار بىلەن شېرىكلىشىپ، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ يۇقۇرسىدا- ئىككى قاشتا تۈرتكۈ ۋە قازغۇلار بىلەن قاشتېشى كولىغان ئىدىم. بىر كۈنى مۇھىم زۈرۈرىيەت تۈپەيلىدىن مىلىكئاۋات تەرەپتىكى تۇرتكىدىن بىرسىنى قارايانتاق تارەپتىكى قاشقا ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى. دەريا كەلكۈن پەسلىدە بولۇپ، لۆمشۈپ ئېقىۋاتقان سۇ ھەقىقەتەن ئۇلۇق ۋە يېقىن ئەتراپتا كۆۋرۈك يوق ئىدى. بار كۆۋرۈككە ئايلىنىپ بېرش ئۈچۈنمۇ خېلى ۋاقىت كەتكەندن باشقا زەنجىرتاپانلىق تۈرتكۈنى ئاسپالىت يولدىن ھەيدەش مۈمكىنلىكى يوق دىيەرلىك ئىدى. پەقەتكىنە بىردىن بىر ئامال چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتومىبىلىدىن تېپىپ، تۈرتكۈنى شۇنىڭغا بېسىپ بىر كۈن يول يۈرۈپ دەريانىڭ قارشى قىرغىقىغا ئۆتكۈزۈش مۈمكىنلىكى بار ئىدى. ئۆتۈدىغان قاش كۆرۈنۈپلا تۇرغان ئەھۋالدا ھېچقايسىمىزنىڭ ئۇ ئاۋارىچىلىقلارنى تارتقۇمىز كەلمىدى. دەريادىن ھەيدەپ ئۆتكۈزەيلى دىسەك شوپىرنىڭ ھاياتىدىن ۋايىم يىدۇق. شۇنىڭ بىلەن زور تەۋەككۈلچىلىككە تەرەددۈت قىلىپ، تۈرتكىنى ئوت ئالدۇردۇق. ماي تەپكىسىگە تاشتىن بىرنى باستۇرۇپ، شوپىرنى چۈشۈرۈۋېلىپ، تۈرتكىنى تۈۋەنكى خوتتا قارشى قىرغاققا  يولغا سالدۇق. شوپىرسىز تۈرتكۈ يېيىلىپ ئېقىۋتقان كەلكۈن سۈيىدە قەھرىمانلارچە گۈرۈلدەپ، قارشى قىرغاققا قاراپ ئۈزدى. يېرىم مەنزىلىگە كەلگەندە كەلكۈن سۈيى تۈرتكىنىڭ كابىنكىسىدىن ئېشىپ، تۇرخۇنىلا كۈرۈنۈپ قالدى. ئۆزىمۇ ئاجىز تاتاتلاپ، ئىنجىقلاپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا ھەممەيلەن «تۈرتكۈنىڭ ئوتى ئۆچىدىغان بولدى، نەچچە يۈز مىڭ يۈئەنلىك بۇ مۈلۈكتىن مۇشۇنداقلا ئايرىلىدىغان بولدۇق» دىيىشتۇق.  ئەمما، تەۋەككۈلچىلىكنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى: شوپىرسىز تۈرتكىمىز زور قەھرىانلىق كۆرسىتىپ، ئامان- ئىسەن ھالدا  قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ ئۆتتى!
    قاشتېشى تىجارىتىدە تەۋەككۈلچىلىكنىڭ يول- شەكىللىرى ھەقىقەتەن كوپ، پۇرسىتى ھەقىقەتەن نۇرغۇن. بۇلۇپمۇ سۈزۈك سۇ تەكتىدىن ھەر رەڭ، ھەر شەكىلدىكى جىلۋىلىك قاشتاشلارنى قول بىلەن سۈزۈش ئۆتمۈشكە ئايلانغاندىن بېرىقى قاشتېشى ئىزدەشنىڭ بارچە ئۇسۇللىرى پەقەت ۋە پەقەت تەۋەككۈلچىلىككىلا باغلىنىپ قالدى. كونا ئېقىن ئىزىدىن قاشتېشى كېنى قېزىشمۇ، ساي- دۇمبەللەردىن، دۆڭ- ئېدىرلاردىن قاشتېشى كولاشمۇ پەقەت يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ قەدىمىي تاشقىن ئىزى ياكى ئاقما يۈنۈلىشىنى تەخمىنلەپ تەۋەككۈلچىلىك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ يەردە قاشتېشى ئىزدەيمەن دىگۈچى ھەر كىشى ئۈچۈن تەۋەككۈلچىلىك قىلمايمۇ ئامال يوق. چۈنكى، قاشتاشنىڭ فېزىكىلىق ۋە خېمىيەلىك ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى ئانچىكى قېلىنلىقتىكى تۇپا ئاستىدىكى قاشتاشنى بىرەر تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن بايقاش ئىمكانىيىتىنى بەرمىگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىلىم- پەن تەرەققى قىلىپ بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەن تا مۇشۇ كۈنگىچە تۇپا ئاستىدىكى قاشتېشىنى بايقىيالايدىغان بىرەر ئۈسكىنە، بىرەر خاسىيەتلىك تېخنىكا تېخى ئىختىرا بولمىدى. بۇ ھال بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى خېلىلا ناخۇش قىلسىمۇ، ھازىرچە قاشتېشى ئىزدەشتە تەۋەككۈلىلىككە تايانماي باشقا ئامال يوقتەك قىلىدۇ.
    ب. شېرىكچىلىك
     بىزلىيلىق مىليونىرلار يەنە پۇل- بىساتنى شېرىكلىشىپ تاپىدۇ. شېرىكلىشىش ۋە ھەمكارلىق قاشتېشى تىجارىتىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. قاشتاشچىلىقتىكى"شېرىك"لىك ئادەتتىكى ئاغىنىدارچىلىققا ئوخشىمايدۇ. كىشىلەر "بىرەرسى قاشتېشى سودىسى بولۇنۇۋاتقان جايدا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن «مەنمۇ شېرىك!» دەپ تولىسىلا بولىدىكەن‘‘، دەپ يۈرگەندەك ئۇنداق ئاسانلا ئەھياغىمۇ كەلمەيدۇ. ئۇ، قاشتېشىنىڭ سۈپىتىنى بىلەلەيدىغان،  رەڭ- نۇسقىللىرىنى پەرقلىندۈرەلەيدىغان ۋە كۈندە دىگۈدەك ئۆزگۈرۈپ تۇرۇۋاتقان باھا پەمى بىر يەردىن چىقىدىغانلاردىن بىر ئىككى، ياكى ئۇنڭىدىن كۆپراق ئادەمنىڭ ئۆزئارا شىرىكلىشىپ تىجارەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بازار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان شېرىكلىكتە ھەمراھى يوق ھالدا قىلىنغان سودىغىمۇ تەڭ شىرىك قىلىنىدۇ. ئالغان پايدنىڭ كۈلكىسىى تەڭ ۋىلىقلىنىپ، تارتقان زىياننىڭ يىغىسىى تەڭ يىغلىنىدۇ. شۇڭا قاشتېشى سودىسىدىكى ھەمراھ- شېرىكلىك ئۇزاق سىنىشىشلار داۋامىدا، نۇرغۇن سودا- سېتىقلار جەريانىدا مىجەز- خارەكتىرى، ھەۋەس- قىزىقىشلىرى، تۇتقان يول، نىيەت- ئىقباللىرى ئوخشاپ كېتىدىغان، ئەڭ مۇھىمى دىل بىرلىگى، ھەركەت بىرلىگى، نىيەت بىرلىكىگە ئىگە كىشىلەر ئارا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ گويا «پەيلىرى ئوخشاش قۇشلارنىڭ بىرگە ئۇچقىنى»غا ئوخشاپ كېتىدۇ.
    سالغان دەسمايە، سېتىۋالغان مال- مۈلۈككە، ئاچقان كاتەك- كانغا، تۈرتكەن- قازغان ۋادىغا، كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز زىيانغا تەڭ شېرىك بولۇش نىيەت- ئىرادىسى تۇلۇق شەكىللەنگەن، نەچچە ئون يىللىق تىجارەت داۋامىدا قېلىق- مىجەزلىرى ئوخشاپ كېتىدىغان ياكى بىر- بىرىنى تۇلۇقلاپ كېتىدىغان قەدىناس شېرىكلەر خۇتەندە ھەقىقەتەن كۆپ. بولۇپمۇ بۇ خىل ئېتىراپلىق شېرىكلىك بىزلىيلىقلار ئارىسىدا خېلىلا ئومۇملاشقان. بىزليلىىلاردا يەككە ھالدا، پارتىزانسىمان قاشتېشى تىجارىتى بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بىرمۇ كىشى يوق. بىزلىي بايلىرىدىن ئالىم ھاجىمنىڭ شېرىكى رۇزىمۇھەممەت ھاجىم يوق ۋاقىتتا قىلغان سودىسىدىن بىر قېتىمدىلا بىر مىليون 550مىڭ يۈەن ساپ پايدا ئېلىپ، شېرىكىگە تەڭ يېرىمىنى ساق ئايرىپ قۇيۇشى ۋە بۇ ياخشى ئىشنىڭ خېلى يىللارغىچە نەمۇنە ئۈلگە سانىلىپ يۈرۈشى بىزلىيدىكى كونىرىغان ھېكايىلەرنىڭ بىرسى.
    بىزلىي بايلىرىنىڭ بۇ خىل شېرىكلىكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ، قۇدا- باجا، كۈيوغۇل- قېينئاتا، كېلىن- قېيىنئانا بولۇشقىچە تەرەققى قىلدى. بۇ ھالنى ئۇمۇملاشتى، دەپ ئېيتقىلى بولمىسىمۇ ئالقىشلاشقا تامامەن بولىدۇ.
    س. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش
     بىزلىيلىقلارنىڭ پۇل- بىساتىنى بۇنچە تىز سۈرئەتتە كۈپەيتىشىدە يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماسلىق خارەكتىرى ئالاھىدە ئۇرۇندا تۇرىدۇ. بىرەر جايدا قاشتېشىنىڭ خەۋىرى ياكى قاشتېشى سودىسىنىڭ ئۇچۇرى ئاڭلىنىدىكەن بىزلىيلىق قاشتاشچىلار قولىدىكى ھەرقانداق ئىشىنى شۇ يىرىدە تاشلاپ قۇيۇپ، سودا ھىدى بار يەرگە ئۈنۈپ بولىدۇ. كىچىكىپ قېلىش، بارماي قۇيۇش، ئەتىگە ئۆتۈنۈش، ھۇرۇنلۇق ئۇلار ئۈچۈن يات. ھەتتا ئۆزلىرى ئىچكىرىدە بولۇپ قالغان بىرەر كۈندە خۇتەندە چوڭراق سودىنىڭ  شەپىسى بولۇپ قالغۇدەك بولسا، ئارىلىقنىڭ قانچىلىك يىراق بولۇشى، بىلەت باھاسىنىڭ قانچىلىك قىممەت بولىشىدىن قەتئىنەزەر سودا ئۈستىگە ئۈلگۈرۈپ كېلىپ بولىدۇ. ئۆزىگە شۇ سودىدىن پايدا چىقسۇن- چىقمىسۇن سودا پۈتكىنىدە ئاندىن ئەسلى ئىشىغا قايتىدۇ. چەتئەلدە بولۇپ قالغانلىرىمۇ شۇنداق بىر ئۇچۇر قۇلىقىغا يەتسىلا تىلىفۇن ياكى باشقا ۋاستىلار ئارقىلىق شۇ سودىغا قاتنىشىۋاتقان بىرەرىگە ئۆزىنى ھاۋالە قىلىدۇ. سودا- تىجارەتكە بولغان بۇ خىل ئاشىنالىق بىزلىيلىقلاردا خارەكتىر- مىجەز سۈپىتىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ خىل خارەكتىر ھازىرغا كەلگەندە باشقىلاردا «بىزليلىقلار بۇ سودىغا چۇقۇم قاتنىشىدۇ، شۇڭا شۇلار كەلگۈچە كۈتەيلى» دىگەن قاراشنى شەكىللەندۈرگەن.  شەكىللەنگەن بۇ خىل ئادەت بىزلىيلىلارغا تېخىمۇ كەڭ سودا پۇرسىتى، تېخىمۇ كۆپ بېيىش ئىمكانى ياراتقان.
    د. كۆپ خىل ئىگىلىك
     بىزليلىقلار روزىغارىنى يەنە كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن كۆپەيتىۋاتىدۇ.
    بىزلىي جۇراپىيىلىك ئورنىدىن ئالغاندىمۇ ئەسلىدىن تارتىپ تاغ ئېتىكىگە يېقىن، دىھقانچىلىق بىلەن چارچىۋىلىقنى گىرەلەشتۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرۇش پۇرسىتى بار، سۈيى ئەلۋەك، ساپ ھاۋالىق، سۇزۇنچاق بىر زىمىن. ھازىرقى دەۋىر قاشتېشىچىلىقى  مۈگدەپ قالغان ئەينى يىللاردىمۇ بىزلىيلىقلار باشقا يۇرت كىشىلىرىگە قارىغاندا مال- چارۋىنى كۆپرەك باقاتتى. بۇ خىل ئادەت ھېلىمۇ رۇشەن داۋام قىلماقتا. بىزلىيلىقلار مەيلى قانچىلىك بېيىپ كەتمىسۇن ئەجداتىدىن مىراس قالغان تېرىلغۇ ئىشلىرى بىلەن چارۋىچىلىق كەسپىنى زادىلا تاشلاپ قويمايدۇ. ئاز بولغاندىمۇ ئېغىلىدىن پىتىقلاپ سەمرىگەن 40- 50 تۇياق قوي- ئۆچكىسى، بەش- 10 تۇياق كالا- قۇتىزى، ئىككى- ئۈچ تۇياق ئات- خېچىرى بار بولىدۇ. زادىلا يوق دىيىلگىنىنىڭمۇ ئېغىلىدىن بىر- ئىككى تال كالا مېلى، 10- 20 تۇياق قويى ۋە بىر تۇياق ئېشىكى چۇقۇم تېپىلىدۇ. بېقىۋاتقان قوي-ۋارانلىرىنى تۇيۇقسىز كەلگەن مىھمانغا سۇيۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى بىزلىيلىقلار ئۆزلىرىنى تەگ- يىلتىزىدىن تارتىپ دىھقان توپىغا تەۋە قەۋىم ساناپ كەلگىنى ئۈچۈن ۋە بۇ ئەسلىنى ئەسلا ئۇنۇتماسلىق ئۈچۈن، دەپ چۈشەنسەك تېخىمۇ يېقىن چۈشەنگەن بولىمىز. ئەسلىدىلا تاغدا چارۋىچىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا تاغدىن چۈشكەن، بىزلىيدا قاشتاشچىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇپ مىليونىرلىق بۆكىنى كەيگەن رۇزىمۇھەممەت ھاجىم قاتارلىق ئايرىم پۇل ئىگىلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان چارۋىچىلىق كەسپى ۋە تىكىلىك داۋىنىدىكى ئەسلى يايلىقىدا پادا- پادا مال- ۋارانلىرى بار.
    يۇقارقىدىن باشقا بىزلىيلىيلىقلار يەنە بوز يەر ئېچىش، باغ ئەھيا قىلىش ئىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارايدۇ. پۇل تاپقان ھەر بىر بىزلىيلىقنىڭ چۇقۇمكى ئايرىم دېھقانچىلىق مەيدان شەكلىدىكى ئاچقان بوز يەرلىرى، ئاھادىلەنگەن چوڭ- كىچىك چىرايلىق باغلىرى بار. باغلىرىدا خۇتەن ئىقلىمىدا كۆكلەتكىلى بولىدىغان ھەرقانداق يەل- يىمىش ۋە گىيا- ئوتياش، گۇلى رەيھانلار كەم ئەمەس. گەرچە بۇ ئوتياش، مىۋە- چىۋىلەرنى سېتىش، بېيىش ئۈچۈن كېرەك قىلمىسىمۇ كۆپەيگەن روزىغارنىڭ مۇھىم تەركىۋى سۈپىتىدە ساناش تامامەن مۈمكىن. چۈنكى بىزلىيلىق قاشتاشچىلارنىڭ شۇ باغ، شۇ ئاھادىسىنىڭ ھەرقاندىقىغا كۆزىڭىز چۈشۈپ، سېتىۋېلىش ئىستىكىڭىز ئويغۇنۇپ مىليوندىن تۈۋەن باھادا سۇراپ قويسىڭىز باغ ئىگىسى سۆزسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ.
    بىزلىيلىقلار يەنە كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن مەشغۇل بولۇشنى ياقتۇرىدۇ. بولۇپمۇ پۇل تاپقاندىن كېيىن كۆزى ئېچىلغان بىر بۆلۈك بىزلىيلىقلار ئۆز كەنتىسىدىن چىقىپ، ئىلچى، ئۈرۈمچى، دۇبەي، مەككە- مەدىنىلەرگە يۈرۈش قىلىپ شۇ جايلاردىن  زىمىن جاي، دۇكان- ساراي سېتىۋېلىش، ئىجارىلاش يولى بىلەن ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرماقتا. خۇتەن كاتتا قاشتاشچىلىرىدىن تاھىر ھاجىم، ئېلىي ھاجىم، مەتتۇرسۇن ھاجىم، مۇھەممەت ئابدۇللا ھاجىم... قاتارلىقلار يەنە خۇتەن ۋە ئۈرۈمچىدە ئۆي- مۈلۈك كەسپى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، مىھمانساراي- قۇنالغۇلارنى ئارتقۇزۇپ، يېڭىچە كۆزقاراش، يېڭىياچە ئىدىيە، كەلگۈسىگە تۇتاشقان پىكىر يولى بىلەن ئۆزلىرىنى بارغانچە مۇكەممەللەشتۈرمەكتە. ئالىم ھاجىملار ئۆز يىرىدە «قاشتېشى شەھەرچىسى» ئېلىم- سېتىم بازىرىنى قۇرۇپ، كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن مەشغۇل بولماقتا. ئەركىن ھاجىم، ئىبراھىم ھاجىم، مەتتوختى ھاجىم قاتارىقلار يۈرۈشلەشكەن تاللا بازىرى، زەنجىرسىمان تىز تاماقخانا قاتارلىق يېڭى كەسىپ، يېڭى تىجارەت شەكىللىرىگە تۇتۇش قىلدى.
    مۇئەللىپكىلا ئەمەس، خۇتەندىكى خېلى كۆپ ئەقىلدارلارغا ئايانكى، يۇرۇڭقاشنىڭ قاشتېشى ھامان تۈگەيدۇ. چۈنكى ئۇ قايتىلىنىدىغان بايلىق ئەمەس. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئەسەبىيلىك، ھازىرقىدەك تەڭداشسىز قىزغىنلىق بىلىن كولايدىغان، قازىدىغان، ئىزدەيدىغان بولساق، بۇ دەريادا ھېلىغۇ كىيىنكىلەر ئۈچۈن ئىكەن، نەۋرە- ئۇششاقلىرىمىزغىمۇ بىرەر پارچە ئۇششاق زىرە قاشتېشىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىنمۇ گۇمان قىلىش كېرەك. بۇ ھالدا ئىگىلىك يۆنىلىشىنى باشقا نوقتىلارغا بۇراش، زامانىۋى كەسىپلەرگە يۈرۈش قىلىش، ئۇزاق مۇددەتلەك تىجارەت ۋە ئىگىلىك پىلانىغا تۇتۇش قىلىش ھازىرقى خۇتەن بايلىرىنىڭ، جۈملىدىن بىزلىيلىق مىليونىرلارنىڭ چۇقۇم ئالدىن تاللىشىغا قۇيۇلغان مۇھىم تىجارەت تىمىسىدۇر.

     

    4


    قاشتېشى بىلەن پۇل تېپىپ، قاشتېشى بىلەن قانات كېرىگەن بىزلىيلىق مىليونىرلار پۇلىنى قانداق جايلارغا ئىشلىتىدۇ؟
     ئا.   ئۇلارمۇ باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئوخشاشلا تاپقان تەرگىنىنى ئەڭ ئاۋال ئېسىل ۋە ياسىداق ئۆي سېلىشتىن باشلىدى. 
    ئۆي ئەسلىدىنلا قۇشلارنىڭ ئۇۋا- چاڭگىسىغا ئوخشاش ئىسسىق- سوغۇقتىن، بۇران- شامالدىن دالدا بولىدىغان ئىنسان ئۇۋىسى. ئىنسان ھەرۋاقىت قۇش- جانىۋارلاردىن، ھايۋاناتلاردىن پەرق قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن كۈزەتكەندە ئىنسان ئۈچۈن ئۆي- بىساتلىق بولماق، ياخشىراق جايدا يېتىپ قوپماق ياشاش ئېھتىياجلىرى ئىچىدىكى ئەقەللى تەلەپلەرنىڭ بىرسى. خېلى بىر زامان نامراتلىق، ئاچ- زېرىنلىقنىڭ دەردىنى «ۋاي داد!» دىگۈچە تېتىپ كۆرگەن، قۇتاندىن پەرقسىز- ئۆي- ئۇۋىدا يېتىپ كۆرگەن بىزلىيلىقلار ئۈچۈن پۇل تاپقاندا بىرىنچى بولۇپ ئويلىغىنىنىڭ ياخشىراق ئوي سېلىش ئىكەنلىگىنى ئەلۋەتتە ئالقىشلاشقا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلدى: پۇل تاپقانسېرى، پۇلى ئاۋۇغانسېرى يىلمۇ- يىل ئۆي سېلىپ، ئۆي بېزىدى. ئۇزاقى يىلىمۇ، ئۆتكەن يىلىمۇ، بۇ يىلمۇ شۇنداق قىلدى. بىزلىيلىقلار ئۆي سېلىپ ھارمىدى. ئۆي سېلىپ بېلى مۈكچەيمىدى. گويا ئۇلار بار پۇلنى ئۆي سېلىش ۋە ئۆي ياسىتىش ئۈچۈنلا تاپقاندەك بۇ يىل ھويلىسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە كاتتا ئۆي –ئايۋان سالغان بولسا، ياندۇرقى يىلى بۇ تەرىپىگە سالدى.  يەنە بىر يىلى ئاۋالقىسىنى چېقىۋېتىپ، زامانغا ماس، دەۋىرگە لايىق قىلىپ يەنە سالدۇردى. ئەمما، زامان دىگەننىڭ تىكىشى، دەۋىر دىگەننىڭ ھەپسلىسى تۇلا ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا بىزلىيلىقلارنىڭ ئۆي سېلىش ھالىتىدىمۇ شۇنىڭغا ياراش ئۆزگۈرۈشلەر  دائىملا يۈز بېرىپ تۇردى. ھەتتا ئۇلار بىر ھەمەللنىڭ بىرقانچە يىرىگە، بىر شەھەرنىڭ بىرقانچە جايىغا بىر- بېرىدىن ئېسىل، بىر- بېرىدىن ياسىداق ئۆي -زىمىن ئەھيا قىلدى. بىزلىيى يىرىگە ياندىشىپ سوزۇلۇپ ياتقان «سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانقى»دىن بايقالغان بەلگە- ئىزنالارغا قاراپ، بىزلىيلىقلار ئەژدادىنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا ئېسىلزادىلەر پۇشتىدىن ئىكەنلىكىگە شەك بىلەن قارىمايدىغان كەمىنە بۇلارنىڭ ئۆي- ئۇۋىغا بولغان بۇ خىل ھېرىسمەنلىكىنى يامىنىغا ئويلاپ كەتمىسىمۇ، ئەمدىگە كەلگىنىدىكى چەكتىن ئاشقان ئىسراپخورلۇق ۋە خۇدىنى بىلمەي قېلىشىغا قاراپ قۇشۇمىسىنى تۈرمەي ئامالى يوق. قۇشۇمامنىڭ تۈرۈلۈشىگە يېقىندا بىزلىي بايلىرىدىن بىرسىنىڭ ئۆيۈمگە ئاتايەن ئىزدەپ كلىپ مەندىن ئالماقچى بولغان بىر مەسلىھەتى كۈچلۈك سەۋەپ بولدى:
    ياشاش ھەلەكچىلكىدە ئۈرۈمچى بىلەن خۇتەن ئارىلىقىدىراق يۈرۈيدىغان ئىنى دىمەت ئۇ سامپۇللۇقۇمنىڭ دىيىشىچە ئۇ يېقىندا ئۈرۈمچىدىن يەنە بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋاپتۇ. ئۆينىغۇ ياخشى جايدىن، بازار باھاسى بۇيىچە سېتىۋېلىپ، رەسمىيەتلىرىنى تۇلۇق ئۆتەپ بوپتۇ. ئەمدىكى بېشى قاتقىنى 86كۇدىرات مېتىرلىق بۇ ئۆيىنى مەلۇم بىر بىزەكچىلىك شىركىتى بىلەن  3مىليونلۇق باھادا بىزىتىش توختامى تۈزگەنىكەن، بىزەكچىلىك شىركىتىنىڭ باش قاتۇرۇپ پۈتتۈرگەن ئۈچ قېتىملىق بىزەش لاھىيەسى سامپۇللۇقۇمغا يارىماي قاپتۇ. 150مىڭ يەنلىك لاھىيە ھەققى بايامقى باھانىڭ سىرتىدا ئىكەن. يۇرتلۇقۇم شۇڭا مىنى ئىزدەپ كەلگىنى ئىكەن. يا شۇ لاھىيەدىن بىرىنى تاللاپ بىرىدىكەنمەن، ياكى ياخشىراق بىزەش لاھىيەسى سىزىپ بېرىدىكەنمەن.
    قۇشۇمام شۇ ۋاقىتتىلا تۈرۈلدى. ھەرقانچە ئويلاپمۇ ھازىرقى دەۋىر بىزەك ماتىرياللىرىدىن قايسىسىنى ئىشلىتىپ ئۆي بىزىسە 3مىليون يۈەن خەلق پۇلىنى 86كۇادىرات مېتىرلىق ئۆينىڭ تام- تۇرۇسلىرىغا بىر يولىلا چاپلاپ تۈگەتكىلى بولىدىغىنىنى ئەقلىمغا سىغدۇرالمىدىم. 150مىڭ يۈئەنلىك باھادىكى سىزمىنى كۆرۈڭ تېخى! شۇڭا ئۇنىڭغا ئارتۇقچە ئىلتىپات كۆرسەتمەيلا ئۇزاتماق بولۇپ ئېيتتىم:
     _ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆيىڭىز، ھېلىھەم سامپۇلدكى شۇ مەھەللىدە ياشاۋاتقان نەۋرە تۇققانلىرىڭىز، تام قوشنىلىرىنىڭىزنىڭ ئەھۋالى ماڭا بەش قولدەك ئايان. تۆت مىليون دىگەن پۇلغا خۇتەن تەرەپتە بىر بىنانى سېتىۋالغىلى، ئۇ بىناغا ئۆي- ماكانسىز نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنى ماكانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئىسراپچىلىق قىلماڭ. ھەق تائاللاھ سىزگە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆيىڭىزنى، بالا ۋاقىتلىرىڭىزدىكى شۇ كۈنىڭىزنى قايتا كۆرسەتمىگەي!
    مېنىڭچە ھەر ئىشنىڭ مۆتىدىل بولغىنى ئەۋزەل. مەيلى قاي دەرىجىدە تىقىلىپ كەتمەيلى بىزلىيلىق ئۇ دىھقان مىليونىرلار ئۈچۈن ھويلا- ھويلىلارغا مۇزىكىلىق فونتان، ئۆي- خانىلەرگە ئالى دەرىجىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلى، كۆپ قاناللىق تىلىۋزىيە ۋە رادىئو قۇبۇللۇغۇچلۇق دۇش- ۋاننا، ئالاھىدە ئىقتىدارلىق دۈمبە ۋە يۇتا قاشلىغۇچ... قاتارلىقلار ھازىرچە بىھاجەت.
    ب.   بىزلىيلقلار خېلى كۆپ پۇلىنى ماشىنا سېتىۋېلىش ۋە ئاپتوموبىل خىراجىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.  كەمىنە 1992- يىلى بىزلىي كەنتىسىدە خىزمەت بىلەن بىر مەھەل تۇرۇپ قالغان ئىدىم. شۇ ۋاقىتتىكى خاتىرەمنى ئەمدى قايتا ۋاراقلاپ باقسام، ئەينى ۋاقىتتا بىرمۇ دىھقان ئۆيىدە ماشىنا بارلىقى مەلۇم ئەمەس ئىكەن. ئارىدىن دەل يىگىرمە يىل ئۆتكەن بۈگۈنگە قارايدىغان بولساق، يۇقارقى بۆلەكتە يېزىۋالغىنىمىزدەك بىزلىي كەنتىسىدىكى خۇسۇسى كىچىك ئاپتوموبىل 246گە يەتكەننىڭ ئۈستىگە ھەممىسى دىگۈدەك دۇنياغا داڭدار، ئالى دەرىجىلىك ئاپتوموبىللاردىن ئىدى. ھەر قېتىم قارىسام ساقال- سۇمباتلىق، كەڭ پىشەنە، قۇيۇق قاشلىق، قىڭراق قاڭشارلىق، سەدەپ چىشلىق بىزلىيلىقلارنىڭ ئۇ ئاپتوموبىللارغا تولىمۇ ياراشقانلىقىنى بايقايمەن. مەن بۇنىڭدىن چەكسىز سۈيۈنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن. چۈنكى، راھەتلىك قاتناش بىز ئۈچۈن بۇيۇن تولغاش ئۈچۈنلا يارالمىغان. راھەتتە ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭمۇ ھەققى بار. لېكىن، راھەتنىڭ ھەممىسى بەخت بولۇشى ناتايىن. بىزلىي دىھقانلىرى بۇ ماشىنىلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئاز پۇل خەژلىمىگەننىڭ ئۈستىگە توختىماي يۈز بېرىۋاتقان قاتناش ھادىسىللىرى، يوق بولۇۋاتقان جان، تۆكۈلۈۋاتقان قانلارنىڭ يىغا- دەردىنىمۇ ئاز تارتمىدى. قىززىق يىرى شۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىزلىيلىقلار ئىچىدە بىر ماشىنىنى بىر يىل تۇلۇق ھەيدەپ كېيىنكى يىلغا ئاتلىغانلىرىنى ئۇچراتماق بەك تەس بولۇپ قالدى. گويا شۇنداق بىر پەرز ياكى ۋاجىپ باردەك توختىماي ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇش، ئالماشتۇرغاندىمۇ ئاۋالقىسىدىن يېڭى، ئاۋالقىسىدىن ئېسىل، ئاۋالقىسىدىن چاپقۇر، ئاۋالقىسىدىن قىممەت باھالىقىغا ئالماشتۇرۇش بۇ يەردىكى گەۋدىلىك مودىغا ئايلاندى.
    س.بىزلىيلىقلار نامراتلارغا ياردەم قىلماق، ئاجىزلارغا باشپاناھ بولماق ئۈچۈن پۇل خەژلەيدۇ. ئايدىمۇ داغ، قاشتېشىدىمۇ دەز بولغىنىغا ئوخشاش بىزلىيدىمۇ نامرات ئاھالە بار. ھېچ بولمىغاندا ھەق تائاللاھ بىزلىي بايلىرىنى كۈنى دىگۈدەك كۈرۈپ تۇرسۇن، ئىبرەت ئېلىپ تۇرسۇن دەپ شۇ كەنتكە ئاپىردە قىلغان ئاجىز، مېيىپ، بىقۇۋۇل، مەجرۇھ كىشىلەردىن بار. بىزلىيلىق پۇل ئىگىلىرى ئۇ نامراتلارنى، ئۇ بىقۇۋۇللارنى رازىمەنلىك بىلەن پاناھىغا ئېلىپ، كۈندىلىك ئاش- ئۇزۇق، يېتىپ قوپماق، داۋالىنىپ ھاياتىنى داۋام ئەتمەك قاتارلىقلاردا كۆپ ياردەملەرنى بېرىدۇ. بىزلىيدىن ئۇچرىتالمىسا ئۇچراتقان جاي- ماكاندىكى نامرات، مەجروھلارغا، تەڭلىكتىن باش تاتىلىغان ھەر جانغا ياردەم بەرمەك بىزلىيلىقلار ئۈچۈن ئۇدۇمغا ئايلاندى. بىزلىيدىكى ئالىم ھاجىمنىڭ ئۆز مەھەللىسىدىكى مېيىپ، يىتىم، مەجرۇھ قىزنى كىچىكىدىن باشلاپلا بالىچىلاپ بېقىۋېلىپ قاتارغا قوشقىنى، شۇ مەجرۇھنىڭ ئاكا- ئىنىسىنى بىر قوللۇق تويلاپ، ئۆيلەپ، ئۆي- ماكانلىق قىلىپ قويغىنى، ئۇ بالىلارغا ھېلىھەم ئاتىلارچە ئاتىدارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقىنى بىزلىي، سامپۇلدا ھەممە بىلىدىغان رىئاللىق.
    يول- كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىش، مەسچىت- خانىقا سېلىش، نۇرغۇنلىغان نامرات ئائىلىلەرگە ئۆي سېلىپ بېرىش، قىشلىق ئىسسىنىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش قاتارلىق  ياخشىلىق، ساۋاپلىق يولىنى بويلاش بىزلىي بايلىرىنىڭ دائىملىق ئادىتى. ھېچ بولمىغىنىدا باشقىلارنىڭ نەزىرىدە شۇنداقراق بىر ئاتاققا ئىرىشىش ئۈچۈن بولسىمۇ شۇنداق. بۇ ھەقتە «خۇتەن گېزىتى»نىڭ ھەر يىللىق سانلىرىدا كۆپلىگەن ئاخبارات ئۇچۇرلىرىنى ئۇچرۇتۇش تامامەن مۈمكىن بولغاچقا بۇ يەردە ئارتۇقچە تەكراردىن ئۈزۈمنى پىنھان تۇتتۇم.
    د.ھەج- تاۋاپ قىلماق، سەيلە- ساياھەتتە بولماق بىزلىيلىقلارنىڭ ئاساسى چىقىم تۈرىنىڭ بىرسى. ھازىرقى بىزلىي قاشتاشچىلىرى ئارىسىدا ئىككى ھەرەم بەيتۇللانى تاۋاپ قىلمىغان، پەرز ۋە ئۆمرى ھەجلىرىنى ئادا قىلمىغانلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك. ئەگەر سىز بىزلىي تۇپرىقىغا تۇنجى ئاياق باسقۇچى بولۇپ،  بىرەرىدىن يول سورىماق ياكى بىرەرى بىلەن پاراڭلاشماق نىيىتىدە بولغىنىڭىزدا ئۇچرىغۇچىنى نىمە دەپ ئاتاش ھەققىدە ئويلىنىپ قالغان بولسىڭىز تەۋسىيەم شۇكى، كۆپ ئويلانمايلا «ھاجىم» ئاتالغۇسىدا چاقىرىۋېرىڭ. ئىشەنچىم كامىلكى بۇنداق چاقىرىشىڭىز كۆپ ھاللاردا شەكسىز توغرا چىقىدۇ. «ھاجىم» ئەمەس بىزلىيلىقلارمۇ نۇرغۇن دۆلەتلەردە ساياھەتتە بولۇپ كەلگەنلەردىندۇر. ھەتتا مەن بىلىدىغان بىزلىيلىقلار ئۈچۈن دوستلار ئارا بىرەر ۋاخ تاماق يەۋېتىپمۇ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر ئىستىراھەت ئورنىنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالغۇدەك بولسا شۇ ھامان سومكىسىنى قولتۇقىغا قىستۇرغىنىچە شۇ تامان يۈرۈپ كېتىدىغانلار خېلى كۆپ.
    جاھان كۆرمەك، دۇنياغا نەزەر سالماق ئەلۋەتتە ئالقىشلاشقا تىگىشلىك ياخشى ئىش. بىزدە «شەھەر كۆرگەن ئىتتىنمۇ قورققلۇق» دىگەن تەمسىل بار. دىمەك، ئەقىل ۋە ھاسىلات كۆرۈش، پىكىر يۈرگۈزۈش، سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ مەنىدىن بىزلىيلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇنيانى كۆرۈش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە، ئاپىرىنلاشقا ھەقلىقمىز. لېكىن، يامان يىرى بىزلىيلىقلار چەتئەلدىن تەكلىپ ۋىزىسى ئەكەلدۈرۈش، پاسپورت بىجىرىش يولىدا پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ ئولتۇرمايدىغان بولۇۋالدى. تۈز، توغرا، مۇئاپىق، قانۇنىي يول – پىرىنسىپلار بىلەن ھەل بولىدىغان ئىشلارنىمۇ بىزلىيلىق دىھقانلار چۇقۇمكى مۇناسىۋەت يولى، بىرى- بىرىدىن ئارتۇق پۇل خەژلەش يولى، پارا- سوۋغات سۈڭگۈتۈش يولى، يۇقۇرى سوممىلىق تاپان ھەققى بىرىش يولى بىلەن ھەل قىلىپ ئۈگۈنۈپ قالدى. ئۈگۈنۈپ قالسىغۇ مەيلى ئىدى، يامان يىرى ئىش بىجىرگۈچىلەرنى شۇندىقىغا ئۈگۈتۈپ قالدى. شۇڭىمۇ ئۇلۇق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ پاسپورت قانۇنىدىكى مۇكەممەل ماددىلار خۇتەن تەۋەسىدە تامامى ئۇنتۇلۇپ، قانۇندىكى «10 خىزمەت كۈنىدە» چىقىدىغان پاسپورت ئىش بىجىرگۈچى ئورگاننىڭ رەھمى كەلسە بىر- ئىككى يىلدا، ئىككى- ئۈچ يىلدا ئاندىن قانۇنلۇق پاسپورت ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قولغا تىگىدىغان ھال شەكىللەندى. بۇ ئارىدا ئىلتىماسچى ئاۋام نۇرغۇنلىغان بىھۇدە يوللارنى مېڭىشقا، كۈرمىڭلىغان بىھۇدە جەدىۋەللەرنى توشقۇزۇپ، سانسىزلىغان ئارتۇقچە ئىشىك- بۇسۇغۇلاردا كۈتۈشكە، بېسىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق تامغا- تۇجاڭزىلارنى باستۇرۇشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇ يوللاردا نەچچە ئاياقنىڭ چەمى ئۇپراپ ئاران دىگەندە جۇمھۇرىيەت قانۇنىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىشلىنىپ پۈتكەن پاسپورتنى ئىلتىماسچى قولىغا ئالالىسا دەڭ تېخى! يەنە قايسىبىر ئورگانغا 50مىڭ، يۈز مىڭ، ھەتتا نەچچە يۈز مىڭ رەنە پۇلى قۇيۇپ ئاندىن پاسپورتنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ھال شەكىللەندى.
    ئادالەتلىك دەۋرىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلارنىڭ بىھۇدىلىقىدىن ئىچىم ھەرە كۈنىكىدەك بولۇپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە يۇرتقا بېرىپ قالدىم. سامپۇلدىكى قەدىردانلىرىمدىن 10نەچچىسى ھال سورىماق بولۇپ ھويلامغا ئاياق بېسىشتى. كەلگۈچىلەر ئارىسىدا بىز شۇ تاپ «غەيۋىتى»نى قىلىۋاتقان بىزلىيلىق مىليونىرلاردىنمۇ بىرنەچچىسى بار ئىدى. شۇلاردىن بىرى تۇيۇقسىز سوراپ قالدى:
     _ ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقىي مۇئەللىم بىلەن ئۆزلىرى يۇرتىمىزدىن چىققان ئۇقۇمۇشلۇق ئادەملەر. سۇرايلى دىسەك بەرقى مۇئەللىم كەلمەپتۇ، بىزگە ئېيتىپ بەرسىلە قېنى، ھازىر دۆلىتىمىزدە نەچچە خىل تۈزۈم بار؟
     بىزلىيلىق بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ سۇئالدىن سەلگىنە ھەيران قالدىم. شۇنداقتىمۇ ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ باش لاھىيىلىگۈچىسى يولداش دىڭشىياۋپىڭ ئوتتۇرغا قويغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» سىياسىتىنى، يەنە بىر خىل سىياسەتنىڭ شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمىنغا قارىتىلغانلىقىنى، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلىقىغا قۇشۇلغاندىن كېيىنكى تەيۋەنگىمۇ شۇ خىل تۈزۈم بۇيىچە مۇئامىلە قىلىنسا بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلىدىم.
    سۇئالچى ئاچچىق كۈلدى. تەنىلىك ئۇزايىدىن قارىغاندا چۈشەندۈرۈشلىرىمدىن  بىر بولسا تۇلۇق خەۋەرداردەك، بىر بولسا گۇمان بىلەن قارايدىغاندەك قىلاتتى. سۆزلىشىشىمىز داۋامىدا  بىلدىمكى، يۇرتلۇقۇم ھەر ئىككىلىسى ئىكەن. دىگەنلىرىمنى ھەم بىلىدىكەن ھەم گۇمان قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ دىيىشلىرىدىن بايقىدىمكى، تۇنۇشۇم مۇشۇ ئاي- مۇشۇ كۈنلەردە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» سىياسىتىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ قېرىنداش ۋىلايەت- ئوبلاستلىرى بىلەن خۇتەن ۋىلايىتىنىڭ تاشقى ئالاقە، پاسپورت بىجىرىش ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىغان تۈزۈممىكىن، دەپ قېلىۋاتقىنىنى، قانۇن ماددىلىرىنى قانچە ئۈگۈنۈپ- ئۆزلەشتۈرۈپمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاپقا ئېرىشەلمىگىنىنى، شۇڭا ئەمدىكى نىشانىدا قايسىبىر دۆلەتتىن قىممەت باھالىق «قامەت» ئەكەلدۈرۈپ، شۇ دۆلەتتە ۋاقىتلىق نۇپۇسقا ئۆتۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا راۋان يۈرۈشۈپ تۇرۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈردى. بىلىشىمچە ئۇنداقلار بىزلىي تەۋەسىدە، جۈملىدىن خۇتەن تەۋەسىدە خېلىلا كۆپىيىپ قاپتۇ. «قامەت» دىگىنى مەلۇم بىر دۆلەتتە ئىشلەمچى بولۇش ھوقۇقۇنى سېتىۋالدىغان ئىش بولۇپ، بىزدىكى «ۋاقىتلىق تۇرۇش كېنىشكىسى»گە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. شۇ كىنىشكە ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل خەژلەيدىغان ۋە ئۇ پۇلىنى ھەر يىلى تۈلەپ تۇرىدىغان گەپ ئىكەن. شۇنداق كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە بىمالال چىقىپ- كىرىشى خۇتەندە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىكەن. «قامىتى يوق» ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ قانۇنلۇق پاسپورتى پاسپورت ئىگىسىنڭ قۇلىدا تۇرغۇزۇلمايدىكەن.
    دۆلىتىمىز ئالاقىدار قانۇن- نىزاملىرىغا تۈپتىن خىلاپ بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقى ئۈچۈن ھويلامغا جەم بولۇشقان ھەممە باش تەڭلا گىلدىڭلاشتى. كىيىنكى كۈنلەردىكى سۈرۈشتۈرۈشۈمدىن ئايان بولدىكى، بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىم ھەقىقەت بولغاننىڭ ئۈستىگە خۇتەندە ئۇمۇملىشىپ قالغان بىر قائىدە ئىكەن. بۇ ئىشلارنىڭ ۋەجىنى مەن يەنىلا بىزلىيلىق، خۇتەنلىك قاشتاشچىلارغا ئارتماي تۇرالمىدىم. دەل شۇلار شۇنداق ئۈگۈتۈپ قويمىغان، ئىش بىجىرگۈچىلەردە يامان سۈپەتلىك رېفلىكىس پەيدا قىلىپ قويمىغان بولسا، ئىشلار بۇنچىلىك بۇلۇپمۇ كەتمەسمىدىكىن؟!
    ئې.بىزلىيلىقلار ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلىش ئۈچۈن پۇل خەژلەيدۇ. كىيىم- كىچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنە، ئائىلە جابدۇقلىرى ۋە باشقا تۈرلۈك- تۈمەن سېتىۋالغۇلۇقلاردا بىزلىيلىقلار سېتىۋېلىش نىشانىدىكى شۇ بۇيۇمنىڭ ئۆزىگە خوپ كېلىدىغان- كەلمەيدىغانلىقى، يارىشىدىغان- ياراشمايدىغانلىقى، زۈرۈر كېرەك ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ئارتۇقچە ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قىممەت بولسىلا ئەڭ ياخشى، يېڭى چىققانلا بولسا شۇ ئەڭ ياخشى. كۈزۈتۈشۈمچە ئۇلارنىڭ تاۋار سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ئىككىلا شەرت باردەك قىلىدۇ: بىرى، تۇنجى سېتىۋالغۇچى بولۇش. يەنە بىرى باشقىلاردىن ئارتۇقراق تۇرىدىغىنىنى قىمەتراق باھادا سېتىۋېلىش. ماھىيەتتە بۇ ئىككى خىل «سېتىۋېلىش»نىڭ ھەر ئىككىسى نىشانىدىكى نەرسىنى تۇلۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ قارىغۇلارچە پۇل خەژلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىش پۇرسىتىنى پۇل تۈلەپ  تۇرۇپ يارىتىشنى مەخسەت قىلغاندەك تۇرىدۇ. بۇ خىل ئۆز ئىڭىكىگە ئۆزى ئۇرۇپ تۇرۇپ «مەن سېمىز» دەپ يۈرۈش تولىمۇ نادانلىق ۋە ئاددىلىقتىن باشقا مەنە بىرەلمەيدۇ.
    بىزلىيلىقلارنىڭ نەرسە سېتىۋالغاندىكى يەنە بىر ئەخمىقانە ئالاھىدىلىكى، ئۇلار مۇقۇم باھالىق ئەمەس دۇكاندارلار بىلەنمۇ زادىلا باھا تالاشمايدۇ. ئاشخانا، ماگزىنلاردا قايتۇرۇلغان ئوشۇق پۇللارنى ئېلىشنى نۇمۇس بىلىشىدۇ. بىزلىيلىقلاردىكى بۇ خىل روھى غالىبىيەتچىلىك خۇتەندە مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا خۇتەندە كۆكەمە، مۇتىھەم، قارام تىجارەتچىلەرنىڭ كۈنساناپ ئاۋۇشىنى، تىجارەتتىكى ئىنساپ ۋە ئەخلاقنىڭ بارغانچە سۇسلىشىشىنى غولداتتى. بۇ ھال قاشتېشىچىلىق قىلمايدىغان سانسىز كىشىلەرنىڭ چىشىنى ئۇپرىغۇدەك دەرىجىدە غۇچۇرلاتتى.
    بىزلىيلىقلاردىكى ئۆز- ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلىشنىڭ يەنە بىر ئالامىتى ئۇلار قەيەردە بىر چولپاننىڭ ھىد- بۇسىنى پۇرىغۇدەك بولۇپ قالسا ھەر ئاماللار بىلەن شۇ «چولپان» بىلەن ياندىشىپ يۈرۈش ئىمكانىنى يارىتىدۇ.  چولپاننىڭ ئۆزىگە قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى ئۇلار ئۈچۈن ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئۆزىنىڭ شۇ چولپان بىلەن بىرگە يۈرگىنىنى ئامال بار كۆپراق ئادەمنىڭ بىلىشى، ئاڭلىشى. بۇ يەردىكى چولپاننڭ كەسپىمۇ، مەشغۇل ئىش تۈرىمۇ ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، ئىشقىلىپ بىزلىيلىقلارنىڭ ئۆلچىمىدىكى «چولپان» نۇرمال ئادەملەردىن غەيرىراق بولسىلا بولدى!
    ف.    بىزلىيلىقلار پۇلنى تۈزۈم ۋە تۈزۈلمىلەرنى بۇزغۇنچلىققا ئۇچرۇتۇش، يەرلىك ئەمەل ساھىپلىرىمىزنى چىرىتىش ئۈچۈن خەژلەيدۇ. بىزلىيدىكى ھەر بىر قاشتاشچىنىڭ يۇقۇرى- تۈۋەندە كۈنى دىگۈدەك يوقلاپ تۇرىدىغان ئەمەل ساھىبلىرى بار. قاشتېشى تىجارىتى بىلەن مەشغۇل بولۇپ پۇل، ئىناۋەت تاپقانلارنىڭ خۇتەندىكى كالتە- كۈسەي ئەمەل ساھىپلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ھەقىقەتەن قۇيۇق. قاشتاشچىلىقنىڭ تىجارەت يولىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش، قاشتېشى قازىدىغان يەر- زىمىنغا ئىگە بولۇش ئۈچۈنلا ئەمەس ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلىش، ئۆزىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغىنىنى ئىسپات- كۆرگەزمە قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ قولىدا ئەمەل تايىقى، بېشىدا مەنسەپ كۇلاھى بار ھەرقانداق چوڭ- كىچىك ئەمەلدار بىلەن يېقىنلىشىش، مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشى مۇشۇ كەملەردە خۇتەندە مودا ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. بىزلىيلىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن پۈتتۈرىدىغان ئىش- كۈشى چىقىپلا تۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ بولمىسا تۇققىنىنىڭ، تۇققىنىنىڭ بولمىسا قوشنىسىنىڭ، ئۇنىڭمۇ بولمىسا بىرەر ھاجەتمەننىڭ ئىشى چۇقۇم بار. ئىش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن تايانچ بولمىسا بولمايدۇ. تەڭلىكتىن باش تاتىلىغان ھەر جان، ھاجىتىنى راۋا قىلىشنىڭ يولىنى تاپالمايۋاتقان ھەر ئىنسان تالاي دوقمۇشلاردا بۇرنى قاناپ، تالاي ئىشىكلەردە بويۇن قىسىپ بولغىنىدىن كېيىن بىزلىيلىق قاشتاشچىلاردىن  بىرەرىنى ئىزدىسە، بۇرنىدىكى قان شۇ ھامان توختاپ، قاراڭغۇلۇققا پاتقان مىسكىن كۈلبىسى نۇر-زىياغا تۈڭلۈك ئاچىدۇ. بۇمۇ گۈل بار جايدا ھەسەل ھەرىسى، پوق بار جايدا چىۋىن دىگەن ئۇچراپلا تۇرغاندەك بىر ئىش. يەرلىك ئەمەلدارىلىرىمىزدىن بىر بۆلىكى بۇنداق «گۈل شىرنىسى»گە تولىمۇ كۈنۈپ كەتكەن. ئۇنداقلار شۇ «شىرنە»دىن ئاز- تۇلا ئوتلىۋالسىلا ھۆكۈمەت ئىشى، دۆلەت سىياسىتى، خەلق مەنپەئەتىنىڭ قانداق بولۇشى ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس. بۇ ھاياجانلىرىمىزغا مىسال:
    دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ دۆلەت سىياسىتى بولغان «پىلانلىق تۇغۇش» تۈزۈمىگە ئېغىر خلاپلىق قىلىپ بەشىنچى پەرزەنتىنى كۆرگەن بىر بەگچەك ئايالى ئالتىنچى بالىغا قۇرساق كۆتۈرگەن ۋاقىتتا ئۇ ئىشنى بايقاپ قېلىپ ئۆيىگە كەلگەن پىلانلىق تۇغۇت مەسئۇل خادىمىنىڭ ئالدىغا 25مىڭ يۈئەن نەق پۇلنى قۇيۇپتۇ ۋە «بۇ پۇلنى ئېلىڭ، ئايالىمنىڭ قۇرسىقىدىكى بالىنى ئاۋالقىغا ئوخشاش يۇقۇرىدىكىلەردىن يۇشۇرالىسىڭىز بۇ پۇلمۇ سىزنىڭ بولسۇن، بۇ قېتىم يۇشۇرالمىسڭىز مەندىن ئالىدىغان جەرىمەنىگە ھىساپلاڭ» دەپتۇ. پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل خادىم پۇلىنى ئېلىپ قايتىپ كىتىپتۇ ۋە ئانچە ئۆتمەي بەگچەكنىڭ ئۆيىگە يەنە كېلىپ، ئۇ ئىشنى يۇقۇردىكىلەردىن يۇشۇرماقنىڭ تەس كېلىۋاتقىنىنى، شۇڭا تېزدىن ئىككى ئىش قىلماقنىڭ زۈرۈرلىگىنى ئېيتىپتۇ: بىرى، بەگچەك  پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىغا زۈرۈر بەزى ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىپ بىرىشى كېرەك ئىكەن. يەنە بىرى ئۆتكەنكى پۇلنى يەنە بىر قاتلىمىقى زۈرۈر ئىكەن. بەگچەك ئاۋال بىرىنچى شەرتنى ئادا قىپتۇ ۋە ئانچە ئۆتمەي «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نەمۇنىچى شەخس» بولۇپ كەڭ تەشۋىق قىلىنىپتۇ. «نەمۇنىچى شەخس»نىڭ سىياسەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كىم كۆرۈپتىكەن؟ شۇنداقتىمۇ كىيىنكى شەرتنىمۇ ئادا قىپتۇ. نەتىجىدە يۇقارقى ئۇسۇل- ئاماللار بىلەن ھېلىقى بەگچەك ئالدىنقى يىلى 9- پەرزەنتىنىڭ يۈزىنى كۆرۈپتۇدەك.
    بۇ ھېكايەتنى كەلتۈرۈپ بولۇپ ئۆز نۆۋىتىدە ئۈزەم ياخشى كۆرۈدىغان، خەلق ھۆرمەتلەيدىغان، ئاۋامنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ، سۈيىدە ئېقىشنى ئارزۇلايدىغان خۇتەندىكى پاك چوڭ- كىچىك ئەمەلدارلىرىمىزغا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ: يەرلىك ئەمەلدارلىرىمىز ئاگاھ ۋە دانا بولسۇنكى، بىزلىيلىق پۇل ئىگىللىرىنىڭ تولىسى ۋاپاسىز. ئۇلار سىز ئەمەل- مەنسەپ كۇرسىڭىزدىن ئايرلغان، ياكى دەم ئېلىش ، ئارامغا چىقىش كىنىشكىڭىزنى پۈتتۈرگەن كۈنىڭىزدىلا سىز بىلەن ياتلىشىپ، تاشلىشىپ ئۈلگىرىدۇ. ھەتتا سىزگە يۈزسىزلىك قىلشتىن، يالا- بۆھتانلارنى چاپلاشتىن، يېڭى باشلىققا سىزنىڭ «قارا ماتىريالىڭىز»نى توملاپ يەتكۈزۈشتىن يانمايدۇ!
    گ.كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ۋە ئاشنا ئۈچۈن ئايىماي پۇل خەژلەش بىزلىيدىكى بىر يامان ئۆسمە.
    ئەسلىدە «كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش» ۋە ئاشنا- تۇقال تۇتۇشتەك خۇتەن قاشتاشچىلىقى، جۈملىدىن بىزلىي بايلىرى ئۈچۈن كونىرىغان بۇ تېتىقسىز مەزمۇننى مەكۇر يازمىدا تەكرالىمىساقمۇ تامامەن بۇلاتتى. ئەمما، خۇتەندە كۈنسېرى غولداۋاتقان گەپ- سۆزلەر ۋە رىئال كۈرۈنمىلەرگە قارىغاندا قوش ۋە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش، ئاشنا –تۇقال تۇتۇش ، پىشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار توپىدىن ياشلار ئارىسىغا يۇقۇملۇق كىسەلدەك يامراپ، شۇ تۈپەيلى ۋەيران بولغان ئائىلە، تۇل بولغان خوتۇن، يىتىم بولغان نارىسىدىلەرنىڭ بارغانچە ئاۋۇپ قېلىۋاتقانلىقى بىزنىڭ بۇ تېتىقسىزلىق ھەققىدە قەلەم ئۇپرىتىشمىزغا سەۋەپ بولدى. تەكرارلىشىمىزنىڭ سەۋەبى: مەتبۇئاتنىڭ ھېيىقتۇرۇش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، شۇ خىلدىكى ئۆزىنى تۇيمايۋاتقان ياشلىرىمىزنى سىلكىشلەپ قۇيۇشتىن باشقا مۇددىئادا ئەمەسمىز.
    خۇتەندە كۆپ خوتۇن ئالغۇچىلار ھەققىدىكى يېرىم يۇمۇرغا ئوخشاپ كېتىدىغان « بىزلىيلىق بىر قانچە ئاغىنە ئۆزلىرىنىڭ تۇقاللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلماق بولۇشۇپ، شاھەنە سورۇن راسلاپتۇ. ئاخىرىدا ھەممىسىنىڭ چىللاپ كەلگىنى بىر خوتۇن بولۇپ چىقىپتۇ» دىگەن بىر مەزىسىز ۋە لوگىكىسىز لەتىپىنىڭ ئېقىپ يۈرگىنىگە خېلى يىللار بولۇپ قالدى. بۇ لەتىپە گەرچە خۇتەن ئۈچۈن ياخشى نام تارقاتمايدىغان، يۇرت- يۇرتلارنى كېزىپ يۈرگەن يېرىم يۇمۇر بولسىمۇ، نىمىلا دىگەن بىلەن خۇتەن، جۈملىدىن بىزلىي رىئاللىقىنى قىسمەن بولسىمۇ ئېچىپ بىرەلىگەنلىكى ئۈچۈن قىممەتلىك.
    مەن بۇ يىل 2- يانۋار كۈنى تاسددىپىي پۇرسەتتە بۇنىڭدىنمۇ قىممەتلىكراق بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ قالدىم. شۇ كۈنى خۇتەن شەھرىنىڭ ئىتتىپاق مەيدانىغا يانداش سېلىنغان چىرايلىق قورونىڭ 3- قەۋىتىدە ئولتۇراۇشلۇق بىر دىلكىشىمنىڭ خانىسىدە مىھماندارچىلىقتا بولغان ئىدىم. بىركەملەردە ئىختىيارسىلا درىزە يېنىغا كىلىپ تەكچىگە جەينەك تىرەپ، پەردىنى قايرىشلاپ سىرتنىڭ مەنزىرىسىگە زەڭ قۇيۇپ قاپتىمەن. بۇ ھالىتىم نىمىشقىدۇر كۆڭلى يۇمشاق ئۆي ئىگىسى خانىمغا ياقماي قاپتۇ. ئۇ مىنىڭ يېنىمغا ئالدىراپ كەلگىنىچە قۇلۇمدىن تارتىپ كەينىمگە قايتۇردى ۋە دەرىزىنىڭ قېلىن پەردىسىنى شۇ ھامان يېپىۋەتتى.
     _ خاپا بولماڭ،- دىدى، ئۇ ئۆزرە ئورنىدا،- نەچچە كۈندىن بېرى مۇشۇ دەرىزىگە قارىساملا قورققىنىمدىن تىنىم جۇغۇلداپ، يۈرۈگۈم گېلىمغا كەپلىشىپ قالىدۇ.
    يېزىش قىممىتى نوقتىدىدىن دىتلاپ مۇشۇنداق گەپ- سۆزلەرنى تەگلەيدىغان ئادىتىم يەنە قىمىرلىدى.  خېلى سۈيلەش، ئۈتۈنۈشلىرىمدىن، خانىمىغا مەدەت بېرىشىمدىن كېيىن ئاق كۆڭۈل ئۆي ئىگىسى ئۆتكەن ھەپتە مۇشۇ دەرىزە تۈۋىدە  ئۆز كۈزى بىلەن كۆرگەن بىر قاباھەتنى خىتىلداپ تۇرۇپ تەسلىكتە بايان قىلىپ بەردى:
    شۇ كۈنى خانىم ئۆي تازىلىماق بولۇپ سىرتقا چىقمىغان ئىكەن. كۈن چۈشتىن كېيىنگە قايرىلغاندا تازىلاش نۆۋىتى دەل مۇشۇ دەرىزىگە كەپتۇ. خانىم پەردىلەرنى تۇلۇق قايرىۋېتىپ، دەرىزە ئەينەكلىرىنى ئىخلاس بىلەن سۈرتىۋاتسا دەھشەتلىك بىر چىشى چىقىراقنىڭ ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ  خانىم سۈرتىۋاتقان ئەينەك ئالدىدىن قىپ يالىڭاچ بىر قىز پەس تامان شىددەت بىلەن ئۇچۈپ چۈشۈپتۇ ۋە بىرىنچى قەۋەتتىكى سىمۇنۇت پولغا يەتكىنىدىن كېيىن ئوبدانلا بىر قېتىم قاڭقىۋېتىپ، سۇنايلىنىپ يېتىپتۇ. شۇ قاڭقىش بىلەن تەڭ قىپ- قىزىل قان بىچارىنىڭ بۇرۇن- قۇلاقلىرىدىن، قۇرسىقىدىن، چاترىقىدىن بۇلدۇقلاپ ئېقىپتۇ.
    كۆز ئالدىدىلا روي بەرگەن بۇ كۈرۈنمىنى كۆرۈپ ئەقلى- ھۇشىدىن بىگانە بولغان خانىم بىرپەسكىنە نىمە قىلارىنى بىلمەپتۇ. قويغان تۇتقىنى يەرۇ- ئاسمان بىلەن تەڭلا تۇرمۇزلۇنۇپ قالغاندەك خېلىغىچە تۇرۇپ قاپتۇ. ئانچە ئۆتمەيلا قورونى لەرزىگە كەلتۈرگەن قىيا- چىيادىن ھۇشىغا كېلىپ بارماق چىشلىگىنىچە پەسكە چۈشۈپ قارىغۇدەك بولسا سۈترەڭ بىر قىزنىڭ سىلكىنىشتىن قۇرسىقى يېرىلغان، بېشى مىجىلغان، ئانىدىن تۇغما ھالەتتىكى جەسىدىنى كۆرۈپتۇ. خانىم قىزنى تۇنۇمايدىكەن. لېكىن ئۆزىگە ئوخشاش يىغىلغان قوشنىلارنىڭ شۇ چاغدىكى پەرىزىچە مەرھۇمە 8- قەۋەتتىكى ئاۋۇ ئۇچۇق تۇرغان دەرىزىدىن سەكرىۋالغانمىش.
    خانىم شۇ ھامان 8- قەۋەتكە قاراپتۇ. دەرىزە تۈۋىدە بىرنەچچەيلەن بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ھۇدۇققىنىدىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىشقان ئىكەن.
    ئاق كۆڭۈل خانىم ياش تۆككىنىچە ئۈيىدىن ئەدىيال ئېلىپ چۈشۈپ، مەرھۇمەنى ئەل كۈزىدىن پىنھانغا ئاپتۇ. ئانچە ئۆتمەي كىشىلەر يىغىلىپتۇ. ساقچىلارمۇ كەپتۇ. جەسەت يىغىشتۇرۇلۇپ، نەق مەيدان تازىلىنىپتۇ. لېكىن ماڭا بۇ ھىكايەتنى سۆزلەپ بەرگۈچى خانىمنىڭ دىيىشىچە تا شۇ ۋاقىتقىچە 8- قەۋەتنىڭ دەرىزىسىدىن كۆرۈنگەن باشلاردىن بىرەرىمۇ جەسەت يېنىدا پەيدا بولماپتۇ.
    «بىر قىز 8- قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ» دىگەن خەۋەر ھەممە يەرگە پۇر بولۇپ 3- كۈنى ساقچىلار بۇ قوروغا قايتا كەپتۇ. كەلگۈچىلەر، تەكشۈرگىچىلەر ئاۋۇپتۇ. شۇندىلا ھەممە ئىش ئايان بوپتۇكى، رەھمەتلىككە ئايلانغان ئۇ قىز ھېچقاچان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ئەمەس ئىكەن.
    ئەسلىدە يۇقۇرى قەۋەتتىكى ئۇ ئۆي قاشتېشىچىلىق بىلەن بېيىغان ياشقىنە بىر يىگىتنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، شۇ كۈنلەردە ئايالىنىڭ كۆزى يۇرۇپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئىكەن. ئازادە قالغان يىگىت يېڭىدىن ئېلىۋالغان ياش توقىلىنى مۇشۇ ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ بىرگە تۇرۇۇپتۇ. بۇ ئىش ئانچە ئۆتمەي بىرىنچى خانىم ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇققانلىرىنىڭ قۇلىقىغا يىتىپتۇ. نەتىجىدە ئۇ ۋاپاسىز كۈيوغۇلغا ئوغىسى قايناپ تاشقان ئاتا- ئانا- ئۇرۇق- تۇققانلار نۇمۇسسىزلارنىڭ نەق ئۈستىدىن چۈشمەك بولۇپ، شۇ كۈنى تۇيۇقسىزلا 8- قەۋەتتىكى شۇ ئىشىك تۈۋىدە ئۈنۈپتۇ. ئىشىكنىڭ تۇيۇقسىز گۈمبۈرلىشىدىن چۆچۈگەن ياش بىر جۈپلەر ئىشىكنىڭ ئوغرى كۆزىدىن مارىلاپتۇ. ئۆز قېينىئاتا- قېينى ئانىسىنى، ئايالىنىڭ ئاكا- ئىنىلىرىنى كۆرگەن يىگىتنىڭ ھۇدۇقۇشتىن ئېغى نەمدىلىپتۇ. بۇ ئۆيدە بىرەرىنى يۇشۇرۇپ قويغىدەك ئاۋۇلاردىن پىنھان جاي بولمىغاچقا «ئەقىللىق يىگىت» قىزنى كارۋات كىرلىكىگە ئوراپ دەرىزە سىرتىغا ساڭگىلىپتىپ، پەردىنى چۈشۈرۈۋېتىپ قىزنىمۇ، ئۆز ناشايانلىقىنىمۇ يۇشۇرماقچى، كەلگەنلەر ھېچنىمىنى كۆرەلمەي قايتقان ھامانلا قىزنى تارتىپ چىقىرىۋالماقچى بوپتۇ. تەمتىرىگەن قىز ماقۇل كەپتۇ.
    قاباھەتنىڭ ئاخىرىنى ئەقىللىق ئۇقۇرمەنلەر پەرەزلەپ بولدىغۇ دەيمەن؟ توغرا، ئىش شۇنداق بوپتۇ: «تەكشۈرگۈچى»لەر ئۆي ئىچىدىن ھېچنىمىنى تاپالماي قايتماققا تۇتۇنغان دەل شۇ پەييتە قورققان، توڭلاپ كەتكەن بىچارە قىزنىڭ تىترىكىدىن دەرىزە چىگىشى ئاجراپ، يالىڭاچ قىز پەس تامان چۈشۈپ كىتىپتۇ...
    خۇتەندە بولۇنغان كىيىنكى گەپلەردىن كۆرە مەرھۇمە تېخى 2011- يىلى يازدا قايسىبىر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن تولىمۇ خۇشپىچىم، لىۋەن بىر قىز ئىكەنمىش. ئۇ لىۋەننىڭ تاشچى بەگچەككە تۇقال بولىدىغان ئىشىدىن قىز ئانىسىنىڭ تۇلۇق خەۋرى بار ئىكەنمىش. شۇڭا كىيىنكى دەۋا- دەستۇردىمۇ قىز ئانىسى ھەق- تەلەپ تەلىۋىدىن ۋاز كىچىپ، يەڭ ئىچىدە بىر مۇرەسسەگە كەلمەك بوپتۇدەك. بۇ ئىشلارنىڭ قايسىسى راس، قايسىسى كۆپتۈرمە- قۇشۇلما كەمىنە ئۈچۈن تازا ئېنىق بولمىسىمۇ، 10 گۈلىنىڭ بىر تال غۇنچىسىمۇ ئېچىلمىغان شۇنداق بىر نازىنىننىڭ خۇتەندىكى «قوش خوتۇنلۇق بولۇش»نىڭ قارا قۇربانىغا ئايلىنىپ، لەھەتكە ئەبەدى يول ئالغىنى راست.

     

    5


    ئەھلى  يۇرت  «مىليونىرلار كەنتى» ۋە شۇ  كەنتتىكىلەردىن نىمىلەرنى كۈتىدۇ؟
     باشقىلارغا نەسىھەت قىلماق ئاسان، نەسىھەتنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمەك مۈشكۈل.
    بۇ مەنىدىن ئالغاندا مىنىڭ يۇرتقا ۋەكىل سىياق ھالدا بىزلىي كەنتىسى ۋە ئۇ كەنتنىڭ ھەقدار ئىگىللىرىگە «ئۇنى قىلىش كېرەكتىيەي»، «بۇنى قىلىش لازىم ئىدىيەي» دەپ يۈرۈشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. لېكىن، تىلىم ئاجىزلىق قىلسىمۇ دىلىم ئاجىزلىق قىلمايدۇ. چۈنكى، بىزلىيلىقلار ئەڭ ئاۋال خۇتەندىكى ھەممە جاننىڭ  ئورتاق مۈلكى ھىساپلىنىدىغان ھاتەمدەك سېخى، ئانىدەك مىھرىبان، چەكسىز مېھىر- شەپقەتلىك ۋە تارتىنچاق دەريا- يۇرۇڭقاشتا تەۋەللۇت قىلىنغان بىر مۆجىزىۋى نىئمەت -خۇتەن قاشتېشىدىن قۇۋەت تېپىپ بېيىدى. قاشتېشى سۈزۈلگەن، ئۇچرىتىلغان، قېزىۋېلىنغان، سېتىۋېلىنغاندىن كىيىنلا ئاندىن خۇسۇسقا تەئەللۇق بولالايدۇ. ئۇنىڭدىن ئاۋال ئۇ بىر غايىۋى خەزىنە. غايىۋى خەزىنە بولغان ئىكەن ئۇنىڭدا ھەممە جاننىڭ ھەقدارلىقى بار. شۇڭا ئۆز – ئۆزۈمگە ئىشەنچ بىلەن ئېيتىمەنكى، بىزلىيلىق مىيونىرلارنىڭ بېيىش مەنبىيى بولغان قاشتېشىدا ئەسلىدىنلا مىنىڭمۇ بىر ئۆلۈش كۆرۈنمەس مەنىۋى ھەققىم بار بولغىنى ۋە ئۇلار مىنىڭ شۇ مەنىۋىي ھەققىمنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ يىلسېرى ئاۋۇپ بارغان روزىغارىغا تۇلۇقى بىلەن قۇشۇۋىتەلىگىنى ئۈچۈن بىزلىيلىق پۇل ئىگىلىرىگە مۇنداق بىرقانچە نوقتىنى دىيىشكە ئاۋازىم يىتىدۇ دەپ قارايمەن:
    ئا.بىزلىيلىقلار ئەڭ ئاۋال ئۆزلىرىنى ۋە بالا- ئۇششاقلىرىنى مەنىۋىي تەرەپتىن تەربىيەلىشى كېرەك. بۇ تولىمۇ مۇھىم بىر نوقتا.
    مەن بىلىدىغان بىزلىي كەنتىسىدە باشلانغۇچ مائارىپ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاساسى جەھەتتىن ئۇمۇملاشقان بولۇپ، تۇلۇقسىز سىنىپ ئۇقۇتۇش نوقتىسى 1997- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى بىزلىي بۇيىچە ئەڭ سېمىز ئىنسان ئايپۇلات باراتنىڭ ئايۋىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاددى مۇراسمدىن كېيىن ئاندىن «بىزلىي ئوتتۇرا مەكتەپ « بولۇپ قۇرۇلغانىدى. مەكتەپ قۇرۇلغان بىلەن ھېلىھەم بىزلىي يۇرتىدا «تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئاساسەن ئومۇملاشتى» دىيەلمەيمىز. چۈنكى بىزلىي ئوتتۇرا مەكتىپىگە 200 مىتىرلا كېلىدىغان دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئاۋات، ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى قاشتېشى بازىرى ۋە بۇ بازارنى تەمىن ئېتىدىغان تۈرلۈك زۈرۈرىيەتلەر بالىلارنى كەلگۈسىنىڭ نىسىي ھەقلىرىدىن كۆرە بۈگۈننىڭ نەق ماددىۋىيىتىگە قىزىقتۇرۇپ، مەكتەپكە بىر كۈن بارسا ئىككى كۈن بارمايدىغان، بىر يىل ئۇقۇسا ياندۇرقى يىلى مەكتەپتىن قالىدىغان ھالنى شەكىللەندۈرگەن. مەكتەپنىڭ ياش مۇدىرى مۇھەممەتجاننىڭ كەمىنەگە دىيىشىچە نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئىسمى بولغىنى بىلەن ئۆزى يوق ئىكەن. خېلى كۆپ ساندىكى ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلەلىگەن ۋاقىتلىرىدا  كاتتا كىچىك ماشىنىلارنى ھەيدەپ كېلىشىدىكەن. كانسىپىك يازغۇدەك، تاپشۇرۇق ئىشلىگۈدەك ۋاقىتقا ئاساسەن «ئېشىنالمايدىكەن». دەرس ۋاقىتلىرىدىمۇ قولفۇنلىرى توختىماي سايرىشىپ تۇرىدىكەن. بۇ خىل ھالەتتىكى بىزلىي پەننى مائارىپىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئالىي مائارىپ بۆلىكىدىن چىش يىرىش تېخىمي قىيىن. شۇنداق ئەھۋالدا بىزلي بايلىرىغا ئەڭ ئاۋال دەۋەت قىلىدىغىنىمىز دەل پەننىي مائارىپ بىلەن ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ يىلتىزلىرىنى ئۇزۇقلاندۇرۇشقا دەۋەت قىلىش.
       بىزلىي پۇل ئىگىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- 60- يىللىرىدا تۇغۇلغان، ئۆز ئىسمىدىن باشقا خەتنى، ئۆز تىلىدىن ئۆزگە زۇۋاننى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيدىغان ئاق كۆڭۈل بايلاردىن. گەرچە سودا ۋە بازار ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ئالىم ھاجىم، رۇزىمۇھەممەت ھاجىم جاپپار ، ئابدۇرىشىت ئاخۇن ھاجىم، ئۆمەر قارىھاجىم قاتارلىق تەرەققىپەرۋەر بىر تۈركۈم مىليونىرلار مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدىلا بىزلىيغا خەنزۇ تىلى مۇئەللىمەلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، مۇئەللىمەلەرنىڭ  ئىش ھەققىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ نەق بېرىپ، ئۆزى، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئەتراپتىكىلەرنى تىل ئۈگۈنۈش كۇرۇسلىرىغا تەشكىللەپ، خېلى زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئۆزىدىن باشقا يەنە بىرنى تۇغمايدىغان ۋاقىتنىڭ ئالدىراشلىقىدا ئۇ خەيرىلىك ئەمگەكلەرمۇ يېرىم يولدا تاشلىنىپ قالدى. شۇندىن كېيىن بىز ئالىم ھاجىمنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئابدۇلئەھەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى « <ئاتلان> تىل تەربىيەلەش مەكتىپى»دە بىر مەۋسۇمدەك ئۇقۇغىنىدىن باشقا بىزلىي بايلىرىنىڭ بىرەرىنىڭ بىرەر مەكتەپكە كىرىپ تۆت سائەت دەرس ئاڭلاپ باققىنىنى، بىزلىيدىكى بىرەرمۇ مىليونىر بالىسىنىڭ بىرەر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغۇنىنى ئاڭلاپ باقمىدۇق. بۇ تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر تىراگىدىيە!
    ب.بىزلىيلىقلار تىجارەت شەكلى ۋە  تىجارەت تەپەككۈرىدە ئومۇمىيۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك.
    كۆرۈنۈپ تۇتۇپتۇكى، يۇرۇڭقاش ۋە يۇرۇڭقاشنىڭ كونا ئېقىن ئىزىدىكى قاشتېشى ھامان تۈگەيدۇ. بىزلىيلىق قاشتاشچىلىرىمىزغا ھەم ئايانكى، شۇنداق بىر كۈن ئاللىقاچان پۇت- قولىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بولدى. بۇنداق ھالدا «ئەرزان ئېلىپ، قىممەت ساتارلىق»تىن ئىبارەت بۇ ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ قالاق، ئەڭ جەۋرىلىك، ئەڭ روناقسىز تىجارەت ئۇسۇلىنى ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات مىراس قالدۇرغىلى بولىدىغان، كارخانا تىپىدىكى، زاۋۇت خارەكتىرىدىكى تىجارەت شەكلىگە ئۆزگەرتىش  ۋە ئۇ كارخانا ئۇ زاۋۇتنى زامانىۋىي ئىدىيە، كەلگۈسىگە ئۇلاشقان پىكىر ئەندىزىسى بويىچە باشقۇرۇش ئىزىغا  سېلىشنىڭ پەيت- پۇرسىتى بۈگۈنكىدىن ئەۋزەل بولماس!
    س.بىزلىيلىق پۇل- مال ئىگىلىرى ئۆملۈك، بىرلىك ھاسىل قىلىشى كېرەك. بىز يۇقۇرقى بىر بۆلەكتە «شېرىكلىشىپ پۇل تېپىش» بىزلىيلىقلارنىڭ بېيىپ تىقىلىپ كېتىشىدىكى نەمۇنە ئۇسۇل دەپ سۆزلەپ ئېغىزىمىزدىن كۆپۈك قايناتقان ئىدۇق. ئۇ گېپىمىزنىڭ راستلىقىغا قىل سىغمىسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى «شېرىكچىلىك « تار دائىردىكى بىردەملىك مەنپەئەت ھەمكارلىقى بولۇپ، بىر پۈتۈن يۇرت، بىر پۈتۈن قەۋىم- توپ، بىر پۈتۈن رايۇن، بىر پۈتۈن مىللەت، بىر پۈتۈن دۆلەت نوقتىدسىدىن، ھەتتا شۇ شەخسنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتى نوقتىسىدىن كۈزەتكەندە بايامقى شېرىكلىكنىڭ زىيىنى بولسا باركى، تەرەققىيات ئۈچۈن پايدىسى يوق دىيەرلىك. شۇڭا بىزلىي بايلىرى كۆزىنى تېخىمۇ كېرىپ ئېچىشى، كەڭ كېرىلگەن شۇ قوي كۆزلىرى ۋە ئەقىل كۆزلىرى بىلەن دۇنياغا، دەۋىرگە، ئېقىمغا،  كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىمىقى زۈرۈر.  سىنچىلاپ قارىسىلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرگىلى، بايقىغىلى، ھېس قىلغىلى، ئۆزلەشتۈرگىلى، ئۈگەنگىلى، ئىجات قىلغىلى، رىۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ.
    د.بىزلىيلىقلار ئۆزلىرىدە ئەڭ كەم بولغان «سەمىمىيەت»نى تىز پۇرسەت ئىچىدە يىتىلدۈرمىكى كېرەك.
    سەمىمىيەت ۋە راستچىللىق ئىنسان پەزىلەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئادەتتىكى تەركىپلەرنىڭ بىرسى. ئەپسۇسكى، بىزلىيلىقلاردا دەل مۇشۇ ئادەتتىكى تەركىپ ئىنتايىن كەمچىل. گەرچە بىزلىيلىقلار چوڭ ھەق- چوڭ ھوقۇق مەسىلىلىرىدە پىرىنسىپال مەيدانى ئېنىق، كۆزقارىشى مۇكەممەل، بايرىقى رۇشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، ئوغۇلبالىچىلىقى جايىدا گەۋدىلىنىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ ئېسىل سۈپەتلىرى ۋۇجۇدىدىن تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان سۈيۈملۈك خەلق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەشغۇل بولۇۋاتقان ئالاھىدە كەسپى شۇنداق بىردەملىك يالغان سۆزلەشنى، بىر- بىرىنى كىچىك ئىشلاردا باپلاشنىڭ، كوملاشنىڭ، يىقىتىشنىڭ، زىيىنىغا دەسسىتىشنىڭ كويىدا بولۇشنى تەقەززا قىلسىمۇ، ئەسلىدىكى بۇ كىچىك مىجەزلەر ھازىرغا كەلگەندە بىزلىيلىقلار مىجەزىدە خارەكتىر سۈپىتىدە كۆرۈلۈشكە، ئومۇملۇشۇشقا باشلىدى. ھەتتا يۈزلىرىنى پولودەك پارقىرىتىپ تۇرۇپ «خۇدايىم بۇيرىسا....» دىگىنىچە ئاللاھنى شىپى كەلتۈرۈپ يالغان سۆلەيدىغان بۇ چۈپەي خارەكتىر بىزلىي ياشلىرىدىن بىزلىي بالىلىرىغا كۆچۈۋاتىدۇ. بۇ نوقتىنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى پەرەزلەپ يەتكەن بىزلىي بايلىرىنىڭ بىرقانچە قېتىم «ئەگەر بىر جايغا جىددى رەۋىشتە مۇناپىق كېرەك بولۇپ سان -ئېدىتىنى شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا توشقۇزۇش زۈرۈر بولۇپ قالسا، نېرى- بېرى ئىزدەپ يۈرمەيلا بىزلىيلىق تاشچىلاردىن ئۇچرىغىنىنى شۇ سان ھېساۋىدا ئۆتكۈزسە سورتقا تامامەن توشىدۇ» دىيىشكىنىنى ئاڭلىغانمەن. گەرچە بۇ گەپ خېلىلا ئېغىر ئېيتىلغان بولسىمۇ ھەرھالدا بىزلىيلىق مىليونىرلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە شۇنچىلىك ئويلۇنۇشلاردا بولۇشى، ئۆز خارەكتىرىدىكى ئۇ ناباپلىقلاردىن يىرگىنىچ تۇيغۇسىدا ئازاپلىنىشى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتمەك ئۈچۈن قىمىلدىشىنىڭ ئۆزىگىلا قول سىقىپ تۇرۇپ ھەشقاللا ئېيتىشقا ئەرزىيدۇ.
       
      
         مەنبە:  «تەڭرىتاغ» ژورنىلى 2012- يىللىق 2- سان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.