ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 10:40:29

ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئەدەبىيات دەرسلىكىدە "نەسردىن ئەپەندىم" ھەققىدىكى لەتىپىلەرنى ئوقۇيتتۇق. ئۇ لەتىپىلەردە ئە...

    ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم

     

    ئامېرىكا ئۆسمۈرلىرى نەزىرىدىكى ئەپەندىم كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئەدەبىيات دەرسلىكىدە "نەسردىن ئەپەندىم" ھەققىدىكى لەتىپىلەرنى ئوقۇيتتۇق.
    ئۇ لەتىپىلەردە ئەپەندىمنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، ئاجىزلارغا يۆلەك بولۇپ ، كۈچلۈكلەرگە دادىل قارشى تۇرۇشتەك قەيسەرانە روھى سۆزلىنەتتى. ئەپەندىم ئىجابىي ئوبراز ، باي بولسا ئۇچىغا چىققان ئاچكۆز، بېخىل سۈپىتىدىكى سەلبىي ئوبراز ئىدى.

     ئامېرىكىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە «ئەپەندىمنىڭ قازان ئۆتنە ئېلىشى» دېگەن دەرس ئۆتۈلۈش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكىدەك دىئالوگ بولۇپ ئۆتكەن.
       بۇ ئوقۇشلۇقتا ئەپەندىم ھەققىدە مۇنداق ھېكايە بايان قىلىنغان: ئەپەندىم بىر كۈنى بىر بايدىن قازان ئۆتنە ئالغان ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن ئۇ قازاننىڭ ئىچىگە يەنە بىر كىچىك قازاننى سېلىپ بايغا قايتۇرۇپ بەرگەن، باي بۇ ئىشقا ھەيران بولۇپ كىچىك قازاننىڭ قانداق قوشۇلۇپ قالغانلىقىنى سورىغان :
        -سىز پەقەت بىر قازان ئۆتنە ئالغان ئىدىڭىز، ئەمدى قازان ئىككى بولۇپ قاپتىغۇ ؟
    ئەپەندىم باينىڭ سوئالىغا ،- ‹‹ سىلى بەرگەن قازان بىزنىڭ ئۆيدە تۇرغان مەزگىلىدە ماۋۇ كىچىك قازاننى تۇغقان ئىدى. شۇڭا، ئىككىسىنى قوشۇپلا قايتۇرۇپ بېرەي دېدىم ››، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باي ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بۇ ئىككى قازاننى ئېلىپ قاپتۇ.
        بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئەپەندىم بايدىن يەنە چوڭراق قازان بېرىپ تۇرۇشنى سوراپتۇ. بايمۇ ئىككىلەنمەي ئۆيىدىكى ئەڭ چوڭ قازاننى ئاچىقىپ بېرىپتۇ.
    ئەمما، بۇ قېتىم ئەپەندىم خېلى ئۇزۇنغىچە قازاننى قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن باي تۇرالماي، ئەپەندىمدىن سوراپتۇ :
    - قازاننى ئېلىپ چىقىپ كەتكىلى خېلى بولدى، ھېلىغىچە قايتۇرۇپ بەرمىدىڭىز ؟
    - سىلىنىڭ قازانلىرى بۇرناكۈن ئۆلۈپ قالدى.
    - نېمە ؟! قازانمۇ ئۆلۈپ قالامدۇ ؟
    - قازان تۇغسا بولىدىكەنۇ ، ئۆلۈپ قالسا بولمامدۇ ؟!
      بۇ گەپنى ئاڭلىغان باينىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ، جىلە بولغانچە كېتىپ قاپتۇ.

       ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر تېكىستنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ھېكايە ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېقىشقا دەۋەت قىلىپتۇ. ئوقۇغۇچى : قازان دېگەن نېمە؟
     ئوقۇتقۇچى: قازان ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال.
    ئوقۇغۇچى : ئاش – تائام ئېتىدىغان قورال دېگەن ئائىلىلەرگە خاس بولغان بۇيۇم ، بۇنى خالىغانچە باشقىلار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. شۇنداقكەن ئەپەندىم نېمە ئۈچۈن باشقىلاردىن يەنە قازان ئۆتنە ئالىدۇ؟
    ئوقۇتقۇچى: چۈنكى ئۇ نامرات بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆيىدە مېھمانلارغا يەتكۈدەك ئاش – تاماق تەييار قىلغۇدەك قازىنى يوق. شۇڭا، باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.
    ئوقۇغۇچى: ئۇنداقتا باي دېگەن نېمە؟
    ئوقۇتقۇچى: باي دېگىنىمىز يېزىلاردىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى ، يېرى كۆپ ئادەم بولۇپ، كۆپىنچە باشقىلارنى ياللاپ يېرىگە ئىشلەتكۈزىدۇ.
    ئوقۇغۇچى: بىز بۇ ھېكايىنى ياقتۇرمىدۇق ۋە بۇ ھېكايىدىكى بۇ ئىككى ئادەمنىمۇ ياقتۇرمىدۇق. ھەر ئىككىلىسى ئالدامچى، ئاچكۆز ئادەملەركەن. بۇنداق تېكىستلەر ئوقۇتۇش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك. بولمىسا بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام تەربىيىلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    ئوقۇغۇچى: مېنىڭچە بۇ ئەپەندىم دېگىنى قارىماققا ئەقىللىقتەك قىلغىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە بىر ئەخمەق ئىكەن. شۇنىچە ئويلاپ قۇرغان قىلتىقى شۇ بىر كىچىك قازان بەدىلىگە بىر چوڭ قازانغا ئېرىشىش ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا قازان دەڭلار …
    ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭ باشقىلاردىن قازان ئۆتنە ئېلىپ ئىشلەتكۈدەك نامرات ئەھۋالغا قېلىشى بەرھەق ئىكەن. چۈنكى ئۇ ئەجىر قىلماي ئېرىشىشنى خىيال قىلىدىغان، باشقىلارنى ئالداپ كۈن ئېلىشنى بىلىدىغان يارىماس ئىكەن…
    ئوقۇغۇچى: ئەگەر ئۇ ئۆزىدىكى كىچىك قازاننى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، يەنە ئازراق ئەمگەك قىلىپ پۇل تاپقان بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ قازاننى ئالالايتتى. باشقىلارنى ئالداشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ …
    ئوقۇتقۇچى : ئېيتقانلىرىڭىلار توغرا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ، ئەمگەكنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك يولى.
    ئوقۇغۇچى: يەنە بار، ئۇ ئەمدى باشقىلاردىن بىرنەرسە سورىسا، چوقۇم ھېچكىم ئۇنىڭغا بەرمەيدۇ. ئوقۇغۇچى: شۇنداق، ئۇ باشقىلاردىن ئالغاننى قايتۇرماي، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىدىن مەھرۇم قالدى.
    ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا سىلەر بۇ ھېكايىدىكى بايغا قانداق قارايسىلەر ؟
    ئوقۇغۇچى: بۇ باي بەك ئاچكۆز ئىكەن. ئەپەندىم بىرىنچى قېتىم قازان قايتۇرغاندا ھېلىقى كىچىك قازاننىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى قوبۇل قىلماسلىقى، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى.
    ئوقۇغۇچى: ئۇنىڭدا ئادىمىيلىك خىسلەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىكەن.
    ئوقۇغۇچى: شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ پۇلى كۆپ باي بولغاندىن كېيىن نامراتلارنىڭ مۈلۈكىنى ئىگىلىۋالماي ، كۆپرەك خەيرى - ساخاۋەت قىلىشى، فوند تەسىس قىلىپ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللىشى كېرەك ئىدى. … … …

     سەبىي بالىلارنىڭ بۇ مۇنازىرىلىرى كىشىنى ئويغا سالىدۇ، سىز بۇ مۇنازىرىرىگە نىسبەتەن قانداق ئويغا كەلدىڭىز...؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.