ماھىرە ھامىلدار

يوللىغۇچى : nawa يوللىغان ۋاقىت : 2008-11-03 12:37:00

ماھىرە ھامىلدار تەيۋەنلىك رىياسەتچىسى چېنيۇلىن ھامىلدار ھالەتتە كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىسىغا چىققىنىدا بارلىق جوڭگۇلۇقلار ئۇنىڭ كەسپكە بولغان مۇھەببىتى ۋە باتۇرلىقىغا ئاپىرىن ئېيتقان ، ئۇنىڭ...

      ماھىرە ھامىلدار

        تەيۋەنلىك رىياسەتچىسى چېنيۇلىن ھامىلدار ھالەتتە كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىسىغا چىققىنىدا بارلىق جوڭگۇلۇقلار ئۇنىڭ كەسپكە بولغان مۇھەببىتى ۋە باتۇرلىقىغا ئاپىرىن ئېيتقان ، ئۇنىڭ دادىللىقى ھەممەيلەننىڭ قايىللىقىنى قوزغىغان ئىدى. ئەمما ماھىرەنىڭ ھامىلدار ھالەتتە سەھنىگە چىقىشى نىمىشقىدۇ بىزدىكى بىر قىسىم تاماشىبىنلارنىڭ كۆزىگە سىغمىدى. «ماھىرە ھامىلدار ئىكەن ، ئورنىغا ئادەم ئويلاشتىڭلارمۇ؟» دەپ كامىدا ئون رىياسەتچى بولۇش ئىستىگىدىكى قىز كەلگەن بولسا، يەنە شۇنچىلىك تورداش «ناۋا غا تەكلىپ»، «ناۋا پىروگراممىسىغا يېڭى تەكلىپ» دىيىشىپ  چۇقان كۆتىرىپ «بۇرۇنلاردا ھامىلدار ئايال دىگەن ئادەم كۆپ تالا-تۈزگىمۇ چىقمايدىغان ئىدى، خىجىل بولماي قوساق كۆتۈرۈپ سەھنىگە چىقتى دىگەن قانداق گەپ ؟» دىىيىشتى. تور بېكەتلەردە كىم بىرىنچى بولۇپ بىر نەرسە دىسە قالغانلار ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەيلا ئارقىدىن كېلىپ راست دەيدۇ دەپ كەتمەن چاپىدىغان ئىش بار، بەلكىم ماھىرەنىڭ ئورنىغا رىياسەتچى بولغۇسى كەلگەن ، ئەمما رىياسەتچىلىكنىڭ ھىچقانداق ئىلمىنتىنى ھازىرلىمايلا مەن رىياسەتچىلىككە ماس كېلىدىغان ئوخشايمەن دەپ قالغان بەزىلەرنىڭ كۈشكۈرتۈشلىرى بىلەن بۇ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان بولۇشى مۈمكىن.
       ماھىرە ھامىلدار بولسىمۇ يەنە داۋاملىق سەھنىگە چىقىش پۇرسىتى بېرىشىمىزدە بۇنداق بىر نەچچە سەۋەپ بار.
    1.دۆلىتىمىزدە پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىكىپ توي قىلىش، كېچىكىپ پەرزەنتلىك بولۇش تەشەببۇسىمۇ بەك قاتتىق تۇتۇلىۋاتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ماھىرە ھامىلدارلىقى تۈپەيلى سەھنىدىن مەجبۇرى قالدۇرىۋېتىلسە، ناھايىتى ئېنىقلا كەسىپنى مۇھىم بىلىدىغان يېقىنلىرىنىڭ ۋە كەسپداشلرىنىڭ «نىمىشقا بالدۇر قوساق كۆتەردىڭ، بىر مەزگىل بالا ئالماي تۇرساڭ بولمامتى..» دىگەندەك تاپا-تەنىلەرگە قېلىشى نەتىجىدە شۇنىڭدىن كېىنكى  گۈلشەن قاتارلىق بارلىق يېڭى توي قىلغان رىياسەتچىلەر ۋە  باشقا تېلېۋىزىيە خادىملىرىدا بالا ئالسا كەسپتىن قالىدىكەن دەيدىغان خاتا قاراش شەكىللىنىشى، زىيانلىق ئاممىۋى تەسىر پەيدا بولۇشى مۈمكىن. بالا ئالغانننىڭ خىزمەتكە تەسىرى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك، توي قىلغانلارنىڭ ھامىلدار بولۇشىغا دۈشمەنلىك قىلماسلىق بەلكى قوللاش كېرەك.
    2.ماھىرەنىڭ ھامىلدار ھالەتتە سەھنىگە چىقىشى نومۇسنى بىلمەسلىك ئەمەس. ماھىرە ھالال نىكاھتىن ھامىلدار بولدى، بۇ بىر مۇبارەكلەشكە تېگىشلىك ياخشى ئىش، نومۇس قىلىدىغان ئەمەس ئەكسىچە ساۋاپلىق، پەخىرلىنىدىغان ئىش.  بىز يەنە بەزى تاماشىبىنلارنىڭ «ماھىرە ھامىلدار تۇرۇپ سەھنىگە چىقىپتۇ، مەنمۇغۇ ئەسلى بالا تۇغۇش بەك جاپالىق، ئەمدى تۇغماي دەپ ئويلىغان ، ئەمما ماھىرەنىڭ قوساق كۆتۈرۈپ شۇنداق چىرايلىق بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ شۇنداق قوساق كۆتۈرگۈم كەلدى» دىگىنىنى ئاڭلىدۇق. دىمەك بۇ بىر ياخشى ئامممىۋى تەسىر.
        ماھىرەنىڭ ھامىلدار ھالەتتە سەھنىگە چىقىشى ماھىرەنىڭ كەسپكە بولغان مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى بىلدۈردى. بىز پەقەت بالىغا تەسىرى بولارمۇ دەپ ماھىرەنى توستۇق ئەمما ماھىرە دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تۇردى، بالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ياخشى، ئاخىرقى ئۈچ ئايغىچە سەھنىگە چىقىشنىڭ بالىغا جىق ئەكىس تەسىرى بولمايدىكەن دەپ كېچىلەپ پىروگراممىنىڭ سىنارىيىسىنى يازدى. بۇ تىللاشقا تېگىشلىك ئىشمۇ ياكى ماختاشقىمۇ؟

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 0:38:07]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق