كارخانىدا ئالاقە

يوللىغۇچى : rukiya يوللىغان ۋاقىت : 2014-11-17 19:35:49

وكلات يېزىش: كارخانىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىشتىن خىزمەتچىلەرنى خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشىغا پۇرسەت بېرىش شۇ ئىشقا قاتناشقانلارنىڭ نەتىجىنى خۇلاسە قىلىشىغا پايدىلىق، شۇنداقلا ئوخشاش ئىشنى قىلىدىغان

    كارخانىدا ئالاقە
    تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
    كارخانا بىر ئىجتىمائىي بىرلىك، شۇڭا كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىچكى ئۆملۈكنى ساقلاپ، تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم، چۈنكى ئۆزئارا چۈشىنىش بولمىسا، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئويلىمىغان توسالغۇلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. مۇنداق خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش بىزنى كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكۈزىشى مۇمكىن:
    باش قوشۇش: ھەر كۈنى ئەتىگەندە قىسقا ۋاقىت باش قوشۇش يىغىنى ئېچىپ، ھەربىر خىزمەتچىگە ئالدىنقى كۈنى قىلغان ئىشى ۋە بۈگۈن ئورۇندىماقچى بولغان پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش پۇرسىتى بەرگەندە، شۇنداقلا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغاندا، كوللېكتىپنىڭ شۇ كۈنلۈك پىلاننى چىڭ تۇتۇپ ئىجرا قىلىشىغا ئاساس سېلىپ، كارخانىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا پۇختا يول ھازىرلىغىلى بولىدۇ.
    دوكلات يېزىش: كارخانىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىشتىن خىزمەتچىلەرنى خەۋەردار قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشىغا پۇرسەت بېرىش شۇ ئىشقا قاتناشقانلارنىڭ نەتىجىنى خۇلاسە قىلىشىغا پايدىلىق، شۇنداقلا ئوخشاش ئىشنى قىلىدىغان خىزمەتچىلەرنى ئۇچۇر ۋە تەجرىبە بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن كارخانىدا ئورتاق پايدىلىق كەيپىيات شەكىللىنىپ، قائىدە-تۈزۈملەر ۋە ئىش-ھەرىكەتتە ئەمەل قىلىنىدىغان ئورتاق ئاڭنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس تۇرغۇزغىلى بولىدۇ.
    يازما ماتېرىيال: باشقا ئورۇن بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق پىلانى، يېڭى تۈزۈلگەن توختام، يېڭى يولغا قويۇلغان تۈر ۋە تۈرنىڭ تەرەققىيات جەريانى، مەلۇم تۈرنى ياخشىلاش تەكلىپى، يېڭى تۈزۈلگەن قائىدە-تۈزۈملەرنى رەتلەپ، ۋاقتىدا تارقىتىش، ئەمما ماتېرىيالنىڭ ئۈستىدە كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ياكى كۆرگۈچى پىكىر قالدۇرىدىغان ئورۇن بولۇش كېرەك.
    گەپنى ئېنىق قىلىش، ۋەدىدە تۇرۇش، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش: خىزمەتچىلەرنىڭ ئىپادىلەش ۋە بايان قىلىش ئۇسۇلىدا ھامان مەلۇم پەرقلەر بولىدۇ، پەرقلەرنى تۈگىتىش ۋە ئۈلگە تىكلەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كارخانا خىزمەتچىلىرى يازما ماتېرىياللارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ھېس قىلغانلىرىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويىدىغان جاسارەتكە، شۇنداقلا باشقىلارنى خىزمەتتە نەتىجە قازىنىشقا يېتەكلەش خاھىشىغا ئىگە بولسا، ئۇنداقتا ئۇلاردا شەخسىيەتچىلىك، قائىدىسىزلىك، قۇرۇق گەپ سېتىشتەك ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزلىكىدىن يوقىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
    دېمەك، كارخانىدا بارلىق خىزمەتچىنىڭ كۈندىلىك ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇش مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى بولىدۇ. ئۆزئارا سىر تۇتۇش، ئۆزى بىلگەننى باشقىلارغا ئۆگەتمەسلىكلەرنىڭ ھەممىسى كارخانا تەرەققىياتىغا زىيانلىق، ئۇ ئىچكى قىسىمدا بۆلۈنمىچىلىكنى پەيدا قىلىپ، بەزىلەر ئالدىراش، بەزىلەر بىكار يۈرىدىغان بىنورماللىقنى پەيدا قىلىدۇ.
    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كارخانىدا