نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر (زۇلپىقار بارات ئۆزباش)

يوللىغۇچى : halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-25 14:25:36

نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇرزۇلپىقار بارات ئۆزباشبىزنىڭ بارلىق پەزىلەتلىرىمىز ياكى ئىللەتلىرىمىز، قۇدرەت تېپىشىمىز ياكى زەئىپلىشىشىمىز نەزەرىيىۋى دەرىجىمىز بىلەن تۇتاشقان.-ئابدۇشۈكۈر م...



     

    نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر
    زۇلپىقار بارات ئۆزباش
     
     
    بىزنىڭ بارلىق پەزىلەتلىرىمىز ياكى ئىللەتلىرىمىز، قۇدرەت تېپىشىمىز ياكى زەئىپلىشىشىمىز نەزەرىيىۋى دەرىجىمىز بىلەن تۇتاشقان.
    -ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن [1]
    نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتسە كېتىدۇكى، تەپەككۇر قىلىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ.
    - بېرتراند روسسېل(ئەنگلىيە)[2]
     
     
     
    1 . تېمىغا كىرىش: نەزەرىيە نېمە قىلالايدۇ؟
     
    2003- يىلىدىن بېرى ھەر يىلى يېڭى يىل باشلىنىشتىن بۇرۇن دۇنيانىڭ يۈزلىنىشى، تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدا ئېيتقان ھەربىر ئېغىز سۆزى تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ، دېپلوماتلارنىڭ، سىياسىئونلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئامېرىكىلىق بىر مۇتەپەككۇر بار. ئۇ مۇتەپەككۇر دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئاشۇ پەرەزلىرىنى، نوپۇزلۇق پىكىرلىرىنى ھەرگىزمۇ سۇبيېكتىپ ھېسسىياتىغا تايىنىپ دەپ قويمايدۇ، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقاتى ۋە ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان بىر خىل نوپۇزلۇق نەزەرىيىۋى سېستىمىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇ نەزەرىيىۋى سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ئىزدەنگەن. كەلگۈسى ھەققىدىكى ئىلمىي قىياسلىرى سەگەك سىياسىئونلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بۇ مۇتەپپەككۇر- ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ۋاللېر ستەين (‪waller stain,1930-‬)[3]. ئۇنىڭ قىياسلىرىغا ئاساس بولۇۋاتقان، دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە يۈكسەك نوپۇزغا ئىگە نەزەرىيە سېستىمىسى بولسا «دۇنيا سېستىمىسى نەزەرىيىسى» دۇر(world system theory‬)‪.
     
    1989- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى. شۇ چاغدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولغان بۇ كۈچلۈك سوتسىيالىزم لاگېرىنىڭ تۇيۇقسىز غۇلىشى نۇرغۇن ئادەمنى ھەيران قالدۇردى. ئەمما بۇ خىل نەتىجىنى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم نوپۇزلۇق ئالىملار نەچچە يىل بۇرۇنلا قىياس قىلىپ بولغانىدى. ئاشۇ ئالىملارنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھەققىدىكى قىياسى ئەڭ توغرا چىققىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى سېستىمىسىنىڭ قۇرۇق نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئامېرىكىلىق مۇتەپپەككۇر راندال كوللىنىس(-‪Randal Collins,1942‬)‪ ‬[4]بولدى. ئۇنىڭ ئاساسلىنىۋاتقان نەزەرىيە سېستىمىسى بولسا «توقۇنۇش نەزەرىيىسى»(‪Conflict theory‬) ئىدى.
     
    بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر يازغۇچىسى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قىرلىق ئىستاكان» ناملىق ھېكايىسى سىنبار (‪VCD‬پىلاستىنكىسى) قىلىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن، جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاز بىر قىسىم ساددا كىشىلىرىمىز ئاشۇ فىلىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ ھاراق ئىچىش ئۇسۇلىنى دوراپ، ئىستاكانلاردا، ھەتتا چىنىلەردە ئىچىپ بىر مۇنچە ھەرەج تارتتى؛ ھەتتا بەزى كىشىلەر ھاراقتىن زەھەرلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇنداق بولۇشىنى ھېكايە ئاپتورىمۇ، ھېكايىنى فىلىم قىلىپ ئىشلىگۈچىلەرمۇ كۈتمىگەنىدى. ئادىل يىلدىرىم يازغان «يايپاڭ چىنە» ناملىق ھېكايە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ كىنايىسىنى ئەكىس مەنىدە چۈشىنىۋالغان ئاشۇ ساددا كىشىلەرنىڭ بىمەنە رېئاللىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىدى. بىر سەگەك پىكىر ئىگىسى بۇ ھەقتە ئويلانغىنىدا تەبئىي ھالدا: «مەمتىمىن ھوشۇر<قىرلىق ئىستاكان> ھېكايىسىدە كىشىلەرگە ھەرگىزمۇ ھاراقنى قىرلىق ئىستاكاندا ئىچىڭلار دەپ ئىشارە قىلمىغان. بەزى كىشىلەرگە نېمىشقا ئاپتورنىڭ كىنايىسى ئەكىس ئۈنۈم بېرىدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. بۇ خىل ھادىسىنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەتنىڭ ئىجتىمائىي يىلتىزى، پەيدا بولۇش شەكلى ھەققىدە يېرىم ئەسىر بۇرۇنلا بىر ئامېرىكىلىق مۇتەپپەككۇر چوڭقۇر ئويلانغان ۋە «كۈتمىگەن ئاقىۋەت نەزەرىيىسى» (‪Unaticipated consequences‬) نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ مۇتەپەككۇرنىڭ ئىسمى روبېرت مېرتون( ‪Robert K-Merton,1910-2003‬)[5] ئىدى.
     
    مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئادەتلەنمىگەن، قۇربىتى يەتمەيدىغان كىشىلەر ۋە ئاددىي تەپەككۇر شەكلىگە كۆنگەن ئادەتتىكى ئادەملەر نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيدۇ ھەم چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدۇ؛ ھەتتا مەنسىتمەسلىك، پەرۋاسىز قاراش ياكى تىللاش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ بىلىش، تونۇش جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى يېپىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىكى دوگمىلىق، دەرس ئۆتكەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردىكى چالا بىلىم، خاتا مېتود، نۇرغۇن كىشىلەرنى بالىلىق، ياشلىق، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا نەزەرىيە دېگەنگە ئۆچ قىلىۋەتكەن ۋە باشقا بەزى ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بىلەن قېتىلىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەزەرىيە ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ھال ئۇيغۇر تىلىدا نەزەرىيە ئۇقۇمى مېغىزىنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەبچى بولدى، «نەزەرىيە ساتمىغىنا»، «نەزەرىيىچى» دېگەندەك ئاتالغۇلار تىل ئىستېمالىدا ئومۇملاشتى. «ماركسىزم نەزەرىيىسى»، «مىللەتلەر نەزەرىيىسى» قاتارلىق بىر تۈركۈم نەزەرىيەلەرنىڭ خاتا ھەزم قىلىنىشى، خاتا چۈشۈنىلىشى ۋە پاخال قىلىۋېتىلىشى نۇرغۇن كىشى ئارىسىدا نەزەرىيىۋى گەپكە سوغۇق قارايدىغان بىر خىل پوزىتسىيە يېتۈلدۈردى. بىزدە نەزەرىيە ھەققىدە مانا مۇشۇنداق چۈشەنمەسلىك، چۆكۈرۈش خاھىشى بازار تاپقاندا، تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى زامانىۋىلىق، تەرەققىيات، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدىكى ھەر خىل زىددىيەتلەر تەسىرىدە روياپقا چىققان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن نەزەرىيە سېستىمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدىيە سېستىمىلىرىدىن يوچۇق تېپىش يولىدا پايپېتەك بولۇۋاتاتتى. ئۇنداقتا نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ خۇرۇچى بولغان نەزەرىيە سىستېمىسى قۇرۇق نەرسىمۇ؟
     
    توغرا، مەلۇم بىر خىل نەزەرىيە سىستېمىسىنى بىلسىڭىز، سىز ئۇنى بازاردا دەرھال پۇلغا تېگىشەلمەيسىز. ئەمما، بىزنى ئوراپ تۇرغان دۇنيانى، بىزگە تېپىشماقتەك تۇيۇلۇۋاتقان ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ۋە مەۋجۇدلۇقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى يۈزلىنىشنى چۈشىنىشىمىزدە نەزەرىيەنىڭ رولى زور. ئالايلۇق، بىرىنچى مىسالدا تىلغا ئېلىنغان ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ۋاللىر ستەيىن ئاساسىنى ياراتقان«دۇنيا سىستېمىسى نەزەرىيىسى» دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ نېمە ئۈچۈن 16- ئەسىردىن بېرى كاپىتالىستىك ئىگىلىكىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ جەرياندا چەت، قالاق رايونلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كەينىدە قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىدىيە سىستىمىسىدۇر»[6]. بۇ ئىدىيە سىستېمىسىنىڭ يادروسىدا چۈشىنىش زۆرۈر بولغان ئىككى مۇھىم ئۇقۇم بار. بىرى، نامرات، چەت رايونلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىش يولى بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىۋاتقان «يادرولۇق كاپىتالىستىك دۆلەتلەر»(‪Core-capitalist nations ,中信资本国家‬)؛ يەنى بىرى، دۇنيا سىستېمىسىدا دۇنيا كاپىتالىزمىنىڭ، يادرولۇق كاپىتالىستىك دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن، مونوپوللۇقىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان «گىرۋەكتىكى دۆلەتلەر»(‪Peripheral nations, 边缘国家‬). ھازىرقى ئامېرىكا دەل ئالدىنقى خىلدىكى دۆلەت تىپىغا، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىدە تۇرۇۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئىراق كېيىنكى خىلدىكى دۆلەت تىپىغا مەنسۇپ. ھازىر ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن زاۋۇتلىرى جۇڭگو، ھىندونوزىيە قاتارلىق ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئوۋلاش بەدىلىگە ئۆزىنى سەمرىتىش ئۈچۈن قىلغان ئورۇنۇشتۇر. بۇ نۇقتىنى ۋاللېر ستەيىننىڭ «دۇنيا سېستىمىسى نەزەرىيىسى» ياخشى چۈشەندۈرەلەيدۇ.
     
    سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۆزىدىكى زاۋاللىققا ھامىلدار ئىچكى توقۇنۇشلارنى، ئجتىمائىي جاراھەتلەرنى ئاشكارىلاشقا ئۈلگۈرگەن. دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى «توقۇنۇش نەزەرىيىچىلىرى» بولسا بۇ خىل يۈزلىنىشكە ماس قەدەمدە دىققەت قىلىشقا باشلىغانىدى. ئاخىرقى نەتىجە ئامېرىكىلىق مۇتەپەككۇرلاردىن بايا تىلغا ئېلىنغان راندال كوللېنس ۋە لېۋىس كوزىر(‪Lewis coser,1913-2003‬) [7]، ئەنگلىيىلىك مۇتەپەككۇر، جەمئىيەتشۇناس رالف دارېندورف(‪Ralph DahrendorF,1929-‬) ۋەكىللىكىدىكى توقۇنۇش نەزەرىيىسى ئاساسىدا قىياس قىلىنغان ۋە بۇ خىل نەزەرىيىنىڭ قۇرۇق نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. توقۇنۇش نەزەرىيىسى دۇنيانى كۈرەش سەھنىسى، ھوقۇق ئۈچۈن تۇتىشىدىغان ئېلىشىش مەيدانى دەپ قارايدىغان ئىدىيە سېستىمىسىدۇر[8]. توقۇنۇش نەزەرىيىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي تەرتىپ مەلۇم توپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قالغانلارنىڭكىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئورنىتىلىدۇ؛ جەمئىيەت ھەمىشە توقۇنۇش، زىددىيەت ھالىتىدە تۇرىدۇ؛ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاساسىي شەرتى ھوقۇق ۋە مەرتىۋىنى باشقىلاردىن تالىشىشتۇر؛ جەمئىيەتتىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي توپ ئوتتۇرىسىدىكى باراۋارسىزلىك ھەم بېقىندىلىق- بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتى ھامان زىددىيەت ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ؛ ئىجتىمائىي توقۇنۇش ھامان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇنلىرىمىز زىددىيەت، توقۇنۇشتىن قاچىمىز. ئەمما توقۇنۇش نەزەرىيىسىنىڭ غوللۇق ۋەكىلى لېۋىس كوزىر: «توقۇنۇش پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس، ئۇ بىر كوللېكتىپقا، ئىجتىمائىي توپقا پايدىلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن»[9] دەپ قارايدۇ. رالف دارىندورف بولسا: «ھوقوقنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ يادروسى ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر»[10] دەپ كۆرسىتىدۇ. رالف كوللىنىس دەل مۇشۇ توقۇنۇش نەزەرىيىسى ئاساسىدا سىستېمىلىق، ئەمەلىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى نەچچە يىل بۇرۇنلا قىياس قىلغان. قىياسنىڭ توغرا چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ ۋە ئۇ ئاساسلانغان توقۇنۇش نەزەرىيىسىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى كۈچەيگەن.
     
    مەلۇم بىر خىل نەزەرىيىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، نەزەرىيىۋى كىتابنى ئوقۇپ ھەزم قىلىش ئېسىل ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇغاندەك راھەتبەخىش، ھوزۇرلۇق ئىش ئەمەس. نەزەرىيىۋى كىتابنى ئوقۇش بىزدە بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پىكىر قىلىش، تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. نەزەرىيىۋى ئەمگەكنىڭ ئابستراكىتلىق ئالاھىدىلىكىمۇ ئۇنىڭ سىرلىقلىق، قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى ئەمگەك بىزگە ئېسىل ئەدەبىي ئەسەر، چىرايلىق ھۆسىنخەت، يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىزىلغان رەسىملەردەك شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئىستېتىك زوق بېرەلمىگىنى بىلەن، بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ۋە يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەقـــقـىـدىكى تــونــۇشــىـمىـــزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، تەپەككۇرىمىزنى ئاچىدۇ، زېھنىمىزنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ. نەزەرىيىنى رېئال تۇرمۇشتىن ئايرىپ تەسەۋۇۇر قىلىش، ئۆزىمىز «ھۆ بولۇپ كـەتكەن» ئاتالـمىش «نەزەرىيەلەر» ھەققىدىكى قاتمال تەسىراتىمىزغا تايىنىپلا جىمى نەزەرىيىنى قۇرۇق نەرسىگە چىقىرىۋېتىش بىر خىل خاتالىق، بىر تەرەپلىمىلىك. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ خىـل پوزىتسىيە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا ئادەتلەنمىگەنلىكنىڭ، ھازىرغىچـە ئۆگەنگەن نەرسىلىرىمىزگە مەپتۇن بولۇپ كەتكەنلىكىمىزنىڭ، ئاندىن پىكىر قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى. نەزەرىيىۋى تەربىيىلىنىشىمىزنىڭ قانچىلىكلىكى دۇنياغا قانچىلىك دەرىجىدە ئوبىيېكتىپ باھا بېرىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. نەزەرىيەنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش ئۆزىمىزنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى تونۇشىمىزنى ئاشۇرىدۇ، كۈندىلىك ھاياتنىڭ كىشىلەرگە ئادەتتىكىدەك بىلىنىدىغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان، سىرلىق قاتلاملىرىنى كۆزىتەلەيدىغان ئۆتكۈر كۆز ئاتا قىلالايدۇ. بۇ ئاخىرىدا بېرىپ بىزدە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. نەزەرىيىۋى تەپەككۇر قىلىشقا كۆنگەن، ئۆگەنگەن نەزەرىيىلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىغان ئادەم ئەركىن، بەختلىك ياشاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايدۇ ھەم ئوبىيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ تېپىشماقلىرىنى يىلتىزىدىن چۈشىنەلەيدۇ.
     
     
    2. نەزەرىيەنىڭ تەبىرى
     
     
    يۇقىرىدا بىر نەزەرىيىنىڭ ئوبىيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنى تونۇش، نەزەرىيىۋى تەپەككۇر يېتىلدۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى بىر نەچچە مىسال ئارقىلىق قىسقىچە شەرھلەپ ئۆتتۇق. لېكىن، نەزەرىيە بىز يۇقىرىدا چۈشەندۈرگەندەك ئاددىي نەرسە ئەمەس. بىز بۇ ماقالىمىزدە نەزەرىيەنىڭ تەبىرى ئۈستىدە توختىلىمىز. نەزەرىيەنىڭ تەبىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئېنىق، سىستېمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، خەنزۇچە، ئېنگلىزچە مەنبەلەردە بۇ ئۇقۇمغا بېرىلگەن تەبىرلەرنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى:
    ئۇيغـۇر تىلىدىكى «نەزەرىيە» سۆزى ئەرەب تىلىدىن كىرگەن ئىسىم بولۇپ، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە بۇ ئۇقۇمغا مۇنداق تەبىر بېرىلىدۇ: «نەزەرىيە- (1) ئەمەلىيەتتىن خۇلاسىلەپ چىقىلغان، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت بىلىملىرى ھەققىدىكى سېستىمىلىق يەكۈن؛(2) ئىلىم- پەن، سەنئەت ۋە باشقا ساھەلەرنىڭ ئابستراكىت پىكىر قىلىش يولى بىلەن ئىشلەپ چىقىلغان ئاساسلىرى. مەسىلەن، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى؛ (3) پاكىت، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى چۈشىنىش، چۈشەندۈرۈشنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىنى ئاساسلاپ بەرگۈچى ئىلمىي قانۇن- قائىدىلەر يىغىندىسى؛ (4) بىرەر پەن ساھەسىنى ياكى ئۇنىڭ بىرەر قىسىمىنى تەشكىل قىلغۇچى قائىدىلەر ياكى بىرەر ساھەدە بىلىم ، ماھارەت ئاشۇرۇش، ھۈنەر ئۆگىنىش، تەجرىبە ھاسىل قىلىش يولىدىكى بىلىم ، قائىدىلەر يىغىندىسى. مەسىلەن، فىزىكا نەزەرىيىسى؛ (5) بىرەر مەسىلە ھەققىدىكى كۆز قاراش، نۇقتىئىنەزەر ياكى ئۇلارنىڭ سىستېمىسى.»[‪11‬]
     
    «ئۆزبېكىستان مىللىي ئىنىسكلوپېدىيىسى» دە نەزەرىيە ئۇقۇمىغا مۇنداق تەبىر بېرىلىدۇ: «نەزەرىيە- بىلىمنىڭ بىرەر ساھەسىگە ئائىت ئاساسىي ئىدىيە سىستېمىسى، ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى مۇھىم باغلىنىشلار ھەققىدە سىستېمىلىق تەسەۋۋۇر بېرىدىغان بىلىم شەكلى. نەزەرىيە مەۋجۇدىيەتنىڭ مۇئەييەن ساھەسىگە ئائىت بولغان تەجرىبىلەردىن ئومۇملاشتۇرۇلغان مەلۇماتلار ئاساسىدا كېلىپ چىقىدۇ. ئىلمىي بىلىشتە نەزەرىيەنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى تەجرىبىلەر بەرگەن دەلىللەرنى ئىزاھلاش، نەرسە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىگە چوڭقۇرلاپ كىرىش، يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن قىياس قىلىشتىن ئىبارەت. ھەرقانداق نەزەرىيە ئىلمىي تونۇشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدىكى بىلىش شەكلى بولسىمۇ، ئۇنى تۈگەللەنگەن، ئۆزگەرمەس بىلىم دەپ قارىماسلىق كېرەك. نەزەرىيە ھەر ۋاقىت ئەمەلىيەت بىلەن ماھىيەتلىك ئالاقىدە بولىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ھەرىكەت، تەرەققىياتنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلىنىدۇ. ئىلمىي بىلىش جەريانىدا ئىلمىي نەزەرىيەلەر بىلەن قوراللىنىش كىشىلەرگە ئىلمىي قىياس قىلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭى قانۇنىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشگە ئاساس سالىدۇ.»[12]
     
    «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى» دە نەزەرىيە ئۇقۇمىغا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: «ئەمەلىيەتتىن خۇلاسىلەپ چىقىلغان، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى سىستېمىلىق يەكۈن.»[13]
     
    خەنزۇچە «ئىجتىمائىي پەنلەر لۇغىتى» دە نەزەرىيە ئۇقۇمىغا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: «نەزەرىيە سىستېمىلىق ئەقلىي تونۇش، مۇئەييەن بىلىم ساھەسىدىكى ئۇقۇم، پىرىنسىپلار سېستېمىسى بولۇپ، تەكرار داۋاملىشىدىغان ئىجتىمائىي ھادىسىلەردىن، ئەمەلىيەتتىن يەكۈنلەنگەن ئاساستا بارلىققا كېلىدۇ ۋە يەنە ئەمەلىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىلمىي نەزەرىيە كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ئوخشاش ئىدىيە بىلەن قوراللاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيانى ئوبيېكتىپ يوسۇندا تونۇشىغا، ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.»[14]
    ئىنگلىزچە «لاڭمەن لۇغىتى» دە نەزەرىيەگە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: «نەزەرىيە: (1) مەلۇم بىر پاكىت، ھادىسە ھەققىدىكى مەنتىقىلىق، ئىلمىي يوسۇندا چىقىرىلغان، لېكىن توغرىلىقى ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىگەن ئىزاھات؛ (2) ئەمەلىي ماھارەت ۋە مېتودقا نىسبەتەن ئېيتىلىدىغان، مەلۇم بىر پەننىڭ ياكى سەنئەتنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىنى، بىلىملەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئىلمىي تونۇش، مەلۇم بىر سۇبيېكىتنى تەھلىل قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان قائىدە- قانۇنىيەتلەر يىغىندىسى.»[15]
     
    نەزەرىيە ئۇقۇمىغا ئوخشىمىغان تىلدا پەرقلىق ئۆلچەم، پەرقلىق ئۇسۇل بىلەن بېرىلىۋاتقان يۇقىرىقى تەبىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاممىباب يوسۇندا تەھلىل قىلساق، بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كېلەلەيمىز:
    بىرىنچى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. نەزەرىيەنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى «ئىجتىمائىي پەنلەر قىسقىچە لۇغىتى» دىكى ئىزاھاتتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان؛ ئىككىنچى، نەزەرىيە- ئىلمىي قائىدە- قانۇنىيەتلەر يىغىندىسى. نەزەرىيەنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ۋە «لاڭمەن ئىنگىلىز تىلى لۇغىتى» دە بېرىلگەن تەبىرلەردە نەزەرگە ئېلىنغان؛ ئۈچىنچى، نەزەرىيە ئىلمىي، مەنتىقىلىق تونۇش شەكلى. بۇ خىل ئالاھىدىلىك يۇقىرىدىكى ھەممە ئىزاھاتلاردا ئاساسەن دېگۈدەك ئەكىس ئېتىدۇ؛ تۆتىنچى، نەزەرىيە كىشىلەرنى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى قىياس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. نەزەرىيەنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى «ئۆزبېكىستان مىللىي ئىنسكلوپېدىيىسى»دىكى تەبىردە ناھايىتى تولۇق شەرھلەنگەن؛ بەشىنچى، نەزەرىيە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، بۇ خىل ئالاھىدىلىك «ئۆزبېكىستان مىللىي ئىنسكلوپېدىيىسى»، «لاڭمەن ئىنگلىز تىلى لۇغىتى»دە نەزەرگە ئېلىنغان؛ ئالتىنچى، نەزەرىيە كىشىلەرنىڭ دۇنيانى ئوبيېكتىپ يوسۇندا تونۇشىغا ۋە ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ ھال خەنزۇچە «ئىجتىمائىي پەنلەر قىسقىچە لۇغىتى»دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. يەتتىنچى، ھەممە پەننىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدە- قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. ئاشۇ خىلدىكى قائىدە- قانۇنىيەتلەر يىغىندىسى ئاخىرى شۇ پەننىڭ ياكى شۇ ساھەنىڭ نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. نەزەرىيەنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە شەرھلەنگەن. سەككىزىنچى، نەزەرىيە سۆزى ئۇقۇم ھەجىمى ناھايىتى كېڭىيىپ كەتكەن سۆز بولۇپ، ئوخشىمىغان كونتېكىستتا، ئوخشىمىغان تىلدا، ئوخشىمىغان پەن ساھەسىدە ئوخشىمىغان مەنىلەرنى بېرىدۇ. بىز بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ۋە «لاڭمەن ئىنگلىز تىلى لۇغىتى» دە بېرىلگەن تەبىرلەردىن ھېس قىلالايمىز.
     
    ئوخشىمىغان مەنبەلەردىكى تەبىرلەرنى نېمىشقا سېلىشتۇرىمىز؟ سەۋەب شۇكى، بىر خىل تىل بىر خىل تەپەككۇر شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوخشىمىغان تىلدا مەلۇم بىر ھادىسە ياكى ئېنىقلىما ھەققىدە ئوخشىمىغان تونۇش بولۇشى مۇمكىن. مەلۇم بىر خىل پىكىرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىك، يۈزەكى خۇلاسە چىقىرىشتىن ۋە پىكىر ئاغمىچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تىللاردىكى نەزەرىيە ئۇقۇمىغا بېرىلگەن مەنبەلەردىن تەبىر ئىزدىدۇق. يۇقىرىقى تەبىرلەرنى سېلىشتۇرساق، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە نەزەرىيە ئۇقۇمىغا بېرىلگەن بىرىنچى تەبىرنىڭ «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى» بېرىلگەن تەبىردىن ئېلىنغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ ھال كاللىمىزدا «نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىرەر ئۇقۇمغا تەبىر بېرىشتىمۇ تەپەككۇر قىلمايدۇ؟» دېگەن سوئالنى تۇغدۇرىدۇ. گەرچە مەلۇم ئۇقۇمغا تەبىر بېرىشتە باشقا تىللاردىكى مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلىش ئىلمىي ئەمگەكتە نورمال ئىش ھېسابلانسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «ھازىرىقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى» دىكى تەبىرنىڭ ئۆز ئەينى پېتى بېرىلىشى بىزدىكى نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا ئادەتلەنمەسلىك، پىكىر بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلالماسلىق خاھىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. كەلگۈسىدە نەزەرىيىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئابستراكىت ئۇقۇم ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي بىلىش شەكلىگە ۋە ئەقلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خاس ئېنىقلىمىلىرىمىز بولۇشى كېرەك.
     
     
    3 . نەزەرىيىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش
     
    نەزەرىيە نېمە ئەمەس؟
     
    ئالدىنقى بۆلەكتە نەزەرىيىنىڭ تەبىرىنى تونۇشتۇردۇق. ئەمما، بىر ئۇقۇمنىڭ تەبىرىنى بىلىۋېلىش ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىۋېلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. نەزەرىيىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال كاللىمىزدىكى نەزەرىيىگە ئائىت خاتا چۈشەنچىلەرنى تونۇۋېلىشىمىزغا، توغرىراقى نېمىنىڭ نەزەرىيە ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ بۆلەكتە 2009- يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچىدە نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنى چۆرىدەپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلىپ بارغان جەمئىيەت تەكشۈرۈشىمىز ئاساسىدا توپلانغان ئۇچۇرلارنى؛ زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار، دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ھەققىدە ئېيتقان قاراشلىرىنى تەھلىل قىلىپ، مۇمكىنقەدەر ئاممىباب تىل بىلەن نېمىنىڭ نەزەرىيە ئەمەسلىكى ھەققىدىكى نۇقتىئىينەزەرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:
     
    (1) پاخال قىلىۋېتىلگەن ئىدىيىلەر نەزەرىيە ئەمەس [پاكىت تەھلىلى]:
    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بۇ يىگىت ئىلگىرى مېنىڭ «سەرخۇش ئىنگلىزتىلى» سىنىپىمدا ئوقۇغان بولۇپ، ئۆزى قىزىقچى، يۇمۇرلۇق بالا ئىدى. ئۇ مېنىڭ نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىمنى ئۇقۇپ كۈلۈپ كەتتى:
    - تازىمۇ بىر زېرىكىشلىك تېمىغا تۇتۇش قىپسىزغۇ، مۇئەللىم؟ يازاي دېسىڭىز باشقا تېمىلار تېپىلار ئىدى.
    - نېمىشقا زېرىكىشلىك تېما دەيسىز بۇنى؟
    - دەپ كەلسەك گەپ جىق مۇئەللىم،-دېدى ئوقۇغۇچۇم ئوچۇق- يورۇق ھالدا،- بۇ يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمنىڭ بەشىنچى يىلى. بۇ نەزەرىيە دېگەن شۇنداق باش ئاغرىتىدىغان نەرسە ئىكەنكى، يادلىسا- يادلىسا كاللىدا تۇرمايدىكەن، يا ئەمەلىيەتتە بىر پۇڭلۇق پايدىسى يوق. بەش يىلدىن بېرى قۇرۇق نەزەرىيىنى تولا ئوقۇپ ھۆ بولۇپ كەتتۇق. مۇئەللىملەرمۇ يادلىۋالغانلىرىنى دەپ بېرىدۇ ياكى كىتابتىكى، كونسىپىكتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ بېرىدۇ. ئۇنداق گەپلەرنىڭ بىرسىنى چۈشەنسەم نېمە دەي.
    ئوقۇغۇچۇمنىڭ قاراشلىرىغا باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئۈچ ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، بۇ ئۈچەيلەن كېلىشىۋالغاندەكلا نەزەرىيە دېسە بېشى ئاغرىيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نەزەرىيىگە ئۆچ بولۇپ كەتكىنىنى سورىغىنىمدا جاۋاب ھەر خىل چىقتى:
    - مۇئەللىملەر ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمىگەن نەرسىلەرنى كىتابتىن ئوقۇپ بېرىدۇ، ئاندىن ئىمتىھان ۋاقتىدا بېسىم قىلىدۇ. يادلىماق بەك تەس،- دېدى بىرىنچى ئوقۇغۇچى.
    - نېمە پايدىسى بار نەزەرىيە دېگەننىڭ؟ ماڭا قۇرۇق گەپتەكلا تۇيۇلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىدا، ئالىي مەكتەپتە بۇنداق گەپلەرگە تويۇپ كەتكەن،- دېدى ئىككىنچى ئوقۇغۇچى.
    - ھېلى ئۇ نەزەرىيە، ھېلى بۇ نەزەرىيە دەپ جىق ئۆتتى. بىرسى كاللامدا تۇرسا نېمە دەي؟- دېدى ئۈچىنچى ئوقۇغۇچى.
    «ھازىرىغىچە قانداق نەزەرىيىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە ئاڭلىغانلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپرەك قۇلاققا كىرىپ تۇرىدىغان ماركسىزم نەزەرىيىسى، مىللەتلەر نەزەرىيىسى، سىياسىي ئىقتىساد نەزەرىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى قاتارلىقلار بولۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئوقۇغۇچى فىزىكا كەسىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئېينىشتىيىننىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى»نىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان ئىكەن.
     
    مەن ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، ئالىي مەكتەپتە ئابستراكىت مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش كەچمىشىمنى ئەسلەپ ئۆتتۈم. ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، 1987- يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا « سوتسىيالىزم- كاپىتالىزمنىڭ گۆركارى»، «سىنىپىي جەمئىيەت»، «بۇرژۇئازىيە» ھەققىدكى گەپلەرنى جىق يادلىغانىدۇق؛ كونسىپىكلارغىمۇ كۆچۈرۈپ چىققانىدۇق. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ گەپلەر ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا، يەنى 1991- يىلى سىياسىي ئىقتىساد نەزەرىيىسى ئۆتۈلدى. مەن بۇ دەرسنىڭ ئىمتىھانىغا باشقا ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاشلا ئۆلۈك يادلاش ئۇسۇلى بىلەن تاقابىل تۇردۇم. كېيىن، باشقا مەزمۇنلارنىڭ تەسىرى بىلەن كاللام يۇيۇلۇپ، ئۆتۈلگەن ئاشۇ مەزمۇنلار ھەققىدىكى تەسىراتلار ئېڭىمدا خىرەلەشتى. 1993- يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا مىللەتلەر نەزەرىيىسى ئۆتۈلدى. بۇ دەرس ئۆتۈلگەندە ساۋاقداشلىرىم مۇئەللىمنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايتتى. بەزىلەر رومان ئوقۇيتتى ياكى باشقا پەنلەرنىڭ چالا قالغان تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەيتتى. يەنە بەزىلەر بولسا ئارقىغا ئۆتۈۋېلىپ ئۇخلايتتى ياكى سالام خەت يازاتتى (ئۇ چاغلاردا تېلېفون ئومۇملاشمىغان، ئېلخەت، مۇڭداشقۇ دېگەندەك نەرسىلەر تېخى بارلىققا كەلمىگەن بولغاچقا، خەت يېزىش مودىدىن قالمىغانىدى). ئوقۇتۇشتىكى دوگما مېتود، قېلىپبازلىق ۋە ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، پاخال قىلىۋېتىلگەن ياكى خاتا ئۆتۈلگەن ئىدىيىلەر مېنىمۇ نەزەرىيىگە ئۆچ قىلىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا، بايىقى نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنكاسى ماڭا ناھايىتى تەبئىي بىلىندى.
     
     
    نېمە ئۈچۈن نەزەرىيە ھەققىدە بۇنداق تەسىرات پەيدا بولىدۇ؟
     
    بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب- ئوقۇتۇش ھالقىسىدا ئىدىيىلەر پاخال قىلىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلانمىغان، خاتا ئۆتۈلگەن ياكى بورداپ قاچىلاش شەكلىدىكى ئوقۇتۇش تۈزۈمىنىڭ تەسىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا ماھىيەتلىك تونۇشقا ئايلىنالمىغان. ئەمەلىيەتتە، نەزەرىيە دەپ ئېتراپ قىلىنغان مەلۇم بىر نۇقتىئىنەزەرلەر سىستېمىسىنىڭ ھامان مۇئەييەن بىر ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تەرىپى بولىدۇ؛ يىلتىزى مەلۇم بىر جەمئىيەت، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتتە بولىدۇ؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كونىرىسىمۇ، يېڭىلانسىمۇ ياكى ئاغدۇرۇلسىمۇ، مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە ھامان رولى بولىدۇ. مەسىلەن، «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» ــ 20- ئەسىر دۇنيا ئىدىيە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئالىم ئېينىشتىيىننىڭ ۋاقىت، ھەجىم، ماسسا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يېشىپ بېرىدىغان ئىككى نەزەرىيىسىنىڭ بىرىدۇر. بۇ نەزەرىيە نيۇتوننىڭ «ئالمىنىڭ تارتىش قانۇنى» دىن كېيىن نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىگە دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلاب ئېلىپ كەلگەن. ئەنگلىيىلىك فىزىكا ئالىمى ستېفىن خاۋكىڭ بولسا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر نەزەرىيىسى» ئارقىلىق «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» دە يېشىلمىگەن نۇرغۇن تېپىشماقلارغا جاۋاب بەرگەن. ئەگەر نىسپىيلىك نەزەرىيىسى، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر نەزەرىيىسى قاتارلىق نەزەرىيىلەردەك دۇنيا ئىلىم- پەن ساھەسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن نەزەرىيىلەرمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى بىلەن ھېسابلاشماي بالدۇر ئۆتۈلسە، خاتا مېتودتا ئۆتۈلسە ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئايلىنالمىسا ، ئەلۋەتتە پاخال «ئىدىيە»لەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە نەزەرىيە ھەققىدىكى خاتا تونۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان، ئۇسۇل، پوزىتسىيە، ئوقۇ- ئوقۇتۇش مېتودى توغرا بولماسلىق تۈپەيلى پەيدا بولۇۋاتقان «ئىدىيەنى ۋاشاڭ قىلىۋېتىش» ھادىسىسىدۇر. بۇ ھادىسىنىڭ ئەۋلادلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى زور بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇرىنى قۇرۇق ھالەتتە قالدۇرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇدلۇقىنىڭ مەنىۋى يىلتىزىغا پالتا چاپقانلىق.
     
    (2)چۈشىنىكسىز، ئابىستراكىت گەپ تىزمىسى نەزەرىيە ئەمەس [پاكىت تەھلىلى] :
    ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ھەققىدىكى ئىنكاسى ئەكىس ئېتىدۇ.«بەرقى»، «ئەنقا» تورىدا 2009- يىلى 3-، 4- ئايلاردا «ھېچنىمىزىم خىتابنامىسى» 1980- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ئەندىزىسى، بەدىئىي ماھارەت، شېئىر تىلى قاتارلىق بىر مۇنچە نۇقتىلاردا يېڭىلىق يارىتىش مەقسىتىدە ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان، مۇرات ئېزىز قاتارلىق ياش ھەۋەسكارلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئابىستراكىتلىقى كۈچلۈك بايان بولۇپ، بۇ خىتابنامىدىن ئۇنى ھىمايە قىلغۇچى ياشلارنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھى ئايان بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما، «ھېچنىمىزىم خىتابنامىسى» چۈشىنىكسىز، ئابستراكىت گەپ تىزمىسى بىلەن تولغان. ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، بۇ خىتابنامىغا ئۆرنەك بولغان نەزەرىيىۋى ئاساس مەنتىقىلىق يوسۇندا كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن.‪ ‬«خىتابنامە» دىكى ھۆكۈملەر كەسكىن تەرزدە ئېيتلغانيۇ، ئوبىيېكتىپ پاكىتلار بىلەن دەلىللەنمىگەن. ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى، «خىتابنامە»نى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار سوئال سورىغۇچلارنىڭ «ئابستراكىت گەپلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇش، چۈشىنىكسىز نۇقتىلارنى يېشىپ بېرىش» ھەققىدىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان. تورداشلار ئىچىدە بۇ «خىتابنامە» نى شىددەتلىك تەنقىد قىلغۇچىلارمۇ، ھىمايە قىلغۇچىلارمۇ چىققان.
    ئاۋۋال شۇنى تەكىلەش كېرەككى، نېمىلا دېيىلىشىدىن قەتئىينەزەر، يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ياشلارنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇر قىلىش، پىكىرلىرى پىشقان بولسۇن- بولمىسۇن، يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھىنى رىغبەتلەندۈرۈش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ- نەزەرىيىۋى ئويلىنىشتا ئاختام ھالەتتە قېلىۋاتقان مەنىۋى دۇنيارىمىزغا جەڭ ئېلان قىلىش يولىدىكى دادىل قەدەمدۇر. لېكىن، نەزەرىيە دەپ قويسىلا بولىدىغان ئابىستراكىت گەپ تىزمىسى ئەمەس. نەزەرىيە- مەنتىقىلىق يوسۇندا چىقىرىلىدىغان ئىلمىي بىلىش شەكلى، ئۇنىڭدا دەلىللەر پۇختا بولۇشى، ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئېنىق شەرھلىنىشى ھەم بىر- بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشى، ئاندىن بىر قاتار نۇقتىئىينەزەرلەر ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلالىشى كېرەك. «ھېچنېمىزىم خىتابنامىسى» دا ساقلانغان يېتەرسىزلىك شۇكى، نۇقتىئىينەزەرلەر ئابستراكىت گەپ تىزمىسىغا ئايلىنىپ قالغان؛ بىر بۆلەك بىلەن يەنە بىر بۆلەك ئوتتۇرىسىدىكى مەنتىقىلىق مۇناسىۋەت ئېچىپ بېرىلمىگەن. «خىتابنامە»نى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى شەرھلىيەلمىگەن، دېگەن گېپىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن. بىر نەزەرىيە سېستىمىسىنىڭ ھامان بۇرۇنقىلاردىن ئۆرنەك ئالغان ئىدىيىۋى ئاساسى بولىدۇ. بىر نەزەرىيىچى بۇرۇنقىلارنىڭ نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرماقچى بولىدىكەن، چوقۇم پۇختا دەلىل، مەنتىقىلىق تەھلىل، ئېنىق، چۈشىنىشلىك بايان، ئاممىباب تىل ۋە ئىلمىي يەكۈن ئاساسىدا ئۆزى چۈشەندۈرمەكچى بولغان ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىق يېشىپ بېرىشى ۋە ئەمەلىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىشى لازىم. ئابستراكىت، چۈشىنىكسىز گەپ دۆۋىسى ھەرگىزمۇ نەزەرىيە بولالمايدۇ؛ يامىداپ، كۆكلەپ بىلىۋالغان بىلىم بىلەن نەزەرىيىۋى ئاساس تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ. بىر خىل نەزەرىيىۋى ئاساس تۇرغۇزۇش ئۈچۈن نەزەرىيىۋى بىلىم جەھەتتە ئۇزۇن مۇددەت تەربىيىلىنىشى كېرەك.
     
    (3)قۇرۇق گەپ نەزەرىيە ئەمەس [پاكىت تەھلىلى] :
    2009- يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر دوستۇمنىڭ مەسلىھەت چېيىغا قاتناشتىم. ئۆزىنى ناھايىتى قىزىقچى چاغلايدىغان، ھېچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان بىر يىگىت سورۇندا باشتىن ئاخىر باشقىلارنى چۈشۈرۈپ چىقتى. ئارىلىقتا بىر قولىغا چوكا، يەنە بىر قولىغا تاماكا ئېلىۋالغان ساقى تويى بولغان يىگىتنىڭ تەرىپىنى بىر ھازا قىلدى ۋە ناھايىتى ئۇزۇن گەپلەر بىلەن ئۇنىڭغا تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ رۇمكىنى ئايلاندۇرماقچى بولۇۋىدى (ھاراقسىز سورۇن بولمايدىغان، كىچىك ئايرىمخانىنى ئىسقا تولدۇرۇپ بىر قولىدا ھارام دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان تاماكا، يەنە بىر قولىدا چوكا تۇتۇپ تاماق يەيدىغان بۇنداق ناچار ئادەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاچاندىن بېرى ئومۇملاشقانلىقىنى بىلمەيمەن ھەم جەمئىيەتلەشكەن بۇ ئىجتىمائىي بىنورماللىق ئۈچۈن ئېچىنىمەن)، ھېلىقى سۆزمەن يىگىت ساقىنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى:
    - بولدى، تولا نەزەرىيە ساتماي گەپنىڭ توچكىسىنى دېگىنە!
    بىزدە قۇرۇق گەپنى جىق قىلغۇچىنى نەزەرىيىچى، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا دېيىلگەن قۇرۇق گەپنى نەزەرىيە دەپ ئاتاش يۈزلىنىشىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇـ ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بىلەن تىلدىكى ئۆزگىرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۆرىدەپ يورۇتىدىغان تېما. ئېھتىمال، نەزەرىيە سۆزىدىكى كۆچمە مەنە ئۇيغۇرلاردا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىن باشلانغان بولۇشى؛ ئىسلاھاتتىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەردە، ھەتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دوگما مېتود، قېلىپبازلىق بىلەن ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار نەزەرىيە سۆزىگە سەلبىي مەنە يۈكلىگەن بولۇشى؛ مەجلىسۋازلىق، بيۇروكراتلىق تەسىرىدىن ھۆ بولغان خىزمەتچىلەر كۈندىلىك ئىستېمال داۋامىدا نەزەرىيە سۆزىدىكى بۇ يېڭى سەلبىي مەنىنى كېڭەيتكەن بولۇشى مۇمكىن(بۇ بىر خىل قىياس بولۇپ، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلارنىڭ داۋاملىق دەلىللىشىنى كۈتىدۇ). مەن نەزەرىيە توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى پەيدا بولغان بۇ تۈسنى خەنزۇلار، ئىنگلىزلارمۇ شۇنداق ئىپادىلەمدىغاندۇ، دېگەن ئوي بىلەن خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە نەزەرىيە، نەزەرىيىچى سۆزلىرىگە «قۇرۇق گەپ سېتىش»، «قۇرۇق گەپ قىلغۇچى» دېگەندەك سەلبىي مەنىلەر يۈكلەنمىگەن . بۇ ھال مەندە : «نېممە ئۈچۈن نەزەرىيە سۆزىنى سەلبىي مەنىدە چۈشىنىش نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا ئادەتلەنمىگەن كىشىلىرىمىز ئارىسىدا ئومۇملىشىدۇ؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى.
     
    (4)شۇئارسىمان تېكىستلەر نەزەرىيە ئەمەس[پاكىت تەھلىلى]:
    مەمۇرىي ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بىرەيلەندىن نەزەرىيە توغرىسىدا سورىدىم:
    - نەزەرىيەنى قانداق چۈشىنىسىز؟
    - بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟- ئۇ مەن ئىلگىرى زىيارەت قىلغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا ئاشۇ بىر گەپنى تەكرارلىدى ۋە بىر ھازادىن كېيىن جاۋاب بەردى:
    - سىياسىي ئۆگىنىشتە ئۆگىنىدىغان نەرسە شۇغۇ نەزەرىيە دېگەن. بىزغۇ ئايدا بىر ئىككى قېتىم ئۆگىنىمىز. ئەمما، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر يىلبويى نەزەرىيە ئۆگىنىش ھاشىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
    ئۇ كۈتمىگەن يېرىمدىن چىقىپ سىياسىي ئۆگىنىشتە ئوقۇيدىغان، ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلارنى نەزەرىيەگە باغلاپ چۈشەندۈردى. قانداقسىگە بۇنداق رېئاللىق پەيدا بولىدۇ؟ فرانسىيە مۇتەپپەككۇرى مېچىل فۇكاۋنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «ئېيتىم، گەپ، بىلىم بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بولىدۇ. بىز دەۋاتقان گەپ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان رېئاللىقنىڭ ئىنكاسىدۇر.»[16] يۇقىرىقى دۆلەت مەمۇرىنىڭ گېپى ئەمەلىيەتتە شۇئار مەدەنىيىتى يىلتىز تارتقان بىر ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى. شۇئارسىمان مەزمۇنلار، سىياسىيلىقى كۈچلۈك تېكىستلەر جىق تەكىتلىنىدىغان ئىجتىمائىي ئاتموسفېرادا كىشىلەرنىڭ ئېڭى، تەپەككۇرى(ئۆزلىرى قاقشاپ تۇرسىمۇ) يۇقىرىقىدەك پىكىر يولىغا كۆنۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نەزەرىيە ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان بايانلار خاتا ھالدا «نەزەرىيە» دەپ چۈشىنىلىدۇ ۋە بۇ ھال نەزەرىيە ھەققىدىكى خاتا تەسىراتقا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەسلىدە شۇئار بىلەن نەزەرىيەنىڭ پەرقلىق ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ يۈرۈش ئارتۇقچە ئىش. ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە چۈشىنىكسىز، زېرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان ھەر قانداق مەزمۇننى نەزەرىيە قاتارىغا چىقىرىۋېتىشى بۇ نۇقتىنى تەكىتلەش زۆرۈرىيىتىنى تۇرغۇزدى.
     
    (5)ئەمەلىي دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن، سۇبىيېكتىپ ھېسسىيات بويىچە دېيىلگەن بايان نەزەرىيە ئەمەس[پاكىت تەھلىلى]:
    بۇ، 2008- يىلى يانۋاردا مەن يولۇققان بىر ئىش. بۇ مېنىڭ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قىشلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە قايتقان ۋاقتىم ئىدى. بىر كۈنى بىر كىشى مېنى ئىزدەپ كەلدى. ئۇ فىزىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يازغان بولۇپ، ئۇنى «دۇنيا فىزىكا ساھەسىنى زىلزىلىگە سالالايدۇ» دەپ قارايدىكەن.
    - بۇ ماقالەم ئىنگلىزچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ قالسا، كۈچلۈك زىلزىلە قوزغايدۇ. مەن بۇ ماقالەمدە ئېينىشتىيىننىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» دىكى خاتا قاراشلارنى ئاغدۇرۇۋەتتىم؛ تولۇقلاشقا تېگىشلىك يەرلەرنى تولۇقلىدىم. بۇ ماقالەمنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز. ماقالەمدە نەزەرىيىۋى بايقاش جىق.
    مەن ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ھەيران بولۇپ ئېلىپ كەلگەن ماقالىسىنى بىر قۇر ۋاراقلىدىم. ئۇ كىشى ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ھېسسىياتى بويىچە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلغانىدى، نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى يوق ئىدى. قىزىق يېرى، ماقالە ئاپتورى دېگەن يېرىگە ئايالىنىڭ ئىسمىنى قېتىپ قويغانىدى. ماقالىنى ۋاراقلاپ چىققاندىن كېيىن بۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ يازغانلىرىغا مەست بولۇپ كەتكىنىنى، قاراشلىرىدا نەزەرىيىۋى تەپەككۇردىن ئەسەرمۇ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.
     ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى ئالدىراش ئىكەنلىكىمنى، ماقالىنى تەرجىمە قىلىشقا ۋاقتىم يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇ كىشىنى يولغا سالدىم. ئۇ كىشى كېتىش ئالدىدا ئېلخەت ئادرېسىمنى سورىدى، ئەدەپ يۈزىسىدىن ئېيتىپ بەردىم. ئويلىمىغان يەردىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئېلخەت ئادرېسىمغا ئۇ كىشىدىن بىر پارچە خەت كەلدى. ئېچىپ قارىسام، ھېلىقى ماقالىسىنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئەۋەتىپتۇ. ماقالىنى تەرجىمە شىركەتلىرىگە قىلدۇرغان بولسا كېرەك، جۈملىلەر ئىنگلىزچىگە سۆزمۇ سۆز ئۆرۈپ قويۇلغانىدى.
     
     «بىزنىڭ ئوي- پىكىرىمىزگە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىدۇ.» مېچىل فۇكاۋنىڭ بۇ گېپى بويىچە ئېيتىلغاندا، ھېلىقى كىشىنىڭ نەزەرىيىۋى بايان ۋە ئۆزىنىڭ ئەمگىكى ھەققىدىكى خاتا تونۇشىدا ئۆز قارىشىنى ھەممىنىڭكىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان ئىجتىمائىي ئاتموسفېرانىڭ ئىزناسى بار. بۇنداق ئىجتىمائىي ئاتموسفېرا بىر جەمئىيەتتە ماغزاپ بىلىم، ماغزاپ تەتقىقات بازار تاپقۇدەك ئىمكانىيەتكە ئېرىشكەندە، سۇبيېكتىپ ھېسسىيات بويىچە باشقىلارغا ئۆز قاراشلىرىنى تېڭىش خاھىشى ئىتائەتمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىنغاندا ئومۇملىشىدۇ. دۇنيا ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى يۈزلىنىشنى ۋە نەزەرىيىۋى ئەمگەكنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىلگىرىكى نەزەرىيىلەرنى ئاغدۇرىمەن دېيىش بىر خىل خام خىيال. لېكىن، نېمە ئۈچۈن خام خىيال تۈسىنى ئالغان بۇنداق كۆرەڭلىك، نەزەرىيىۋى تەربىيىلىنىشى يېتەرسىز تۇرۇپ قارىسىغا جۆيلۈيدىغان بۇنداق بىلەرمەنلىك بىزدە ھەيران قالارلىق ھادىسە سۈپىتىدە تونۇلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەردە كۆپىنچە ھاللاردا سۇبيېكتىپ ھېسسىيات بىلەن قارىسىغا ھۆكۈم، يۈزەكى خۇلاسە چىقىرىش خاھىشى يامراپ كېتىدۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا ئادەتلەنمىگەنلىكتىن، نەزەرىيىۋى تەربىيىلىنىشنىڭ يېتەرسىز بولۇشىدىن كېلىپ چىققان نەتىجە.
     
    (6)دىنىي چۈشەنچىلەر نەزەرىيە ئەمەس [پاكىت تەھلىلى]:
    2008- يىلى ئىزدىنىش تورىدا بىر مۇنچە تورداش «ئۇيغۇرلار پەلسەپىگە مۇھتاج» دېگەن تېمىدا بەس- مۇنازىرە قىلدى. مۇنازىرىنىڭ دەسلىپىدە پەلسەپە ئۆگىنىشنىڭ ئوبىيېكتىپ دۇنيانى تونۇش، ئۆزگەرتىشتە ئوينايدىغان رولى ھەققىدە ياخشى مۇھاكىمىلەر بولۇندى. مۇنازىرە يېرىملاشقاندا پەلسەپىنى «غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسى» دەپ چۈشىنىدىغان بىر يىگىت پەلسەپىۋى پىكىر ۋە پەلسەپىنىڭ رولىنى تەكىتلىگۈچىلەرگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇنىڭ ئاساسلانغان نۇقتىسى «ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنىدىكى بىلىملەر يېتىپ ئاشىدۇ؛ بىزگە پەلسەپىنىڭ، نەزەرىيىنىڭ كېرىكى يوق» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. ئۇ شۇ قارىشىدىن يانماي پەلسەپە ۋە پىكىرنىڭ رولىنى تەكىتلىگۈچىلەرگە «كاپىر، غەربنىڭ غالچىسى» دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئاخىرى مۇنازىرە كەيپىياتى قاتماللىشىپ، پەلسەپە ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگۈچىلەر بۇ مۇھاكىمىنىڭ ساغلام داۋاملىشىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ مۇنازىرىدىن چېكىندى. بۇ قېتىملىق مۇنازىرىمۇ ئۇيغۇر تورلىرىدا بولۇۋاتقان ئىلگىرىكى مۇنازىرىدەكلا دىنىي بىلىملەر بىلەن نەزەرىيىۋى بىلىمنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئاساسسىز ھالدا نەزەرىيىۋى پىكىرنى غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسى دەپ خاتا چۈشىنىۋېلىش خاھىشى ئەكىس ئەتتى.
    شۇنىسى روشەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر ئەمەس. رېئال تۇرمۇشتا مەلۇم بىر دىنغا ئېتقاد قىلىش شۇ ئېتقادنىڭ تەسىرىدە ئوبيېكتىپ دۇنيانى كۆزىتىش ناھايىتى نورمال ئىش. ئەمما، بۇ ھال نەزەرىيىۋى تەپەككۇر يېتىلدۈرۈش ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى چەتكە قاقمايدۇ. رېئال تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشىمىز، مەلۇم بىر پاكىت، تۈزۈلمە، ئىجتىمائىي مۇھىت ياكى سىياسەتنىڭ نېگىزلىك سەۋەبى، يىلتىزىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن ئەمەلىيەتتىن خۇلاسىلەنگەن ھەم ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. نەزەرىيەلەرنى دىنىي چۈشەنچىلەرگە قارشى قىلىپ قويۇش ياكى باراۋەر ئورۇنغا قويۇش توغرا ئەمەس.
     
     
    نەزەرىيەنىڭ رولى: نېمە ئۈچۈن نەزەرىيە ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟
     
    «ئىدىيەلەرنىڭ كۈچى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدىن نەچچە ھەسسە زور بولىدۇ. دۇنيانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە ئىدىيە سېستىمىسىدۇر. ئۆزىنى پىكىرىي تەلقىنلەردىن قاچۇرىدىغان ھېسابچى ئادەملەرمۇ ئەمەلىيەتتە سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قۇللىرىدۇر. بۇيرۇقۋاز بىيۇروكراتلارمۇ ئەمەلىيەتتە تالاي يىللار بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە كېچىكىپ ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ تەلۋىلىك خۇمارىنى بېسىۋاتقانلاردۇر.»[‪17‬] بۇــ ئىدىيىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان دۇنيادىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر مۇتەپپەكۇر جون مېيىنارد كېينىسنىڭ سۆزى. ئىدىيىلەرــ بىز بايىدىن بېرى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان نەزەرىيىنىڭ ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ خۇرۇچى، ئەمما ئىدىيىلەر نەزەرىيىگە تەڭ ئەمەس، ھۆكۈم تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھېكمەت خاراكتېرلىك بايانلارمۇ نەزەرىيىگە تەڭ ئەمەس. ھالبۇكى، ئىسلام دىنىنى نەزەرىيە دەپ تونۇش خاتالىقتىن خالىي بولغان بۇ دىننىڭ مۇقەددەسلىكىگە داغ چۈشۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
     ئىدىيىلەر شەيئى ۋە ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلەرنى، قائىدە- قانۇنىيەتلەرنى مەنتىقىلىق يوسۇندا سىستېمىلىق شەرھلەپ، ئەمەلىيەتتىن بارلىققا كېلەلىسە، ئىسپاتلاشتىن ئۆتسە ھەم يەنە قايتىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلالىسا ئاندىن نەزەرىيىگە ئايلىنالايدۇ. ئادەتتە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ جەمئىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى، تونۇشى ئۇلارنىڭ كۆزىتىشىدىن كېلىدۇ ۋە قاراشلىرىدا ئەكىس ئېتىدۇ. كۆپىنچە ئادەملەر جەمئىيەتنى بەك چۈشىنىمەن دەپ ئويلىغىنى بىلەن، جەمئىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ھېسسىي، بىر تەرەپلىمە بولىدۇ. سىستېمىلىق نەزەرىيە ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە، مۇناسىۋەتلىك ساھەگە تەدبىقلىيالىغان، نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ رولىنى ماھىيىتىدىن چۈشەنگەن كىشىلەرلا ھېسسىياتنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ، ئۆزى ۋە ئۆز قەۋمى دۇچ كېلىۋاتقان خرىسلارنى سەگەكلىك بىلەن تونۇيدۇ ھەم ئۆزى ياشاۋاتقان ئوبيېكتىپ دۇنيانى مەنتىقىلىق، ئىلمىي يوسۇندا چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. مەسىلەن، جەمئىيەت نەزەرىيىچىلىرى بىزنىڭ ئىجتىمائىي دۇنيانى كۆزىتىش، چۈشىنىش، شەرھلەش ۋە شۇ ئاساستا ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلىمىزنىڭ ھەم شۇ يوسۇندا قانداق ئادەم بولۇشىمىزنىڭ نېگىزلىك سەۋەبلىرىگە سېستىمىلىق جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدۇ.
     
    پەن نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگەندە، ھەرقانداق پەندىكى نۇقتىئىنەزەرلەر ۋە ئىلمىي نوپۇز رېئاللىقنى كۆزىتىشتىن كەلگەن پاكىتلار ئاساسىغا تىكلىنىدۇ. شۇڭا، «ئىلىم- بىلەن شۇغۇللىنىش رېئاللىقنىڭ تېپىشماقلىرىغا جاۋاب بېرىشتۇر» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ھەممىلا ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىقنى چۈشىنىمەن دېسىمۇ، ئەمما نېگىزلىك ماھىيەتنى ئىزدەيدىغىنى يەنىلا ئىلىم ۋە ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئاساس بولىدىغان ئىلمىي مېتودتۇر. پىكىرىي تەسەۋۋۇرنىڭ نەتىجىسى بولغان نەزەرىيە دەل مۇشۇ رېئاللىقنى ئەمەلىي مېتود بىلەن تونۇشتىكى مۇھىم قورالدۇر. نەزەرىيىسى بولمىسا، پەنمۇ بولمايدۇ. نەزەرىيە تەدبىقلىماي تۇرۇپ رېئاللىقتىكى تېپىشماقلارغا يىلتىزىدىن جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ.
    تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە ئېھتىياجى ئۈچۈن بارلىققا كەلگىنىگە ئوخشاش نەزەرىيىلەرمۇ كىشىلەر دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈل ئەھۋاللارنى، مەۋجۇدىيەتلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بارلىققا كېلىدۇ. ئەمما، بىز نەزەرىيىنى بارلىققا كەلتۈرۈش داۋامىدا ئەڭ قىيىن بولغىنى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى نېگىزىدىن شەرھلەشتۇر. ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا، نەزەرىيە ئىشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشۇ يوسۇندا بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلمىي يوسۇندا شەرھلەيدىغان، بىر- بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان پاكىتلىق پەرەزلەردۇر.
    رېئال تۇرمۇشنىڭ ئۆركەشلىرىدە نەزەرىيىنىڭ رولىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. فىزىكىلىق ئالەمنىڭ مەنبەسى، بىئولوگىيىلىك تۈرلەرنىڭ تارىخى، ھاياتنىڭ مەقسىتى، بەختكە ۋە پەزىلەتلىك ھاياتقا باشلايدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ مىزانى قاتارلىق چوڭ تېمىلاردىن تارتىپ تاماقنى قانداق ئېتىش، تىجارەتنى قانداق قىلىشتەك ئىشلارغىچە نەزەرىيە ئۆزىنىڭ رولىنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي مەۋۇجۇدلۇقىمىزدا ھامان بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان نەزەرىيىلەر بولىدۇ.
     
     مەسىلەن، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرىتىپ ياكى ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، قىتىغۇرلۇق قىلىش، ئىجتىمائىي بىنورماللىقنىڭ يامرىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى ئادەتلەنگەن تونۇشىمىز بىلەن ئەمەس، مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەرنىڭ ياردىمىدە چۈشىنىپ باقايلى. ئاۋۋال بىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئۈچ خىل شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇنداق بىر قانچە مىسالغان نەزەرىمىزنى ئاغدۇرايلى: جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى شائىرى چۈ يۈەن چىيۇ بەگلىكى دەۋرىدە ۋەتىنىنى ياتلار بېسىۋالسا ۋەتەنداشلىرىنىڭ پەرۋا قىلمىغانلىقىغا ھەسرەتلىنىپ ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلۈۋالىدۇ. 1968- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپون يازغۇچىسى كاۋاباتا ياسۇنارى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياپونىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئوڭشالماسلىقىدىن ھەسرەتلىنىپ، ئۆزىنى ۋەتىنى ئۈچۈن ھېچئىش قىلىپ بېرەلمىگەندەك ھېس قىلىپ، 1971- يىلى گاز تۇرۇببىسىنى بۇرنىغا تىقىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان «بۆرىلەر ئۇۋىسى ئىراق» دا ئايال قەھرىمان ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كاتتىبېشىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بەدىنىگە بومبا تېڭىپ بارىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن يەنە بىر يىگىتنىڭ ئۆزىنى پارتلىتىشى بىلەن لەيلى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. 2009- يىلى 4- ئايدا «بەرقى» تورىدا ئاشكارىلانغان بىر خەۋەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. بۇ كىشىلەر نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ؟ كاۋاباتا ياسۇنارى، چۈ يۈەن، فىلىمدىكى ھېلىقى يىگىت، بىنادىن سەكرىگەن ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆلۈش ئۇسۇلىدىكى پەرق ۋە ئوخشىماسلىق مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەردە قانداق شەرھلىنىدۇ؟
     
    كىشىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلار توغرۇلۇق«ساراڭكەن، نېرۋىسىدا چاتاق باركەن» دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، بۇنداق قاراش تۈرلۈك ئۆلۈۋېلىش ھادىسىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. فرانسىيە مۇتەپپەككۇرى، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىگە ئاساس سالغان ئۈچ مۇتەپەككۇرنىڭ بىرى بولغان ئېمىل دۇركىم(‪Emile Durkheim,1858-1914‬) ئۆلۈۋېلىش ھادىسىسى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى سېستىمىسىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە: «ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئۈچ خىل تۈرى بار: قېيداپ ئۆلۈۋېلىش، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش، ئۆزى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش قاتارلىقلار.»[18] قېيداپ ئۆلۈۋېلىش(‪anomie suicide,失范式自杀‬) جەمئىيەتتىكى ھادىسىلەردىن ئىچى پۇشۇپ، ئىجتىمائىي مىزانلارنىڭ جەمئىيەت مىقىياسىدا دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىغا نارازى بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسىدۇر. كاۋاباتا ياسۇنارى ۋە چۈ يۈەننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. ئېمىل دۇركىمنىڭ نەزەرىيىسى بويىچە قارىغاندا، كىشىلەر ئوخشاشلا ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپ ۋە كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈنمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن. بۇ ھادىسە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش(‪利他性自杀,altruistic suicide‬)دەپ ئاتىلىدۇ. «بۆرىلەر ئۇۋىسى ئىراق» فىلىمىدىكى ھېلىقى يىگىتنىڭ ئۆلۈۋېلىشى دەل‪ ‬مۇشۇ خىل تۈرگە كىرىدۇ. بۇ خىل ئۆلۈۋېلىش ھادىسىسىگە كۆپىنچە ئۆز قەۋمىنىڭ غورۇرىنى قوغداش ئورۇنۇشى سەۋەب بولىدۇ. ھېلىقى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى«ئۆزى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش»(‪个人主义自杀egoistic suiside,‬)ھادىسىسىدۇر. يەنى بىر ئادەم ئۆز ئىستىقبالىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندە ياكى جەمئىيەت ئۇنى سىغدۇرمىغاندا، ئۆزىنىڭ نىشانىغا مۇئەييەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئىچىدە يېتىشكە ئامالسىز قالغاندا ئۆلۈۋېلىشى مۇمكىن.
     بىر ئادەمنىڭ قىتىغۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگىنىمىزدە بىز ئادەتلەنگەن تونۇشىمىز بويىچە «تەربىيلىنىشى ناچار، ھەسەتخور ئىكەن» دەپلا تۈگىتىمىز. ئەمما، جەمئىيەت نەزەرىيىچىلىرى بۇ ھادىسىنى ئۇنداق ئاددىي چۈشەنمەيدۇ. يەنى، جەمئىيەت پسىخولوگىيىسىدىكى «ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىتىغۇرلۇق نەزەرىيىسى» بويىچە چۈشەندۈرگەندە، «بىر ئادەم ئوقۇشسىزلىققا ئۇچراپ مەقسىدىگە يېتەلمىگەندە قىتىغورلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئەتراپىدىكى ئاجىزلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللايدۇ.»[‪19‬] ئىدارىدە بىر قېتىملىق ئۆسۈش پۇرسىتىدىن قالغان بىر ئەرنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئاچچىقىنى ئايالى ۋە بالىلىرىدىن چىقىرىشى، بەزى تور قۇرتلىرىنىڭ توردا مەخسۇس زەھەرلىك، قىتىغۇر ئىنكاس يېزىشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىندۇر. تۇرمۇشىدا غالىپ ياشاۋاتقان بىر كىشىنىڭ ئەرزىمەس بىر ئىش ئۈچۈن باشقىلارغا ئاچچىقلىنىشقا، ھۇجۇم قىلىپ سېسىتىشقا قانداق بېتى كۆتۈرسۇن؟
     ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە توي- تۆكۈنلەردىكى ئىسراپچىلىق، ۋاقىتقا ئېتىبار قىلماسلىق ۋە ھاراقنىڭ زىيىنى ھەققىدىكى قاقشاش سادالىرىنى تولا ئاڭلاپ تۇرىمىز. لېكىن، نېمە ئۈچۈن بۇ ھادىسىلەر تۈگىمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھەممە ئادەمنىڭ يىرگەنگىنىگە قارىماي ئىپپەت سودىسى يىلدىن يىلىغا ئەۋج ئالىدۇ؟ ئادەتلەنگەن تونۇشىمىز بىلەن بۇ ھادىسىلەرگە :«ھەي، جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى» دېگەندەك قاراشلار بىلەن باھا بېرىمىز. ئەمما، جەمئىيەت نەزەرىيىچىلىرى بۇ ھادىسىگە بۇنداق ئاددىي قارىمايدۇ. ئەنگلىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئانتونى گىددىنىس(‪Anthony Giddens,1938-‬) نىڭ قارىشىچە، «چىركىن ئىجتىمائىي مۇھىت بارلىق تاپتىن چىقىش ھادىسىلىرىنىڭ پارنىكى.»[‪20‬] گېرمانىيە جەمئىيەتشۇناسى ماكس ۋېبىرنىڭ قارىشىچە، «ئادەملەر ھەر خىل شۇئارلارنى توۋلايدۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ھەۋەس ئېھتىياجى بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىدە ھەمىشە ئىقتىساد ئامىلى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.»[21]
     
    بىر نەزەرىيىنىڭ قىممىتىنىڭ بار- يوقلۇقى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە، شەيئىلەرگە نىسبەتەن دەللىكنىڭ، ئىزاھلاش كۈچىنىڭ بار- يوقلۇقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھەرقانداق پەندىكى ئىلمىي نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ يادروسى- مۇناسىۋەتلىك باغلىنىشلارنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بېرىدىغان نەزەرىيە تۇرغۇزۇشتۇر. ئەمما، نەزەرىيىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، مۇقىم فورمۇلا دەپ چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. نەزەرىيە ئىنسانلارنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئىجادىي ئويلىنىشىنىڭ مەھسۇلى. مەسىلەن، ئېينىشتىيىننىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» فىزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق نەزەرىيە سىستىمىسى دەپ قارىلاتتى. 1980- يىلنىڭ ئاخىرىدا كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېيىپ پروفېسسورى ستېفېن خاۋكىڭ(‪Stephen Howking,1942-‬) نىڭ «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر نەزەرىيىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى نۇرغۇن قاراشلار ئاغدۇرۇلدى، يېتەرسىزلىكلەر تولۇقلاندى. ئىجادچان كىشىلەر تۈرلۈك ئېھتىياجلارغا ئاساسەن نەزەرىيىلەرنى ئىختىرا قىلىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىغاندا بەزى نەزەرىيىلەر دەل چۈشۈشى، يەنە بەزى نەزەرىيىلەر ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.
     
    ئىجتىمائىي پەندىكى نەزەرىيىلەر كۆپىنچە ئىنسان ھەرىكىتى ھەققىدىكى ماھىيەتلىك قىياسلاردىن بارلىققا كېلىدۇ. ئالايلۇق، «ئەقلىي ھەرىكەت ئىگىسى نەزەرىيىسى»(‪Rational Actor‬) دە، شەخسلەرنىڭ، تەشكىلاتلارنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزەرلەر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، بىز ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ زۇڭتۇڭىنى سايلىشىنى مۇشۇ نەزەرىيە بويىچە چۈشەندۈرسەك، سايلىغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا خىيالىدىكى زۇڭتۇڭ نامزاتىغا بېلەت تاشلايدۇ. پسىخولوگىيىلىك نەزەرىيىلەردە بولسا سايلىغۇچىلارنىڭ مەلۇم سىياسىي پارتىيىگە قارىتا پەيدا بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ھېسسىياتى ئۇلارنىڭ سايلامدىكى قارار بەلگىلەيدىغانلىقى، ئائىلىۋى رىشتە ئارقىلىق مۇئەييەن بىر پارتىيىگە باغلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلىنىدۇ. بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا بىز تېخىمۇ دادىللىق بىلەن سايلىغۇچىلارنىڭ سايلامدا ئاتا- ئانىسىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسى بويىچە ئىش كۆرىدىغانلىقىنى ۋە نەچچە يىل داۋامىدا ئوخشاش بىر پارتىيىگە بىلەت تاشلايدىغانلىقىنى قىياس قىلالايمىز.
     
     يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، نەزەرىيىنىڭ رولى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: بىرىنچىدىن، نەزەرىيە بىزنى مەلۇم ئىجتىمائىي ھادىسە، مەلۇم ۋەقە، مەلۇم ئۇچۇرلارنى ئىزاھلىشىمىز ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، نەزەرىيە مەلۇم بىر خىل تەتقىقاتنى يەنە بىر خىل تەتقىقات بىلەن باغلايدۇ. ئۈچىنچىدىن، نەزەرىيە تىكلەپ بەرگەن مودېللارنىڭ ياردىمىدە ئۇقۇملار، مەلۇم ھادىسىدىكى نۇقتىلىق ئامىللارنى ماھىيىتىدىن چۈشەنگىلى بولىدۇ. تۆتىنچىدىن، نەزەرىيە بىزنى ئۆزىمىز ۋە باشقىلار ھەققىدە بايقىغانلىرىمىزنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھەممە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئابستراكىتلىقى، قىيىنلىق دەرىجىسى كۈچلۈك نەزەرىيىلەرگە باغلىنىشى ناتايىن. مەسىلەن، تارىختا ناھايىتى سىستېمىلىق نەزەرىيىلەرنىڭ بولماسلىقى بۇ پەننىڭ ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئېنىقكى، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، مەسىلىلەر بىزنىڭ سىستېمىلىق تەتقىقات يۈرگۈزۈشىمىزنى كۈتىدۇ. سىستېمىلىق تەتقىقات تەبئىي ھالدا نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
     
     
    نەزەرىيە ۋە تەتقىقات
     
     نەزەرىيە ئىلمىي تەتقىقات داۋامىدا بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزنىڭ، پىكىر يولىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ ۋە تەتقىقات نەتىجىسى ۋە ئۆزى ئاساسلانغان قىياس ئاساسىدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى ھەققىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتتا «جەمئىيەتتىن ئۆگىنىش نەزەرىيىسى»(‪Social Learning Theory,社会学习论‬)ــ ھەرىكەت نەزەرىيىسى ئاساسىدا راۋاجلانغان، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ دوراش، تارتۇقلاش، جازالاش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇسۇللارنىڭ تەسىرىدە باشقىلارنىڭ ھەرىكەت مودېللىرىنى ئۆگىنىۋېلىش جەريانىنى تەكىتلەيدىغان نەزەرىيەدۇر[‪22‬]. ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ: بۇ خىل نەزەرىيىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم قىتىغورلۇقنى كۆرۈۋەرسە ئۆزىمۇ قىتىغورلۇقنى ئۆگىنىۋالىدۇ. سەۋەبى، ئۇ ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئاشۇنداق قىتىغورلۇقنى سىغدۇرۇپ كېتىدىغان روھىي ھالەت ياكى بەلگىلەر يىلتىز تارتقان بولىدۇ.
    ئەگەر تەتقىقات نەتىجىسىدە «قىتىغۇرلۇق ــ شۇ خىلدىكى ھەرىكەت مودېلىنىڭ تەسىرىدە ئەۋج ئالىدۇ» دېگەن قىياس ئىسپاتلانسا، ئۇنداقتا جەمئىيەتتىن ئۆگىنىش نەزەرىيىسىگە يەنە بىر پاكىتلىق يەكۈننىڭ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىنىڭ نەرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسپاتلانغان يېڭى بىلىم شۇ نەزەرىيىنىڭ شەكلىنى ۋە ئىنسان ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەرىپىنى يېڭىلايدۇ ياكى ئۆزگەرتىدۇ. بەزىدە تەتقىقات نەتىجىسىدە مەلۇم بىر خىل نەزەرىيە ھەققىدە يېڭى سوئال تۇغۇلۇشمۇ ۋە ئاخىرى بېرىپ شۇ خىل نەزەرىيىنىڭ بېيىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
     
    نەزەرىيۋى پىكىرنىڭ ئىككى تۈرلۈك لوگىكىلىق ئۇسۇلى
     
    نەزەرىيىۋى تەپەككۇر يۈرگۈزۈش داۋامىدا مەلۇم مەسىلە ھەققىدە ئىلمىي، پاكىتلىق خۇلاسە چىقىرىشنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئۇسۇلى بار. بۇنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھان بېرىش تەسىراتىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ باقايلى. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالى ياخشى بولسىمۇ ئىمتىھاندا رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايدۇ. سىزنى شۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى دەپ قارىساق، سىز ئاۋۋال بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىنىپ، ئۆزىڭىز بەرگەن بارلىق ئىمتىھانلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىڭىز ۋە ھەربىر ئىمتىھاندا ئىپادىڭىزنىڭ قانداق بولغانلىقى توغرۇلۇق ئويلاندىڭىز. ئاندىن ياخشى بەرگەن، ناچار بەرگەن ئىمتىھانلىرىڭىزنى ئەسلەپ چىقتىڭىز. ئىپادىڭىز مۇھاكىمە سوئاللىرىدا ياخشى بولدىمۇ كۆپ تاللاش سوئاللىرىدىمۇ؟ تەبئىي پەندىكى ئىمتىھانلاردىمۇ ياكى ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھانلىرىدىمۇ؟ ئۆزىڭىز يالغۇز ئۆگىنىش قىلىپ ياكى باشقىلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگەن چاغلىرىڭىزنىڭ قايسىسىدا نەتىجىڭىز ياخشى بولدى؟ سىز بۇ توغرىسىدا ئۇزۇن مۇددەت ئويلانغاندىن كېيىن باشقىلار بىلەن بىللە ئۆگەنگەن چاغلىرىڭىزدا ئىمتىھان نەتىجىڭىزنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىڭىز. بۇنداق پىكىر قىلىش جەريانى يىغما مەنتىق(‪induction,归纳法‬) دېيىلىدۇ. يەنى بۇ- نەزەرىيە تۇرغۇزۇش داۋامىدا مەلۇم مىساللار توپىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇملۇققا ئىگە يەكۈننى چىقىرىدىغان لوگىكىلىق ئۇسۇلدۇر. تەجرىبە قىلىش- دەل يىغما مەنتىق ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئايرىم تۈرلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئومۇملۇققا ئىگە يەكۈن خۇلاسىلىنىدۇ.
     
    ئىمتىھان ھەققىدىكى تەسىراتىڭىزدىن خۇلاسە چىقىرىشنىڭ يەنە باشقا بىر تۈرلۈك ئۇسۇلىمۇ بار. مەسىلەن، سىز ئىمتىھاننى ياخشى بېرىش ئۈچۈن دەرسخانىدا قالدۇرغان كونسىپىكلارغا قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلىش، قانچىلىك مەزمۇنلارنى تەكرار قىلىش ھەققىدە باش قاتۇردىڭىز. بىردەم يازغان خاتىرىلىرىڭىزنى رەتلەپ چىقماقچى بولدىڭىز، يەنە بىردەم باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تەكرار قىلماقچى بولدىڭىز. ھەر بىر ئۇسۇلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى خىيال ئىكرانىڭىزدىن ئۆتتى. تۇرۇپلا باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆگەنگەندە ئۆگىنىپ بولغان مەزمۇنلارغا جىق كۈچ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىدىڭىز، يەنە تۇرۇپ مەزمۇنلارنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بەرگەندە ئەستە مەھكەم ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىز. ئۇيان ئويلاپ- بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى باشقىلار بىلەن بىللە ئۆگەنسىڭىز ياخشى بولىدىغانلىقىنى لوگىكىلىق يوسۇندا تونۇپ يەتتىڭىز. ئاخىرى ئېھتىيات ئۈچۈن بىر قىسىم ئىمتىھانلىرىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىز يالغۇز ئۆگىنىش قىلدىڭىز، يەنە بىر قىسىم ئىمتىھانلىرىڭىزغا باشقىلار بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق تاقابىل تۇردىڭىز. ئومۇمىيلىقتىن ئايرىم تۈرگە ئۆتىدىغان بۇنداق پىكىر قىلىش جەريانى چاچما مەنتىق(‪演泽法,deduction‬) دېيىلىدۇ. بۇ خىلدىكى لوگىكىلىق پىكىر قىلىش جەريانىدا ئومۇمىي پىرىنسىپلار ھەققىدىكى قىياسلاردىن ئايرىم تۈرلەر ھەققىدىكى ئىزاھات تېپىپ چىقىلىدۇ. ئىلمىي ئىزدىنىش داۋامىدا چاچما مەنتىق ۋە پەۋقۇلئاددە قانۇنىيەت تېپىپ چىقىلىدۇ. ئومۇمەن، چاچما مەنتىقىلىق پىكىر قىلىش «نېمىشقا . . .» دېگەن سوئالدىن باشلىنىپ، «...مۇ-ئەمەسمۇ؟»غا تۇتىشىدۇ. يىغما مەنتىقىلىق پىكىر قىلىش دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە،‪ ‬«...مۇ، ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئالدىن باشلىنىپ، «نېمىشقا؟» دا ئاخىرىلىشىدۇ. چاچما مەنتىقە پىكىر قىلغۇچى ئومۇمىي قائىدە- قانۇنىيەتلەرنى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا ياكى ئايرىم تۈرلەرگە تەدبىقلايدۇ؛ يىغما مەنتىقە بولسا پىكىر قىلغۇچى توپلانغان خام ماتېرىياللارنى، مىساللارنى تەھلىل ئارقىلىق ئومۇمىيلىققا ئىگە خۇلاسە چىقىرىلىدۇ.
    بىر مىسال ئالايلى: ‪.A‬ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ؛ ‪B‬. نەسىردىن ئەپەندى بىر ئادەم؛ ‪C‬. شۇڭا نەسىردىن ئەپەندىمۇ ئۆلگەن. بۇ ھۆكۈمنى دەلىللىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سىز نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە پاكىت كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. بۇ خىل مەنتىق يىغما مەنتىقتۇر. چاچما مەنتىقە بولسا نەسىردىن ئەپەندىگە ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ مىسالىنى توپلاپ، ئاندىن«ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ»دېگەن ھۆكۈمگە ئېرىشىسىز. قىسقىسى، چاچما مەنتىق جەريانىدا ، تەتقىقات نەزەرىيەنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلسا، يىغما مەنتىق جەريانىدا ئەمەلىي پاكىت مىساللارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق نەزەرىيە تۇرغۇزۇلىدۇ.
     
    ‪‬
    ئىجتىمائىي پەن‪ ‬ئادەتلەنگەن تونۇش‪ ‬ۋە نەزەرىيۋىى تەپەككۇر
     
    ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھەققىدىكى تەھلىل ۋە چۈشەنچىلەرنى ئاساس قىلىدىغان ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە، مېتودولوگىيە ۋە تۈزۈلمە ئاساسى قاتارلىق نۇقتىلاردىن تەبئىي پەنلەردىن پەرقلىنىدۇ. ئىجتىمائىي پەننىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تەتقىقات دائىرىسى مەلۇم ساھەدىكى مەلۇم ھادىسە ھەققىدە كۆپ قىرلىق تەتقىقاتنىڭ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى ماكرو جەھەتتىن ئىجتىمائىي قاتلام قاتارلىقلاردىن تارتىپ مىكرو جەھەتتىن پاراڭ شەكلى قاتارلىق نۇقتىلارغىچە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بەزى ئىجتىمائىي پەنلەر مەلۇم ساھەدىكى قىزىقىش بويىچە شەكىللەنگەن بولسا (مەسىلەن، ئىقتىسادشۇناسلىق، سىياسىيشۇناسلىق)، يەنە بەزى پەنلەر تەتقىقات مېتودى بويىچە باشقا پەنلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ(مەسىلەن، جەمئىيەتشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەر).
     
    19- ئەسىردىن باشلاپ دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە تېخىمۇ ئىنچىكە تۈرلەر بارلىققا كېلىشكە باشلىدى ۋە بارغانچە كېسىشمە پەنلەر تەتقىقاتى مودا بولۇشقا باشلىدى. ۋەھالەنكى، نۇرغۇن ئىجتىمائىي پەنچىلەرنىڭ كەسپىي ساھەسى، نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيىلىنىشى ھەرخىل بولۇش سەۋەبلىك، بۇ ساھەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدىكى ئۆلچەممۇ ھەر خىل بولۇپ كەلدى.
     
    ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ چەك – چېگرىسىنى ئېنىڭ ئايرىش بەك تەس. بىر تەرەپتىن نۇرغۇن ئىجتىمائىي پەنلەر بىر – بىرى بىلەن كىرىشىپ كېتىدۇ. بەزى يەرلەردە ئادەمىيەت پەنلىرىمۇ ئىجتىمائىيەت پەنلىرى دائىرىسىگە قېتىۋېتىلىدۇ ( مەسىلە، جڭگو قاتارلىق دژلەتلەردە). يەنە بىر تەرەپتىن تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىش بىلەن تەبئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەن ئارىسىدا بىر- بىرىگە كىرىشىپ كېتىدىغان ، بىر – بىرىدىن سەۋەب ئىزدەيدىغان يۈزلىنىش ئومۇملىشىشقا باشلىدى.
     
    ئىجتىمائىي پەن كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ ۋە نۇرغۇن ئادەتلەنگەن تونۇشقا ، ئاۋام ھەقىقەت دەپ تونۇۋالغان نۇقتىلارغا سوئال تاشلايدۇ. ئەمما ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ يۈزەكى خۇلاسىلىرىگە ، ھۆكۈملىرىگە رەھىمسىز بولماسلىقى سەۋەبلىك ھەمىشە خاتا تونۇشلار، ناتوغرا تەتقىقات نەتىجىلىرى يىلتىز تارتىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. گەرچە ئىجتىمائىي پەنلەردە بۇ خىلدىكى قىسمەن خاتالىقلار يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ خاتا تونۇشلىرىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئادەملەر ھەققىدىكى ئاساسسىز قىياسلارنى ئاغدۇرۇش، رېئاللىقنى مۇمكىنقەدەر ئوبىيېكتىپ يوسۇندا شەرھلەش ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
     
    ئىجتىمائىي پەندە قارىسىغا ھۆكۈم چىقارماسلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ. كىشىلەر ئادەتلەنگەن تونۇشى بىلەن باشقىلاردىكى ئۆزى ياقمىغان تەرەپلەرنى خاتا تەرىپلەيدۇ، ئۆزىنىڭكىگە ئوخشايدىغان تەرەپلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. مەسىلەن ، بىر توپ ئادەمنى ھورۇنغا چىقېرىۋېتىش ئادەتلەنگەن تونۇشنىڭ نەتىجىسى؛ يەنە بىر توپ كىشىلەرگە قارا – قويۇق باھا بېرىش ئادەتلەنگەن تونۇش ۋە قاتمال تەسىراتنىڭ نەتىجىسى. ئادەتلەنگەن تونۇش ۋە قاتمال تەسىرات ئادەمنى ئوبيېكتىپ دۇنيانى رېئال يوسۇندا كۆزىتىدىغان كۆزىدىن ئايرىپ بىخۇدلاشتۇرىدۇ. شۇڭا ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئاۋامنىڭ پىكىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە قاتمال تەسىراتىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. باشقىلار ھەققىدە خلاسە چىقىرىشقا ئالدىراشمۇ ۋە باشقىلارنى چۈشىنىشكە خالىماسلىقمۇ ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تەتقىقات نىشانى ئىچىدە.
    بۇ دېگەنلىك كىشىلەر ئوبىيېكتىپ شەيئىلەر ھەققىدە خۇلاسە چىقارمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس. خۇلاسە ئىلمىي پاكىت ۋە تەكشۈرۈش ئاساسىدا بولۇشى كېرەك. باشقىلار ھەققىدىكى باھايىمىز ئادەتلەنگەن تونۇش، قاتمال تەسىراتلار ئاساسىدا ئەمەس، ئەمەلىي تەتقىقات نەتىجىسى ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك. مىللەتچىلەر، ھاكاۋۇر ئېرىقچىلار ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئادەتلەنگەن تونۇشىنىڭ ۋە قاتمالى تەسىراتىنىڭ قۇللىرىدۇر. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بىر ئىلىم تەتقىقاتچىسى قارا – قويۇق ھۆكۈم، بىر تەرەپلىمە خلاسە چىقىرىشقا ئالدىرىماسلىقى كېرەك.
     
    ئىجتىمائىي پەندە ، مۇتلەپ تونۇشلار ۋە چەك – چېگرىسى ئېنىق ئايرىلغان كاتېگورىيىلەر بولمايدۇ. بىز ئۇقۇملار، ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، ئوبىيېكتىپ رېئاللىق ھەققىدە خلاسە چىقارغىنىمىزدا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك. بىر قېتىملىق تەتقىقات خۇلاسىسىدىن چىققان بايان مۇمكىنچىلىك شەكلىدە ئېيتىلىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ مۇتلەقلەشتۈرۈلمەسلىكى كېرەك. مەسىلەن، خروئىن چېكىش ھادىسىسىنى مىسالغا ئالايلى. بۇ ھەقتە ئادەتلەنگەن تونۇش ۋە ھېسسىي چۈشەنچە بويىچە «ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا خىروئىن چېكىش ئەۋج ئالدى» دەپ ئېيتىش مۇمكىن. ئەمما بۇ مۇمكىنلەشتۈرىۋەتكەنلىك ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا بىر تەرەپلىمە خۇلاسىگە ئېلىپ بارىدىغان بۇنداق ھۆكۈم قارشى ئېلىنمايدۇ. بىز بۇ ھەقتە ئەمەلىي پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارىسىدا قانچە پىرسەنت كىشىنىڭ خىروئىن چېكىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىنغان سان، دەلىل ، ئىسپاتلار ئارقىلىق ئۋنىق ئېيتىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سېلىشقا ، تامچىدىن دېڭىزنى كۆرۈشكە ئالدىرايدىغان يەڭگىلتەكلىكتىن ساقلىنىش لازىم. بىز «ئۇيغۇر ياشلىرى بۇزۇلۇپ كەتتى»،«ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى كىرزىسكە يۈزلەندى»،«ئۇيغۇر مەۋجۇدىيىتى خرىس ئىچىدە»دېگەندەك ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا تاشلاشتىن بۇرۇن ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىز، ئوبىيېكتىپ پاكىتلارنى توپلىشىمىز لازىم. بەزى ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ئېھتىماللىق قالدۇرۇلىشى لازىم. نىكاھتىن ئاجرىشىش مەسىلىسى ھەققىدە ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولساق، ئۇنى«مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلاردا نىكاھتىن ئاجرىشىش ھادىسىسى ئەۋج ئالدى» دەپ ئېيتقاندىن كۆرە «نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى ھازىرىقىدەك تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بارىدىغان بولسا ، توي قىلغان مانچە پىرسەنت ئادەمنىڭ مانچە پىرسەنتى نىكاھتىن ئاجرىشىش مۇمكىن» دېگەندەك ئېيتىشىمىز ۋە بۇنىڭغا دەلىل كۆرسىتىشىمىز زۆرۈر. بۇنىڭدا ھۆكۈمنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
     
    نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىنىڭ جېنى بولسا، نەزىرىيە _ نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ كاتالىزاتورى. نەزەرىيە ئۆگەنمەي تۇرۇپ نەزەرىيۋى تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى ۋە چوڭقۇر پىكىر قىلىشقا كۆنگىلى بولمايدۇ؛ نەزەرىيۋى ئاسا تۇرغۇزماي تۇرۇپ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىنى چىن مەنىسى بىلەن قىلغىلى بولمايدۇ. شۇ ساھەدىكى ئېتراپ قىلىنغان نەزەرىيىەرنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ قىلىنغان تەتقىقات ھەقىقىي تەتقىقات ئەمەس؛ نەزەرىيۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلمىگەن پىكىر ھەقىقىي پىكىر ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ زىيالىلىرى نەزەرىيۋى تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ساھەسىدىكى نەزەرىيىلەرنى بېرىلىپ ئۆگىنىشى كېرەك.
     
     
     
     
    ئىزاھلار:
    _________________________________
    ‪‬
     
    1. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن، « ﻣﯩﻠﻠﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﯟﻯﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ» ،«ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ» نىڭ 1993- ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 29‪- ‬ﺋﯩﻴﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ
    2. بېتراند روسسېل، «بېتراند رۇسسېلنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى»، 1961-يىل، لوندون: جورج ئاللېن-ئانۋېن نەشرىياتى
    3. لى جيېلى، " غەرب ئادەميات-ئىجتىمائىيەت پەنلىرىدىكى يېڭى يۈزلىنىش :جەمئيەتشۇناسلىق:"
    李捷理,社会学(西方人文社科前沿述评), 中国人民大学出版社, 2007。
    4. -، 6-، 7-، 8 كېننېس ئاللان، «جەمئىيەت ۋە جەمئىيتەشۇناسلىق نەزەريىسى"،
    Kenneth Allan. 2010. The Social Lens: An Invitation to Social and Sociological Theory. Pine Forge Press.
    ‪. ‬5. روبېرت مېرتون. 1957- يىل. «جەمئىيەت نەزەرىيىسى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلما»
    Robert Merton. 1957. Social Theory and Social structure. New York: Free Press.‫"،‬
    9.‪, 10‬ جوناتان تۇرنېر، «جەمئيەتشۇناسلىق نەزەريىسىنىڭ قۇرۇلمىسى"
    Jonathan Turner. 2003. The Structure of Sociological Theories (7th edition), Pearson Education
    ‪11.‬ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى( قىسقارتلىما نۇسخسى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999 -يىل نەشرى، 1104- بەت.
    12. «ئۆزبېكستان مىللىي ئىنسكلوپېديىسى»، 2003- يىل نەشرى، 6- توم، 242- بەت.
    13.«ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى»، شاڭۋۇ نەشرىياتى، 2000-يىل نەشرى، 774- بەت.
    ‪14 ‬. «قىسقىچە ئىجتىمائىي پەن لۇغىتى» ، 1982-يىل نەشرى
    简明社会科学词典. 1982.《简明社会科学词典》编辑委员会编. 
出版社:上海辞书出版社
    15. لاڭمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئېنگلىزچە- خەنزۇچە سېلشىتۇرما ئىزاھلىق لۇغىتى» ، 2005-يىل نەشرى
    朗文当代高级英语辞典(英英·英汉双解)(新版), 北京
    16. مېچېل فۇكو، «ھوقۇق- بىلىم مۇناسىۋىتى»، 2010- يىل
    Miachel Foucault. 2010. Power-Knowledge Relations. Pine Forge Press
    ‪17 ‬. رۇس ۋاللېس، ئاللسون ۋۇلف. «ھازىرقى زامان جەمئيەتشۇناسلىق نەزەريىسى»
    Ruth Wallace, Allison Wolf. 2009. Contemporary Sociological Theory. Prentice Hall
    ‪18‬. ئېمىل دۇركايىم،«ئۆلۈۋېلىش»، 1997- يىل
    Emile Durkheim. 1997. Suicide. Free Press.
    19-، 22-. دېلەمەتېر ۋە مايېرس، «جەمئىيەت پىسخولوگيىسى»
     Delamater and Myers.2007. Social Psychology. Pearson Education
    20. ئانتونى گىددېنس، «جەمئىيەتشۇناسلىق»
    .Anthony Giddens. 2004. Sociology(4th edition), Cambridge: Polity Press
    21. ماكىس ۋېبېر، «جەمئيەتشۇناسلىق ماقالىلىردىن»
    Max Weber. 1958: From Max Weber: Essays in Sociology
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.