كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خاراكتىر يىتىلدۈرۈڭ

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-24 18:14:41

كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خاراكتىر يىتىلدۈرۈڭكىشىلىك ھاياتتىكى گۈزەللىك ئىنسانىي ھاياتنىڭ گۈزەللىكىدە، ئىنسانىي ھىسىياتنىڭ گۈزەللىكى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ گۈزەللىكىدە بولىدۇ، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ...



    كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خاراكتىر يىتىلدۈرۈڭ

    كىشىلىك ھاياتتىكى گۈزەللىك ئىنسانىي ھاياتنىڭ گۈزەللىكىدە، ئىنسانىي ھىسىياتنىڭ گۈزەللىكى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ گۈزەللىكىدە بولىدۇ، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ گۈزەللىكى ئادىمىيلىك خاراكتېرىدە بولىدۇ.

    باشقىلارنى يېنىڭىزغا جەلىپ قىلىڭ، لىكىن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىز باشقىلارنىڭ يېنىغا«جەلىپ» قىلىنىڭ.

    1. ئادىمىيلىك خاراكتېر دېگەن نېمە؟

    كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئادىمىيلىك خاراكتېر دېگەن نېمە؟

    ئەلۋەتتە، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدىغان خاراكتېردۇر. بىراق، خاراكتېرنىڭ كىشىلەرنى جەلىپ قىلىشقا نېمە تۈرتكە بولىدۇ؟ بۇيەردە ئۇنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى قېزىپ باقايلى. سىزنىڭ ئادىمىيلىك خاراكتېرىڭىز-ئالاھىدىلىكىڭىز بىلەن تاشقى قىياپىتىڭىزنىڭ يىغىندىسى. يەنى سىزنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرىڭىز، كىيگەن كىيمىڭىز، تەق-تۇرقىڭىز، گەپ-سۆزىڭىز، ئىدىيىڭىز ۋە بۇ ئىدىيىدىن ھاسىل بولغان پەزىلىتىڭىز قاتارلىقلار ئادىمىيلىك خاراكتىرىڭىزنىڭ ھاسىل قىلىدۇ.
    خاراكتىرىڭىزنى باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇش-ياقتۇرماسلىقى باشقا ئىش.

    روشەنكى، خاراكتىرىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىمى پەزىلىتىڭىز ۋەكىللىك قىلغان قىسمى يەنى تاشقى قىياپىتىڭىزنىڭ كۆرگىلى بولمايدىغان قىسىمىدۇر. كىيمىڭىزنىڭ پاسونى ھەم ئۇنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇش-بولماسلىقى، شۈبىھسىزكى، خاراكتىرىڭىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىزگە بولغان تۇنجى تەسراتى تاشقى قىياپىتىڭىزدىن كېلىدۇ.

    سالاملىشىش پوزىتسىيىڭىزمۇ سىز بىلەن قول ئېلىشقان كىشىنى جەلىپ قىلىشىڭىز ياكى چەتقە قېقىشىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كۆز نۇرىڭىزمۇ خاراكتىرىڭىزنىڭ مۇھىم قىسىمىنى ھاسىل قىلىدۇ، چۈنكى بەزىلەر ئىچكى دۇنيايىڭىزنى كۆزىڭىزدىن كۆرىۋالىدۇ، قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئىدىيىڭىزنى، مەخپىي ئويىڭىز بايقىۋالىدۇ.

    جىسمانىي كۈچىڭىز-بەزىدە كىشىلەرنىڭ سېھرىي كۈچى دىيىلىدۇ.- بۇمۇ خاراكتىرىڭىزنىڭ مۇھىم قىسىمىدۇر.

    خاراكتىرىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدىغان، خاراكتىرىڭىزنى كىشىلەر مەڭگۈ ياخشى كۆرىدىغان قىلىشتا قوللىنىلدىغان بىر خىل ئۇسۇل بار. بۇ ئۇسۇل، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا، خىزمىتىگە چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈش ۋە قىزىقىش.

    ناپولېئون خېئول بۇ قائىدىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر كەچۈرمىشنى بايان قىلىدۇ:

    بىر كۈنى، بىر موماي ئىشخانام ئالدىغا كېلىپ، نام-ئەمەل كارتوچكىسىنى كىرگۈزۈپتۇ، مەن بىلەن چۇقۇم كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مىنىڭ كاتىبىم خېلى ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، موماينى مىنى زىيارەت قىلىپ كېلىشنىڭ مەقسىتى ۋە مۇددىئاسىنى ئېيتىشقا كۆندۈرەلمەپتۇ. مەن: ئۇ ھەرقاچان بىچارە موماي، ماڭا بىرەر كىتاب ساتماقچى بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئانامنى ئەسكە ئالدىم، ئاناممۇ ئايال كىشى-دە، شۇڭا ئۇنى كۈتۈشخانىغا باشلاپ، ئۇ ساتىدىغان كىتابنى سېتىۋالماقچى، جۈملىدىن ھەرقانداق كىتابنى سېتىۋالماقچى بولدۇم.

    مەن ئىشخانامدىن چىقىپ كارىدورغا قەدەم قويغاندا، مېھمانخانىغا تۇتۇشىدىغان يولنىڭ چېتىدىكى رىشاتكىسىنىڭ سىرتىدا تۇرغان بۇ موماينىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

    مەن نۇرغۇن كىشىنىڭ كۈلۈمسىرىشىنى كۆرگەن. بىراق بۇ مومايدەك يېقىملىق كۈلۈمسىرەيدىغان كىشىنى زادىلا ئۇچراتمىغانىدىم. بۇ كىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەبەسسۇم ئىدى، چۈنكى شۇتاپتا ئۇنىڭ مەنىۋى تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۆزۈممۇ كۈلۈمسىرەشكە باشلىدىم.

    مەن رىشاتكىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، موماي قولىنى ئۇزۇتۇپ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئادەتتە ئىشىخانامغا تۇنجى كەلگەن كىشىلەرگە بەك يېقىنچىلىق قىلىپ كەتمەيتتىم. چۈنكى بەك يېقىنچىلىق قىلسام، ئۇلار مەن ئىشلەشنى خالىمايدىغان ئىشنى قىلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلسا، رەت قىلىشىم قىيىن بۇلۇپ قالاتتى. بىراق، بۇ موماي تولىمۇ يېقىملىق، ئىللىق ۋە كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان قىياپەتتە كۆرۈنگەچكە، مەنمۇقولۇمنى سۇندۇم. ئۇ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. بۇ چاققا كەلگەندە، ئۇنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبەسسۇمىنىلا ئەمەس. ئاجايىپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش ماھارىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ بايقىدىم. ئۇ قولۇمنى چىڭ تۇتتى، بىراق قاتتىق قىسىۋەتمىدى. ئۇنىڭ بۇنداق كۆرۈشۈش ئۇسۇلى ماڭا مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشەلىگەنلىكىدىن تولىمۇ شەرەپ ھىس قىلىدىكەن،دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزدى.

    مەن ئاممىۋى مۇلازىملىق ھاياتىمدا كۈرمىڭ كىشى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن، لېكىن بۇ مومايدەك قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش سەنئىتىنى پىششىق ئىگىلىگەن بىرەر كىشى ئېسىمدە قالماپتۇ. ئۇنىڭ قولى قولۇمغا تەگكەندە، «مەغلۇپ» بولغانلىقىمنى ھىس قىلدىم. مەن ئۇنىڭ بۇ قېتىم نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنىڭغا چۇقۇم ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ بۇ نىشانغا يىتىشىگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەم بېرىدىغانلىقىمنى بىلدىم.

    مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇنى كىشى قەلبىدىن ئورۇن ئالىدىغان تەبەسسۇمى ۋە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشى مىنى قورالسىزلاندۇرغان، «رازىمەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى»غا ئايلاندۇرغان ئىدى.

    بۇ موماي كائىناتنىڭ ۋاقتىنى ئىلكىدە تۇتقان كىشىگە ئوخشاش ناھايىتى تەمكىن ئىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇنداق ۋاقىتنى ئىلكىدە تۇتقانلىقىغا ھەقىقەتەن ئىشەنگەنىدىم،ئۇ گەپ باشلاپلا:

    -مەن بۇ يەرگە سىز شۇغۇللىنىۋاتقان ئىش ھازىرقى دۇنيا ھەرقانداق كىشى شوغۇللىنىۋاتقاندىكىدىنمۇ ئەڭ ياخشى خىزمەت دەپ قارايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قۇيۇش ئۈچۈنلا كەلدىم،-دېدى.

    ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا تەكىتلەش مەنەسىنى ئوقتۇرۇپ، قولۇمنى مۇلايىم، ئەمما چىڭ سىقتى.

    ئۇ گەپ قىلىۋاتقاندا، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ گويا ئىچكى دۇنيايىمنى كۆرۈپ چۈشەنگەندەك بولدى..

    مەن ئېسىمگە كەلگەندىن كېيىن(ئەينى ۋاقىتتىكى قىياپىتىم ھوشۇمدىن كەتكەن چاغدىكىدەك بولغاچقا، بۇ ئىشخانامدىكى ياردەمچىلىرىم ئارىسىدا كۈلكىگە دەستەك بولغان ئىدى). دەرھال ئىشخانامنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىم:

    -كىرىڭ، قەدىرلىك خانىم، ئىشىانامغا كىرىڭ،-دېدىم. قەدىمكىي زامانلاردىكى رىتسارلارغا ئوخشاش ئۇنىڭغا تازىم قىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئىشخانامغا كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم.

    شۇنىڭدىن كىيىنكى 45 مىنۇتتا ئىلگىرى زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان، ئاجايىپ ئەقىللىق كىشىنىڭ ئادەمنى ئاجايىپ مەپتۇن قىلىدىغان سۆزنى ئاڭلىدىم، يەنە كىلىپ بۇ مېھمىنىملا سۆزلىدى. ئۇ دەسلىپىدىلا ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى ھەم بۇ ئۈستۈنلىكنى ئاخىرغىچە قولدىن بەرمىدى. ئۇ گېپىنى تۈگەتكىچە ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈشنى ئويلىمىدىم.

    ئۇ ئورۇنداققا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزى ئېلىپ كەلگەن بىر بولاقنى ئاچتى، ئۇنى ماڭا ساتماقچى بولغان كىتابى بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدىم. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ كىتاب ئىدى، يەنى مەن ئەينى ۋاقىتتا مەسئۇل مۇھەرىرى بولغان بولغان بىر ژورنالنىڭ توپلامى ئىدى. ئۇ بۇ ژورناللارنى ۋاراقلاپ، ئۆزى بەلگە قويغان جايلارنى ئوقىدى. ئۇ ئۆزى ئوقىغان جايلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت پەلسەپەسىنى ئاساس قىلغانلىقىغا ئىشىنىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

    بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئاخىرقى 3 مىنۇتىدا مەن پۈتۈنلەي گاڭگىرىغان ھەم باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئۈزۈل-كىسىل قۇبۇل قىلىدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدىم، ئۇ ئۆزى بازارغا بازارغا سالىدىغان بەزى سوغۇرتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ماڭا ئەپچىللىك بىلەن چۈشەندۈردى. ئۇ سېتىۋېلىشىمنى تەلەپ قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى ماڭا روھىي جەھەتتىن تەسىز كۆرسىتىپ، ئۆزلۈكىمدىن سېتىۋېلىشنى ئويلىشىمغا تۈرتكە بولدى. مەن ئۇنىڭدىن بۇ سۇغۇرتىنى سېتىۋالمىغان بولسىمۇ: ئۇ بىرمۇنچە سۇغۇرتا ساتتى، چۈنكى مەن تېلفون تروپكىسىنى ئېلىپ، ئۇنى باشقا بىر كىشىگە تۇنۇشتۇرغان ئىدىم، نەتىجىدە ئۇنىڭ بۇ كىشىگە ساتقان سۇغۇرتىسىنىڭ سوممىسى دەسلەپتە ماڭا ساتماقچى بولغان سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ 5ھەسسىگە تەڭ بوپتۇ.

    بىز ھەممىمىز ئىنسان، ئازدۇر-كۆپتۇر يىتەرسىزلىكىمىز بار.

    بۇ جەھەتتە ھەممىمىز ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىمىز، قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مەسىلىلەرنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ گېپىگە تولىمۇ قىزىقىش بىلەن قۇلاق سالىمىز. ئارقىدىن ئۇنىڭغا جاۋابەن سۆز قىلغۇچى كىشى سۆھبەت مەزمۇننى جانىجان مەنپەتىگە مۇناسىپ يۆنىلىشكە يۆتكىگەندىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى زوق بىلەن ئاڭلايمىز. ئاخرىغا كەلگەندە، قارشى تەرەپ ساتماقچى بولغان نەرسىنى سېتىۋالغاننىڭ ئۈستىگە:«بۇ كىشى بەكمۇ ياخشى ئىكەن» دەيمىز.

    1. تەسەۋۋۇر كۈچىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، كىشىنى مەپتۇن قىلدىغان خاراكتىر ياراتقىلى بولىدۇ

    ئادەتتە مەلۇم بىر ئىشتا ئىككى خىل كىشى يەنى ئىشلەپچىقارغۇچى بىلەن ئىستىمال قىلغۇچى بولىدۇ. مەلۇم چارە تېپىپ، بۇ ئىككى خىل كىشىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئارىدىكى يۇلۇۋېلىشنى ئازايتىش-ھازىرقى يۈزلىنىش بۇلۇپ قالدى. ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ئىستىمالچىلارنىڭ ئارىلىقىنى قىسقارتىش چارىسىنى تاپقان بولسىڭىز، بۇ ئىككى خىل كىشىگە ياردەملىشىش پىلانىنى تۈزگەن بولىسىز. ئىستىمالچىلار ئۈچۈن تېجەپ بەرگەن پايدىنىڭ بىر قىسىمىدىن ھەم ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئۈچۈن تېپىپ بەرگەن پايدىنىڭ بىر قىسىمىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق بولىسىز.

    بىراق، سىزنى ئاگاھلاندۇرۇشقا تىگىشلىكى شۇكى، قانداق پۇل تېپىش پىلانى تۈزىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، بۇ پىلانىڭىز ئىستىمالچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدىغان، ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ئىستىمالچىلارغا ئوخشاش ئادىل بولىدىغان بولۇشى لازىم. بەك ئاچكۆزلۈك قىلىشقا، كۆرۈنگەن پايدىنىڭ ھەممىسىنى يۇتۇۋېلىش خىيالىنى قىلىشقا بولمايدۇ. ئادەتتە ئىستېمالچىلار ئۆزىدىن كۆپ پايدا شۈلۈۋالغان ساختىپەز سودىگەرلەرگە ناھايىتى سەۋرچانلىق قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سەۋرسىنىڭ چېكى بار، ئەڭ ھىيلىگەر كاززاپ سودىگەرمۇ بۇ ھەكتىن ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ. سىز ئالماس بازىرىنى مونوپول قىلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىدا قېزىلغان ئاق ئالماسنىڭ باھاسىنى راسا ئۆستۈرۋېلشىڭىز، ھەتتا مۇشۇنداق قىلىپمۇ ھىچقانداق ئەيىبلەشكە ئۇچرىماسلىقىڭىز مۇمكىن.  بىراق، يىمەكلىك، كىيىم-كېچەك، ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى باھاسى تېز ئۆرلەشكە باشلىغاندا، بەزى كاززاپ سودىگەرلەرنىڭ غەززەپلەنگەن ئاممىنىڭ لەنىتىگە، ھۇجۇمىغا ئۇچرشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.

    ئەگەر باي بۇلۇشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، سۇنداقلا باي بۇلۇشقا ئەگىشىپ كېلىدىغان يۈكنى زېممىڭىزگە ئېلىشقا يىتەرلىك جاسارىتىڭىز بولسا، ئۇنداقتا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ بايلىق توپلاشتىكى ئادەتتىكى ئۇسۇللىرىنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرۈڭ. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپ مەنپەئەت ئالىمەن دىمەي تاۋار مېلىڭىزنى بۇ دۇنيادىكىلەرگە ئەڭ ئاز پايدا ئېلىپ سېتىپ بېرىڭ. فورت ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاز بەرمەي، بەلكى پايدا يول قويىدىغان دائىردە ئىمكانقەدەر كۆپرەك مائاش بېرىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بايقىغان. يەنە ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بىر ئۇسۇلنى، يەنى باشقا ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى ئاپتوموبىللىرىنىڭ باھاسىنى ھەدەپ ئۆستۈرۈۋاتقاندا، «فورت» ماركىلىق ئاپتوموبىلنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى بايقىغان. نەتىجىدە فورت غەلبە قىلغان، باشقا نۇرغۇن ئاپتوموبىل سودىگىرى مەغلۇپ بولغان.

    ئىستىمالچىلاردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپرەك مەنپەئەت ئالسىڭىزمۇ جازاغا ئۇچرىماسلىقىڭىزغا سەۋەپ بولىدىغان خېلى ياخشى پىلانلار بولۇشى مۇمكىن. بىراق، كەلگۈسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەگەر مۇئەييەن پىلاندىن ئۆرنەك ئالسىڭىز ھەم ئۇنى يولغا قويسىڭىز، ئۇ ھالدا تېخىمۇ پايدا ئېلىپلا قالماستىن، كۆڭلىڭىزمۇ خاتىرجەم بۇلىدۇ.

    سىز ھەمىشە، كىشىلەرنىڭ روكفىللېرنى تىللاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىسىز، روكفىللېرنى تىللىغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۇنى كۆرەلمەستىن تىللايدۇ، چۈنكى ئۇلار روكفىللېرنىڭكىدەك بايلىققا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇنداق بايلىق توپلاش ئىقتىدارى يوق. روكفىللېرغا بولغان قارىشىڭىزنىڭ قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، ئۇ دەسلىپىدە كىرىمى ناھايىتى ئاز خەت خاتىرلىغۇچى ئىدى، ئۇ ئەقىل ۋە ئىقتىدارى جەھەتتە ئۆزىگە يەتمەيدىغان باشقا كىشىلەرنى تەشكىللەش ھەم ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىش ئىستىداتىغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق كاتتا باي مەرتىۋىسىگە ئىگە بولغان. ئېسىمدە ناھايىتى ئېنىق تۇرۇپتىكى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىن ئىلگىرىكى روكفېللېر ئەپەندى 25سىنىت خەجلەپ بىې گالون كىرسىن سېتىۋالاتتى ۋە كىرسىن قاچىلانغان باكنى كۆتۈرۈپ ئاپتاپقا قارىماي ئۆيىگە پىيادە قايتاتتى. ھازىر روكفىللېرنىڭ ئاپتوموبىللىرى كىرسىننى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ بېرىدۇ. مەيلى شەھەردىكىلەرگە مەيلى شەھەر سىرتىدىكى دېھقانچىلىق مەيداندىكىلىرىگە بولسۇن، باھاسى ئەسلىدىكىسىنىڭ يېرىمىگە تەڭ كىرسىننى يەتكۈزۈپ بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.

    روكفېللېر ئەپەندى خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك بۇ تاۋارنىڭ باھاسىنى50%تۆۋەنلەتسە، ئۇنى تىللاشقا كىمنىڭ ھەددى؟ ئۇنىڭ بىر گالون كىرسىن باھاسىنى 5سىنىت قىلىپ بېكىتىشى ناھايىتى ئوڭاي ئىش ئىدى. بىراق، ئۇ شۇنداق قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ھازىر مېليونېرغا ئايلىنالىشى ناتايىن ئىدى.

    ئارىمىزدىكى ناھايىتى كۆپ كىشى نۇرغۇن پۇل تېپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىراق ھەر 100كىشىنىڭ 99ى دەسلىۋىدىلا پىلان تۈزىۋېلىپ، مۇشۇ پىلانى بويىچە پۇل تاپماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنى قانداق ئۇسۇل بىلەن چۆنتىكىگە سېلىشنىلا ئويلايدۇ،«مۇلازىملىق بەدىلىگە ھەق ئېلىش» نى زادى خىيالغا كەلتۈرمەيدۇ.

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.