ئېينىشتىيىندىن ئىلگىرىكى فىزىكا دۇنياسى 1

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-09 11:48:59

ئېينىشتىيىندىن ئىلگىرىكى فىزىكا دۇنياسى 11. تەجرىبە ئىلمىنىڭ باشلىنىشى يېقىنقى زامان مەنىسىدىكى فىزىكا ئىلمى گالېلي، نيوتونلارنىڭ خىزمىتىدىن باشلانغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپادا ئارىستوتېل فى...



     

     ئېينىشتىيىندىن ئىلگىرىكى فىزىكا دۇنياسى 1
    1. تەجرىبە ئىلمىنىڭ باشلىنىشى
         يېقىنقى زامان مەنىسىدىكى فىزىكا ئىلمى گالېلي، نيوتونلارنىڭ خىزمىتىدىن باشلانغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپادا ئارىستوتېل فىزىكا ئىدىيىسى ھۆكۈمران ئورۇندا ئىدى. ئارىستوتېلنىڭ ماددا ماھىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرى تۆت مەركەز قىلىدۇ. ئۇ ئالەمدىكى بارلىق جىسىملار تۇپراق، سۇ، ئوت، ھاۋادىن ئىبارەت تۆت خىل ئاساسىي ئېلمېنتتىن تەركىپ تاپقان دەپ قارايتتى. تەبىئەتتىكى ھەر خىل ھادىسىلەر ئەمىلىيەتتە بۇ تۆت خىل ئېلمېنتنىڭ ئۆز ئارا تارتىش ياكى يەكلەش تەسىرىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئوتۇن كۆيدۈرگەندە ئىسنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشى ئىسنىڭ ئۆز خىلى بولغان ھاۋانى قوغلاشقانلىقىدىن، كۈلنىڭ يەردە قېلىشى بولسا ئۆز خىلى بولغان تۇپراققا تارتىشقانلىقىدىن ئىدى.
         ماددا ھەرىكىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بىر قەدەر تىپىك ئورۇندا تۇرىدۇ. بىرى: جىسىم پەقەت كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىغاندىلا ھەرىكەت قىلىدۇ. يەنى سىز بىر قول ھارۋىسىنى ئىتتىرسىڭىز ئاندىن قول ھارۋىسى ھەرىكەتلىنىدۇ. ئىتتىرىشنى توختاتسىڭىز سىرتقى كۈچ يوقالغانلىقتىن ھارۋىمۇ توختايدۇ. يەنە بىرى: ئېگىز جايدىن بىر ئېغىر، بىر يېنىك بولغان ئىككى جىسىمنى بىرلا ۋاقىتتا تاشلىساق، ئېغىرراقى بۇرۇن يەرگە چۈشىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇچرىغان تارتىش كۈچى چوڭ. ئارىستوتىل تەجرىبىنى ياقتۇرمايتتى، ئەكسىچە ئۇ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى نوقۇل تەپەككۇرغا تايىنىپمۇ بىلگىلى بولىدۇ دەپ قارايىتتى. بىراق ئەينى ۋاقىتتىكى «بىرىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتالغان، مەشھۇر شاھ ئىسكەندەرنىڭ ئۇستازى بولغان بۇ كىشىنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى چوڭ ئىدى. يەنە شۇنىسى مۇھىمكى يۇقىرىقىلار ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئەڭ ئىلغار نەتىجە دېيىشكە بولاتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يۈز يىل داۋامىدا ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدىكى ھەر قايسى ئىمپىرىيە، پادىشاھلىقلاردا ئارىستوتىل ئىدىيىسى ئىزچىل پەيلاسوپلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىشىغا ئېرىشتى ۋە ياكى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. ياۋروپالىقلار رىم ئىمپىرىيىسى ۋە يۇناندىن قېلىپ قالغان مىراسلارنى رەتلەش داۋامىدا ئارىستوتېل ئىدىيىسى ياۋروپادا قايتىدىن ۋارىسلىق قىلىنىشقا ۋە كەڭ ئۇمۇملاشتۇرۇلۇشقا ئېرىشتى. ھالبۇكى بۇ كىشىنىڭ 2000 يىلغا يېقىن فىزىكا تەتقىقاتىغا ئاساس بولۇپ كەلگەن قاراشلىرىدا مەسىلە بار ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ مەسىلە ئۇنچە كىچىك ئەمەس ئىدى. ئەلۋەتتە ئىنسانلار تارىخىدىكى ھەممە كۆز قاراشلار كېيىنچە خاتالىقى ئىسپاتلىنىپ يېڭىچە كۆز قاراشقا ئورۇن بوشىتىپ كەلگەن، لېكىن مەسىلە شۇ يەردىكى ئارىستوتېلنىڭ ئىدىيىسى كىشىلەر ئىدىيىسىنى كونتىرول قىلغان ۋاقىت بەكلا ئۇزۇن بولۇپ كەتتى.
        گالېلىي ياۋروپا ئويغىنىش مەزگىلىدىكى داڭلىق مۇتەپەككۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا گالېلىي رىمدىكى پىسا يانتۇ مۇنارىدىن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمىغان، ھەجىمى ئوخشاش ئىككى چۆيۈن شارچىنى تاشلاپ ئارىستوتىلنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىغانىكەن.
        ئەلۋەتتە، ھازىر ئەگەر ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئويلاشمىغاندا ھەر قانداق ئىككى جىسىمىنىڭ ئوخشاش تېزلىكتە يەرگە چۈشىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. 1969-يىلى ئاي شارىغا چىققان ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىمۇ گالېلىينى خاتىرىلەش ئۈچۈن يۇقىرىقى تەجرىبىنى قايتا ئىشلىدى --------- ئالەم ئۇچقۇچىسى بىر قولىدا چۆيۈن شارچە، بىر قولىدا بىر تال غاز پېيىنى بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەنگە تاشلىدى. ئىنسانلار تۇنجى قېتىم تەبىئىي ۋاكوئوم مۇھىتىدا ئېغىرلىقى ئوخشىمايدىغان ئىككى جىسىمنىڭ (غاز پېيى بىلەن چۆيۈن شارنىڭ) تەڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى كۆزەتتى.
        گالېلىي يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئەركىن چۈشىۋاتقان قىسىمنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا تۆۋەنلەش جەريانىدا جىسىمنىڭ تېزلىكىنىڭ تەكشى ھالدا ئېشىپ بارىدىغانلىقىنى بايقىدى.
         ئۇ ئوخشاش بولمىغان ئېغىرلىقتىكى شارچىلارنى سىلىق يانتۇ تەكشىلىكنىڭ يۇقىرى ئۇچىدىن قويۇپ بېرىپ، شارچىلارنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆزەتكەن. كۆپ قېتىملىق تەجرىبە نەتىجىسى شۇكى جىسىمنىڭ ئېغىرلىقى قانچىلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر، جىسىم تېزلىكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوخشاش. يەنى بىر شارچە بىر مېتىر تۆۋەنلىگەندە بىر مېتىر ھەر سېكونت.  ئىككى مېتىر تۆۋەنلىگەندە ئىككى مېتىر ھەر سېكونت تېزلىككە ئىگە بولسا، باشقا شارچىلەرمۇ ئوخشاشلا بىر مېتىر تۆۋەنلىگەندە بىر مېتىر ھەر سېكونت.  ئىككى مېتىر تۆۋەنلىگەندە ئىككى مېتىر ھەر سېكونت تېزلىككە ئىگە بولىدۇ. گالېلىي يانتۇ تەكشىلىكنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىپ يۇقىرىقى تەجرىبىنى قايتا تەكرارلىغاندىمۇ نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش ، پەقەت پەرقى شۇكى يانتۇلۇق بۇلۇڭىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ جىسىمنىڭ ئوخشاش ۋاقىت ئارىلىقىدا ئاشىدىغان تېزلىكى چوڭىيىپ ماڭغان.

    يۇقىرىقىلاردىن شۇنى ھۆكۈم قىلىشقا بولاتتىكى يانتۇلۇق بۇلۇڭى 90 گىرادۇس  جىسىم ئەركىن تۆۋەنگە چۈشۈش جەريانىدىمۇ جىسىمنىڭ ھەرىكىتى تەكشى ھالدا ئېشىپ بارىدۇ ۋە بۇ جىسىمنىڭ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
         ئەينى ۋاقىتتا باشقا مۇتەپەككۇرلارغا ئوخشاش گالېلىينىڭمۇ ئىزدىنىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ئىدى. ئۇ تېلىسكوپنى تۇنجى بولۇپ يۇلتۇزلارنى كۆزىتىشكە ئىشلەتكەن كىشى، ئۇ ئۆزى ياسىغان تېلىسكوپ بىلەن يوپېتىرنىڭ ئاساسلىق تۆت ھەمراھىنى كۆزەتكەن ھەم نۇرنىڭ چەكلىك سۈرئەتتە تارقىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
        گالېلىي ئىخلاسمان كاتولىك مۇرىتى، بىراق ئۇ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈشتە كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىنىڭ تولىمىينىڭ يەر مەركەز تەلىماتىغا نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىپ، كوپېرنىك تەلىماتىنى قوللايدىغان بىر ماقالە ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 1616-يىلى رىم كاتولىك دىنى جەمئىيىتىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان. 1623-يىلى گالېلىينىڭ بىر ئىلگىرىكى دوستى پاپالىق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، گالېلىي ھېچقانداق بىر تەرەپكە يان باسماي بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇپ يېزىش شەرتى «ئىككى مۇھىم دۇنيا سىستىمىسى ھەققىدە» ناملىق كىتاپنى يېزىش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن. 1638-يىلى نەزەربەنت مەزگىلىدە يەنە بىر مۇھىم ئەسىرى «ئىككى خىل يېڭى ئىلىم»نى يېزىپ چىققان.
         بۇ ئىككى كىتاپچىدە ئۇ ئۆزىنىڭ فىزىكا، ئاستىرونومىيە ساھەلىرىدىكى ھەر تۈرلۈك كۆزىتىشلىرى ۋە ئۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى شەرھىلىگەن بولۇپ، بۇ كىتاپلار ئەينى ۋاقىتتىكى تەبىئەت پەيلاسوپلىرى (ئەينى ۋاقىتتا تەبىئەت ھادىسىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۆزلىرىنى شۇنداق ئاتىشاتتى) ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. گالېلىينىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى ئۇنىڭ تەبىئەت تەتقىقاتىدا تۇنجى بولۇپ تەجرىبىنى مۇھىم دەپ تەكىتلىگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. دەل گالىلىي باشلىغان تەجرىبە ئاساسىدا تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى بايقاش ۋە ئۇنى ماتېماتىكىلق فورمۇلا شەكلىدە ئىپادىلەش يېقىنقى زامان تەبئى پەن تەتقىقاتىدىكى ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپلارنىڭ بىرى بولغاچقا، گالېلىي ھازىرغىچە «تەجرىبە ئىلمىنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئېينىشتىيىن _