ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە جۇڭگو جەمئىيتى(مۇنىرىدىن مۇھەممەت ئاداي)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-20 08:18:27

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە جۇڭگو جەمئىيتىمۇنىرىدىن مۇھەممەت ئاداي نۆۋەتتىكى ئىشسىزلىق ئىنسانلىرىمىز بىر مەزگىل قىزىق تېما قىلىپ سۆھبەتلەشكەن، باش قاتۇرۇشقان كېيىن ھېچ ئامال بولمىغاندىن كېيىن كۆ...

    ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە جۇڭگو جەمئىيتى
    مۇنىرىدىن مۇھەممەت ئاداي


       نۆۋەتتىكى ئىشسىزلىق ئىنسانلىرىمىز بىر مەزگىل قىزىق تېما قىلىپ سۆھبەتلەشكەن، باش قاتۇرۇشقان كېيىن ھېچ ئامال بولمىغاندىن كېيىن كۆنۈپ قالغان بىر كەيپىيات ھادىسىسى سۈپىتىدە ھەر بىر جۇڭگولۇقنى ۋە 56 مىللەت ئىچىدە باشقىلىرىغا ئوخشىمايراق ياشاۋاتقان ئۇيغۇر توپىنى راھەتسىز قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەسلىدىنلا دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىۋاتقان بۇ بۇيۈك ئەل ئۈچۈن بۇ ھامىنى باشقا كېلىدىغان << قازا>> بولۇشى مۇقەررەر. لېكىن شۇ كەڭرى تۇپراقتا ياشاپ كۆنگەن ، ئەرەب مېڭىسى بىلەن بايلىقىم تۇرسا ، نېمىشقا جاپا چېكىمەن دەپ ئەمىلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش يۆنىلىشىدە ھارماي مېڭىۋاتقان قىسمەن (بەلكى بەك جىق) قېرىنداشلىرىمىز بىلەن پىكىر گىمناستىكىنى باشلىۋىتەي:
    مېنىڭچە ، خىزمەت تاپالماسلىق سەۋەبى ئۆزىمىزدە، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىدەك ئېيتقان بۇ سۆزۈمنى مەن ئۆزۈم يېشىپ بېرىمەن. نۇرغۇنلىرىمىز ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى مەيلى ئوقۇتقۇچىلار ئىمتىھانى بولسۇن ياكى دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بولسۇن ، ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ساننىڭ ئازلىقىدىن قاقشايدۇ ،زارلايدۇ ۋە خۇددى ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز قالغان ، پۇت-قولىدىن ، قان-ماغدۇرىدىن ئايرىلغان ساكات ئىنسانغا ئوخشاش تەپەككۈر قىلىشقا باشلايدۇ. نېمە ئۈچۈن باشقا يېڭى يول ئىزلەشكە ئۇرۇنمايمىز؟
    ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغاندا نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەۋقەسى شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ، يەنى مەن يۇرتۇمدىكى ئالدىنقى ئەلا نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىغا كىردىم ئوقۇش پۈتتۈرسەم مېنى خىزمەت ساقلاۋاتىدۇ، دېپلومنى قولۇمغا ئالسام...,دېپلوم ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگەنسەم...

       ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپتە ئالتە يىل ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا بەش يىل ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا نېمە قىلىشىم كېرەك ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەن قايسى يولدا مېڭىشىم كېرەك دىگەن نىشاننىڭ ئورنىغا دېپلومنى ساق-سالامەت ئالسام، ھېلىقى تېلۋىزورلاردىكى خىزمەتلەرنى قىلىپ كەتسەم دىگەن خاتا نىشان توختىماي ئەقلىمىزدە ئويناقلىغاچقا، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاجايىپ چۈشكۈنلشىمىز، چۈنكى بىز بەش ئالتە يىل ئەقىدە قىلىپ ئالغان دېپلومنى ھېچكىم ئالقىشلىمىدى، يەنە ئىمتىھان كۆز ئالدىمىزدا، كاللىمىزدا ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم ئېلىشتىلا ئورناپ كەتكەن تۆمۇر داڭقان، چوڭ قازان، پىنسىيە مۇئاشى، دېپلوم قىزغىنلىقى قاتارلىق بىر تالاي نىشانلار بىزنى چۈشكۈنلەشتۈردى. قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟! چۈشكۈن ھاياتنى داۋام قىلامدۇق ياكى ھۆكۈمەتتىن قېيداپ، جامائەتتىن قېيداپ. ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئارقا ئىشىككە يەتمىگەن پۇلىدىن زارلىنىپ بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكۈزەمدۇق؟!
    ئامېرىكىدا يەسلى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئۇنۋانى ئالغانلاردىن ئىكەن دىگەن مىسالنى كەلتۈرسەم ئامىرىكاڭنى قوي ئاداش، بىز جۇڭگودا دىيىشىڭلار مۇمكىن، زىدىيەتنى قانداق ھەل قىلىمىز! ئەقلىمىزنى ئىشلىتىمىز، ھايات چوقۇم ھۆكۈمەتتە ئىشلەش، مەمۇر بولۇش ياكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن چىقماي ياشاش ئەمەس، بىز ئوقۇشىمىز كېرەك، ئىزدىنىشىمىز كېرەك، ئالىي مەكتەپنى ئوقۇسا خىزمەت بولمىغانكىن ئوقۇپ نېمە قىلىمىز، ئوقۇتۇپ نېمە قىلىمىز دىگەن پىكىرنى مەن قوللىمايمەن، چۈنكى بىز ئالىي مەكتەپنى ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇيمىز، بىر نەرسە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇيمىز، دېپلۇم ئۈچۈن ئوقۇيمەن دېسىڭىز ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دېپلومنى كۆتۈرۈپ ھەممە ئىشىككە ئۈسسۈپ يەنە ئۆزىڭىزدىن رەنجىيسىز!
       ئىزدىسەم ئىش تېپىلمىدى دىگەن يالغان باھانىڭىزنى دائىم سۆزلەپ ئۆزىڭىزنى ئالدىدىڭىز، ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك، ھېلىقى سىز ئىش ئىزدەپ بارغان شىركەت سىزنى ئىنگىلىزچە ئۇقمايدىكەنسەن دېسە نېمە ئۈچۈن ئىنگىلىزچە ئۆگەنمەي. ئىنگىلىزچە تەلەپ قىلمايدىغان باشقا شىركەت ئىزدەيسىز؟ نېمە ئۈچۈن خەنزۇچىڭىزنى ياخشىلىمايسىز؟ كۈندە زارلىنىپ ئۆتكەن ۋاقتىڭىزنىڭ ئورنىغا تۆت خام سۆز ئۆگىنىپ قويمايسىز؟ پۇلى بار ئائىلىنىڭ بالىلىرى نېمىشقا ئاتا-ئانىڭىزنى ئارقا ئىشكتە مېڭىشقا زورلايسىز؟!
    يېقىندا بىر دوستۇمنىڭ قىز دوستى بېيجىڭدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئاتا-ئانىسىنى يۈزمىڭ يۈەن ئارقا ئىش قىلدۇرۇپ بىر مىڭ 500 يۈەنلىك خىزمەت ئورنىغا چىقتى . بىزدە بۇ خىل ئەھۋال كۆپىيۋاتىدۇ، جۇڭگو جەمىيتى چىرىكلىشىپ مۇشۇ كۈنگە كەلدى، چىرىكلىكنىڭ داۋام قىلىشىدا بىزنىڭ تۆھپىكار ئىنسانلىرىمىزنىڭ جۈپ قوللىرى بار! يۇزمىڭ يۈەن ئارقا ئىش قىلىپ مىڭ 500 يۈەنلىك مۇئاشقا ئېرىشتىڭىز، قانچە يىلدا يۈزمىڭ يۈەننىڭ دىرىنى قايتۇرىسىز، قانچە يىلدا ئاندىن پۇل يىغىسىز؟ يەنە شۇ ئاتا-ئانا........
       ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىچكىرى ئۆلكىدە ھايات كۈرىشىنى داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر باللىرىغا ئاپىرىن! ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇنداق يۈرىكى بولسا، مەمۇر بولمىسام ، تۆمۈر داڭقانغا ئېرىشمىسەم ئۆلىمەن دىگەن پىكىرىنى كاللىدىن چىقىرىپ تاشلىسا جۇڭگو جەمىيىتىدە قىلىدىغان ئىش بەك جىق، بەك جىق!
    بىر يېرىم مىليارت ئىنساننىڭ ئېھتىياجىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ئىچكىرىنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى كەزدىم ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ھەر قانداق شەھەر، ناھىيە، بازارلاردىن تېپىلىدىغان تۇڭگان ئاشخانىلىرى! مەن ئۇيغۇر چوقۇم ئاشخانا ئېچىش كېرەك دىگەن پىكىردە ئەمەس،مىسالىمنىڭ مەقسىدى مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزنىڭ تىرىشچانلىق روھىغا ئاپىرىن ئوقۇش! بىز نېمىشقا يېيىلالمايمىز! كۈنىمىزدىكى ئۇيغۇر تۇرمۇشى ھەقىقەتەن مۇشەققەتلىك، بېسىم ئىچىدە كېتىۋاتقان تۇرمۇش ئادىتى. لېكىن بۇ بېسىمنىڭ بىزگە قانداق پايدىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغىنى ئويلىسام تەبەسسۇم چاقنايدۇ يۈزلىرىمدە!
    ياپونلارنى كىم ئويغاتتى؟ يەھۇدىيلار قانچە يىل قېقىلدى، سوقۇلدى، بۇگۈنكى ئىراق، پەلەستىن تۇرمۇشى بىزگە يىراق ئەمەس، چۈنكى ئىنسان ئۆزىگە تەئەللۇق نەرسىنىڭ ساھىبى بولۇش جېدىلىنى ھامان قىلىدۇ، دۇنيادا قايسى ئىمپىراتورلۇق، قايسى سۇلالە مەڭگۈ داۋام قىلالىدى، دۇنيادىكى ھەممە ئۇرۇش، جەڭلەردە چوقۇم كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەڭدىمۇ؟ بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ خىيالى بىلەن ئون يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرنىڭ خىيالى ئوخشاشمۇ؟ كىم بىزنى ئۆزگەرتتى؟ بۇ بىر قاتار سۇئاللارغا قىينالماي جاۋاب تاپالايمىز! گەپنى ئۇزاقلارغا ئاپارغۇم يوق ھاسىلى كەلام: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى جۇڭگو جەمىيىتىدىن ئىش تاپالايدۇ، لېكىن كاللىمىزدە ئىش ئۇقۇمى ئايدىڭ بولۇشى كېرەك! ئىش چوقۇم مەمۇر بولۇش ئەمەس، ئىش چوقۇم پىنسىيە مۇئاشى ۋە قېرىلىق كاپالىتى ئۈچۈن ئەمەس! ئەتراپىمىزدىكى ئىش بىزنىڭ ئۆتكۈر كۆزىمىزنى ساقلاۋاتىدۇ، بىز ئېرىشەلمىگەن ئىش بىزنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولىشىمىزنىڭ ئۈمىت قىلىۋاتىدۇ!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.