دۆڭكۆۋرۈكتىن ھالقىش(فۇرقەت تەلئەت)

يوللىغۇچى : siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-30 20:27:38

دۆڭكۆۋرۈكتىن ھالقىش فۇرقەت تەلەت يېڭى قۇرۇلغان زامانغا لايىق خەلقئارا دەرىجىلىك چوڭ بازار؛ دۆلەت ھالقىغان شىركەت ئېلىپ كەلگەن چەت ئەل سودا رىقابەت كۈچلىرى شەپىلىرىدىن بىرى بولغان پارچە سېتى...

    دۆڭكۆۋرۈكتىن ھالقىش

    فۇرقەت تەلەت

     

       يېڭى قۇرۇلغان زامانغا لايىق خەلقئارا دەرىجىلىك چوڭ بازار؛ دۆلەت ھالقىغان شىركەت ئېلىپ كەلگەن چەت ئەل سودا رىقابەت كۈچلىرى شەپىلىرىدىن بىرى بولغان پارچە سېتىش گىگانتى «كەررېفور»نىڭ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان، پۇختا تەييارلىق باسقۇچىدا كېتىپ بارغان «فوكۇس تاللا بازىرى» ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلغار، ئىلمىي، نۇرغۇن جەھەتلەردە بىز ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ئۇنىڭ سىرى؛ ئاللىقانداق كۆز قاماشتۇرغۇدەك دەرىجىدە تىزىلىپ تۇرغان ئالىي دەرىجىلىك ئېسىل، زامانىۋى، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار؛ يەنە ئوخشاشلا شۇ يەردىكى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتى بىلەن زامان ئىنتىلىشلىرىنى مەلىكىلىك ئۇستا ماھارىتى ۋە زامانىۋى تېخنىكىنىڭ يۇغۇرىلىشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بىزگىلا خاس، نەپىس ئىشلەنگەن، تەقلىدىي ۋە راست مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار، مىللىي پۇرىقى كۈچلۈك رەڭگارەڭ زىبۇزىننەت، كىيىم - كېچەكلەر، بېزەكلەر، توقۇلمىلار ۋە باشقا ھەر خىل مىللىي مەدەنىيەت بۇيۇملىرى؛ ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقات، مول تېخنىكىلىق تەركىب، يۇقىرى سۈپەت، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەر، زامانىۋى باشقۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش ئىدىيىسى  بىلەن قوراللانغان مىللىي ئىگىلىك دەسلەپكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بولغان بىر قاتار ئوزۇقلۇق قۇۋۋەت تالقانلىرى ۋە باشقا مەھسۇلاتلار؛ خېلىلا ئىلغار بولغان يۈرۈشلەشكەن تاماقلىنىش، كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يۇقىرى تېخنىكا تەركىبلىرى نىسبەتەن كەمچىل بولغان باشقا مىللىي ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى؛ ئوراش - قاچىلاش جەھەتتىكى تېخنىكا ئاجىزلىقلىرى؛ دۇنيانىڭ قەيېرىگە بارسا قەدەمدە بىر ئۇچراتقىلى بولىدىغان «كوكاكولا»، «ماك دونالد»، «مېرسىدېس»لارغا ئوخشاش ماركا شاھلىرى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشقا ئەرزىيدىغان ئۆزىمىزگە مەنسۇپ تاۋار ماركىلىرىنىڭ ئۆز تۇپرىقىمىزدا قەدەمدە بىر ئەمەس، ئاندا - ساندىمۇ چېلىقمىغانلىقى، ئوخشاش تۈردە خەلقئارا سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتكەنلىك ئېتىراپنامە بەلگىسى ئۇرۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ يەنىلا بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك ئىكەنلىكىدەك رېئاللىقلار...
    مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولغان ئۈرۈمچىنىڭ مىللىي سودا مەركىزىدە روشەن سېلىشتۇرما ياساپ تۇرغان، يۇقىرى تېخنىكا، زامانىۋى باشقۇرۇش ئىلىملىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورنىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن پاكىتلىق كۆرۈنۈشلەر ھېسابلىنىدۇ.

       بىزدىكى سودا، رىقابەت، تاۋار، سۈپەت، ماركا ئاڭلىرىنىڭ تېخى تولۇق يېتىلىپ بولالمىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولغان، يۇقىرى تېخنىكا ئامىللىرى ئىنتايىن كەمچىل مەھسۇلاتلىرىمىز دۇچ كەلگەن خەلقئارالىق كۈچلۈك خىرىىس، مىللىي بازىرىمىزنىڭ ئەركىن رىقابەتتە سىرتقى دولقۇننىڭ شىددەتلىك ئۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، مۇلايىملىق بىلەن يول بېرىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان بايلىقنىڭ سىرتقا توختاۋسىز ئېقىشى، ئىشسىزلىق، مەبلەغ، تېخنىكا يېتىشمەسلىك... ھالبۇكى دەل مۇشۇ يېڭى تېخنىكا ياراتقۇچى، ئۇنى ئۆز يولىدا ئۈنۈملۈك ئىشلىتىپ، كارخانىغا ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلگۈچى ھېسابلانغان ئىختىساس ئىگىلىرى ئۆز تالانت، ئىقتىدار، ئىجادچانلىقىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەركىن رىقابەت، تەڭ - باراۋەر پۇرسەت ۋە ئادىل تاللاش ھوقۇقىدىن ئىبارەت ئىلغار، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن مېخانىزمنىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىدار، سەۋىيىسىگە ئەمەس، بەلكى جەمئىيىتىمىزدە كەڭ ئەۋج ئالغان، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ۋاقىتلىق پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقان، مەنبەسى ھەر خىل قالاقلىق، بيۇروكراتلىق، شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنلىك، پارىخورلۇق... تېگى - تەكتى يەنىلا نادانلىققا بېرىپ تاقىلىدىغان توسالغۇ - چەكلىمىلەرگە بېقىنىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئىختىساس ئىگىلىرىدىن توغرا، مۇۋاپىق پايدىلىنالماسلىق، ئۇلارنىڭ ئىجادكارلىقىنىڭ ئەركىن جارى قىلدۇرۇلۇشىغا قويۇلغان ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىق - توساقلار، ئۇلارنىڭ سىرتقا توختىماي ئېقىشىدىن ئىبارەت بۇ پاسسىپ تەتۈر ئايلىنىش بىزگە ئېلىپ كەلگەن تېخىمۇ زور ئىسراپچىلىق، زىيانلار... مانا بۇلار بىزدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زور ساندىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى مۇشۇ ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر، ئىختىساس ئىگىلىرىگە بولغان ئېغىر ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن بەئەينى «چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر» دېگەن ھەقىقەتتە ئېيتىلغاندىكىدەك ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن سىمالىرى.

        كارخانىنىڭ كۈچى يېتەرلىك مەبلەغ، ئۆتكۈر تېخنىكا ۋە ئىلغار باشقۇرۇشتا. تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش بولسا ئىختىساس ئىگىسىگە پۈتۈنلەي بېقىنغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، ئاخىرقى ھېسابتا مەبلەغ، سەرمايىنى ياراتقۇچى، زورايتقۇچىمۇ يەنىلا بىردىنبىر ئىختىساس ئىگىسىدۇر. ئىختىساس ئىگىسىنى تونۇيدىغان كۆز بولۇش، ئىختىساس ئىگىسىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىلىش، ئۇلارنى ئۆز قابىلىيەت، بىلىمىگە ماس ھالدا ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بولۇش، ئۇلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى، يوشۇرۇن كۈچىنى توختىماي قېزىپ چىقىرىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە يېڭى پىكىر، ئىدىيىلەرنى ئۇرغۇتۇپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ تېخنىكا يېڭىلاشقا مەبلەغ سېلىشنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماسلىق؛ شىركەتلەر ئارا رىقابەت ۋە ھەمكارلىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلار بىلەن مەبلەغ، تېخنىكا، باشقۇرۇش جەھەتلەردە تەدرىجىي ھالدا گۇرۇھلىشىش، بىرلىشىش يولىغا قاراپ مېڭىش، بۇ ئارقىلىق تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق ئېچىش، تەتقىقات، تەربىيىلەش تۈرلىرىگە سېلىنىشىدەك ياخشى بولغان ئايلىنىشنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، زور مەبلەغ، يۇقىرى تېخنىكا، چوڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ كەلگەن، سۈپەت، ئوبوروت ۋە پايدا ئاۋۋالقىدىن ھەسسىلەپ ئاشقان ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش؛ كارخانا باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، مەھسۇلات تەننەرخىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىپ، سۈپەتنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئاخىر بازار رىقابىتىدە ئۈزۈپ چىقىش قاتارلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇتۇق قازىنىش - قازىنالماسلىق، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى كارخانىنىڭ بازاردا داۋاملىق پۇت تىرەپ تۇرۇش - تۇرالماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق ئۆلچەم ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان ئەقەللىي ساۋات. بۇ بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈزۈلۈپ ئىجرا قىلىنىشى شەك - شۈبھىسىز ئىقتىساد - سودا، باشقۇرۇش ۋە باشقا ساھەلەرگە چېتىشلىق نۇرغۇن كونكرېت، كەسپىي بىلىملەرنى ئۆزىگە ئېھتىياج قىلغان بولۇپ، بۇ بىزدىن يەنىلا توختىماي ئۆگىنىش، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يول ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

      بىلىم ئىگىلىكى ئۆزىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن كۈچ - قۇدرىتىنى كۆرسىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يەنە بەزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تاپالماسلىقى، تەقسىماتىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىدەك ئوبيېكتىپ رېئاللىق نۇرغۇن كىشىلەرنى دەماللىققا تەمتىرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشقا بولغان پوزىتسىيىسىگە قايمۇقۇش، بۇرمىلاشلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.
       ئوقۇش پەقەت مۇقىم بىر ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلەشنى، بىر ئىزنى بويلىغان ھالدا، مائاشقىلا تايىنىپ جان بېقىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلسا، ئۇ ھالدا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بولۇشتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئازدۇر - كۆپتۇر جەمئىيەت ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆز مەقسىتى قىلىشى كېرەك. بۇ شەخس تەرەققىياتىغىمۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىقىش يولى تاپالماسلىق، بىلىمنىڭ ئەسقاتماسلىقىدىن دېرەك بەرمەستىن، بەلكى بىلىمگە بولغان تەلەپنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن، رىقابەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكىدىن، ئاخىرقى ھېسابتا بىلىمنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. جەمئىيەتكە كېرەكلىك بولغان مەلۇم ساھەدىكى قابىلىيەتنى ھازىرلىغان كىشىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى ھېچقانداق نەرسە توسۇپ قويالمايدۇ. جەمئىيەت توختىماي ئالغا ماڭىدۇ. ئىقتىسادىي قانۇنىيەت، دەۋر يۈزلىنىشى شىددەتلىك دولقۇنلىرىنىڭ ئادالەتسىز، قالاق تەقسىمات، خاتا ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ئۇلارنى ئۆز كۈچلۈك قايناملىرى ئارىسىغا ئوراپ ئېلىپ كىرىپ يانجىپ تاشلاش ئارقىلىق خاتىمە بېرىپ، ئىقتىدارلىقلارغا يول ھازىرلاپ بېرىشىدەك بۇ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ. ئۇلۇغۋار غايە، نىشانلارنى ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن دەۋرىمىز ياشلىرى جەمئىيەتتىن زارلىنىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن سالماق ھالدا ئۆز - ئۆزىنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈشى، ئۆز بىلىمىنىڭ چەكلىكلىكىدىن زارلىنىشنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك. بەزى جەھەتلەردە تەڭسىزلىككە، ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىشكە ئېرىشەلمەسلىككە ئۇچراش بىلەن ۋايساپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەكسىچە يېتەرسىزلىكلىرى بولسا ئۆزىنى داۋاملىق تولۇقلاش، جەمئىيەتنىڭ ئىقتىدار ئېھتىياجىغا ماس كەسپىي سەۋىيىسىنى داۋاملىق پۇختىلاپ ئۆستۈرۈپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئالتۇن قۇمدا كۆمۈلۈپ ياتسىمۇ ھامان ئالتۇن. قابىلىيەت ئىگىسى ھامان بىر كۈنى ئۆز قابىلىيىتىگە مۇناسىپ كەلگەن ئورۇننى تاپالايدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئادەملەر توپلىشىپ ئوۋ ئوۋلاش ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالسىلا ئۇلار ئۈچۈن كۇپايە قىلاتتى.

        جەمئىيەتنىڭ ئالغا سىلجىشىغا ئەگىشىپ، بىلىممۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، ئىنسانلار جەمئىيەتكە ماسلىشىپ ھايات كۆچۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بىلىشى زۆرۈر بولغان بىلىملەرمۇ ماس ھالدا كۆپىيىپ باردى. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى، كىشىلەرنىڭ ماددىي، مەنىۋى ئېھتىياجىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىشى، يېڭى كەسىپ، مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياج، ھۆكۈمەت ۋە شەخس ئىگىدارچىلىقىدىكى يېڭى فۇنكسىيىلىك ئورۇنلارنى توختىماي بەرپا قىلىش بىلەن بىرگە لايىقلىشالمىغان ئورۇنلارنى ئۆزگەرتىدۇ ياكى شاللاپ چىقىرىدۇ. تەمىنلەش بىلەن تەلەپنىڭ بازاردىن ئىبارەت بۇ ئەركىن رىقابەت سەيناسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى مۇقەررەر ھالدا شەخس كارخانىلىرىنىڭ سان ۋە كۆلىمىنىڭ چەكسىز ئېشىشىغا كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى ئىش تەقسىماتى ئىنچىكىلىشىشكە، كىشىلەرنىڭ كەسىپلىشىش دەرىجىسىمۇ كۈندىن - كۈنگە يۇقىرى بالداققا قاراپ ئۆرلەشكە باشلايدۇ. مۇشۇ قائىدە بويىچە ھازىرقى جەمئىيەتتە بۇ جەمئىيەتكە نىسبەتەن ۋاقتى ئۆتكەن بىلىم قۇرۇلمىسىغا تايىنىپ جان بېقىش ئەسلا مۇمكىن بولمىسا كېرەك.

       ھەممىگە ئايان كۆز يۇمغۇسىز رېئاللىق، بىزدىكى كونا، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن چىقىپ كېتەلمەي، دەۋر تەقەززاسىغا ئۇيغۇنلىشالمايۋاتقان، باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، ئېغىر كرىزىس ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ھالەتتىمۇ، ۋاقتى ئۆتكەن بىلىم قۇرۇلمىسىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، تېخىچە غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقان بارلىق چوڭ - كىچىك مىللىي كارخانا، تىجارەت ئىگىلىرىگە كۈچلۈك سىگنال چالدى. بۇ ھەم بازاردا داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش  كۈنسېرى روناق تېپىش بىلەن بارغانسېرى زەئىپلىشىش  ئاخىر بازار رىقابىتى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە شاللىنىپ چىقىرىلىشنىڭ شەرتسىز ھالدا ئاخىرقى ھېسابتا پەن - تېخنىكىنى قورال قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىش - پايدىلىنالماسلىق تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئۈنلۈك خىتاب ھېسابلىنىدۇ.

       چەت ئەل سودا كۈچلىرىنىڭ رايونىمىزغا كىرىشى، سودىنىڭ دۇنياۋىلىشىش، بىر گەۋدىلىشىش، خەلقئارالىشىشنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. بۇ ھەم رايونىمىز ئىقتىساد تەرەققىياتىغا پايدىلىق. ئەمما ئۇلارنىڭ مىللىي بازىرىمىزدىكى ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق بولماي، ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ كېتىشى، مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ پايدا نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئاستا - ئاستا يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بولسا بىر مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئاكسيوما. شۇڭا بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، رىقابەتكە ھەر ۋاقىت تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇش، ئۆزىمىزنىڭ پۈتۈنلەي قول ئەمگىكىگە ۋە يېرىم تېخىكا، يېرىم قول ئەمگىكىگە تايىنىدىغان مەھسۇلاتلار جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى تونۇپ، تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە يۇقىرى تېخنىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودىدىكى يۈكسەك ئورنىغا ھەر ۋاقىت دىققەت - ئېتىبار بىلەن قاراپ، زۆرۈر بولغان ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش بىز ئۈچۈن تەخىرسىز ئىشقا ئايلاندى.

       يولنى تارىختىن بېرى ئىنسانلار ئۆز ئەقلىگە، ئەمگىكىگە تايىنىپ يارىتىپ كەلگەن، ھازىرمۇ ياراتماقتا ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توختىماي يارىتىدۇ! دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان شەيئى، ۋۇجۇدقا چىقمايدىغان ئىش يوق! ئۇيغۇر مىللىي ئىگىلىكىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز تىنماي جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان بارلىق مىللىي كارخانىچىلار، ھەر ساھە تەتقىقاتچى، زىيالىي، ئىختىساس ئىگىلىرى دۆڭكۆۋرۈكتە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشى، سىرتقى دۇنيانىڭ ئەۋزەللىك، ئارتۇقچىلىقلىرىنى، بىزدە يوق ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىشنى بىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ «دەرمان»، «ئامىنە»لىرىنى ئەتىكى دۇنيانىڭ ھەممىگە تونۇش ماركىلىرىغا، بۈگۈنكى ئۇيغۇرنىڭ سۈپەتلىك، تىلدا قالغۇدەك مېۋە - چېۋىلىرى، تالقان - مۇراببالىرى، يېيىشلىك نانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېسىل مەھسۇلاتلىرىنى ئەتىكى دۇنيانىڭ ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان نېمەتلىرىگە ئايلاندۇرۇش يەنىلا پۈتۈنلەي يول ئاچقۇچىلارغا، ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ! باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئوكيان كېزىپ، ئۆز يەرلىرىدىن ھالقىپ، دۆڭكۆۋرۈككە يېتىپ كېلىشنى بىلگەنىكەن، بىزمۇ تىنىمسىز ئىزدىنىپ، يېڭى يوللارنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، دۆڭكۆۋرۈكنى ھەممەياق بىلەن تۇتاشتۇرىشىمىز، ئۇ ھەرقانچە ئېگىز بىلىنگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دۇنياغا يۈرۈش قىلىشنى بىلىشىمىز شەرت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر فۇرقەت تەلەت