يېشىل سوۋغات، يېشىل كۈلكە ۋە باشقىلار(ئەسقەر داۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 08:56:52

يېشىل سوۋغات، يېشىل كۈلكە ۋە باشقىلارئەسقەر داۋۇتئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى — دۇنيا ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، شۇند...

    يېشىل سوۋغات، يېشىل كۈلكە ۋە باشقىلار
    ئەسقەر داۋۇت



    ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى — دۇنيا ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي  قىسمى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تېبابەتچىلىك خەزىنىسىدىكى چاقناپ تۇرغان بىباھا گۆھەر . ئۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى  جەريانىدا ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس مۇكەممەل بولغان نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە داۋالاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تېبابەتچىلىك ئىلمى بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە شەكىللىنىش جەريانىدا يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى كەشىپ قىلغان . بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا شەرھلەش، يەنى ئىلمىي قانۇنىيەت بىلەن چۈشەندۈرۈش — بۈگۈنكى زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە زور مۆجىزىلەر يارىتىلىۋاتقان دەۋرىمىزنىڭ تەقەززاسى.
    قۇمدا داۋالاش ئۇيغۇر تېبابىتى داۋالاش ئىلمىدىكى يەرلىك داۋالاش چارىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق يىل كېسەللىكلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ يەكۈنى.
    قۇمدا داۋالاش ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلمىدىكى فىزىكىلىق داۋالاشنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ — خىلمۇ خىل تەبىئىي  ۋە سۈنئىي ئامىللارنىڭ تەتقىق قىلىپ قوللىنىلغان داۋالاش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېببىي  ئىلمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    فىزىكىلىق داۋالاش ئىلمىنىڭ كېلىش مەنبەسى — قەدىمىي گرېك يېزىقىدىكى مەنىسى «تەبىئەتنىڭ كۈچى بىلەن داۋالاش»تىن كېلىپ چىققان.
    پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، فىزىكىلىق داۋالاش پەقەت تەبىئەتنىڭلا كۈچىگە تايىنىشتەك ئىلمىي ئۇسۇلدىن ھالقىپ، خىلمۇ خىل فىزىكىلىق ئامىللارنى ئىشلىتىشكە يۈزلەندى . ئېلېكترون تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى فىزىكىلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىلغارلىقى، خىلمۇ خىللىقى بىلەن تېببىي ئىلىمدە زور يۈكسىلىشلەرنى بارلىققا كەلدۈردى . كلىنىكىدىكى ئىشلىتىلىشىمۇ كۈنسېرى كېڭەيدى . شۇنىڭ بىلەن فىزىكىلىق داۋالاش تېببىي ئىلىم سىستېمىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى . ئۇ داۋالاش ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىدىن ھالقىپ، كېسەللىككە دىئاگنوز  قويۇش ئىلمىدە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىدىغان بولدى.
    قۇمنى قىزدۇرۇپ داۋالاش ئۈسكۈنىسى ياش كەشپىياتچى خالمۇرات نەسىردىننىڭ دۆلىتىمىزدە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، شياڭگاڭدا ئېچىلغان خەلقارا پاتېنت تېخنىكا يەرمەنكىسىدە ئالتۇن مېدالغا، جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا پاتېنت تېخنىكا نەتىجىلىرى يەرمەنكىسىدە خەلقئارا مۇنەۋۋەر پاتېنت ئالتۇن مېدالىغا ئېرىشكەن يېڭى تىپتىكى داۋالاش ئۈسكۈنىسى.
    بۇ تېخنىكا ئاساسەن ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى «قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىش»، «ئىنفىرا قىزىل نۇر مۆتىدىل ئىسسىق بىلەن داۋالىنىش»، «ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى ئەنئەنىۋى رېتسېپ دورىسى» بىلەن داۋالىنىشلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ بەدەندىكى پەللىلەرگە تەسىر قىلىش ئارقىلىق بويۇن، دۈمبە، بەل، پۇت ۋە قول قاتارلىق ئەزالارنىڭ رېماتىزم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى، يەلكە، مۈرە بوغۇم ئاغرىقلىرى، بەل، پۇت، قول ئاغرىقلىرى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقلىرى، مۇسكۇل توقۇلما سىپازمىلىرى (ئاغرىقلىرى)، مىتىراتسىيىدە ئاغرىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالايدىغان قوللىنىشقا ئەپلىك، يۇقىرى تېخنىكىلىق «يېشىل داۋالاش ئۈسكۈنىسى».
    بۇ ئۈسكۈنە ھازىرقى زامان ئېلېكترون تېخنىكىسى، ئېكرانلىق كۆرسەتكۈچ، سېزىملىق ۋىكليوچاتىل ۋە قوش يوللۇق ئۇزىتىش قاتارلىق ئىقتىدار ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، قۇمغا كۆمۈلۈپ داۋالىنىشقا قارىغاندا ۋاقىت، ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ . قىزدۇرۇلغان قۇم بەلۋېغى ئارقىلىق پەللىلەرگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمى ھاسىل قىلالايدۇ.
    ئىستېداتلىق ياش كەشپىياتچى خالمۇرات نەسىردىننىڭ بۇ ئۈسكۈنىسى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى تۈرلۈك پاتېنت كۆرگەزمىلىرىدە شەرەپ قۇچۇپ رەسمى ھالدا بازارغا سېلىنغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشتى . ئىككى يىل جەريانىدا كەشپىياتچى خالمۇرات نەسىردىن ۋە ئۇنىڭ بۇ ئۈسكۈنىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان شىنجاڭ ئۈرۈمچى خالمۇرات قۇم يالقۇنى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن، شۇنداقلا ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ھەر مىللەت ئىستېمالچىلىرىدىن كەلگەن 500 پارچىدىن ئارتۇق رەھمەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى . رەھمەت خېتىدە نۇرغۇن ئىستېمالچىلار بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئۆزىنىڭ نەچچە 10 يىللىق ئاغرىق ئازابىدىن خالاس قىلغانلىقىنى ئېيتقان . بەزى ياش يىگىت-قىزلار رەھمەت خېتىدە ئاتا-ئانىسىغا قىلغان سوۋغاتلىق ئىچىدە بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ئەڭ ياخشى سوۋغات ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلغان، بولۇپمۇ نەم، ھۆل-يېغىنى كۆپ رايونلار ۋە تاغلىق، يايلاق رايونلىرىدا ياشايدىغان كىشىلەر بۇ ئۈسكۈنە بىلەن داۋالىنىشنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئېلىپ يۈرۈشكە، ئىشلىتىشكە قۇلايلىق ئىكەنلىكىنى ھەمدە داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرىلىقىنى تەكرار-تەكرار ئىپادىلىگەن.
    بىز بۇ يىل ماي ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم تېببىي ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدۇق.
    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، قۇم بىلەن داۋالاش بويىچە مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا داڭلىق مۇتەخەسسىس مەريەم ساقىم مۇنداق دېدى:
    — قۇمنى قىزدۇرۇپ داۋالاش ئۈسكۈنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى تەتقىقاتىدىكى بىر چوڭ بۆسۈش . ئۇ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ خەلقئارا زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلەن ئاكتىپ بىرلەشكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى . بۇ مەھسۇلاتنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى نۇرغۇن ئىش ھالقىسى، ۋاقىت ئۈنۈمى ۋە ئارتۇقچە مەشغۇلاتنى قىسقارتتى . داۋالاش ئۈنۈمىدىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى نەتىجە ياراتتى.
    ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر ۋراچى، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرى بويىچە ئاتاقلىق مۇتەخەسسىس باقى يۈسۈپ مۇنداق دېدى:
    — بۇ مەھسۇلات بىخەتەر، ئېلىپ يۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇپ، ئىچكەن دورىلارغا، سالغان ئوكۇلغا قارىغاندا ئىشلىتىشكە قۇلايلىق، بىمارلار ئۆزى بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ . بۇ ئۈسكۈنىنىڭ قۇم خالتىسىغا مەلۇم دەرىجىدە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى قوشۇلغان بولۇپ بۇلار ئىنفىرا قىزىل نۇرنىڭ قوزغىتىش رولى بىلەن بىرلەشكەندە ئاغرىققا نىسبەتەن ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمى ھاسىل قىلالايدۇ . بۇ دورىلارنىڭ كېسەل بار ئورۇنغا سىڭىپ كىرىشى ئارقىلىق كېسەل بار ئورۇننى داۋالايدۇ . قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ . زىيانلىق ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىدۇ . پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ، نورماللاشتۇرىدۇ، بولۇپمۇ بۇنداق ئۇسۇل بىلەن داۋالاشنىڭ رېماتىزم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى، يەلكە، مۈرە بوغۇم ئاغرىقلىرى، بەل، پۇت-قول ئاغرىقلىرى، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقلىرى، مۇسكۇل توقۇلما سىپازمىلىرى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى.
    شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا داڭلىق تېببىي مۇتەخەسسىس چېڭ جيەن (دوكتور خالمۇرات غوپۇر ۋە  پروفېسسور مەريەم ساقىملارنىڭ ئۇستازى) مۇنداق دېدى:
    — بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرى تېبابەتچىلىكى مۇساپىسىدىكى بىر چوڭ ئىش . بۇ ئۈسكۈنە سۈپەت-تېخنىكا ئۆلچىمىدە دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىدىن تولۇق ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنىنى ئىچكى ئۆلكە، دېڭىز بويى رايونلىرىدىمۇ كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك . دۆلەت يۇقىرى مەبلەغ ئاجرىتىپ بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى زورايتىش كېرەك.
    ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك تەتقىقات ئورنى فىزىكىلىق داۋلاش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئەھەت ھوشۇر مۇنداق دېدى:
    — بىز بۇ مەھسۇلاتنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتىغا باشتىن-ئاخىر قاتناشتۇق . رېماتىزم، ساختا رېماتىزم بىلەن ئاغرىغان، بەل-پۇت ئاغرىغان ۋە ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان 500 نەپەر ئاغرىقنى نۇسخا ئېلىپ، بىرمۇ بىر تەكشۈرگەندە بۇ ئۈسكۈنىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ 93 پىرسەنتتىن يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
    ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ ئۈسكۈنە ئادەم ئورگانىزمىدىكى چېكىنىش خاراكتېرىدىكى ھەر خىل ئاغرىقلارنى پەسەيتىشكە ئالاھىدە مەنپەئىتى بار بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈمى تېز، ئېلىپ يۈرۈشكە قۇلايلىق، بىخەتەرلىكى يۇقىرى، باھاسى ئەرزان، ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە قۇلايلىق، ئەكس تەسىرى يوق.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.