ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت(3)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-15 07:51:57

ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت سارترنىڭ «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن ئەسىرى ھەققىدەمەمتىمىن ئەلا سارتر ئىنسان تەبىئىتى بىلەن ماھىيەتنى بىر-بىر...



     


     

    ئەيىبلەنگەن ئەركىنلىك ۋە قېچىپ قۇتۇلغۇسىز مەسئۇلىيەت


    سارترنىڭ «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن ئەسىرى ھەققىدە
    مەمتىمىن ئەلا

     

     

    سارتر ئىنسان تەبىئىتى بىلەن ماھىيەتنى بىر-بىرىگە ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ئۇقۇملار سۈپىتىدە قوللانغان بولۇپ، خۇددى ئالدىن قارارلاشتۇرۇلغان ماھىيەت بولمىغىنىدەك، ئادەمنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ۋە قانداق بولۇشىنى بېكىتىدىغان ئىنسان تەبىئىتىمۇ يوق، چۈنكى بۇنداق ماھىيەتنى ئالدىن ئويلايدىغان بىردىنبىر، «چەكسىز ۋە مۇكەممەل» ئاڭ يوق. ئىنسان تەبىئىتىنى ئادەمنى خاراكتېرلەيدىغان بىر خىل ماھىيەت سۈپىتىدە قارىغان سارتر ئادەمنى ھېچقانداق ئىنسان تەبىئىتىسىز—ھەتتا ئادەم دېگەن ئۇقۇم بىلەنمۇ شەرھلىگىلى بولمايدىغان—قىپيالىڭاچ بارلىق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ماتېرىيالىستىك، ئاتېئىزملىق ۋە سكېپتىك (گۇمانىي) مەۋجۇدىيەتچىلىكى ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئىلگىرى ياكى ئۈستۈن تۇرىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى دېتېرمىنىزمنى[1] (قارارچىلىقنى) رەت قىلىدۇ—ئادەمنىڭ مەقسەت بولمىغان بۇ دۇنياغا كېلىشىنىڭمۇ، بۇ دۇنيادىن كېتىشىنىڭمۇ سەۋەبى يوق. يىغىپ ئېيتقاندا، ئادەم ئالدىن قارار قىلىنمىغان بارلىقتۇر.

     


    سارتر يۇقىرىقى ھۆكۈمىنى قەغەز قىيىش پىچىقىنى ياسىغۇچى ھەققىدىكى مىسالى ئارقىلىق ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھاكىمە قىلىدۇ. خۇددى قەغەز قىيىش پىچىقىنى ياسىغۇچىنىڭ كاللىسىدا ئۇنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى—ماھيىتى—ئاللىبۇرۇن بولغىنىدەك، خۇدادىمۇ ئۆزى ياراتقان ئىنساننىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە بولالايدىغانلىقى ھەققىدە ئاللبۇرۇن بىر پىلان ۋە ئالدىنئالا مەقسەت بولغان بولىدۇ. بۇ پەلسەپىدە خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان «لايىھە نۇقتىئىينەزەرى» بولۇپ، ئۇنىڭدا يارىلىشنىڭ خۇدا تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئالدىن مەقسىتى بار، خۇدانىڭ ھەر بىر بەندىسى ئۆزىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن ماھىيىتىنى ۋە ئىنسان تەبىئىتىنى رېئاللاشتۇرغۇچىدۇر، دېيىلىدىغان قاراشنىڭ ئۆزگىچە ئىپادىسىدۇر. ئەمما، سارترنىڭ قارىشىچە، خۇدانىڭ ئىنسان ھەققىدە بۇنداق بىر ئالدىن پىلانى بار دېگەنلىك ئادەمنىڭ ھەرىكىتى يەنىلا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ دېگەنلىكتۇر. لېكىن، خۇدا بولمىغان ئىكەن، بۇنداق بىر ئىنسان ئۈچۈن ئالدىن تۈزۈلگەن پىلانمۇ بولمايدۇ—ئادەم ئۆزىنىڭ پىلانىدۇر.

     


    شۇنداقتىمۇ، سارترنىڭ خۇداسىزلىق ھەققىدىكى قاراشلىرىغا غەرب دىن پەلسەپىسىدىكى مۇنداق نىگىزلىك توقۇنۇش سايە تاشلاپ تۇرىدۇ: ئەگەر خۇدا مەۋجۇت ھەمدە ئۆزى ياراتقان يارالمىشنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلسە، ئۇ ھالدا ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ چۈنكى ئەگەر خۇدا مەۋجۇت بولسا، ئۇ تەرىپىدىن يارىتىلغان يارالمىشلار ئۇنىڭ مەقسىتىگە بېقىنىشى كېرەك، ئۇ ھالدا ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئەركىن بولماستىن بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىگە بېقىنىدۇ؛ ئەگەر ئىنسان ئەركىن ئىرادىگە ئىگە دېيىلسە، ئۇنىڭ ئىرادىسى ئارقىلىق ئارتقۇلىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەت ئالدىنئالا بېكىتىلگەن ھەرقانداق چۈشەنجىگە، ڧورمۇلاغا ۋە پىلانغا بويسۇنمايدۇ. قىسقىسى، ئىنسان مۇتلەق ئەركىن بولىدۇ، ئىچكى-تاشقى ئامىللارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۇچرىمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سارتر 20-ئەسىر پەلسەپىسىدىكى بەھسلىك ۋە ئەركىن ئىرادە بىلەن دېتېرمىنىزمنى بىر بىرىگە سىغىشالمايدۇ دەپ قارايدىغان سىغىشالماسلىق تېمىسىغا قاتنىشىدۇ. ئۇ لىبېرتەريېنىزمنىڭ[2] (ئەركىن ئىرادىچىلىك) سىغىشالماسلىق ئېقىمىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئەركىن ئىرادە لوگىكىلىق نۇقتىدىن ئالغاندا دېتېرمىنىزملىق كائىنات بىلەن سىغىشالمايدۇ، ھەمدە ئىنسان سۇبيېكتلىرىنىڭ ئەركىن ئىرادىسى بار، شۇڭا دېتېرمىنىزم ساختىدۇر.

     


    سارترنىڭ ئەركىنلىك ھەققىدىكى ئىدىيىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك ھادىسىشۇناسلىقىدىكى «ئۆزىدىكى-شەيئى»[3] بىلەن «ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى»[4] دېگەن ئىككى ئۇقۇمى توغرىسىدا توختىلىش كېرەكتۇر. سارتر بارلىقنى—مەۋجۇت رېئاللىقلارنى—ئىككى كاتېگورىيىگە بۆلىدۇ: ئۆزىدىكى-شەيئى ۋە ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى. ئالدىقىسى مۇقىم، ئۆز-ئۆزىگە ئوخشاش بولغان، ئىنېرت ۋە ئۆزگەرمەستۇر—ئۇ بارلىقنى بىلدۈرىدىغان مەۋجۇتلۇق شەكلىدۇر. ئۇ ياكى ئاكتىپ، ياكى پاسسىپ، ياكى پوتېنسىئاللىق ياكى ئاكتىۋاللىق ئەمەس. ئۇ پەقەت مەۋجۇتلۇقتىن ئىبارەت قىپيالىڭاچ پاكىت بولۇپ، ئۇنىڭغا خۇددى كانتنىڭ ئوخشاش نامدا ئاتالغان ئاتالغۇسىغا ئوخشاش، يېقىنلاشقىلى بولمايدۇ. كېيىنكىسى بولسا دىنامىكىلىقنى، ئېقىشچانلىقنى ۋە ئۆز-ئۆزىگە ئوخشاش بولماسلىقنى—پەرقنى—كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۆزىدىكى-شەيئىنىڭ ئىنكار قىلىنىشى ياكى يوقلۇقلاشتۇرۇلۇشىدۇر. بۇ ئىككى رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى دۇئالىستىك مۇناسىۋەت ماھىيەتتە پاكىتچانلىق (تۇرغۇنلۇق ۋە ئوخشاشلىق) بىلەن ھالقىمىلىق (مۇمكىنچىلىك ھەم پەرق) ئوتتۇرىسىدىكى دۇئالىستىك مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى—بىر قەدەر كەڭ مەنىدىن ئالغاندا، ئىنساننىڭ ئېڭى—ئۆزىدىكى-شەيئىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى باشلايدۇ. ئەگەر ئۆزىدىكى-شەيئى سۇبستانسىيە ياكى «شەيئى» سۈپىتىدە چۈشىنىلسە، ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى نەرسە-ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىكى-شەيئىدىن بىر خىل ستېخىيىلىك باشلىنىش—كۆتۈرۈلۈش سۈپىتىدە چۈشىنىلىدۇ. كىملىك پرىنسىپى تۇرغۇنلۇق ۋە بىرخىللىق سۈپىتىدىكى ئۆزىدىكى-شەيئىنى كۆرسەتسە، ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. شۇڭا، ئەگەر ئۆتمۈش ئۆزىنىڭ (قايتا) ئۆزگەرمەسلىكتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزىدىكى-شەيئى سۈپىتىدە چۈشىنىلسە، خىلمۇ خىل ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىكىگە تولغان كەلگۈسى ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى سۈپىتىدە چۈشىنىلىدۇ.

     


    ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى يۇقىرىقى ئىككى خىل ۋاقىتچانلىقنىڭ مۇرەككەپ بىرىكمىسى بولغان ھەم سارتر تەرىپىدىن ئىنساننىڭ شەرت-شارائىتى دەپ ئاتالغان ھازىردا ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزىنى كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرىدۇ. سارتر ئۈچۈن ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى ئىنسان رېئاللىقىدۇر—بۇ دېمەك، ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك رېئاللىقى ئۇ تاللىيالمايدىغان ھەم تاللىيالمىغان ئۆزىدىكى-شەيئى سۈپىتىدىكى ئۆتمۈش ئەمەس، بەلكى ئۇ تاللايدىغان، تاللىشى كېرەك بولغان—ھەتتا تاللاشقا مەجبۇرلانغان—كەلگۈسىدۇر. ئۆتمۈشۈمنىڭ يەنى مېنىڭ نەدە ۋە قانداق تۇغۇلۇشۇم قاتارلىق ئۆزگەرمەس پاكىتچانلىقلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ھەم ئۇنى ئىسپاتلىغىلىمۇ بولمايدۇ:نېمە ئۈچۈن مەن مەلۇم بىر كەمبەغەل دۆلەتتە نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلىمەن، يەنە بىرى بولسا باي بىر دۆلەتتە پۇلدار ئائىلىدە تۇغۇلىدۇ؟ پاكىتچانلىقلار شۇڭا تاسادىپىيلىق بولۇپ، پەقەت «ئۇ يەردە» بارلىقى بىلەن بىزگە كۆرۈنىدۇ. پاكىتچانلىقلار ئىنسان رېئاللىقىنىڭ پەقەت بىر قىسمىدۇر. ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن لايىھىسى بار—گەرچە ئۇ پاكىتچانلىقلاردىن پۈتۈنلەي ئايرىلالمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن تامامەن بىرىكىپمۇ كېتەلمەيدۇ.

     


    سارترنىڭ قارىشىچە، ئاڭنىڭ ئونتولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى ئەركىنلىكتۇر. ئەركىنلىك قانداقتۇر مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمغا قېتىلىپ قالغان سۈپەت ئەمەس، بەلكى مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالىدۇر. ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئەركىنلىكى پەرقلىق ئىككى نەرسە بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ يادروسى ئەركىنلىكتۇر. ئەركىنلىك مەۋجۇداتنىڭ قېچىپ قۇتۇلغۇسىز زۆرۈرىيىتىدۇر—مانا مۇشۇ زىتلىق ئادەمنىڭ ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئىلىك شارائىتى بولۇپ، ئۆزىنى ئۆزگەرمەس شەيئى بولمىش ئۆزىدىكى-شەيئىلەشتۈرۈشتىن ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئىلەشتۈرۈشكە كۆتۈرۈشنىڭ ھاسىلاتىدۇر. ئۇنىڭ ئەركىنلىك قارىشى شۇنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇكى، مەن بىر ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئى، ھەرگىزمۇ ئۆزىدىكى-شەيئى ئەمەسمەن.

     


    شۇڭا، سارتنىڭ «ئەسلىدىكى ئەركىنلىك» دېگەن قارىشى ئالدىنئالا بېكىتىلگەن پىلان بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئىنىڭ ھەرۋاقىت بىر خىل ستېخىيىلىك كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنسان ئەركىنلىكىنىڭ ھەقىقىتى مانا مۇشۇ ستېخىيىلىكنى ئۆزىنىڭ پىلانى شەكلىگە كىرگۈزۈش، تاسادىپىيلىقلارنى ۋە پاكىتچانلىقلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇلارنى كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشتە. ئەركىن بولۇش ھەرگىزمۇ ئادەمنىڭ ئۆزى خالىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىشى بولماستىن، بەلكى ئىرادىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ شەرت-شارائىتىدىن ھالقىشتەك دائىمىي ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. شەخس مەيلى قايسىلا شەرت-شارائىتتا بولسۇن، ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى تاللاشتا ئەركىن. ھەتتا ئۇنىڭ تاللاشنى رەت قىلىشىمۇ بىر خىل ئەركىن تاللاشتۇر. ھەتتا قۇلمۇ ئەركىن، چۈنكى ئۇ قۇللۇقتىن—ئاسارەتتىن—قېچىپ كېتىشنى تاللىيالايدۇ، ھېچ بولمىسا ئۇنى ئەركىن خىيال قىلالايدۇ. ئەكسىچە، ئۇنىڭ قۇللۇقنى راۋا كۆرۈشىمۇ يەنىلا بىر خىل تاللاشتۇر.

     

     


    سارترنىڭ «مەۋجۇدىيەتچىلىك بىر خىل ئىنسانپەرۋەرلىكتۇر» دېگەن ئەسىرىدىكى ياش ياكى ئانىسى بىلەن بىللە قېلىش ياكى ئەنگلىيىگە بېرىپ، گېرمان تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تەشكىللەنگەن ڧرانسىيە قارشىلىق ھەرىكىتىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت قىيىن تاللاشقا قالىدۇ. ئالدى بىلەن ئۇ بۇ ئىككى خىل تاللاشنىڭ (ھەتتا ھەر ئىككىسىنى تاللىماسلىقتەك ئۈچىنچى خىل تاللاشنىڭ) بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلىنىدۇ. ئۇ بۇلارنى تاللاشتا پۈتۈنلەي ئەركىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشى ئۈچۈن ئۇ ئالدىنئالا تايىنىشى كېرەك بولىدىغان ھېچ نەرسە يوق—يە ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى ، يە يېتەكچىلىك ئىدىيىسى ، يە ئالدىنئالا بېكىتىلگەن پىلان يوق. ئۇنىڭ ئەركىن تاللاشقا مەجبۇرلىنىشى ئۇنىڭدا پەقەت ئەركىن ئىرادىنىڭ بولغانلىقىلا سەۋەب بولماستىن، بەلكى ئۇ دۇچ كەلگەن شەرت-شارائىتنىڭ ئۇنى ئەركىن تاللاشقا مەجبۇرلايدىغان بېسىمىمۇ سەۋەب بولغان. ئۇ ھېچقانداق ياردەم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭغا كۆپ خىل مۇمكىنچىلىكلەرنى ئاتا قىلىدىغان شارائىتنىڭ بېسىمى بىلەن ئەركىن تاللاشقا تاللاشقا مەجبۇرلىنىدۇ. مانا بۇ ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ ئونتولوگىيىلىك ئاساسىدۇر.

     


    ئادەم ئەركىن ھەم ئادەم ئۆزىنىڭ تاللىشى ۋە دۇنياسىغا—يەنى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىگە—مەسئۇل بولۇشى كېرەك. «ئادەم دۇنياغا تاشلانغان ئاشۇ مىنۇتتىن تارتىپ ئۆزىنىڭ ئىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك» دەيدۇ سارتر. نېمىشقا؟ چۈنكى، ئادەم ئۆزىنىڭ بارلىقىغان تاشلىۋېتىلگەن دۇنيادا ئۇنىڭ ئۆزىدىن باشقا تايىنىدىغان، ياردەم سورايدىغان ئادىمى—ھەتتا خۇدامۇ—بولمىغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئۆزىلا تەنھا ھەرىكەت قىلىشقا مەجبۇر. ئۇ ھەرىكىتىنى پەقەت ئۆزىلا ئارتقۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم مەسئۇل بولالمايدۇ. ئادەم ئەركىنلىكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانىكەن، بۇ ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىدىغان مەسئۇلىيەتتىنمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئەركىنلىك ئادەمنىڭ بىر خىل ئونتولوگىيىلىك زۆرۈرىيىتى ئىكەن، بۇ ئەركىنلىككە ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە مەسئۇل بولۇشمۇ بىر ئونتولوگىيىلىك زۆرۈرىيەتتۇر. دېمەك، ئادەم قانچە ئەركىن بولغانسېرى، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكىگە شۇنچە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

     


    سارترنىڭ يۇقىرىقى قارىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، مەسئۇلىيەت ئەركىنلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ، ئەركىنلىك بولسا ئىچكى-تاشقى قارارلىغۇچى ئامىللارنىڭ مۇستەسنالىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ئادەم ئەركىن بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ياكى، خۇددى سارتر دېگەندەك، ئۆزى تەلتۆكۈس كونترول قىلالمايدىغان قىزغىن ھېسسىياتتىن ئىبارەت ئىچكى ئامىل تەرىپىدىن، ياكى تەقدىر، ياكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە ياكى باشقىلارنىڭ بېسىمى قاتارلىق تاشقى ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولىدۇ. ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار مەلۇم ھەرىكەتنى مەلۇم سۇبيېكت ئارقىلىق ئارتقۇرىدىكەن، ئۇنى ئۇ سۇبيېكتنى ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۇستەقىل قىلدى دېيىشكە بولمايدۇ. ئەگەر بۇ سۇبيېكت ئۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە مۇستەقىل قىلمىغانىكەن، مەسئۇلىيەتنى ئۇ ئەمەس بەلكى ئۇنى قىلىشقا مەجبۇرلىغان ياكى ئۇنىڭ قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل مەسئۇل بولىشى كېرەك. سارترنىڭ ئادەم ئەركىن، شۇڭا ئۇ ئۆز ئىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك دېگەن نۇقتىئىينەزەرى، ماھىيىتىدىن ئالغاندا، ئۇنىڭ خۇدانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ھەققىدىكى نۇقتىئىينەزەرىگە ئاساسلانغان. خۇداسىز دۇنياغا تاشلىۋېتىلگەن ئادەمدە نە ئىلاھىي يېتەكلەش، نە تەقدىر، نە نىشان بەلگىسى بولمايدۇ—ئادەم بۇنداق دۇنيادا تىغدەك يالغۇز، تايانچسىز ۋە نىشانسىزدۇر. ئۇنىڭ تايىنىدىغىنى پەقەت ئۆزى—ئۆزىنىڭ ئاشۇ «قارغىشتەككۈر» ئەركىنلىكى ئارقىلىق ئاشۇ يىپيېڭى كەلگۈسىنى تاللاشقا ۋە شۇ سەۋەبىنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويغىلى بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا قالغانلىقىدۇر. ئەگەر ئەركىنلىك ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بولغان مەسئۇلىيەت قېچىپ قۇتۇلغۇسىز ئىكەن، ئۇ ھالدا خۇدا، تەقدىر، تەبىئەت، ئىنسان تەبىئىتى، جەمئىيەت قاتارلىقلار ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ ئۆزى ئۆزىنىڭ قىممەتلىرىنىڭ ئاساسىدۇر.

     


    سارترنىڭ نەزەرىدىكى خۇداسىزلىقنىڭ ئاقىۋىتىدە ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن ۋە ئەركىنلىكىنىڭ ئاقىۋىتىدە مەسئۇلىيىتىگە قالغان ئادەمدە ئازابلىنىش، غېرىبسىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق مەۋجۇدىيەتچە كەيپىياتلار بولىدۇ. مەۋجۇدىيەتچە ئازابلىنىش خۇداسىز دۇنيادا ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا پۈتۈنلەي، ئۈزۈلكېسىل ۋە تىرەن مەسئۇل بولۇشىنىڭ ھەمدە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ قىممەتلىرىنى ئىجاد قىلىشنىڭ راھەتسىز زۆرۈرىيىتىنى ئاڭقارغانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. غېرىبلىق، خۇددى ئازابلىنىشتەك، خۇداسىز دۇنياغا تاشلىۋېتىلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان چىدىغۇسىز تەنھالىقنى، تايانچسىزلىقنى ۋە باھانە-سەۋەب كۆرسىتىش بىلەن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئەركىنلىك ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىگە يەككە-يېگانە ھالدا قېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئۈمىدسىزلىنىش ئازابلىنىش ۋە غېرىبسىنىشنىڭ ئاقىۋىتى بولۇپ، ئادەمدە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ئارتقۇزۇشتا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىدىن سىرت ھېچكىمگە تايىنالمايدىغانلىقىنى—بۇ يەردە ئاداققى ئىشەنجنىڭ، ئۈمىدنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىشتۇر.

     


    سارترنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ مەۋجۇدىيەتچە كەيپىيات ئارقىلىق ئىنسان رېئاللىقىنى ئىدراك قىلىشى قارىماققا ئۇنىڭغا قارىتا بېرىلگەن، خۇددى بىز ئالدىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندەك، «چۈشكۈن»، «ھاياتنىڭ رەزىل تەرەپلىرى» نى ئىپادىلەيدۇ، دەيدىغان تەنقىدلەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما، زىتلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ «پېسسىمىزمى»[5] دەل ئۇنىڭ، خۇددى ئۆزى بۇ ئەسەرنىڭ باشلىنىشىدا دېگەندەك، «ئوپتىمىزمى»[6] دۇر، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىنى ئەركىن تاللىيالمىغان ئادەمنىڭ ئەركىن تاللىشىنى ئەڭ مۇئەييەنلەشتۈرگىچىدۇر: يەنى، ئۇ ئۆزىنىڭ پاكىتچانلىقىنى تاللىيالمايدىغان ئادەمنى ئۆزىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى تاللىيالايدىغانلىقىدەك پاكىتقا ئەڭ ئۈزۈلكېسىل يۈزلەندۈرگۈچىدۇر. ئۇنىڭ «ئۈمىدسىزلىكى» ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئۈمىدنىڭ، يول باشلىغۇچى بەلگىنىڭ ۋە ئىشەنجنىڭ يوقلۇقى بىلىنىۋاتقان شارائىتتا ھەرقانداق شەكىلدىكى تىرىشىشنىڭ بىھۇدىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بولماستىن، بەلكى ئادەمنى ئۆزىدىن تاشقىرى نوپۇزغا، بەلگىگە ۋە ۋەدىگە تايانماسلىقنى—پەقەت ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ تاللاش ئىقتىدارىغىلا تايىنىش كېرەكلىكىنى قىلچە پەردازسىز ئوتتۇرىغا قويۇشتۇر. «ئۈمىد» نىڭ يوقلۇقىنى ئېيتىش پېسسىمىزمنى تەرغىب قىلىش بولماستىن، بەلكى ئادەمنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇت شەرت-شارائىتىنى قوبۇل قىلىش جاسارىتىگە تايىنىشقا ئۈندەشتۇر. سارترنىڭ بۇ «پېسسىمىستىك ئوپتىمزمى» نىتچېنىڭ «ئامور ڧاتى» سىغا[7] ئوخشاپ كېتىدۇ، گەرچە ئالدىنقىسى تەقدىرنى رەت قىلسىمۇ. نىتچې مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئىنساندىكى ئۇلۇغلۇق ھەققىدىكى ڧورمۇلام بۇ: amor fati : ئادەم ھېچنېمىنىڭ، مەيلى ئۇ ئالدىغا ياكى ئارقىسىغا يۈزلەنگەن ۋە ياكى بارلىق ئەبەدىيلىكتە بولسۇن، پەرقلىق بولۇشىنى خالىمايدۇ. زۆرۈر نەرسىگە چىداپلا قالماستىن بەلكى ئۇنى يوشۇرمايدۇ—بارلىق ئىدېئالىزملارنىڭ ھەممىسى زۆرۈر نەرسە ئالدىدا ساختىلىقتۇر—لېكىن ئۇنى سۆيگىن .»[8]نىتچېنىڭ«تەقدىرنى سۆيۈش» قارىشى ئۇنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت، شادلىق، ھوقۇقنى كۈچەيتىش ۋە ئېلىشىش داۋامىدا ھاياتنى ئەڭ ماھىيەتلىك نۇقتىدىن ئېتىراپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان «ھاياتقا-ھەئە-دېيىش» قارىشنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىشىدۇر. سارترمۇ، خۇددى نىتچېدەك، ئادەمنى خۇدامۇ بولمىغان، تەقدىرمۇ بولمىغان، ئۈمىدمۇ بولمىغان دۇنياغا ھەئە دېيىشكە—ئۇنى تولۇقى بىلەن ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىدۇ.

     


    شۇنى دېيىش مۇمكىنكى، بۇ يەردە ئىككى خىل ئوپتىمىزم بار—بىرى ئادەتلەنگەن قاراشتىكى ئوپتىمىزم، يەنە بىرى مەۋجۇدىيەتچە ئوپتىمىزم. ئالدىنقىسى كەلگۈسىگە ئىشىنىش ۋە مەلۇم ئارزۇنىڭ كېلەچەكتە غەلىبىلىك ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۈتۈش پوزىتسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. كېيىنكىسى پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن مۇمكىنچىلىك ئالىمى بولمىش كەلگۈسىگە ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن ھېچقانداق بەلگە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يۈزلىنىش ۋە بۇ يۈزلىنىشنىڭ بارلىق ئاقىۋەتلىرىگە—مەيلى ئۇ غەلىبە قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن—پەقەت ئۆزىلا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى تونۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئالدىنقىسى كەلگۈسىدىكى بىر خىل ئىجابىي نەتىجىگە بولغان ئىشىنىشنى كۆرسەتسە، كېيىنكىسى ئۈمىد بولمىغان كەلگۈسىگە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. تېخىمۇ كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، مەۋجۇدىيەتچە ئوپتىمىزم ھېچقانداق ئۈمىدنىڭ يوقلۇقىغا بولغان ئۈمىدتۇر. مانا مۇشۇ زىتلىق ئۇنىڭ «ئوپتىمىزمى» نىڭ پۈتكۈل ھاياتىي كۈچىدۇر. مەۋجۇدىيەتچىلەرنىڭ زولادەك ناتورالىستلاردىن تۈپكى پەرقى شۇكى، ئۇ ئادەمنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئايرىپ تاشلايدىغان ياكى ئۇنى ئۆزىدىن سىرت ئامىلغا باغلايدىغان ئېرسىيەت، تاشقى دۇنيانىڭ ۋە ياكى ئورگانىك ياكى ڧىزىكىلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارىمايدۇ. ئادەمنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق كۈچ ئارتقۇرالمايدۇ—ئادەم پەقەت ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئادەم ئۆزىنىڭ ئۈمىدىدۇر—ھەتتا ئۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەۋجۇدىيەتچىلىك ئۈمىدنى ئادەمدىن تاشقىرى تۇرىدىغان كەلگۈسىگە ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەركىن تاللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بارلىقىدا دەپ قارايدىغان ئوپتىمىستىك پەلسەپىدۇر.

     


    سارتر ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مەسئۇلىيىتىدىن قېچىش ناچار ئەقىدىدۇر.[9] ناچار ئەقىدە سارترنىڭ مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىدىكى مۇھىم ئۇقۇم بولۇپ، ئۇنىڭ ئونتولوگىيىسى ۋە ئېتىكىسىنى چۈشىنىشتىكى ئاچقۇچتۇر. ناچار ئەقىدە ئادەمنىڭ خۇداسىز دۇنيادىكى ئەركىنلىكى ۋە مەسئۇلىيىتىدىن كېلىپ چىققان ئازابلىنىش، غېرىبسىنىش ۋە ئۈمىدسىزلىنىشتىن قېچىش ئۇرۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر قېچىش ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى-شەيئى بىلەن ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئىنى خۇدا ئۇقۇمىدا بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش داۋامىدا مەيدانغا كېلىدۇ. يەنى ئىنساننىڭ ئەركىنلىكى رېئاللىقنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزى-ئۈچۈن-شەيئىنى ئۆزىدىكى شەيئىگە تارايتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. نەتىجىدە ئادەم بىر ساپ «ئوبيېكت» قا ياكى «تەبىئىي شەيئى» گە—ئۆزىدىكى-شەيئىگە—ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، «مەن ھاياتىمدىكى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالمايمەن، چۈنكى مەن ئائىلەمنى باقمىسام بولمايدۇ» دېيىشتەك باھانە ئۆزىدىكى-شەيئىلىك شەرت-شارائىتىغا، يەنى ئۆزىنىڭ پاكىتچانلىقىغا، بوي سۇنۇش بولۇپ، ناچار ئەقىدىگە كىرىدۇ. ناچار ئەقىدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئالداش شەكلىدۇر. ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مەسئۇلىيىتىدىن قاچقانلىقىنى باشقىلاردىن بولۇپمۇ ئۆزىدىن يوشۇرۇش ئۆزىنى ئالداشنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.[10]

     


    [1]دېتېرمىنىزم (ئىنگلىزچىسى Determinism ، ڧرانسۇزچىسى Le déterminisme ) ھادىسىلەرنى بېرىلگەن كونتېكىستتە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى تەرىپىدىن شۇنداق بەلگىلەنگەنكى، ئۇلار، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىلگىرىكى ھالەتلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ياكى قارارلاشقان دەپ قارايدىغان ئۇقۇمنى كۆرسىتىدۇ. پەلسەپىۋى نۇقتىئىينەزەرلەردە دېتېرمىنىزم ئادەتتە ئەركىن ئىرادە بىلەن قارىمۇ قارشى قىلىپ چۈشىنىلىدۇ. دېتېرمىنىزم ئەخلاق دېتېرمىنىزمى، ئالەمشۇناسلىق دېتېرمىنىزمى ۋە تېئولوگىيىلىك (ئىلاھىيەتچىل) دېتېرمىنىزمى دېگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. ئەخلاق دېتېرمىنزمىنىڭ قارىشىچە، ئىرادىنىڭ بارلىق ھەرىكىتى ئۇنى بەلگىلەيدىغان شۇنداقلا ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدىغان سەۋەبلەردىن بارلىققا كېلىدۇ. ئالەمشۇناسلىق دېتېرمىنىزمىنىڭ قارىشىچە، تەبىئەتتىكى بارلىق ھادىسىلەر ئالدىنقى سەۋەبلەر تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ياكى تەبىئەت قانۇنى بويىچە يۈز بېرىدۇ. ئىلاھىيەتچىل دېتېرمىنىزمنىڭ قارىشىچە، بارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەرىكىتى ئالدىنئالا بېكىتىلگەن. بۇ تەقدىرچىلىك قارىشىدۇر.

     


    [2]لىبېرتەريېنىزم (ئىنگلىزچىسى Libertarianism ) ئىدىيە بىلەن ھەرىكەتنىڭ ئەركىنلىكىنى، جۈملىدىن ئىندىۋىدۇئال ئەركىنلىكنى تەرغىب قىلىدىغان مەسلەكنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر مەسلەك ئەركىن ئىرادىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇ ئىنساننىڭ ئەركىن تاللىشىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئىچكى-تاشقى سەۋەبلەر تەرىپىدىن قارارلىشىدۇ دەپ قارايدىغان كەسكىن دېتېرمىنىزمگە تەۋە زۆرۈرىيەتچىلىككە (ئىنگلىزچىسى Necessitarian ) قارىمۇ قارشى ھالەتتە چۈشىنىلىدۇ. ئۇيغۇچىدا ئۇشبۇ ئاتالغۇنى ئەركىن ئىرادىچىلىك دەپمۇ ئېلىشقا بولىدۇ.

    [3]بۇ سۆزنىڭ ڧرانسۇزچىسى être-en-soi ، ئىنگلىزچىسى  being-in-itself بولۇپ، سارترنىڭ «بارلىق ۋە يوقلۇق» دېگەن ئەسىرىدە كەڭ دائىرىدە تەھلىل قىلىنغان.

    [4]بۇ سۆزنىڭ ڧرانسۇزچىسى être-pour-soi ، ئىنگلىزچىسى being-for-itself بولۇپ، سارترنىڭ «بارلىق ۋە يوقلۇق» دېگەن ئەسىرىدە يۇقىرىقى ئۇقۇم بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلگەن ھالدا كەڭ دائىرىدە تەھلىل قىلىنغان

    [5] پېسسىمىزم لاتىنچە pessimus (ئەڭ ناچار) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ھاياتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشتەك ۋاقىتلىق پىسخولوگىيىلىك ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا «ئۈمىدسىزچىلىك» دەپ ئېلىشقا بولىدۇ.

    [6]ئوپتىمىزم لاتىنچە optimum (ئەڭ ياخشى) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ھاياتنى پۈتۈنلەي مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ۋاقىتلىق پىسخولوگىيىلىك ھالەتنى، شۇنداقلا ئادەمنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا كەلگۈسىدىكى ئەڭ ياخشى مۇمكىنچىلىكتىكى نەتىجىنى كۈتۈشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئۇنى «ئۈمىدچىلىك» دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ.

    [7]بۇ سۆزنىڭ لاتىنچىسى Amor Fati ، نىتچېچە تەرجىمىسى «تەقدىرنى سۆيۈش».

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.