ئورۇنسىز ئاغرىنىش ___ ئىللەت

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-05 17:23:11

ئورۇنسىز ئاغرىنىش ___ ئىللەتۋاھىتجان غوپۇرئاغرىنىش چارە ئەمەس، يۈرمە جاھاندىن ئاغرىنىپ،قوشنا خىزمەتداش، سەپەرداش، دوست – ياراندىن ئاغرىنىپ.ئۇ يېرى كەم، بۇ يېرى ئارتۇق دىبان چۆچەك توقۇپ،ئۆتمە...

    ئورۇنسىز ئاغرىنىش ___ ئىللەت

     

    ۋاھىتجان غوپۇر

     

    ئاغرىنىش چارە ئەمەس، يۈرمە جاھاندىن ئاغرىنىپ،

    قوشنا خىزمەتداش، سەپەرداش، دوست – ياراندىن ئاغرىنىپ.

    ئۇ يېرى كەم، بۇ يېرى ئارتۇق دىبان چۆچەك توقۇپ،

    ئۆتمە غەيۋەتخور مومايدەك ھەممە جاندىن ئاغرىنىپ.

    قالدى مۇنداقلار خۇشاللىق بەھرىدىن دائىم قۇرۇق،

    ئال ساۋاق، قالما قىسىر ياخشى – ياماندىن ئاغرىنىپ.

    كۆك سۆيۈپ ئۇچقان قىران بۈركۈتنى ئۈلگە ئەيلە سەن،

    قالما چوڭ سەپتىن چۈشۈپ چاڭدىن – تۇماندىن ئاغرىنىپ.

    ئاغرىنىش – ئىللەت، ھامان چىرمار ئىجادچان روھنى ئۇ،

    ئويلا، كىم تاپتى نېمە ئىسسىق ماكاندىن ئاغرىنىپ،

    قالغىنىڭ يامغۇردا قالغان تىترىگەنچە شۈمشىيىپ،

    ۋاز كېچەر بولساڭ ئەگەر نىمكەش چاپاندىن ئاغرىنىپ.

    ئاغرىنىشنىڭ يىلتىزى قايدا؟ (ئۆزۈڭدىن ئىزدىگىن)،

    نە تاپارمىز ئىشلىمەي يۈرسەك ناداندىن ئاغرىنىپ.

    ئاغرىنىش سۇ بولسا ئۆردەك بول سۇمۇ يۇقمايدىغان،

    ئايرىلىپ قالماي دېسەڭ خاماندا داندىن ئايرىلىپ.

    قالما گۆھەردىن قۇرۇق ئىشتىن، جاپادىن سەن قېچىپ،

    قۇم – شېغىل، تاش ئاستىدا ياتقانلا كاندىن ئاغرىنىپ!

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.