ئەدەبىيات مەن سىنى سېغىنىپ قالدىم!.

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-29 05:55:21

ئەدەبىيات مەن سىنى سېغىنىپ قالدىم!.  ئەلۋەتتە،تولسىتۇينىڭ«ئۇرۇش ۋە تىنىچلىق»، چىڭغىز ئايتىماتۇۋنىڭ« ئەسىردىن ھالقىغان بىركۇن»،گارسىيا ماركۇسنىڭ« يۇز يىل غېرىپلىق»،زوردۇن سابىرنىڭ«ئانا يۇرت»...

    ئەدەبىيات مەن سىنى سېغىنىپ قالدىم!.

     

    ئەلۋەتتە،تولسىتۇينىڭ«ئۇرۇش ۋە تىنىچلىق»، چىڭغىز ئايتىماتۇۋنىڭ« ئەسىردىن ھالقىغان بىركۇن»،گارسىيا ماركۇسنىڭ« يۇز يىل غېرىپلىق»،زوردۇن سابىرنىڭ«ئانا يۇرت» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى بىزگە ساپ ئەدەبىياتنىڭ شىرىن لەززىتىنى ھىس قىلدۇردى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېقىنقى بىر ئەسىر مابەينىدە،دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر ۋە مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىياتى چىنلىق ئاساسىدا ،ژانىرلارنىڭ ئۇتۇشۇش،قۇشۇلۇش،مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇرلىشىش ۋە تۇرمۇشقا يەنىمۇ يېقىنلىشىش ئاساسىدا يەنىمۇ ئۆزگۇرۇشكە باشلىدى.بۇ جەھەتتە،ئەدەبىي ئەسەرلەر نۇقۇل زوقلىنىش سەۋىيسدىن ھالقىپ،بىرمىللەت،بىر دولەت،ھەتتا ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن مەسىلىللىرىگە ھازىر جاۋاپ شەكلىدە،نۇرغۇن مەسىللىرنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان،ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن ماس تەرەققى قىلىدىغان ئامىلارغا ئىگە بولدى.كىنۇ سىنارىيىسى يۇكسەك تەرەققى قىلدى.تىلىۋىزۇر،تور،ئاممىۋى كۇڭۇل ئېچىش ئەسلىھەلىرىنىڭ كوپيىشىمۇ يۇقارقىلارنى شەرت قىلدى.بۇگۇنكى كۇندە يازغۇچىلار كەسىپلىشىشتىن ئونۋىرساللىشىش دەرىجىسىگە قاراپ تەرەققى قىلدى،زامانىمىزدىكى تۇرلۇك قۇلايلىقلارمۇ يازغۇچىلارنى ھەم يازغۇچى،ھەم خىزمەتچى ھەم كارخانىچى قىلىپ يىتىشتۇرۇپ چىقتى.ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزگە نەزەر سالساق،80-يىللار ئالدى-كەينىدە،چەتئەل ۋە خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ نادىر ئەدەبىي ئەسەرلىرى كوپرەك تەرجىمە قىلىنىپ تۇنۇشتۇرۇلغان بولسا،90-يىللاردىن كىيىن چەتئەللەر ۋە دۆلىتىمىزنىڭ نادىر كىنۇ ۋە تىلىۋىزىيە فىلىملىرى كوپرەك تەرجىمە قىلنىپ كورسىتىلدى.بۇ جەرياندا كىتاپلارنى نۇقۇل قەغەز شەكىلدە قىياس قىلىشقىمۇ بولمايدىغان بۇپ قالدى.كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش ۋە تۇرمۇش ئادىتى،ئىقتىسادىي شارائىتى شۇنداقلا پايدىلىنىش قۇلايلىقلىغىغا ئاساسەن،تۇرلۇك شەكىللەردىكى ئىلىكتىرۇنلۇق كىتاپ،PDF شەكلىدىكى كىتاپلار،كومپىيوتىر قاتتىق دىسكىسى،تور كىتاپخانىسى،كۇرۇنمە ۋە ئاۋاز چاستۇتىلىق ماتىرىياللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىھتىياجىنى قامدايدىغان بولدى.بۇ ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر بايلىقىدىن پايدىلىنىش سۇرئىتىنى نەچچە ھەسسە تىزلەتتى.

    كىرىزىس يەنىلا كىرىزىس پېتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ كىرىزىسىمىز ئۆتكەن يىلدىىكى دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىغا ئوخشىمايدۇ. يېقىندىلا يۇز بىرىپ ئۆتكەن دۇبەي قەرز كىرىزىىسگە تېخىمۇ ئوخشىمايدۇ. قۇملۇقتىكى ئەرەبلەر ،نىفىت بايلىقى بەدىلىگە كەلگەن ھىساپسىز ئامىركا دوللىرى ئارقىلىق ، بىپايان قۇملۇقلارغا 828 مىتىر ئىگىزلىكتىكى كاتتا مۇنارلارنى ياساش ئارقىلىق،ئەنئەنە ۋە زامانىۋىلىشىش ئاچاللىردا ئۆزلىرىنىڭ تارىختىن بىرى داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان شۆھرەتپەرەسلىك،ئۆزىنى دۇنيا مىللەتلىرىگە كۆز-كۆز قىلىش مەخسىتىگە يەتمەكچى بولدى. ئۇلارمۇ شەرق مىللەتلىرىدىن بۇلۇش سۈپىتى بىلەن غەرپ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىغى ئىنىق. لىكىن بۇ تەسىرىنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە جەمىيەت شەكلىگە قانچىلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىغى ھەققىدە ئىنىق بىر مەنبەگە ئىگە ئەمەسىمىز. بىراق،دۇبەي مۇنارى خەلققە ئېچىۋىتىلىپ،ئەتىسى(يەنى 1-ئاينىڭ6-كۇنى)سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىزلىكى 1000 مىتىر كىلىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى مۇنارىنى(沙特国王塔) ياساش پىلانىنى ئاشكارىلىشى ئادەمنى ئويغا سالماي قالمايدۇ،ئۇلارمۇ كىملىك كىرىزىسىگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ، بىراق ئەرەب پۇلدارلىرى ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا كوز-كۇز قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بىزنىڭ كىرىزىسىمىز يەنىلا ئىپتىدائىي ھالەتتە داۋاملىشىۋاتىدۇ. دۇنيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئاساسەن پۇلدارلارنىڭ ئۇيۇنى بۇلۇپ ئاخىرلاشتى.كىرىزىسكە ئۇچرىغانلارنىڭمۇ مۇتلەق كوپچىلىكى ئاساسەن تەرەققى تاپقان ئەللەر بولدى .ئۇنىڭ تەسىرىنى خەلقىمىز غىل-پال تىلىۋىزۇرلاردىن ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ماكرۇلۇق سىياسەتلىرىنىڭ تەڭشىلىشىدىن كۇرۇپ ئۆتتى، شۇنداقلا بانكا ئامانەت تەييارلىق فوند ئۇسۇمىنى پەقەت %0.2 ئۆستۇرۇپ قويسا،ئۆزلىرىنىڭ ياشاش بوشلۇقىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغىنى دەسلەپكى قەدەمدە چۇشىنىپ يەتتى. تاشقى پىرىۋۇت ۋە پايچېكى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بولسا بۇ كىرىزىسىنىڭ ۋەھىمىلىك قىياپىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ۋە بېشىدىن ئۆتكۇزدى.

    80-يىللاردىن ھىساپلىغاندا كىرىزىسىمىزنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا 30يىلدىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئۇستىگە كىرىزىس نۇقۇل ئەدەبىي ھالەتتە داۋام قىلدى.بۇ ھالمۇ خەلقمىزنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرگە بولغان تەشنالىقنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى،ئەدەبىي ژورناللارغا بولغان ئارزۇسىنى كۇندىن كۇنگە ئاشۇرۇپ،يېڭىچە ئەسەرلەرگە بولغان تەشنالىقنى قاندۇرۇپ كەلدى.مەتبۇئاتلارمۇ كەڭ ئاپتۇرلار ۋە ئۇقۇرمەنلەرنىڭ  ئارزۇسىغا ئاساسەن سەھىپىلىرىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ تۇردى.

    80-يىللاردىكى گۇڭگا شىئىرىيەت ھادىسىسى،ئەينى دەۋىردە ياشلاردا جۇشقۇن بىر كەيپىيات،شاراپقا مايىل گىتار مۇزىكىلرىغا خاس بىر خىل ئوت يۇرەكلىكنى غۇۋا قالدۇرۇپ كەتكەن بولسا،90-يىللاردىن كىيىنكى كەڭ ئىجتىمائىيەت ۋە مىللى كىملىك توغرىسىدكى مۇنازىرىلەر،ياشلاردا ئەنئەنىگە يانداشقان ئەخلاق،مىللى ئۇيۇشۇش،ئۆزلۇكنى تۇنۇش ،ئىتىقاد ئىزدەش روھىغا خاس رۇشەن شولىلارنى نامايەن قىلدى.ئەلۋەتتە بۇلارنى بىز،شۇ دەۋرلەردىكى ئەدەبىياتنىڭ سىھرى كۇچىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز.

    نۆۋەتتە،رايۇنىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى بۇلۇپمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا،نۆۋىتىدە كەڭ زىيالىيلار ۋە ئۇقۇرمەنلەر ئازاتلىقتىن بۇيانقى،جۇملىدىن زۇنۇن قادىرى ۋە زوردۇن سابىر ۋەكىللىكىدىكى ساپ ۋە ئاممىباپ ئەدەبىيات دەۋرىنى،80-يىللاردن كىيىن يۇز بەرگەن گۇڭگا شىئىرىيەت ۋە ياشلاردىكى ئىجادىيەتكە بېغىشلاش روھىنى،شۇنداقلا90-يىللاردىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن مىللى كىملىك يادرۇلىغىدىكى ئىجتىمائىيەت تىمىسىدىكى تەسىرلىك ئەسەرلەرنى،جۇملىدىن ئەدەبىياتنى  سېغىنماقتا.بۇ ئاددىلا كىتاپ ئۇقۇشقا بولغان يەككە سېغىنىش بولماستىن.بەلكى رىئاللىقنىڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ تەپەككۇرىدا قوزغالغان ،جاۋاپقا تەشنا بولغان زىدىيەتلىك پىكىر قىلىش جەريانىدۇر.بۇگۇنكى كۇندە ئۇقۇرمەنلەرنى پەقەت كىتاپ ئۇقۇغۇچىلا دەپ قىياس قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس،ئۆز نۆۋىتىدە-ئۇ بىر ئائىلە باشلىغى،خىزمەتچى،تىجارەتچى ياكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكدە ھالاللىق بىلەن ئىشلەۋاتقان بىر مىھنەتكەش بۇلىشى مۇمكىن.ئۇنداق بولمىغان بولسا،ئامىركىدىكى غايەت زور ئالامان ۋە بايلىق توپى ھەيۋەتلىك ۋال سىترىت كوچىسىغا توپلىشىۋالمىغان بولاتتى.

    جەمىيتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەدەبىي ھاۋاسى ۋە خەلقمىزنىڭ ئەدەبىياتتىن بەھىر ئېلىش قىزغىلىغىدىن قارىغاندا،ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئارىلىغىدىكى نۇرۇغۇنلىغان ئۇقۇرمەنلەردە،ئەدەبىياتىمىزدا90-يىللاردا مەيدانغا كەلگەن،ئەدەبىياتتىكى يېڭىچە ئىدىيە ۋە چۇشەنچىلەر،مەدەنىيتىمىز ۋە جەمىيتىمىز ھەققىدىكى پەلسەپىۋى ئىزدىنىشلەر،ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى يېڭىچە ئىپادىلەش شەكىللىرىنى سېغىنىۋاتقانلىغى ۋە ئەشۇنداق ئەسەرلەرنىڭ كوپلەپ يېزىلىشىنى ئۇمىد قىلىۋاتقانلىغى ئىنىق.ئەلۋەتتە،بۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى يۇزلىنىشى ۋە يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى،شۇنداقلا جەمىيتىمىزنىڭ ئۇمۇمى مەدەنيەت يۇزلىنىشى ۋە ئىقتىسادىي ئىگىلك شەكلىنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشىقا قاراپ يۇزلىنىۋاتقانلىغى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.2000-يىللار مابەينىدە ، مىللى ئەدەبىياتىمىزدا مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق،جەمىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى مەيلى سان جەھەتتىن بولسۇن ياكى سۇپەت جەھەتتىن بولسۇن ھەرقانداق دەۋىردىكىدىن ئېشىپ كەتتى.ئۇقۇرمەنلەر لەرزىنى سالغان«ئانا يۇرت»قاتارلىق ئەسەرلەرمۇ مۇشۇ دەۋرلەردە يېزىلىپ،نەشىردىن چىقىپ،خەلقمىزىنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى زور دەرىجىدە قاندۇردى.مەدەنىيەت،ئىجتىمائىيەت تىمىسىدىكى ماقالىلەرمۇ ،تېخىمۇ ئاممىباپلىشىپ،مىللەت مەدەنىيتى ۋە جەمىيەت تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كونكىرت مەسىلىلەرگە قاراپ تەرەققى قىلىشقا باشلىدى.

    ئەلۋەتتە،سېغىنىش ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقان90-يىللارغا تەئەللۇق،مىللى كىملىك،ئۆزلۇك ۋە جەمىيتىمىزگە تەئەللۇق بولغان تۇرلۇك ئىجتىمائىي مەسىلىللەر ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر ئۆزگە يارىشا تەنقىدلەر ۋە تۇلۇقلاشلارغىمۇ ئۇچراپ تۇرغان،جەمىيتىمىزنىڭ تۇرلۇك ساھەلىرى ۋە قاتلاملاردىكى ئۇقۇرمەنلەر ئەشۇ ئەسەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش چەمبىرىكى ئىچىدىكى تەسىرىنى تۇلۇق ھىس قىلىپ تۇرغان.گەرچە ئاشكارا مەتبۇئاتلاردا،ئوبزۇر شەكلىدە تەنقىدلەنمىگەن بولسىمۇ،بىراق ئۇيغۇر تور بەتلىرى ئارقىلىق ئوخشىمىغان چۇشەنچىلەر ۋە پىكىرلەر ئوتتۇرغا قۇيۇلغان.ئاساسلىق قاراشلار،شۇ دەۋردىكى ئەسەرلەرنىڭ تىلىنىڭ بىرقەدەر ئېغىرلىغى،ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن مەزمۇنلارنىڭ چېچىلاڭغۇلىقى ۋە غۇۋالىقى،ئۇمىدىسىزلىك كەيپىياتىنىڭ قۇيۇقلىقى،ئۇقۇرمەنلەر ئارىسىدىكى قىزغىنلىق ۋە ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىنكى ھارغىنلىق ۋە بېسىم تۇيغۇسى،تەقلىدى ئەسەر ۋە ماقالىلارنىڭ كوپىيىپ كىتىشى،ئىنكارچىلىقنىڭ يامراپ كىتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن.

    شۇ دەۋرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا،90-يىللاردا دۆلىتىمىز ۋە رايۇنىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشى،ئېچىۋىتىش قەدىمنىڭ تىزلىشىشى،چەتئەللەر ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ قۇيۇقلىشىشى،تىلىۋىزىيە،تور ۋە مەدەنىيەت بازارلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشى ۋە بازارلىشىشى،دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش دەرىجىسىدىكى رايۇن پەرقى قاتارلىق ئامىللار،ئۇيغۇر جەميتى ھەتتا ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە ئوخشىمىغان يېڭى ھادىسىلەرنى ۋە مەسىلىللەرنى كەلتۇرۇپ چىقارغان،مەسىللەرنىڭ كوپرەكى،ئاساسەن جەنۇبى شىنجاڭ جەمىيتى ۋە ئۇرۇمچى شەھرى،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر،كەڭ ئاساسى قاتلام يېزا-كەنىتلەر قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن.جەمىيتىمىزنىڭ ئوخشىمىغان قاتلاملىرىدا يۇز بەرگەن تۇرلۇك ھادىسىلەر 90-يىللاردىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە جەمىيەت،مەدەنىيەت تەتقىقاتى ئىشلىرىغا رۇشەن تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى.دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ۋىلايەت ۋە ئوبلاست-خوتەن،قەشقەر،ئاقسۇ،قىزىلسۇ قاتارلىق رايۇنلاردىكى ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق ئوتتۇرسىدىكى ھەرە تارتىشىش روھى بىلەن،باياشاتچىلىققا تولغان ئۇرۇمچى شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ «غەلىبىلىك»ھالدا ئەنئەنىدىن ھالقىپ ئۇتۇش مەنزىرسى بىر ھەجىۋى كۇرۇنۇش ھاسىل قىلغان بولسا،ئەينى ۋاقىتتىكى جۇڭگۇ جەمىيتى ئۇچۇن ئوخشاشلا مۇھىم بولغان «مەجبۇرى مائارىپ»،ۋە پۇقرالارنىڭ ئاساسى داۋالىنىش مەسىلىسىدە،قەلەم ئىگىلىرى،مىللى مائارىپ ۋە ئۇقۇتقۇچىلار روھىغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىپ ۋە ئەسەرلەر يېزىپ،نەچچە مىليۇن ئاددى خەلقنىڭ داۋالىنىش،داۋالاش مۇئەسسەلىرى ۋە داۋالاش خادىملىرىنىڭ تىببى پەزىلىتى ئۇستىدە بىر ئېغىزمۇ ئىپادە بىلدۇرمەسلىكى،يەنىلا،زىيالىيلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ تارماقلىرىغا خاس تەپەككۇر-چۇشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىدەك ساددىلىقنىمۇ ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى.

    دۆلىىتىمىزنىڭ ئونۋېرسال دۆلەت كۇچىنىڭ زورىيىشى،قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمىيەت قۇرۇش قەدىمنىڭ تىزلىشىشى قاتارلىقلارنىڭ تۇرتكىسىدە،دۆلىتىمىزدە ،جۇملىدىن رايۇنىمىزدا،مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇقۇش پۇلى ۋە دەرىسلىك ماتىرىيال پۇلى كەچۇرۇم قىلنىپ،دۆلەت تەرىپىدىن مەكتەپلەرگە بىۋاستە تۇلۇقلاپ بىرىلدى،خىزمەت ئۇنۇمى كۆرىنەرلىك يۇقۇرى كۇتۇرۇلدى،پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش ئىسلاھاتى ۋە كاپالىتى ئۇمۇميۇزلۇك يولغا قۇيۇلۇپ،داۋالىنىش شارائىتى ياخشىلىنىپ،خەلقنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسى تۇپتىن ھەل قىلىندى،يېزا باج-ھەق ئىسلاھاتى ۋە ئاساسى قاتلام دىموكراتىيسى ئارقىلىق،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇكى زور دەرىجىدە ئازايتىلىپ،ھەرخىل تۇلۇقلىما ۋە ئەڭ تۇۋەن تۇرمۇش كاپالىتى مىخانىزىمى ئارقىلىق دىھقانلار مەسىلىسى ئۇنۇملۈك ھەل قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ئىقتىسادنىڭ تەرەققى قىلىشى،خەلقنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىشى،تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى،شەھەر نۇپۇسىنىڭ كوپىيىشى،كوپ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىش بوشلىغىنىڭ زورىيىشى قاتارلىق مەسىلىللەر،بۇندىن كىيىن ئەدەبىي ئىجادىيتىمىزنىڭ بىرقەدەر ساپ بولغان يولغا كىرىشىنى،مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتىدا مىللى كىملىك تەتقىقاتى ،ھاللىق جەمىيەت قۇرۇش ۋە دۆلتىمىزنىڭ يېزا-شەھەرلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاش،شەھەرلەشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ باياشاتچىلىغى مۇساپىسىدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش سۇپىتى ۋە ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى،دىن،ئەنئەنە،زامانىۋىلىقنىڭ رول ئويناش دەرىجىسى قاتارلىقلارنى يادرۇ قىلىشنى بەلگىلدى.يۇقارقىلاردىن قارىغاندا،مىللى ئەدەبىياتىمىزدا ۋە مەتبۇئاتلىرىمىزدا،90-يىللاردىكىدەك قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرسىنىڭ نىمە ئۇچۇن مەيدانغا كەلمىگەنلىكنىڭ ئوبىكتىپ سەۋەپلىرىنى چۇشىنىشكە بۇلىدۇ.بۇ قانداقتۇر،يازغۇچىلارنىڭ شۇ تىمىدىكى ئەسەرلەرنى يازمايۋاتقانلىقى ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ باسمايۋاتقانلىقى مەسىلىسى بولماستىن،بەلكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ساپ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدا يېڭى نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئىزدىنىش جەيانىدۇر.

    بىر پۇتۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن قارىغاندا،2000-يىللار مابەينىدە،نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى.خەلقمىز،«ئىز»،«ئويغانغان زىمىن»،«ئانا يۇرت»،«قۇم باسقان شەھەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يەنىلا ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۇقۇۋاتىدۇ.«تەڭرىتاغ» قاتارلىق ئەدەبىي ژورناللاردىمۇ،ساپ ئەدەبىي ئەسەرلەرگە ئۇرۇن بىرىلىپ كىلىۋاتىدۇ.بۇ «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ»،«ئىھ! توپىلىق يول» دەك توپارەڭ ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىدىن دېرەك بىرىدۇ.

    جەمىيتىمىزدە،يېڭى ھادىسىلەر ۋە ئۆزگۈرۈشلەر كۇنساناپ بارلىققا كەلمەكتە،بۇ ھادىسىلەر،دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان.خەلقئارادىكى نۇپۇزلۇق ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ پەرىزى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ئىستىمال ئاساسىغا  ئاساسلانغاندا،دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي 2030-يىللارغىچە سىجىل ئاشىدۇ.بۇ نۆۋىتىدە رايۇنىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ۋە ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۇپىتى ۋە ياشاش شارائىتىنى مىسلىسىز ياخشىلايدۇ.تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئادىتىنىڭ  ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ،ياش-ۋە ئوتتۇرا ياشلارنىڭ مىللى كىملىك ھەققىدىكى تەقەززاسى يەنىمۇ كۇچىيىدۇ.بىراق بۇ ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كىملىك ھەققىدىكى تەپەككۇرى ۋە ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى ھەر خىل بولىدۇ.ئىنتىرنېت تورى ئۇلارنىڭ ئىزدىنىش ۋە مۇھاكىمىلرىنى ئالماشتۇرىدىغان قۇلاي سورۇنغا ئايلىندۇ.مال باھاسى ۋە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسشى،ماشىنا ئىستىمالىنىڭ ئېشىشى،تۇرمۇش رېتىمنىڭ تىزلىشىشى سەۋەبىدىن،قەغەز شەكلىدىكى مەتبۇئاتلاردىن ساپ ئەدەبىياتقا تەۋە ئەسەرلەر ۋە مالىيە-ئىقتىساد باشقۇرۇشقا دائىر ئەسەرلەرنى ئارزۇ قىلىدۇئەنئەنە جەھەتتىن نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىلەر جامائەت ئېڭىدا سىمۇۋۇل سىياقىدا ئۇزاق ساقلىنىدۇ.

    مىسىرلىق مەدەنىيەتشۇناس ۋە تارىخشۇناس ئەھمەد ئەمىن ئەپەندى،مىسىر مەدەنىيەت تارىخىنى يېزىشتا ،يېزىۋاتقان كىتابىنىڭ نامىنى«ئەرەپ-ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى»،«ئىسلام-ئەرەپ مەدەنىيەت تارىخى»،«ئەرەپ مەدەنىيەت تارىخى»ياكى»ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى» دەپ ئاتاشلارنىڭ قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي تەڭقىسلىقتا قالغان ئىكەن.دەرۋەقە ،بۇ ناھايىتىمۇ كوپ مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەقىل-ئەلۋەتتە!

    بىراق ئەدەبىياتنىڭ سىھرىنىمۇ بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ.مەندىكى 15 يىل ئاۋالقى ئەدەبىياتنىڭ مىھرى ۋە ئوتى ئاستا-ئاستا يالقۇنجىماقتا،گەرچە بۇ مەندىكى يازغۇچى بۇلۇش دىتىدىن دىرەك بەرمىسىمۇ،بىراق بىز دۇچكىلىۋاتقان تۇرلۇك كىرىزىسلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە باشقىلار بىلەن ئورتاقىلىشىش ئارزۇيۇمنى ئىپادىلەپ بىرىدۇ.بىزدىكى كىرىزىس ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشسىمۇ،بىراق ئۇنىڭ نۇقۇل ئەدەبىيات شەكلىدە داۋاملىشىشى،كىرىزىسىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاپ كىتىشىنىڭ بىشارىتىدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەدەبىيات