ياخشى خوجايىن
رۇخسارى ئابدۇرېشىت
رۇخسارى ئابدۇرېشىت

دېمىسىمۇ قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ بۇ شىركەت ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەشنى شىركەتنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلىپ كەلدى، ئىختىساسلىقلارنى يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى يارىتىشنى تەرەققىيات سۇپىسى قىلدى. تور شىركىتىدە ئىنتېرنېت تېخنىكىسى يادرو ئىكەنلىكىدە شەك يوق، شۇڭا «گۇگول» تەكلىپ قىلغان خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پروگرامما ئىنژېنېرى ئىدى.
بىراق ئىنژېنېرلارغا ئورتاق ئىلگىرىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، «گۇگول» شىركىتى «قوش لىنىيە تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، ئەگەر بىر ئىنژېنېر تېخنىكىغا پۇختا بولسا، ئۇ باش نازارەتچى ياكى باش دىرېكتورلۇق مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، دېگەن تۈزۈمنى يولغا قويغان. بۇ ئىنژېنېرلار باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلىمىسىمۇ، باشقۇرغۇچىلىق
مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، دېگەنلىك. مۇشۇنداق ئىلمىي باشقۇرۇش تۈزۈمى بولغاچقا، «گۇگول» شىركىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ئوىشاش ساھەدىكىلەرنىڭكىدىن كۆپ ئۈستۈن بولىۋاتىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ:«گۇگول ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ۋە ئۇلارنى تۈزۈم ئارقىلىق تۇتۇپ قېلىش روھىدىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا ئىختىساسلىقلارنى تۇتۇپ قالالىغان ھەم ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىپ كارخانا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشالىغان خوجايىننى ياخشى خوجايىن، دېيىشكە تامامەن بولىدۇ».
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.