ھايات سەرەڭگە قېپىغا ئوخشايدۇ

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-24 20:15:55

ھايات سەرەڭگە قېپىغا ئوخشايدۇ(مۇنارجان تەرجىمىسى) تۇرمۇش بەزىدە غايەت زور تەۋرەتكۈچكە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ كۈندۈزى ھەركەتلىنىپ، كىچىسى ھەركەتتىن توختايدۇ. بىز ئىنسانلار بولساق قۇم-شېغىلغا ئوخشاي...

     


    ھايات سەرەڭگە قېپىغا ئوخشايدۇ

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

       تۇرمۇش بەزىدە غايەت زور تەۋرەتكۈچكە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ كۈندۈزى ھەركەتلىنىپ، كىچىسى ھەركەتتىن توختايدۇ. بىز ئىنسانلار بولساق قۇم-شېغىلغا ئوخشايمىز، تەۋرىتىشنىڭ كۈچىدىن سەكرەيمىز، بىر-بىرىمىزگە سۈركىلىمىز. سۈركىلىش جەريانىدا پۈتۈن بەدىنىمىز جاراھەتلىنىدۇ. تەۋرەتكۈچ توختىغاندا بىزمۇ توختايمىز. توختىغان چېغىمىزدىلا ئاندىن ھەقىقىي ھارغىنلىق ھىس قىلىمىز. كۆزلىرىمىز تورلىشىپ، باشلىرىمىز قايىدۇ، گاڭگىرايمىز، چۈشكۈنلىشىمىز، بۇنىڭ بىلەن بىزدە گۇمان، نارازىلىق، ئازاب، ئۈمىدسىزلىك پەيدا بولىدۇ. تەۋرىنىش قايتا باشلانغاندا بولسا، «قۇم-شېغىل»لار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە سەكرەشكە، سۈركىلىشكە باشلايدۇ. سەكرەش ۋە سۈركىلىشلەر داۋاملىشىۋاتقاندا، تۇرمۇش دېگەن مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك،دەپ قارايمىز، باشتىن-ئاخىر قارغۇلارچە ھاياجان ئىلكىدە تۇرىمىز. كۈندۈزى، كىچىسى؛ ئۈمىدسىزلىك، ئۈمىد؛ ئۆزىگە ئېچىنىش، ئىشەنچ؛ ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈش، ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش، مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ ماھىيىتى. ئۇ كېچە-كۈندۈز توختىماي دەۋر قىلىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇشنىڭ ئىنېرتسىيىسى.

    خۇدا دەسلەپتە ئېشەكنى ياراتتى.

    ـــ سەن ئېشەك بولىسەن،ـــ دېدى خۇدا،ـــ ئەتىگەندىن كەچكىچە توختىماي ئىش قىلىسەن. ئۈستۈڭگە يەنە ئېغىر يۈكلەر ئارتىلىدۇ، سەن ئوت-چۆپ يەيسەن، ئەقىل پاراسىتىڭ كەم بولىدۇ، ساڭا ئوتتۇز يىل ئۆمۈر ئاتا قىلدىم.

    ـــ ئېشەكتەك ياشاشقا ئوتتۇز يىل بەك ئوزۇنلۇق قىلىدۇ،ـــ دېدى ئېشەك،ـــ سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆمرۈمنى يىگىرمە يىلدىن ئاشۇرۋەتمىسەڭ.

    خۇدا ماقۇل بولدى.

    خۇدا ئىتنى ياراتتى.

    ـــ سەن ھەرۋاقىت سەگەك تۇرۇشۇڭ، ئەڭ ياخشى ھەمراھىڭ-ئىنسانلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىنى بېقىشىڭ كېرەك،ـــ دېدى خۇدا ئىتقا،ـــ سېنىڭ يەيدىغىنىڭ ئىنسانلاردىن ئاشقان-تاشقان تاماقلار بولىدۇ. ساڭا يىگىرمە بەش يىل ئۆمۈر ئاتا قىلدىم.

    ـــ ئەي ياراتقان ئىگەم!ـــ دېدى ئىت،ـــ بۇنداق ياشاشقا يىگىرمە بەش يىل بەك ئوزۇنلۇق قىلىدۇ، مىنىڭ ئۆمرۈمنى ئەڭ ياخشىسى ئون بەش يىلدىن ئاشۇرۋەتمىگەن بولساڭ.

    خۇدا ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى.

    ـــ ئەي مايمۇن،ـــ دېدى خۇدا ئەمدى مايمۇنغا،ـــ سەن ئەتىدىن- كەچكىچە دەرەخلەرگە ئېسىلىپ يۈرىسەن، گومۇشلاردەك  ئادەملەرگە كۈلكە بۇلۇپ بېرسەن. ساڭا يىگىرمە يىللىق ئۆمۈر ئاتا قىلدىم.

    مايمۇن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قۇيۇپ جاۋاب بەردى.

    ـــ ئەي ياراتقان ئىگەم، ھەزىلكەشلەردەك يىگىرمە يىل ياشاش ماڭا تولىمۇ ئۇزۇنلۇق قىلىدۇ. ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن، ئۆمرۈمنى ئون يىلدىن ئارتۇق قىلۋەتمىسەڭ!

    خۇدا مايمۇننىڭ ئۆتۈنىشىگە ماقۇل بولدى.

    خۇدا ئەڭ ئاخىرىدا ئادەمنى ياراتتى.

    ـــ ئەي ئادەم،ـــ دېدى خۇدا،ـــ سەن بۇ دۇنيادا ئەقىل بىلەن ياشايسەن، ئەقىل-پاراسىتىڭ بىلەن ھەممىنى قولدا تۇتۇپ تۇرىسەن، ھەممىنى باشقۇرىسەن، ساڭا يىگىرمە يىللىق ئۆمۈر ئاتا قىلدىم.

    ئادەم بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق جاۋاب بەردى:

    ـــ ئەي ياراتقان ئىگەم! ئادەم ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئاران يىگىرمە يىل ياشاش بەك ئازلىق قىلىدۇ. مىنىڭچە مۇنداق قىلساڭ، ئېشەك رەت قىلغان ئوتتۇز يىلنى، ئىت رەت قىلغان يىگىرمە بەش يىلنى، مايمۇن رەت قىلغان يىگىرمە يىلنى، ھەممىسىنى ماڭا قۇشۇپ بەرگەن بولساڭ.

    خۇدا ئادەمنىڭمۇ تەلىپىگە قۇشۇلدى.

       نەتىجىدە، ئادەم تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بويىچە، ئاۋۋال غەم-ئەندىشىسىز بىر نەچچە يىل ياشىدى، ئاندىن ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ ئىگىلىك تىكلىدى، خۇددى ئېشەككە ئوخشاش ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئاتىپ، جان تىكىپ خىزمەت قىلدى؛ ئارقىدىن ئىتتەك سادىقلىق بىلەن بالىلىرىنى ئەستايىدىل باقتى؛ ياشانغاندا بولسا مايمۇندەك«ھەزىلكەش» بولۇپ نەۋرە-چەۋرىلىرىگە ئويۇن بولۇپ بەردى، شۇنىڭغا ئەرمەك بولۇپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى خۇشال ئۆتكۈزدى.

      مانا بۇ كىشىلىك ھايات، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ھاياتى مۇشۇنداق ئۆتىدۇ. لېكىن مۇشۇ جەرياندا، ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتتىن ئالىدىغان لەززىتى ئوخشاش بولمايدۇ.

      كىشىلىك ھايات ھەقىقەتەن بىر سىر. مېنىڭچە، ئاخىرقى ھېسابتا بۇ سىرنىڭ تېگىگە ھىچكىم يىتەلمەيدۇ. لېكىن، يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا سىر ئاچقۇچى. بىز ھايات سىرلىرىنى ئېچىشقا مۇھتاج، ئۆمرۈڭ مۇشۇ سىرنى ئېچىش بىلەن ئۆتۈپ كەتسىمۇ، ۋاقتىم بىكار ئۆتۈپ كەتتى، دەپ ھەرگىز ئۆكۈنمە.

      بىزنىڭ ھاياتىمىز گويا سەرەڭگە قېپىغا ئوىشايدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە نۇرغۇن سەرەڭگە تاللىرى سېلىنغان بولىدۇ. بىز ھەرقېتىم بىرنى ياندۇرغاندا، قاپنىڭ ئىچىدىن بىر تال سەرەڭگە ئازلايدۇ، لېكىن شۇ بىر تال سەرەڭگە بىزگە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بېغىشلايدۇ. سەرەڭگىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر كىشىلەر يارقىن يورۇقلۇق، يالقۇنجاپ تۇرغان گۈلخان پەيدا قىلالايدۇ؛ سەرەڭگىدىن پايدىلىنىشقا ئېپى يوق ئادەملەر پۈتۈن بىر ئورماننى، قاتار ئۆيلەرنى كۆيدۈرۋىتىشى مۇمكىن. سەرەڭگىدىن پايدىلىنىشنى ئەڭ بىلمەيدىغان ئادەملەر سەرەڭگىنى ۋاقىتسىز ياكى قارغۇلارچە ياندۇرۋالىدۇ، نەتىجىدە نېمە قىلىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ، ئۆمرىنى بىكار ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. ئۇنداقلار كىشىلىك ھاياتنىڭ خۇشاللىقىدىن بىر ئۆمۈر بەھرە ئالالماي ئۆتۈپ كىتىدۇ. كىشىلىك ھاياتنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرە ئالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئېگىز قىرغاقتا تۇرۇپ، دېڭىزدا چايقىلىپ كېتىۋاتقان كېمىگە قاراش خۇشاللىق؛ قورغاندا تۇرۇپ، قاتتىق قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان ئۇرۇش مەيدانىغا قاراپ تۇرۇشمۇ خۇشاللىق. لېكىن، ئادەم ئۈچۈن كىشىلىك ھايات ھەقىقىتىنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن يولدىكى قاتمۇقات توسالغۇ ۋە قۇيۇق تۇمانلارغا قاراشتىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق بولمىسا كېرەك!

      تا ھازىرغىچە، مېنىڭ نۇرغۇن كۈنلىرىم تەتقىقات ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئىچىدە ئۆتتى. مەن چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق مۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم: بەزىلەر بۇ دۇنيادىن نام-مەنپەئەت قوغلىشىپ، بەزىلەر ھىچنىمىگە پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كىتىدىكەن، دائىم كۆرۈلىدىغان بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدا، ھارماي-تالماي ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىدىغان روھ بولغاندىلا، ھاياتنى ھەقىقىي مول مەزمۇنغا ئىگە قىلغىلى، ئۇنى ئالىيجاناپ ۋە پاك تۇتقىلى بولىدۇ. گەپنىڭ راستىنى قىلسام، مەن قانداقتۇر ھەممىگە قادىر دىيىلىدىغان خۇداغا ئىشەنمەيمەن. مېنىڭچە، خۇدانى بار دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ پەقەت بىرلا ئەھمىيىتى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇ ئىنسانلارنى ئىناق-ئىجىل ئۆتۈشكە يىتەكلەيدۇ. روھ ۋە خۇدانىڭ مەۋجۇتلىقى توغرىسىدا ھەرخىل گەپ-سۆلەر بار، ياكى روھ بىلەن خۇدا بىر گەۋدە دەيدىغان گەپلەرمۇ بار. مېنىڭچە، ھەرقانداق نەرسە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن چېغىمىزدىلا، ھەرقانداق ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۋەتمەيدىغان بولىمىز. بىز دۇنيا بىلەن مەنىۋى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز، شەخسى مەنپەتكە بېرىلىشتىن يىراق تۇرۇشىمىز، كۈندىلىك تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان گۈزەل ئىتقاد بىلەن كۆڭلىمىزنى توق خاتىرجەم تۇتۇشىمىز كېرەك.

    ئېلبېرت خۇببارتنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ __ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.