نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى 2

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-17 11:11:36

نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى 2شۇنداق قىلىپ يۇقىرىقى ئۈچ فىزىكا ئۇستازى گەرچە ئۇزۇنلۇقىنىڭ قىسقىرىشى، ۋاقىتنىڭ ئاستىلىشى قاتارلىق پەرەزلەر ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانل...

     




     

     نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى 2

     

    شۇنداق قىلىپ يۇقىرىقى ئۈچ فىزىكا ئۇستازى گەرچە ئۇزۇنلۇقىنىڭ قىسقىرىشى، ۋاقىتنىڭ ئاستىلىشى قاتارلىق پەرەزلەر ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشنى خالىمىدى. (پەقەت پويىنكارلا بىر ئەسىرىدە يېڭىچە بىر مېخانىكا قانۇنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزۇنلۇق قىسقىراش ھادىسىسىنى پەرەز دەپ قاراش كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرىۋالدى ۋە كېيىنكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىدى.)
          ئېينىشتىيىن بۇ ۋاقىتلاردا سىيۇرىختىكى ئاددى بىر ئوقۇغۇچى ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ تەھلىلى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىدى. ئېينىشتىيىن مەسىلىنىڭ «ئوخشاش ۋاقىتچانلىق» ئۇقۇمىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
          «ئوخشاش ۋاقىت» ئۇقۇمى بىزگە ناھايىتى تونۇش. ئادەتتە دائىم «ئەتىگەن سائەت ئالتە يېرىمدا بىز ئوخشاش ۋاقىتتا تەنتەربىيە مەيدانىغا كەلدۇق» ، «ئىككى پويىز بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىن ئوخشاش ۋاقىتتا بىر-بىرگە قاراپ يولغا چىقتى» ... دەيمىز. ھېچكىممۇ «ئوخشاش ۋاقىتچانلىق»نىڭ ئېنىقلىمىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. نىيوتوننىڭ مۇتلەق ماكان، مۇتلەق زامان مودىلىدىمۇ شۇنداق. يەنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00دا بېيجىڭ ۋە شاڭخەيدىن ئىككى پويىز بىر-بىرىگە قاراپ يولغا چىقسا، بىر ئالەم كېمىسىدە ئۇچۇۋاتقان ئالەم ئۇچقۇچىسىمۇ بۇ ئىككى پويىزنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يولغا چىققانلىقىنى كۆرىدۇ.
          كىشىلەر يۇقىرىقىدەك ھادىسىلەرنى ئويلىغاندا دائىم بىر كۆزەتكۈچىنىڭ پەقەت كۆزىتىۋاتقان ھادىسىنىڭ نۇر سىگنالى ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن ۋاقىتتا ئاندىن شۇ ھادىسىنى يۈز بەردى، دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. نۇرنىڭ تېزلىكى چەكلىك، يەنە كېلىپ كۆزەتكۈچىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا نۇرنىڭ كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن بولغان تېزلىكى بىلەن ۋاقىت ئۇقۇمى («ئوخشاش ۋاقىتچانلىق») ئارىسىدا چوقۇم باغلىنىش بولۇشى كېرەك.
          ئېينىشتىيىن يۇقىرىقىدەك ئويلارنىڭ نەتىجىسىدە بارلىق ھەرىكەت ھالىتىدىكى كۆزەتكۈچىلەرگە ئورتاق بولغان بىر ۋاقىت ئۆلچەش ئۆلچىمى بولۇشى كېرەكلىگىنى ھېس قىلدى. ئەگەر بىز كۆزەتكۈچى مەيلى قانداق ھالەتتە ھەرىكەت قىلسۇن نۇرنىڭ كۆزەتكۈچىگە بولغان تېزلىكى مۇقىم سېكونتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر دەپ پەرەز قىلساق، بىز ناھايىتى ياخشى ۋاقىت ئۆلچەش ئۆلچىمىگە ئېرىشەلەيمىز ھەم مايكىلسون تەجرىبىسى ۋە پويىنكارلار بايقىغان ئېلىكتىر ماگنېت قانۇنىيىتىدىكى زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرەلەيمىز.
         نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە تۇتىشىدىغان يەنە بىر پىكىر ھەققىدە ئېينىشتىيىن مۇنداق ئېيىتقان:
         «مېنى تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بىۋاستە يېتەكلىگىنى مۇنداق بىر ئەھۋال. يەنى مەن جىسىم ماگنېت مەيدانىدا ھەرىكەت قىلغاندا ھاسىل بولغان ئىندۇكسىيەلىك ئېلىكتىر بېسىمى ئەمىلىيەتتە بىر ئېلىكتىر مەيدانى ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتىم.»
         يۇقىرىقى جۈملىدە كۆزدە تۇتۇلغىنى مۇنداق ئەھۋال: ئېلىكتىر ماگنېت قانۇنىغا ئاساسەن ئەگەر ماگىنېتلىق تۆمۈر ھەرىكەت قىلىپ ئۆتكۈزگۈچ تېنچ تۇرسا، ماگىنېتلىق تۆمۈرنىڭ ھەرىكىتى ئېلىكتىر مەيدانى ھاسىل قىلىپ، بۇ ئېلىكتىر مەيدانى ئۆتكۈزگۈچتىكى ئېلىكتىرونلارنى ھەرىكەت قىلدۇرۇپ ئىندۇكسىيەلىك توك ھاسىل بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئەگەر ماگىنېتلىق تۆمۈرنى تېنچ قويۇپ ئۆتكۈزگۈچنى ھەرىكەت قىلدۇرساق، ئوخشاشلا ئۆتكۈزگۈچتە توك ھاسىل بولىدۇ. لېكىن ئېلىكتىر ماگىنېت قانۇنىنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن چۈشەنچىسى بولسا بۇ ۋاقىتتا ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئۆتكۈزگۈچتىكى ئېلىكتىرونلار «لورىنتىس كۈچى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كۈچنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلىدۇ، ئېلىكتىر مەيدانىنىڭ تەسىرىدە ئەمەس. بىز يۇقىرىدا دېيىلگەنلەرنى يەنە بىر قېتىم ئاددىي قىلىپ تەكرارلاپ باقايلى:
          ئۆتكۈزگۈچ تېنچ تۇرۇپ، ماگىنېت ھەرىكەت قىلسا ئۆتكۈزگۈچتە ئېلىكتىر مەيدانى ھاسىل بولىدۇ. لېكىن ئەگەر ئۆتكۈزگۈچ ھەرىكەت قىلىپ ماگىنېت تېنچ تۇرسا ئۆتكۈزگۈچتە ئېلىكتىر مەيدانى ئەمەس ئاتالمىش «لورىنتىس كۈچى» ھاسىل بولىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىراز غەلىتە. چۈنكى گالىلىي نىسبىيلىك پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئۆز-ئارا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىككى جىسىمنىڭ قايسى بىرىنى تېنچ دەپ تاللىۋېلىش ھەرىكەت نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. يەنى سىز تېنچ تۇرۇپ دوستىڭىز سىزگە قاراپ ماڭغان بولسا، سىزنى تېنچ تۇردى دەپ چىقارغان نەتىجە بىلەن دوستىڭىزنى تېنچ تۇردى دەپ تۇرۇپ چىقارغان نەتىجە پۈتۈنلەي ئوخشاش. (ئىككىڭلار ئاخىرى بىر ئورۇندا كۆرۈشتىڭلار) شۇڭا ئۆتكۈزگۈچ بىلەن ماگىنېت پارچىسىنىڭ قايسىسى ھەرىكەت قىلسۇن، نەتىجە ئوخشاش بولۇشى كېرەك. لېكىن ئەمىلىيەتتە بولسا ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئېينىشتىيىن ئېلىكتىر ماگىنېت قانۇنىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا يۇقىرىقى غەلىتە نەتىجىنىڭ سەۋەبى «مۇتلەق تىنىچ» دەپ قارالغان ئېفىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. چۈنكى ئېفىرلا مەۋجۇت بولىدىكەن ماگىنىت پارچىسىنىڭ ئېفىرغا نىسبەتەن ھەرىكىتى بىلەن ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئېفىرغا نىسبەتەن ھەرىكىتىدىن ھامان ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ.
          ئېينىشتىيىن چوڭ تاللاشقا دۇچ كەلدى. بىرى ئېفىرنىڭ مۇتلەق ماكان ، مۇتلەق زامان مودىلىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىپ، ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان نۇر تېزلىكىگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئېلىكتىر ماگىنېت قانۇنىنىڭ نىسبىيلىك پىرىنسىپىغا بويسۇنمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتتۇقكى، بۇ يولغا مېڭىش ئاللىقاچان مۇمكىن ئەمەس. ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىتقىچە بىزگە مەلۇم بولغان نەزەرىيىۋى بىلىملەر ۋە تەجرىبە بىلىملىرى بۇ يولنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى (ئېينىشتىيىنغا نىسبەتەن بۇ سەۋەپ ئەڭ مۇھىم) يۇقىرىقى يول نىيوتون مېخانىكىسى بىلەن ئېلىكتىر ماگىنېت قانۇنىنىڭ بىر-بىرىگە زىت بولغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ نىيوتوننى باش قىلغان فىزىكا ئالىملىرىنىڭ ئاخىرى بىر كۈنى بارلىق فىزىكا بىلىملىرىنى بىر ئاددى نەزەرىيە رامكىسى ئىچىدە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇش غايىسىنىڭ كۆپۈككە ئايلىنىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز كۆرۈۋاتقان بۇ بىر پۈتۈن دۇنيادا ئەجەبا جىسىملار بويسۇنىدىغان مېخانىكا قانۇنلىرى بىلەن ئېلىكتىر ماگىنېت قانۇنلىرى بىر بىرىگە زىت؟! بۇ يەردە يەنە شۇنداق بىر ھۆكۈم روياپقا چىقماقچى: يەنى بىز ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى بىلەن تونۇشقاندا ئەگەر سىز ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﯩﻜﻰﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز ئۇنداقتا يۇقىرىقى يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالالايسىز.

    يەنە بىرى بولسا ئېفىر ۋە مۇتلەق ماكان، مۇتلەق زامان ئۇقۇمىدىن ۋاز كېچىش، مەيلى ھەرىكەت ئەھۋالى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نۇر تېزلىكىنىڭ بارلىق كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئېلىكتىر ماگىنېت قانۇنىنى نىسبىيلىك پىرىنسىپى رامكىسى ئىچىگە كىرگۈزۈش. بۇنداق بولغاندا گەرچە نىيوتون فىزىكىسىنىڭ ئۇلى بولغان مۇتلەق ماكان، زامان ئۇقۇمىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن نىيوتون مېخانىكىسى بىلەن ئېلىكتىر ماگىنېت قانۇنىنى ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ مېخانىكا، ئېلىكتىر ماگىنېت ھادىسىلىرى ئورتاق بويسۇنىدىغان بىر نەزەرىيىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھالبۇكى بۇ دەل فىزىكا ئالىملىرى نەچچە يۈز يىللىق جاپالىق ئەمگەك جەريانىدا زارىقىپ كۈتۈۋاتقان نەتىجە.
         1905-يىلى 4-ئايدىن 6-ئايغىچە ئېينىشتىيىن «فىزىكا خاتىرىلىرى» ژورنىلىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. بىروئۇن ھەرىكتى مۇھاكىمە قىلىنغان ماقالىسى بىلەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. بۇ ماقالىسىدە مولىكۇلانىڭ دېئامىتىرىنى ئۆلچەيدىغان بىر يېڭى ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مولىكۇلىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى تۇنجى بولۇپ نەزەرىيىۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. فوتو ئېلىكتىر ئېففىكتى ھادىسىسى تەھلىل قىلىنغان ماقالىسى بىلەن يورۇقلۇق كۋانتى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە 1921-يىلى فوتو ئېلىكتىر ئېففىكتى ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن (دىققەت، بۇ تۆھپە پەقەت يۇقۇرىقى ماقالىدە ئېرىشكەن نەتىجىنىڭ ئاددى بىر قىسمى، بۇ ماقالىنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك قىسمى يورۇقلۇق كۋانتى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى نوبىل مۇكاپاتىنى تارقىتىش سۆزىدە تىلغا ئېلىنمىغان) نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يەنە بىر «ھەرىكەتچان جىسىملارنىڭ ئېلىكتىرو دېنامىكىسى» ناملىق ماقالىسى بىلەن كېيىن بىز دەپ كېلىۋاتقان مەشھۇر نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ناھايىتى ئەپسۇس، 1921-يىلىدىكى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ بېكىتىلىش ئۆلچىمىگە قارىغاندا ئەينى ۋاقىتتا ئېينىشتىيىننىڭ يۇقىرىقى نەتىجىلىرى ئۈچۈنلا 3-4 نوبىل مۇكاپاتى بەرسىمۇ كۆپلۈك قىلمايتتى، لېكىن باھالاش كومېتىتى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ۋە كۋانىت پەرىزىنى تالاش-تارتىش جىق دەپ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزمىگەن.)
         ئاخىرقى بىر پارچە ماقالىسىدە ئۇ مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى:
        1. بارلىق فىزىكا قانۇنلىرى بارلىق ئېنىرىتسىيىلىك سېستىمىلاردا ئوخشاش ئىپادىلەش شەكلىگە ئىگە.
        2. ھەر قانداق كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ۋائوكومدىكى نۇر تېزلىكى ئوخشاش، نۇرنىڭ تېزلىكى نۇر مەنبەسىنىڭ ۋە كۆزەتكۈچىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
    ئەمدى مايكىلسون تەجرىبىسىدە ئۈمىد قىلغاندەك يەر شارىنىڭ مۇتلەق تېنچ ئېفىر ياكى مۇتلەق ماكانغا بولغان ھەرىكىتى مەۋجۇد ئەمەس بەلكى ئەتراپتىكى ئاسمان جىسىملىرىغا بولغان نىسپىي ھەرىكىتىلا مەۋجۇت. جىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك، ئېگىزلىكىمۇ پەقەت بىر خىل نىسپىي ئۇقۇم، ئۇلار ئۆلچىنىدىغان جىسىم بىلەن كۆزەتكۈچىنىڭ ئۆزئارا ھەرىكەت ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك.
         ئېينىشتىيىن مۇتلەق زامان ئۇقۇمىدىن ۋاز كەچتى. مەيلى قانداق ھەرىكەت بولسۇن ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن ئوخشاش تېزلىكتە ئۆتۈپ كېتىدىغان ۋاقىت ئۇقۇمىدىن ۋاز كەچتى، بەلكى ئۇ «ۋاقىتمۇ نىسپىي ئۇقۇم، ئۇ ھەر بىر كۆزەتكۈچىنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ جاكارلىدى.
        بۇ نەزەرىيىگە ئاساسەن ئەمدى جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىدىن خالىي تۇرىدىغان مۇتلەق ماكان، مۇتلەق زامان مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى ماكان ۋە زامان جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە ھەر خىل ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىدىكى ئۇزۇنلىقى قىسقىرايدۇ، ھەرىكەت قىلىۋاتقان سائەت ئاستىلايدۇ، يەنە ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىمنىڭ ماسسىسى ئاشىدۇ. جىسىمنىڭ ماسسىسى بىلەن جىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنىرگىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاددىي ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىگە بويسۇنىدۇ :( =MC²)
          ئېينىشتىيىننىڭ تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بىزنىڭ چوقۇم نىيوتون مېخانىكا قانۇنلىرىدىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس.
          كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كۆپ قىسىم ئىلىم ساھەسى ۋە كۆپ قىسىم تېخنىكا ساھەسىدە نىيوتون قانۇنلىرى يەنىلا كەڭ قوللىنىلىش قىممىتىگە ئىگە. بىز ئايروپىلانغا ۋاقىتنىڭ كۆپىشىدىن ئەنسىرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئېنژىنىرلارمۇ ئايروپىلان لاھىيىلىگەندە ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقىراش تەسىرىنى ئويلىشىپ ئولتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى جىسىمنىڭ تېزلىكى نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندىلا ئۇزۇنلۇق قىسقىراش، ۋاقىت ئاستىلاش ھادىسىلىرى ئاندىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بولىدۇ. ئايروپىلاننىڭ تېزلىكى سېكونتىغا 150 مىڭ كىلومېتىرغا (نۇر تېزلىكىنىڭ يېرىمى) يەتكەندىمۇ شۇ تۈپەيلى بىر مېتىر نەرسە ئاران 13سانتىمىتىر قىسقىرايدۇ. ئەگەر ئايروپىلان نۇر تېزلىكىنىڭ ئوندىن بىرىگە (سىكونىتىغا 30مىڭ كىلومېتىر) يېتەلىسە بىر مېتىر نەرسە بەش مىللىمېتىر قىسقىرايدۇ. ئادەتتە نۇرغۇن ساھەدە جىسىملارنىڭ تېزلىكى كۆپ كىچىك بولغاچقا ئۇزۇنلۇق قىسقىراش، ۋاقىت ئاستىلاش تەسىرى ئىنتايىن كىچىك، پۈتۈنلەي ئويلاشماسلىققا بولىدۇ. پەقەت جىسىمنىڭ تېزلىكى نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندا ئاندىن نىيوتون مېخانىكىسى بىلەن نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ نەتىجىسىدە پەرق كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، شۇڭا ئۇ ۋاقىتتا چوقۇم نىيوتون مېخانىكىسىدىن ۋاز كېچىپ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ئىشلىتىش كېرەك.
          بۇ خىل ئەھۋاللار فىزىكا تارىخىدا كۆپ ئۇچرايدۇ: بىر تۈركۈم قانۇنلار (بۇ يەردە نىيوتون مېخانىكىسى) دەسلەپتە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ، چۈنكى ئۇ دەسلەپتە تەجرىبە بىلەن ناھايىتى ماس كېلىدۇ. كېيىن تەجرىبە ۋاستىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىزدىنىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر بۇ قانۇننىڭ پەقەت بىر چەكلىك دائىرىدىلا يەنى بۇ قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك دائىرىسىدىلا كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن فىزىكا ئالىملىرى تىرىشىپ تەجرىبە ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھادىسىلەرنى بايقاپ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى فىزىكا ھادىسىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان يېڭى قانۇنىيەتنى تېپىپ چىقىدۇ. (نىيوتون قانۇنلىرىغا نىسبەتەن ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى تۆۋەن تېزلىكتىكى ئەھۋالدا كۈچكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يۇقىرى تېزلىكتىكى ئەھۋاللاردىمۇ كۈچكە ئېگە)
          فىزىكا ئىلمىنىڭ تارىخى بۇ خىل جەرياننى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن. مەسىلەن كېيىنكى مەزمۇنلاردا كۆرىدىغىنىمىزدەك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى چوڭ بولغان شارائىتتا تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغىنى كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى. قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئىچكى قىسمىدا كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغىنى ھازىر تەتقىق قىلىنىۋاتقان كۋانىت تارتىش كۈچى نەزەرىيىسى.
           شۇڭا كونا قانۇنىيەتتىن يېڭى قانۇنىيەتكە ئۆتۈش جەريانىدىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئالاھىدىلىك بار. ھەربىر كونا-يېڭى ئالمىشىش پەيتىدە فىزىكىشۇناسلار تەجرىبە ئارقىلىق كونا قانۇنىيەتنىڭ قايسى جايدىن يىمىرىلىدىغانلىقنى ئىزدىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بەلكى ئەسلى قانۇنىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك چەك-چگرىسىنى تېپىپ چىقسىلا بولدى. نىيوتون مېخانىكىسىغا نىسبەتەن: كۆرىۋالدۇقكى، ماكسىۋېلنىڭ ئېلىكتىر ماگىنېت قانۇنى نىيوتون ماكان، زامان مودىلى بىلەن ماسلاشمىدى. تېزلىك كىچىك ۋاقتىدا بۇخىل ماسلاشماسلىق ئانچە چوڭ ئەمەس. (ھەتتا ئۆلچىگىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە) لېكىن تېزلىك يۇقىرى ۋاقىتتا بۇ خىل ماسلاشماسلىق ناھايىتى روشەن. شۇڭا مايكىلسون تەجرىبىسى بولمىغان تەقدىردىمۇ نىيوتون فىزىكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك دائىرىسىنىڭ جىسىم تېزلىك نۇر تېزلىكىدىن كۆپ كىچىك بولغان دائىرە ئىكەنلىكى، جىسىم نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندا نىيوتون مېخانىكىسىنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئوخشاشلا كېيىنكى مەزمۇندا بىز تار مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئۈنۈمىنى يوقىتىدىغانلىقىدىن قانداق بىشارەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز.
         مۇنداقچە ئېيىتقاندا فىزىكا تارىخى ئەمىلىيەتتە فىزىكا قانۇنلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك دائىرىسىنىڭ كېڭىيىش دائىرىسىدىن ئىبارەت. نىيوتون بولسا كېپلىرنىڭ ئاسمان جىسىملىرى قانۇنىيەتلىرى بىلەن گالىلىينىڭ ئادەتتىكى جىسىملار ھەققىدىكى قانۇنىيەتلىرىن بىرلەشتۈرۈپ ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇپ مېخانىكىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى. ماكسىۋېل ئېلىكتىر ۋە ماگىنېت ھادىسىلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئورتاق بىر نەزەرىيە ئارقىلىق چۈشەندۈردى. ئېينىشتىيىن بولسا نىيوتون مېخانىكىسى بىلەن ماكسىۋېل ئېلىكتىر-ماگىنېت قانۇنلىرىنى بىر نەزەرىيە رامكىسى ئىچىگە يىغىنچاقلاپ، نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى. كېيىنكى مەزمۇندا بىز يەنە كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ تارتىش كۈچىنىمۇ ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى كۆرىمىز. نۆۋەتتە فىزىكىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدىكى ئالىملار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ بېشىدا يارىتىلغان ئىككى ئۇلۇغ نەزەرىيە كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بىلەن كۋانىت نەزەرىيىسىنى بىرلەشتۈرۈش يولىدا تىرىشماقتا. ئالىملىرىمىزنىڭ بۇ خىزمەتلىرى بىزگە دۇنيانىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ سىرلارنى ئېچىپ بەرگۈسى.

     (ئاخىرى كېلەركى ساندا) 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.