تىل ئەخلاقى توغرىسىدا

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-24 08:16:47

تىل ئەخلاقى توغرىسىدازامانىمىزدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «قاتلاملىق ئېستېتىكا» ناملىق كىتاۋىدا تىل ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:«تىل __ تەلەپپۇز مەدەنىيىتىنى،...

    تىل ئەخلاقى توغرىسىدا



    زامانىمىزدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «قاتلاملىق ئېستېتىكا» ناملىق كىتاۋىدا تىل ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:«تىل __ تەلەپپۇز مەدەنىيىتىنى، تىل مەنە بايلىقى __ تىلغا يېغىنچاقلانغان ئەقلىي كامالەت مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە يانداشتۇرۇپ قالماستىن، يەنە تىلنىڭ ئەخلاقىي مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە شەرت قىلىدۇ. تىل ئەخلاقى ھەر بىر شەخىسنىڭ ۋە مىللەتنىڭ كامالىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
       ھەر بىر كىشى  ئۈچۈن ئۇنىڭ تىل ئەخلاقىنىڭ قانداق بولىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەغدىر بېكىتىدۇر. ئوخشاشلا، تىل بوستانىدا ئەقىل مېۋىلىرى يېتىشتۈرەلىگەن مىللەت بىلەن تىل قورالىدىن يانغىن چاچراتقان مىللەتنىڭ تەغدىر _ قىسمىتىمۇ تامامەن باشقا _ باشقىچە بولىدۇ.»
      دەرۋەقە، «تىل ئەخلاقى ماھىيەتتە قەلب ئەخلاقىدىن ئىبارەت » بولۇپ، تىل ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىغا باھا بېرىش مۈمكىن.
      بىزگە مەلۇمكى، بىزنىڭ تىلىمىز، ئانا تىلىمىز مېھرىبان ئانىلارنىڭ ياردىمىدە چىقىدۇ. بىز تۇنجى تاۋۇشنى، تۇنجى تىل تەلەپپۇزىنى ئانىلار ئارقىلىق ئۈگۈنىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن تىل دەرسى بېرىدىغان تۇنجى ئۇستاز بولغان ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئەخلاقىنىڭ يېتىلىشىدىكى رولى ئىنتايىن زور.
      ئاز سۆزلەش، ئەمما ساز سۆزلەش كىشىنىڭ ئەقىللىقلىقىگە دەلىلدۇر. ئەقلىنىڭ ئاز ياكى كۆپلىكى بىلەن كىشىلەر بىر _ بىرىدىن پەرقلىنۇر. كىشى ئۆزىنى بىلسە، قەدىر - قىممىتىنى تونۇسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇر. ئەخمەق كىشى ئۆزىنى تۇتۇشنى بڭلمەس. ئەقىللىقلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىلىرى ئادەملەرنىڭ باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى بىلىشىدە، يۈرۈش - تۇرۇشىدا، ئۆزگىلەرگە ئۈلگە بولالىشىدا،ھەممىگە ياقالايدىغانلىقىدا، بىلىمدانلىقىدا نامايان بولۇر.
      __ ھەي ئەزىزىم، سەن قىلماقچى بولغان ئىشىڭنى ئاۋال ئەقلىڭگە ھاۋالە قىل، ئەقلىڭ ئىجازەت بەرسە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كىرىش. ئۆزىنى ئۆزى قاتتىق سۆيگەن، يەنى ئۆزىگە بىنا قويغان كىشىدە ئەقىل بولماس.
      سۆزلەش ئەدەپلىرى شۇنداقكى، سۆز ئاز سۆزلەنسۇن،چۈنكى ۋات - ۋاتلىق تەنتەكلىكنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى.
      گەپنى ئۇزۇن قىلما،ئويلىماي سۆزلىمە، بىر سۆزنى كۆپ تەكرارلىما، باشقىلارنىڭ سۆزىنى بۆلمە، سۆزلەۋاتقاندا ئاۋازىڭنى ئۇتتۇرىچە قىل، بىر كىم سېنىڭدىن سۆزنى مەخپى تۇتسا ئۇنى بىلىشكە زورلۇق قىلما. رست سۆزلە، ھەق سۆزنى يالغانغا چىقارما، ئورۇنسىز سۆزلىمە، سۆزنى ئەقلىڭگە يارىشا سۆزلە، سۆزلەۋاتقاندا پۇت - قوللىرىڭنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىل، پايدىسىز سۆزلەرنى قىلما، چېقىمچىنى ئولتۇرۇشقا چېللىما!
      تىل دىلنىڭ ئەلچىسى بولغاچقا، ئېغىزىمىزدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر سۆز كىشىلىك خارەكتىرىمىز ھەم ئەخلاقىي تەربىيىلىنىشىمىزدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇرىدۇ.
      بىزدە ئەزەلدىن ئاممىۋى سورۇن ئەىلاقى بار ئىدى. بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى تىل ئەخلاقى بەكرەك تەكىتلىنەتتى. قايسى ۋابا تەگدىكىن تاڭ، تىل سەنئىتىمىز ئەسلىي قىياپىتىنى يوقۇتىشقا قاراپ يۈزلەنگەندىن بۇيان، كىشىلىرىمىزنىڭ خارەكتېر ئالاھىدىلىكىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىللەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئاتا - بوۋىلار توغرا ئېيتقانىكەن : « تىل دىلنىڭ ئەينىكى ».


    مەنبە : قىز - ئاياللار ئەخلاقى ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.