بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار چۈشەنچىسىدىكى سېھرىي كۈچلەر توغرىسىدا(ئابدۇرەشىد مۇھ

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-16 06:42:32

بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار چۈشەنچىسىدىكى سېھرىي كۈچلەر توغرىسىدائابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىنمەيلى ئىپتىدائىي مىللەتلەر بولسۇن ياكى بۈگۈنكى كۈندىكى زامانىۋىي پەن-تېخنىكىغا يېقىندىن يانداشقان مىللەتلەردە ...

     



    بۈگۈنكى  ئۇيغۇرلار چۈشەنچىسىدىكى سېھرىي كۈچلەر توغرىسىدا
    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن


    مەيلى ئىپتىدائىي مىللەتلەر بولسۇن ياكى بۈگۈنكى كۈندىكى زامانىۋىي پەن-تېخنىكىغا يېقىندىن يانداشقان مىللەتلەردە بولسۇن، ئىنسانىيەت ئېڭىدا ھەمىشە بىر خىل ئىنسان ئەقلىدىن ھالقىپ كەتكەن، سىرلىق، تەبىئەت دۇنياسىنى كونتىرۇل قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مەلۇم كۈچلەر مەۋجۇت دەيدىغان قاراشلار ساقلىنىپ كەلمەكتە.

     

    رۇس تەتقىقاتچىسى د.ئا.ئىسىيېۋ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى سېھرىي كۈچلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق سېھرىي كۈچكە ئىشىنىش قارىشىنىڭ مەركىزى ئاسىيادىكى باشقا مىللەت، قەبىلىلەرگە ئوخشاشلا ناھايىتى ئۇزاق يىلتىزى بارلىقىنى، ۋە بۇ خىل قاراشلارنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىپ، ئۇيغۇرلاردىكى سېھرىگەرلىك ۋە سېھىرگە ئىشىنىشنىڭ ئوۋچىلىق، تېرىقچىلىق، ئىشىق-مۇھەببەت، كىسەل داۋالاشتەك تۆت چوڭ ئىپادىسىنى، بۇلاردىن باشقا چۈش كۆرۈش، سان توغرىسىدىكى ئۇششاق سېھرىي ئىشەنچلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. شۇنداقلا، بۇ خىل قاراشلارنىڭ مۇنداق ئۇزۇن دەۋىرلەرگىچە داۋاملىشىپ كېلىشى بىرى، بۇ خىل قاراشلارنىڭ ئىپتىدائىي دىن بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكى ۋە ئۈزلۈكسىز زامانىۋىلاشقانلىقىدىن، يەنە بىرى، بۇلارنىڭ تىبابەتچىلىكتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك دەپ قارىغان.[①]

     

    ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل ئالاھىدە سېھرىي كۈچلەرگە ئىشىنىش قاراشلىرى ئۇزاق تارىخ مابەينىدە سىياسى، دىنىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىدىن بەزىلىرى ئاجىزلىشىپ، بەزىلىرى يوقۇلۇپ، بەزىلىرى كۈچىيىپ، يەنە بەزىلىرى ئۆزگىرىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدە بۇ خىل قاراشلار خىلى كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تەسىر كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

     

    بۇ خىل كۈچلەرنى مېنىڭچە تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئىزاھلاشقا بولىدۇ. ۋە بۇ خىل تۈرگە ئايرىش كېيىنكى مۇشۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارغا تېخىمۇ ئېنىقلىق ۋە تېخىمۇ قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ.

     

    1.ئىلاھىي شەخىس ۋە قەھرىمانلار تىپىدىكى سېھىرىي كۈچلەر

     

    بۇ خىل چۈشەنچىدە كۆزدە تۇتۇلغىنى، ئۇيغۇرلاردا بۇرۇندىمۇ ۋە بۈگۈندىمۇ مەۋجۇت بولغان خىزىر، ئەۋلىيا چۈشەنچىسى، يەنە ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرلىرى، ساھابىلەر ۋە چاھارىيارلار، شۇنداقلا دىن تارقاتقۇچىلار، ئىسلام غازاتچىلىرى، خوجا، ئىشان، پىر، موللام، باخشى دېگەنلەر. بۇلاردىن باشقا يەنە مەلۇم كەسىپ-ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن، شۇ كەسىپنىڭ ئەڭ كامىللىرى ياكى ئىجادچىلىرى دەپ قارالغان كەسىپ-ھۈنەر پىرلىرى، تارىختىكى ۋە بۈگۈندىكى كىشىلەر ئېغىزىدا قەھرىمانلىقى، مەلۇم بىر ئالاھىدىلىكى بىلەن سېھىرلىك تۈس ئالغان كىشىلەر. (غېنى باتۇر، قۇربانجان ئەۋلىيا، ئۇستا تىۋىپلەر …) . بۇ خىل شەخىسكە چوقۇنۇشنىڭ يىلتىزىنى ئىسلامىيەتتىن ئاۋۋالقى قەدىمكى ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى يەنى ئەڭ دەسلەپكى جەمەت قانداشلىقنى ئۇلۇغلاش قارىشى شۇنداقلا مانىزىملىق ئەجدادلارغا، قەھرىمانلارغا تىۋىنىشقا باغلاپ چۈشىنىشكە بولىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تىۋىنىش چۈشەنچىسىدە ئەجدادلار ۋە ئىلگىرىكى قەھرىمانلارنىڭ روھى ئەۋلادلارنى يۆلەيدۇ ۋە قوغدايدۇ دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل چۈشەنچە كېيىنكى ئىسلامىيەت ئومۇملاشقان دەۋىرلەردىمۇ گەرچە ئىسلامدىكى بىر ئاللاھقا چوقۇنۇشتەك تەۋھىد چۈشەنچىسىگە زىت بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆزگىرىپ ۋە داۋاملىشىپ كەلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە ياكى مەركىزى ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئالاھىدە دەۋىر بولغان «خوجىلار دەۋرى»دە بۇ خىل شەخىسكە چوقۇنۇش قارىشى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولۇپ، ئاشۇ بىر دەۋىرنىڭ ئومۇمىي ھالىتىگە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرستىپ كەلگەن. بۇ خىل تەسىر ئەدەبىيات، تارىخ، دىن، سىياسى، پەلسەپە قاتارلىق جەمئىيەت ئومۇمىي گەۋدىسىدىكى يىتەكچى كۈچلەرگە ئالاھىدە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل شەخىسكە چوقۇنۇشنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى، ئۆزگەرگەن ھالەتلىرى قىسمەن ساقلىنىپ كەلمەكتە.

     

     

    1.جىن، ئالۋاستى، دىۋىلەر تىپىدىكى سېھرىي كۈچلەر


       بۇ خىل چۈشەنچىلەر خەلقىمىز ئېڭىدىكى ئومۇمەن، يامانلىق، ئاپەت ئىلىپ كېلىدىغان يامان روھلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل چۈشەنچىلەرنىڭ يىلتىزىنى ھەم قەدىمكى ئىتىقادلاردىن، ھەم بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، جىن-ئالۋاستى چۈشەنچىسى بارلىق دىنغا ئىشىنىدىغان خەلقلەردە بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى كىشىلەرنىڭ ئۇنى مەلۇم ئوخشىمايدىغان سۈپەتلەردە چۈشىنىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن : قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەر چۈشەنچىسىدىكى ئالۋاستى «يەلماۋۇز، يەلمۆڭگۈز» بولۇپ، ئۇنى «ئوغۇزنامە» ئىپوسىدا «قىئات» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنىڭ تولىمۇ ياۋۇز، ئەل-جامائەتكە زىيان يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان. كېيىنكى دەۋىرلەردە يەنە «دىۋە»دىن ئىبارەت كۈچتۈڭگۈر ئالۋاستى چۈشەنچىسى ئومۇملىشىپ تاكى ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتغا قەدەر ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنمۇ ئىلگىرىكى ئالۋاستى، يالماۋۇز چۈشەنچىسى ئىسلام دىنىدىكى «شەيتان» بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. بۇ خىل يامان روھ، جىن-ئالۋاستى، شەيتان چۈشەنچىسى بۈگۈنكى كۈندە ئاز ساندىكى باخشىلارنىڭ يوشۇرۇن جىنكەشلىك قىلىپ كىسەل داۋالىشى، ۋە شۇنداقلا «جىن ئاۋۇپ قويۇش»، «جىن چىپىلىپ قېلىش» «جىن ئۇۋلىغان جاي»، «جىننىڭ چېچى»، «جىننىڭ يېغىسى»، «شەيتان ئازدۇرۇش» دېگەندەك چۈشەنچىلەردە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

     

       3. تەبىئەت ئىتىقادچىلىقىدىن كەلگەن ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە تەبىئىي مۇھىتقا باغلانغان سېھرىي كۈچلەر

     

    بۇ خىل سېھرىي كۈچلەر چۈشەنچىسىنىڭ قىسمەن تەرەپلىرى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاساسلىقى قەدىمكى دىنلاردىن قالغان چۈشەنچىلەرنىڭ يەنى تەبىئەت ئىتىقادچىلىقىنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىپادىلىنىش شەكلىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل قاراشلارنىڭ بەزىلىرى ئانچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن يەنە بەزىلىرى خىلىلا تەسىر كۈچىنى ساقلىغان ۋە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مەسىلەن : «بۆرە ئوشۇقىنى ئۇلۇغلاش»، « مىكىيان چىللىسا، قاغا قاقىلدىسا شۇملۇقتىن، سېغىزخان سايرىسا مېھماندىن خەۋەر » دەپ قاراش، «بۈركۈت تۇمۇشقىنى يامانلىقتىن ساقلايدۇ» دەپ قاراش، «مازارنى چىنەپ كۆرسەتسە،دەسىسە، ئېرىققا، بۇلاققا، كۆلگە سىيسە، يۈندە تۆكسە يامان بولىدۇ، كىسەل باسىدۇ» دەپ قاراش، مازارنى ئۇلۇغلاش ۋە چوقۇنۇش، مەلۇم تاغلارنى، ئېقىن، بۇلاقلارنى، دەرەخنى ئۇلۇغلاش، چاقماق چاقسا، يەر تەۋرىسە، كەلكۈن كەلسە خۇدانىڭ غەزىپى دېگەندەك قاراشلار. بۇ خىل قاراشلار ئەمەلىيەتتە قەدىمكى كىشىلەرنىڭ تەبىئەت ئىتىقادچىلىقىدىكى «ھەممىلا نەرسىدە روھ بولىدۇ» دېگەن ئانىمىزىملىق قارىشىىنىڭ كېيىنكى دەۋىرلەردە ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي تەۋھىد قاراشلىرىغا زىت كەلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىلىمنى، دىنىي ئۆلىمالارنى ئۇلۇغلاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا بەزى چۈشەنچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ داۋاملىشىشىدىن كەلگەن. تەتقىقاتچىلار تەبىئەت ئىتىقادچىلىقى توغرىسىدا :«ئاۋۋالقى كىشىلەر تەبىئەتكە تايانغان، تەبىئەتنىڭ غايەت زور كۈچىنى بويسۇندۇرۇشقا ئامالسىز قالغاچقا، ناھايىتى بۇرۇنلا تەبىئەتكە ۋە تەبىئەت كۈچلىرىگە تېۋىنغان. تەبىئەتكە تېۋىنىش ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ كونا تاش قۇراللار دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. … شىنجاڭدىن بايقالغان ئارخىئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن قارىغاندا، قەدىمكى دەۋىرلەرگە تەۋە بويۇملارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك نەزىر-چىراغقا ۋە تەبىئەت ئىتىقادچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن : لوپنۇر رايۇنىدىن بايقالغان كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىكى بىر قىسىم ئالاھىدە نەزىر-چىراغ بويۇملىرى بەلكىم ئىپتىدائىي توتېم ئىتىقادچىلىقى بىلەن، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىدىكى يايلاقتىكى نەزىر-چىراغقا ئىشلىتىدىغان قۇرۇلۇشلار قۇياش قاتارلىق تەبىئەت جىسىملىرىغا تېۋىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم قالدۇق بويۇملاردىن بايقالغان سىرلىق سانلارنىمۇ قەدىمكى كىشلەرنىڭ روھ ۋە ئالەم قۇرۇلمىسىغا بولغان تونۇشلار بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.»[②] دېگەن قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز يۇقارقى تەتقىقاتلاردىن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئوغۇزنامە»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىك» قاتارلىق قەدىمكى ئەسەرلىرىدىن ۋە باشقا ۋەسىقىلەردىن شۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمىزكى، بۇ خىل تەبىئەت ئىتىقادچىلىقى چۈشەنچىسى ئۇيغۇرلاردىمۇ ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ۋە شۇنداقلا، بۇ خىل چۈشەنچىلەر تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن.

     

    4. دىنىي قۇراللار، سېھىرلىك نەرسىلەر تىپىدىكى سېھرىي كۈچلەر

     

    بۇ خىل سېھرىي كۈچكە ئىگە دەپ قارالغان نەرسىلەرنىڭ بەزىسى دىنىي قۇرال يەنى دىنىي كىتاب-دەستۇرلار، ئىبادەتتە ئىشلىتىلىدىغان بويۇملار بولۇپ، بەزىسى كىشىلەر تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان قۇرال-لازىمەتلىكلەر، يېمەكلىكلەر، سېھرىگەرلىك ۋە پال سېلىش قۇراللىرى، ۋە شۇنداقلا، ئاتا-بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان نەرسىلەردىن ئىبارەت. مەسىلەن : دىنىي قۇراللاردىن بۈگۈنكى كۈندە قۇرئان، ھەپتىيەك، تەسۋىي، جەينىماز، سەللە، خۇتىبە كالتىكى … دېگەندەك نەرسىلەر بولسا، سېھرىي كۈچكە ئىگە دەپ قارالغان لازىمەتلىك نەرسىلەردىن نان، تۇز، ئۇن، بۆشۈك، ئوت، ئوچاق، تۈڭلۈك، كۈل، پىچاق، تىرناق، ئەينەك، دىمىدە قىلىنغان سۇ، تاھارەتتىن ئاشقان سۇ، ھەر خىل مايلار ۋە باشقا يېمەكلىكلەر، سېھرگەرلىك ۋە پال سېلىش سايمانلىرىدىن يادا تاش، تەسۋىي ئۇرۇقچىللىرى، قىزىل تاش ياكى ئۇرۇقچىلار، چىلان، تۇمار قاتارلىقلار . بۇ خىل ئۇلۇغلاش چۈشەنچىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى قەدىمكى ئېتىقاد چۈشەنچىسىدىكى ئانىمىزملىق قاراشلارغا يەنى «ھەممە نەرسىدە روھ بولىدۇ» دەپ جانلىق، جانسىز نەرسىلەرنىمۇ ئۇلۇغلاشقا، يەنە بەزىلىرىنى شامانىزىمغا ۋە يەنە بەزىلىرىنى بولسا مانىزىملىق قاراشلارغا باغلاپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇنى كۆرسىتىش كېرەككى، بۇلاردىن بىر قەدەر كۈچلۈكرەك پەرھىز ياكى تىۋىنىش ئوبىيكتى بولۇپ كىلىۋاتقانلىرى ئەلۋەتتە بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىغا ئائىت نەرسىلەر بولۇپ، بۇنى ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرگە بولغان ھۆرمەت بىلەن يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ بىرلىشىپ كەتكەنلىكىگە باغلاپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

     

    5. سېھىرلىك سانلار تىپىدىكى سېھرىي كۈچلەر

     

    بۇ خىل قاراشلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي چۈشەنچىلىرىدىن بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. سانلارنى ئۇلۇغلاش ياكى تېۋىنىش بولسا، تەبىئەت ئىتىقادچىلىقىنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ، دۇنيادىكى كۆپلىگەن قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە سانلارنى ئۇلۇغلاش، تېۋىنىش قارىشى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار «بەزى سانلاردا ئۆزىدىنلا بىر خىل تەبىئەتتىن ھالقىغان سىرلىك كۈچ بار» دەپ قارىغان.[③] بۇ توغرىدا سانلار پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىدىغان م. كىلەيىن :«قەدىمكى كىشىلەردىكى سان ئۇقۇمى ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى ماتىماتېكىلىق ھېسابلاشتىكى ئىھتىياجدىن كېلىپ چىققان بولماستىن، بەلكى «سان ئۆزىدىن بىر سىرلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە» دېگەن تونۇشىدىن باشلانغان. [④] بۇ خىل سانلارنى ئۇلۇغلاش قارىشى قەدىمكى زامانلاردىلا ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت بولۇپ، مەيلى ئارخىلوگىيەلىك تىپىلمىلاردا بولسۇن، ۋە ياكى يازما ۋەسىقىلەردە بولسۇن بۇ خىل «ساننى ئۇلۇغلاش قارىشى» ئالاھىدە ئەكس ئەتكەن. مەسىلەن : «لوپنۇر رايۇنىدىكى كىچىك دەريا قەبرىستانلىقىدىن تىپىلغان ياغاچ يېڭنىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا ۋە ئادەم يۈزلۇك ياغاچ ھەيكەلنىڭ قاڭشار قىسمىغا سىزىلغان يەتتە دانە سىزىق، ۋە مۇشۇ يەردىن بايقالغان   24M-نومۇرلۇق قەبرىدىكى ئەر جەسەتنىڭ ئوڭ بىلىكىگە ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە دانە بىلەيزۈك قاتارلىق يەتتىگە مۇناسىۋەتلىك سىرلىق بايقاشلار، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا جايلاشقان گۇمۇگۇ قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان قۇياش شەكىللىك قەبرە ۋە توغراق كۆتىكىدىن ھاسىل قىلىنغان يەتتە چەمبەر» [⑤]، «ئورخۇن ئابىدىلىرى»دىكى 9 ئوغۇز، 10 ئوقلار، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى 12 مۆچەل، «قۇتادغۇبىلىك»تىكى تۆت تادۇ قارىشى ۋە توققۇز تۇغ قاتارلىق سانغا مۇناسىۋەتلىك قاراشلار بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.

     

    بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ خىل «ساننى ئۇلۇغلاش قارىشى» خىلى گەۋدىلىك بولۇپ، خەلق ئارىسىدىكى «يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس»، «يەتتە نەزىر»، «يەتتە ئىقلىم»، «يەتتە ئاتىنى بىلىش»، «ئۈچ مەرتەم»، «توققۇزى تەل»، «ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز»، «قىرىق ئۆرۈم چاچ»،  قاتارلىق سانغا مۇناسىۋەتلىك ماقال-تەمسىل ئىبارىلەرمۇ بۇ سۆزىمىزنى دەلىللەيدۇ. بۇ خىل ئالاھىدە دەپ قارىلىدىغان سانلاردىن «1، 2، 3، 7، 9، 30،  40، 41» قاتارلىقلار بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ سېھرىي تۈسى بىلەن ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا ئۆز كۈچىنى، تەسىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇلاردىن باشقا يەنە بۈگۈنكى كۈندىكى زامانىۋىلىشىش ۋە باشقىلار بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ قىسمەن سېھىرلىك سان چۈشەنچىلىرىمۇ ئۇيغۇرلارغا بولۇپمۇ ياشلارغا ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزلەشمەكتە. مەسىلەن : «4» خەنزۇلاردا خەنزۇچە «ئۆلۈم» سۆزى بىلەن ئاھاڭداش بولغاچقا، خەنزۇلاردا «شۇملۇق»دىن بېشارەت سان دەپ قارىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل قاراش ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئومۇملاشتى.

     

    6. سۆز-ھەرىكەت، ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك سېھرىي كۈچلەر

     

    بۇلار ئادەتتە خەلق ئارسىدا كەڭ تارقالغان، ئومۇملىشىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولغان چۈشەنچىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇرۇنقى ياكى نۆۋەتتىكى دىنىي چۈشەنچىلەردىن بىخلانغان. لېكىن ئۇزاق زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇلاردا ئۆزگىرىشلەر، زامانىۋىيلىشىش مەيدانغا كېلىپ، ئۆزىگە كۆپ خىل دىنىي ۋە ئىجتىمائىي چۈشەنچىلەرنى يۈكلىگەن ئاساستا مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بۇ خىل قاراشلاردىن «ياخشى-يامان چۈش كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ تەبىرى»، «قاپىقى تارتىش»، «ئاغزىدىن سائەت چىقىپ كېتىش»، «قارغىش، بەد دۇئاغا قىلىش»، «ياخشى دۇئا قىلىش ۋە ياخشى دۇئا ئېلىش»، «ئىسىمنىڭ ئۆزگىچە كۈچى» قاتارلىقلارنى مىسال كۆرسىتىشكە بولىدۇ.

     

    يۇقىرىقى بۇ خىل سېھىرلىك قاراش چۈشەنچىسىنىڭ يىلتىزى كۆپ خىل بولۇپ، مەلۇم بىرلا خىل دىنغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئاساسىي يەنىلا ئانىمىزملىق «ھەممىدە روھ بار» دېگەن قاراشتىن كەلگەن. ھەمدە دەۋىرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆپ خىل دىن، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىلىنى ئۆزىگە يۇغۇرغان بولۇپ، ھەتتا بەزىلىرىگە ناتوغرا، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زىت خۇراپىيلىقى ئېغىر بولغان قاراشلارمۇ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.

     

    ئومۇمەن ئېيىتقاندا، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسىدىكى ھېلىھەم مەلۇم دەرىجىدە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، خەلق ئىشەنچلىرى شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ خىل سېھرىي كۈچلەرنى يۇقارقىدەك تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ خىل خەلق ئىشەنچلىرى بىلەن دىنى ئېتىقاد ۋە يەرلىك مەدەنىيەت بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن ئىجتىمائىي تېمىنى تەتقىق قىلغاندا، چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى كۆپ خىل دىن مەسىلەن : تەبىئەت ئىتىقادچىلىقىدىكى توتېم، سان، ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چوقۇنۇش، مانىزىملىق ئەجدادلار روھىغا تېۋىنىش، بۇددا دىنىدىكى كۆپ ئىلاھلىق چۈشەنچىلەر، ئىسلام دىنىنىڭ بەزى ئەقىدىلىرىنىڭ، كۆپ خىل مەدەنىيەت يەنى يايلاق مەدەنىيىتى، ئوۋچىلىق، تېرىم مەدەنىيىتى، شەرق ۋە غەرىب مەدەنىيەتلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي ئىددىئولوگىيەسىنى ئومۇمىي ياقتىن كۆزىتىش ۋە تەھلىل ئىلىپ بېرىش كېرەك. ۋە شۇنداقلا، بۇلارنى مەلۇم بىر خىل دىنىي تەسىر ئاستىغا تەۋە قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

     

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    1.ئىمىن تۇرسۇن :«قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل نەشرى (ئۇيغۇرچە)
    2.ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا :«ئۇيغۇر ئىتنوگىرافىيەسى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل نەشرى (ئۇيغۇرچە)
    3.ئەنۋەر سەمەد قورغان :«ئۇيغۇرلاردىكى پەرھىزلەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىل نەشرى (ئۇيغۇرچە)
    4.ئەنۋەر تۇرسۇن :«ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر» شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2007-يىل نەشرى (ئۇيغۇرچە)
    5.刘学堂 :“新疆史前宗教研究”, 北京:民族出版社, 2009年第1版
    6.莫里斯·克莱因 :“古今数学思想”,第1册,上海科技出版社,1980年第1版
    7.«مىراس»، «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 1980-يىلدىن بۇيانقى مۇناسىۋەتلىك سانلىرى


      مەنبەسى:   ئەزىزتۈرك ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقات بىلوگى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.