كارخانىچىنىڭ دىتى

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-28 19:07:30

بايقاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىلمىيلىككە سەل قاراشقىمۇ بولمايدۇ. قىسمەنلىكنى ئومۇملۇقنىڭ ئورنىغا قويۇۋالماسلىق، ئۆز خاھىشى ۋە خاراكتېرىگە قاراپ ئوڭ ياكى سولغا ئېغىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    كارخانىچىنىڭ دىتى
    تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

    كارخانىچى كارخانىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان يولباشچى، شۇڭا كارخانىچىنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆزىتىش، مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئارزۇسىنى بايقاش دىتى بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا بۇ ئۇلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. دېمەك، كارخانىچىلارنىڭ دىتى كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىش ياكى ۋەيران بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنداق دىتقا ئىنچىكە كۆزىتىش، ئەتراپلىق سېلىشتۇرۇش، ئىلمىي يەكۈنلەش ئاساس بولىدۇ، شۇڭا بۇ «بايقاش ئىقتىدارى» مۇ دېيىلىدۇ.
    بايقاش ئالدى بىلەن كۆپنى سېلىشتۇرۇپ خۇلاسىلەشتىن كېلىدۇ. «كۆرگەن كۆرگىنىنى قىلار، كۆرمىگەن نېمىنى قىلار؟» دەيدىغان بىر گەپ بار. ئەينى چاغدا مايۈن («ئەلىبابا» گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى) ئامېرىكىغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلمىغان بولسا، ئىنتېرنېت تورىنىڭ بۈگۈنكىدەك مۆجىزىلىك تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلمىغان؛ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەرقانداق قارشىلىقلارغا باش ئەگمەي ئۆز خىيالىي دۇنياسىنى قۇرۇشقا تىرىشمىغان بولار ئىدى. بەلكىم دۇنيادىكى باشقا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭمۇ مۇشۇنداق سەرگۈزەشتىسى بولۇشى مۇمكىن. بايقاش يەنە ئەتراپلىق كۆزىتىشتىن كېلىدۇ، شۇنداق بىر رىۋايەت بولغان: ئۆتمۈشتە زېمىنلىرى تۇتاش ئىككى پادىشاھلىق بولغانىكەن. بىر كۈنى بىر پادىشاھ يەنە بىر پادىشاھقا ئۈچ ئالتۇن قونچاق ئەۋەتىپ، بۇ ئۈچ قونچاقتىن قايسىسىنىڭ ئەڭ ئېسىللىقىنى تېپىشنى تەلەپ قىپتۇ. ئۈچ ئالتۇن قونچاقنى تاپشۇرۇپ ئالغان پادىشاھ دانىشمەنلەرنى توپلاپ، ئۇلاردىن ئەتىۋارلىق قونچاقنى ئايرىشىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ، بىراق قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمەپتۇ. شۇ چاغدا ئوردىدىن خېلى بۇرۇنلا قوغلاپ چىقىرىلغان ئۆلىمانىڭ بۇ قونچاقلارنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بوپتۇ، پادىشاھ ئۇ كىشىنى نەق مەيدانغا چاقىرتىپتۇ. بۇ قونچاقلارغا سىنچىلاپ قاراپ چىققان ئۆلۈما بىر تال پاخالنى قونچاقلارنىڭ قۇلىقىغا تىقىپ كۆرۈپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:
    -ماۋۇ قونچاق ئەڭ ئادەتتىكىسى ئىكەن، چۈنكى بۇنىڭ بىر قۇلىقىغا تىقىلغان پاخال يەنە بىر قۇلىقىدىن چىقىپ كەتتى؛ ماۋۇ بىرسى ئۇنىڭدىن سەل ياخشىراقكەن، چۈنكى بۇ قونچاقنىڭ قۇلىقىغا تىقىلغان پاخال ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ كەتتى؛ ماۋۇ بىرسى ئەڭ ياخشىسىكەن، چۈنكى بۇنىڭ قىلىقىغا تىقىلغان پاخال ئۇنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كەتتى.
    ھەممەيلەن بۇ جاۋابقا قايىل بولۇشۇپتۇ.
    بايقاپ چۈشىنىش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدار بولمىسىمۇ بولمايدۇ. ھەرقانداق ئىشنى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن باشتىن-ئاياغ تولۇق بىلىپ چىقىشقا سەۋر-تاقەت بولۇشى، بىلمەيدىغان ئىشلارغا ئائىت يازما ماتېرىياللارنى تېپىپ قانائەت ھاسىل قىلغۇدەك دەرىجىدە ئۆزلەشتۈرۈشى لازىم، چۈنكى بۇ ئەتراپتىكى ئىشلارنى توغرا بايقاشنىڭ ئاساسى. مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ ياردىمىدە تەستە ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدىغان بىر كىتاب، يەنى بىر مەۋسۇملۇق بىلىمنى ھەقىقىي بىر ئىشقا ئىشتىياق باغلىغان بىر كىشى بىر ھەپتە، ھەتتا بىر كېچىدە كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ، چۈنكى ھەقىقىي بىلگەن كىشىگە دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ بولمايدۇ. مۇرەككەپلىك ئىچىدىن ئوخشاشلىق ۋە خاسلىقنى بىلىپ يەتكەندە، ئوخشاشلىرىنى تۈرگە ئايرىپ، پەرقلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەندە، ئاندىن ھەممە ئىش ئاسانلىشىپ كېتىدۇ.
    بايقاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىلمىيلىككە سەل قاراشقىمۇ بولمايدۇ. قىسمەنلىكنى ئومۇملۇقنىڭ ئورنىغا قويۇۋالماسلىق، ئۆز خاھىشى ۋە خاراكتېرىگە قاراپ ئوڭ ياكى سولغا ئېغىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مىجەز-خۇلق، خاراكتېر ئادەتتە تۇغما بولىدۇ. ئىشلارغا بولغان چەبدەسلىك، سەزگۈرلۈك ۋە تۇغما دىتنىڭ مەنبەسىنى بەزىدە شۇ كىشىنىڭ تۇغما قابىلىيىتى ياكى ئېرسىيىتىگە باغلىمايمۇ بولمايدۇ. لېكىن قارىغۇلارچە تەۋەككۈلچىلىك بىلەن قىلىنغان قارار ئىلمىيلىكتىن چەتنەپ كەتكەن قاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قاراملىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ قىلىنغان ئىشتىن ياخشى نەتىجە ھاسىل بولمايدۇ. يەنە شۇنداقلا زىيادە ئىلمىيلىكمۇ كىتاب خالتىسى كىشىلەرنىڭ زىيادە خۇدۈكسىرەش، دىلغۇل بولۇپ بىر قارارغا كېلەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەزى ھەل قىلغۇچ ئىشلاردا سۆرەلمىلىك قىلىشى تۈپەيلىدىن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا ئىلمىيلىك بىلەن قاراملىقنىڭ مۇۋازىنىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە قادىر بولۇش ھەم پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدىغان، ھەم بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولغىلى بولىدىغان ئاقىلانە ئۇسۇلدۇر.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كارخانا