كىتابلار ئۇچۇرى(ئادىل تۇنىياز مۇۋاپىقىيىتى توغىرىسىدا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-02 09:38:44

كىتابلار ئۇچۇرى يېقىندا ئادىل تۇنىيازنىڭ چوڭ ھەجىملىك شېئىرلار توپلىمى «چۈمبەلدىكى كۆز» ، ماقالە-ئوبزورلار توپلىمى «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ ، ئوقۇرمەنلەرن...

    كىتابلار ئۇچۇرى


       يېقىندا ئادىل تۇنىيازنىڭ چوڭ ھەجىملىك شېئىرلار توپلىمى «چۈمبەلدىكى كۆز» ، ماقالە-ئوبزورلار توپلىمى «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى .
    «چۈمبەلدىكى كۆز» ياش شائىرنىڭ «سۆيۈپ قالسام سېنى ناۋادا» ، «بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى» قاتارلىق بۇرۇنقى ئىككى توپلامغا كىرگۈزۈلمىگەن يېڭى شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن . بۇ كىتاب كىرىش سۆز ئورنىدا بېرىلگەن «شېئىر—مەنە سەپىرى» ۋە ئاخىرىدا «ئىنگلىزچە شېئىرىمغا ئىزاھات» ناملىق ماقالە بىلەن قوشۇلۇپ 500 بەتتىن ئاشىدۇ.
    بۇ شېئىرلار توپلىمىدا شائىرنىڭ شېئىرىيەتتىكى تۈرلۈك سىناقلىرى ، ئىپادىلەش ۋە سۆز ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرى تولۇق گەۋدىلەنگەن . ئۇنىڭدىن باشقا كىتابخانلارغا تونۇش بولغان «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق داستانى ۋە «ئەركەكلەر قېنى سىلەر» ، «سۈزۈك سەپەر» ، «دېڭىزدىن 154 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا» قاتارلىق داستانلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، شائىرنىڭ كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن ئىزدىنىشلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
    «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر» ئادىل تۇنىيازنىڭ تۇنجى ماقالە-ئوبزورلار توپلىمى . ئۇنىڭدا بىر تەرەپتىن  شائىرنىڭ شېئىرىيەتتىن ئىبارەت مۇقەددەس روھىي زېمىنىدىكى ئوي-پىكىرلىرى ، مەدەنىيەت ، شېئىرىيەت ، مىللىي روھىيەت ھەققىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرى ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر قىسىم شېئىر ۋە شائىرلارغا بەرگەن باھاسى نەسرىي ئۇسۇلدا يېزىلغان . يەنە بىر تەرەپتىن ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەرەب ئەللىرىدە ئۆتكۈزگەن ئىككى يىلغا يېقىن ھاياتىدىكى كۆرگەن-بىلگەنلىرى ، تەسىراتى ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدە بايان قىلىنغان ، شۇنداقلا «ئەرەب قەلئەسى» ناملىق شېئىرىي تەھلىل ماقالىسىدە ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە ، نازۇك ئالاھىدىلىكلىرى ، مەنە قاتلاملىرى ، مەدەنىيەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىچىلىكلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ھاياجانلىق ۋە مۇھەببەتلىك تەھلىللىرى بايان قىلىنغان.
    نەزىرە مۇھەممەت سالىھنىڭ ئېلىمىز ۋە چەت ئەلدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىنكى تۇنجى كىتابى «شەرق يۇلتۇزىنى ئىزلەپ» يېقىندا كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ياز كۆرۈشتى . بۇ كىتابنىڭ يېزىلىشى ھەققىدە ئاپتور مۇقەددىمە قىسمىدا مۇنداق يازىدۇ: «مەن ئاخىر بۇ كىتابنى يېزىش قارارىغا كەلدىم . چۆمۈچنىڭ ئورنىغا قەلەمنى ئالدىم ، رېئاللىقتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ تارىخنىڭ نۇرلۇق ئاسمىنىغا نەزەر سالدىم . ئاسمىنىمىزدا قىز-ئاياللارنىڭ يۇلتۇزى خىرەلىشىپ قاپتۇ . ئەدەپ بوستانىنىڭ زىبا غۇنچىلىرى ، ئائىلە گۈلىستانىنىڭ مېھىرلىك پەرۋىشكارلىرى سولۇشقا باشلاپتۇ . بېغىمىز خازان بولمىسۇن ، ئاسمىنىمىز يۇلتۇزسىز قالمىسۇن ، بالىلىرىمىز بويۇن قىسىپ يۈرمىسۇن دەپ ئويلىدىم.. . مەن چەت ئەلدىكى ئوقۇشنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگىنىمدە رېئاللىقىمىزدىكى نازۇك بىر مەسىلە ، يەنى ئاياللار مەسىلىسى مېنى ئويغا سالدى.. . شۇڭا توپا ئاستىدا ياتقان ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ ھاياتى ئارقىلىق تىرىك ئانىلارنى ئويغىتاي ، دېدىم . ئوغلۇمنىڭ مەڭزىگە سۆيگەندە توپىدا ئويناۋاتقان مىڭلاپ بالىلارنىمۇ سۆيەي دېدىم...».
    گەرچە ياش ئەدىبنىڭ بۇ توپلامدىكى بەزى ماقالىلىرى ئىلگىرى بىر قىسىم مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ ، بۇ كىتاب ئائىلە تەربىيىسىدە مۇھىم بولۇۋاتقان قىز-ئاياللار ئەخلاقى ھەققىدە ئويلانغۇچى ھەربىر ئايالنىڭ ۋە ئايالنىڭ كەينىدىكى ھەربىر ئەرنىڭ ، شۇنداقلا  غايىۋى ئائىلە قۇرۇشنى ئويلاۋاتقان ھەربىر يىگىتنىڭ ئوقۇپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

    ئېنگلىزچە شېئىرىمغا ئىزاھات:
    بىر كۈنى كومپيۇتېر تورىدا ئامېرىكىدىكى خەلقئارالىق شېئىرىيەت  كۇتۇپخانىسىنىڭ تور بېتىنى كۆرۈپ قالدىم . ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئېنگلىز تىلىدا شېئىر يازالايدىغان شائىرلار شېئىرىنى ئەۋەتىدىكەن . مەخسۇس كومىتېت باھالاش ئارقىلىق بۇ شېئىرلارنىڭ ئىچىدىن نادىرلىرىنى تاللاپ يىلدا  بىر قېتىم مۇكاپاتلايدىكەن . مەنمۇ ئۆزۈمنى سىناپ باقماقچى بولدۇم.
    مەن شۇ كۈنىلا ئۆزۈمنىڭ يېڭى يېزىلغان «ئۈچىنچى ئايغا كىرىش» ناملىق شېئىرىمنى ئېنگلىزچە ئۇرۇپ ئىنتېرنېت تورىدىن يوللىۋەتتىم . ئارىدىن توپتوغرا 24 كۈن ئۆتكەندە ، يەنى 2002-يىلى 14 ئاپرېل ئامېرىكىدىن پوچتا ئارقىلىق ماڭا بىر پارچە خەت كەلدى . شېئىرىيەت جەمئىيىتىنىڭ باش مۇھەررىرى خوۋارد ئېلاي ئۆز قەلىمى بىلەن ئىمزا قويغان بۇ خەتتە مۇنداق سۆزلەر بار ئىدى: «ئادىل ، شېئىرىڭىزنى ئەستايىدىل ئوقۇغ ۋە تالاش-تارتىش قىلىش ئارقىلىق تاللاش كومىتېتىمىز خەلقئارالىق شېئىرىيەت مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا شېئىرىڭىزنى تاللىدۇق . چۈنكى بۇ شېئىردىن ئالاھىدە تالانتىڭىزنى ۋە سەنئەتكارلارغا خاس ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرنى بايقىدۇق . بىز ھەر يىلى مىڭلاپ شېئىرنى تاپشۇرۇۋالىمىز ، ئۇنىڭ ئاز بىرقىسمىلا تاللىنىپ نەشر قىلىنىدۇ . بىز خۇشاللىق بىلەن سىزگە شۇنى يەتكۈزىمىزكى ، >ئۈچىنچى ئايغا كىرىش ناملىق بۇ شېئىرىڭىز ئۆز مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن خەلقئارالىق نەشر ئەپكارىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى . ئەمدى ، سىزگە ئىلھام بولغان ھاياتىڭىزدىكى شېئىرنىڭ مەنىسى ، بۇ شېئىرىڭىزنىڭ كەينىدىكى ھېكايە ياكى ئۆزىڭىزنىڭ شېئىرىيەت قارىشى ۋە ئۆزىڭىز ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزسىڭىز . بۇ  شېئىرنىڭ راستتىنلا ئۆز ئىجادىيىتىڭىز ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىشەنچلىك ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىسىڭىز . ئەگەر خەت ئۇرۇش جەھەتتە خاتالىق بولسا ياكى گرامماتىكا جەھەتتە تۈزىتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىسىڭىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلەپ ئەۋەتسىڭىز...»
    مەن قاتتىق ھاياجانلاندىم . بۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى ھامان بىر كۈنى دۇنياغا تونۇتۇشتەك ئۇلۇغۋار ئارزۇيۇمنىڭ تۈرتكىسىدە توققۇز يىلدىن بېرى بوشاشماي ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىشىمنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى ھەم 2000-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە ئېنگلىز تىلى بىلەن ئەرەب تىلى تەڭ ئىشلىتىلىدىغان دۆلەت ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇرغان ۋاقتىمدىكى تىل مۇھىتى ، پىداكارلىق بىلەن ئۆگىنىش ۋە شەيخ زاھىد كۇتۇپخانىسىدا بار بولغان ئېنگلىز تىلىدىكى بارلىق شېئىر توپلاملىرىنى ئاساسەن ئوقۇپ بولغانلىقىمنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
    مەن باش مۇھەررىر خوۋارد ئېلاينىڭ تەلىپى بويىچە بۇ شېئىرىمنى يەنە بىر تەھرىرلەپ ئەۋەتىش ئۈچۈن شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىكى كانادالىق ران جون ئەپەندىگە كۆرسەتتىم . ئۇ ئىككى يەردىكى گرامماتىكىلىق خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە «ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدە قەستەن گرامماتىكىلىق خاتالىققا يول قويۇشمۇ بىر خىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە دەپ قارىلىدۇ . ئەسلىدە بۇ شېئىرىڭىزدا چوڭ نۇقسان يوقكەن ، شۇنداقتىمۇ مەن ئېنگلىز تىلىنىڭ گرامماتىكىسى بويىچە ئىككى قوشۇمچىنى تىركەپ قويدۇم» دېدى.
    ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە باش مۇھەررىر خوۋارد ئېلايدىن يەنە  بىر پارچە خەت كەلدى . ئۇ خېتىدە مۇنداق يازغانىدى: «قەدىرلىك ئادىل ، مەن  ھاياجان بىلەن سىزگە خۇش خەۋەر يەتكۈزمەكچى . سىز 33 شائىرنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ ، >شېئىرىيەتنىڭ ئاۋازى< دېگەن شېئىرلار توپلىمىغا شېئىرىڭىزنى تاللىدۇق . بىزنىڭ تەھرىرلىرىمىز شېئىرىيەتنىڭ يۇقىرى ئۆلچىمى بىلەن تاللىغان بۇ توپلامغا شېئىرىڭىزنىڭ كىرگۈزۈلۈشى سىزنىڭ شېئىرىيەتتىكى تالانتىڭىزنى  دەلىللەپ تۇرۇپتۇ . بۇ شېئىرىڭىز ھەققىدىكى ئاپتورلۇق ئىسپاتىنى ۋە >شېئىرىيەتنىڭ ئاۋازى< ناملىق قاتتىق مۇقاۋىلىق توپلامغا شېئىرىڭىزنىڭ كىرگۈزۈلۈشىگە قوشۇلىدىغانلىقىڭىز ھەققىدىكى رۇخسەتنامىڭىزنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بەرسىڭىز . >شېئىرىيەتنىڭ ئاۋازى< ناملىق توپلامغا شېئىرى تاللانغان بىر شائىر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن خەلقئارالىق شائىرلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر يىلى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان  قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدىڭىز . ئادىل ، دوستلىرىڭىز ، ئائىلىڭىز بۇ ئالاھىدە توپلامغا ئىسمىڭىز چىقىپ شېئىرىڭىزنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئاڭلىسا جەزمەن خۇش بولۇپ كېتىدۇ...»
    شۇنداق ، بۇ خۇش خەۋەرگە ئۈمىدۋار ، مېھرىبان خەلقىممۇ جەزمەن سۆيۈنىدۇ ھەم قان-تەرىم بىلەن يېزىپ چىقارغان بۇ شېئىرلار توپلىمىمنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق بولسىمۇ جەزمەن مېنى قوللايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
    رەھمەت ، ئاللا خالىسا بىر كۈنى بۇنىڭدىنمۇ زور خۇشخەۋەرلەر خەلقىمىزگە يەتكۈسى!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.