ئۇيغۇرلاردىكى پاجىئە : كىرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-15 02:08:20

ئۇيغۇرلاردىكى پاجىئە : كىرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە ( غالىب بارات ئەرك) ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ قانداق بولىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانداق بولىشىغا تەسىر ...

    ئۇيغۇرلاردىكى پاجىئە : كىرىزىس ئىچىدىكى نىكاھ ۋە ئائىلە

                                                                       ( غالىب بارات ئەرك) 

     

     

           ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ قانداق بولىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانداق بولىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر . شۇنداق ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىمۇ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەردىن تۈزۈلگەن بىر جەمئىيەتتۇر ، مانا ئەمدىلىكتە مۇشۇ جەمئىيەتتىكى ئائىلىنىڭ رولى ، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى ئويلىشىپ كۆرىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى . بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە شۇنچىلىك ياخشى كۈنلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ بىر تۈركۈم ئىدىيىسى تۇراقسىز ، پۇرسەتپەرەس ، مەسئۇلىيەتسىز ، دىيانەتسىز كىشىلەر جەمئىيەت تەرتىۋىنى ، خەلقىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى بۇزۇپ، ناچار قىلمىشلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە ، مىللىتىمىزگە تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە ، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن شەكىللەنگەن كىرىزىس مىللەتنىڭ كېلىچىگىگىلا ئەمەس بۈگۈنى ئۈچۈنمۇ زور خەۋپلەرنى كەلتۈرمەكتە ، شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ۋە ئۇچۇرلار ئارقىلىق، بۇ جەھەتتىكى جۈملىدىن بىزنىڭ ئائىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى ، ئائىلە ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشى ، بۇنىڭ ئائىلىگىلا ئەمەس پۈتكۈل مىللەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىرى ھەققىدە پاكىتلىق مۇلاھىزىلىرىمنى سۇنماقچىمەن . 


        زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەللامىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ‹‹ ئائىلە ›› ناملىق كىتابىدا ئائىلىگە تەبىر بېرىپ : ‹‹ ئائىلە نوقۇل مەنىدىكى ئىككى جىنىس قۇشۇلمىسىنىڭ قانۇنىي شەكلى بولۇپ قالماي ، ئۇ يەنە ، ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ تەۋەللۇدگاھى ؛ مېھىر – شەپقەت ، ئەقىل – ئىدراك ، ئەخلاق – ئادەت ، بىلىم – مەدەنىيەتنى يېتىشتۈرۈدىغان تۇنجى مەكتىپى ؛  قوشنىلارغا ، ئىلىم ئوچاقلىرىغا ، جەمئىيەتكە ، كىشىلىك دۇنياسىغا يۈزلىنىدىغان بىرىنچى بوسۇغۇسى ؛ ئۆمۈر ئەجىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇپەسسەل موزىيى ؛ كۆڭۈل جاراھەتلىرىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك شىپاھخانىسى ؛ كىشىنى مەڭگۈلۈك دۇنياغا ئۇزىتىدىغان مۇسىبەت ئۆيى ؛ ئەۋلادلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىزى ۋە شېخى ؛ مىللەتنى قۇيۇپ چىقىدىغان قېلىپ ؛ .... ئائىلە -  ھەممە كىشى ، پۈتۈن جەمئىيەت ، ھەر ساھە غەمخورلۇق قىلىشى لازىم بولغان مىللىي تۇرمۇشنىڭ ‹ئۇرۇقى› . ئائىلىدىن ئائىلىلەر سېستىمىسى – جەمئىيەت ، ئىنسانلار تۈركۈمى – مىللەت تۆرۈلىدۇ ، ئۆسۈپ يېتىلىدۇ . ئائىلىلەر ماددىي ۋە مەنىۋىي ، ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي شارائىتى ۋە قىياپىتىگە ئېتىبارسىز قاراش جەمئىيەت ۋە مىللەت ، ئىنسانىيەتنىڭ رېئال ۋە كەلگۈسىگە ئېتىبارسىز قاراش ھېساپلىنىدۇ ›› [1]  دەپ يازىدۇ . ئالىمنىڭ ئائىلە ھەققىدە بەرگەن يۇقارقى تەبىرى بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىزغا ، تەپەككۈر قىلىشىمىزغا، جۈملىدىن ھەر بىر ئىش - ھەرىكىتىمىزنى مۇشۇ فورمۇلا بىلەن دەڭسەپ كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ ۋە ئۈندەيدۇ . ئالىمنىڭ پىكرى بويىچە ئالساق، ئەر - ئايال ( ئوغۇل – قىز )نىڭ قانۇنلۇق ھالدا توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولىشى ئەلۋەتتە قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ( نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولىدىغان ، ئائىلىسى تۇرۇپ 3 – بىر كىشىدىن پەرزەنتلىك بولىدىغان قىسمەن ئەھۋاللارنىمۇ تىلغا ئالماي بولمايدۇ ) ، بىراق گەپ بۇ ئائىلىنىڭ بەرپا بولىشىدا ئەمەس بەلكى شۇ ئائىلىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ، ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم بولىشى ، ئىككى تەرەپ ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ، ئائىلىنىڭ مېھىر – مۇھەببەتكە تولىشى ، ئائىلە ئەخلاقى ۋە مەدەنىيىتى ، پەرزەند تەربىيىسى ، ئائىلىنىڭ جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . مانا بىز بۈگۈنكى كۈنگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۆتمۈشتىكى ئەنئەنىۋى تويلارنىڭ ئەكسىچە ئەركىن مۇھەببەت ئاساسىدا ئائىلىلەر بەرپا بولىدۇ . ئەلۋەتتە ، ‹‹ تويمىساڭ تويۇڭدا تويارسەن ›› دېگەندەك بەزى مۇشەققەتلەردىن خالىي بولمىغان ھالدا، ئىككى ياش بىر ياستۇققا باش قويۇپ ‹‹ بېشى باش ، ئايىغى تاش ›› ھالدا ھاياتنىڭ تۈرلۈك تۈمەن  سىناقلىرىغا يۈزلىنىدۇ . بۇ سىناقلاردا ئائىلىلەرنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى قانچىلىك مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە قانچە زامان بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ؟ بۇنىڭغا سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق جاۋاپ ھازىرلىيالايمىز . بىز ئالدى بىلەن مۇندىن يۈز يىللار بۇرۇنقى دەۋرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ خانىمى كاتارىن ماكارتنىي ( 1898 – يىلى 21 يېشىدىن باشلاپ قەشقەر چىنىباغدا  17 يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن )نىڭ 1931 – يىلى نەشىر قىلىنغان كىتابى ‹‹ قەشقەرنى ئەسلەيمەن ››دىكى مۇنۇ بايانلىرىنى كۆرۈپ باقايلى : ‹‹ قەشقەردە توي بېشىدا تۇرۇپ نىكاھ ئۇقۇغان موللا ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن ، نىكاھ ئۇقۇغان چاغدىلا ئاجرىشىش خېتىنىمۇ تەييارلاپ قۇيىدىكەن . چۈنكى بۇنداق ئىشلار قاچانلا بولمىسۇن يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن . بىر ئەر بىرەر گۇۋاھچىنىڭ ئالدىدا خوتۇنىغا ئۈچ قېتىم ‹ تالاق › دېسە ، ئەر – خۇتۇن ئاجراشقان بولىدىكەن . شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا نىكاھلىنىش ھىچقانچە چوڭ ئىش ھېسابلانمايدىكەن . نۇرغۇن ئەرلەر بىرىنچى قېتىملىق سەپىرىدە ، مەلۇم جايدا بىرەر قىز بىلەن توي قىلىدىكەندە ، كۆپۈنچە بىر ئىككى كۈن ، بەزىدە نەچچە ھەپتە ، نەچچە ئاي ئۆتكەندە كېتىپ قالىدىكەن ، كېتىشتىن بۇرۇن ئاجرىشىدىكەن ...  قەشقەردە قىزلار 12 يېشىدىلا توي قىلىدىغان ، كۆپ بالىلىق ياكى كۆپ نەۋرىلىك بولىدىغان بولغاچقا ، ئاسان قېرىپ ، 25 ياشلاردىلا قېرى چىراي بولۇپ كېتىدىكەن ››  [2]. مانا بۇ بايانلاردىن بىز مۇندىن 100 نەچچە يىللار بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھقا ئويۇنغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
    قازاق ئالىمى چۇقان ۋەلىخانوپ ( 1835 – 1865) 1858 – يىلىدىن 1859 – يىلىغىچە قەشقەردە بولغان كۈنلىرىدە كۆرگەنلىرى ئاساسىدا يازغان ‹‹ ئالتە شەھەر خاتىرىلىرى ›› دىگەن كىتابىدا، ‹‹ ئالتە شەھەردە ئاياللار ئەرلىرى بىلەن بەزمىلەرگە بارىدۇ . بۇ يەردە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئاز ئۇچرايدۇ . چۈنكى ، ئاياللار خالىغان چاغدا ئەرلەرنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ . ئەگەر ئايالى ئاجراشماقچى بولسا ، ئۆيدىن  بىرنەرسە كۆتۈرۈپ ماڭالمايدۇ . ئەگەر ئەر ئاجراشماقچى بولسا ، ئايالىنىڭ جان بېقىشى ئۈچۈن تۆلەم بېرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ . ئالتە شەھەردە مۇسۇلماندارچىلىققا يات كەڭ يېيىلغان بىر ئاجايىپ ئادەت بار ، ئۇ بولسىمۇ ، باشقا يۇرتتىن كېلىپ توختاپ قالغانلارنى ۋاقىتلىق ئۆيلەپ قۇيىدىغان ئادەتتۇر . ۋاقىتلىق نىكاھقا قەتئىي يول قويمايدىغان ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ يولىنى تۇتىدىغان سۈننىيلەر تۇرۇقلۇق ، قەشقەرلىكنىڭ بۇ خىل ئادەتكە يول قويۇشى بەكمۇ ھەيران قالارلىق ئىشتۇر. ئېھتىمال بۇ بۇتپەرەسلىك زامانىدىن قالغان ئادەت بولىشى مۈمكىن .


        ۋاقىتلىق نىكاھلىنىش ئادىتى مۇھاجىرلار كۆپرەك جايلاشقان ئالتە شەھەر تەۋەسىدىلا ئەۋج ئالغان ، كۇچارنىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتسەك بۇنداق ئادەت يوق . چۈنكى ئۇ ياقلارغا باشقا يۇرتلۇقلار ئانچە بارمايدۇ . ئەر بولغۇچى خوتۇنغا تويلۇق ئۈچۈن بىر قۇر كىيىم ئېلىپ نىكاھ ئۇقۇتسىلا ئىش پۈتىدۇ . خوتەن تەرەپلەردە بىزنىڭ كۈمۈش پۇل ھېساۋىمىزدا بىر يېرىم كۈمۈش خەجلىسىلا خوتۇن ئالغىلى بولىدۇ . يەكەندە تېخى مەخسۇس خوتۇن بازىرى بولۇپ ئەرگە تېگىدىغان خوتۇنلارنى بازاردىنلا تېپىۋالغىلى بولىدۇ . ئەمما ئاقسۇ ، تۇرپانلاردا توي قىلماق تەسرەك . ئالتە شەھەردە ئاياللارغا نىكاھ ئەركىنلىكى بېرىلگەندەك قىلغىنى بىلەن ، بۇ ئىشنىڭ يامان تەرىپى شۇكى ، كىشىلەر ئائىلىنى قەدىرلىمەيدىغان ، نىكاھنى ئويۇن تاماشا قاتارىدا كۆرىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئېغىر .... كېيىن كىشىلەر پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرىدىن چەتنەپ كەتكەچكە ، جەمئىيەتتە يەنىلا مۆرتەدلىك ۋە زىناخورلۇق يامراپ كەتتى . مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ھازىر ھاراقنىڭ ئورنىنى نەشە ئىگىلىدى . ئالتە شەھەردە نەشە چېكىدىغانلار بەڭگە دېيىلىدۇ . بەڭگىلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپ جەمئىيەتكە ھېچقانداق پايدىسى يوق بىر تەبىقە . ... ئالتە شەھەرنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا پاھىشخانىلار بار . ئاياللار شۇ يەرلەردە پاھىشىلىككە سېلىنىدۇ . قەشقەردە پاھىشە ئاياللارنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىشىدە ھەر خىل سەۋەبلەر بولسىمۇ ، لېكىن نامراتلىق ۋە مۇھتاجلىقنى ئەڭ مۇھىم سەۋەب دېيىشكە بولىدۇ ... ››[3] دەپ يازغانلىرى كاتارىن ماكارتنىينىڭ يازغانلىرىنىڭ بەرھەقلىگىگە گۇۋاھ بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ خىل ئادەتنىڭ تېخىمۇ بۇرۇنلا بار ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ  .                                                                                           
    روسىيىلىك ئاتاقلىق تاتار ئالىمى نۇشرىۋان يائوشېۋ ‹‹ ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت ›› ناملىق ئەسىرىدە 1915 – يىلى ئەتراپىدا يۇرتىمىزدا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن مۇنداق دەپ يازىدۇ : ‹‹ سەبىي قىزلارنى سەككىز – توققۇز يېشىدىلا ئەرگە بېرىدۇ . 12 – 13 ياشقىچە ياتلىق قىلىنمىغان قىزلار ئەيىبلىك سانىلىدۇ . قىز بىر ئەردە بىر ئايدىن ئارتۇق تۇرالمايدۇ . بىر ئەر ، ھالى يەتسە يىلىغا 40 – 50 قىزغا ئۆيلىنىدۇ . شۇ سەۋەبلىك ئەرسىز قالغان خوتۇنلار بەك كۆپ ئۇچرايدۇ . بالىلىق ئاياللار ياش بولسىمۇ ، ئەر چىقمايدۇ . بەك كۆپ قىزلار مۇساپىرلاردىن ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ . ئۇلار كۈنىگە ئۈچ – تۆت تىيىنغا مويكىلاردا يۇڭ يۇيۇپ ئىشلەپ بالىلىرىنى ئۆزلىرى تەربىيىلەيدۇ . ... خوتۇن قىزلار بېزەككە ئامراق بولغاندەك ، ئەرلىرىمۇ شۇنداق پوزۇر كىيىنگەن يورغىلاپ يۈرگۈچى قىزلارغا ۋە يورغا ئاتلارغا ئامراق كېلىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خوتۇننى كۆپرەك ئېلىش سۈننەت ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ساۋابلىق ئىش . ئەشۇ خىل ئېتىقادنىڭ سەمەرىسدىن بولسا كېرەك ، بۇ يەردە ئۆمرىدە يۈزدىن كۆپرەك قىزغا ئۆيلەنگەن كىشىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ . خوتۇن قىزلارنى ئۇرۇپ سوقۇش ، ئاغزىدىن قان كەلگۈچە قىيناش ئىككىنچى دەرىجىدە تۇرىدۇ . بۇلارنىڭ نەزەرىچە ، بارلىق قۇت - سائادەت ۋە بارچە يىتۈكلۈك كۆپرەك خۇتۇن ئېلىپ ئۇلارنى قاتتىقراق قىيناشتۇر. ... بىزنىڭ بۇ يەردە خوتۇن ئەرزان . تېخى يېقىندىلا بىر ئىككى تەڭگە چىقىم قىلىپ 14 ياشلىق بىر قىز ئالغان ئىدىم . يېنىدا ئىككى كۈن يېتىپ ، ئۈچىنچى كۈنى ئۇنى قويۇۋېتىپ ، ئاخشام يەنە بىرنى ئالدىم . بالىلارنىڭ ئانىسى قېرىپ قالدى ، ئۇ .. بولمايدۇ . بىز پەيزىۋاتقا دائىم بېرىپ تۇرىمىز ، ھەر بارغاندا بىرنى ئالماي كەلمەيمىز . ئۈچ كۈن تۇرىمىزدە تالاق خېتىنى بېرىۋېتىپ كېتىمىز ، ناھايىتى ئۈچ – تۆت تەڭگىلا چىقىم بولىدۇ .... ›› [4]
    گېرمانىيىلىك ئاتاقلىق ئارخىئولوگ ئالبېرت ۋون لېكوك ‹‹ شىنجاڭنىڭ يەر ئاستى مەدەنىيەت بايلىقلىرى ›› ناملىق كىتابىدا تۇرپان قاراخوجىدا بولغان مۇنداق بىر ۋاقىئەنى خاتىرىلىگەن : ‹‹ شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ، بىر كۈنى قازى بىلەن ئورنى يۇقىرى بىر ئاخۇن بىزنى ئىزلەپ كەلدى . ئاخۇن بىزگە  ”سىلەر ئىككىڭلەر خۇتۇنسىز بۇنداق ياشىساڭلار بولمايدۇ  ، سىلەر توي قىلىشىڭلار زۈرۈر  “ دېدى . بىز  ” بىز توي قىلىپ بولغان “  دېسەك ئۇلار يەنە،  ” توغرا ، لېكىن سىلەرنىڭ خۇتۇنلىرىڭلار نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتا ، شۇڭا سىلەر بۇ يەردە چۇقۇم نىكاھلىنىشىڭلار لازىم . بەگنىڭ ۋە مېنىڭ قىزىمنى سىلەرگە ياتلىق قىلىشقا جابدۇپ قويدۇق “ دېدى . بۇ ئىش بىزنى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇردى . بىز قانداق  قىلساق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماي بۇ ئىشنى رەت قىلالايمىز ؟ بىز ئاۋۋال ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتۇق ، ئاندىن: ” دوستلار ، سىلەرمۇ بۇ يەردە چىڭ پادىشاھىنىڭ سىنچىلىرى – مەخپىي پايلاقچىلىرى بارلىقىنى بىلىسىلەر ، ھەر ھەپتىدە بىزنىڭ ھەر بىر ئىش ھەرىكىتىمىزنى بېيجىڭدىكى ئەلچىگە مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ ، باش ئەلچى بۇ دوكلادلارنى بېرلىندىكى پادىشاھ ۋېللىيامغا يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ . بىزنىڭ قانۇنىمىزدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىز پەقەت بىر قېتىملا توي قىلالايمىز ، ئەگەر پادىشاھ بىزنىڭ بۇ يەردە يەنە توي قىلغىنىمىزنى ئۇقۇپ قالسا ، سىز پەرەز قىلىپ بېقىڭ، بىز قانداق بولىمىز؟ “ دېدۇق . ئۇلار ساقاللىرىنى سىپاپ ”بىلمەيمىز “ دېيىشتى . ئۇلاپلا بىز چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدۇق : ئەگەر بىز قوش نىكاھلىنىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزسەك ، ”  25 دەررە ئۇرۇلىمىز “. ئۇلار بىزنىڭ بۇ خىل ياۋايىلارچە قىلمىشىمىزدىن قاتتىق ھەيران بولۇپ بىزگە ھېسداشلىق قىلىشىپ قايتتى›› [5]. ياپونىيىلىك دۇبىئەنجېشىن ‹‹ بۇ يەرلىك قىزلار ناھايىتى بالدۇر توي قىلىدىكەن ، ئەگەر 15 ياشقىچە ياتلىق بولمىسا ياتلىق بولالمايدىكەن ، ئادەتتە 12 ~ 13 ياشلاردىلا 25 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەرلەردىن بىرىگە ياتلىق بولۇپ كېتىدىكەن... بىراق ئەرلەر ئاياللارنى يىرتىق كەشنى تاشلىغاندەك چۆرىۋېتىدىكەن ، شۇنچىكىلا ياقمىسا خوتۇنىنى قوغلاپ چىقىرىپ باشقىسىنى ئالىدىكەن . ياپونىيىدە توي قىلغاندا بۇرۇن توي قىلغانمۇ دەپ سورايدۇ ، بۇ يەردە نەچچە ئەرگە تەگكەن دەپ سورايدىكەن.

       بۇ يەردىكىلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقتىن، بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولالايدىكەن ، بىر ئەر بىر قانچە خوتۇن ئالالايدىكەن ، بىراق مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ خوتۇنلار ئايرىم – ئايرىم ئۆيلەردە تۇرىدۇ ، بۇ خوتۇنلار  پۇلغا سېتىۋېلىنغان ، شۇڭا قىز توغۇلسىلا بايلىق دېيىشكە بولىدۇ . ئاجراشقاندا ،  بالىسى ئەگەر ئوغۇل بولسا ئېرى ئالىدۇ، قىز بولسا خوتۇنى ئېلىپ كېتىدۇ ... ››  [6]  . بۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئالىمى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ‹‹ ئالتە شەھەرگە سەپەر ›› ناملىق ئەسىرىدە ‹‹ پاھىشىلەرگە پاھىشىخانىلەر يوق . شۇڭلاشقا پاھىشىلەر تۇڭگان سارايلىرىدا مۇستەقىل ياشايدۇ . يېنىغا بارساڭ ھامان نازلىنىپ ، ئاشىق – مەشۇق قوشاقلىرىنى ئېيتىدۇ .    . بۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئالىمى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ‹‹ ئالتە شەھەرگە سەپەر ›› ناملىق ئەسىرىدە ‹‹ پاھىشىلەرگە پاھىشىخانىلەر يوق . شۇڭلاشقا پاھىشىلەر تۇڭگان سارايلىرىدا مۇستەقىل ياشايدۇ . يېنىغا بارساڭ ھامان نازلىنىپ ، ئاشىق – مەشۇق قوشاقلىرىنى ئېيتىدۇ . بۇلارنى كۆرۈپ ئۆز – ئۆزۈڭدىن خورلىنىسەن . خۇسۇسەن ماڭا ئوخشاش باشقا يەردە ئۆسكەن بىر كىشىگە، بۇلارنىڭ قىلىقلىرى بەك غۇربەت ۋە يات تويۇلىدىكەن . بۇلارنىڭ ئومۇمەن مۇئامىلىلىرى چىنلىقلار بىلەن بولغانلىقتىن ، ھەممىسى بەڭگى بولۇپ ، بازارلاردىن قىز يوقۇلىدىكەن . شۇڭا بىر ئاز ياشراقلىرى چىنلىقلارغا ئۆيلىنىدۇ ياكى ئومۇمىي يەرلەردە قىمار ئويناپ ، ئۆمۈر ئۆتكۈزىدۇ . بۇ تەرەپلەردە ۋاقىتلىق نىكاھمۇ خېلى تەرەققىي قىلغانىكەن . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يوقسىزلىقنىڭ سەمەرىسىدۇر ئاخىر ›› [6] دەپ يازىدۇ . يۇقارقى بايانلاردىن ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، 18 - ، 19 – ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلاردا  مۇستەھكەم ئائىلە ، نەسەب قارىشى بولمىغان ، شۇڭىمۇ نۇرغۇنلىغان بەختسىزلىكنىڭ باشلانمىسى ئەنە شۇ ئائىلىلەردىن باشلانغان .

         مائارىبچى ياقۇت يۇنۇس خانىم ئۆز ئەسلىمىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ : ‹‹ يۇرتىمىزدا ‹ تالاق › دەيدىغان بىر خىل ئەسكى ئادەت بار ئىدى . ئايالىدىن رەنجىگەن ، يوقىلاڭ ئىشقا ئىشىنىپ قالغان ، گۇمان قىلىپ قالغان بەزى ئەرلەر ياكى ئۆكتەم ، كۆكەمە ئەرلەر بىرەر قېتىملىق ئۇرۇش تالاشتىن كېيىنلا ئايالىنى ‹ تالاق › ياكى ‹ ئۈچ تالاق › دېگەندەك بولمىغۇر سۆز بىلەن تىللايتتى . بۇنىڭ بىلەن ئايال ئەرنىڭ ئەمرىدىن چىقىپ كېتەتتى . ئەمما ، بۇنداق سۆزنى ئايال ئاغزىدىن چىقىرالمايتتى . بۇنداق ئائىلىلەر كۆپۈنچە بۇزۇلۇپ كېتەتتى . بالا – چاقىلىرى كۆپ ، ئاتا – ئانىسى بېسىم ئىشلەتكەن ، قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلغان، ئەرنىڭ گۇمانى يېشىلگەن ، ئايال بۆھتاندىن ئاقلانغان ئەھۋالدا ‹ تالاق ›نى ياندۇرۇشقا توغرا كېلىپمۇ قالاتتى . ‹ تالاق›نى ياندۇرۇشتا ، ئەگەر ئەرنىڭ ئاغزىدىن ‹ ئۈچ تالاق › دىگەن سۆز چىقىپ كەتكەن بولسا ، بۇنداق ‹ تالاق › يانمايتتى؛ ئەگەر ‹ تالاق › دېگەن بولسا بۇنى يابدۇرغىلى بولاتتى . ياندۇرۇش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولاتتى : بىر خىلى – ئايال باشقا ئەرگە بىر قېتىم نىكاھلىنىشى كېرەك . يەنە بىر خىلى، ئايال بىراۋغا ۋاقىتلىق نىكاھلىنىشى ۋە ئۇنى ئەر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى كېرەك ئىدى . بۇ خىل رەسمىيەتنى ئاساسەن يۇرتنىڭ ئىمام خاتىبلىرى دىنىي رەسمىيەت بىلەن ئىجرا قىلاتتى ... ›› [7]
    يۇقارقىلار 200 يىللار بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بۇلار ئەينى دەۋر رىئاللىقىنىڭ خاتىرىسى ئىكەنلىگىنى ھېچكىم ئىنكار قىلمايدۇ ، ئۇنداقتا بىز بۈگۈنكى تەرەققىي  قىلغان ، كىشىلەرنىڭ ئائىلىگە بولغان قارىشى ئۆزگەرگەن ، ئاڭ سەۋىيىسى ئاشقان ، ئائىلىگە ئوبېكتىپ قارايدىغان ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولغان ، سوتسىيالىستىك ئىدىيە ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلغان زاماندىكى ئائىلىلەر قانداق بولماقتا ؟ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزلەشتە مونۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسەك ئارتۇقلۇق قىلماس ئەلۋەتتە .
    1994 – يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە جان سانى 38. 4 بولۇپ ئىشقا ئۇرۇنلاشقان  نوپۇس 92. 1 ئادەمگە يەتكەن ، ھەر بىر نوپۇس 28 .2 ئادەمنى باقىدىغان بولغان

    .
    1983 – يىلى يىل ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 422 مىڭ 484 جۈپ توي قىلىشقا ، 129 مىڭ 17 جۈپ ئاجرىشىشقا ئىلتىماس قىلغان ، سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن 29 مىڭ 792 جۈپ ئاجراشقان ، يارىشىپ قېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار 22 مىڭ 636 جۈپ . 1984 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە توي قىلىشقا تىزىملاتقانلار 155 مىڭ 297 جۈپ ، ئاجرىشىشقا تىزىملاتقانلار 44 مىڭ 487 جۈپ ، يارىشىۋېلىشقا تىزىملاتقانلار 7367 جۈپ ... [9]
    1987 – يىلى ئاپتونوم رايوندا نىكاھ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ ياشتىكى نوپۇس 233 مىڭ 609 بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە نىكاھلانمىغانلار 46. 28 پىرسەنتنى ، جۈپتى بارلار %82. 63 نى ، جۈپتى يوقلار %84. 4 نى ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار %88 . 2 ئىگەللىگەن ... توي قىلغانلاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن يېشىغا يەتمەي تۇرۇپلا توي قىلغانلار شۇ ياشتىكىلەرنىڭ %01 .7 نى ئىگەللەيدۇ ، بالدۇر توي قىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغانلار %92نى ئىگەللەيدۇ. .... ئاز سانلىق مىللەت ئىچىدە 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن چوڭلاردىن نىكاھلانمىغانلار %5. 25 نى، جۈپتى بارلار %1 .64نى ، جۈپتى قازا قىلغانلار %6 نى ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار %4. 4 نى ئىگەللەيدۇ .     

                           

          1989 – يىلى نىكاھلانغانلار 169 مىڭ 213 جۈپ ، بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغانلار 4617 جۈپ ، ئاجرىشىشقا تىزىملاتقانلار 35 مىڭ 643 جۈپ . [11]
    1991 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 189 مىڭ 684 جۈپ نىكاھلىنىشنى ئىلتىماس قىلغان ، 170 مىڭ 999 جۈپنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن ( بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغان 4994 جۈپ ) ، 18 مىڭ 685 جۈپ ئەر - ئايال توي قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقتىن توي خېتى بېرىلمىگەن . 57 مىڭ 987 جۈپ ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ 40 مىڭ 53 جۈپنىڭ ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن ، 17 مىڭ 934 جۈپ مۇرەسسە ئارقىلىق ئەپلىشىپ قالغان .[12]
    1992 – يىلى 181 مىڭ 240 جۈپ ئەر ئايال توي قىلىشقا تىزىملىتىش ئىلتىماسى قىلغان . 165 مىڭ 122 جۈپ كىشىنىڭ رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە يارىشىۋالغانلار 4653 جۈپ ، 16 مىڭ 118 جۈپ ئەر ئايالنىڭ توي قىلىشقا شەرتى توشمىغانلىقتىن رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىلمىگەن . بۇ يىلى 54 مىڭ 215 جۈپ ئەر ئايال نىكاھتىن ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ 37 مىڭ 194 جۈپ ئەر ئايالنىڭ ئاجرىشىش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىلگەن . [13]
    1993 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نىكاھلىنىشقا تىزىملاتقانلار 194 مىڭ 900 جۈپ ، بۇنىڭ ئىچىدە توي قىلىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەنلەر 160 مىڭ 709  جۈپ ( يارىشىۋالغانلار 4863 جۈپ) ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار 29 مىڭ 328 جۈپ


    1994 – يىلى ئاپتونوم رايون بۇيىچە 202 مىڭ 149 جۈپ ئەر ئايالنىڭ نىكاھلىنىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەن ، بۇنىڭ ئىچىدە توي قىلغانلار 166 مىڭ 643 جۈپ  (ياراشىۋالغانلار 6854 جۈپ) ، نىكاھتىن ئاجراشقانلار 28 مىڭ 652 جۈپ بولغان [15].
    1997 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىدا نىكاھقا تىزىملاتقانلار 201 مىڭ 162 جۈپ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 170 مىڭ 674 جۈپكە ( بۇنىڭ 4692 جۈپى يارىشىۋالغانلار ) رەسمىيەت بېجىرىپ بېرىلگەن ، 30 مىڭ 488 جۈپ ئاجرىشىشقا تىزىملاتقان ، ئىستاتىسكا قىلىنىشىچە سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن 28 مىڭ 232 جۈپ ئاجراشقان

    ]. 
    بەزىلەر بۇ سانلىق مەلۇمات شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستاتىسكىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 40 نەچچە مىللەت بار ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، دەپ قارىشى تۇرغانلا گەپ. توغرا، شىجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان ھالدا 40 نەچچە مىللەت ياشايدۇ ، شۇنداق ئىكەن،بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ پەقەت شىنجاڭدىكى بىزنىلا ئۆز ئىچىگىلا ئېلىشى مۇمكىن ئېلىشى ئەمەس ، بىراق شىنجاڭدا ئاساسلىق ياشاپ كېلىۋاتقان مىللەت بىز ، ياخشى ئىشلارنىڭ، تەرەقىياتنىڭ ئىگىسى بىز ئەمەس. بىراق بۇنداق سان-سېفىرلار بىزنىڭ ... بىزگە تەۋە !


              

    [admin تەستىقلىدى . 2010-9-24 19:11:12]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.