مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن كۆپرەك يول مېڭىڭ

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-28 17:48:35

مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن كۆپرەك يول مېڭىڭ تەشەببۇسكار ئادەم بولۇشتا ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا جۈرئەتلىك بولۇش، ھەقىقىي ئادەم بولۇشتا قولىدىن ئىش چىقمايدىغان ئادەم بولماسلىق كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت...



    مۇۋەپپەقىيەت ئۈچۈن كۆپرەك يول مېڭىڭ

      تەشەببۇسكار ئادەم بولۇشتا ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا جۈرئەتلىك بولۇش، ھەقىقىي ئادەم بولۇشتا قولىدىن ئىش چىقمايدىغان ئادەم بولماسلىق كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ پەرقى بەزىدە ناھايىتى كىچىك بولىدۇ، مۇۋەپپەقىيەتتە مەغلۇبىيەتكە قارىغاندا كىچىككىنە نەرسە كۆپ بولىدۇ: مۇشۇ كىچىككىنە نەرسە ياكى بىرەر ھەرىكەتچان قانات بولۇشى، تۆتتىن بىر ئۈلۈش كۆپ ئايلىنىدىغان ۋىنتا بولۇشى مۇمكىن.

      ناپالېئون خېئول مۇنداق كۆرسىتىدۇ: مەغلۇپ بۇلىشىڭىزغا سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدىغان «باشقا كىچىككىنە نەرسە» نىڭ زۆرۈر بولغانلىقى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىڭىزغا سىزنىڭ كۆپرەك يول مېڭىپ، باشقىلار تاپالمىغان باشقا كىچىككىنە نەرسىنى تاپقانلىقىڭىزمۇ سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

      پاسسىپ روھىي ھالەت مەغلۇپ بۇلۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. PMAدىن پايدىلىنىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئىزدىسىڭىز، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، «باشقا كىچىككىنە» نەرسىنى ئىزدەيسىز. ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا«باشقا كىچىككىنە» نەرسىنى ئىزدىمەيدىغان كىشىلەرلا ئاسان مەغلۇپ بولىدۇ.

    مەسىلەن: ئىلگىرى بىر كومپوزىتور بىر نوتا يازغان، لېكىن ئۇنى ئېلان قىلدۇرالمىغان ئىكەن، جورجى يوھان نوتىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا«باشقا كىچىككىنە» نەرسىنى قوشقاندىن كېيىن، ئاشۇ«باشقا كىچىككىنە»نەرسە ئۇنى ناھايىتى كۆپ پۇلغا ئىگە قىلغان. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قوشقىنى «ھو! ھو! ھاي!» دېگەنلەردىنلا ئىبارەت ئىكەن.

      ئايروپىلاننى كەشپىياتچىلار ئاكا-ئۇكا لېيتېرلاردىن بۇرۇن ياساپ بولاي دەپ قالغان ئىدى. ئاكا-ئۇكا لېيتېرلار پايدىلانغان قائىدە باشقىلارنىڭكىگە تامامەن ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلار باشقىلارنىڭكىگە «باشقا كىچىككىنە» نەرسىنى قوشقان. ئۇلار قوشىدىغان بىر يېڭى نەرسىنى ئىجاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار مەغلۇپ بولغان، ئۇلار ئۇتۇق قازانغان. بۇ «باشقا كىچىككىنە» نەرسە ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي نېمە، ئۇلار ئالاھىدە لايىھىلەنگەن ھەرىكەتچان قاناتنى ئايروپىلان قانىتىنىڭ چېتىگە قېتىپ، ئۇچقۇچى ئايروپىلاننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تىزگىنلەيدىغان قىلغان. بۇ ھەرىكەتچان قاناتلار ھازىرقى ياردەمچى قاناتلارنىڭ ئۆزى.

    ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەتتە مەغلۇبىيەتكە قارىغاندا «باشقا كىچىككىنە نەرسە» كۆپ بولغان بۇلىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ«باشقا كىچىككىنە نەرسە» نى قانداق قىلغاندا تاپقىلى، تۇتقىلى بۇلىدۇ؟ بۇ بىزدىن كۆپرەك يول مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    پۇرسەتنى تۇتۇش، پۇرسەتنى ئىگىلەش

    ئۇلۇغ ھايات ئېقىمىدىكى ئالتۇن دەۋر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كىتىدۇ، بىزگە شېغىل-تاشتىن باشقا ھىچقانداق نەرسە قالمايدۇ. جەۋرائىل يوقلاپ كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالدىدا كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمىزغا تەن بەرمىسەكمۇ، بەرىبىر كېتىپ قالىمىز.

    1. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش

    ناپولېئون خېئول مۇنداق دەيدۇ: ئىشىنىمىز پۇرسەت بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. پۇرسەت گۈزەل، ئەمما ئۇ مىجەزى غەلىتە پەرىشتە، ئۇ غىپپىدە يېنىڭىزغا كېلىپ قالىدۇ. سەللا ئېھتىياتسىزلىق قىلسىڭىز، يەنە غىپپىدە كىتىپ قالىدۇ، سىز ھەرقانچە پۇشايمان يىسىڭىزمۇ، ھەسرەت چەكسىڭىزمۇ، ئۇ شۇ كەتكەنچە ئىككىنچى كەلمەيدۇ.

    سودا پائالىيىتىدە پەيىتنى ئىگىلەش تامامەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. باي بۇلۇشنىڭ ھەرقانداق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقۇلۇق، گەرچە بۇ پۇرسەت 10مىڭدىن بىر ئۈلۈش بولسىمۇ.

    20-ئەسىردە ئامېرىكىلىقلار ئارىسىدا مۇنداق بىر تەمسىل بار ئىدى:«مەغلۇبىيەتكە بارىدىغان يولدا قولدىن كېتىپ قالىدىغان پۇرسەتلەر تولا بولىدۇ. ئامەت ئالدى ئىشىكتىن كىرىدۇ، دەپ كۈتۈپ ئولتۇرىدىغانلار ھەمىشە ئارقا دېرىزىدىن كىرگەن پۇرسەتكە سەل قارايدۇ.»

    سالقىن كۈز كۈنلىرىدە، ئېقىن بويلىرىغا چىقىپ سەيلى قىلىپ باققانمۇ سىز؟ ئېقىندا ئېقىنغا ئەگىشىپ كېتىۋاتقان يۇپۇرماقلار ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى غىپپىدە ئۆتۈپ كىتىدۇ-دە، ناھايىتى تېزلا كۆرگىلى بولمايدىغان يەرگە كېتىپ قالىدۇ، قىرغاققا يېقىن جايدىكى يۇپۇرماقلار ئاستا-ئاستا ئەگىپ يۈرۈيدۇ؛ بەزىلىرى قاينامغا كىرىپ كېتىدۇ؛ بەزىلىرى تىنىق سۇغا بېرىپ قىلىپ جىم تۇرىدۇ.

    ئادەمنىڭ ھاياتىمۇ ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ، بەزى ئادەملەر بىر يەردە چۆگلەپ يۈرۈيدۇ، بەزى ئادەملەر تېز ئېقىنغا چۈشۈپ توۋەنگە قاراپ ئاقىدۇ. سىز مۇشۇ ئېقىنغا چۈشكىنىڭىزدە قىرغاققا كىلىپ قېلىشىڭىز، بىر نەچچە يىلدا ئازراقلا ئىگىلىرىيەلىشىڭىز، ھەتتا تۇرغان يېرىڭىزدىن نېرى بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئۆركەش بىلەن ئېقىپ كېتىۋاتقان يۇپۇرماقنىڭ تەقدىرى تەڭرىنىڭ قولىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ.. ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى تامامەن شامالىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئېقىن سۇ بەلگىلەيدۇ. لېكىن، سىز ئادەم، شۇڭا ئۆز ئىستىقبالىڭىزنى ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلەيسىز، تەۋرەنمەي جىم تۇرىدىغان تىنىق سۇدا تۇرۇۋەرمەيسىز. سىز ئېقىننىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۈزۈپ بېرىپ، تېز ئېقىنغا چۈشۈپ چوڭ ۋە يېڭى پۇرسەتنى ئىزدىيەلەيسىز، سىزگە كېرىكى ئۆز كۈچىڭىز بىلەن شىددەتلىك ئېقىن تەرەپكە ئۈزۈپ بېرىش.

    بۇ دېمەككە ئاسان، قىلماققا تەس. دەرۋەقە، ئېقىن تېز چاغدا ھەممە ئىش دىگۈدەك ياخشى بولىدۇ، لېكىن ئۈزۈپ ئېقىننىڭ ئوتتۇرىسىغا بارالىدىڭىزمۇ-يوق؟ بۇنىڭغا ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىزگە ئىستىقبال غۇۋا تۇيۇلىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك، بۇ تار بىخەتەر زېمىندىن قايتىش كېرەكمۇ ياكى ئۇ يەرگە بېرىش كېرەكمۇ؟

    جاندىن كەچمەي تۇرۇپ، جانانغا يەتكىلى بولمايدۇ؟

    ئۈزۈش-ئۈزمەسلىك مەسىلىسىگە ھەممە ئادەم ئۆزى ھاياتىدا ھامان دۇچ كېلىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، ئۆزىگە ئىشەنچ باغلىغان ئادەم كۆرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ، سىناقنى قۇبۇل قىلىپ، نامەلۇم دۇنياغا تەمتىرىمەي كىرىدۇ-دە، نامەلۇم دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىغا قاراپ ئۈزىدۇ. ئۇلار خەۋپكە تەۋەككۈل قىلغاندىلا، جەزمەن يېڭى تەجىرىبە ئۆگىنىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئاجىز ۋە بىچارە، تەۋەككۇل قىلىشتىن قورقىدىغان ئادەملەر بولسا ئەسىلدىكى بىخەتەر جايغا بېكىنىۋېلىپ، تېز ئېقىندا ئۈزۈپ ئېقىۋاتقانلارغا ئاغزىنى ئېچىپ قاراپ تۇرىدۇ.

    ئامېرىكىنىڭ دانۋىل دېگەن يېرىدىكى تۈرلۈك ماللار دوكارى جون گامبىش ئەنە شۇنداق خەۋىپكە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەتلىك ئادەم. تېز ئېقىندا خوشال ھالدا تۆۋەنگە قاراپ ئۈزۈپ كېتىۋەرگەن.

    جون گامبىشنىڭ تەجىرىبىسى ئىنتايىن ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ«10مىڭدىن بىر ئۈلۈش ئۈمىد بولسىلا، ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك»تىن ئېبارەت. بىر قىسىم چېچەنلەر ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇلار مۇنداق قىلىشتا تۆۋەندىكىلەرنى ئاساس قىلىدۇ: 1.ئۈمىد تولىمۇ كىچىك پۇرسەتنىڭ ئىشقا ئېشىش ئىھتىمالى چوڭ بولمايدۇ؛ 2.ئاران 10مىڭدىن بىر ئۈلۈش ئۈمىد بار پۇرسەتنى قوغلاپ يۈرگەندىن كۆرە مۇكاپاتلىق ئاكسىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ، تەلەي سىناپ باققان ياخشى؛ 3.يۇقىرىقى ئىككى نۇقتىنى ئاساس قىلغاندا، ھاماقەتلەر 10مىڭدىن بىر ئۈلۈش ئۈمىد بار پۇرسەتكە ئىشەنمەيدۇ.

    ھالبۇكى، جون گامبىش ئۇنداق قارىمىغان.

    گامبىش بىر كۈنى پويىز بىلەن نيۇ-يوركقا بارماقچى بولىدۇ، لېكىن پويىز بېلىتىنى ئالدىن زاكاس قىلىپ قويمايدۇ. بۇ چاغ دەل يېڭى يىل بايرىمى ھارپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن نيۇ-يوركقا دەم ئېلىشقا بارىدىغانلار ناھايىتى كۆپ، پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش تولىمۇ قىيىن ئىدى.

    گامبىشنىڭ ئايالى ۋوگزال خادىمىغا تېلىفون بېرىپ، «بۇ قېتىمقى پويىز بېلىتىدىن بىرەرنى سېتىۋالغىلى بولارمۇ دەپ سورايدۇ؟»دەپ سورايدۇ، ۋوگزال خادىمى:«سېتىلىپ بولدى، بىراق ئاۋارچىلىقتىن قورقمىسىڭىز، يۈك-تاقىڭىزنى ئېلىپ ۋوگزالغا كېلىپ تەلەي سىناپ بېقىڭ، بېلىتىنى قايتۇرۇۋېتىدىغانلار چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس»دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

    ۋوگزال خادىمى بۇنداق پۇرسەتنىڭ ئۇچراپ قېلىشىدا پەقەت 10مىڭدىن بىر ئۈلۈش ئۈمىد بولىدىغانلىقىنى تەكرار تەكىتلەيدۇ.

    گامبىش يۈك تاقىلىرىنى ئېلىپ گويا بىلەت ئېلىپ قۇيۇلغاندەك، ۋوگزالغا قاراپ يول ئالىدۇ.

    -جون، -ئايالى كۈيۈنگەن ھالدا سورايدۇ،-ۋوگزالغا بېرىپ بىلەت تاپالمىسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

    -تاپالمىسام ھىچ ۋەقەسى يوق،-دەپ جاۋاپ بېرىدۇ جون پەرۋاسىز،-ھىچ بولمىغاندا، يۈك-تاق كۆتۈرۈپ ئايلىنىپ كەلگەندەك بولارمەن.

    گامبىش ۋوگزالغا بارغاندىن كېيىن، خېلى ئۇزاق ساقلايدۇ، ئەمما بېلەت قايتۇرىدىغان بىرەر كىشى چىقمايدۇ، يولوچىلار كۈتۈش سۇپىسىغا يىغىلىشقا باشلايدۇ.

    گامبىش باشقىلارغا ئوخشاش ئىستانسىدىن ئالدىراپ كېتىپ قالماي، سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرىدۇ.

    پويىزنىڭ قوزغىلىشىغا ئالاھىزەل 5مىنۇتقىچە قالغاندا بىر ئايال ھاپىلا-شاپىلا يېتىپ كېلىپ بېلىتىنى قايتۇرۋېتىدۇ، ئۇنىڭ قىزى ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، كېيىنكى نۆۋەتلىك پويىزغا چۈشۈشكە مەجبۇر بولغانىكەن.

    گامبىش ئۇ قايتۇرغان بېلەتنى ئېلىپ، نيۇ-يوركقا بارىدىغان پويىزغا چىقىدۇ.

    ئۇ نيۇ-يوركقا بارغاندىن كېيىن، مېھمانخانىدا ئارام ئالغاچ ئايالىغا تېلېفون بېرىدۇ.

    ئۇ تېلېفوندا ئايالىغا:

    -سۆيۈملۈكۈم،10مىڭدىن بىر ئۈلۈش بىر ئۈمىد بار پۇرسەتكە ئېرىشتىم، چۈنكى مەن زىيان تارتىشتىن قورقمايدىغان ئەخمەقنىڭلا ھەقىقىي چېچە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن،-دەيدۇ.

    بىر قېتىم دانۋىلدا ئىقتىسادىي كاساتچىلىق كۆتۈرۈلۈپ، نۇرغۇن زاۋۇت ۋە دۇكانلار كەينى-كەينىدىن تاقىلىدۇ، دۇكاندارلار قولىدىكى تاۋارلارنى ئەرزان باھادا كۆپلەپ سرتىشقا باشلايدۇ، تاۋارلارنىڭ باھاسى شۇنچىلىك چۈشۈپ كېتىدۇكى، بىر دوللارغا يۈز جۈپ پايپاق سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    جون گامبىش ئۇ چاغدا بىر توقۇمچىلىق زاۋۇتىدا تېخنىك ئىدى، ئۇ يىغىپ قويغان پۇللىرىغا باھاسى چۈشكەن ماللارنى سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ. كىشىلەر بۇنى كۆرۈپ، ئۇنى«تازىمۇ دۆت نېمە ئىكەنسەن» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ.

    جون گامبىش مەسخىرىلەرگە پەرۋا قىلماي، زاۋۇتلارنىڭ ماللىرىنى ۋە تۆكمە قىلىپ سېتىلىۋاتقان ماللارنى ئېلىۋېرىدۇ ھەم چوڭ بىر ئامبارنى ئىجارىگە ئېلىپ، سېتىۋالغانلىرىنى بېسىپ قويىدۇ.

    ئايالى ئۇنى بۇ ئىشتىن قول تارتىشقا ئۈندەيدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى يىغىۋاتكان پۇلى چەكلىك ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ پۇلنى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشقا ئاتاپ قويۇشقانىدى. بۇ پۇلنى ئۈندۈرۋالغىلى بولمىسا،ئاقىۋىتىنى تەسۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.

    گامبىش ئايالىنىڭ ئەندىشە ئىچىدە قىلغان نەسىھىتىگە كۈلۈپلا قويىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

    -يەنە 3ئايدىن كېيىن مۇشۇ ئەرزان ماللارغا تاينىپ تازا پۇل تېپىۋالالايمىز.

    گامبىشنىڭ گىپى ئاقماي قېلىشقا تاس قالىدۇ.

    ئارىدىن 10نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ھېلىقى زاۋۇتلار مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئەرزان ساتسىمۇ خېرىدارى چىقمىغان ماللارنى ماشىنا-ماشىنىلاپ ئاپىرىپ كۆيدۈرۈۋىتىشىدۇ.

    ئايالى باشقىلارنىڭ ماللارنى كۆيدۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن تىت-تىت بولۇپ، گامبىشقا كايىيدۇ، گامبىش ئايالىنىڭ كايىشىغا لام-جىم دىمەيدۇ.

    ئاخىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددى تەدبىر قوللىنىپ، دانۋىل رايونىدا مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ ھەم ئۇ يەردىكى زاۋۇت، دۇكانلارنىڭ ئىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ.

    بۇ چاغدا دانۋىلدا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ماللار بەك كۆپ بولۇپ، مال ئۆسۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، مال باھاسى ئۆرلەشكا باشلايدۇ، جون گامبىش ئۆزى بېسىپ قويغان ھېلىقى ماللارنى سېتىشقا كىرىشىدۇ. ئۇ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن، نۇرغۇن پۇل تاپسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، باھانىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلەپ كېتىشىنى توسايدۇ.

    ئۇ ماللارنى ساتماقچى بولغاندا، ئايالى مال باھاسىنىڭ ھېلىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ، ئۇنى ماللارنى ھازىرچە ساتماي تۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.

    -ساتىدىغان چاغ كەلدى،-دەيدۇ ئۇ تەمكىنلىك بىلەن،- يەنە كېچىكسەك، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىمىز.

    دېگەندەك، گامبىش ماللارنى سېتىپ بولىشغا، مال باھاسى چۈشۈشكە باشلايدۇ. ئايالى ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەلىگىنىگە قايىل بولىدۇ.

    گامبىش شۇ قېتىم تاپقان پۇل بىلەن كېيىن تۈرلۈك ماللار دۇكىنىدىن بەشنى ئاچىدۇ، تىجارىتىمۇ ئىنتايىن روناق تاپىدۇ.

    گامبىش ھازىر ئامېرىكا بويىچە چوڭ سودا دۇكىنى بار خوجايىن. ئۇ ياشلارغا يازغان ئوچۇق خېتىدە سەمىمىي ھالدا مۇنداق دەيدۇ:

    «سۈيۈملۈك دوستلار، مىنىڭچە 10مىڭدىن بىر ئۈلۈش ئۈمىد بار پۇرسەتكە سەل قارىماڭلار، ئۇ سىلەرگە كۈتۈلمىگەن مۇۋەپپەقىيەت ئېلىپ كېلىدۇ. بەزىلەر بۇنى ئاقمىغان ھەرىكەت، ئۇنىڭدىكى ئۈمىد ئاكسىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىنمۇ غۇۋا، دىيىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق قارىشىدا بىر تەرەپلىمىلىك بار، چۈنكى مۇكاپاتلىق ئاكسىيە بېلىتى تارتىشقا باشقا كىشى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئۇ سۇبېيكتىپ تىرىشچانلىقىڭلارغا قىلچە باغلىق بولمايدۇ. لېكىن 10مىڭدىن بىر ئۈلۈش ئۈمىد بار پۇرسەتنى تامامەن ئۆزۈڭلارنىڭ سۇبيكتىپ تىرىشچانلىقىڭلار ئارقىلىق تاپالايسىلەر» بىراق، يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭلاركى، 10مىڭدىن بىر ئۈلۈش ئۈمىد بار پۇرسەتنى ئىگىلىمەكچى بولساڭلار، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاڭلار:

    1. نەزەرنى يىراققا تاشلاڭلار، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرسەڭلار بولمايدۇ، يۇپۇرماقنىلا كۆرۈپ، ئورماننى كۆرمەيدىغان بولساڭلار تېخىمۇ بولمايدۇ.
    2. بوشاشماي چىڭ تۇرۇڭلار. بوشاشماي چىڭ تۇرىدىغان شىجائەت ۋە تەۋرەنمەس ئىشەنچ بولمىسا، ھەرقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى زادى بولمايدۇ.

    شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىغان بولساڭلار تىرىشىڭلار، تىرىشساڭلارلا ھامان بىر كۈنى مىليونېر بولالايسىلەر.

    سودا پائالىيىتىدە قارغۇلارچە قاراملىق قىلماڭلار، ئۇنىڭ ئۈنۈمى تولىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

    پۇرسەتنى تۇتۇش ۋە ئىگىلەش ھەم رىئال بايلىققا ئايلاندۇرۇشلا ئۇتۇق قازانماقچى بولغان كارخانىچىلارنىڭ ئاقىلانە يولى.

    1. پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ.

    پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ. پۇرسەت كەتسە كەلمەيدۇ. بۇ ئاددى ئەمما، چوڭقۇر مەنالىق قائىدە.

    سودا پائاليىتىدە پۇرسەت كېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى پەرق ئىتەلسىڭىز، پۇرسەت كېتىپ قالغۇچە ھەرىكەت قىلالىسىڭىز، تەلىيىڭىزنىڭ ئوڭدىن كەلگىنى شۇ.

    سودا سورۇنلىرىدىكى تەلەي ۋە تەلەيسىزلىك پۇرسەتتىن پايدىلىنىش بىلەن مۇناسىۋاتلىك. بەزى كىشىلەر پۇرسەت كېتىپ بولغاندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇنداقلارنى جەزمەن نەس باسىدۇ.

    ئەمما بەزى كىشىلەر پۇرسەتنىڭ غىپپىدە كېلىدىغانلىقى، غىپپىدە كېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا پۇرسەتنى ۋاقتىدا ئىگىلىيەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرى ئۆمۈر بويى كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.

    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پايدىلىق پەيىتنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇش-بولماسلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بەزى كىشىلەر پۇرسەتنى تەلەي دىيىشىدۇ. مەيلى قانداق دىيىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ يەردە قىل سىغمايدىغان مۇنداق بىر نۇقتا باركى: پۇرسەتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش تەڭرىدىن، بەندىلەردىن ئاغرىنىپ يۈرۈشكە قارىغاندا كۆپ پايدىلىق.

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.