تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-05-21 14:52:38

كالا گۆشى دۇكىنىنىڭ نادا خوجايىنى پەقەت «كالا گۆشى» ساتىدۇ، ناۋادا ئۇ خوجايىن ئاقىل بولسا «ئوبراز» ساتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرۇش ئىقتىدارى بولمىسا بولمايدۇ.

    تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە              
    ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن
     
    جاراھەت چاپلىمىسى ئىشلەپچىقرىش تېخنىكىسى ئاددىي، خام ماتېرىيال مەنبەسى تولۇق بولغاچقا، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارمۇ ناھايىتى كۆپ، شۇڭا بازار رىقابىتىمۇ ئىنتايىن كەسكىن. ياپونىيەدىكى جاراھەت چاپلىمىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان «مىدونى» شىركىتىنىڭ خوجايىنى خۇيتىيەن ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى كۈنسېرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىغانىدى.
    بىر كۈنى ئۇنىڭ كاللىسىدا مۇنداق بىر خىيال پەيدا بولىدۇ:«ئەنئەنىۋى جاراھەت چاپلانمىلىرى پەقەت بىر خىل، ئاددىي، نېمىشقا بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتمەيمىز؟ جاراھەت چاپلىمىسىنى بىر خىللا قىلىپ قالماي، قىزىل، كۆك، يېشىڭ رەڭلىك قىلىپ باقساق بولمامدۇ؟ جاراھەت چاپلىمىسى چوقۇم تۈزلا بولۇشى زۆرۈرمۇ؟ يۈرەك ياكى كالباسا شەكىللىك بولسا بولمامدۇ؟ جاراھەت چاپلىمىسىنىڭ ئۈستىگە خەت يازساق نېمىشقا بولمايدۇ؟» خۇيتىيەن جىڭشاۋ بۇ خىياللىرىنى ناھايىتى تېزلا رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، «شادلىق جاراھەت چاپلىمىسى» ناملىق يېڭى نۇسخىدىكى جاراھەت چاپلىمىسىنى بازارغا سالدى. ئەنئەنىۋى چاپلىمىغا ئوخشىمايدىغان جاراھەت چاپلىمىسىنىڭ رەڭلىرى كۆركەم، نۇسخىسى كۆپ خىل، شۇنداق ئۈستىگە «گۈللۈك ياغلىق»، «ئەجەپ ئاغرىدى»، «مەن بەك خۇشال» دېگگندەك قىزىقارلىق خەتلەر يېزىلغانىدى، شۇڭا بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا خېرىدارلارنى جەلپ قىلىۋالدى. ئارىدىن تېخى بىر يىل ئۆتمەيلا، 83 مىليون كۇرۇپكا سېتىلدى.
    مۇتەخەسسىسلەر بۇ رېئاللىقتىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: كالا گۆشى دۇكىنىنىڭ نادا خوجايىنى پەقەت «كالا گۆشى» ساتىدۇ، ناۋادا ئۇ خوجايىن ئاقىل بولسا «ئوبراز» ساتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرۇش ئىقتىدارى بولمىسا بولمايدۇ. «مىدونى» شىركىتىنىڭ كاساتلىشىۋاتقان جاراھەت چاپلىمىسىنى شۇنچە زور بازارغا ئىگە قىلالىشىغا، دەل ئۇنىڭ ئەنئەنىنى بۇزۇپ، تەپەككۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلىقى تۈرتكە بولغان.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى. 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كارخانا