يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق

يوللىغۇچى : gulen يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-15 07:24:04

يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇقبىر كۈنى يەسلىدىن تېلىپون كەپتۇ. نېمە بولغاندۇ، دەپ ئالسام، "قىزىڭ سازاڭنى ئوت يەيدۇ، دادام شۇنداق دېگەن دەيدۇ، راست شۇنداق دېمىگەنسەن! مەنچە بىر ئۇقۇشما...



      

    يات تىلدا يارالغان دۇنيا ۋە ئۇيغۇرلۇق

    بىر كۈنى يەسلىدىن تېلىپون كەپتۇ. نېمە بولغاندۇ، دەپ ئالسام، "قىزىڭ سازاڭنى ئوت يەيدۇ، دادام شۇنداق دېگەن دەيدۇ، راست شۇنداق دېمىگەنسەن! مەنچە بىر ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ. بالىلارنىڭ سۇئالىغا ئەستايىدىل بولغىنىڭ ياخشى. بالىلار كىچىكىدىن سەمىمىي مۇئامىلىدە چوڭ بولغىنى ياخشى..." دەپ پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە بىر مۇنچە ۋەز ئېيتتى. دەسلەپ گەپنى تۈزۈك ئاڭقىرالمىدىم. كېيىن تەپسىلى ئويلاپ باقسام، قىزىمنىڭ "سازاڭ نېمە يەيدۇ؟" دېگەن ئىنگىلىزچە سۇئالىغا بايقىمايلا ئۇيغۇرچە "ئوت" دەپ جاۋاپ بېرىپ ئىشىمنى داۋام قىلغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى. قىزىم ئۇيغۇرچە ئوت دېگەن سۆزنى ئوت-يالقۇن دېگەن مەنىدە چۈشىنىۋاپتۇ. شۇندىن كېيىن مەن قىزىمنىڭ تىلىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. بۇرۇن مەن ئۇنى ئۆيدە بولۇۋاتقان ئۇيغۇرچە گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى چۈشىنىۋاتىدۇ دەپ ئىرەڭ قىلمىغانىكەنمەن. يۇقارقى ئىشتىن كېيىن كۈزىتىشكە باشلىدىم. مەسئۇدە يېڭى كەلگەندە تېلۋىزورنى چۈشىنەلمىگەچ بەك كۆرۈپ كەتمەيتتى. ھازىر  تىلۋىزورغا كىرىپلا كېتىدۇ، ھەتتا توردىن بىركىنو تېپىپ بەرسەم ئۆزى داۋاملاشتۇرۇپ باشقا كىنولارنىمۇ قويۇپ سائەتلەپ تۇرمايدۇ. بۇرۇن ئاتا ئانا قېرىنداشلىرىمىزغا ۋە ۋەتەندىكى بۇرادەرلەرگە تېلىپۇن قىلساق سۆزلىشىمەن دەپ تۇرۇۋالىدىغان، ئارىدىن ئۈچ -تۆت ئاي ئۆتۈپلا خوش ياقماس بولدى. ھەتتا ئۆزى بۇرۇن ئامراق بىر تاغىسىنىڭ ئىسمىنى قانچە تەكرارلاتساقمۇ توغرا تەلەپپۇز قىلالمىدى. مەن دەسلەپ بۇنى ئۇزاق كۆرۈشمىگەندىن كېيىن بولغان ياتسىنىشمىكىن دەپتىمەن. دىققەت قىلسام ئۇيغۇرچىنى ھوزۇرلۇنۇپ سۆزلىيەلمىگەچكە ئاڭلاپمۇ خوش بولالمايدىكەن. بىلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزى ئاز بولغاچقا مۇرەككەپرەك سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلالمايدىكەن. تىل ئورتاقلىقى تۇتۇقلاشقاچقا بۇرۇن بىزدىنمۇ چارە كۆرىدىغان بوۋا-مومىلىرى بىلەن مۇڭداشقىسى كەلمىگەنىكەن. بىر قېتىم بىر ئۇيغۇر دوستىمىز ئەركىلىتىپ بىرمۇنچە گەپ قىلسا، "نېمە دەۋاتىسەن، چۈشىنەلمىدىم. سەن ئىنگىلىزچە بىلمەمسەن؟ يەسلىدە ئوقۇمىغانمۇ سەن كىچىكىڭدە؟" دەپ  سۇئال ياغدۇرۇپتۇ ئىنگىلىزچىلاپ. قىزىمنىڭ ئانا تىلىنى تەدىرىجى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىلانغا چۈشتۈم. ئۇيغۇرچىغا بىراقلا زورلاپ كۈچەپ كەتمىدىم، ئەمما قىزىمنى ۋەتەندە ئانا تىلدا تەربىيىلەش ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى.  مائارىپنىڭ، تېلۋىزورنىڭ، كىتاپنىڭ ئانا تىلنى بويسۇندۇرۇش سۈرئىتىدىن شۈركىنىپ كەتتىم. بالامنىڭ كەچۈرمىشىدىن قارىغاندا ئانا تىلى تېخى مىڭىسىگە تولۇق ئورۇنلاشمىغان بالىلارغا يەسلىدىن يات تىل ئۆگىتىش بالىنىڭ ئانا تىلدا يېتىلىدىغان تەپەككۇرىنى بىتچىت قىلىپلا قالماي تەلەپپۇز ئورگانلىرىنىمۇ يات تىلنىڭ تەلەپپۇزىغا كۆندۈرۈپ تاشلايدىكەن. ھەتتا ئانا تىلدا بىر قېرىندىشىنىڭ ئىسىمنىمۇ ئەپلەپ تەلەپپۇز قىلالماس ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. بىز ئىزچىل ئۆيدە ئىنگىلىزچە سۆزلىمەيتتۇق ۋە قىزىمغا سۆزلەتكۈزمەيتتۇق، شۇنچە قىلساقمۇ "ئۆي" دىكى ھىساپ "تالا" غا توغرا كەلمىگەن ئوخشايدۇ. بالامنىڭ ئۆيدە ئۇيغۇرچە سۆزلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرچە ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىمەيدىكەن، ئۇنىڭ دۇنياسى يەسلىدە ئۆگىتىلىۋاتقان يات تىل بىلەن يارىلىشقا باشلاپتۇ.

     تېلۋىزوردىن باشقا بالامنىڭ ئانا تىلىنى بۇنچە تېز ئۇپراتقان ئامىلنىڭ يەنە بىرى يەسلى ۋە كىتاپ. يەسلىدە كۈندە بىر قانچە قېتىم مەخسۇس كىتاپ ئوقۇپ بېرىلىدىغان بولغاچقىمۇ قىزىم كىتاپقا بەك بېرىلىپ كەتتى. چاتاق يېرى يېنىمىزدا ھازىر بالىلار ئۈچۈن يېزىلغان ئۇيغۇرچە كىتاپ يوق، شۇڭا ئىنگىلىزچە كىتاپ ئوقۇپ بېرىمىز. بىزدەك ئېنگىلىزچىنى قېرىغاندا ئۆگەنگەنلەرگە بالىغا خەقنىڭ تىلىدا ھىكايە ئوقۇپ بېرىش ئەپ كەلمەيدىكەن. ۋەتەندىن ئەكەلگەن ئۇيغۇرچە كىتاپلار بالامغا ئاللىقاچان يادا بولۇپ كەتتى. ئېنگىلىزچە كىتاپ ئوقۇپ بەرمەي ئامال يوق. قىزىم سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزنى ئۆلچەملىك ئۆگەنگەچكە بەزىدە مېنىڭ تەلەپپۇزۇمنى چۈشەنمەي سوراپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇمۇ ياخشى بولدى، ئېنگىلىزچىنى ئۆزلۈگۈمدىن ئۆگۈنۈپ خاتا تەلەپپۇز قىلىۋالغان بەزى سۆزلەرنى تۈزۈتىۋالدىم. ھەمدە شۇ سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى قىزىمدىن سوراپ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىۋالدىم. يەسلىدە بالىلارغا كىتاپ ئوقۇغاندا بىر ئوقۇتقۇچى كىتاپ ئوقۇسا قالغان ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ ئارىسىدا  ئولتۇرۇپ بىللە ئاڭلايدىكەن ۋە ۋەقەگە ماس ئاۋاز ۋە ھەركەتلەرنى چىقىرىپ تىياتىر كەيپىياتى يارىتىدىكەن. قىزىمغا بۇ بەك ياراپ كەتكەن بولسا كېرەك، كىتاپ ئوقۇتۇش جەريانىدا مېنى دوراتمىغان ھايۋان قالمىدى. كىتاپ ئوقۇغان ئوقۇتقۇچى پات پات سۇئال سورايدىكەن ۋە بالىلارنىمۇ سوراشقا رىغبەتلەندۈرىدىكەن. ھەتتا بالىلاردىن كېيىنكى ۋەقەلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىنى سورايدىكەن. مەن بۇلارنى بىلمىگەچكە قىزىمدىن تولا تەنقىد يەپ كەتتىم. بىر بولسا سۇئال سوراشنى ئۇنتۇپ قالاتتىم، يەنە بىر بولسا ئويۇن كۆرسىتىشنى. ۋەقەلىكنىڭ راۋاجىنى پەرەز قىدۇرۇشنى تېخى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ بولالمىدىم. بالامغا كىتاب ئوقۇپ بېرىۋېتىپ خىيالىم بالىلىرى خەنسۇچە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا كەتتى. شۇ ناتىۋانلارنىڭ بالىلىرىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرەلمەيدىغانلىقى، ياكى بالىلىرىغا كىتاپ ئوقۇتۇپ ئاڭلىيالمايدىغانلىقى ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى. ئۇلارنىڭ خەنسۇچە بىلمىگەنلىكتىن بالىلىرىنىڭ كىتاپلىرىنى چۈشىنەلمەي، تاپشۇرۇقلىرىنى چۈشەندۈرەلمەي قىينىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئېزىلىپ كەتتىم. يات تىلدىكى تەربىيەدە چوڭ بولغان بالىلار مەكتەپتە بىلگەن بىلىملىرىنى ئاتا ئانىسىغا زوق شوقى بىلەن سۆزلەپ بېرەلمەيدۇ. ئۆز بىلىمىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى مەمنۇن قىلغاندىكى خۇشاللىقتىن بەھىر ئالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالغان بىلىملىرى كىتاپتىن، ئېشىپ مەكتەپنىڭ قورۇسىدىن چىقالمايدۇ. دەرسخانىدا ئالغان بىلىم ئۆيدە كېرەكسىز، ئېتىزدا پايدىسىز، مەھەللىدە خېرىدارسىز قالىدۇ. ئۇلارنىڭ نېمە بىلىدىغانلىقىنى مەھەللە-كوي، قوشنا-قولۇم بىلمەيدۇ، سورىغان تەقدىردىمۇ يات تىلدا ئوقۇغان بۇ بالىلار چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بىلىم نومۇرغا ۋە تەقدىرنامىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار جەمئىيەتكە پەقەت نومۇرى بىلەنلا جاۋاپ بېرىدۇ. ئاتا-ئانىسىنى نومۇرى بىلەنلا رازى قىلىدۇ. ئۆگەنگەن بىلىمى بىلەن ئاتا-ئانىسىغا، قەۋم-قېرىنداشلىرىغا جەمئىيەتنى، تەبىئىيەتنى، ئىنساننىڭ نەدىن كېلىپ نەگە كېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمىگەن بۇ بالىلارنىڭ نەتىجىسى، ئىستىقبالى قانچىلىك بولماقچى؟ كېينچە نومۇر ئەمەس پەزىلەت ۋە ئىقتىدار تەلەپ قىلىدىغان رىقابەت دۇنياسىدا قانچىلىك رىسىققا ئېرىشمەكچى؟...  بالىغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىش دېگەنلىك مېھىر سىڭدۈرۈش دېگەنلىكتۇر، بالىغا مەدەنىيىتىمىزنىغۇ سىڭدۈرۈشكە چارىسىز قالدۇق، ئەمدى مىھرىمىزنىمۇ سىڭدۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىمىزمۇ؟ بوۋىمىز ئەتىۋارلاپ ساقلىغان، غۇرۇرلۇنۇپ ئوقۇغان كىتابنى، ئانىمىز تەۋەرۈك بىلىپ ساقلىغان خاتىرىنى بالىلارغا ئوقۇپ بېرىش پۇرسىتىمىز بولمىسا، بىلمىگەننى ئانا تىلدا سوراپ، بىلگەننى ئۆز تىلدا ئۆگىتەلمىسەك بالىمىزنى كىم ئۈچۈن بېقىۋاتقاندىمىز؟ بالامنىڭ "دەدى" دېگەن ئېنگىلىزچە چاقىرىشى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى. "دادا دەڭە بىر ئۇيغۇرچە، مەن ئېنگىلىزنىڭ دادىسى ئەمەس!" دېدىم قوپاللا.

    قىزىم نېمىشقا سازاڭنى ئوت-يالقۇن يەيدۇ، دەپ چۈشىنىپ قالدى؟ چۈنكى يەسلىدە ئىنگىلىزچە تەربىيە ئالىدىغان قىزىم دۇنيانى شۇ تىلدا تەسۋىرلەيدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ. قىزىم ئۇيغۇرچە سۆزلەردىن ئىنگىلىزچىدە بىرگە بىر تەڭدىشى بولغان سۆزلەرنى خاتاسىز ئاڭقىرالايدۇ. كۆپ مەنىلىك، ھىسسىي ۋە كۆچمە مەنىلىك ئىبارىلەرنى مۇجىمەل چۈشىنىپ قالىدۇ، ياكى ئىگىلىيەلمەيدۇ. ھەرقانداق تىلدا بىرگە بىر تەڭدىش تېپىلىدىغان سۆزلەر كۆپىنچە تۇرمۇش سۆزلىرى بولۇپ ئىنساننىڭ روھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇ سۆزلەر قايسى تىلدا دېيىلسە مەنە ئالمىشىپ كەتمەيدۇ، خاتا چۈشىنىلمەيدۇ. بىز ئانا تىلىمىزدىكى قىزىمىز بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمىز، قىزىمىز ئۇيغۇرچە بىلىدۇ، دېگىنىمىز بىلەن بالىمىز گەپلىرىمىز ئىچىدىكى ئۆزى پىششىق تىلدا مەۋجۇد بولغان ئۇقۇملارنىلا مىڭىسىدە تەرجىمە قىلىپ قوبۇل قىلىۋالىدۇ ۋە ئېسىدە ساقلىيالايدۇ. تەرجىمە قىلالمىغانلىرىنى رەت قىلىدۇ ياكى ئۇنۇتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيتىگە يەنى ئىتىقادى، گۈزەللىك قارىشى، قىممەت قارىشى، تەپەككۇر ئۇسۇلى...قاتارلىق تەرەپلەرگە دائىر سۆزلەرنى ئادەتتە بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا تەرجىمە قىلغىنى بولمايدۇ. شۇڭا پەرزەنتلىرىمىزگە مۇنداق سۆزلەرنى ئۆگەنمەك، سۆزلىمەك تەس بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇلاردىن شۇ سۆزلەر ئىپادىلىگەن مەنىلەرگە ئۇيغۇن ياشاشىنى تەلەپ قىلماق بالىغا ئەقلى ۋە روھى بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ بىز ئۇيغۇرچە ياشاۋاتقان دۇنياغا كىرىدىغان ئاچقۇچ- ئانا تىلدىن مەھرۇم. قايسى تىلدا ھوزۇر ئالساق شۇ تىلنىڭ شەيدالىرىغا ئايلىنىمىز، شۇ تىل ھەقدارلىرىنىڭ خېرىدارلىرى، سادىق ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ قالىمىز. بىزنىڭ خوجايىنلىقىمىز، مۇستەقىللىقىمىز، غۇرۇرىمىز ئانا تىل بىلەن قاشالانغان دۇنيادا تاشلىنىپ قالغان بولىدۇ. بالامنىڭ تىلى ئېنگىلىزچىگە ئۆزگىرىۋاتىدۇ دېگەنلىك، ئۇنىڭ دۇنياسى ئېنگىلىزچىگە ئۆزگىرىۋاتىدۇ دېگەنلىكتۇر. بالامنىڭ قەلبىدە ئىنگىلىزچە يارالغان دۇنيادا مۇقام بولمايدۇ، مەسجىد بولمايدۇ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بولمايدۇ، ئەكسىچە شېكىسپىر، چىركاۋ، جەز مۇزىكىسى، ئامېرىكا ئايدوللىرى-داڭدارلىرى...بولىدۇ. بىزنىڭ كۆزىمىزگە ئىسسىق كۆرۈنگەن ئەتلەس، ئاڭلىساقلا ھاياجانغا سالىدىغان تەمبۇر، قانچە كەزسەك ھارمايدىغان بازار- رەستىلەر قىزىمغا بىر قېتىملىق ساياھەت ئۈچۈن قىزىقارلىق تۇيۇلىشى مۇمكىن. بەزىدە دېمىغىمغا شۇنداق بىر شۇملۇق پۇراپ كېتىدۇ. بالامنىڭ ئامېرىكىدا ئىنگىلىزچە، جۇڭگۇدا خەنسۇچە يارىلىدىغان دۇنياسىدا ئۇيغۇرچە تونۇم بىلەن مەتۇ كۆرۈنۈپ قالارمەنمۇ دەپ ئويلاپ كېتىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.