ئەستايىدىللىق يېرىم غەلىبە

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-08 19:18:28

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} ئەستايىدىللىق يېرىم غەلىبە(ئەدەبىي خاتىرە)ئەنۋەر ئۆمەر ياغاچچىلىق قىلدىغان بىر ئۇستا

    ئەستايىدىللىق يېرىم غەلىبە
    (ئەدەبىي خاتىرە)
    ئەنۋەر ئۆمەر

      ياغاچچىلىق قىلدىغان بىر ئۇستام بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى شاگىرتى بولۇپ، چوڭ شاگىرتىنىڭ ھۈنەرگە كىرگىنىگە ئۈچ يىل، كىچىك شاگىرتىنىڭ ھۈنەرگە كىرگىنىگە بىر يېرىم يىل بولغانىدى. چوڭ شاگىرتى ئالدىراڭغۇ، قىزىققان، نېمە ئىش قىلسا قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىدىغان، كىچىك شاگىرتى مەسئۇلىيەتچان، ئەستايىدىل، بىر ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئوبدان ئويلاپ قىلىدىغان يىگىت ئىدى.
      ئۇستام ئۇلارغا بىرەر ئىش تاپىلىماقچى بولسا ئۇلارنىڭ مىجەز-قابىلىيىتىنى ئوبدان چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، چوڭ شاگىرتىغا قوپال، ئېغىر، كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى بۇيرۇپ، كىچىك شاگىرتىغا نازۇك، مۇھىم، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىشلارنى بۇيرۇيتتى.
    بۇ ئىشتىن نارازى بولغان چوڭ شاگىرتى «مەن بىخەۋەر چاغلاردا كىچىك شاگىرتىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇستامنى مېھمان قىلىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇستام ماڭا قارىغاندا كىچىك شاگىرتىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ» دەپ ئويلاپ، ئىش-ھەرىكىتىدە ياكى ئاغزاكى ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەيتتى. بۇ ھالدىن تەڭقىسلىقتا قالغان ئۇستام چوڭ شاگىرتىغا مىجەز-خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش توغرۇلۇق ئەستايىدىل نەسىھەت قىلسا قايىل بولمايتتى.
    ئۇستام كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئىككى شاگىرتىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا يېتەرلىكلا ماتېرىيال بېرىپ، بىردىن ئۈستەل ياساپ بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، پۇلىنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدى.
    چوڭ شاگىرتى ئۇستامنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئالغان ھامان، بېرىلگەن ماتېرىيالنىڭ ئوڭ-چېپىنى ئايرىماي ئۈستەل ياساشقا ئالدىراش كىرىشىپ كەتتى.
    كىچىك شاگىرتى بولسا ئاۋۋال ئۇستام بەرگەن ماتېرىيالنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ، ماتېرىيالنىڭ بىرلا ئۈستەل ياساشقا ئاران يېتىدىغانلىقىنى بىلدى-دە، ماتېريالنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ چىقىپ، بېرىلگەن قايسى ماتېرىيالنى قايسى ئورۇنغا ئىشلەتسە ماتېرىيال ئىسراپچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدى-دە، ماتېرىيالنى ئەتراپلىق ئايرىۋېلىپ ئاندىن ئۈستەل ياساشقا كىرىشتى.
    چوڭ شاگىرتى ماتېرىيال ئايرىشقا دىققەت قىلمىغان بولغاچقا، ئۈستەل ياساشقا بېرىلگەن ماتېرىيالنى يەتكۈزەلمەي ئۇستىسىدىن يەنە ماتېرىيال ئېلىپ ئۈستەلنى ياساپ پۈتكۈزدى.
    كىچىك شاگىرتى ئەتراپلىق ئويلىنىپ ئىش باشلىغانلىقى ئۈچۈن، بېرىلگەن ماتېرىيالنى دەل يەتكۈزۈپ، ئۈستەلنى ياساپ پۈتكۈزدى.
    ئىككى شاگىرت ياسىغان ئۈستەللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بازارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىپ، پۇلنى ئېلىپ ئۇستىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى.
    شاگىرتلىرىدىن پۇلنى تاپشۇرۇۋالغان ئۇستام ئۇلارغا:−مانا قاراڭلار، كىچىك شاگىرت مەن بەرگەن ماتېرىيالنى كېمىتىپ قويماي ئۈستەل ياساپ، ئۆز لايىغىدا سېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ياسىغان ئۈستىلى ئىشلىگەن ۋاقتىغا يارىشا تېگىشلىك قىممەت ياراتتى. بىراق، سېنىڭ،−دېدى چوڭ شاگىرتىغا،−ياسىغان ئۈستىلىڭ ماتېرىيال ئىسراپچىلىقى، ياسىلىشىنىڭ قوپاللىقى بىلەن كىچىك شاگىرتنىڭ ئۈستىلىنىڭ باھاسىدىن ئەرزان سېتىلدى. ياسىغان ئۈستىلىڭ ئىشلەتكەن ماتېرىيال، ئىشلىگەن ۋاقتىڭغا مۇناسىپ قىممەت يارىتالمىدى. ئەمدى چۈشەنگەنسەن؟ مەن سىلەرنى ئامراقلىقىم سەۋەبىدىن ئەمەس، سىلەرنىڭ قابىلىيىتىڭلارغا يارىشا ئىشقا قويغان. ئېسىڭدە مەھكەم تۇت! ئەستايىدىللىق يېرىم غەلىبە، بىر ئىشقا ئەستايىدىل بولغاندا، ئەتراپلىق پىكىر قىلىپ نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ، ئالدىراڭغۇ، بىر ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەندە ئادەم پۇشايماندا قالىدۇ. مانا بۇ سەۋەب ھەم نەتىجە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەنۋەر ئۆمەر