ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇمدۇ؟

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 02:31:34

ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇمدۇ؟ ئۇيغۇرلار كىتاب ئۇقۇمدۇ؟بىر چەتئەللىك ئىلىكتىر ئىنىرگىيە ئىنجىنىرى مەندىن بىر كۈنى شۇنداق ۋەزنى ئېغىر بىر سۇئال سوراپ قالدى؟مەن ئۇنىڭغا مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى سۆزلە...

    ئۇيغۇرلار كىتاپ ئوقۇمدۇ؟

     

     

         ئۇيغۇرلار كىتاب ئۇقۇمدۇ؟
     بىر چەتئەللىك ئىلىكتىر ئىنىرگىيە ئىنجىنىرى مەندىن بىر كۈنى شۇنداق ۋەزنى ئېغىر بىر سۇئال سوراپ قالدى؟مەن ئۇنىڭغا مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەردىم…
    مىلادى 1998-يىلى ئىدى. مەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمغۇ دەيمەن ھەر شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى قۇرلۇشچىلىقتا ئىشلەيتتىم يەكشەنبە چۈشتىن كىيىن دەم ئالاتتۇق…
    ئۇ ۋاقىتلاردا بىلىم ئېلىشقا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان چاغلار ئىدى. يەكشەنبە چۈشتىن كىيىن كىتابخانىغا كىرىپ كىتاب ئۇقۇپ ئۆتكۈزەتتىم.شۇنداق كۈنلەەردە دائىم ئەمدىلا 50 ياشلاردىن ئاشقان بولسىمۇ ئەمما قەددى مۈكچىيىپ70 ياشلاردەك كۆرىنىدىغان بىر كىشىنى كىتابخانىدا ئۇچرىتاتتىم ، ئۇ كىشى دائىم قايتاشىدا ئون ئونبەش پارچە كىتاب سېتىۋالاتتى،مەن ھەيران قالاتتىم ،،،،خېلى پۇلى بار ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىمۇ بىر ئىككى پارچە كىتاب ئالاتتى ،ئەمما ئۇ كىشى بەك جىق ئالاتتى ،ئالغان كىتابلىرىنىڭ ئىچىدە تارىخى ئەسەرلەر ئەدەبى ئەسەرلەر ئىجدىئائى پەن ئەسەرلىرى تەبىئى پەن ئەسەرلىرى ھىكايە چۆچەك ….. ھەممىسى بۇلاتتى، كىتابخانا پىركازچىكىدىن سورىدىم_ بۇ كىشى ھەر ھەپتە كىتاب ئالىدىكەن ھە!
    __________ۋاي ئۇكام ھەر ھەپتە ئەمەس مەن كىتاپخانىغا كەلگەن ئىككى يىلدىن بىرى دائىم بۇ كىشىنىڭ كىتاب سېتىۋېلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بۇلالايمەن دىدى…
    بىر يەكشەنبە كۈنى بۇ كىشى كىتابخانىدىن كىتاب سېتىۋېلىپ قايتىشى ئىدى …مەن ئۇ كىشىگە سالام قىلدىم __ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم چوڭ دادا
    __ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام كىتاب ئالغىلى كەلدىڭما!
    __ شۇنداق چوڭ دادا سىز بەك جىق كىتاب ئالىدىكەنسىز يىغقان كىتابلىرىڭىزنى كۈرۈپ باقسام بۇلامدۇ
    __ بالام ئەمسە مىنىڭ ئۆيۈمگە بېرىپ كىتابلىرىمنى كۆرۈپ باققىن….
    __ راستما چوڭ دادا
    __ راست بالام
    شۇنداق قىلىپ ئۇ كىشىنىڭ ئۈيىگە قاراپ ماڭدۇق ئۈيى خۇتەننىڭ يۇرۇڭقاش بازىرىدا ئىكەن،ئوي شۇنداق ئاددى ساددا ئىككى ئېغىزلا ئۆي ئىكەن ئەمما پاكىزە ئىكەن .
    ئىچكىركى ئۆيىدە بىر يۇغان كىتاپ ئۈستىلى قۇيۇلۇپتۇ بەكلا يۇغان ھەيران قالدىم ..كىتابخانىدىكى ھھەممە كىتابلار راستىنلا بوۋاينىڭ ئۆيىدىن تېپىلغۇدەك بىز كىرىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىپ بولغۇچە ھويلىدا ئەتلەس تۇقۇۋاتقان چوڭ ئانام ئالدىمىزغا قېتىق بىلەن زاغرا نان كەلتۈردى ئىشتاھا بىلەن تاماقلاندۇق بوۋاينىڭ ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن ئۇلارمۇ تاماقتا بىللە بولدى….تاماقتىن كىيىن بوۋايدىن سورىدىم..
    بوۋا ھەر يەكشەنبە كۈنى كىتاب سېتىۋالىدىكەنسىز كىتابقا بەك ئامراقكەنسىز ھە دىدىم؟
    ئاڭغىچە بوۋاي كىچىك ئوغلىنى چاقىرىپ بالام قىسقا بىر سۈرىنى قىرائەت قىلىڭە  - دىدى .
    بوۋاينىڭ كىچىك ئوغلى ئۈزىنىڭ نازۇك ئاۋازىدا سۈرە ياسىننى قىرائەت قىلدى!! قىرائەت شۇنداق مۇڭلۇق ئىدىكى تاشمۇ ئىرىپ كىتەتتى …ئۇنىڭ قىرائەت ئاۋازىدىن دەريا شىلدىرلىشىنى، قۇم بارخانلىرىنىڭ كۈچۇشىنى….مۇستەھكەم بىر خىل ئىتىقادنى…بىرخىل پاكلىقنى…ئىنسانىيەت بايقىيالايدىغان ھەممە ھەممە گۈزەللىكنى بايقىغىلى بۇلاتتى…
    قىرائەت ئاخىرلاشتى…جىمجىتلىق باشلاندى بوۋاي چوڭ ئوغلىنى چاقىردى..چوڭ ئۇغۇل شائىر ئىدى بىزگە شىئېر ئۇقۇپ بەردى.. ئوتتۇرانچى ئۇغۇل توشقان تۇتقىلى قاچقان ئىدى.

    بوۋاي گەپ باشلىدى .
    بالام تۇرمۇشۇم مۇشۇنداق سەن كۆرگەندەك نامراتلىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتىدۇ ئەمما پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم«روھى بايلىق ھەقىقى بايلىقتۇر » دىگەن مەن ھەر كۈنى دىھقانچىلىقتىن بۇشىسام باشقىلارغا مەدىكارچىلىققا ئىشلەپ بىرىمەن تاپقان پۇلۇمغا كىتاپ ئالىمەن …ئاشقان پۇلغا ئۆيگە گوش ياغ ئالىمەن …بالىلىرىمنى كۆرۈپسەن شۇنچە ئەقىللىق شۇنچە ئەدەپلىك چوڭ بۇلۇۋاتىدۇ ئەپسۇس مىنىڭ ئۇلارنى ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئۇقۇتقۇدەك پۇلۇم يوق…مىنىڭ نەچچە يىللىق ئۆمرۈم بار بۇنى خۇدا ئۈزى بىلىدۇ مەن بارغانچە ئاغرىقچان بۇلۇپ قېلىۋاتىمەن ….مەن ئۇلارغا ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمەيمەن …پەقەت ھازىر قىلالايدىغىنىم مەدىكارچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلۇمغا كىتاب ئېلىپ ئۇلارغا ئۇقۇپ بىرەلەيمەن ،ئۇلارنى مۇشۇنچىلىكلا ئۇقۇتالايمەن بوۋاي بۇ گەپلەرنى قىلىۋېتىپ يىغلاپ سالدى…ئىككى تامچە ياش بوۋاينىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ساقىلىغا سىيرىلىپ چۈشتى مىنىڭ كۆزۈمدنمۇ ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى.
    بۇنى ئاڭلىغان بۇ ئنجىنىرمۇ كۈزىگە ياش ئالدى   .

    ئۇيغۇرلار كىتاب ئۇقۇيدىكەن --- دىدى بۇ كىشى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.