دەۋا ئۈستىدىكى ئۇيغۇر خاراكتېرى(3)

يوللىغۇچى : Hatem يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-18 23:24:00

دەۋا ئۈستىدىكى ئۇيغۇر خاراكتېرى(3)ئۆمەر راخمان «سوت مەھكىمىسىنى قاپلىغان نىكاھ دىلۇلىرى» غا خۇلاسە مەلۇم ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسىدە سىتاتسىكا خىزمىتىنى قۇشۇمچە قىلىدىغان تۇنۇشۇم بىلەن پاراڭلى...

      دەۋا ئۈستىدىكى ئۇيغۇر خاراكتېرى(3)

    ئۆمەر راخمان

     «سوت مەھكىمىسىنى قاپلىغان نىكاھ دىلۇلىرى» غا  خۇلاسە


          مەلۇم ناھىيىلىك  سوت مەھكىمىسىدە سىتاتسىكا خىزمىتىنى قۇشۇمچە قىلىدىغان تۇنۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ، پاراڭ ئارىلىغىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قىسىم سىتاتىستكىلىق سانلار دېقىتىمنى قوزغىدى:

    -مەھكىمىمىزدە يىلدا قۇبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنۋاتقان ھەق تەلەپ دىلۇلىرى مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ، ئالدىنقى يىللىرى    1400 پارچىگە يەتكەن ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە نىكاھتىن ئاجرىشىش دىلۇلىرىلا 30 پىرسەنتتىن ئارتۇغراق نىسبەتنى ئېگەللەيدۇ،

    بۇ سانلارنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، سۆت مەھكىمىسى بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەق تەلەپ ماجىرالىرىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ،دائىرسى ناھايتى كەڭ . ئەدىليە ئەمىليىتى جەريانىدا  ھەق تەلەپ دىلۇلىرى خاراكتىرى بۇيىچە تۆت يۈز خىلغا يېقىن تۈرگە ئايرىلغان بۇلۇپ نىكاھتىن ئاجرىشىش دىلۇلىرى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈردىن ئىبارەت . يۇقارقى سانلارغا قارىغاندا سوت مەھكىمىسى كۈنىگە ئوتتىرا ھىساپ بىلەن  ئۈچ دىلۇنى سوت قىلغان دەپ قارىساق ئۇنىڭ ئىچىدە بىر پارچىسى نىكاھتىن ئاجرىشىش دىلۇسى بولغان .

    -ئەمەليەتتە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نىكاھ دىلۇلىرىنى ئايرىم سىتاتىسىتكا قىلساق نىسبەت ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ـ دىدى تۇنۇشۇم -  چۈنكى يۇقارقى سىتاتىسىتكا ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ دىلۇلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەنزۇلارنىڭ ھەق تەلەپ دىلۇلىرى ئۇمۇمى دىلۇ ئىچىدە 20 پىرسەنتكە يېتىدۇ ، خەنزۇلارنىڭ بۇ دىلۇلىرى ئىچىدىكى نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋالىرى 5 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ .

    بۇ تۇنۇشۇم بىلەن خېلى ئۇزۇن مۇڭداشتىم ۋە خېلى كۆپ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپتىم. 90 يىللىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا نىكاھ دىلۇلىرىنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى 50 پىرسەنىتكىمۇ يېقىنلاشقان ، ھەتتا 80-يىللار ۋە 90- يىللىرنىڭ باشلىرىدا نۇرغۇن كىشلەر «سوت مەھكىمىسى» نى نىكاھتىن ئاجراشتۇردىغان جاي دەپ چۈشەنگەن ، بۇنداق خاتا چۈشەنچىلەر شۇ ۋاقىتتا نىكاھ ماجراسىنىڭ نىسبىتىنىڭ كۆپلىگى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. قارىماققا ھازىر نىكاھ دىلۇلىرنىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەپ بۇرۇنقىغا قارىغاندا خەلىقىمىزدىكى نىكاھ ماجرالىرى ئازايغاندەك كۇرۇندۇ . ئەمەليەتتە مىقدار جەھەتتە كوپەيسە كۆپەيگەنكى قىلچە ئازلىمىغان.چۈنكى ئەشۇ 50 پىرسەنىت نىسبەتتىكى زامانلاردا سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلغان يىللىق ھەر خىل ھەق تەلەپ دەۋالىرى ئۈچ – تۆت يۈز پارچىلا بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە نىكاھ دىلۇلىرى تەخمىنەن يېرىمنى ئىگەللىگەن دەپ قارىغاندا نىكاھ دىلۇلىرى سانى150 -200  ئەتىراپىدا بولغان. بىراق ھازىرقى 30 پىرسەنىت نىسبەتتىكى نىكاھ دىلۇلىرىنىڭ يىللىق  سانى بولسا 300 پارچە ئەتىراپىدا بولغان. بۇلار پەقەت سوت مەھكىمىسىدىكى ئەھۋاللاردىن ئىبارەت بۇلۇپ نىكاھ تىزىملاش ئۇرۇنلىرىدا ئاجرىشۋاتقانلار بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بۇلىشى مۇمكىن.  دىمەك ئىقتىسات تەرەققى قىلىپ كىشلەرنىڭ ساپاسى ئۆسۋاتقان پەيىتتە نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجرالىرىمۇ كۈنسېرى كۆپەيگەن .

                يۇقارقى ئەھۋاللار مېنى خېلى ئۇزۇن ئويلاندۇردى، ئائىلە جەمىيەتتىكى ئەڭ ئاساسىلىق بىرلىك بۇلۇپ ئائىلە بولمىغان نورمال جەمىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مىللەت نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندا ھەر بىر مىللى ئائىلە مىللەتنىڭ بىر ھۈجەيرىسى بۇلۇپ بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ زەئىپ بۇلىشى ۋە بىر بىرلەپ ئۈلىشى شۇ مىللەتنىڭ زەئىپلىشىشنى ئاخىردا ئۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەپسۇسكى بىزدىكى نىكاھقا مۇناسۋەتلىك ناچار ئاڭ  ۋە ناچار ئادەتلەر ھېلىمۇ ساماندەك مەۋجۇت. بۇ خىل ناچار ئەھۋاللارنىڭ نەتىنجىسى ۋە ئىككىلەمچى ھاسىلاتلىرى ھازىر ۋە كېيىنكى نەچچە ئەۋلاتلىرىمىزغىچە مىللەت ئوبرازىنى ۋە ئىستىقبالىنى چىرىتىشكە قادىر بولماقتا ۋە بولالايدۇ.

             ئالدى بىلەن مىللىتىمىزدىكى نىكاھلىنىش ئالدىدىكى ئەھۋاللار توغرۇلۇق سۆزلىسەك : كەڭ يېزىلىرىمىزدا يەنىلا، ئالدى بىلەن چوڭلارنىڭ مۇناسىۋەتلىشىشى ئارقىلىق نىكاھنى بىكىتىش ئەھۋاللىرى ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت، ياشلىغى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش قىز يىگىتلەر قارشى تەرەپنى چۈشەنمەي تۇرۇپلا ئىختىيارسىز ھالدا بۇ ئالدىن بىكىتىلىپ بۇلۇنغان نىكاھقا قۇشۇلىدۇ ، بەزىللىرى ھەتتا مەجبۇر قىلىندۇ. ئەلۋەتتە ئۆزلىرى تۇنۇشۇپ توي قىلىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس بىراق مەھەللىنىڭ بۇ تەرپىدىكى بىر كىچىككىنە يېڭىلىق ھەش-پەش دىگۈچە مەھەللىنىڭ ئۇ تەرپىگە يەتكۈزۈلۈپ بۇلۇندىغان سەھرا يېرىدە بۇنداق ئۆزلىرى تۇنۇشقانلارنىڭ بىر بىرىنى چۈشۈنۈش پۇرسىتى قانچىلىك دەيسىز؟. يېزىللىرىمىزدىكى ئەنە شۇنداق ۋۇجۇتقا كەلگەن بۇ يېڭى ئائىلىلەر بارلىققا كەلگەن كۈنىدىن باشلاپلا نامىراتلىق، بىر -بىرىنى چۈشەنمەسلىك، چوڭ قورودىكى ئۇششاق زىدىيەتلەر ، قۇدىلار مۇناسىۋىتى قاتارلىق خىلمۇ خىل  مىنالارنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرۇدۇ. بۇ مىنلارغا دەسسەپ سالغان ھامان  پارتىلاپ ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشغا يول ھازىرلايدۇ. .نىكاھلىنىش يېشىغا ئەمدىلا توشقان بالىلارنى «ئويلەپ قويالمىدى» ياكى  «ئولتۇرۇپ قالدى» دىگەن ناملارنى ئېلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، دەرھال تويىنى قىلىپ قۇيۇشتەك ئەھۋاللار قۇشۇلۇپ بالدۇر نىكاھلانغان بۇ تەجىربىسىزلەرنىڭ بۇ مىنالارغا دەسسەپ سېلىشى خەۋىپى تېخىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن بۇلۇپ قالىدۇ.

    يېزىللىرىمىزنىڭ ئەكسىچە شەھەر-بازارلىرىمىزدا «مۇھەببەتلىشىپ» توي قىلىش ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە مودا ئېقىمغا ئايلاندى، بىراق مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر  ياشلىرىمىزنىڭ مۇھەببەت ئوبېيكىت تاللاش ئۇسۇلى كىشىنى ئويغا سالىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ياشلىرىمىز مۇھەببەتلىشىشتە ھەرقاچان ھىسياتنى ئەقىلنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ كەلمەكتە ، بۇ بىزگە ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ئۇدۇم بولسا كېرەك. چۈنكى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبمىزدىكى ھىسياتلىرىمىز ھەرقاچان ئىچىمىزدىن سىرتىمىزغىچە لاۋۇلداپ تۇردۇ. بۇنداق خاراكتىر شەخىس نۇقتىسىدىن ئالغاندا تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ. لېكىن جەمىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا كىشلەرنىڭ مىللەت ئىستىقبالى ۋە ئورتاق مەنپەت  يۈزسىدىن ئۇيۇشۇشچانلىغىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ شەخىس سۈپىتىدە مەردانە ۋە سۈيۈملۈك ، مىللەت سۈپىتىدە زەئىپ بۇلىشىنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇنىڭدىن بولسا كېرەك.

    شەھەردىكى ياشلىرىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق خاراكتىرى ئارقىسىدا، ئۆزلىرىگە جورا تاللاشتا ئۆز ھىسياتىنى بىردىن بىر ئۆلچەم قىلغاچقا بۈگۈنكى كۈندە بىر دەم ئۇنىڭ بىلەن بىر دەم بۇنىڭ بىلەن مۇھاببەتلىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۇمۇيۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانغان. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مۇشۇنداق يىنىكلىك بىلەن مۇھاببەتلىشىپ نىكاھلانغانلارنىڭ  ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقۇمسىزلىغىدىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە.  خەلقىمىز ئەۋلاتمۇ -ئەۋلات مەدھىيەلەپ كەلگەن پەرھاد -شېرىن ، غېرىپ -سەنەم ، تاھىر -زۆھرەلەرنىڭ ئەمەلى شارائىتقا باقمىغان مەغلۇبىيەتلىك مۇھەببەت داستانلىرىدىكى روھى ئەندىزە ھازىرمۇ بىزنىڭ ئۈلگىمىز بۇلۇپ كەلمەكتە. مۇھاببەت تەرىپلەشكە تېگىشلىك ياخشى نەرسە، بىراق باشقا ھەرقانداق شارائىتلارنى ئويلاشماستىن پەقەت مۇھاببەت ئۈستىگىلا قۇرۇلغان ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش بۈگۈنكى كۈندە قىيىن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ياشلىرىمىزنىڭ ئەمەليەتلىرىدىن ساپ ھىسياتقا تولغان مۇھاببەتنى ئەمەس بەلكى قانداقتۇر ئۇزۇنغا بارمايدىغان تەنتەك ھىسياتنى ھىس قىلماقتىمىز.

       يۇقارقى ئەھۋاللاردىن قارىساق شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ نىكاھ ۋە مۇھاببەتكە بولغان مۇئامىلىسىدىكى ئاسمان زىمىن پەرقىنى ھىس قىلۋالالايمىز .كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغىنى بۇنداق ئىككى قۇتۇپنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ياخشىلىقتىن بىشارەت بەرمەيدىغانلىغىدىن ئىبارەت. بۇ خۇددى شەھەرلىكلەر قېيىقنىڭ ئۇچىغا چىقۋئېلىپ، يېزىلىقلار قېيىقنىڭ قۇيرىغىدا ئولتۇرۋالغاندەك ئىش بۇلۇپ تەڭپۇڭلىغىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولغان قېيىقنىڭ ئوتتۇرسى بوش قالغان.

       مىللىتىمىزدىكى توي ۋە نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇش ھەققىدە سۆز ئاچقىنىمىزدا يەنىلا توي ھەشەمەتچىلىگى ھەققىدە سۆزلىمەي تۇرالمايمىز، نەشىر ئەپكارلىرى ۋە تەشۋىقات ۋاستىللىرى ھەشەمەتلىك توي ئىسراپچىلىغىنى ھەر قانچە تەنقىت قىلسىمۇ ئۇ يەنىلا ۋابادەك توختىماي كېڭەيمەكتە ۋە بارغانسېرى ھەشەمەتلەشمەكتە .شەھەرلىرىمىزدىكى بۇنداق ئېقىمغا جۈر بۇلۇپ كەڭ يېزىللىرىمىزدىكى توي ھەشەمەتچىلىكلىرىمۇ راسسا ئەۋىجگە چىقماقتا، ھەتتا شەھەرلىكلەرنى تاڭ قالدۇرماقتا. ئەپسۇسكى بۇنىڭ ئەڭ ئالدىدا زىيىنىغا ئۇچۇرغۇچىلار بىچارە يېڭى تۇرمۇش قۇرۇغۇچىلاردىن ئىبارەت بولۇپ ، ئېغىر توي چىقىمى مۇستەققىل تۇرمۇشىنى ئەمدىلا باشلىغان ياشلىرىمىزنى ھەشەمەتچىلىك پەيدا قىلغان قىسىنچىلىقلارنى توگۈتۈش ئاۋارچىلىقىغا مۇپتىلا قىلىدۇ. نەتىنجىدە بۇ يېڭى ئائىلە قۇرۇلغان كۈنىدىن باشلاپلا ئىشنى داغدام كەلگۈسىگە يۇزلىنىشتىن ئەمەس بەلكى ئۆتمۇشنىڭ ساقىندىللىرىنى ئېرىغداشتىن باشلايدۇ . ئاتا –ئانىلار نەچچە ئونمىڭ يۇەننى توي يۈزىسىدىن خەجلەپ تۈگۈتىۋېتىشكە رازىكى، بۇ پۇلنى تېجەپ قېلىپ يېڭى تۇرمۇش قۇرىغان پەرزەنىتلەرنىڭ بىرەر ئىشنى باشلىۋېلىشى ئۈچۈن مەبلەغ قىلىپ بېرىشكە رازى ئەمەس.

       ھازىر ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ خىزمەت تاپالماي  ياكى بىرەر ئىش قىلاي دىسە مەبلەغ تاپالماي لاغايلاپ يۇرۋاتقان ياشلىرىمىز يۇرت يۇرتلاردا ساماندەك .ئەنە شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئۆرپ -ئادەتلىرىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىى ئاستىدىكى جاپاكەش ئاتا - ئانىللىرىمىزنىڭ ئولتۇرسا قوپسا ئويلايدىغىنى ئەشۇ پەرزەنىتلەرنىڭ تويىنى «لايىغىدا» قىلىپ قويۇشتىن ئىبارەت . ئالى مەكتەپلەرگە بارالماي قالغان كەڭ ياشلىرىمىزمۇ بۇ  خىل كۈڭۈل بۈلۈشتىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە .

     ئەنە شۇنداق ھەشەمەتلىك تويدىن باشلانغان يېڭى تۇرمۇش بىلەن تەڭ سۆرىلىپ كېلىدىغىنى نامىراتلىق ۋە تەڭقىسلىقتىن ئىبارەت بۇلۇپ بۇنداق تۇنجى قەدەمدىن باشلاپلا مۇدرەپ ماڭغان ئائىلىگە باشتىلا مۇقۇمسىزلىق مۆھۈرى بېسىلغان بولىدۇ.

    بىز يۇقۇردا سۆزلەپ ئۆتكەن بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ھىكايىمىزدا ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ناچار خاھىشلارنى ئىپادىلەپ ئۆتتۇق. بۇ خىل خاھىشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىك بولغىنى نىكاھلانغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئەر -ئايال مۇناسىۋىتىگە «ئارلىشۋېلىش»شى بۇلۇپ بۇنداق ئارلىشۋېلىشنى نىكاھقا چۈشكەن مىتە قۇرۇت دەپ ئاتىساق ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. كەڭ يېزىللىرىمىزدىكى چوڭ قورولار ( يېزىلاردا توي قىلىپ بولغان پەرزەنتلەر بىلەن بىر قورودا ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن كۆپ ) بۇنداق ئارلىشۋېلىشقا ئىنتايىن ئەپلىك بۇلۇپ ھەتتا ئۇنداق خاھىشى بولمىغانلارنىمۇ ئىختىيارسىز «ئارلىشىشقا » ئىشتىراك قىلغۇزىدۇ. مىڭ يىللاردىن بېرى ساقلىنىپ كېلۋاتقان «چوڭ قورو » تۈزۈلمىسى ئۆزىگە ماس ھالدىكى بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن بۇلۇپ بۇ خىل ئادەت كۆزقاراشلىرىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلاردىكى جەمەت مۇناسىۋىتىدە چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىگە چات كىرىۋېلىشى قانۇنلۇق ( ئادەت قانۇنىغا قارىتىلغان ) ئۇرۇنغا ئىگە بولغان. بۇ خىل ئادەت ئېڭىنىڭ تەسىرىدە يېزىلاردا نىكاھ چوڭلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ۋۇجۇتقا چىقىپ  تويدىن كېيىن ئەر ۈئايالنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ. يەنە شۇ‹ چوڭ قورو› ئادەت ئېڭىنىڭ تەسەرىدە ئوغۇل -قىزلار بالاغەتكە يەتسىمۇ مۇستەققىل ياشاش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولالمايدۇ. يۆلۈنۈپ ياشاش، ئاتا –ئانىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مەشغۇلات قىلىشقا ئادەتلىنىش نەتىنجىسىدە بۇ تەندۇرۇس ئەر –ئاياللار ئۆز ئائىلىسىنىڭ تىزگىنىنى ئىختىيارلىغى بىلەن چوڭ ياشتىكى تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. يېزىلاردىكى ئائىلىگە قارىتىلغان ھۆددىگەرلىك تۈزۈلمىسى بىر ئائىلە ئەزالىرىنى يەر ئارقىلىق بىر بىرىگە تېخىمۇ مەھكەم باغلاپ  بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ مۇستەققىل ياشاش ئىمكانىيىتىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇدۇ.ئاقىۋەتتە بىر جۈپ ئەر -ئايال ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بارلىق ئۇرۇغ تۇققانلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىدۇ .ئەلۋەتتە بۇ مۇناسىۋەت تورىدىكىلەر قانچە كۆپ بولسا ئائىلە شۇنچە تۇراقسىز بولىدۇ. بەزىلەر بۇ خىل ئادەتلەرنى تۇققانلار ئارىسىدىكى مىھرى مۇھاببەتنى ساقلاشقا پايدىلىق دەپ قارىشى مۇمكىن، مېنىڭچە ئەسلىدىنلا مىھرى-مۇھابىتى مەۋجۇت بىر ئائىلە ( جەمەت ) ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆزلىرىنىڭ شەخسى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى مۇستەققىل بىر تەرەپ قىلىشى، ھەرگىز ئارىدىكى مىھرى مۇھاببەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ .

    شەھەرلىرىمىزگە كەلسەك نۇپۇس كۆپۈيۈش ۋە ئولتۇراق يەر قىسچىلىغى سەۋەپلىك تارىختىن بۇيان مەۋجۇت «چوڭ قورو» لار كىچىكلەپ كۆپ ئائىلىنى سىغدۇرالمىغاچقا بىرلا ئائىلىلىك « ئۆي » لەرگە ئۇرۇن بوشاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولدى . بىراق ئاللىمۇقاچان ئادەتكە ئايلىنىپ بولغان «چوڭ قورو» كۆزقارىشى ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ كۆزقاراشلارنىڭ تەسىرىدە يۇقارقىدەك نىكاھقا ئارلىشىش ئەھۋاللىرى داۋاملىق يۈز بېرۋاتىدۇ.

    يۇقارقىلار ئادەتلىرىمىزدىكى بىر قەدەر ئۇمۇميۈزلۈك بولغان ئەھۋالاتلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ ئۇندىن باشقا يەنە خەلقىمىزدە بىر قىسىم نىكاھ مۇددىالىرىغا يات ئىشلارمۇ پات پات يۈز بەرمەكتە، مەسلەن بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى مەن مەلۈم بىر دىلۇدا دەلىل ئىسپات ئىگەللەش ئۈچۈن يېزىدىكى بىر كەنىتكە باردىم، تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن كەنىت مۇدىرى بىلەن تاغدىن باغدىن پاراڭلىشۋېتىپ يەنە نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەھۋاللىرى توغرىلىق سۆزلىشىپ قالدۇق :

                - بىزنىڭ كەنىتتىمۇ نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋە يارىشىش ئەھۋاللىرى كۆپ –دەپ سۆزلەپ بەردى كەنىت مۇدىرى- كۈپۈنچە ئەرلەر كۈزدە خۇتۇنلىرىنى قويۋېتىدۇ ، باھاردا يەنە يېنىشۋالىدۇ ياكى باشقا خۇتۇن ئالىدۇ...

                - قىززىق گەپكەنغۇ بۇ، خۇتۇن ئېلىش بىلەن قويۇپ بېرىشمۇ پەسىل خاراكتېرلىك بولامدىكەن-سورىدىم مەن چۈشەنمەي.

                -بەزى دېھقانلار كۈزدە كۆپرەك ھۇسۇل ئېلىپ يەنچۇقلىرى پۇل كۆرگەندە خۇتۇنلىرىدىن چانىدۇ ۋە بىر ئامال بىلەن خۇتۇنىنى قۇيۇپ بېرىدۇ ،ئاندىن باشقا ئاياللار بىلەن پۈتۈشۈپ توي قىلغىچە باھارمۇ كېلىپ قالىدۇ. باشقىدىن توي قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلىرى باھاردا باشلانغان تېرىلغۇ جىددىچىلىگىدە ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بۇلۇپ قالىدۇ-دە خوتۇنى بىلەن يارىشۋالىدۇ.....

             توۋا ! –دىدىم ئىچىمدە . ئەلۋەتتە بۇ  ئۇمۇيۈزلۈك بولمىغان ئايرىم بىر ئەھۋال، لېكىن بىز بىلمەيدىغان مۇشۇنداق ئۆزگىچىلىككە ئىگە «ئايرىم» ئەھۋاللار يەنە قانچىلىك ؟ ئۈچۈنچى  ھىكايىمىزدە سۆزلەنگەن نىكاھپۇرۇشلۇقمۇ قارىماققا ئايرىم ئەھۋالدەك كۈرۈنىدۇ، لېكىن بىز مۇشۇ خىلدىكى ئايرىم ئەھۋاللارنى تەھلىل قىلغىنىمىزدا بىر ئورتاقلىقنى ھىس قىلالايمىز يەنى ئۇيغۇرلىرىمىز ئېڭىدىكى «ئائىلە» ۋە «نىكاھ» دىگەن ئۇقۇملارنىڭ تولىمۇ ئاجىز ئۇرۇندا ئىكەنلىگىنى ھىس قىلالايمىز. نىكاھ بىلەن پەلتونىڭ سېلىشتۇرمىسى بىزگە ئېڭىمىزدىكى نىكاھنىڭ قىممىتىنى تۇرغۇزۇپ بېرىدۇ.

            يۇقۇردا بايان قىلىپ ئۆتكەن بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاند ئۇيغۇر ئائىلىلىرى تولىمۇ تۇراقسىز بۇلۇپ بۇ  نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆپيىشىگە سەۋەپ بولماقتا . ئۇندىن سىرىت ئېڭىمىزدىكى نىكاھ قەدىرىنىڭ تولىمۇ تۆۋەن بولغانلىغى سەۋەبىدىن چىرايلىقچە ئاجرىشالماي ھە دىسە سوت مەھكىمىسىگە يۈگرەۋاتىمىز، بۇ سەۋەپلەردىن بىز ئېرىشۋاتقان سەلبى ھاسىلاتلار ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە :

          ئالدى بىلەن ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشى جەمىيەتتىكى قانۇنغا خىلاپ ۋە ئەخلاققا يات ئىشلارنىڭ كۆپۈيۈشىنىڭ ئالدىنقى مەنبەسى دەپ قارىساق ھەرگىز ئارتۇقچە كەتمەيدۇ. كۆپلىگەن پاكىتلار بىزگە بۇنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە، مىللەت تارىخىدا ئەزەلدىن كۈرۈلمىگەن  بىزگە يات ئۇيغۇر پاھىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىنى نىكاھى بۇزۇلغان ئائىلىلەردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . ئۇيغۇرلاردىكى تۈگىمەس نامىراتلىقنىڭ مۇھىم بىر مەنبەسىنى تەكرار نىكاھلىنىپ بۇزۇپ چېچىشتىن ۋە ئائىلىگە بولغان مەسۇلىيەتچانلىقنىڭ كەملىگىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مىللەت ساپاسىنىڭ ھېلىھەم تۆۋەن بۇلىشى ، بالىلارنىڭ ئۇقۇشسىز قېلىشى، ئۇقۇشتىكى بالىلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ  ئۇقۇش نەتىنجىسىنىڭ ناچار بۇلىشى قاتارلىقلارنىمۇ ئائىلە مۇناسۋىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ جەمىيەتكە ئەمەس تۈرمىلەرگە يول ئېلىشلىرنىمۇ شۇنىڭدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ........

           نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ زىيانلىرىنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ كۆپچىلىك ئەنئەنىۋى ئادىتىمىز بويىچە ئۇنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغان ئىش دەپ قارىلدىغانلىغىدىن خەۋارداردۇر. لېكىن يەنىلا سۆزلىمىسەك بولمايدىغان يېرى ئۇنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرغا تەسىر كۆرسۈتىدىغانلىغىدا ، ئەۋلاتلىرىمىز قېتىغا نىكاھى بۇزۇلغان ئائىلىلەرنىڭ مىۋىسى بولغان ،بىر بۇلۇك ئەخلەت ئەۋلاتنىڭ قۇشۇلۇپ ،كەلگۈسىگە يول ئېلىشىغا قاراپ تۇرۇش تولىمۇ بىچارىلىقتۇر.

            شۇڭا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلاپ قىلىنغان نىكاھنى قەدىرلەش ھەر بىرىمىزنىڭ مەجبۇريىتىدۇر.

    ئاگاھ : بۇ تېمىنى ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا ھەرقانداق تور بېكەت ۋە نەشىر ئەپكارلىرىدا كۈچۈرۈپ ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.