قەرز ئېلىش

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-05-21 15:12:01

دېمەك، باشقۇرغۇچىنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتى، پاراسىتى ۋە كەسپىي تەربىيەلىنىشى ئۇنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ قانداقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادىمىيلىك خىسلىتى كۈچلۈك رەھبەرنىڭ كەينىدە بارلىقىنى كوللېكتىپقا بېغىشلايدىغان خىزمەتچىلەر بولىدۇ.

     
    قەرز ئېلىش
    رۇخسارى ئابدۇرېشىت

    «خەيئېر» گۇرۇھى دۇنيادىكى چوڭ ئائىلە ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ بىرى، 1984-يىلى جۇڭگونىڭ چىڭداۋ شەھىردە قۇرۇلغان. ھازىر بۇ گۇرۇھنىڭ دۇنيادا 21 سائەت رايونى، بەش تەتقىقات مەركىزى، 19 چەتئەل سودا شىركىتى، 80 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى بار، يىللىق تىجارەت سوممىسى 163 مىليارد يۈەن، شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ رۇيمىن. ئۇ باشقۇرغۇچىلارغا دائىم مۇنداق دەيدۇ:«خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىدە كارخانا بولۇش ئۈچۈن، باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە خىزمەتچىلەر بولۇشى كېرەك، خىزمەتچىلەر كارخانىنى ياخشى كۆرسۇن دېسەك، كارخانا رەھبەرلىرى ئالدى بىلەن خىزمەتچىلەرنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك».
    1984-يىلى «خەيئېر» گۇرۇھى زىيان تارتىپ، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى، شۇڭا شۇ يىلى 1-ئايدا جاڭ رۇيمىن يېڭى يىلنى كۆڭلى غەش ھالەتتە ئۆتكۈزدى. قېرىنشقاندەك چاغان يېقىنلاپ قالغاچقا، ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ بىئارام بولدى. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىشقىمۇ پۇل يوق تۇرسا، پاراۋانلىقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان كارخانىغا بانكىمۇ قەرز پۇل بېرىشنى رەت قىلاتتى.
    بىراق جاڭ رۇيمىن بەل قويۇۋەتمىدى. ئەينى يىلى يېزىلاردا ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولغاچقا، يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئازراق پۇل بولىدىغانلىقىنى جاڭ رۇيمىن ئوبداق بىلەتتى. شۇڭا ئۇ قوشنا داشەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىنى تېپىپ، ئازراق قەرز ئېلىپ قىيىن ئۆتكەلدىن
     ئۆتۈۋېلىش كويىغا كىردى. ئۇنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئىلتىجا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن شۇجى تۇرۇپلا تەسىرلىنىپ، چاغانغا ئۈچ كۈن قالغاندا «خەيئېر» شىركىتىگە قەرز بەردى. «خەيئېر» نىڭ مالىيە بۆلۈم باشلىقى يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن پۇلنى ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتكە بېسىپ، زاۋۇتقا كېلىپلا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە مائاش ۋە بەش جىڭدىن تاسما بېلىق تارقاتتى. جاڭ رۇيمىننىڭ قەرز ئېلىپ بولسىمۇ مائاش تارقاتقانلىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەسىرلەندۈردى، ئۇلار «باشلىق قەرز ئېلىپ مائاش بېرىۋاتسا، بىز قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئىشلىمىسەك بولامدۇ؟» دەپ ئىگىلىك تىكلەش يولىدا قان-تەر ئاققۇزۇشقا ھازىرلىنىشتى.
    دېمەك، باشقۇرغۇچىنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتى، پاراسىتى ۋە كەسپىي تەربىيەلىنىشى ئۇنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ قانداقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادىمىيلىك خىسلىتى كۈچلۈك رەھبەرنىڭ كەينىدە بارلىقىنى كوللېكتىپقا بېغىشلايدىغان خىزمەتچىلەر بولىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، باشقۇرغۇچىلار قىيىنچىلىق ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا ئۆتۈشى، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى بىلىشى، ئاكتىپ روھى ھالەت ۋە يوشۇرۇن تەسىر كۈچى ھازىرلىشى كېرەك.
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى. 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كارخانا