ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم (ئاسىيە ئەخەت)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-10 12:51:06

ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم ئاسىيە ئەخەت جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە تۇتىدىغان ئورنىدىمۇ ئۈزلۈكسىز زور ئۆزگىرىشلەر بولدى ھەم بولىۋ...

    ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

    ئاسىيە ئەخەت

        جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە تۇتىدىغان ئورنىدىمۇ ئۈزلۈكسىز زور ئۆزگىرىشلەر  بولدى ھەم بولىۋاتىدۇ. بۇنى ئاياللارنىڭ ھەر خىل جامائەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى، بارا - بارا ئەرلەر بىلەن ھەر خىل ھوقۇق، ئىمتىيازلاردىن تەڭ بەھرىمان بولۇشى، ئاۋۋالقى ئۆيدە  بالا بېقىش، ئائىلە ئىشلىرىنىلا قىلىشتىن ھازىرقىدەك جەمئىيەتكە چىقىپ خىزمەت قىلىشى... قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. دېمەك ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە پۈتكۈل دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. ھەر خىل سىياسەت - تۈزۈملەر ئارقىلىق ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ھوقۇق - ئىمتىيازلارنىڭ  ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىز - ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىدىكى رولى قانداق بولىۋاتىدۇ؟
       ئۇيغۇرلار ئەزەلدىنلا ئەدەپ - ئەخلاققا، ھەر خىل قائىدە - يوسۇنلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن مىللەت. ئەدەپ - ئەخلاق تەربىيىسىدە قىز - ئاياللارغا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. گەرچە قەدىمكى دەۋرلەردە ئاياللارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، ھازىرقىدەك ئەركىن مۇھەببەتلىشىش، ئەرلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇپ قاتارلىق ئەركىنلىكلىرى ئاساسىي جەھەتتىن يوق بولسىمۇ، لېكىن ئەدەپ - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇن تەربىيىسى قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «مەدەنىيەتلىك مىللەت» بولۇپ ئاتىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.

        ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرى كىشىلىك مۇناسىۋەت، گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەت، ئۆي تۇتۇش، بالا تەربىيىلەشتىن تارتىپ تۇرمۇشتىكى قائىدە - يوسۇن ھەتتا ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغىچە  ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى تاماق تۆشۈكلىرىگە ئۇستا، ئۆي تۇتۇشتا پاكىز، رەتلىك بولۇشنى بىلمىسە ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى خوتۇن، ياخشى ئانا، باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ياخشى ئايال، ياخشى كېلىن... بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. بالىلارنىڭ ئەدەپ - ئەخلاقسىز بولۇشىمۇ ئاتا - ئانىنىڭ، بولۇپمۇ ئانىنىڭ تەربىيىسىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىدىن دەپ قارىلىدۇ. سۆز - ھەرىكەتلەردە سىلىق - سىپايە بولۇش، يۈرۈش - تۇرۇشتا پەردىشەپكە دىققەت قىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، يات ئەرلەر بار يەردە چاچ تارىماسلىق، بېشىغا ياغلىق چىگىش، كالتە، نېپىز، بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك، چوڭلار بار سورۇندا پۇتلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئولتۇرماسلىق، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىمەسلىك، كۈلمەسلىك، ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇپ ئۆي ئىچى ۋە سىرتىنى پاكىزە تازىلاش، ناماز ئوقۇش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ناشتىلىقلىرىنى تەييارلاش... ئىشقىلىپ نۇرغۇن  - نۇرغۇن ئەخلاق مىزانلىرىمىز بار... قائىدە - يوسۇن ئىشلىرىدا بولسا، ئاياللار تېخىمۇ مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن. ئۇرۇغ - تۇغقان، دوست - بۇرادەر، قۇلۇم - قۇشنا، يىراق - يېقىندىكى بېرىم - كېلىملەر، توي - تۆكۈن، نەزىر چىراغ... قاتارلىق ئىشلاردىكى قائىدە - يوسۇن «ۋەزىپە»لىرى ئاياللارنىڭ زېممىسىگە يۈكلەنگەن. بۇ «ۋەزىپىلەر»نىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئاياللار كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. دېمەك بىر ئائىلىنىڭ ئەل - جامائەت ئىچىدىكى ئىززەت - ئابرويى، بالىلارنىڭ ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولۇش - بولماسلىقى ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن ئىشلار يەنىلا ئاياللارغا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا خەلقىمىزدە «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەندەك ماقال - تەمسىللەر تارقالغان بولسا كېرەك.

       دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشىغىلا ئەمەس بەلكى يەنە ئىدىيىسىگىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. قىسقىسى، ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ ئۆيلىرىدىن چىقىپ جەمئىيەتكە يۈزلەندى، خىزمەت قىلدى، ئوقۇدى، تىجارەت قىلدى... دېمەك بىر تۈركۈم كەسپىي ئاياللار ئاستا - ئاستا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ناھايىتى زور بىر قوشۇن بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىدى. دېمەك، كەسىپلىشىشتىن ئىبارەت بۇ يېكى يۈزلىنىش ئاياللىرىمىزنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. ئەمدىلىكتە ئاياللار ئائىلە ئىشلىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى سىرتتىكى خىزمەت، ھەر خىل كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقىشى كېرەك. گەرچە بىرقىسىم  ئاياللىرىمىز يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىدىن چەتنەپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى ئىجادكارلىق روھىغا «باي» ئاياللىرىمىز ئەنئەنىۋى ئەخلاق - قائىدىلەرنى ئاستا - ئاستا «دەۋر قەدىمىگە» ماسلاشتۇرۇپ، «يېڭىچە قىياپەت» بىلەن «زامانىۋىيلىشىش»قا قاراپ يۈزلەندى.
    ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ئەڭ كەڭ دائىرىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نېمە ئۈچۈندۇر ئاياللىرىمىز جىسمىدىن ئاۋۋالقى دەۋرلەردە پەزىلەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سىماسىنى تاپالمايدىغان بولۇپ قالدۇق. ئۇلارنىڭ ئورنىغا كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغىنى ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرىمىزغا يات بولغان ناتونۇش چىرايلار، چەكتىن ئاشقان مېھماندارچىلىق، بۇزۇپ - چېچىشلار، تەبىئىتىمىزگە يات بولغان قىلىقسىزلىقلار.

       ئايدىن - ئايغا توي - تۆكۈن، قائىدىلەرنىڭ جىقلىقىدىن بىر - بىرىگە ئۇلاشمايدىغان مائاشلار، سورۇنلاردا بىر - بىرىدىن ئۈستۈنلۈك تالىشىپ، پۇزۇر ياسانغان، ھاراقنى ئەرلىرى بىلەن بەسلىشىپ تۇرۇپ ئىچىپ، ئالا - تاغىل توۋلاپ كەيپىيات قوغلىشىدىغان  ئاياللار، يالغۇز ئۆيدە قورقۇمسىراپ ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلاۋاتقان بىچارە بالا، خوتۇنىنىڭ تۈگىمەس سورۇنلىرىدىن، ئۆيگە كەچ قايتىشلىرىدىن غەزەبلەنگەن ئەر، ياشلارنىڭ ھازىرقى بەدخەجلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ جاپالىق ئۆتكەن ياشلىق چاغلىرىغا سېلىشتۇرۇپ خۇرسىنىۋاتقان بوۋاي - مومايلار... مانا بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرەرسى ياكى ھەممىسى ھەر بىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بېرىپ باققان كۆرۈنۈشلەر.

       كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت ئالدىدا تېڭىرقاش، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلۇش ۋەزىيىتى ئاستىدا «ئىقتىدارسىزلىقى» تۈپەيلىدىن ئىشسىز قىلىش، تۈگىمەس ئويۇن - تاماشالار سەۋەبلىك بەختلىك ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى، بالىلارنىڭ مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە مۇھىتىدا ياخشى تەربىيىگە ئىگە بولالمىغانلىقى سەۋەبلىك يامان يولغا كىرىپ قېلىشى ياكى ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىۋېلىشى، ياشانغان ئاتا - ئانىلارنىڭ يارامسىز ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن ئۆز - ئۆزىنى ئەيىبلىشى نەتىجىسىدە  ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى خاتىرجەملىكتىنمۇ مەھرۇم قىلىشلىرى مانا بۇلار ھازىرقى مەسئۇلىيەتسىزلىكىمىز تۈپەيلى كەلگۈسىدە پۈتكۈل ھاياتىمىز بىلەن تۆلەيدىغان ئېغىر بەدەل!
    كونىلار ئېيتقاندەك «كۈننىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ». گەرچە ھازىر نۇرغۇن نەرسىلەر تۇرمۇشىمىزدىكى يېڭى شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنى ئۆزىگە رام قىلىۋالسىمۇ، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىمىز يەنىلا مەلۇم بىر مەزگىللىك بولۇپ قالىدۇ. بىزدە ئۇنتۇلبۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇرىدىغىنى يەنىلا ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ قەدىمىي نەرسىلەر خالاس.

        توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ، ھەر خىل بىرىم - كېلىملەر ئەسلىدە خەلقىمىزنىڭ ئىجىل - ئىناق ياشىشىدىكى ۋاسىتە ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇ «ئىقتىدارلىق» ئاياللىرىمىز تەرىپىدىن «ئىسلاھ ۋە تەرەققىي» قىلدۇرۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە مەنسەپ - مەرتىۋە، ئابروي، ئۈستۈنلۈك تالىشىشنىڭ ۋاستىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ئەپسۇس، ئۇلار ئاشۇ ئىقتىدارىنى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئەۋلاتلارنى ياخشى تەربىيىلەشكە قاراتقان بولسا، ئۇ چاغدىكى ئۇيغۇر  جەمئىيىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئاجايىپ سۆيۈندۈرگەن بولاتتى.
    بەزىدە روھىيىتىمىزدە ئاجايىپ بىر خخل بۇرۇختۇرمىلىقنىڭ بارلىقىنى بايمايقىز. ھايات مەنزىللىرىدە بىز ئۈچۈن قىلچە ئەھمىيەتسىز بولغان بىرقىسىم يۈكلەرنى مەجبۇرىي ھالدا يەلكىمىزگە ئارتىۋېلىپ، ئۆزىمىزنىمۇ سەپەرداشلىرىمىزنىمۇ ھاردۇرىۋېتىمىز. ئەمما قانداقتۇر بۇ يۈكنى يەلكىمىزدىن چۆرىۋېتىپ ياشاپ بېقىشنى خىيالىمىزغىمۇ كەلتۈرمەيمىز. ئاقىۋەتتە تۆلىگەن بۇ بەدىلىمىزنىڭ ئورنىغا ئائىلىدىكى ئىناقسىزلىىق، ئاتا - ئانىلىرىمىزنىڭ نارازىلىقى، بالىلىرىمىزنىڭ ئاغرىنىشلىلىرى، يەنە «ھەشەمەتخور خوتۇنلار» تەرىپىدىن كىيگەن كىيىمىمىز، تاقىغان زىبۇ - زىننەتلىرىمىز، داستىخاندىكى ئاللىقانداق مەرتلىكلىرىمىز، ئەرلەرنى بېسىپ چۈشكۈدەك «شوخلۇق»لىرىمىز بىلەن مەنسەپ قاتلاملىرىغا ئايرىلىپ قېلىشلىرىمىز كىشىنىڭ قورسىقىنى كۆپتۈرىدۇ.
    «دۇنيادا سورىقى يوق ئىش بولمايدۇ» دەيدۇ كونىلار. دېمەك، ياشاشنىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆمرىدە قىلغان ھەر بىر ئىشى ئۈچۈن مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ھەر بىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا «ئاياللار مىللەتنىڭ ئانىسى» دېگەن بۇ سۆز يات ئاڭلانمىسا كېرەك. ئەمما بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ئاياللارنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان ئاياللر ئارىمىزدا ئانچە كۆپ ئەمەس.

        نەزەر - دىققىتىمىزنى ھەشەمەتخورلۇق، ئىسراپخورلۇق بىلەنت ولغان بەزمە سورۇنلىرىمىزدىن ئەتراپىمىزدىلا ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگىلا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدىغان ئائىلىلەرگە، نامراتلىقتىن ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان بالىلارغا، تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىقى تۈپەيلى ھەر يىلى دېگۈدەك تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان بىچارە خەلقلەرگە، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن باشقىلار تەرىپىدىن ئاياغ - ئاستى قىلىنسىمۇ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى بىلمەيدىغان قىز - ئاياللىرىمىزغا ئاغدۇرۇپ باقايلى. ئەجىبا بۇلار بىزنىڭ بىرقىسىم ئورۇنسىز سورۇنلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشىمىزگە سەۋەب بولالماسمۇ؟
    دۇنيا ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇ تەرەققىيات مۇقەررەركى تېخىمۇ كەسكىن رىقابەتنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. كۈچلۈكلەر غەلىبە قىلىدۇ، ئاجىزلار مەغلۇپ بولىدۇ. ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشنى خالىمىغانلار جەمئىيەت تەرىپىدىن شاللىنىپ، ئاقىۋەتتە يوقىلىش قىسمىتىگە دۇچار بولىدۇ.
    مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرى، بالىلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى پۈتۈنلەي ئاياللىرىمىزنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق. دەرۋەقە يەلكىمىزدىكى يۈك ھەقىقەتەن يەڭگىل ئەمەس. دەۋر بىزنىڭ لاياقەتلىق ئايال، قابىلىيەتلىك ئانا، ئىقتىدارلىق ئادەم بولۇشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەدەللەرنى تۆلىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئاي ئاياللار «بىر قولىدا بۆشۈكنى، بىر قولىدا ئالەمنى تەۋرەتكەن» قوللىرىمىز كىشىلەر قەلبىدىكى قۇدرەتلىك، ئۇلۇغ ئوبرازىنى يوقىتىپ قويمىسۇن!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.