دەۋا ئۈستىدىكى ئۇيغۇر خاراكتېرى(5)

يوللىغۇچى : Hatem يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-08 00:48:00

5-ھىكايە: سودىدا ئۇيۇشالمايدىغان ئۇيغۇرلار يېقىن ئۆتىدىغان بىر دوستۇم بار ئىدى، بىر كۈنى ئىزدەپ كەپتۇ،ئادەتتە ئۆز تىجارەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشراق ئۆتىدىغان بۇ دوستۇمنىڭ ئالايتەن ئىزدەپ كىل...

                                                       5-ھىكايە: سودىدا ئۇيۇشالمايدىغان ئۇيغۇرلار

    يېقىن ئۆتىدىغان بىر دوستۇم بار ئىدى، بىر كۈنى ئىزدەپ كەپتۇ،ئادەتتە ئۆز تىجارەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشراق ئۆتىدىغان بۇ دوستۇمنىڭ ئالايتەن ئىزدەپ كىلىشىدىن بىرەر مۇھىم ئىشى بارلىغىنى ھىس قىلدىم. سۆھبىتىمىز خېلىلا ئۇزۇن داۋام قىلدى، بۇ دوستۇم بايان قىلغان ئىشلاردىن خېلىلا تاساددىپىيلىق ھىس قىلدىم.

    بۇ دوستۇم ياخشى ئۆتىدىغان يەنە بىر دوستۇمىز بىلەن بىر نەچچە يىلدىن بىرى شىرىكلىشىپ تىجارەت قىلۋاتاتتى. ئۇلار ئىككىسى باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئالى مەكتەپكىچە بىرگە ئۇقۇغانلاردىن بۇلۇپ ئىنتايىن يېقىن ئۆتەتتى. ئۇلارنىڭ دوستلۇقىغا ھەممەيلەن قايىل ئىدى. شۇڭا بىرلىكتە تىجارەت قىلىش ئۈچۈن ھاتتا خىزمىتىنى تاشلاپ تەببى ھالدا شىرىكلىشىپ تىجارەت باشلىغان ئىدى. ئۇلار ئىككىسىنىڭ بىرلىشىشى شۇنداق ماس كەلگەن ئىدىكى، ئۇلار بىر بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن بىر بىرىنى تۇلۇقلاپ تىجارەتلىرىنى قايىل قىلارلىق ھالدا تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇپ بىر نەچچە يىلدىلا يۇرىت ئىچىدە كۆزگە كۈرۈنگەن ئىدى. مېنى ئىزدەپ كەلگەن بۇ دۆستۇم مەبلەغ سېلىش نىشانىنى بەلگىلەش، مەسىللەرنى ھەر تەرەپتىن تەھلىل قىلىپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، تىجارەت باشقۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆزنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇراتتى، ئۇنىڭ شېرىكى بولسا تۇغما مۇناسىۋەت ماھىرى بۇلۇپ مۇناسىۋەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىندىغان ھەرقانداق ئىش ئۇ ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەتلىك ھەل قىلىنماي قالمايتى. مانا شۇنداق ئالاھىدە بىرلىشىش ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقيىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىدى.

    -بىز شىرىكلىكنى بىكار قىلىدىغان بولدۇق.......

    مەن دوستۇمدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدىم، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى يېقىن مۇناسىۋىتىدىن ۋە ھازىرقى تىجارەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ شىرىكلىكتىن ئايرىلىشى تولىمۇ بىمەنىلىك ئىدى. ئۇلارنىڭ تىجارىتى خېلىلا كېڭىيىپ كەتكەن بۇلۇپ بۇ قارار ئۇلار ئارىسىدا زور زىدىيەتنىڭ يۈز بەرگەنلىگىدىن دېرەك بېرەتتى.

    دوستۇمنىڭ ئېيىتىشچە ئۇلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ۋە پايدىسى ناھايتى ياخشى ئىكەن، تىجارەتتىكى  ھىساۋات مەسىلىسىدە ھىچقانداق زىدىيەت يوق ئىكەن. بىراق پايدا كۆپەيگەنسېرى ئۇ شېرىكىنىڭ بەزى ئىش-ھەركەتلىرىدىن بارلىق تىجارەتنى ئۆزىنىڭ قىلۋالماقچى بولغانلىغىدىن گۇمانلىنىپ قاپتۇ، دەل مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ شېرىكىنىڭ ئۆز ئالىغا ئېلىپ بارغان بەزى ھەركەتلىرى ۋە تەكلىپلىرى ئۇنىڭ بۇ گۇمانىنى دەلىللەپتۇ، نەتىنجىدە زىدىيەت كىلىپ چىقىپ ئۇلار شىرىكلىكنى بىكار قىلىش قارارىغا كەپتۇ. دوستۇم دەل مۇشۇ سەۋەپتىن شىرىكلىكنى قانداق بىكار قىلىش ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ كەپتۇ.

    گەرچە مەن ئۇلارنىڭ زادى نىمە سەۋەپتىن شىرىكلىكنى بىكار قىلىش قارارىغا كەلگەنلىگىنى تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمىگەن بولساممۇ لېكىن ئۇلار بەرىبىر بىر قارارغا كەلگەن بولغاچقا ئارىغا چۈشۈپ كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىپ بەرمەكچى بولدۇم. چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ قانۇنغا چېتىلىشچانلىغى خېلىلا كۈچلۈك ئىدى. بىر نەچچە كۈنلۈك قايتا-قايتا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۇلار شىركلىكنى قانداق بىكار قىلىش ھەققىدە ئاخىرى بىرلىككە كەلدى. سۆھبەت جەريانىدا ئايان بولدىكى بۇ ئىككى دوسىت شىرىكلىكنى باشلاش ۋاختىدا بىر –بىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىغى سەۋەبىدىن ھەتتا شىرىكىلىكنى قانداق ئېلىپ بېرىش، پايدىنى قانداق بۈلۈشۈش قاتارلىق ئەڭ ئەقەللى ئىشلاردىمۇ ھىچقانداق سۆزلەشمىگەن ئىكەن. ئەنە شۇنداق چوڭقۇر ئىشەنىچ ئۈستىدە باشلانغان ئىش ئاخىرى زىدىيەت ئىچىدە بىرلىكلىكنىڭ بۇزۇلىشى  بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇلار تىجارىتىنى ئىككىگە ئايرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىگەن بولغاچقا دوستۇم بارلىق تىجارەت ھۇقۇقىنى ۋە تىجارەت مال-مۈلۈكىنى شىرىكىگە قالدۇردىغان، شېرىكى ئۇنىڭغا قارىتا مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن مەلۇم سوممىدا نەق پۇل تۆلەيدىغان بۇلۇپ كېلىشتى. ئىككىسىنىڭ ئىنتايىن قاملاشقان ھەمكارلىغى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى.

    بىر يىلدىن كېيىن دوستۇمنىڭ ھېلىقى شېرىكى قارىسىغا مەبلەغ سېلىش، تىجارەت باشقۇرۇشتىكى چېچىلاڭغۇلىقى سەۋەبىدىن تېزلا ۋەيران بولدى، ئۇنىڭ مۇناسىۋەتتىكى ماھىرلىغى بۇ ئىشلارنى ھەل قىلالمىغان ئىدى. دوستۇممۇ شىرىكىنىڭ ۋەيران بولغانلىغى سەۋەبىدىن پۇلنى ئالالماي قۇرۇق ھۆججەتنى تۇتۇپ قالدى. پۇل بولمىغاچقا باشقا بىرەر تىجارەتنى باشلاشقا ئامالسىز قالدى. ھەمكارلىقنىڭ بۇزۇلىشى ھەر ئىككىسىنىڭ ئەنە شۇنداق ۋەيران بۇلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

    ئىككى دوستۇمنىڭ بۇ تىراگىدىيىسىدىن كېيىن مەن كەسپ دائىرسىدە مۇشۇ خىلدىكى ئىشلارغا دېققەت قىلىشقا باشلىدىم. سوت مەھكىمىسى قۇبۇل قىلىدىغان دىلۇلار ئىچىدە ‹‹شىرىكلىك ماجىراسى دىلۇسى›› دىيىلىدىغان بىر تۈر بار. بۇنداق دىلۇلار ئۇيغۇرلاردا دائىم كۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. لېكىن باشقا مىللەت كىشلىرى ئىچىدە ھازىرغىچە شىرىكلىك سەۋەبىدىن داۋالاشقانلارنى ئۇچۇراتمىدىم. بۇ مېنى ئويغا سالدى. ئەتىراپقا نەزەر سالىدىغان بولساق خەنزۇلاردا بۇنداق بىرلىشىپ تىجارەت قىلىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ ھەم ھەمكارلىغىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالايدۇ، لېكىن ھەمكارلىقى بۇزۇلۇپ كېتىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ھەتتا يوق دىيەرلىك. بىراق بىزدە ئەكسىچە بۇلۇپ تىجارەتتە بىرلىشىدىغانلار ئىنتايىن ئاز، ھەمكارلىغىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالايدىغانلار تېخىمۇ ئاز، كۆپ قىسىمى ھەمكارلىقنىڭ نەتىنجىسىنى كۆرۈپ بولغۇچە ئادا- جۇدا بۇلۇشۇپ كېتىشىدۇ.

    بىزدە شىرىك تىجارەتنى ئىنكار قىلىش خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر، ئۇمۇميۈزلۈك ھالدا شىرىك تىجارەت قىلىشنى ياخشى ئىش ئەمەس، ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ دەپ قارايمىز، لېكىن كەسكىن ئېيتىش كېرەككى ھازىرقى زاماندىكى رىقابەت دۇنياسىدا ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىش ئىنتايىن زۈرۈر بىر ئىش. دۇنيا سودىسىدا پادىشاھلىق ئۇرۇننى ئىگەللەپ كەلگەن پاي تۈزۈلمىسىدىكى شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىخلىرى ئەنە شۇ شىرىك تىجارەتتىن باشلانغاندۇر، بىزدىكى ‹يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس› دىگەن تەمسىلنى سودىغا تەدبىقلىساقمۇ ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بىزنىڭ يەككە تىجارەت بىلەن بىر ئۆمۈر شۇغۇللۇنۇپ ئېرىشىدىغان نەتىنجىمىز پەقەتلا ئائىلىنى ۋە بىرنەچچە ئادەمنى باقالايدىغان سەۋىيەدىن ئىبارەت. قارىساق يۇرتلىرىمىزدا چوڭ شىركەتلەرنى قۇرۇپ چوڭ تىجارەتلەرنى قىلۋاتقانلار ساماندەك، بىراق بۇنداق چوڭ شىركەتلەرنى قۇرىغان مىللى كارخانچىللىرمىز بولسا بىر-نەچچىلا. ئەجىبا كۆلەملەشكەن ۋە گۇرۇھلاشقان تىجارەتنى بىز نىمىشقا ئويلاشمايمىز؟ بىز قىلالمايمىزمۇ؟ پۈتكۈل دۇنيادا بۇ ئاساسلىق تىجارەت ئۇسۇلى بولۋاتقان يەردە بىز نىمە ئۈچۈن بۇ ئۇسۇلنى چەتكە قاقىمىز؟ بۇلار ھەممىمىز ئويلۇشۇپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە بولسا كېرەك.

    ‹ئۇيغۇر› دىگەن نامنى تارىخچىللىرمىز ‹ئۇيۇشۇش› دىگەن مەنىدە دەپ قەيىت قىلىشىدۇ، مېنىڭچە بۇ نام سودىدا تېخىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى كېرەك. مەن يۇقۇردىكى ھىكايىدە مەدەنيەت، تىل، تېخنىكا ، بازار، قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىجارەتچىللىرى دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتكەن ئىدىم، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىز چېچىلاڭغۇ مەبلەغلىرىمىزنى ۋە ئىقتىدارىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ رىقابەت ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تىجارەت ئېلىپ بېرىشقا مۇھتاجمىز. شۇڭا ئالدى بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكالىشىشقا، زۈرۈر تېپىلغاندا ۋە پۇرسەت بولغاندا ئىچكىرىدىكى، ھەتتا چەتئەللەردىكى تېخنىكىسى ئۈستۈن تىجارەتچىلەر(شىركەتلەر) بىلەن ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ مۇھتاجمىز.

    پۈتكۈل دۇنيادا تىجارەتتىكى ھەمكارلىشىش ئاساسى ئېقىم بولۋاتقان، باشقىلار بۇنىڭ مىۋىسىدىن ھۇزۇرلىنۋاتقان بۇ دەۋىردە بىزدىكى ‹ شىرىك تىجارەتنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ› دىگەن قاراش توغرا بولمىسا كېرەك. يەنى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىساق، يىراقنى كۆرەلمىسەك، ھەمكارلىق داۋامىدا كۈرۈلگەن ئازغىنا مەنپەتنى دەپ ھەمكارلىقنىڭ ئاخىرقى چوڭ مىۋىسىنى ساقلاشقا تەخىر قىلالمىساق ئەلۋەتتە ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولمايدۇ. ھەتتا بۇ ھىكايىدىكىدەك تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن. شۇڭا كەسكىن ئېيتىشقا بولۇدىكى گۇناھ شىرىك تىجەرەتتە ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزدە.

     

                (داۋامى يېزىلۋاتىدۇ)

     

     

    ئاگاھ: بۇ تېمىنى ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا ھەرقانداق تور بېكەت ۋە نەشىر ئەپكارلىرىدا كۈچۈرۈپ ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ.


     

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 20:49:28]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.