جىنسىيەت ۋە فروئىد تەلىماتى ھەققىدە مۇنازىرە

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-27 13:42:06

جىنسىيەت ۋە فروئىد تەلىماتى ھەققىدە مۇنازىرەگۈلەن:سىز «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىڭىزدا «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى، ئىجادىيەتنىڭ ئىلھامچىسى دېگەن قاراشقا ئ...

    جىنسىيەت ۋە فروئىد تەلىماتى ھەققىدە مۇنازىرە

     


    گۈلەن:

    سىز «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىڭىزدا «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى، ئىجادىيەتنىڭ ئىلھامچىسى دېگەن قاراشقا ئىزچىل مايىل بولۇپ كەلدىم، بۇنى فىروئىدنىڭ روھىي ئانالىزلىرىغا باغلىماي تۇرۇپ، ئۆزەم ئۆز تەجرىبەمدىن ھاسىل قىلغان دېيەلمەيمەن، دەپ يېزىپتىكەنسىز، ئارىدا سىز يەنە بىر سۆھبەتتە «جىنسىيەت روھىيەتكە تۇتىشىدۇ» دەپ قارشى تەرەپكە رەددىيە بەردىڭىز ھەم سۆزىڭىزنى كوچىدىن بىر گۈزەل قىز ئۆتسە بىر ئۇيغۇر بىلەن بىر خەنزۇنىڭ پەرقلىق ئويلاردا بولىدىغىنىنى تىلغا ئېلىپ «جىنسىي ئاڭ» نىڭ مىللىيلىكى ھەققىدە توختالدىڭىز. يەنى بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ جىنسىي ئېڭى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق، ئۇيغۇردا جىنسى ئاڭ كۈچلۈك، ئاينىغان، بىقسىغان دېگەندەك ھۆكۈملەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا پىسخىىك دىئاگنوز قويدىڭىز.

    مېنىڭ سۇئالىم، سىز جىنسىيەتنى مۇھەببەتنىڭ ئاساسى دېگەن قاراشىڭىزنى ئەسەرلىرىڭىزگە قانداق تەدبىقلىدىڭىز؟ جىنسىيەتنىڭ مىللىكىنى قانداق ئىسپاتلايسىز؟  ئەسەرلىرڭىزدە قانداق ئەكس ئەتتۈردىڭىز؟ قانداق پىسخولوگىيەلىك تەتقىقاتلار ياكى سىناقلار ئارقىق يۇقارقى قاراشقا كەلدىڭىز؟
    سىزنىڭ جىنسىيەت ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزغا ئۇل بولغان قانداق تەلىماتلار بار؟ ئەسەرلىڭىزدە بۇنى تەپسىلاتلارغا قانداق سىڭدۈردىڭىز؟ ئۇيغۇرنىڭ پەرقلىق جىنسىيىتى ھەققىدىكى ھۆكمىڭىزنىڭ ئاساسى نېمە؟ بۇ ھۆكمىڭىز ئەسەرلىرىڭىزدە قانداق ئىپادىلەندى؟

    ئەرتۈرك:

     بۇ ھەقتە ئالدىنقى بىر مەزگىلدە «داڭلىق تورى»دا ئۆزەمنىڭ جىنسىيەت قاراشلىرىم، مىللىي ئاڭ ۋە بۇنىڭدا ئەكىس ئېتىدىغان جىنسىي ئالاھىدىلىك ھەققىدە قىسقىچە توختالغانىدىم. جىنسىيەت ھەققىدە مېنىڭ يېتەرلىك بىلىمىم يوق، پەقەت ھاياتلىق تەجرىبىلىرىم، ھېس قىلغانلىرىم بار. ھېس قىلغان نەرسىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايرىماق تەس، بولۇپمۇ جىنسىيەت مەسىلىسىدە ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئويلىغانلىرى، ئۇ يەر-بۇيەردىن ئاڭلىۋالغان، ئۆگىنىۋالغان نەرسىلىرى بولىدۇ. بىز تېخى جىنسىيەت مەسىلىسىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلغۇدەك بولمىدۇق، دىن،  پەلسەپە، پىسخولوگىيە، سەنئەت قېتىدىن جىنسىيەت ئامىللىرىنى ئىزدەش سەپىرىنى ئەمدى باشلىدۇق. ئەسەر يېزىۋاتقاندا ئادەم مەركەز بولىدۇ، ئادەم دېگەن ئەلۋەتتە ھەر خىل بولىدۇ.  ئادەمدە ھەممە ئىنسانغا ئورتاق ئالاھىدىلىك، تەبىئەت، خۇسۇسىيەتتىن باشقا، ئۆزىگە خاس كىملىكى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ. ئۇنداقتا جىنسىيەت ۋە مۇھەببەتمۇ مۇشۇ ئۆزگىچىلىكتىن نېسىۋە ئالامدۇ؟ ئىجادىيەتتە بۇ مېنىڭ قىزىقىدىغان نۇقتام، ئەمما پسخولوگىيىلىك تەتقىقات نىشانىم ئەمەس. «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى» دېگەن يازمامدىكى جىنسىيەت چۈشەنچىلىرى تېگى تەكتىدىن ئالغاندا فروئىدنىڭ نەزەرىيسىدىن ئالغان كونا تەسىراتىم، ئۆزەم ھېس قىلغان، توغرا تاپقان ئازغىنە چۈشەنچىلىرىم ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. مەن بۇ قاراشنى ھېلىمۇ  توغرا دەپ قارايمەن. ئەمما فروئىد جىنسىي ئىستەك ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىنى ھەممە ساھەگە دېگۈدەك كېڭەيتىۋەتكەن، جىنسىيەتنىڭ رولىنى زىيادە مۇبالىغە قىلىۋەتكەن. شۇڭا بۇ نۇقتىغا ئاگاھ بولۇش كېرەك. فىروئىدنىڭ شاگىرتى كارل گۇستاف جۇڭ «لىبىدونىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سمۋول» ناملىق ئەسىرىدە  فىروئىدنىڭ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ مەنبەسى جىنسىيەت، ئادەمدە يوشۇرۇن ئاڭ (ئەسلى ئۆزلۈك)، ئاڭ(ئۆزلۈك)، ھالقىما ئاڭ(ھالقىما ئۆزلۈك)تىن ئىبارەت ئۈچ پسىخىك قاتلام بولىدۇ دېگەن قارىشىغا قوشۇلماي پسخىك قاتلامنى ئاڭ، خۇسۇسىي ئاڭسىزلىق، كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق دېگەن ئۈچ قاتلامغا بۆلگەن. فىرئىد لىبىدونى (لىبدونى ئەسلى ئىقتىدار، شەھۋانىيەت، نەپسانىيەت دەپ چۈشىنىش مۇمكىن) بارچە مەنىۋى پائالىيەتنىڭ ئاساسى دېگەن. ئەمما كارل جۇڭ ئۇنى « ئادەمدىكى ھاياتلىق ئىقتىدارى» دەپ قارىغان. فىروئىد ئادەمدە ئاڭ، ئاڭسىزلىق تەڭ مەۋجۇت، ھالبۇكى ئاڭسىزلىق روھىي پائالىيەتنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىگىلەيدۇ دېگەن ھەمدە ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى مۇز تاغقا ئوخشاتقان. ئوكياندا لەيلەپ كېتىۋاتقان مۇز تاغنىڭ سۇغا چۆككەن قىسمى ئاڭسىزلىق، ئۈستى ئاڭ. بىز كۆرۈۋاتقان قىسمى شۇنچىلىك كىچىك، دېمەك ئاڭسىزلىق ئادەمنىڭ ئاساسلىق روھىي ھالىتىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دېگەن. كارىل جۇڭ بولسا ئاڭسىزلىقنى خۇسۇسىي ئاڭسىزلىق، كوللېكتىپ ئاڭسىزلىققا ئايرىپ تەھلىل قىلغان. كارل جۇڭ بۇ نەتىجىلىرى بىلەن فروئىدنىڭ نەزەرىيىلىرىنى يەنىمۇ بېيتقان ۋە كېتىپ قالغان يەرلىرىنى تۈزەتكەن.
    مەن كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق (بەزىدە كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ مەلۇم پەرقى بار) ھەققىدىكى قاراشقا ئاساسەن بىر مىللەتتىمۇ چوقۇم گەۋدىلىك يوشۇرۇن ئاڭ، ئۇنىڭ قېتىدا ھەم جىنسىي ئاڭ بار دەپ ئويلىغانىدىم.  ئۇيغۇرلار توپىدىكى جىنسىي ئاڭنىڭ خاسلىقىنى ئىزدەپ باقماقچى بولغانىدىم، ئەمما بۇ مەسىلىدە چوڭقۇرلىشىپ كېتەلمىدۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرى، چۆچەكلىرى، تارىخىي قوشاقلىرىدىن بۇ مىللەتنىڭ جىنسىيەت چۈشەنچىلىرىنى بايقاش مۇمكىن.

    روزىلەم دەيمۇ سېنى،
    قوزىلەم دەيمۇ سېنى،
    باغدا باققان پاقلىنىم دەپ
    ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سېنى.

    دېگەندەك قوشاقلاردىن ئۇيغۇرغىلا خاس بولغان جىنسىي ئىستەك، نەپسانىيەت، ئىشتىھا كۈچىنى كۆرەلەيمىز. بۇنداق قوشاقلار باشقا مىللەتلەردىمۇ بولۇشى مۇمكىن، بۇنى سېلىشتۇرۇپ بېقىش كېرەك.


      ئومۇمەن ئېيتقاندا، بارلىق مىللەتتە جىنسىي ئىقتىدار، يېتەرلىك ھورمۇن، ئىنتىلىش، ئىستەك بار. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئىنساننىڭ ھايۋانلار بىلەن چوڭ پەرقى يوق. ئەگەر جىنسىيەتنى ئىنسانشۇناسلىق، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن كۆزىتىپ، ئۇنى مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئېتىقاد، ئەخلاق مەسىلىلىرىگە چېتىشتۇرغاندا ئوخشىمىغان بىر مۇنچە ئالاھىدىلىكلەر چىقىشى مۇمكىن. مېنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىم مۇشۇ نۇقتا. جىنسىيەتتە ھەممە ئىنسانغا ئورتاق بولغان تەرەپلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنىڭدا شەك يوق. ۋاھالەنكى  ھەر مىللەتكە خاس بولغان تەرەپلەرگىمۇ كۆز يۇمماسلىق كېرەك.  ئۆتكەندە توردا «مەن بۇزۇق قىز بولسام ئەمرىڭىزگە ئالامسىز؟» دەپ بىر تېما يوللاندى. بۇ تېما ئەگەر خەنزۇ، ئىنگىلىزچە تور بەتلەرگە يوللانسا، ئۇيغۇر بىلەن خەنزۇنىڭ ياكى ئىنگىلىزنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى پەرقلىنىپ چىقىشى مۇمكىن.. كىلىنتون ئاقسارايدا رەسۋا بولدى، ئەمما ئامېرىكىلىقلار ئۇنىڭ جىنسىي قىلمىشىدىن ئەمەس، باشتا يالغان سۆزلىگەنلىكىدىن بەكرەك غەزەپلىنىپتىمىش. ئەگەر بۇ ئەھۋال ئەرەب، مۇسۇلمان ئەللىرىدە يۈز بېرىپ قالغان بولسىچۇ؟   گېپىمىز يىراقلاپ كەتتى، شۇندىمۇ تەكىتلىمەكچى بولغان نۇقتام شۇ، جىنسىيەتنىڭ چېتىلمايدىغان دائىرىسى ئاز. شۇڭا بۇ مەسىلىدە ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا خاسلىققىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەن ئەسەرلىرىمدە فىروئىد، كارىل جۇڭنىڭ نەزەرىيىلىرىدىن مۇۋاپىق ئىلھام ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىمىزگە خاس بولغان كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ، ئېتىقاد، ئەخلاق ئېڭى،  تارىختىن تىندۇرما بولۇپ قالغان پسخىك ئاجىزلىقلىرىمىز، جۈملىدىن يوشۇرۇن جىنسىي ئاڭ... لارنى ئاختۇرۇپ بېقىشقا، ئىپادىلەپ بېقىشقا تىرىشتىم. مەن بۇ جەھەتتە مۇتەخەسىس ئەمەس، يەنىلا ئىزدەنگۈچى.


    ئاللاھ تائالا ئادەمنى ياراتتى،  پەرىشتە بىلەن جىن-شەيتانغا ئوخشىمايدىغان قىلىپ ياراتتى. ئادەمگە كىرگۈزۈلگەن روھنىڭ سىرىنى بىر ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ. بۇ روھتا ماددىي تەلەپ بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن جىنسىي ئاڭ، جىنسىي ئىستەك بار. ئاللاھ ھەزرىتى ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھەۋۋانى ياراتقاندا ئادەم خۇشال بولدى، ئۇنى يېنىمغا كەل دېدى.  شۇندىن بۇيان ئەرلەر ئاياللارنى ئۆز يېنىغا چاقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. بەزىلەرنىڭ گۇمانىچە ئادەم بىلەن ھەۋۋا يېگەن چەكلەنگەن مېۋە دەل جىنسىي ئالاقىدىن ئىبارەت. ئۇ ھالدا  ئىككى جىنسنىڭ بىرلىشىشى بەخت دەپ قارالغان بىلەن بۇ بەخت گۇناھ، ئاسىيىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ... خرىستىئانلار «ئەسلى گۇناھ» دەپ ئاتىغان بۇ ئىشقا سەۋەب بولغان ئاڭنى فىروئىد چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ پسخىك ئانالىز نەزەرىيىسىنى تىكلىدى. فرئىد تەۋرات، ئىنجىللارنى ئوقۇپ تەھلىل قىلىپ،  ئۆز تەلىماتىغا دەلىل ئىزدىدى. فروئىد تەلىماتى بىلەن تەۋرات، ئىنجىلدا ئېيتىلغان جىنسىيەتكە ئائىت مەزمۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇنىڭ «مۇسا ۋە بىر خۇدالىق دىن» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ بىلىش مۇمكىن.  مەن مۇشۇ كىتابنى ئوقۇسام ئاندىن بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلەيمەن.


    گۈلەن:

    سىز ھېلىمۇ توغرا دەپ قارايدىغان فرويىد تەلىماتى ئىلمىيلىكىنىڭ، تەجرىبىۋىي ئاساسىنىڭ يوقلىقى سەۋەبلىك كوپىنچە ئالىملار تەرىپىدىن ئاللىقاچان رەت قىلىندى.

    (مەنبە:  http://en.wikipedia.org/wiki/Psychoanalysis)

     

    ئەمما

    بۇ قاراشنى قوللايدىغانلار ھېلىمۇ مەۋجۇد. ئەمما غەرپتە بۇ بۇ ئىدولوگىيە مەسىلىسى،  پەن مەسىلىسى ئەمەس، خۇددى قايسى سىياسىي ئېقىمغا ئەگىشىش شەخسنىڭ ئەركىنلىكى  بولغاندەكلا. ھازىر پىسخولۇگلار ئىنساندىكى تۇغما ئىقتىدارلار(سۆزلەش، كۆرۈش، ئاڭلاش، ئۇخلاش...)نىڭ ھەممىسىنىڭ مىڭىدە ماددى ئاساسى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. مەسىلەن ئادەمنىڭ تىل ئىقتىدارى سول مىڭىدە، گرامماتىكا ئىقتىدارى بروكا رايۇنىدا، سۆزلۈك ئىقتىدارى ۋېرنىكا رايۇنىدا) ئەگەر فرويىد ئوتتۇرىغا قويغان يوشۇرۇن ئاڭ(ئاڭسىزلىق) بار بولسا ئۇنى مېڭىنىڭ قايسى قىسمى، قايسى رايۇندا بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ ھازىرغىچە تەجرىبىدە بۇنداق ئىسپات تېپىلمىدى. بۇلارنى ئىسپاتلايدىغان ماشىنا ئاللىقاچان ئىجاد قىلىنپ ئىشلىتىلمەكتە، مەن تىلغا ئائىت تەجرىبىنى كۆردۈم.


    سىز دېگەن كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ مەسىلىسىگە كەلسەك،   يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىسپاتىنى تاپالماي تۇرۇپ كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىسپاتىنى نەدىن تاپىمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كارل گۇستاف يوڭمۇ كۆللىكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ مىللىيلىكى ھەققىدە يازمىغانكەن:


    (مەنبە: http://en.wikipedia.org/wiki/Collective_unconsciousness)

     

    سىز

      فرويىدنىڭ «مۇسا ۋە بىر خۇدالىق دىن» دېگەن كىتابىنى تىلغا ئاپسىز ۋە بۇنى دىن بىلەن جىنسىيەتنى ڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرىدۇ دەپ تاشلاپسىز ئۇنداق ئەمەسكەن،  كۆپىنچە ئالىملار بۇ كىتابنىمۇ رەت قىپتۇ:

    (مەنبە: http://en.wikipedia.org/wiki/Moses_and_Monotheism )

    مەن پىسخولۇگ ئەمەس، لېكىن يازغۇچىلىرىمىز مىللىتىمىزدىكى ئۇ ئاڭ، بۇ پىسخىك ئاجىزلىق دەۋەگەندىن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ زادى پىسخولۇگىيەدە شۇنداق گەپ بارمۇ يوقمۇ دېگەننى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ كۆردۈم.  ئسزىڭىزدە بولسا مەن ئۆتكەنكى يازمامادا بۇ ھەقتە سىز بىلەن ئورتاقلاشقان، بۇ تېمامغا سىز ۋە ئادىل تۇنىيازنىڭ خەلقىمىزنىڭ يېرىم ئېڭى جىنسى ئاڭ يېرىم ئېڭى دىنى ئاڭ دېگەن ھىچ قانداق پەننى ئاساسى يوق گەپ سەۋەپ بولغانىدى.


    ئەرتۈرك:


    گۈلەن توردىشىمىز ئەستايىدىل ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ. شۇنداقتىمۇ بىر نەچچە نۇقتىدا ئىزاھات بېرەي: مەن  فىرئىد تەلىماتىنىڭ پايدىلىنىشقا بولىدىغان بىر قىسىم تەلىماتلىرىنى توغرا دەپ قارايمەن،  ئۇنىڭ ھەممىنى جىنسىيەتكە باغلىۋالىدىغان ئاشقۇنلۇقىنى رەت قىلىش كېرەك. تەلىماتچىلار كۆپ ھاللاردا ئۆز نەزەرىيىسىنى چوڭ بىلىپ كېتىپ ئالەم ۋە ئادەمنى ئۆز نۇقتىسىدىن شەرھلەشكە ئۇرۇنۇپ باقىدۇ. بۇ فىرئىدتىلا ئەمەس، باشقا مەشھۇرلاردىمۇ كۆرۈلىدىغان بىر سەۋەنلىك. مەسىلەن، دارۋىن ئادەمنى مايمۇندىن ئەقىللىق ھايۋان دېسە،  بەلگىشۇناسلار ئادەمنى پەقەت بىر بەلگە دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئىجتىمائىي پەندە ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان نەرسە مۇبالىغىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىم ئېڭى جىنسىيەت، يېرىم ئېڭى دىن دېگەن پىكىرمۇ ئەمەلىيەتتە مۇبالىغىدۇر، ھېسسىي يەكۈندە ئاشۇرۇۋېتىشتۇر.


    مەن پايدىلىنىشقا بولىدۇ دەپ قارايدىغان فىروئىد تەلىماتىنى سىز ئىلمىيلىكىنىڭ، تەجرىبە ئاساسىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن كۆپىنچە ئالىملار تەرىپىدىن ئاللىقاچان رەت قىلىندى دەپ يەنە مۇبالىغە قىلىۋېتىپسىز. شۇ كۆپىنچە ئالىملارنىڭ بەرگەن رەددىيەلىرىنى قاتار تىزىپ باققان بولسىڭىز. روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى ئۆتكەن ئەسىردە دەۋر بۆلگۈچ تەسىر قوزغىغان، پەلسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت، ھەتتا رەسساملىق ۋە مۇزىكىغىچە تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم نەزەرىيە. ئۇنىڭ تەجرىبە ئاساسى خېلىلا كۈچلۈك، چۈنكى فىرئىد ئەسلىدە دوختۇر، ئۇ نۇرغۇن نېرۋا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەريانىدا توپلىغان تەجربىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسدا ئاندىن ئۇ نەزەرىيىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەگەر ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى، تېببىي تەجرىبە ئاساسى بولمىسا، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئۇنچە تەسىر قوزغىيالىشى ۋە ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىنمىدى؟ مەن فىروئىدچى ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ دۇنيا ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى بىلىپ بېقىش داۋامىدا بەزى نەزەرىيىلىرى بىلەن تونۇشتۇم. گەرچە تومتاق بولسىمۇ روھىيەت قاتلاملىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئېنىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم.


    مېڭىدىكى سەزگۈ رايونلىرى ھەققىدە گەپكە كۆچۈپ كېتىپسىز. مېنىڭچە ئۇنىڭ پىسخولوگىيە، بولۇپمۇ روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق. ئاللاھ ئۇنى مېڭىمىزگە شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان، ئالىملارمۇ ئاللاھ بىلدۈرگەن ئىلىم دائىرىسىدە شۇنچىلىك بىلەلىگەن.
    يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىسپاتىنى  فىروئىد ساراڭلاردىن بايقاپتىكەن، «چۈش تەبىرى» دېگەن كىتابىدا يوشۇرۇن ئاڭنىڭ چۈش مۇھىتىدىكى ئالامەتلىرىنى تەھلىل قىلىپ، ساراڭلارنى ساقايتىپ ئاندىن بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ، نەزەرىيە تىكەش ئۈچۈن ھاياجان بىلەن  كىتاب يېزىپتىكەن. ئىنسان ئۆزى ئۇچراۋاتقان بېسىم ۋە ئۇنى يەڭگىللىتىش ئوتتۇرىسىدا تىركىشىدىغان مەخلۇق. بۇنىڭ ئىچىدە جىنسىيەتتىن ئۇچرىغان بېسىم بىر قەدەر گەۋدىلىك... دەپ ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەن. شاگىرتى كارىل جۇڭ ئادەم پەقەت ئۆزى بىلەنلا ئادەم ئەمەس، بىز بىلەن مەن قوشۇلغاندا ئاندىن مۇكەممەل مەن بولىدۇ دېگەننى تۇتقا قىلىپ، كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلىپتۇ. بىز بۇنىڭدىن مىللەتنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى دېگەن قىياسنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق. چۈنكى كارىل جۇڭنىڭ كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ دېگىنى ئەمەلىيەتتە جەمئىيەت (بىر توپ ئادەم) ئىچىدىكى بىر ئادەمدە ئىپادىلىنىدىغان خاراكتېر. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىنسان خاراكتېرى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى»،   ئۇنىڭ قارىشىچە، خاراكتېر ئەمەلىيەتتە سموۋۇللۇق نىقاپ. بۇ نىقاپ ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى، جۈملىدىن كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنى نىقاپلايدۇ. بىز ئۆز خاراكتېر نىقاۋىمىزنى تاقاپ جەمئىيەتتە رول ئالىمىز، نىقاۋىمىز بەدەن تىلى ( Body language ) ، كىيىم-كېچەك، زىننەت بويۇملىرى... ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ.  ئۆزلۈكنى قوغداش ئېڭى خۇددى نازارەت ئورگىنىغا ئوخشاش بىزنى جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىشقا ھەيدەپ تۇرىدۇ. خاراكتېر نىقاۋى جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى...  دېمەك، كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ ئەمەلىيەتتە ئاشۇنداق نەرسە. ئەجىبا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە خاس ئومۇمىي خاراكتېرى يوقمۇ؟  « قېنى ئۇ كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ، قېنى ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلمەت ئېڭى؟» دېسىڭىز، ئۇنى دەرھال چىقىرىپ سىزگە كۆرسەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنى پەقەت شۇ مىللەتنىڭ  خاراكتېرى، ئېتىقادى، ئىش-مەيلى، مەدەنىيىتى، يۈرۈش-تۇرۇشى، سەنئىتى... دىكى ماھىيەتلىك ئامىللاردىن، پات-پات كۆرۈلىدىغان پاجىئەلىك ۋەقەلەردىن ھېس قىلالايسىز.

    ئاڭغا ئائىت مەسىلىلەرنى خىمىيىلىك تەجرىبە ياكى فورمىلا ئارقىلىق تەجرىبە قىلىپ سۈزۈۋالغىلى بولمايدۇ-دە، ئۇنى پەقەت روھنىڭ تەجەللىسىدىن، ھەرىكەتتىكى ئىپادىلىرىدىن سېزەلىشىڭىز مۇمكىن. كوللېكتىپ يوشۇرۇن ئاڭ ھەققىدە گەپ بولغاندا شۇ مىللەتنىڭ ئەزاسىنى، مەلۇم بىر شەخسنى بەكرەك كۆزدە تۇتۇش كېرەك. بەزى نەزەرەيىچىلەر يېقىندا « ئادەم بىزنىڭ ئاتىمىز، ھاۋا بىزنىڭ ئانىمىز، جىمى ئىنسان بىزنىڭ ئەجادادىمىز، مىللەت دېگەن پەقەت تەسەۋۋۇردىكى بىردەكلىك» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىجتىمائىي پەن  تەجرىبە بىلەن ئېنىق ئىسپاتىلىغىلى بولىدىغان كاتىگورىيە بولسا ئىدى، بۇنداق مۇنازىرىلىشىشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى.  «ئىدىيە توغرا بىلەن خاتالىق ئارىسىدا ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئەقىلسىزلىك ئارىسىدا تەۋرىنىپ تۇرىدۇ» __ كارل جۇڭ
      مەن تېخى فىروئىد تەلىماتىنى دىن بىلەن باغلاشتۇرۇپ تەھلىل قىلغۇدەك بولمىدىم. پەقەت دەسلەپكى تەسىرات ۋە قىياسلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم. «مۇسا ۋە بىر خۇدالىق دىن دېگەن كىتاب»نى كۆرۈپمۇ باقمىدىم، ئەگەر ئۇ كىتاب رەت قىلىنغان بولسا ئۇنى كۆرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق. فىروئىد ئەسلىدە دوختۇر، كېيىن پىسخولوگ بولغان، ئەمما ئۇ دىنشۇناس ئەمەس. شۇڭا دىننى ئۇنىڭدىن چۈشىنىش ئەخمىقانىلىق. يەنە كېلىپ مەن ئىسلامنى ھەرگىز فىروئىدنىڭ تەلىماتى ئارقىلىق چۈشەنمەيمەن، چۈنكى فىروئىدتا دارۋىنىزمنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ.
       مېنىڭ ئامېرىكا، كىلىنتون، ئەرەبلەر ھەققىدە تىلغا ئالغانلىرىم كوللېكتىپ ئېتىقاد، ئەدەب-قائىدە ۋە ھەر جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ھەم ئۆزگىچە تەرتىپى، كەيپىاتى بىلەن ئالاقىدار ئىشلاردۇر. نوقۇل پىسىخولوگىيە ۋە بىر قاتار نەزەرىيەلەرنى سۆزلەۋەرگەندىن بىرەر سىياسىي ۋەقە ياكى يۇمۇر ئارقىلىق تومتاق بولسىمۇ ئىپادىلەپ بېرىش ئادەمگە راھەت بېغىشلايدۇ. بىر ئىنگىلىز، بىر ياپون، بىر جۇڭگولۇق، بىر ئۇيغۇر... دەپ باشلىندىغان بىر مۇنچە يۇمۇرلار بار، شۇلاردىمۇ كوللېكتىپ ئاڭغا ئائىت بىر نەرسە، بىر ئۆزگىچىلىك، بىرەر غەيرىيلىك بولمىسا ئۇنىڭدىن يۇمۇر چىقمايدۇ-دە. مەن مەسىلىنى چوڭقۇر باشلىۋالغان بىلەن ئاخىرىدا شۇنداق ئاددىي چۈشىنىمەن،  ھەممە نەرسە ئاخىرىدا ئاددىيلىققا قايتىدۇ دەپ ئويلايمەن.

    سىز ھاراقخۇمارلىق، مەستلىكنى ئىنسانلار مەدەنىيىتى، يۈكسەك ئاڭ ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ ئاياغلاشتۇرالايدۇ دەپ قارايدىكەنسىز، مەن ئۇنداق قارىمايمەن. ئىنسانلار شۇنچە تەرەققىي قىلىپ، يۈكسەك ئاڭغا ئىگە بولغان 20-ئەسىردە، تېخى مەدەنىيەتتە ئەڭ ئىلغار كەتكەن ياۋروپادا ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەردى. ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك ھېسابلايدىغان ياۋروپالىقلارنىڭ ئىدىئولوگىيىسى قاتتىق تەۋرەندى، روھى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ئەۋج ئالدى. قېنى شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي تەرتىپ، قېنى شۇ چاغدىكى ئەقلىيەت ۋە يۈكسەك ئاڭ؟ 21-ئەسىر كىرگەندە يەنە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟  ئۈمىدنى ئىنسانلار ئېڭىغا باغلاش خىيالىي سوتسىيالىزىمدەك تۇيۇلىدۇ ماڭا.

    گۈلەن:

    ئەرتۈركنىڭ جاۋابىغا كۆپ رەھمەت. مەنمۇ بىلگىنىمنى دەپ باقاي:
    ئەرتۈرك: فىروئىد تەلىماتىنى سىز ئىلمىيلىكىنىڭ، تەجرىبە ئاساسىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن كۆپىنچە ئالىملار تەرىپىدىن ئاللىقاچان رەت قىلىندى دەپ يەنە مۇبالىغە قىلىۋېتىپسىز. شۇ كۆپىنچە ئالىملارنىڭ بەرگەن رەددىيەلىرىنى قاتار تىزىپ باققان بولسىڭىز...

    جاۋاپ، مەن رەت قىلغان ئالىملارنىڭ پىكىرلىرنى ئۇلانما قىلىپ بېرىپ قويدۇم، ئۆزىڭىز ئوقۇپ كۆرۈڭ، سېكۇنت ئىچىدە ئېچىلىدۇ. مېنىڭ ئۇلارنى يەنە يېزىپ ئولتۇرۇشۇمغا ھاجەت بارمۇ؟

    ئەرتۈرك: ئەگەر ئۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى، تېببىي تەجرىبە ئاساسى بولمىسا، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئۇنچە تەسىر قوزغىيالىشى ۋە ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىنمىدى؟

    جاۋاپ، ئىجتىمائى پەن ساھەسىدە تەسىز قوزغىغان نەزەرىيەلەرنىڭ ھەممىسى رەت قىلغۇسىز بولىدۇ دېگەن قائىدە يوق. مەسىلەن دارۋىنىزىم، ماركىسىزىم، سىز بۇلارنىڭ ئىجتىمائى پەنلەر ساھەسىدىكى تەسىرىنى رەت قىلغۇسىز دەپ قارامسىز. ئارىستوتىلنىڭ يەر مەركەز تەلىماتى غەرپ ئىدولوگيەسىگە مىڭ يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان، ئەگەر كۈچلۈك تەسىر قىلغان نەزەرىيە ئىنكارسىز بولىدۇ دېيىلسە بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟

    ئەرتۈرك: روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى ئۆتكەن ئەسىردە دەۋر بۆلگۈچ تەسىر قوزغىغان، پەلسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت، ھەتتا رەسساملىق ۋە مۇزىكىغىچە تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم نەزەرىيە. ئۇنىڭ تەجرىبە ئاساسى خېلىلا كۈچلۈك، چۈنكى فىرئىد ئەسلىدە دوختۇر، ئۇ نۇرغۇن نېرۋا كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەريانىدا توپلىغان تەجربىلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسدا ئاندىن ئۇ نەزەرىيىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

    جاۋاب، ئەسلى مەن قالدۇرغان ئۇلانمىنى ئۇقۇپ باققان دوستلارغا بۇ يەردە بۇنى چەشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئېدى. ئۇلانمىدىكى مەزمۇن ئىنگىلىزچە بولغاچقا گەرچە ئەرتۈرك چۈشەنسىمۇ ھازىرچە ئىنگىلىزچە چشەنمەيدىغان دوستلار ئۈچۈن، مەن قالدۇرغان ئۇلانمىنى ئازراق ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋېتەي. مەنبە مەن كۆرسەتكەن ئۇلانما شۇ، شۇڭا بۇ يەردە مەنبەنى قايتا ئەسكەرتمەيمەن.

    فرويىد نەزەرىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى ئۇنىڭ تەجرىبىۋى ئاساسىنىڭ يوقلىقى. چۈنكى پىسخولوگىيە ئەرتۈرك ئېيتقاندەك ئىجتىمائى پەن ئەمەس، «شۇڭا ئىجتىمائىي پەندە ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان نەرسە مۇبالىغىدۇر.» دەپ يازغان ئەرتۈرك بۇ پەننى خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ. تەبىئى پەن تەتقىقاتىدا ئەقلى ئانالىز بىلەن تەجرىبە ئاساس قىلىنىدۇ. فرويىد ئوتتۇرىغا قويغان يوشۇرۇن ئاڭ تەجرىبەچىلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىدى. (ئۇلانمىغا قاراڭ، مەن پەقەت تەرجىمە قىلىپ قويدۇم)، شۇڭا كوللىكتىپ يوشۇرۇن ئاڭنى ئىسپاتلاشقا ھاجەت يوق.

    فرويىد ھەتتا داۋالىغان كېسەللىرىنىڭ تولۇق ئىسىم فامىلىسى ۋە ئارخىبىنىمۇ تەمىنىلىمىگەن. بۇ دوختۇرلۇقتا قوبۇل قىلىنمايدۇ. دوختۇر دېگەن داۋالىغان كېسىلىنىڭ ئارخىبىنى تۇرغۇزىدۇ. ( مەنبە ئۈچۈن، ئۇلانمىغا قاراڭ)، شۇڭا ئۇنىڭ كىتابلىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىمارلارنىڭ زادى ساقايغان ساقايمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.(ئۇلانمىغا قاراڭ)

    ئەرتۈرك: مېڭىدىكى سەزگۈ رايونلىرى ھەققىدە گەپكە كۆچۈپ كېتىپسىز. مېنىڭچە ئۇنىڭ پىسخولوگىيە، بولۇپمۇ روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق.

    جاۋاب، مەن سىزگە ئەمەس مۇشۇ يازغۇچى ئاغىنىلەرگە شۇنى دېگۈم كېلىدۇ، ئالدىراپ ھۆكۈم قىلماڭلار، بىلمىسەڭلەر كىتاپ ئوقۇڭلار، دەپ. ھەممە نەرسە شىئېر ياكى ھىكايە ئەمەس نېمە دېسە بولۇۋېرىدىغان، ئىلھامغا تايىنىدىغا...سىز پىسخولوگىيە دېگەن سۆزنى بىر گوگۇلدىن ئاختۇرپ بېقىپ، ياكى ئېلىكتۇرۇنلۇق لۇغەتتىن قاراپ بېقىپ يۇقارقى گەپنى قىلغان بولسىڭىز بۇنداق خاتالاشمايتتىڭىز.
    سىزچە سەزگۈ(مەنغۇ ئۇنداق دېمىگەن) پىسخولوگىيەنىڭ تەتقىقاتىغا مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟، پىسخىك ھادىسىلەر مىڭىدە ئەمەس نەدە پەيدا بولىدۇ؟ ئەگەر سىز دېگەندەك مۇناسىۋېتى يوق بولسا سىز ئىسپاتلىدىڭىزمۇ ياكى بىر يەردىن ئوقۇدىڭىزمۇ؟ نەدىن بىلدىڭىز؟
    يۇقارقى ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈشلىرىڭىز، سىزنىڭ مەن قالدۇرغان مەنبەگە قاراپمۇ باقماي، ياكى باشقا مەنبەلەردىن پىسخولوگىيەگە ئائىت مەزمۇنلارغا سېلىشتۇرۇپ باقماي پىكىر قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. ھىچ بولمىغاندا پىسخولوگىيەنىڭ تەتقىقات ئوبېكتىنى...

    بۇندىن باشقا سىزنىڭ پىسخولوگىيەنى ئىجتىمائى پەن دەپ قاراپ ئىدولوگىيە بىلەن پەننى ئارىلاشتۇرۇۋالغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن بولغان.

    مېنىڭ بۇ مۇنازىرىگە چۈشۈشمنى دوستلار مەمەدانىلىق دەپ چۈشنىپ قاپتۇ. ئەلۋەتتە ئەنۋەر مۇھەممەدتەك شۆھرەتلىك يازغۇچىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىۋاتقان پىقىر جامائەتكە شۇنداق تۇيۇلىدۇ، بولۇپمۇ ھەج پەرزىنى ئادا قىلغان، دىنغا دائىر ماقالىلىرى بىلەنمۇ ئالقىشلىنىۋاتقان تونۇلغان يازغۇچى بىلەن تالىشىش سەل بىئەدەپلىكتەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما پەندە، بۇنداق قىلساق بولمايدۇ. پەن مەسىلىسدە نېمە ئىسپاتتىن ئۆتكەن بولسا شۇ توغرا، قايسى ئۇلۇق يازغۇچى شۇنداق قارىغانلىقى ئۈچۈن توغرا ئەمەس.مەنچە پىسخولوگىيە ھەققىدە گەپ ئېچىۋاتقان ئادەمنى شۇ پەننىڭ تەبىرىنى بولسىنۇ توغرا چۈشىنىشكە دەۋەت قىلىش يامان ئىش ئەمەس.

    ئەسلى مەن مىلليلىككە مەنسۇپ ھادسىلەر( چۈشەنچە، پوزىتىسىيە، ئادەت، مۇراسىم، ئۇدۇم، ئىرىم...)نى قايسى پەن تەقتىق قىلىدۇ ، نېمىلەر مىللىيلىككە ئىگە نېمىلەر مىللىيلىككە ئىگە ئەمەس دېگەنلەر ھەققىدە ئەرتۈرك بىلەن بۇرۇنلا مۇنازىرە قىلىشقان،م، « گەرچە سىلى يازغانلىرىمنى تەپسىلى ئوقۇمىسىلىمۇ مەن ئۇقۇيدىغانلار ئۈچۈن ئېنىقراق بايان قىلاي. بىر مىللەتنىڭ مەلۇم شەيئى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى شۇ شەيئىى بىلەن مۇتلەق سەۋەپ نەتىجىلىك باغلىنىشقا ئىگە بولمايدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار بۆرىنى تۇتىم قىلغان(ئەجدادىمىز دەپ قارىغان)، بۇ يەردە بۆرە ھەرگىزمۇ باشقا ھايۋانلاردىن ئۇلۇغ ھايۋان بولغانلىقتىن ئەمەس، ھىندىلار كالىنى تۇتىم قىلغان بۇمۇ كالىنىڭ ئۇلۇغلىقىدىن ئەمەس. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ چۈشەنچىسىنى شۇ شەيئى بىلەن باغلىنىدۇ دېسەك چاشقاننى تۇتېم قىلغان مىللەتلەرنىڭ بۇ چۈشەنچىسىنى ئىسپاتلىيالماي قالىمىز. ئۇيغۇرلاردىكى جىنسىيەتكە دائىر چۈشەنچە ئۇلاردا ئىنسانىيەتكە ئورتاق پىزولوگىيەلىك جىنسىي ئىھتىياجدىن پەرقلىق بىر ئىھتىياج بار دېگەنلىك ئەمەس(يەنى سىز سوھبەتتە تىلغا ئالغاندەك.ئارتۇق، كەم، كۈچلۈك، ئاجىز،ئاينىغان، بىقسىغان ۋاھاكازا). جىنسىيەت ماسلوۋ ئېيتقاندەك پۈتكۈل ئىنسانغا خاس ئىھتىياج، بۇ ئىھتىياج ھەققىدە ئۇيغۇرلار پەرقلىق تونۇشقا ئىېگە، خۇددى ھىندىلار كالا ھەققىدە پەرقلىق چۈشەنچىدە بولغاندەك. بۇلارنى دېيىشتىن مەقسىدىم، پىسخولوگىيەنىڭ ئىنساننى تەتقىق قىلىشى بىلەن ئىنسانشۇناسلىقنىڭ ئادەمنى تەتقىق قىلىشىدىكى پەرقنى چۈشەندۈرۈش. پىسخولوگىيە ئىنسان تۈركۈملىرىدىكى چۈشەنچە پەرقىنى ئەمەس ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان پىسىىك ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى دەل ئىنسان تۈركۈملىرىدكى خاسلىقلارنى ( مەسىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئۇ چۈشەنچىسى، ياپۇننىڭ بۇ ئادىتى، رۇسنىڭ بۇ قارىشى دېگەندەك) تەتقىق قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدە ھاجەت قىلىش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان نېرۋا سىستېمىسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى پىسخولوگىيە، ھاجەتخانىنىڭ نەدە بولۇشى، قانداق بولۇشى، ھاجەت قىغاندا قايانغا يۈزلىنىش، قايانغا يۈزلەنمەسلىك قانداق ئولتۇرۇش ياكى ئولتۇرماسلىق ھەققىدىكى پەرقلىق مىللەتلەردىكى چۈشەنچە مەسىلىسىنى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىق قىلىدۇ...»

    لېكىن نېمە ئۈچۈنكى ئەرتۈك ئوقۇپ باقمىغاندەكلا گېپىنى تەكرارلاۋەردى. ئەلۋەتتە بىر ئادەمنىڭ بۇرۇندىن توغرا دەپ قارايدىغان، پىسخولوگىيەگە ئائىت بىردىنبىر ساۋادىغا ئۇنداق ئەمەس دېگەنلىك ئۇ كىشىنى مەھرۇمۇققا مەھكۈملەيدۇ، ئەمما نىمىشكە دۇنيادا بىز توغرا دېگەن نەرسىنىڭ خاتا بولۇش ئىھتىمالىقىنى قوبۇل قىلالمايمىز. بەلكىم بۇ داڭلىقلاردىكى ئورتاق پىسخىكا بولۇشى مۇمكىن. ئەينى چاغدا مەمتىمىنى ھوشۇرمۇ يالقۇن روزىنىڭ ئىلمىي تەنقىدىگە شۇ ئىلىمى مىتودنى بىلمەي تۇرۇپ قارشى چىققان.

    ئەرتۈرك: سىز ھاراقخۇمارلىق، مەستلىكنى ئىنسانلار مەدەنىيىتى، يۈكسەك ئاڭ ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ ئاياغلاشتۇرالايدۇ دەپ قارايدىكەنسىز، مەن ئۇنداق قارىمايمەن. ئىنسانلار شۇنچە تەرەققىي قىلىپ، يۈكسەك ئاڭغا ئىگە بولغان 20-ئەسىردە، تېخى مەدەنىيەتتە ئەڭ ئىلغار كەتكەن ياۋروپادا ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەردى. ئۆزىنى مەدەنىيەتلىك ھېسابلايدىغان ياۋروپالىقلارنىڭ ئىدىئولوگىيىسى قاتتىق تەۋرەندى، روھى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ئەۋج ئالدى. قېنى شۇ چاغدىكى ئىجتىمائىي تەرتىپ، قېنى شۇ چاغدىكى ئەقلىيەت ۋە يۈكسەك ئاڭ؟ 21-ئەسىر كىرگەندە يەنە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟  ئۈمىدنى ئىنسانلار ئېڭىغا باغلاش خىيالىي سوتسىيالىزىمدەك تۇيۇلىدۇ ماڭا.

    جاۋاب، ئەرتۈركنىڭ بىر ئالاھىدىلكى نەقىل ئالمايدىكەن، يا كىتابتىن، يا توردىن، يا ئىنكاستىن، بۇنداق بولغاندا كىم نېمە دېدى، قايسى توغرا قايسى خاتا ئۆلچەم نېمە، ئايرىۋالغىلى بولماي قالىدۇ. مۇشۇ نەقىل ئالماسلىق، ئىلىمگە ئەمەس، پەرەزگە تاينىش، ئىلىم مۇنازىرىلىرىدە كونكىرىت نەزەرىيە، مىتودقا ئەھمىيەت بەرمەي شۇنداق كەسكىن ئىلمىي مەسىلە ئۇقۇملارنىمۇ   لېرىكا بىلەن يۆگەپ ئۆتۈپ كېتىش، مېنىڭ شۆھرەتلىك يازغۇچىمىزغا شۇنچە ئەستايىدىل بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى، چۈنكى بۇ يازغۇچىلاردا بەك ئومۇملاشقان. يۇقارقى گەپنى مەن قىلغان ئەمەس.

    مەن بىر جەمئىيەتنىڭ سىستېمىسى مۇنداق ئۈچ ئامىل ئۈستىگە قۇرۇلسا، شۇنداق جەمئىيەتتە ھاراخورلۇققا ئوخشاش كېسەللەر ئازلارمىكىن دەپ قارىغان. بۇلار، شۇ خەلقنىڭ مەدەنىيىتى، ئىككىنچى ئىلمىي پىرىنسىپ، ئۈچىنچى دۇنياۋىي پىرىنسىپ. بىرىنچى ئامىلغا مىسال، تۈركىيە مۇتلەق كۆپ ئاھالىسى مۇسۇلمان دۆلەت، مەزكۇر دۆلەتتە ياغلىقنىڭ ھۆكۈمەت سورۇنلىرىدا چەكلىنىشى تۈركىيەنىڭ مەدەنىيتىگە قارشى، بۇ تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ كەمتۈكلىكى. ئىككىنچى پىرىنسىپ دۇنيادا ئىجتىمائى مەسەلەلەرنى تەقتىق قىلىدىغان جەمئىيەتشۇناسلىق، ئختىسادى ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان ئىختىسادشۇناسلىق، باشقۇرۇش ئىلمىي دېگەن ئىلىملەر بار. بىر جەمئىيەتنىڭ سىستىمىسى مۇشۇنداق پىرىنسىپلارنى ئىنكار قىلماسلىقى كېرەك. ئۈچىنچى پىرىنسىپ، دۇنياۋىي پىرىنسىپ، مىسال سايلام، پارلامىنت، نامايىش، پارتىيە قاتالىق سىياسىي ھادىسلەر ئەمەلىيەتتە دۇنياۋىي ھادىسە، سىز قوپۇپ مېنىڭ خەلقىمدە نامايىش مەدەنىيىتى يوق، سايلام مەدەنىيىتىمگە قاشى، مېنىڭ بوۋىلىرىم پارلامىنت قۇرمىغان...ۋاھاكازا دېسىڭىز بولمايدۇ، بۇنداق قىلسىڭىز ئىنساننىڭ جىسمانىي ئىھتىياج، مەنىۋىي ئىھتىياج سەزگۈ، خاتىرە قاتارلىق ئورتاق پىسخىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەۋجۇدات ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولىسىز. ئىنساندىكى ئورتاقلىقتىن ئالغاندا دۇنيادا ئىنساننىڭ باراۋەرلىك، كۆيۈم، ھۆرلۈكتە ياشىشى مەدەنىيەتتىن ھالقىغان ئورتاق دۇنياۋىي ھوقۇق. شۇڭا بىر قەمئىيەت مۇشۇ ئۈچ ئامىلنىڭ مۇئازىنىتى ئۈستىگە قۇرۇلسا ئىجتىمائى كېسەللەردىن بىر قەدەر خالى بولىدۇ. بۇلار مېنىڭ قارىشىم، بۇلارنى مەن ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەن.

    ھەممىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش ئەلۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شۇ تاپشۇرغان كىشىگە(شۇ سۆزنى قىلغان كىشىگە) مايىللىق ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن «قۇتادغۇبىلىك» تىن ھازىرغىچە بىز مۇشۇ مۇنازىرىدە ياشاۋاتىمىز، ئىشىمىزنى، مەسىلىمىزنى ئاللاھ ئوڭشامدۇ ياكى ئىنسان، بىز ئوڭشامدۇق؟ بۇ يەردە ئۇدغۇرمىش بىلەن ئۆگدۈلمىشنىڭ قارىشى، مۇنازىرىسى  تەكرارلىنىۋاتىدۇ. مەن يەنىلا ئۆگدۈلمىشنى ياقىلايمەن، ئۈمىد ئنساندا، ئۆزى، مىللىتى، قىلىۋاتقان ئىشى ھەققىدە جان تىكىپ ئىزدىنىدىغان، ھەممە ئىشتا شۇ ھادىسىگە ئائىت  پەنگە، تەجرىبىگە  ئاسالىنىپ ھۆكۈم قىلىدىغان، دېگەن ھەر بىر ئېغىز سۆزىدە مەسئۇلىيەتچان، راستچىل، ئىجراچى بولۇپ ياشايدىغان ئۇلۇغ ئىنساندا.

    ئۆزرە: كۇتۇپخانىدىكى كومپىيوتىردا بىلىك نورمال كۆرۈنمىگەچ، خەتلەر بەك خاتا چىقىپ كېتىپتۇ، دوستلارنىڭ بۇ تاسادىپىلىقنى توغرا چۈشىنىشىنى، سەھۋەنلىكلەرنى ئەپۇ قىلىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يەنە بىرى، ئەگەر مېنىڭ مۇنازىرەمدە نەزەرىي ئىسىملىك تورداش تىلغا ئالغاندەك ئامىللار بولۇپ قالغان دەپ قارىساڭلار ئەپۇ قىلغايسىلەر.

    ئەرتۈرك ئەگەر بۇ مۇنازىرەمنى مەمەدانىلىق، ياكى قەستەن قۇسۇر تېپىش دەپ چۈشىنىۋاتقان بولسا ئۆزۈر سورايمەن.

    مەن پەندە ئىسپاتى بولمىغان، ياكى ئاپتۇر تەرىپىدىن ئىسپاتى كۆرستىلىمىگەن، مەنبە ئەسكەرتىلمىگەن، نەقىل ئېلىنمىغان شەكىلدە پىسخولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىغا دائىر مەسىلەلەرنى مۇنازىرە قىلىشتىن چېكىنىمەن. قاچانىكى مەن كۆرسەتكەن مەنبەلەرنى ئىنكار قىلىدىغان، مەن تىلغا ئالغان ئىلمىي بايانلارنى رەت قىلىدىغان دەلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغىچە مۇنازىرىگە كىرمەيمەن. ئەگەر بۇ پوزىتىسىيەم ئۇتتۇرغانلىققا، مۇنازىرىدە يېڭىلگەنلىككە ئىشارە دەپ چۈشىنىلسە مەن يېڭىلگەن بولاي.

    ئەرتۈرك:

    سىز تەمىنلىگەن ئۇلانمىنى كۆرۈپ باقتىم، ئۈچتىن ئىككى قىسىم مەزمۇن يەنىلا فروئىدنىڭ نەزەرىيىسىنى شەرھلەش بىلەن توشۇپتۇ. روھى ئانالىز نەزەرىيىسىنىڭ بىر مۇنچە تارماق ئېقىملىرىنى تونۇشتۇرۇپتۇ. تەنقىد مەزمۇنلىرى ئاخىرىدا ئىكەن. سىز  كۆپلىگەن ئالىملار تەنقىدلىدى، رەددىيە بەردى دېگەنلەر ئىچىدە فروئىدنىڭ خوتۇنىمۇ بار ئىكەن. ئۇ خوتۇن ئېرىنىڭ جىنسىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتقا بەك چۆكۈپ كەتكەنلىكىدىن ئاغرىنىپ ئاجرىشىپ كەتكەنىكەن. سىز  مالال كۆرمەي بۇ سۆزنى ئېنىق تەرجىمە قىلىپ بەرسىڭىز:

    because its claims are not testable and cannot be refuted; that is, they are not falsifiable.[54] For example, if a client's reaction was not consistent with the psycho***ual theory then an alternate explanation would be given (e.g. defense mechanisms, reaction formation). Karl Kraus cannot be refuted نى نېمە دەپ چۈشىنىمىز؟they are not falsifiable   بۇنىچۇ؟

      بۇ ئۇلانمىدىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا فروئىدنى تەنىقىدلىگۈچىلەر ئىچىدىمۇ نۇرغۇن ئىختىلاپ بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن بۆلۈنۈپ چىققۇچىلار، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار، ئۇنىڭغا قايتقۇچىلار ئۈزۈلۈپ قالماپتۇ،Modern psychoanalysis شەكىللىنىپتۇ. International Psychoanalytical Associationتا ھازىرغىچە پائالىيىتىنى داۋام قىلىۋېتىپتۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، فروئىدنىڭ دەۋر بۆلگۈچ بىر ئېقىم پەيدا قىلغىنى راست، ئۇنىڭ نەزەرىيىسى قوبۇل قىلىنسۇن، قىلىنمىسۇن، پىسخولوگىيە ساھەسىدە يېڭىلىق ياراتتى.   بىز ئەمدى بۇ ھەقتە ئىختىلاپلىشىپ يۈرمەيلى. سىزنىڭ مېنى دەلىل ئالمايدۇ، نەقىل مەنبەسىنى ئەسكەرتمەيدۇ دېگىنىڭىزنى چۈشىنىمەن، بىز ئەدەبىياتچىلار دائىم كىتاب ئوقۇپلا مۇھىم مەزمۇن ياكى جۈملىلىرىنى خاتىرىلىۋېلىپ، بەت سانىنى يېزىپ قويمايدىكەنمىز، چۈنكى ئۇ چاغدا ماقالە يېزىپ قالساق بۇ نەقىل مەنبەسىدىن پايدىلىنىمىز دەپ  ئويلىمىغان-دە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بۇ يەردە ۋاقتىمنىڭ يار بېرىشىچە سوئاللارغا ئۇدۇللۇق جاۋاب بېرىۋاتىمەن، سوئال جاۋاب بەرىبىر ئىلمىي ماقالە يېزىقچىلىقىغا ئوخشىمايدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

    ھەقىقەتەن بىزدە، بولۇپمۇ ئەدەبىياتچىلاردا ماقالە يازغاندا ئەسلى مەنبەدىن نەقىل ئالمايدىغان، سۆزىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتمەيدىغان ئىللەت بار. بۇنى تۈزىتىشنى مەنمۇ قوللايمەن. زۇلپىقار بارات ئۆزباشمۇ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە يازغان ماقالىسدە مۇشۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تىلغا ئاپتۇ. بۇ زادى تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىش.

    گۈلەن:

    ئەرتۈرك ئەپەندىنىڭ مەن قالدۇرغان مەنبەنى كۆرگىنىگە رەھمەت، ئەمما ئېلىنغان سىتات چالا بولۇپ قاپتۇ. م،Freud Wars. Karl Popper argued that psychoanalysis is a pseudoscience because its claims are not testable and cannot be refuted; that is, they are not falsifiable.

    ئەسلى تولۇق جۈملە بۇ. مەنىسى:... پىسخىك ئانالىز ساخىتا پەن، چۈنكى ئۇنىڭ جاكارلىغانلىرىنى تەجرىبە قىلغىلى بولمايدۇ، ناتوغرا دېگىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ پەقەت مەشھۇر پىسخولوگ كارل پوپپىرنىڭ تەنقىدى. ئۇلىنىشتىكى ئىلمىي تەنقىد قىسمىدا پەن نوقتىسىدىن تۇرۇپ فرويىد قاراشلىرىنى سىستىمىلىق تەنقىد قىلغان. پەنچى بالىلار بىلىكتە خېلى بار، مەنچە شۇلارمۇ بىر ئوقۇپ پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقسا ئوبدان بولاتتى.. فرويىد نەزەرىيەسىنىڭ پىسخولوگىيىلىك تەجرىبە تەتقىقاتى تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىغانلىقىنى ئىلگىرىكى مۇنازىرەمدە ئۇلىنىش قىلىپ كۆرسەتتىم، قايتا دەپ ئولتۇرماي. پەن بولغانىكەن تەجرىبە ئاساسى بولۇشى كېرەك.
    بۇ يەردە مەن يەنىلا ئەستايىدىللىقنى، ئىلمىيلىكنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەرغىپ قىلىمەن. بولۇپمۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە، پىسخىكىسىغا باھا بەرگەندە شۇنداق بولۇشى كېرەك. بۇ ئارىمىزدىكى مۇنازىرىنىڭ تۈگۈنى.

    ئەرتۈركنىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن قىلىۋاتقان سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولغاي، مەن مۇنازىرىدىن چېكىندىم. ئەرتۈرك فرويىد ھەققدىكى ھەققدىكى تەنقىدنىڭ بېشىنىلا كۆرۈپ ئاخىرىغا قارىماپتۇ، تەنقىد تۆرت قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ قالغان سۇئاللىرى ياكى بىلەلمىگەن يەرلىرى بولسا، مەندەك نائۇستىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئەمەس، ئەسلى مەنبەگە مۇراجەت قىلغاي. ئەرتۈرك ئەگەر بۇ مۇنازىرەمنى مەمەدانىلىق، ياكى قەستەن قۇسۇر تېپىش دەپ چۈشىنىۋاتقان بولسا ئۆزۈر سورايمەن.

    ئەرتۈرك:

    ئاۋۋال شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، مەن ئاتاقلىق، داڭلىقلاردىن  ئەمەس ھەم داڭلىق بولۇشنى ئۆزەمگە بېسىم قىلىۋالغان ئادەم ئەمەس. پەقەت ھەر قايسىڭلارغا ئوخشاش ئىزدەنگۈچى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئىلمىي پوزىتسىيىسىنى، ئەستايىدىللىقىنى، نېتزىلارچە ھەممىدىن گۇمانلىنىش، ھەممىگە قايتا باھا بېرىش ئىستەكلىرىنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن. بىز بىر-بىرىمىزگە تازا قايىل بولمايۋاتىمىز، سەۋەب ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە يارىشا توغرا دەپ ئويلىغانلىرى بار. سىز فروئىد نەزەرىيىسى ساختا پەن، رەددىيە بېرىلدى، ئىنكار قىلىندى، ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئەمدى ئويغىنىڭلار، كەچكىچە فىروئىد دەپ ئاقمايدىغان بىر نېمىنى تەرغىپ قىلماڭلار... دېمەكچى بولۇۋاتىسىز. بىر ئېقىمغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇنىڭ توغرىلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ماركىسىزممۇ ئاخىرىدا قانداق بولدى؟ دەپ سوئال قويۇۋاتىسىز. ئەمما كۆرۈۋاتىسىزكى، فروئىد نەزەرىيىسى يەنىلا بېشى ئۈزۈلسىمۇ قۇيرۇقى مىدىرلاۋاتقان يىلاندەك ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ، كىشىلەر ئېڭىنى غىدىقلاۋاتىدۇ.  ماركىسىزممۇ پۈتۈنلەي ئۆلگىنى يوق، ئالىي مەكتەپتە ئۇنى زېرىككىچە ئۆگەندۇق، ھازىرمۇ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئەمەلدارلارغا دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلۈۋاتىدۇ،  ئۆپەلسەپە بولۇشتىن كۆرە ئىقتىسادشۇناسلىققا چېتىلىدىغان مۇھىم پەن ھېسابلىنىدىكەن. يەنە دېسەم يەنە شۇ، بىز پەقەت ئېقىملار بىلەن تونۇشقۇچى، ئۇ ئېقىملارنى قوللىغانلارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا دەلىللىرى بار، رەت قىلغۇچىلارنىڭمۇ بەلگىلىك ئاساسى بار. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرىنى گوگۇل ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ قاتار-قاتار تىزىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ ئۈستۈنلۈك تالىشىشمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
    پىسخولوگىيىنى تەبىئئ پەن دېگىنىڭىز توغرا، مېنىڭ ئىجتىمائىي پەن دېگىنىممۇ خاتا ئەمەس. چۈنكى  بۇ ھازىرغىچە تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان مەسىلە. پىسخولوگىيە ناھايىتى كۆپ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر پەن ئىكەن.  ئەڭ دەسلەپتە ئۇ پەلسەپەنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، كېيىن مېدىتسىنا، جۈملىدىن نېرۋا تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەبىئىي پەنگە مايىل تۈس ئاپتۇ.  روھىي ئانالىز نەزەرىيسى كۆپىنچە مېدىتسىناغا، يەنى تەبىئىي پەنگە مەنسۇپ دەپ قارىلىدىكەن؛ ئەمما كەسكىن شۇنداق دەپ قارىغىلىمۇ بولمايدىكەن. ئادەم ماددا بىلەن روھنىڭ مۇكەممەل بىرلىكى بولغاچقا، پىسخولوگىيە ئەگەر ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ۋە روھىي ئالامەتلىرىنى تەتقىق قىلغاندا ئىجتىمائىي پەنگە تەۋە بولدىكەن.  ئادەمنىڭ مېڭىسى، نېرۋىسى... نى تەتقىق قىلغاندا تەبىئىي پەنگە كىرىپ كېتىدىكەن.  ئەگەر مېڭە زەخمىلەنسە ئادەمنىڭ روھىي پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندەك، ئادەم روھى جەھەتتىن ئىچ-ئىچىدىن تۈگىشىپ كەتسە مېڭە ۋە نېرۋىنىڭ ساغلاملىقىمۇ زىيانغا ئۇچرايدىكەن.

    ئەگەر پىسخولوگىيىلىك ھەرىكەتنىڭ ماھىيىتىگە بولغان توغرا چۈشەنچە كەمچىل بولسا ئۇنىڭ تەبىئىيلىكى ياكى ئىجتىمائىيلىقى ھەققىدە توغرا قاراشمۇ شەكىللىنەلمەيدۇ.  شۇڭا پىسخولوگىيە مۇرەككەپ پەن.

    پىسخىك ئانالىز ساخىتا پەن، چۈنكى ئۇنىڭ جاكارلىغانلىرىنى تەجرىبە قىلغىلى بولمايدۇ، ناتوغرا دېگىلىمۇ بولمايدۇ.

    بۇ تەنقىدچىنىڭ  فروئىدنىڭ قاراشلىرىنى تەجرىبە قىلغىلى بولمايدۇ دېگىنىدىن تەبىئىي پەننىڭ پۇرىقىنى، ناتوغرا دېگىلىمۇ بولمايدۇ دەپ مۈجمەل گەپ قىلغىنىدىن ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پەن، ئادىمىيەت پەنلىرىگە ئائىت تەرەپلىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
    بۇ يەردە يەنە مۇنداق سوئال تۇغۇلىدۇ: ئۇنداقتا  فرئىد نەزەرىيىسىنى تەجرىبە قىلغىلى بولماسلىقنىڭ  ئىسپاتى قېنى؟  ۋاھالەنكى، روھىي ئانالىز نەزەرىيىسىنىڭ ئادىمىيەتكە، ئىجتىمائىي پەنگە ئائىت قاراشلىرىنى تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. بۇ ھالدا ئۇنى ساختا پەن دەپ ھۆكۈم قىلىش كېرەكمۇ؟ ئەجىبا ئىجتىمائىي پەن پەن ئەمەسمىكەن؟

    گۈلەن: مەن پەندە ئىسپاتى بولمىغان، ياكى ئاپتۇر تەرىپىدىن ئىسپاتى كۆرستىلىمىگەن، مەنبە ئەسكەرتىلمىگەن، نەقىل ئېلىنمىغان شەكىلدە پىسخولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىغا دائىر مەسىلەلەرنى مۇنازىرە قىلىشتىن چېكىنىمەن. قاچانىكى مەن كۆرسەتكەن مەنبەلەرنى ئىنكار قىلىدىغان، مەن تىلغا ئالغان ئىلمىي بايانلارنى رەت قىلىدىغان دەلىللەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىغىچە مۇنازىرىگە كىرمەيمەن.

    سىزنىڭ مەنبەنى تەكىتلىشىڭىز ئىلمىي پوزىتىسيە نۇقتىسىدىن توغرا. ھازىر گوگول ياكى بەيدۇغا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك سۆزنى كىرگۈزسىلا ئالدىمىزغا ھەممىنى تەييار قىلىپ بېرىدۇ، بۇنداق قىلىشنى  ھەممەيلەن بىلىدۇ. باياننىڭ ھەممىسىنى باشقىلارنىڭ نەقلى بىلەن توشقۇزۇۋېتىش، نەقىلنى چوڭ بىلىپ كېتىش، ئۆز پىكرىنى باشقىلارنىڭ كاللىسىغا سېلىپ ئۆلچەشنى مەن ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن. مەنبەدىن پايدىلىنىش كېرەك، بىراق ئۆز كاللىمىزنىمۇ ئىشلىتىپ قويايلى،  تارقاق بىلىملەرنى يىغىنچاقلايلى، مەسىلىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزنىمۇ ئىشقا  سالايلى. باشقىلارنىڭ تەپەككۇرىغا قامىلىپ قېلىش، باشقىلارنىڭ دەلىلىگە تايانمىسا سۆزى ئاقمايدىغاندەك ھېس قىلىشمۇ بىر خىل مەھكۇملۇق. سىزنىڭ ھە دېسە مەنبەنى پەش قىلىشىڭىزدىن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزنى يىغىنچاق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماسلىقىڭىزدىن، ئۆزىڭىز كاللا يۈرگۈزۈپ  مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ باقماسلىقىڭىزدىن، ئاخىردا  قېيداپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇشىڭىزدىن ئەپسۇسلىنىپ قالدىم.

    گۈلەن:

    ئەرتۈرك: ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرىنى گوگۇل ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ قاتار-قاتار تىزىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ يەردە بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ ئۈستۈنلۈك تالىشىشمىزنىڭ ھاجىتى يوق.

    مەن قاتار تىزىۋەتكەن ھىچ نېمە يوق، پەقەت سىزگە قايتا قايتا تەۋسىيە قىلىۋاتقان ۋىكىپېدىيە قامۇسى بار.، لېكىن سىز شۇنىمۇ ئەستايىدىل ئوقۇماي چالا سىتات ئېلىپ، سۇئال قويۇۋاتىسىز. تەپسىلى ئوقۇغان بولسڭىز ئاشۇ ئۆتكۈرلىكىڭىز بىلەن مەندىن نەچچە ھەسسە ياخشى چۈشەنگەن بولاتتىڭىز. مەن سىزدىن ئۈستۈنلۈك تالاشمىدىم ھەم تالاشقىدەك مادارىممۇ يوق.  سىز لوگىكىلىق تەپەككۇر تەلەپ قىلىنىدىغان سۆھبەت ۋە ماقالىلرىڭىزدە جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى...ئۇيغۇرنىڭ جىنسىيىتى...ئۇيغۇر جىنسىيىتى ئاينىغان...ئۇيغۇر جىنسىيىتى باشقا مىللەتتىن ئالاھىدە..دېگەندەك پىسخولوگىيەگە تاقىشىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقىرىپتىكەنسىز، مەن سىزدىن ئاساس تەلەپ قىلدىم. بۇ ھۆكۈملىرىڭىزنىڭ ئىلمىي ئاساسىنى سوراپ قويدۇم. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي ئەگەر غەرپ دۆلەتلىرىدە بولسىڭىز يۇقارقى گەپلىرىڭىز ئۈچۈن سوتقا تارتىلىسىز. شۇڭا غەرپتە سىز ماڭا نېمە دېگەن بولسىڭىز شۇنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ ئەسكەرتىمەن، بولمىسا يالغانچى بولۇپ ئىشەنچتىن مەھرۇم قالىمەن، چاتاق چىقسا ئوقۇشتىن ياكى ئىشتىن ھەيدىلىمەن. سىز ئىسپاتلىغان بولسىڭىز تەتقىقاتىڭىزنى كۆرسىتىسىز، باشقىلارنىڭ ئىسپاتى بويىچە بىرەر مەسىلىگە باھا بەرمەكچى بولسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ساھەنىڭ مۇتەخەسىسىنىڭ ھۆكۈملىرىدىن نەقىل ئالىسىز. ئۇنداق قىلمىسىڭىز خۇددى  ئەسئەت سۇلايمان ھەسرەتلەنگەندەك ئۇيغۇر زىيالىنىڭ ئۆز مىللىتى ھەققىدە يازغانلىرىدىن ھىچ كىم سىتات ئالمايدۇ. ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ.

    مەن قايتا قايتا دېدىم، ئەگەر سىز ئەدەبىي ئەسەرلىرىڭىزدە نېمە دېسىڭىز، مەيلى ئۇ دېگەن ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى، شۇڭا مۇبالىغە ياكى بىر نېمە دەپ قويساق بولىدۇ. ئەمما سۆھبەت ماقالىدە تىلغا ئالغانلىرىڭىزنىڭ مەنبەسىنى سورايمىز، ئىسپاتلىغان بولسڭىز ئىسپات جەريانىڭىزنى سورايمىز. گەپ ئۇيغۇرنىڭ پىسخىكىسى ھەققىدە كېتىۋاتقاندىن كېيىن سىزدىن شۇ ھەقتە سورايمىز.

    ئەرتۈرك: سىزنىڭ ھە دېسە مەنبەنى پەش قىلىشىڭىزدىن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىزنى يىغىنچاق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماسلىقىڭىزدىن ، ئۆزىڭىز كاللا يۈرگۈزۈپ  مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ باقماسلىقىڭىزدىن، ئاخىردا  قېيداپ...

    جاۋاپ، مەن ئۆگەنگەنلىرىمنى ھەرقانداق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قوياي، يەنىلا سىز زېرىككەن نەقىللەر بىلەن تولدۇرىۋېتىمەن. چۈنكى مەن نەسىر، رومان، ھىكايە يازالمايمەن، ماقالىدە بىر ئادەم ھەممىنى قايتا ئىسپاتلاپ ئولتۇرمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئىسپاتىنى نەقىل ئېلىپ ئۆزىنىڭكىنى ياقىلايدۇ. ياكى تەجرىبە قىلىدۇ، ياكى جەمئىيەت تەكشۇرىدۇ، ياكى يازما مەنبەلەرنى ئاساس قىلىدۇ...ئەمما بىر مىللەتكە باھا بەرگەندە بىر فرويىدقا ئېسىلىۋېلىشتەك قىلىق ئىلمىيلىك بولمايدۇ، ئىدولوگىيەچىلىك بولۇپ قالىدۇ.

    مەن سىزدەك ھىچ سەۋەپسىز پىسخولوگىيەنى ئىجتىمائى پەن دېمەيمەن...ھىچ ئاساسسىز قارىشىمنى گەپتىن گەپ چىقىرىپ، تەسەۋۋۇرۇمنى پاكىت قىلىپ يېزىۋېرەلمەيمەن.
    پەن دېگەن سۆزنىڭ ئادەتتە تەبىئى پەنلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، بۇ سۆزنىڭ سەنئەتكە مۇقابىل قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىلمىسەم ھەم سىزنى بىلىدۇ دېمىسەم ئۇ مەنىدە قوللانمايتتىم.

    مەن ھىچ نېمىدن قېيدىمىدىم، پەقەت ئىككىمىزنىڭ تەربىيەلىنىش ئارقا كۆرىنىشىمىز بەك پەرقلىق ئىكەن، مەن يەنىلا ئىلىم ھەققىدىكى ھەر بىر ئېغىز سۆزنى مىسقاللاپ، بىلىپ سۆزلەيدىغان ئادەم بىلەن مۇنازىرە قىلاي. ھىچ بولمىسا باشقىلارنىڭ يازغانلىرىنى ئىنسانغا ھۆرمەت، ئىلىمگە ھۆرمەت نوقتىسىدىن بولسىمۇ تەپسىلى ئوقۇپ،ئويلۇشۇپ، ئىزدىنىپ جاۋاپ يازىدىغان كىشىنى تاپاي.

    ئىلمىيلىكىنى تەكىتلەش، مەسئۇلىيەتنى تەرغىپ قىلىش، سەمىمىلىكنى تەشەببۇس قىلىش توردا ئەمەس، دۇنيانىڭ زاۋۇتى جوڭگۇدا ھازىرچە پەقەت گۈزەل ئارزۇ. بۇ ماكرو موھىتىنىڭ چەكلىمىسى.
    لوگىكىلىق تەپەككۇرنى تەرغىپ قىلىش ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىغا ۋە يازارمەنلىرىگە ئوخشاشلا ئېغىر كېلىدۇ. بۈگۈننى، ئۆتمۇشنى ۋە ھەتتا ئەتىنى ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق ھىسسى بىلىشكە كۆنگەن كىتابخاننى پەرەز، ئىسپات، نەزەرىيە، خۇلاسە قاتارلىق مۇرەككەپ تېرمىنلار بىلەن تولغان ئىلمىي ماقالە ئارقىلىق رىياللىق ھەققىدە ئەقلى بىلىشكە يېتەكلەش ھەقىقەتەن تەرس. بۇنداق كەسكىن ئىلمىيلىكنى بازارمۇ كۆتۈرمەيدۇ، خېرىدارمۇ ياقتۇرمايدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارمۇ بازارغا يارىشا ئىشلەيدۇ. شۇڭا كىمنىڭ نېمىگە مايىللىقى ماڭا سىر ئەمەس. مەن بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە يازغان.

     

    گۈلەن:

    سىز لوگىكىلىق تەپەككۇر تەلەپ قىلىنىدىغان سۆھبەت ۋە ماقالىلرىڭىزدە جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى...ئۇيغۇرنىڭ جىنسىيىتى...ئۇيغۇر جىنسىيىتى ئاينىغان...ئۇيغۇر جىنسىيىتى باشقا مىللەتتىن ئالاھىدە..دېگەندەك پىسخولوگىيەگە تاقىشىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقىرىپتىكەنسىز، مەن سىزدىن ئاساس تەلەپ قىلدىم.

    ئەرتۈرك:

    مەن سىز تىلغا ئالغان يازما ۋە سۆھبەتلىرىمدە ئۆزەمنىڭ ۋە پىرسۇناژلىرىمنىڭ روھىيىتىنى قېدىرىش داۋامىدا ھېس قىلغانلىرىمنى، جۈملىدىن جىنسىيەت ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى، بۇنى فروئىدنىڭ ۋە كارل جۇڭنىڭ پىسخىك ئانالىز نەزەرىيىسىگە باغلاپ چۈشەنگەنلىرىمنى يۈزەكى بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم، مەن ھېچقاچان ئۇنى ئىلمى تەتقىقات ماقالىسى دەپ قارىمايمەن، ئىلمىي ماقالە دېگەننىڭ ئۇنداق يېزىلمايدىغانلىقىنى ھەم بىلىمەن. سىز مېنىڭ تەسىرات يازمىلرىمنى، سۆھبەتلىرىمنى ئۇنىڭدىكى بەزى ھۆكۈملەرنى ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىگە سېلىپ  پۈتۈنلەي رەت قىلسىڭىز بولىدۇ، لېكىن مەنمۇ سىزدىن  يېتەرلىك ئاساس، ئۆزىڭىزگە خاس پىكىر تەلەپ قىلىمەن. مۇشۇ ۋاققىچە  سىزدىن «فروئىد رەت قىلىنغان، ئىشەنمىسىڭىز توردىكى قامۇستىن ئىزدەڭ» دېگەندىن باشقا گەپ چىقمىدى، رەت قىلىنغانلىقىنىڭ، تەجرىبە ئاساسى يوقلۇقىنىڭ ئېنىق دەلىلى نېمە؟ دېگەنگە تېخى جاۋاب بەرمىدىڭىز. سىز تەجرىبىچىلىك، دەلىلچىلىكنىڭ تەشەببۇسكارى ھەم  باشلامچىسىى بولغاندىكىن فروئىدنى،  ئۇنىڭ «ئەبجەق» نەزەرىيىسىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن ئۆرۈۋەتسىڭىز ھەممىمىز خوش بولاتتۇق. مېنى بىر مۇنچە تەنقىدچىلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇش بىلەن ئىش تۈگىدى دەپ ئويلاپسىز،  سىزنىڭ ئىلمى مەسئۇلىيىتىڭىزمۇ شۇنچىلىككەن.
    فروئىد ئۆزىنىڭ كېسەللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاتىمىغان، ئارخىپ تۇرغۇزمىغان دېگەندەك گەپلەرنى تېرىپ كەلدىڭىز، بۇ ئۇنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ تەجرىبە ئاساسى يوقلۇقىغا ئىسپات بولالامدۇ؟  فروئىدنىڭ 20-ئەسىردە كىشىنى زىل-زىلىگە سالغان ئەسىرى دەپ تەرىپلەنگەن « قىزچاق دورانىڭ ھېكايىسى»ناملىق كىتابىدا 18 ياشلىق بىر قىزنىڭ روھى ھالىتى، چۈشى... ۋاھاكازالار مىسال ئېلىنىپ سۆزلىنىدۇ. فروئىدنىڭ چۈش، ئاڭسىزلىق ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىنى ساختا دەپ ئېيتقۇچىلار فروئىدنى  قەبرىسىدىن قوپۇرۇپ، «كېسەللىرىڭىنىڭ ئىسمىنى ئېيت!» دەپ ئىسپات تەلەپ قىپتىكەنمۇ؟  سىز ئىسپات، ئىسپات دەپ جار سالغان بىلەن، ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ بىر قىسىم تەنقىدچىلەرگە بېقىنىپ قالغان ئىنكارچىلىق خاھىشىڭىزنىمۇ يېتەرلىك ئىسپاتلىيالمايۋاتىسىز.
    روھىيەتكە ئائىت بەزى مۇرەككەپ، نائېنىق مەسىلىنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئىنچكىلەپ، لوگىكىلىق تەپەككۇر بىلەن ئىسپاتلاش مۇمكىنمۇ؟ ئەقىل روھنىڭ بىر تەركىۋى، بۇ ھالدا  ئۇ ئۆزىدىنمۇ چوڭ دائىرىدىكى روھىيەتنى خىمىيىلىك ئېلىمىنتلار جەدۋىلىگە ئوخشاش بېكىتىپ، ئېنىقلاپ، ئايدىڭلاشتۇرۇپ چىقالمايدۇ. مېنىڭ يازمىلىرىمدا لوگىكىلىق تەپەككۇردىن باشقا تۇيغۇ، تەپەككۇر، تەسىرات، ھېسسىيات ئامىللىرى بار.  بۇنىڭ مەنبەسىنى مەن باشقىلارنىڭ كاللىسىدىن كەلگەن ئاتالمىش نەقىللەردىن ئەمەس، ئۆزەمدىن ئالىمەن.

    گۈلەن: شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي ئەگەر غەرپ دۆلەتلىرىدە بولسىڭىز يۇقارقى گەپلىرىڭىز ئۈچۈن سوتقا تارتىلىسىز. شۇڭا غەرپتە سىز ماڭا نېمە دېگەن بولسىڭىز شۇنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ ئەسكەرتىمەن، بولمىسا يالغانچى بولۇپ ئىشەنچتىن مەھرۇم قالىمەن، چاتاق چىقسا ئوقۇشتىن ياكى ئىشتىن ھەيدىلىمەن.

    بىز پىكىر ھۆرىيەتچىلىكىنىڭ ئۈلگىسى دەپ قاراپ كەلگەن غەربتە ئۆزىنىڭ شەخسى ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانغا سوتلايدىغان ئىش بارمىكەن؟ سىز غەربنىڭ (بۇ گەپمۇ بەك چوڭ بولۇپ كەتتى)، غەرب ئەمەس، ئەدناسى ئامېرىكىنىڭ ئەدلىيە، قانۇن-تۈزۈملىرىنى قانچىلىك بىلىسىز؟
      غەرب ئەللىرىدە مەيلى تەبىئىي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا ئەستايىدىللىق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە سەمىمىيلىكنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىمىز. بۇنىڭغا ئىسپاتىم شۇكى،  مەن ئۆزەم ئارىلاشقان چەت ئەللىكنىڭ تەتقىقات روھىدىن، يازغان ماقالىلىرىدىن بۇنى خېلى بۇرۇنلا ھېس قىلغان. بىراق ھەپىلىشىۋاتقىنىم ئەدەبىيات، ھېسسىيات، دەلىلى كەم ئابستراكىت تەپەككۇر بولغاچقا، ئىلمىي تەتقىقات روھى بويىچە ئىش قىلالمىدىم. ئەمدى شۇ ئەستايىدىللارنىڭ روھىدىن ئۆگىنەيلى دەۋاتىمىز.  غەرب نەدە، بىز نەدە، بۇنىمۇ ئويلاۋاتىمىز.

    گۈلەن: مەن ئۆگەنگەنلىرىمنى ھەرقانداق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قوياي، يەنىلا سىز زېرىككەن نەقىللەر بىلەن تولدۇرىۋېتىمەن. چۈنكى مەن نەسىر، رومان، ھىكايە يازالمايمەن، ماقالىدە بىر ئادەم ھەممىنى قايتا ئىسپاتلاپ ئولتۇرمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئىسپاتىنى نەقىل ئېلىپ ئۆزىنىڭكىنى ياقىلايدۇ. ياكى تەجرىبە قىلىدۇ، ياكى جەمئىيەت تەكشۇرىدۇ، ياكى يازما مەنبەلەرنى ئاساس قىلىدۇ...ئەمما بىر مىللەتكە باھا بەرگەندە بىر فرويىدقا ئېسىلىۋېلىشتەك قىلىق ئىلمىيلىك بولمايدۇ، ئىدولوگىيەچىلىك بولۇپ قالىدۇ.

    ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتسە،  فروئىد ھەققىدە زېرىكمەي، تېرىكمەي، ھورۇنلۇق قىلماي سىستېمىلىق بىر ماقالە يېزىشىڭىزنى تەمە قىلىپ قالدىم.  ماقالىڭىزنى نەقىللەر بىلەن توشقۇزۇۋەتسىڭىز مەيلى، ئۇنىڭدىن زېرىكىپ قالمايمىز. بىراق ئۆز قاراشلىرىڭىزنى بىرەر جۈملە بولسىمۇ  قوشۇپ قويۇڭ. ئاندىن ئۇنى تەنقىدچىلەرنىڭ قاراشلىرى ئارقىلىق ياقلىسىڭىز تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالىڭىزدا فروئىد نەزەرىيىسىنىڭ خاتالىقىنى تەجرىبە قىلالمايدىغاندەك تۇرىسىز، شۇنداقتىمۇ باشقا پىسخىلوگلارنىڭ بۇ ھەقتىكى رەددىيە خاراكتېرلىك تەجرىبە-دەلىللىرىنى كەلتۈرسىڭىز بولىدۇ.  
    مەن مىللەتكە باھا بېرىشتە فروئىدقا ئېسىلىۋالمىدىم، «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ؟» دېگەن يازمامدا ئۆز ئىجادىيىتىمدە جىنسىي ئاڭ، مۇھەببەت ۋە بۇنىڭغا باغلانغان تەپەككۇرنىڭ قانداق رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسام، ئارىلىقتا بۇ قاراشلىرىمنى فروئىدنىڭ نەزەرىيسىدىن كەلگەن ئىلھام بىلەن روياپقا چىققانلىقىنى ئەسكەرتتىم. شۇغىنىسى بۇنداق ئومۇمىي تەسىرات، ئومۇمىي يەكۈننى قايسى كىتاب، قايسى ۋاراقتىن ئالغان دەپ ئەسكەرتەلمىدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ جىنسىيىتى ئالاھىدە، بىقسىغان، بۇزۇلغان... ۋاھاكازا. دېگەنلىرىم ئۆزەم كۆرگەن، بىلگەن، ئاڭلىغان، مەتبۇئات ۋە تورلاردىن يىغىشتۇرغان چۈشەنچلىرىم، بەلكىم بىر چاغلاردا «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» دا ئېلان قىلىنىپ زىل-زىلە قوزغىغان «دېلو ئەھۋالىدىن ئەخلاقىمىزغا نەزەر»(تولۇق ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم)،  دېگەن  ماقالە ۋە تورلاردا بىر ئەمەس، بىر قانچە قېتىم «قىزىغان باسقۇنچىلىق قىلغان ھايۋان...» دېگەندەك تېمىلار بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك. بۇنداق ئەھۋال باشقا مىللەتتىمۇ بار، بىراق مېنىڭ كۆزىتىش نۇقتام يەنىلا ئۆز قەۋمىم. جېدىلىم شۇلار بىلەن.  ئومۇمەن مەن بىرەر پىكىر قىلسام ھەر ھالدا بىرەر ئاساسىنى تېپىپ ئوتتۇرىغا قويىمەن دەپ ئويلايمەن، بىراق بەزى پىكىرلىرىمنىڭ سىز دەۋاتقان ئىلمىيلىك ئۆلچىمىدىن يىراق ئىكەنلىكىنى تەن ئالىمەن.

    گۈلەن:

    ئەرتۈركنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلىپ ئىنكاسىمدىن نەقىل ئېلىشنى باشلىغىنىغا كۆپ رەھمەت، ھىچ بولمىسا مېنىڭ بۇ مۇنازىرىدە قىلغان ئەجرىمنىڭ مىۋىسى، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئىلمىيلىككە كۆنۈپ كەتكەي.

    مەن ئىلمىلىكنى بۇرۇن مەتبۇئاتقا چىققان ماقلىلىرىمدە تەكىتلىگەن، ئىلمىي ماقالە دېگەنننى جىق ئادەم ئوقۇمىغاچ، تورغا چۈشۈپ قالدۇق. مۇنازىرە ئىلمىيلىكنى تاۋلايدىغان ئوچاق، چۈنكى مۇنازىرىدە لوگىكا تەكىتلىنىدۇ.

    مەن بۇلتۇر بەرقى تورىغا مۇنازىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بىر تېما يازغان، بوسا شۇ يازمىنى بىلىدىغانلار بۇ يەرگە چاپلاپ قويسا ئاندىن مۇنازىلەشسەك. ئەرتۈرك ھازىر مۇنازىرىدە  تېمىنى ئەمەس مېنى مۇنازىرە قىلىۋاتىدۇ. بۇ مۇنازىرە قائىدىسىگە خىلاپ. مەسىلەن، سىز قانچىلىك بىلىسىز، سىز نىمىشقا ئىسپاتلىمايسىز...

    مېنىڭ بۇنداق نېمە دېسە بولىدىغان گەپلەرنى دېيىشكىم يوق. مەن ئۆلچىمى،پىرىنسىپى، نەزەرىيەسى يوق  ھەر قانداق مۇھاكىمىدىن يالتىيىمەن.

    ھەممە ئىشنىڭ بىر قائىدىسى، بىر يۇسۇنى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەچكە بۇنداق قائىدىگە چۈشمىگەن، تېما ئەمەس تېما ئوتتۇرىغا قويغۇچى مۇنازىرە قىلىنىدىغان سورۇندىن چېكىنگەن ئېدىم. ئەرتۈرك شۇنداق دەپ تۇرساممۇ بولدى قىلىدىغاندەك ئەمەس.

    مەن ئەرتۈركنىڭ ماركىسىزىمىنى ئاقلىشىنى توغرا چۈشىنىمەن، ئەمما توغرىلىقى ئىسپاتلانغان شۇنچە كۆپ پىسخولوگىيە نەزەرىيەلىرى تۇرسا نېمىشقا فرويىدقا بۇنچە شەيدالىقىنى ئاڭقىرالمىدىم. ئەسلى كىم قايسى ئىدىلوگىيەگە ئىشتىياق باغلىسا ئۆزىنىڭ ئىشى، لېكىن مىللەتكە باھا بەرگەندە توغرىلىقى ئىسپاتلانغان ئىلىمىي ھۆكۈمنى ئاساس قىلساق مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن.
    غەرپتە بىر مىللەتنى جىنسىيىتى ئاينىغان... دېگەندەك گەپلەربىلەن سۈپەتلەش ھەم بۇنى ئاساسسىزلا ئوتتۇرىغا قويۇش ھەقىقەتەن سوتقا لايىق. مەسىلەن تۈركىيە قانۇنلىرىدا «تۈركلۈككە ھاقارەت دەيدىغان» دەيدىغان بىر ماددا بار. ئامېرىكىدا ئەگەر سىز «قارا تەنلىكلەرنىڭ جىنسىيىتى ئاينىغان» دېسىڭىز ئىرقچىلىق بىلەن ئەيپلىنىپ قولغا ئېلىنىسىز.

    ئەرتۈرك توغرا ئېيتىدۇ، مەن ئامېرىكا قانۇنىنى ياخشى بىلمەيمەن، چۈبنكى مەن ئادۋۇكات ئەمەس. مەن ئالىملار ئىسپاتلاپ بولغان نەرسىنى يەنە ئىسپاتلىيالمايمەن. چۈنكى ئۇنچە جىق مەبلەغ، ئۈسكۈنە، ئادەم كۈچى يوق. شۇنداق كۈچى بار ئورگانلار كۆگنىتىۋ پەنلىرى، نېرۋاپىسىولوگىيە تەجرىبىلىرى ئارقىلىق توغرىلىقىنى ئىسپاتلىتالمىغان فرويىد تەلىماتىنى مەن قانداق ئىسپاتلاي؟ ھەم مەبلەغ سالىدىغان ئادەممۇ ئۇنداق ئەخلاق، دىن، پەن، ئىدولوگىيە جەھەتتە تەڭلا تەنقىدكە ئۇچراپ ئىسپاتسىزلىق سەۋەبىدىن ھۆكۈم ئاساسى بولالمايدىغان نەزەرىيەگە مەبلەغ سالماس.

    سىز دېگەندەك مەن سىز قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ فرويىد تەرەپتارلىقى ھەققىدە بىر نەرسە يازاي دەيمەن، تېمىسى «ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدا فرويىد ئىشتىياقى»، چۈنكى بىر نەزەرىيەنىڭ بىر مىللەت زىيالىلىرىدا زادى قانداق چۈشىنىلگەنلىكى مېنىڭ قىزىقىشىمغا ئۇيغۇن. بۇ تېمىنى بەلكىم 2011-يىلى ئىيۇندىن كېيىن يېزىشىم مۇمكىن، ئىمكان بولسا بلوگىڭىزدا ئېلان قىلىپ بېرەرسىز.

    ئەرتۈرك:

    گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىكى فروئىدچىلىق خاھىشى ھەققىدە ئەتراپلىق، پاكىتلىق، كاللىمىزنى سىلكىۋەتكۈدەك بىر ماقالە يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ماقالە روياپقا چىقىپ قالسا بلوگىمدا ئېلان قىلىمەن.

    بۈركۈت:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەنۋەر ھاجىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، سۇئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت. قارىسام توردا مۇنازىرىلەر كۆپىيىپ قاپتۇ، «ئەنۋەر ھاجىم جىنسىيەتنى يازامدۇ»، «جىنسىيەت ۋە ئەدەبىيات» ... ۋاھاكازا تېمىلىرىدا گەپ بولىۋېتىپتۇ. مەن بۇ ھەقتە بۇرۇن بۇنداق تېمىلارنى كۆرۈپ باقمىغان. ئالدىنقى كۈنى بۇ تېما ۋە ئىزدىنىشتىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ئوقۇپ باقتىم.

    خەنزۇچە «دەرەخنى كۆرۈپ، ئورماننى كۆرمەسلىك» دەيدىغان بىر تۇراقلىق ئىبارە بار. ھاجىمنىىڭ ئەسەرلىرىنى جىنسىيەت تېمىسىغا باغلاپ چۈشەندۈرگەن ۋە ياكى چۈشەندۈرمەكچى بولغانلارغا يۇقۇرىقى تۇراقلىق ئىبارە بەكمۇ ماس كېلىدۇ.

    ھاجىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىر بوشلۇقنى تولدۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىرى يېقىنقى ئەسەرلىرىدە ئىسلام دىنى ھەققىدىكى ئۇچۇر-بىلىملەر مول. بۇنى ھازىرغىچە ھاجىمدىن باشقا ھىچقانداق بىر ئۇيغۇر يازغۇچى تېخى قىلالمىغان ياكى قىلىپ باقمىغان. چۈنكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھاراق شاراپ بىلەن %99 تونۇشلۇق بولسىمۇ، ئىسلام دىنى بىلىملىرى بىلەن %99 تونۇشسىز. يەنە بىرى ئەيدىز، ساتىراچخانا، بۇزۇقچىلىق ئىشلىرى.

    بەزىلەر يېپىق قازان يېپىق پېتىم قالسۇن دەپتۇ. ئەدەبىيات رىئال تۇرمۇشنى مەنبە قىلغان بولغاچقا، قازاننى يېپىپ قويۇش خۇددى «قۇلاقنى ئېتىۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاپ» ئۆزىنى ئالدىغان بىلەن باراۋەر ئىش. بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن، «بۇنى يازسا، بۇزۇقچىلىق كۆپىيىپ كېتىدۇ.» مېنىڭ بۇ ھەقتە قارىشىم، بۇنى يازمىغان زامانلاردىمۇ بۇزۇقچىلىق ئاز ئەمەستى.

    جىنسىيەت ھەققىدە غىدىقلىنىشنى ئىزدىمەكچى بولغانلار، ھاجىمنىڭ 500 بەتلىك رومانلىرىنى ئوقۇمىسىمۇ، تورخانىغا كىرىپ، كومپيۇتېر ئالدىدا 1 مىنۇت ئولتۇرسا، جىنسىيەت دىگەن ئېكرانغا ئۆزى سەكرەپ-ئۇچۇپ چىقىۋېرىدۇ.

    ھاجىمنىڭ 2004-يىلى يازغان «ئىگىز-پەس مۇھەببەت» ئەسىرىگە قارىغاندا يېقىنقى 2 «قىز»، «خوتۇن» ھەققىدىكى ئەسەرلىرى تېخىمۇ ياخشى چىققان. دىمەك ھاجىمدا ئىلگىرىلەش زور. مەن ھاجىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك، بەخت-سائادەت، خىزمەت-ئىجادىيىتىگە زور نەتىجە، يۈكسىلىشلەرنى تىلەيمەن.

    پەنگىيار:

    بۈركۈت ئەپەندىنىڭ بۇ پىكىرىنى قوللايمەن. شۇنداق ئەنۋەر ھاجى بىزنىڭ باشقا يازغۇچىلىرىمىز قەلەم تەۋرىتىشكە جۈرئەت قىلالمىغان بۇ ئۇسلۇبتا ئەسەر يېزىپ بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساقلانغان چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىدە رىئاللىقتىكى دىنغا ئائىت ئىشلار شۇنچىلىك تەبئىي چىققانكى سىز ئۇنىڭ ئوبدان دىققەت قىلمىسىڭىز بايقىيالمايسىز.
    ئەڭ ئاددىيسى، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دا غېنى شاڭجاڭنىڭ مەيلى ياسىنغا بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئايالى رەيھانغا قىلغان سۆزلىرى بولسۇن، دىققەت قىلىپ ئوقۇغان ئادەمگە ناھايىتى مۇھىم تۇرمۇش مىزانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن. غېنى شاڭجاڭ گەرچە شەھۋەتپەرەسلىككە ئىنتىلسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئىمانى يەنىلا ئۇنى غۇرۇرلۇق ياشاشقا ئۈندىگەن (كەمىنە تېخى ئەسەرنى ئوقۇپ تۈگەتمىگەن، كېىين قانداق بولىدۇ بۇ ماڭا نامەلۇم، لېكىن غېنى شاڭجاڭنىڭ ئۆمەرنى تۈرمىگە كىرىپ كىتىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن رەيھانغا ياردەم بېرىشنى ئېيتقاندا ياسىن كېلىپ ئۇنىڭغا نېمىشقا ماڭا ياردەم قىلماي خوتۇنۇمغا ماقۇل دەيسەن دېگەندە ئۇنىڭ ياسىنغا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئوبدان ئويلىنىپ باقساق بولىدۇ.) دېمەك ئادەمدە ئىمان بولسا يامان ئىش قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ھاجىمنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاساسەن بىزنىڭ ئىمانلىق ياشاش ھەققىدە بىشارەت بەرگەن. يەنە بىرى ھاجىم ئەسەرلىرىدە پىرسۇناژلار خاراكتىرىگە سىڭدۈرىۋەتكەن، نۇرغۇن سۇئاللار بار. گەرچە بۇ سۇئاللارغا ئىنىق جاۋاب بېرىلمىگەن بولسىمۇ لېكىن بىز سۇئالغا قاراپ ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاسانلا بىلەلەيمىز. بۇ جاۋابلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ھاياتلىق يولىدا ئىمانلىق ياشاش ھەققىدە بىزگە يول باشلايدۇ. ھاجىمنىڭ ئەسەردە جاۋابسىز قالدۇرغان ھەر بىر سۇئاللىرى ئەمىلىيەتتە بىزگە قويۇلغان سۇئاللار بىز كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئويلانساق ھاجىمنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنىڭ تىگىگە يىتەلەيمىز.

    (بىلىك تورىدىن رەتلەندى)

     

     مەنبەسى: ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.