مېدىيا ساھەمىزدە قانداق مەزمۇنلار كەم؟ نىمىلەر بولۇشى كېرەك؟

يوللىغۇچى : سۈكۈت! يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-08 19:32:00

مېدىيا ساھەمىزدە قانداق مەزمۇنلار كەم؟ نىمىلەر بولۇشى كېرەك؟ جەمئىيىتىمىزدە ئالى مەلۇمات ئىگىلىرى كەم بولغىنىدەك ، تور ۋە مېدىيا ساھەمىزدىمۇ رەڭلىك سەرخىل مەزمۇنلار ئەلۋەتتە كەم. جۈملىدىن TV...

    مېدىيا ساھەمىزدە قانداق مەزمۇنلار كەم؟ نىمىلەر بولۇشى كېرەك؟

     

         جەمئىيىتىمىزدە ئالى مەلۇمات ئىگىلىرى كەم بولغىنىدەك ، تور ۋە مېدىيا ساھەمىزدىمۇ رەڭلىك سەرخىل مەزمۇنلار ئەلۋەتتە كەم. جۈملىدىن TV پروگراممىلىرىدا كىلەچەكىمىزنىڭ ئىزباسارلىرى بالىلار ئۈچۈن ھەرىكەتلىك قونچاق تىياتىرى، ۋەقەلىك بەدىئىي ھېكايە فىلىم، ھېكايە چۆچەك بايانى، كەبى بالىلارغا ئۈگۈت-تەربىيە بولالايدىغان مەزمۇنلار كەم.شۇنداقلا تور بىكەتلىرىمىزدىمۇ بالىلار ئۇچۇن ۋە بېكەت ئىشتىراكچىلىرى ئۇچۇن يېتەرلىك بوشلۇقلار مەۋجۇت.

          ئادەتتە بىز ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلغان چېغىمىزدا دەرھاللا  كۆزىمىزگە چېلىقىدىغىنى  ناخشا مۇزىكا، كىنو فىلىم، ياكى مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقارا خەۋەرلەر بولدۇ.  تور بىكەتلەرگە ناخشا ئاڭلىغىلى، كىنو كۆرگىلى چايخانىغا كىرگىلى،ياكى يىڭى خەۋەرلەرنى كۆرگىلى كىرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى كۆپنى ئېگەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تەرەپلىمىلىك پايدىلىنىش بولسىمۇ يەنىلا چىرىك مەنىۋى كۆڭۈل ئاۋۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.  مېدىيا (تور بېكەت، TV ئېكرانى،ياڭراتقۇ ،گېزىت ژۇرنال، قاتارلىق، كۆز بىلەن كۆرۈلگىلى قۇلاق بىلەن ئاڭلىغىلى بولدىغان ئوبيېكتنى چىقىرىش)دىدەك نوقۇل تارقىتىش ۋاستىسى بولغاندىن سىرت كۆرەرمەن(ئاڭلارمەن) بىلەن ئېكران(تور بېكەت،گېزىت كىتاپ،ياڭراتقۇ) ئوتتۇرىسىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مېدىيا:

     بىر ئالاقە ۋاستىسى:

         كىشىلىك جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۇچۇن قوللىنىلغان ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تېزلىكتە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە جەمئىيەتتە ، مەۋجۇتلۇقنىڭ ئاساسى ماھىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ، سەنئەتنىڭ جارى قىلغان ئۆزگىچىلىكىنى ئورنىغا قويالايدىغان،ئىنسانىيەتنى جەمئىيەتنى بىر بىرگە ماسلاشتۇرالايدىغان،  كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنى كەڭ ئاڭلامدا تارقىتىشتا مېدىيا بىر ئالاقە ۋاستىسى رولىنى ئالالايدۇ.سىز دائىم زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان تور بىكەتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.ئادەتتە بىر سائەت ۋاختىڭىزنى بىر كىتاپ ئوقۇشقا بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما كومپيۇتېر ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىڭىزنى ئۆزىڭىز چارچاپ كۆزلىرىڭىز تورلاشقاندا ئاندىن ھىس قىلىسىز. سىز ئالاقە قۇرغان توردىكى مەزمۇنلارنىڭ سىزگە بەرگەن تەسىرىدىن كۈندىكى تۇرمۇشىڭىزدا ئەكس ئەتكەن ۋەقەلىك يۆنىلىشى سىزنى ئىلىپ مىڭىپ ئىش ھەركىتىڭىزدە ئوي خىيالىڭدا بىرەر بولۇملۇق ئۆزگىرىش بولدۇ،ياكى بولمايدۇ.

    مېدىيا گۈزەللىك يەتكۈزگۈچى:
         مېكىياننىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىزدەنگەندە  دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر نۇقتا مېكىياننىڭ گۈزەللىك يەتكۈزگۈچى ئىكەنلىكىنى پەرق قىلىشتا. تېمىمىزدا ئېيتىلغان گۈزەللىك پەقەتلا  سىرتقى دۇنيادىكى رەڭگارەڭ گۈزەل شەيئىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن ، كىشىلىك ھاياتتىكى مۇناسىۋەتتە،قانداق مۇئامىلە قىلىشى ، قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك ئىكەنلىكى،مەسىلىلەرگە قارىتا پىكىر يۇرگۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش، ئەخلاق.ئەدەپ قائىدە،  تەربىيە ،خۇي مىجەز، قاتارلىقلاردا مەۋجۇت قىلىندىغان گۈزەللىكنى ۋە مەدەنىيەتنى ئۇنۋېرسال دائىرىدە يەتكۈزگۈچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىنى تور بىكەتلەردىمۇ ئەمىلىلەشتۇرۇش كىشىلەرنى بىرخىل تۇتۇم، قائىدە يوسۇنغا باغلاش ھەر بىر تور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ئىنسانىي بۇرچى.

    مېدىيا بىر چۇشەندۇرۇش قورالى:
         چىقىرىلغان مەھسۇلات باشقۇرۇش يوللىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئورۇندا تۇرىدىغان نۇقتىلىرىدا توغرا خاتا ، ياخشى ياماننى بىرەر ۋەقەلىك بىلەن چۇشەندۇرۇش ئارقىلىق ئىنسان تۇيغۇلىرىغا سىڭدۈرىدۇ.گۈزەللىك ئەكسىنى قوللىنىش ئېڭىنىڭ تۇرتكىسىدە يەر ئالغان بولۇمسىز ئاقىۋەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش چۈشەنچىسىدە ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. يازما ماقالە(ۋەقە،ھېكايە خەۋەر)لەردە كۆرۈۋاتقىنىمىز ۋە ھىس قىلغىنىمىز ئېلمېنتلار نىڭ بەرگەن چۈشەنچىسىگە قاراپ پەردە ئارقىسىدىكى مېدىيا قوللانغۇچىلىرىنىڭ سۈپەت ساپاسىنى كۆرگەندىن باشقا دىمەكچى بولغىنىنى بىلىۋالالايمىز. شۇنداقلا مېدىيادا چىقىرىش كېرەك بولغان ئامىللارنى پەرق ئېتىپ چۈشىنىۋالالايمىز. مېدىيا قوللانغۇچى شەخسلەر(تور باشقۇرغۇچى ،مەزمۇن يوللىغۇچىلار) كۆرۇرمەن قارشىسىدا خۇددى ئوقۇتقۇچىدەك بىر چۇشەندۇرگۇچى رولنى ئوينايدۇ.

     مېدىيا بىر ئۈگۈتۈم قورالى:
            بۇگۈنكى كۈندىكى كۆرۈۋاتقىنىمىز كىنو فىلىم، تېلېۋىزيە پروگراممىسى، ناخشا مۇزىكا، گېزىت ژۇرنال، ياكى تور بىكەتلەردە بىزنى قىزىقتۇرغانلىكى ھەرقانداق مەزمۇندىن ئىسىمىزدە قالغانلىرى، قىزىقىپ قالغانلىرىمىزدىن  دائىما ئۆرنەك ئىلىشقا تىرىشىمىز. بۇ بىزنىڭ پسىخولوگيە ئاجىزلىقلىرىمىزدىن بىرى. شۇنداق بولغاندىمۇ ئۈگۈت ئىلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلار كۆپۇنچىسى دىگەندەك كىشىلىك تۇرمۇشىمىزنى تخىمۇ سۈپەتلەندۇردىغان، مەنىۋى ھاياتىمىزنى بىيىتىدىغان پايدىلىق مەزمۇنلار ئەمەس. مەسىلەن قايسىبىر تور بىكەتنى زىيارەت قىلغىنىڭىزدا تور خەۋەرلىرى، ناخشا كىنودىن باشقا مەزمۇنلاردا نە بىر بەدىئىىلىك، نە بىر ئېستېتىك تېما تاپالايسىز؟ تورغا چىقىرىلغان قىسقا فىلملەر بىر تال كامېراسى بار بىرەيلەن كوچىدا كىتىۋىتىپلا سۇرەتكە ئىلىپ قىسقا دئالوگ قوشۇپ قويۇپ خۇددى چوڭ بىر ئىش قىلىۋەتكەندە تورغا چىقىرىپ قويۇشلار، ھىندىستان MTV لىرىغا ئۇيغۇرچە ناخشا كىرىشتۇرۇپ ئاستىغا 'مونتاژ قىلغۇچى پالانچى' دەپ ئۆزىنىڭ شەنىنى ئاشكارلىغان بىچارىلەر، چەتئەل كىنولىرىغا كۇلكىلىك قىلدىم دەپ لاۋزا تەرجىمە ئاۋاز بىرىپ ئۇنىمۇ تورغا چىقىرىپ قويغانلار بۇ ئەخلەت مەزمۇنلارنىڭ كۆرۇرمەنگە قانچىلىق چىرىك تەسىر ئىلىپ كىلدىغانلىقىنى ئويلىمامدىغاندۇ؟ تور بىكەتلەردە كۆرۇرمەنلەر ھەرخىل تېما مەزمۇنلار ئۇستىدە بەس مۇنازىرە قىلىشىپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ ئولتۇرشىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بولسا ئەيىپ كورۇرمەندە ئەمەس ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى ئۆلتۇرۇۋاتقان ،مېدىيانىڭ ماھىتىنى چۇشەنمەيدىغان ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىستىمالچى ، خەلققە چىرىكلىك ئىلىپ كېلىدىغان يازما يازغۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە ساپاسىز نەرسىلەرگە ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان ئەزالاردا.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 21:11:46]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق