مىللى تەرەقىياتى ۋە سەنئەتنىڭ مۇناسۋىتى ھەققىدە

يوللىغۇچى : turgun2005 يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-16 16:36:56

مىللى تەرەقىياتى ۋە سەنئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن دوستلار، مەن ئالدىنقى قېتىم توردا «ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە» دىگ...

     

    مىللى تەرەقىياتى ۋە سەنئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە

     

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن دوستلار، مەن ئالدىنقى قېتىم توردا  «ناۋا پىروگراممىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزە» دىگەن ماقالىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن نۇرغۇن تورداشلىرىمىز، باشقا مۇنبەرلەردە ماقالىگە ئۆزىنىڭ كۆز قارشىنى، پىكىر تەكلىپنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. ئوخشاشلا ئالدىنقى قېتىم توردا «سەنئىتىمىز توغرىسىدا»دىگەن بىر پارچە ماقالىنى ئېلان قىلغاندىمۇ مۇشۇ قېتىمقىغا ئوخشاش پىكىر چۈشكەن ئىدى. مەن بۇ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئەستايدىل ئويلىنىش ئارقىلىق مىللەت، تەرەققىيات، سەنئەت  ئوتتۇرىسدىكى مۇناسۋەت توغرىسىدا تور يۈزىدە توختىلىش قارارغا كەلدىم  .

    ھەممىمىزگە مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تەرەقىياتى نۇقۇل بىرلا ساھەدە تەرەققى قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ-ئەلۋەتتە. ئۇ ھەممە ساھەدە تەرەققى قىلىشنى كۆرۈستىدۇ. لىكىن بىز بۇ ھەممە ئادەم بىلدىغان ھەقىقەتنى قارسىغىلا ياكى يۈزەكى ھالەتتە ئەمىليەتكە تەدبىقلىساق ،قىلچە ئويلانمايلا ئۇنى ھەرخىل ئاغرىنىش تەنقىدى يۇسۇندا، ھەرخىل سۇرۇندا ئىپادىلىسەك بولمايدۇ.جۈملىدىن تور يۈزىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.مىللى تەرەقىياتىنىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى كۆپچىلىككە ئاساسى جەھەتتىن ئايدىڭ،بۇلۇپمۇ تەبىئى پەن، سانائەت پەنلىرى ساھەسى ئادەمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. لىكىن بىز مۇشۇنداق تەبىئى پەن تەرەققى قىلمىدىيەي! ئۇيغۇرلار سانائەتلەشمىدىيەي! ناخشا مۇزىكىغا بىرلىپ كەتتى! دەپ قاقشىغىنىمىز بىلەن ئاللىكىملەر ۋە قانچىلىكلەر بۇ خىل مەسىلىدە ئۇنىڭ ياخشى-يامان تەرپىنى كونكىرىتنى ساھەلەر بۇيچە ۋە ئىنچىكە ھالقىلىرى بۇيچە پىكىر يۈرگۈزەلىدى؟! بۇخىل پىكىر يۈرگۈزۋاتقانلار جىق بولسىمۇ كۆپ قىسمى كىتاپ-ژۇرنال يۈزىدە ياكى كاللىسىدا قېلىپ ،ئىجىتمائى جامائەت پىكىرگە ئايلىنالماي نەزىريىۋى ماقالىلەر دۆۋىسى ئىچىدە كۆمۈلۈپ ياتماقتا.

    بىر مىللەتنىڭ سەنئەت تەرەققىياتىمۇ شۇ مىللەت تەرەقىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى.خوش ئۇنداقتا بىزنىڭ مىللى سەنئىتىمىز قانچىلىك تەرەققى قىلدى؟ بۇنىڭغا مىنىڭ جاۋابىم شۇكى بىزنىڭ مىللى سەنئىتىمىز ئامىباپلىققا ،ئۇمۇملىشچانلىققا ،تۇرمۇش بىلەن بىركىشچانلىققا ئېگە بولغاچقا بىز يۈزەكى باشقىلار ۋە ئۈزىمىز  تەرپىدىن ناخشا –ئۇسۇل سەنئەت مىللىتى دەپ ئاتالدۇق. بۇ يەردە دىيىلگەن «ناخشا ئۇسۇل مىللىتى»دىگەن گەپ بىلەن «سەنئەت ئىشلىرى تەرەققى قىلدى» دىىيىلگەن جۈملە تەڭداش مەنىدىكى جۈمىلىمۇ ؟!ـــ ئۇنداق ئەمەس. ئامىباپلىققا ،ئۇمۇملىشچانلىققا، تۇرمۇش بىلەن بىركىشچانلىققا ئېگە بۇلۇشتىن سىرىت سەنئەتتىن ئىبارەت بۇخىل شەكىل پەن-تېخنىكا بىلەن قانچىلىك بىرلىشەلىدى؟ ئىقتىساد بىلەن قانچىلىك بىرلىشەلىدى؟ باشقا ساھەلەر بىلەن قانچىلىك بىرلىشەلىدى؟ ئۇنى قانچىلىك قېزىپ مىللى تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالىدۇق؟

    ـــــــ ئېنىقكى بىزنىڭ رايۇنىمىز تەۋەسىدە ھازىرقى زامانىۋى ناخشا ئېيتىدىغان ياش ناخشىچىلىرمىز ئارىسىدا  ئۆزبەك ناخشىچىسى يۇلتۇزئوسمانىۋادەك،تۈرۈك ناخشىچىسى تاركاندەك  نام قازانغانلار يوق.  ئۇلارنىڭ باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلىنى  تىرشىپ ئېگەللەپ، شۇ تىلدا ناخشا ئېيتىشنى ئاددى چاغلىساق بولمايدۇ، ئۇلار زامانىۋى تېخنىكا,  ئىلغا رMTVلىرى بىلەن قانچىلىك پۇل تېپىپ ئۆزى ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقاندۇ،يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە ئۇلارنىڭ ئىپادىسىنى ياخشى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرىت يېقىندا ئۆزبەك كىنولىرى ۋە تۈرۈكىيەنىڭ كىنولىرىنى كۆرسىڭىز مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن تىز تەرەققى قىلغانلىكقىنى كۆرسىز، بۇلۇپمۇ ئۆزبەك كىنولىردىكى ھويلا ئارام مەدىنيىتى، جانلىق ئېغىز تىلى، كىنونىڭ ۋەقەلىگىنىڭ تۇرمۇشقا يېقىن بۇلىشى، ياشلارنى تەربىيلىشى،ئۇنىڭدىن سىرىت كىنو ۋە MTVلىرنىڭ بارغانسىرى سۈزۈكلىگى كىشىنى بىرخىل تەرەققى قىلۋاتقان ئۆزبەك تۈرۈك كىنوچىلىقىنى بىۋاستە ھىس قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئامىرىكىنىڭ فانتازىيە كىنولىرى، تۈركىيىنىڭ فىلىملىرى بارغانسىرى بىزنىڭ ھازىرقى زامان تەبىئى پەن تەرەققىياتىنى چۈشۈنۈشكە ياردەم بېرىپ ،تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى ئېگەللىتىدۇ.

     ــــــــ ئۇنداقتا تىمىغا قايتىپ كەلسەك بىز ھەممە نەرسىنى يۈزەكى ھىس تۇيغۇغا بىرلىپ ئىنكار قىلساق بولمايدۇ، بىز گەرچە ناخشا ئۇسۇل سەنئەت مىللىتى بولساقمۇ بىزنىڭ  ناخشا ئۇسۇل سەنئىتىمىز تەرەققى قىلمىدى! ناخشا ئۇسۇل سەنئەتمۇ مىللى تەرەققىياتنىڭ بىر مۇھىم تەركىبى قىسمى، بىز ئۇنى ھەممە ئادەم قىلسۇن ھەممە ئادەم سەنئەتچى بولسۇن دەپ تەشۋىق قىلىپتۇ دەپ خاتا چۈشەنسەك بولمايدۇ. بەلكى ساقلانغان مەسىللەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ سەنئەتى پەن-تېخنىكا دەرىجىسىگە، ئىقتىساد ئنۇم دەرىجىسىگە كۆتىرىش مەقسىتىدە پىكىر يۈرگۈزۈلگەن ماقالىدە بۇ نوقتا ئىنتايىن ئېنىق.

        ئەگەر بىز كونكىرىتنى مەسلە ھەققىدە تېخىمۇ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان پوزىتسىيدە تۇرۇپ باشقا ساھەلەرنىمۇ كۈزەتسەك ،كۆپ ئويلانساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەمما بىزدە سەنئەت كەڭ ئۇمۇملاشقان بولغاچقا ئۇنىڭدىن ئۈزىمىزنى ئېلىپ قاچساق، بۇ ھەقتە ئىزدىنىشتىن يىراق تۇرساق مەڭگۈ   ناخشا ئۇسۇل سەنئەت مىللىتى بولۇپ، ناخشا ئۇسۇل سەنئىتى تەرەققى قىلغان مىللەتكە ئايلىنالمايمىز!  

    ئۇنىڭدىن سىرىت سەنئەتنىڭ ھازىرقى زامان تەرەقققىيات شەكلى بىلەن دەل جايدىدا بىركىشى ئېنىقكى باشقا ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ياخشى سۈپەتلىك، مەزمۇنلۇق، سۈزۈك، پۇل تېپىشچانلىققا ئېگە  سەنئەت بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەغدىم قىلىپلا قالماي،پەرزەنىتىمىزنى تەربىيلەشكە ،يېڭى بىلىملەرنى ئېگەللەشكە، نامىمىزنى تەرەققى قىلغانلىق نوقتىسىدىن تەشۋىق قىلىشقا پايدىسى بار.

    خولاسە: بىز سەنئەتچىلەرنى ۋە سەنئىتىمىزنى كەچكىچە كەينىدىن تىللىماي ،ئۇلارغا توغرا يول كۆرۈستۈپ بىرىش ئۈچۈن ئەمىلى پايدىلىق پىكىرلەرنى بېرەيلى. تىللىساقمۇ كونكىرىتنى مىسال كۆرسۈتۈپ ،تەپەككۇر بىلەن تىللايلى.پايدىلىق تەرەپلىرگە ئىجابى  پىكىرلەرنى بىرىپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرايلى، بولسا خاتا تەرەپلىرنى تۇتۇۋالساقمۇ ئۇنى تۈزۈىتىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويۇپ كۆرۈستەيلى. بولمىسا «غ+ت»نى بىلەيلى! سەۋبى بىزمۇ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئېنىق ئۇقمىغان بىر ئىشنى باشقىلار قىلسا ئوخشاشلا ئۇقمايدۇ، ئۇقسىمۇ قىلغانلار بىلىدۇكى نۇرغۇن ئىش ئۇنداق ئاددى ئەمەس، ھەم نۇرغۇن ئىشقا ئارمان بار دەرمان يوق بولىدۇ. ئاخىردا ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن،سەنئەتنىڭ مىللى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زەررىچىلىك رول ئوينىيالىشىغا بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قۇشۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن.

     ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ تەرەققىياتى ھەرگىز مىللى تەرەققىياتنى چەكلىمەيدۇ!---بەلكى جايىدا قىلالىساق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

     

        ئاپتور: نەنجىڭ تەبىئى پەن سانائەت پەنلىرى ئۈنىۋېرسىتىدىن تۇرغۇنجان ئېلى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.