دوستلۇق ۋە مۇھەببەت

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-24 10:53:48

دوستلۇق ۋە مۇھەببەتدوستلۇق ھاياتلىقتىكى بىباھا بايلىق، ھەرقانداق ئىنسان ھاياتنىڭ راھەت - پاراغەتتە ئۆتۈشى ياكى نامرات ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز ھاياتىنى دوستسىز ئۆتكۈزۈشىنى خالىمايدۇ. سۆيگ...

    دوستلۇق ۋە مۇھەببەت

     

    دوستلۇق ھاياتلىقتىكى بىباھا بايلىق، ھەرقانداق ئىنسان ھاياتنىڭ راھەت - پاراغەتتە ئۆتۈشى ياكى نامرات ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز ھاياتىنى دوستسىز ئۆتكۈزۈشىنى خالىمايدۇ. سۆيگۇ ـ مۇھەببەت ھەرقانداق نورمال ئادەم قىزىقىدىغان ھەم كۆڭۈل بۆلىدىغان تىما. ئۇ گويا تۇزغا ئوخشاش، تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. دوستلۇق بىلەن سۆيگۈ ـ مۇھەببەت ھەم بىرلىككە كەلگەن، ھەم بەلگىلىك پەرىققە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ قىزىقارلىق پەرقلەرنى مۇلاھىزە قىلىشقا قىزىقامسىز؟ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

     

    دوستلۇق ئاشكارە، سۆيگۈ ـ مۇھەببەت يوشۇرۇن بولىدۇ؛ سۆيگۈ ـ مۇھەببەتنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى پەيدا بولغاندا يوشۇرغىلى، يوقالغاندا بار قىلىپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ.

         دوستلۇق، باراۋەرلىك ئاساسىدا، سۆيگۈ، مۇھەببەت ـ ھېسىيات ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ.

        سۆيگۈ ـ مۇھەببەت، دوستلۇقتىن قۇدرەتلىك، ئەمما ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىلىرى ئاۋازسىز ياڭرايدۇ؛ دوستلۇق، سۆيگۈ ـ مۇھەببەتتىن ئۇلۇغ. چۈنكى، سۆيگۈ ـ مۇھەببەت قەسىرى غۇلاپ چۇشكەندە، قەلىب جاراھىتىگە دوستلۇق ئەڭ ياخشى مەلھەم بولالايدۇ.

        دوستلۇق سان جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، ئەمما سۆيگۈ ـ مۇھەببەت شەخسىيەتچى كېلىدۇ، ئۇ بىرلا كىشىگە تەئۇللۇق بولىدۇ.

        دوستلۇقتا سۆز ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ ،سۆيگۈ ـ مۇھەببەتتە بولسا، كۆزمۇ بەزىدە "سۆز " نىڭ ئورنىنى باسالايدۇ.

        دوستلۇقتا ئادەمنىڭ ئەقلى ئېچىلىدۇ، سۆيگۈ ـ مۇھەببەتتە بولسا زېھنى چېچىلىدۇ؛ سۆيگۈ ـ مۇھەببەت شەخسىيەتچىلىكى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلەنسە، دوستلۇقتىن كەڭ قورساقلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.

       دوستلۇق، سۆيگۈ ـ مۇھەببەتتىن چوڭ، چۇنكى سۆيگۈ ـ مۇھەببەتسىزمۇ دوستلۇق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ۋاھالەنكى، دوستلۇقسىز سۆيگۇ ـ مۇھەببەت بولمايدۇ.

       دوستلۇق ـ مۇھەببەتتىن يىنىك بولىدۇ، يەنى دوستلار ئەپۇ سوراش، كۆڭۇل قويۇش بىلەن ئاداۋەتنى تۈگىتەلەيدۇ، بىراق، مۇھەببەتتە ئۇنداق بولۇشى ناتايىن.

       سۆيگۈ ـ مۇھەببەت، دوستلۇقتىن نازۇك بولىدۇ. بەزى ئىشلارنى سۆز بىلەن چۈشەندۈرسەكمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. يەنى "ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس، قالغان كۆڭۇلنى".
     
       دوستلۇق يولىغا قارىغاندا، سۆيگۈ ـ مۇھەببەت يولى ئەگرى ـ توقاي بولىدۇ. دوستلۇقتا كۈندەشلىك بولمايدۇ، ۋاھالەنكى " كۈندەشلىك"، سۆيگۈ ـ مۇھەببەتنىڭ بەلگىسى ۋە كۇشەندىسىدۇر.

       مىجەز ـ خاراكتېرى ئانچە چىقىشالمايدىغانلارمۇ ياخشى دوستلاردىن بولالايدۇ، ئەمما، ئۇنداقلارنىڭ "ياخشى مۇھەببەت" لەردىن بولالىشى ناتايىن.

     

     

    مەنبە:  تىلەك مۇنبېرى

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-24 11:15:12]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.