ئەرنىڭ ئىپپىتى(ئەرلەرنىڭ ئىپپىتى بار دېيىلسە ئۇ ئىپپەت دەل ئاياللارنىڭ

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-26 08:37:59

ئەرنىڭ ئىپپىتىقۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ،مۇھەببەتلىرىمىزنى توغرا تاللاپ ،ئاسراپ ،ئىگە بولۇپ ،ئاياللىرىمىزغا ئەرلىك مەجبۇرىيتىمىزنى ئادا قىلىپ ياخشى ئادەملەردىن بولايلى!قىزلارنىڭ بۇزۇلىشى جەمىئە...



    ئەرنىڭ ئىپپىتى




    قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ،مۇھەببەتلىرىمىزنى توغرا تاللاپ ،ئاسراپ ،ئىگە بولۇپ ،ئاياللىرىمىزغا ئەرلىك مەجبۇرىيتىمىزنى ئادا قىلىپ ياخشى ئادەملەردىن بولايلى!
    قىزلارنىڭ بۇزۇلىشى جەمىئەتتىكى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە...بۇنى بىرەر مۇنبەردە تىللاپ قويغان بىلەن ،قارىسىغا كاكىراپ قويغان بىلەن ئوڭشىغىلى بولمايدۇ...مۇھىمى بۇ كىرزىسنىڭ يىلتىزىنى ئويلايلى ...خۇددى بىرنەچچە بۇرادەر دېگەندەك :بىزدە گۇناھ يوقمۇ؟...تىللاڭ دېسە ئۆزىمىزنى تاختا بېشىغا ئەپ قويامدۇق؟....لاتا ئەپەندى ئۆزىنى ئۆزى تىللىغاندەك، لاتا!... دەپ ئاۋال ئۆزىمىنى تىللاپ باقمايلىمۇ؟!...


    قىزلار بۇزۇلسا ئات ئېشەككە ياكى تاشقى پىلانت ئادەملىرىگە بۇزۇلىۋاتامدۇ؟...ياق ،ئۆزىمىزگە بۇزىلىۋاتقاندۇ؟...نېمىشقا بۇزۇلىۋاتىدۇ دېگەن گەپنى بۇزۇۋاتىمىز دەپ ئۆزگەرتىشكە پېتىنالمايمىز...ھەتتا پېتىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،ھەممىنى ئاشۇ قىزلارغا ئارتىپ قويۇپ ،ئەشەددى لاتىلىقىمىزنى يەنە قورقماي ئاشكارلايمىز!..نومۇس قىلساق بولمامدۇ؟...
    دۇنيا پۇلنى ئەگىپ چۆرگىلەۋەتقان مۇشۇ پەيتلەردە ،بەزى ئانىلارنىڭ پۇلسىزلىقتىن ئاشۇ بىچارىلىكتىن ،ھۆڭ ھۆڭ يىغلاپ تۇرۇپ ،ئۆز قىزلىرىنى ئادەم بېدىكلىرىگە ،شەھۋەتپەرەس پاشىۋازلارغا سېتىۋىتىپ بارغانلىقىنى جەنۇپتا ساقچىلىق خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ئاغىنەمدىن ئاڭلاپ ،يىغلاپ تاشلدىم ...


    ئېتىزلاردا 9--10ياشلاردىكى نارىسىدىلەرگە باسقۇنچىلىق قىلغان 40-50-60ياشلاردىكى ھايۋان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن ...ئاشۇ بىچارىلەر ،سۈتتەك ئاق ۋە پاك قەلب ئىگىلىرى بۇ ئىشلارغا يولۇققاندا (ھەي سىڭلىسى بار قېرىنداشلار،دەپ بېقىڭلار) ئاشۇلار قانداق ئويلار؟..ئاينىڭ نۇرىدەك جۇلالىنىۋاتقان قەلبى زۇلمەتكە ،قارىغۇلۇققا ،ئۈمۈدسىزلىككە ،مەنىسىزلىككە --ئاخىرىدا بېرىپ پاسكىنىلىققا تولماسمۇ؟...بۇنىڭغا كىم سەۋەپچى؟...


    قىزلارنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ،كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئۆز مۇھەببىتىنى جىنسىيەتكە زورلىغان ،ئۇنىمىسا ھاراققا زورلاپ مەجبۇرى ياكى غەيرى مەجبۇرىي ھالدا نۇمۇسىغا تەككەن ،تېگىپ بولۇپ ئەمەن تېتىپ تىرنىقىنى ئېلىۋەتكەندەك ئىككىلەنمەي يەنە تاشلىۋەتكەن ئاشۇ توڭگۇزلارنى نېمە دېيىش كېرەك؟.. مۇھەببەتتىن دىلى سۇنغان ،پاناھسىز ،يۆلەكسىز قالغان ئاشۇ ناتىۋان بىچارە قىزلارنىڭ دىلىدىكى داغ ئۇلارنى ھاڭغا سۆرىمەسمۇ؟....


    بولدىلا..دوستلارغا دەيدىغىنم:ھەركەتسىز سۆزلەشنىڭ ئۆزىلا - بىچارىلىك ...قارىسغا تىللاش ھاقارەتلەش بولسا -- ئەخمىقانىلىق ۋە ئەخلاقسىزلىك ...
    بىز قىزلار دەپ ئېغىز ئاچقىنىمىزدا ،قىزلار دېگەن سۆز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ئەرلەر دېگەن سۆزنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى !....قىزلارنى قوغداش ،ئاسراش ،رىغبەتلەندۇرۈش توغرا يولغا يېتەكلەش ھەقىقىي ئەركەكنىڭ مەسئۇلىيتى ...غورۇر دېگەن ئاۋۋىلى شۇ ...


    ئەرلەرنىڭ ئىپپىتى بار دېيىلسە ئۇ ئىپپەت دەل ئاياللارنىڭ ئىپپىتى!

     

    يازما مەنبەسى:بىلىك كۇلۇبى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.