ھايات مەنىسى

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 21:18:00

مۇھەببەت مۇھەببەتنى تۇرالغۇغا ئېلىپ كىرگەندە، ئىللىق ئائىلىگە ئىگە بولالايسىز؛ ھەققانىيلىقىنى شەھەر - بازارلارغا باشلاپ كىرگەندە، ئىناق ئاھالىلەر رايونىدا تۇرۇپ قالالايسىز؛ ھەقىقەتنى قىزىل ...

                                               مۇھەببەت
       مۇھەببەتنى تۇرالغۇغا ئېلىپ كىرگەندە، ئىللىق ئائىلىگە ئىگە بولالايسىز؛ ھەققانىيلىقىنى شەھەر - بازارلارغا باشلاپ كىرگەندە، ئىناق ئاھالىلەر رايونىدا تۇرۇپ قالالايسىز؛ ھەقىقەتنى قىزىل خىش قىلىپ تام قوپۇرالىسىڭىز، بىلىم تارقىتىلىدىغان مەكتەپكە ئىگە بولالايسىز؛ ھېيىقىشنى كەمتەرلىك سارىيىغا باشلاپ كىرەلىسىڭىز، ھەشەمەتلىك ئوردىغا ئىگە بولغان بولىسىز؛ ئادىللىقنى كىشىلەرنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس ئارزۇ - تەلىپىگە باشلاپ كىرەلىسىڭىز، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئىگە بولغان بولىسىز. ئاندىن بۇلارنى بىر يەرگە جۇغلاپ، رېئاللىقتىن ھالقىپ، مۇكەممەللىككە كۆتۈرۈڭ. ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى قۇلغا كەلتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقى ۋە ئارزۇ - ئىستەكلىرى قوشۇلغاندا، رەڭگارەڭ ئۈمىدكە تولغان پارلاق كېلەچەككە ئىگە بولالايمىز.
         ياخشى كۆرۈش گۇناھ ئەمەس، سىزنى ياخشى كۆرگەنلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇلاردىن مىننەتداربولۇڭ، ئۇلارغا ياردەم قىلىڭ. لېكىن پىرىنسىپىڭىزدىن تايماڭ،ئارىلىق ساقلاڭ.
         ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەرنى ئىمكان بار پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ياخشى كۆرۈڭ، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىڭ، چۈنكى سىز ھاياتىڭىزدا ئۇچرىشالايدىغان ئادەملەر ناھايىتى چەكلىك.  
        بىلىڭكى ھاياتنىڭ مەنىسى پەقەت ياخشى كۆرۈشتىلا ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ. سىزنى ھىچكىم ياخشى كۆرمىسە ھاياتنىڭ مەنىسى بولارمۇ؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق