ئەدەپلىك سالامغا ئەستايىدىل جاۋاب

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-08 19:20:42

ئەدەپلىك سالامغا ئەستايىدىل جاۋابئەنۋەر ئۆمەر يول بويىدىكى ئورۇندۇقتا ياشانغان ئىككى مويسىپىت كىشى قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. ئالدىراش كەلگەن بىر يىگىت ھېلىقى ئىككى مويسىپىتتىن مەلۇم بىر...

    ئەدەپلىك سالامغا ئەستايىدىل جاۋاب
    ئەنۋەر ئۆمەر

       يول بويىدىكى ئورۇندۇقتا ياشانغان ئىككى مويسىپىت كىشى قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. ئالدىراش كەلگەن بىر يىگىت ھېلىقى ئىككى مويسىپىتتىن مەلۇم بىر ئورگاننىڭ نەدىلىكىنى سورىدى. ئۆز پارىڭىغا ھېرىس بولۇپ ئولتۇرۇشقان مويسىپىتلەر يىگىتنىڭ سوئالىنى دەمال ئاڭقىرالماي يىگىتكە قاراشتى.
    بۇ ھالدىن مويسىپىتلەرنىڭ قۇلىقى ئېغىر بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالغان يىگىت ئۈنلۈك ئاۋازدا بايىقى سوئالنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
    بۇ ئۈنلۈك سوئال سەل كۆڭلىگە كەلگەن مويسىپىتلەر يىگىت سورىغان ئورگاننىڭ نەدىلىكىنى ئاددىيلا كۆرسىتىپ قويدى.
    يىگىت مويسىپىتلەرنىڭ يېنىدىن ئالدىراش كېتىپ قالدى. بىراق، ئۇ ئىزدەيدىغان ئورۇننى كۆپ ئىزدەش ئارقىلىق تولىمۇ تەستە تاپتى. لېكىن، ئۇ كۆزلىگەن مەنزىلنى شۇنچە تەستە تاپقىنىغا يارىشا تاللاشقا ئۈلگۈرەلمىدى. شۇنداقلا ھاياتىدىكى ئۆزى ئارزۇ قىلغان ياخشى بىر پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى.
    ئالدىنقى يىگىت يول سوراپ كېتىپ سەلدىن كېيىن يەنە بىر يىگىت ئەدەپ بىلەن كېلىپ، ئىززەت-ئېكرام بىلەن بايىقى ئىككى مويسىپىتقا سالام قىلدى. يىگىتنىڭ ئەدەپ بىلەن قىلغان سالىمى قۇلىقىغا كىرىشى بىلەن تەڭ سۆزلىرىنى توختاتقان مويسىپىتلەر دەرھال يىگىتكە يۈزلىنىپ جاۋاب سالام قايتۇرۇشتى. ئۇلار ئاشۇ يوسۇندا سالام-سەھەت قىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، يىگىت مويسىپىتلەردىن ئالدىنقى يىگىت سورىغان ئورگاننىڭ نەدىلىكىنى سورىدى.
    شۇئان مويسىپىتلەر جاۋاب بېرىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن يىگىت سورىغان ئورگاننىڭ نەدىلىكىنى، قايسى بىنانىڭ نەچچىنچى قەۋىتىدە ئىكەنلىكىنى، قايسى پەلەمپەي بلەن چىقسا ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بىلەن نىشانغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى.
    يىگىت رەھمەت ئېيتىپ ئۆز يولىغا يۈرۈپ كەتتى ۋە ئىزدەيدىغان ئورۇننى شۇنداق ئاسان تېپىۋالدى، ئۇ ئىزدىگەن ئورۇننى خۇددى تونۇش جاينى تاپقاندەك تېپىپ، كۈتكەن پۇرسەتكە دەل ۋاقتىدا ئېرىشتى. ياشلار بىر ئىشقا دۇچ كەلگەندە ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ئەمەس، ئەستايىدىل بولۇشنى، تۈرگۈنلۈكنى ئەمەس، ئەدەپ-ئەخلاقنى يېتىلدۈرۈشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك. بۇ ھايات مۇساپىڭىزنى راۋان مەنزىلگە يەتكۈزۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەنۋەر ئۆمەر