بالىڭىزنى دۈشمەن قىلماي دېسىڭىز ئۇنىڭ دوستى دوستى بولۇڭ(جارۇللا يۈسۈپ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-26 01:45:24

بالىڭىزنى دۈشمەن قىلماي دېسىڭىز ئۇنىڭ دوستى دوستى بولۇڭجارۇللا يۈسۈپ ھەر قانداق دۆلەت ياكى مىللەت تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن ئەڭ مۇھىمى بالىلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى با...

    بالىڭىزنى دۈشمەن قىلماي دېسىڭىز ئۇنىڭ دوستى دوستى بولۇڭ
    جارۇللا يۈسۈپ


        ھەر قانداق دۆلەت ياكى مىللەت تەرەققىي قىلىمەن دەيدىكەن ئەڭ مۇھىمى بالىلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى بالىلار ئەجدادلارنىڭ ۋارىسى، كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، خەلقنىڭ مىللەتنىڭ ئۈمىدى. مىللەتنىڭ ساپاسى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئەۋلاد ساپالىق ياش-.ئۆسمۈرلەر كېرەك. بالىلارنىڭ ھامىيسى ۋە تۇنجى ئۇستازى ئاتا-ئانىلار ، شۇنداقلا بالىلارنىڭ كۆپ ۋاقتى ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۆتىدىغان بولغاچقا، بالىلارنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىپ ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشى ئاتا-ئانىلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلار بۇ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى ساپالىق، ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ،سۈيىدە ئېقىۋاتىدۇ. ئەمما بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە سەل قاراۋاتىدۇ.ئەڭ مۇھىمى پەرزەنتلىرىگە ھامىيلىق، ئۇستازلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشتەك مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ.
    تېخى يېقىندىلا سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارنى تاماقلاندۇرۇش ئۈچۈن رېستورانغا باشلاپ كىردىم. رېستوراندا ئادەم يوق دىيەرلىك بولۇپ، بىز ئەمدىلا ئولتۇرۇشىمىزغا بالا كۆتۈرگەن، بەزىلىرى بالا يېتىلىۋالغان ئوندەك ئايالمۇ كىرىپ يېنىمىزدىكى جوزىغا جايلاشتى. بىر-بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك ئېسىل كىيىملەرنى كىيىشكەن، قېنىق گىرىملىرىدىن ئەسلى چىرايىنى بىلگىلى بولمايدىغان بۇ ئاياللار تاماق بۇيرۇتىۋېتىپ، غەيۋەت-شىكايەتنى باشلىۋەتتى. ئۇلار پاراڭ تېمىسى ھەر خىل بولۇپ، بىرىنىڭ توي قىلماي تۇرۇپ قورساق كۆتۈرگەنلىكى، بىرىنىڭ ئېرىدىن يوشۇرۇن ئاشنا ئوينايدىغانلىقى، بىرىنىڭ بالىسىنىڭ ئىنتايىن دۆتلۈكى، يەنە بىرىنىڭ نومۇس قىلماستىن بىر قۇر كىيىمىنى نەچچە تويغا كىيىپ بارغانلىقى، بىرىنىڭ يولدىشىنى قەستەن بوزەك قىلىپ 7000 سومغا بىر پەلتو ئالغۇزغانلىقى...دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇردى؛ ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن بالىلىرى يۈگۈرۈشۈپ، ۋارقىرىشىپ رېستوراننى بېشىغا كىيىشتى؛ ئۇلار ئايىغى چىقمىغان بالىلىرىنى بىر ئاماللاپ پەپىلىتىپ ئۇخلىتىپ، يېنىدىكى ئورۇندۇقلارنى جۈپلەت ياتقۇزۇپ قويۇشتى.
    ئۇلارغا تاماق تارتىلغاندىن كېيىن ئارىدىن بىرسى قىزىل ھاراق بىلەن پىۋا بۇيرۇتتى. ساھىبخان بولسا كېرەك بىر ئايال مۇلازىم قىز ئاغزىنى ئېچىپ قويغان ھاراقلارنى غازبويۇن ئىستاكانلارغا قۇيۇپ، ھەمراھلىرىغا بىر-بىرلەپ سۇنغاندىن كېيىن سۆز باشلاپ:
    − قىزلار، بۈگۈنكى چېيىمىزغا قاتنىشىپ بەرگىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت. بۈگۈنكى سورۇندىمۇ ئازراقتىن ئىچكەچ، ئوبدان بىر مۇڭدىشايلى. تانسىغىمۇ ئوبدان تەييارلىق قىلىپ كەپسىلەر. بەھۇزۇر ئويناڭلار، قېنى خوشە! ھەممىڭلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن!− دەپ ئىچىشنى باشلىۋەتتى. ئاياللار رومكىلىرىنى قولىغا ئېلىپ، چاڭقاپ كەتكەن ئادەم سۇغا ئېرىشكەندەك ئۇ ھاراقنى كۆتۈرۈۋەتتى، بىر دەمدىن كېيىن جۈپ-جۈپ بولۇپ تانسىغا چۈشتى...
    توۋا، بۇ ئاياللار نېمە بولۇپ كەتكەن-ھە! چاي ئويناش نامى بىلەن قۇرۇلغان شۇ سورۇنلاردىكى بىھۇدە چىقىملار، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ۋاقىت، زايە بولغان ئۆمۈر، ياتلىشىپ، بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان مىللىي ئۆرپ-ئادەت، بارغانچە ئاجىزلىشىپ كېتىۋاتقان ئىمان يەنە نەچچە يىللاردىن كېيىن ئاياللىرىمىزنى نېمىگە ئايلاندۇرۇپ قويار؟! ئۇلار مەدەنىيەت دەپ چۈشەنگەن بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى قايسى يوللارغا باشلار؟ ئەرلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن كارى يوقمىدۇ ياكى بۇ ئاياللار ئۆي ئىچىدىلا ئەرلىرىنىڭ ئايالى بولۇپ، سىرتقا چىقىپ كەتسە ئەركىن ئايال، باشقا خىل ئايال بولۇپ قالامدىغاندۇ؟ رېستوراننى بېشىغا كىيىۋاتقان بالىلارچۇ؟ ئۇلار ئانىلىرىنىڭ ئويناۋاتقان تانسىلىرىغا، ئىچىۋاتقان ھاراقلىرىغا قاراپ قويغاچ چۇرقىرىشىپ ئويناۋاتىدۇ. مەكتەپ يېشىغا كىرىپ، ئەقلى يېتىلىپ قالغان شۇ بالىلار رېستوراندا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ چوڭ بولسا كېيىن ئانىلىرىنى دورىمايدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟
    ئورۇندۇققا ياتقۇزۇلغان نارەسىدىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي، ھەر قېتىم مۇزىكا ياڭرىغاندا بىچارە بالا كۈچلۈك ئاۋازدىن قورقۇپ قىرقىراپ يىغلىسا، بۇ پاسىق خوتۇنلار بالىلىرى كەيپىنى بۇزغىنى ئۈچۈن گېلىنى سىقىپلا بىر نەرسە قىلىۋەتكۈسى كەلگەندەك، بالىلىرىنى سىلكىشلەپ، شاپىلاقلاپ جىمىقتۇرۇپ قويۇپ ئويۇنلىرىنى ئويناۋېرىشتى.
    شۇنداق، ھازىر بۇ خىل سورۇنخۇمار ئەر-ئاياللار ئىسراپخورلۇق، بىھايالىق، نومۇسسىزلىق، ھاراقكەشلىكتە بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇپ بېرىۋاتىدۇ. بالىلىرىنى ئوقۇش، ئۆگىنىش، ساغلام ئويناش ۋاقتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، رېستورانمۇ رېستوران ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا ناچار ئىشلارنى كۆرسىتىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۆگىتىۋاتىدۇ؛ ئۇلارنى ياخشىلىققا يېتەكلىمەي، كەيپ-ساپا، غەيرى مەدەنىيەت، ئىسراپخورلۇققا يېتەكلەۋاتىدۇ.
    ئويلاپ كۆرەيلى، ئاللاھ تائالا بىزگە يېتەرلىك ئىقتىساد ئاتا قىلغان ئىكەن، ئۇنىڭ ھېسابىنى بىزدىن چوقۇم ئالماي قويمايدۇ، ئۇنى توغرا، ئورۇنلۇق ئىشلارغا سەرپ قىلمىساق مەھشەرگاھتا ئاللاھقا نېمىدەپ جاۋاب بېرىمىز. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
    ئىسراپ قىلغۇچىلار ھەقىقەتەن شەيتاننىڭ قېرىنداشلىرىدۇر.
    − سۈرە «بەنى ئىسرائىل» (17-سۈرە)، 27-ئايەت-
     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: “بەندە ئۆمرىنى نېمە ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى، بىلىمى بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى، ئىقتىسادنى قەيەردىن تاپقانلىقى ۋە قەيەرگە خەجلىگەنلىكى، جىسمىنى نېمە ئىشلارغا مەشغۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا سوئال-سوراق قىلىنماي تۇرۇپ مەھشەرگاھتىن مىدىرلىتىلمايدۇ” (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان).
    دېمەك، بۇ خوتۇنلار شەيتانلارغا ئەسىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈلپىتىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى، بىھۇدە، ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن پۇلى ۋە ۋاقتىنى زايە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. بالىسىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە قورسىقى ئاغرىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە مەكتەپنى  ھارغىچە تىللايدىغان بۇ مەسئۇلىيەتسىز، ھاياسىز خوتۇنلار شۇ سورۇندىلا ئاساسىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتقان بەش-ئالتە بالىنىڭ يىللىق ئوقۇش پۇلىنى ئۇچۇرۇپ تۈگەتتى. بۇ خوتۇنلارنىڭ پۇلى راستتىنلا كۆپمىدۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار شۇ ئېسىل كىيىملىرىنى ماگىزىنلاردىن نەچچە ئايغا بۆلۈپ تۆلەش ھېسابىغا قەرزگە سېتىۋالغان ياكى باشقا بىرىدىن ئارىيەت ئېلىپ تۇرغان. رېستورانغا سەرپ قىلغان پۇللىرىنى ئائىلە ئىقتىسادىدىن، يېمەك-ئىچمەكتىن، پەرزەنت تەربىيىسى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن قىسىپ يىغقان. بۇ خوتۇنلارنىڭ داۋىخور، شۆھرەتپەرەس، يوغانچى، ھاكاۋۇرلۇقى ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا قىستىغان. ساختا شۆھرەتكە بېرىلگەن، ئىچىدە روزا تۇتۇپ تېشىدا ھېيت ئوينايدىغان، پەرزەنتى ۋە ئائىلىسىنى ئۇنتۇغان بۇ  تەلۋە، ئويۇنچى خوتۇنلار بۇ قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ بېقىشى كېرەك.
    ھازىر بالىسى “بالا”غا ئايلانغان كىشىلەرنىڭ ھالى ھەممىدىن بەتتەر، دەردى ھەممىدىن كۆپ. بالا دەردى ئۇلارنىڭ كۈنىگە نەچچە ئۆلۈپ تىرىلىشكە سەۋەب بولماقتا. بۇنىڭ تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە گەپ يەنىلا ئاتا-ئانىدا. سىز بالىلىرىڭىزنى كىچىكىدىنلا ئۇلارغا مۇناسىپ بولمىغان غەيرى سورۇنلارغا، رېستورانلارغا باشلاپ كىرىپ، شۇلارنىڭ ئالدىدا ئىچىپ-چېكىپ، تانسا ئويناپ ھاياسىز ئىشلارنى قىلسىڭىز بالىنىڭ يۇمراق قەلبىدە بۇ تەسىرات ئۆلگىچە ئۇنتۇلمايدۇ، كېيىن سىزنى دوراپ شۇ ئىشلارغا قىزىقىپ باقىدىغان، قىلىپ باقىدىغان، ئاخىر ئۆزىنى ئۇنىڭدىن تارتالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ ھەتتا سىز قىلغاننى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاپ، يامان ئاقىۋەتكە قېلىشى مۇمكىن. بۇ چاغدا ئۇلارنى باشقۇرالمايدىغان، گېپىڭىز ئۆتمەيدىغان ھالغا كەلگەندە مىڭ قاقشىغان بىكار؛ بالىڭىزغا قىلغان يامان تەربىيىڭىز ئاخىر ئۆزىڭىزگە يانىدۇ، گۈل تېرىماي، تىكەن تېرىسىڭىز ئۇ ئاخىر ئۆزىڭىزگە سانچىلىدۇ.
    بىز ئەسلىدە ئۆزىمىزنى، ئاندىن بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلىشىمىز كېرەك ئىدى، بالىنى تېپىپ قويۇپ، ئۈچ ۋاقىت تامىقىنى بېرىپ، تەربىيىنى مەكتەپ بېرىدۇ، بالا تەربىيىلەش مەكتەپنىڭ ئىشى دەپ بالىنى مەكتەپكە يۈكلەپ قويۇپ، ئۇنىڭغا يەنە يامانلىق، ئەسكىلىكتە ئۆزىمىز پىر بولۇپ بېرىۋاتساق كېيىن بۇ بالا قاۋاق، بەزمىخانىدىن چىقمايدىغان، ئۇرۇش-جودانى پۇلغا سېتىۋالىدىغان، ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان، كۆكەرمە، لۈكچەك بولۇپ، ئاللاھتىنمۇ ھېيىقمايدىغان ئادىمىي ھايۋانغا ئايلىنىدۇ، ئۇ چاغدا “ ئۇنى باشقۇرالمىدىم، ماڭا شۇنداق بالىنى بەرگىچە بەرمىسەڭ بولمامدۇ دەپ ئاللاھقا تاپا قىلىپ، بالىنى ئۆزىمىز تۈرمىگە ئاپىرىپ سولىتىشلارنىڭ ئۆزى بىزدىكى ئەخلاقنىڭ،، ۋىجداننىڭ ئىنسانىي خىسلەتنىڭ ، ئىمان دىيانەتنىڭ كەملىكىدىن بولۇۋاتقان ئىشلار، خالاس. كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئوبدان ئويلايدىغان بولساق بىزنىڭ ئاللاھقا تاپا قىلىدىغان ھېچقانداق ھەققىمىز يوق، ھۆكۈمەتتىن كۆرۈدىغان تۇتامغا چىققۇدەك باھانىمىز يوق. مەكتەپتىن ئوقۇتقۇچىدىن ئاغرىنىدىغان قىلچە ئاساسىمىز يوق. ھەممە مەسئۇلىيەت يەنىلا بالىنى تاپقان ئۆزىمىزدە. “ئىشتانغا چىقارغان كۆڭۈلگە تايىن” دېگەندەك بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى، مەسئۇلىيىتىمىزنى ، ئەڭ مۇھىمى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزنى ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتەلىدۇقمۇ؟ بالىلىرىمىزغا شەرم ھايا، ئىمان ئىسلام ئەدەپ قائىدە ئۆگىتەلىدۇقمۇ، ئۆزىمىز ئۈلگە بولالىدۇقمۇ؟
    ھازىر كوچىلاردا، باغچە سەيلەگاھلاردا ئەركىن-ئازادە يۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى،. نەگىلا قارىسا ياشلىرىمىز ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ھاياسىز، ئەدەپسىز قىلىقلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. مانا بۇلارمۇ ئاتا-ئانىنىڭ ناچار تەربىيىسىدىن بولۇۋاتقان ئىشلار.
    بىر قانچە كۈن ئىلگىرى دوستلىرىم پاراڭ ئەسناسىدا ئۆز بالىلىرىنىڭ مۇنۇ ئىشلىرىنى دەپ بەردى:
    ئاپىسى: قىزىم، قوينۇمدا ياتماس بولۇۋالدىڭىزغۇ؟
    قىزى: ياق، ئەمدى ياتمايمەن.
    ئاپىسى: نېمىشقا؟
    قىزى: نەچچە قېتىم ئويغىنىپ كېتىپ كۆرۈپ قالدىم، مەن ئۇخلاپ قالغاندا دادامنىڭ قوينىغا كىرىۋالىدىكەنسىزغۇ؟!
    *
    ئوغلى: دادا، نەپىسەنى سۆيۈپ قويسام دادىسى كۆرۈپ قېلىپ سىلكىشلەپ كەتتى. تېخى يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، قۇلىقىڭنى كېسىۋالىمەن دەيدۇ.
    دادىسى: ھەي ئەخمەق! كىچىككىنە تۇرۇپ نېمە بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيسەن؟ ئەمدى ئۇنداق قىلما بولامدۇ؟ قىلىدىغان بولساڭ..
    ئوغلى: ئۈلۈشكۈن ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ تۇرسام، سەنمۇ ئاپامنى ئۇزاق سۆيدۈڭغۇ، يەنە تېخى...
    دوستلىرىم بۇ ئىشلارنى يۇمۇر تەرىقىسىدە سۆزلەپ ئۆتۈشتى. ئاڭلىغانلار كۈلۈشتى. بۇ ئىشلارنى خىجىل بولماستىن دېگەنلەر بالىلىرىنىڭ چېچەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىش مەقسىتىدە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ دېيىشتى. مەن بۇنى كۆرۈپ، بىزدىكى مۇسۇلمانلىق ئېڭى، ئەخلاق ساپايىمىزنىڭ قانچىلىك چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ شەرم ھايا ئېڭى بارغانچە پۈچەكلىشىپ كېتىپ بېرىپتۇ. بالىسى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزوردىن ھاياسىز كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىۋېرىدىغان ، بالىسى ئالدىدا يېرىم يالىڭاچ يۈرىۋېرىدىغان، كىيىم ئالماشتۇرىدىغان، ئەر-ئايال مۇناسىۋەتلىرىگە دىققەت قىلمايدىغان، نارەسىدە بالىلىرىنى ئاممىۋى مۇنچىغا ياكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بىللە ئېلىپ كىرىۋېرىدىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ياخشى ئۇستازى، تەربىيىچىسى بولۇشقا يارىمايدۇ. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئۆزىنىڭ بالىلىرىدىن ھايا قىلمىغان ئاتا-ئانىدىن بالىسىمۇ ھايا قىلمايدۇ. “چوڭ بېشىنى ئاچسا كىچىكى كۆتىنى ئاچىدۇ” دېگەن شۇ. ئاتا-ئانا ئەگەر پەرزەنتىگە ناچار تەسىر بېرىپ قويسا بالىلىرى ئۇنىڭ ئاسارىتىدىن پات قۇتۇلالمايدۇ.
    ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن سوغۇققانلىق بىلەن سوراپ باقايلى: بىز نېمىشقا مۇسۇلمان تۇرۇپ بالىلارنىڭ ئالدىدا ھايالىق، نومۇسچان بولمايمىز؟ نېمىشقا چوڭلار كۆرۈدىغان تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى بالىمىز بىلەن تەڭ كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىمىز؟ بالىلىرىمىزغا نېمىشقا مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىنى، شەرم-ھايا قائىدىلىرىنى ئۆگەتمەيمىز؟ نېمىشقا ئاتا-ئانىلار ھۆرمەتلىك، بالىلار سۆيۈملۈك بولالمايدۇ؟ بىز زادى قانداق ئاتا-ئانا، بالىلار ئالدىدىكى سالاھىيىتىمىز نېمە؟ بالىلارنىڭ ئالدىدا قانچىلىك ئابرۇيىمىز بار؟ بالىلىرىمىزغا قانچىلىك كۆيۈندۇق؟ نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلىدۇق؟
    خېلى كۆپ قىسىملىرىمىز توي-تۆكۈن، چاي، ئولتۇرۇش دېسە بالىلارغا قاتتىق ناننى تاشلاپ بېرىپ ئۆلە-تىرىلىشىمىزگە باقماي چېپىۋاتىمىز. بالىلىرىمىزغا ئاتا-ئانىلار بىر-بىرىمىزنى تىللاپ بېرىۋاتىمىز، بالىلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكى، ئوزۇقلىنىشى، تازىلىق، ئارام ؛ئېلىشىغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىمىز. بالىلىرىمىزنى ئېسىل تەربىيىلەشتىن كۆرە مودا قوغلىشىشنى، ئۆي زىننەتلەشنى، ئابرۇي قوغلىشىشنى ئەلا بىلىۋاتىمىز. ياش ئانىلار بولسا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى خالىماس بولدى. بالىلار كىتاب ئالىمەن، پۇل بەر دېسە بېرىشكە قورساق ئاغرىپ، ھاراق ئېلىپ ئىچىۋاتىمىز، تاماكا ئېلىپ چېكىۋاتىمىز.بالىلىرىمىزنى ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ سودا-ئوقەتكە سېلىۋاتىمىز. توغرا، بىز ھەممە بولمىغۇر، بىمەنە ئىشلارنى قىلىپ، ئۇلارغا ئۆگىتىپ قويۇپ، ئاندىن “ئۇنى قىلما، بۇنى قىلما” دەپ نەسىھەت قىلساق ئۇلار نەسىھەتنى قوبۇل قىلامدۇ؟ قىسقىسى، بىز يارىماس ئادەتلىرىمىز بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بولساق، ئۇلارنىمۇ ئۆزىمىزگە ئوخشاش بىمەنە، ساپاسىز، يارامسىز قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز. “ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق” دېگەن مانا شۇ.
    پەرزەنت ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەت ۋە زىننەتلەرنىڭ بىرى. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارغا بالىلىرىنى دىيانەتلىك، ساغلام، ساپالىق كىشىلەردىن قىلىپ چىقىشنى بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
    ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر. 
    −سۈرە«كەھف»(18-سۈرە)، 46-ئايەت
    ئى مۇئمىنلەر ! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار
    −سۈرە«تەھرىم» (66-سۈرە)، 6-ئايەت
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: “سىلەر ھەممىڭلار پادىچى، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى پادىلىرىغا مەسئۇل” (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). “ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا (پادا) باققۇچىدىن پادىسىنى ساقلىغان ياكى زايە قىلغانلىقىنى سورىغۇچىدۇر” (ئىبنى ھەببان رىۋايەت قىلغان). “ ھەر قانداق بالا ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى يەھۇدىي قىلىپ چىقىدۇ، يا ناسارا قىلىدۇ يا مەجۇسىي(ئاتەشپەرەس) قىلىدۇ” (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
    بۇ ئايەت-ھەدىسلەردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە پەرزەنت ئاتا قىلغاندا ئۇلارغا بۈيۈك بىر ئامانەتنى بەرگەن بولىدۇ، بۇنىڭ ھەققىنى سورايدۇ، كىمكى بالىلىرىنى ساغلام، ئىمانلىق، ياراملىق چوڭ قىلمىسا، ئامانەتكە خىيانەت قىلغان ياكى ئۇنى زايە قىلىۋەتكەن بولىدۇ. بۇنداقلار بۇ دۇنيادا يارامسىز بالىلىرىنىڭ خاپىلىقىنى تارتسا، ئۇ دۇنيادا ھەم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ.
    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
    سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار (سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار. − سۈرە«تەغابۇن» (64-سۈرە)، 15-ئايەت
    بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلىپ بەرگەن مال-دۇنيانى ئۆز ئورنىغا ئىشلىتىش ۋە پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيىلەشنىڭ ئىنسان ئۈچۈن بىر سىناق ئىكەنلىكى، بۇ سىناقتىن (ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ) ئۆتكەن كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولالايدىغانلىقى روشەن كۆرسىتىلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: “ ئادەم ئۆلسە ئۇ كىشىگە ساۋاب يېتىدىغان ئەمەللەر توختايدۇ. لېكىن ئۈچ نەرسىدىن ئۇ كىشىگە ساۋاب يېتىپ تۇرىدۇ؛ بىرىنچىسى، سەدىقە جارىيە (خەلقنىڭ ھەقسىز پايدىلىنىشى ئۈچۈن سېلىنغان مەسچىت، يول، كۆۋرۈك، قۇدۇقتىن ئىبارەت)؛ ئىككىنچىسى، ئىلىم ئۆگەتگەن بولسا (شۇ ئىلمى ئارقىلىق خەلقنى توغرا يولغا باشلىغان بولسا)؛ ئۈچىنچىسى، ياخشى پەرزەنتى بولسا (ئاتا-ئانىسىغا داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرسا)، مۇشۇ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى  ئۇ ئادەمگە مەڭگۈ يېتىپ تۇرىدۇ” (بۇخارى رىۋايەت قىلغان).
    دېمەك، ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزى ئاللاھ بۇيرۇغان ئەمەللەرنى ئورۇنلاپ، ئىلىم، ئىمان ۋە ئەدەپ-ئەخلاقتا بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. سۆز بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بالىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا بالىلىرىنىڭ ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن ۋاقتىنى، زېھنى كۈچىنى، پۇل-مېلىنى سەرپ قىلىشى كېرەك؛ ئۆزىنىڭ ئىشلىرى ياكى ئويۇن-تاماشىسىنىلا  ئويلايدىغان شەخسىيەتچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، بالىلىرىغا دائىم كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. شۇنداق بولغاندىلا ئاتا-ئانا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، بۇ دۇنيادا بالىلىرىنىڭ شۇملۇقىنى ئەمەس، خۇۋلۇقىنى كۆرىدۇ ؛ ئاخىرەتتە، ئىنشائاللاھ، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
    ئاخىرىدا، بىزگە ئەقىللىق، ئوماق بالىلارنى ئاتا قىلىپ، تۇرمۇشىمىزنى زىننەتلىگەن، بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكىمىزنى ئاۋۇندۇرغان ئۇلۇغ ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇسانا، تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز. بالىلىرىمىزنى ياخشى بېقىپ تەربىيىلەيدىغان، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان ئاتا-ئانىلاردىن بولۇشىمىزنى تىلەيمىز.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-26 1:45:56]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر جارۇللا يۈسۈپ